شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (12) مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان.

تۈر: تەفسىر، ھەدىس، تارىخ، سۇلۇك، مۇبارەك كۈنلەردە ئوقۇلىدىغان دۇئا – زىكىر ۋە مەشايىخلەرنىڭ ئەۋرادلىرى. ئەسلى ئەرەبچە يېزىلىپ، چاغاتايچىگە فارسچەدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىخچام تۈركىي ئەسەردۇر.

ۋاراق سانى: 1- نۇسخا 64 (128 بەت). 2- نۇسخا 136 (272 بەت).

قوليازمىنىڭ سۈپىتى: بۇ ئەسەر تارىخچى، شائىر شۇجائۇددىن ئەمىر مۇھەممەد كورەگان ئىبنى مىرزا ئەلى مىيرك  بارلاس ئىبنى مىرزا مەھمۇد ئىبنى مۇھەممەد يۇنۇﺱ بارلاس (ھـ 906 – 958 / م. 1500 – 1551) نىڭ ئاۋام تۈركىي خەلقنىڭ كەڭ پايدىلىنىشى كۆزدە تۇتۇپ تۈركىي تەرجىمە قىلىش تەۋسىيەسى بويىچە فارسچەدىن چاغاتايچىگە تەرجىمە قىلىنغان. 1- نۇسخا ھىندىستان «ئەسەھھۇل مەتابىئ» باسمىخانىسىدا بېسىلغان. ھەر بەت 25 قۇر.

2- نۇسخا مۇھەممەد ئەكرەم ئىبنى ئابدۇسسەمەد يوپۇرغا ئاتلىق كىشى تەرىپىدىن 1988 – يىلى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئەسل نۇسخىدىن تولۇقلاپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ، ھەر بەت 21 قۇر. ئۇلانمىسى:

https://www.uyghurkitap.com/book/read/5757

3- نۇسخا فرانسىيەدە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ:

https://gallica.bnf.fr/ark:/12148/btv1b10082665t/f205.item.r=turk

مەزكۇر ئۇلانمىدا يەر ئالغان فرانسىيەدىكى نۇسخىسىنىڭ ئارقىدىن ئىككىنچى بېتىدە (201 -بەت): «ياركەند بەلدەسى، سەبەك دېگەن جايدا موللا قۇربان تەرىپىدىن ھ. 1163 / م. 1750 – يىلى تامام بولدى» دەپ يېزىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ تۈركىي تەرجىمە موللا قۇربان ياركەندىي ئاتلىق ئالىمغا مەنسۇب بولسا كېرەك.

بەلكىم بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەبچە ئەسلىنىڭ مۇئەللىفى شەرقى تۈركىستانلىق بولۇشى ۋە بۇ كىتابنى سۇلتان ئابدۇررەشىدخاننىڭ ئەمىرلىرىدىن بارلاسنىڭ ئوغلى كورەگان نامىغا ئەرەبچە يازغان بولۇشى چوڭ ئېھتىمال.

ئەسەرنىڭ ئەسل ئەرەبچىسىنىڭ مۇئەللىفى نامەلۇم بولسىمۇ، فارسچە تەرجىمە مۇھەممەد مۇجىر ۋەجىھ ئەدىب تەرىپىدىن قىلىنغان. بۇ سەھىپىدە فارسچە تەرجىمەسىنىڭ ھ. 1024/ م. 1615 – يىلى مۇھەممەد سەئىد ئىبنى مىرزا مۇھەممەد ئەلبۇخارىي تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن، «پادىشاھ مۇھەممەد ئىبنى سۇئۇد ئۇنىۋېرسىتېتى»، «قوليازمىلار بۆلۈمى»، 8022 – نومۇردا ساقلىنىۋاتقان قوليازما نۇسخىسىنىمۇ بىللە سۇنىمىز.

فارسچە تەرجىمەسىنىڭ يەنە بىر قوليازما نۇسخىسى تېھراندا ساقلانغان بولۇپ، مەلۇماتى تۆۋەندىكىچە:

محمد بن مجير بن وجيه الدين، فى الادعية و الاذكار العرفانية، فى25  بابا. يوجد بطهران المجلس 2805  كتابته ج 961 2. أوله: حمد بىحد وثناى بىعدد مر خالقى … اما بعد، مىگويد محمد مجير.

تۈركىي تەرجىمە قوليازمىسىنىڭ باشلىنىشى: حمد بيحد وثناي بيعد ومر معبود برحق وبادشاه مطلق قادر بر كمال صانع لم يزل ولا يزال حداي يكتا…

ئاخىرى: إلهي هر مؤمن لارنىك  خاتىمه لارىنى بخير قيلىب وقت آخيرده إيمان لارينى  شيطاندىن محفوظ قيلىب بنده ليكيني درگاه عالينگده قبول قيلغايسن آمين تمت.

قوليازما ساقلانغان ئورۇن:

1- نۇسخا ئىستانبۇل سەفاكۆيدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق بىر ئىلىمسۆيەر قېرىندىشىمىزنىڭ قولىدا بولۇپ، سۈرەتكە ئېلىۋېلىشىمىزغا شۇ قېرىندىشىمىز ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغان. ئاللاھ بۇ قېرىندىشىمىزغا ۋە ئائىلىسىگە ئەجرى ئەزىم ئاتا قىلغاي.

2 – نۇسخىنىڭ  سۈرىتىنى، 3 – نۇسخىنىڭ  ئادرېسىنى ۋە ئەسەرگە ئالاقىدار بەزى مەلۇماتلارنىمۇ ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق يەنە بىر ئىلىمسۆيەر قېرىندىشىمىز تەمىنلىگەن بولۇپ، ئاللاھ بۇ قېرىندىشىمىزغا ۋە ئائىلىسىگە ئەجرى ئەزىم ئاتا قىلغاي.

3 – نۇسخىنىڭ  ئادرېسى:

https://gallica.bnf.fr/ark:/12148/btv1b10082665t/f205.item.r=turk

ئەسەر ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى:

18. yüzyıl Çağatay Türkçesiyle Yazılmış Miftâhu’l-Cinân : Free Download, Borrow, and Streaming : Internet Archive

 

***

اسم المخطوطة: مفتاح الجنان ومصباح الإيمان.

الفن: التفسير، الأحاديث، التاريخ، السلوك، وأوراد وأدعية المشايخ في الأيام المباركة.

عدد الأوراق: النسخة الأولى  64 (128 صفحة). والنسخة الثانية 136 (272 صفحة).

وصف المخطوطة: هذه النسخة ترجمة تركية جغتائية لترجمة فارسية لكتاب عربي يتضمن 25 بابا. والكتاب باللغة العربية لمؤلف مجهول حتى الآن. والترجمة الفارسية قام بها محمد بن مجير بن وجيه الدين الأديب. وقد نسخت هذه النسخة من الترجمة الفارسية سنة ھ. 1024/ م. 1615 من قبل النساخ محمد سعيد بن ميرزا محمد البخاري. وهذه النسخة الفارسية محفوظة في قسم المخطوطات بجامعة الملك محمد بن سعود برقم: 8022.

والترجمة الفارسية للكتاب توجد نسخة أخرى بطهران. المجلس 2805  كتابته ج 961 2 . أوله: حمد بىحد و ثناى بىعدد مر خالقى … اما بعد، مىگويد محمد مجير.

والترجمة التركية الجغتائية عن الفارسية قام به أحد العلماء وأغلب الظن أن اسمه مُلا قربان الياركندي في مدينة ياركند عاصمة تركستان الشرقية المعروف بالدولة السعيدية في ذلك العصر كما ورد في النسخة المحفوظة بفرنسا. وذلك بتوجيه من عضد الدولة  شجاع الدين الأمير محمد كوراكان بن ميرزا علي ميرك بارلاس بن ميرزا محمود بن محمد يونس بارلاس (ھـ 906 – 958 / م. 1500 – 1551) لكي يستفيد عوام الشعب من الأتراك من مضمونها الموصلة إلى طريق رب العالمين.

والنسخة الثالثة محفوظة بفرنسا في الموقع التالي:

https://gallica.bnf.fr/ark:/12148/btv1b10082665t/f205.item.r=turk

وفي الصفحة 201 من هذه النسخة الفرنسية يقول المؤلف: «تم الكتاب في بلدة ياركند، وفي موضع سَبك من قبل مًلا قربان سنة ھ. 1163 / م. 1750». وعلى هذا يمكن القول: إن هذه الترجمة التركية قام بها الشيخ مًلا قربان.

ولعل أصل الكتاب كتب باللغة العربية لأولاد الأمير بارلاس من أمراء السيد عبد الرشيد خان سلطان الدولة السعيدية.

النسخة التركية أولها: حمد بيحد وثناي بيعد ومر معبود برحق وبادشاه مطلق قادر بر كمال صانع لم يزل ولا يزال حداي يكتا…

آخرها: إلهي هر مؤمن لارنىك  خاتىمه لارىنى بخير قيلىب وقت آخيرده إيمان لارينى  شيطاندىن محفوظ قيلىب بنده ليكيني درگاه عالينگده قبول قيلغايسن آمين تمت.

مكان المخطوطة: النسخة الأولى محفوظة عن أحد الإخوة من مهاجري تركستان الشرقية جزاه الله خيرا. والنسخة الثانية زوده أيضا أخ فاضل من تركستان الشرقية كما زودنا بمعلومات قيمة عن النسخة الثالثة وبعض المعلومات عن المؤلف فجزاه الله خيرا. ويمكن تنزيلها من موقع: https://www.uyghurkitap.com/book/read/5757

والنسخة الثالثة محفوظة بفرنسا يمكن الاطلاع عليها من هذا الموقع:

https://gallica.bnf.fr/ark:/12148/btv1b10082665t/f205.item.r=turk

وهذه رسالة الدكتوراه حول الكتاب باللغة التركية :

18. yüzyıl Çağatay Türkçesiyle Yazılmış Miftâhu’l-Cinân : Free Download, Borrow, and Streaming : Internet Archive

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (12) مىفتاھۇل جىنان ومىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان الترجمة التركية1» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (12) مىفتاھۇل جىنان ومىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان الترجمة التركية2» pdf

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (12) مىفتاھۇل جىنان ومىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان الترجمة الفارسية» pdf

 

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (11) ئەلۋەلۇدۇششەفىق، ۋەلھافىدۇلخەلىق / الولد الشفيق والحافد الخليق

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ئەلۋەلۇدۇششەفىق، ۋەلھافىدۇلخەلىق / الولد الشفيق والحافد الخليق / Niğdeli Kadı Ahmed Hotenî'in El-Veledü'ş-Şefik…

7 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (10) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – زۇبدەتۇل مەسائىل ۋەلئەقائىد/ زبدة المسائل والعقائد

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زۇبدەتۇل مەسائىل ۋەلئەقائىد/ زبدة المسائل والعقائد تۈر: فىقھ، فەتۋا، ئەقىدە، ۋاراق سانى: 55…

2 ھەپتە ago

بۇرمىلاش ۋە ئىلمىي قالاقلىق ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان خرىستىيان دىنى

ھىجرىيە 1440/مىلادىيە 2018-يىلى  ئۆتكۈزۈلگەن «ساجىيە 5- ۋە 6- قېتىملىق مۇكاپاتلىق تەرجىمە ماقالە مۇسابىقىسى»دا ئۈچىنچى دەرىجىگە…

2 ھەپتە ago

جەننەت ئاياللىرى

جەننەتتە ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن مۇكەممەل باياشاتلىق بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن…

3 ھەپتە ago

جەننەت ئەھلىنىڭ ئىچىملىكى

جەننەت ئەھلىنىڭ نېئمىتىنىڭ تولۇق بولغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى ۋە قورساقلىرىنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، ئىچىملىكلىرىنىڭ لەززەتلىك…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (9) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تاج نامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تاج نامە تۈر: تارىخ. ۋاراق سانى: 317 (635 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەر بىر…

3 ھەپتە ago