ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن

 

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ قىممەتلىك جەۋھەرلىرىدۇر.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرىنىڭ ۋە نادىر ئەسەرلىرىنىڭ ئەسل ۋە سۈرەت نۇسخىلىرىنى قېزىش، سېتىۋېلىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەدىيە ئېلىش ئاساسىدا يىغىش، ساقلاش، رەتلەش، قوغداش، ئىگە چىقىش، ساقلىنىۋاتقان ئورنىنى تېپىش، تىزىملاپ ئارخىپلاشتۇرۇش، مەلۇمات بېرىش، تەتقىق قىلىش ۋە تەھقىقلەش (نەشرگە تەييارلاش)، شۇنداقلا ئابا – ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلىم ۋە مەرىپەت ساھەسىدە ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە ئەسىرلەر بويى قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ئىزلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغان ھالدا، بۇ سەھىپىدە «شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى»نى نەشر قىلىپ ماڭىدۇ ۋە دۇنيادىكى قوليازما بىبلىئوگرافىيەسى، كاتالوگ ۋە فىھرىستلىرىگە كىرگۈزۈشنى شۇنداقلا تەتقىق ۋە تەھقىقلىنىۋاتقان قوليازمىلار ھەققىدە تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، تەتقىقاتچىلارنى بۇنىڭدىن ۋاقىپلاندۇرۇشنى كۆزلەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈزۈلۈش، بىرلىشىش، قۇرتۇلۇشىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي تەركىبى بولمىش شەرقىي تۈركىستان قوليازما ئەسەرلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈردە دېيىشكە بولىدۇ:

نەقلىي ۋە شەرئىي ئىلىملەر: قۇرئان ئىلىملىرى، تەفسىر ئىلىملىرى، قىرائەت ئىلمى، ھەدىس ئىلىملىرى، ئەقىدە، كالام، پەلسەپە، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ، ئەرەب تىلى، مىيقات ئىلمى.

ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئىلىملەر: سىيەر، تارىخ، تەسەۋۋۇف، سىياسەت، تىل – ئەدەبىيات، مەنتىق (لوگىكا)، ئەخلاق، جەمئىيەتشۇناسلىق، رەسساملىق، ھۈنەر – سەنئەت، مۇزىكا، خەتتاتلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق ئىلىملىرى؛ ئاسترونومىيە، تېبابەت، دورىگەرلىك، ئىنژېنېرلىق، گېئومېترىيە، جۇغراپىيە، پېداگوگىكا، ھېساب، ئالگېبرا، قۇرۇلۇش – بىناكارلىق، شەھەرچىلىك ۋە باشقا تۈرلۈك ئىلىملەر.

تەبىئىيكى، ھەرقانداق تىرىشچانلىق ۋە پىلان ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە تېخىمۇ گۈزەل روياپقا چىقىدىغان بولغاچقا، ۋەتىنىمىزگە ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئەسىرلەر بويى ئۆتكەن ئۆلىما – سەرخىللىرىگە ئائىت قوليازما ۋە مەدەنىي مىراسنىڭ غېمىنى يەيدىغان ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە بۇ ھەقتە بىز بىلەن ھەمكارلىشىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ ۋە كۈتۈلىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»مۇ شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرىنى تەتقىق ۋە تەھقىقلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار، تەتقىقاتچى ئاكادېمىكلار ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنى قوليازمىنىڭ تولۇق نۇسخىسى شۇنداقلا ئىمكانىيەت يار بەرسە تەتقىق، تەھقىق ۋە نەشر قىلىنىشقا كېتەرلىك ماددىي چىقىملىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلمىي خىزمەتكە ھەسسە قوشۇشىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئارزۇ ھەم ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ پەقەت قوليازمىلارنى يورۇقلۇققا چىقىرىش تىرىشچانلىقى بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە شەرقىي تۈركىستانلىق تەتقىقاتچىلارنى ئەمەلىي تەربىيىلەش، چېنىقتۇرۇش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېتىلدۈرۈش بولغۇسى!

ھەقتائالا گۈزەل تىلەكلىرىمىزگە يەتكۈزگەي! بۇ خىزمەتكە تۈرتكە بولغان ۋە كۈچ قاتقان، قاتىدىغان بارلىق قېرىنداشلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلغاي، ئامىن!

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

ھ. 1447، 21 – رەبىيەلئاخىر / م. 2025، 13 – ئۆكتەبىر

 

ئالاقىلىشىش: saciyeder@gmail.com

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

2 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

2 ئاي ago