Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مالكوم ئېكس

مالكوم ئېكس

مالكوم ئېكس

(ھىجرىيە 1343 – 1384 / مىلادىيە 1925 – 1965)

 

«سۆيۈملۈكۈم باتى! بەلكىم سىز مېنىڭ بۇ خەتتە سىزگە يازغانلىرىمغا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. مەن ھازىر مەككىدە، ئاق تەنلىك بىر كىشىنىڭ يېنىدا، قارا تەنلىك بىر كىشىنىڭ كەينىدە ناماز ئۇقۇۋاتىمەن، كۆك كۆزلۈك ئادەم تاماق يېگەن قاچىدا تاماق يەۋاتىمەن، سۈزۈك تېرىلىك ئەرەب شەيخلىرى سۇ ئىچكەن ئىستىكاندا سۇ ئىچىۋاتىمەن. مەن ھازىر بۇ مۇقەددەس شەھەرنىڭ تۇپراقلىرىدا تۇرۇپ شۇنى ھېس قىلدىم: ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن ئىرقچىلىق مەسىلىلىرىنى بۈيۈك ئىسلام تەلىماتلىرى ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن».

_ ھاجى مالكوم ئېكس

 

بىزدىن قانچىلىغان كىشى مۇسۇلـمان قېرىندىشىمىز مالكوم ئېكسنىڭ تارىخىنى بىلىدۇ؟ بەلكى قانچىلىغان كىشى ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ئاڭلاپ باققان؟

پالانى سەنئەتچى ئايالنىڭ ئاجراشقانلىقى، پالانى ماھىرنىڭ پالانى كۇلۇبقا يۆتكەلگەنلىكى ۋە پالانى ناخشىچىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى دېگەندەك تايىنى يوق خەۋەرلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن، ۋاقتلىرىمىزنى سېرىق گېزىت – ژۇرناللارنى ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشىمىز نېمىدېگەن ئەيىب – ھە!

ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ئۈچۈن قۇربان قىلغان قېرىنداشلىرىمىز توغرۇلۇق ئازراق بىر نەرسە ئوقۇشقا بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرالـمايمىز. ياشلىرىمىز زېرىكىشتىن ۋە ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىۋاتقان بىكار ۋاقىتلىرىدىن شىكايەت قىلىدۇ – يۇ، ئۆز ئۈممىتىنىڭ بۈيۈكلىرىنىڭ تارىخىنى ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىن بىرەر نەرسىنى يادلىغانلىقىنىمۇ كۆرەلـمەيمىز.

مالكوم ئېكس ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر چېركاۋدا پوپ بولۇپ ئىشلەيدىغان دادىسنىڭ تەربىيسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، دادىسى ئېتىقاد قىلىدىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاق تەنلىكلەر تەرىپىدىن ئۇنىڭ دادىسى قەستكە ئۇچرىغانىدى. ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپلا بولدى قىلماستىن، چاچراپ چىقىۋاتقان قانلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن، دادىسنىڭ بېشىنى تېز سۈرئەتلىك پويىز چاقلىرى ئاستىدا يانجىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت ئوخشاش بىر دىندا بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىرقداشلىرىغا قارىتا قەلبلىرى ئۆچمەنلىك بىلەن تولۇپ كەتكەن ئاشۇ ئىرقىي ئايرىمىچىلاردىن ھەيران قالغان ئىدى.

مالكوم ئېكس ياخشى ئادەم بولۇش ئۈچۈن مەكتەپكە كىرگىنىدە، مەكتەپتە رەزىل ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى بايقىدى. قارا تەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئات – ئېشىكىگىمۇ باراۋەر بولالمايتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن مالكوم ئېكس ئاق تەنلىك بالىلارغا ئۆزىنىڭ ھېچنەرسىدە ئۇلاردىن تۆۋەن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇدى. نەتىجىدە، ئۇ مەكتەپتىكى ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىغا ئايلاندى. مەكتىپى ئۇنى ئوقۇشتىن ھەيدەش بىلەن «مۇكاپاتلىدى». شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نيۇيورك كوچىلىرىدا سەرگەردان بولدى ۋە قارا تەنلىكلەرگە يارىشا «ئاشخانا كۈتكۈچىسى»، «پويىز خىزمەتچىسى»لىكتىن «دىسكوخانىلاردا ئاياغ سۈرتكۈچى»لىككىچە ھەرخىل جاپالىق خىزمەتلەرنى قىلىپ يۈردى. ئاخىرىدا ئۇ بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە داڭلىق ئۇسسۇلچىغا ئايلاندى. شۇ چاغدىلا كەيپ – ساپا ۋە نابۇتلۇق ھايات ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاراق ئىچىشكە، تاماكا چېكىشكە باشلىدى، قىمار ئويناشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى قىلدى. ھەتتا ئۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، بەلكى ئۇنى سېتىشقىچە بېرىپ يېتىپ، نەتىجىدە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ساقچىنىڭ قولىغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ ئاق تەنلىك شېرىكلىرىنى بەش يىللىق، ئۇنى بولسا ئاشۇرۇپ ئون يىللىق كەستى.

لېكىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلدى. نەتىجىدە، ئۇ تۈرمىدە مۇسۇلـمان بولدى ۋە نىيۇيورك تۈرمىسىدە بىر دەۋەتچىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ قولىدا يۈزلەرچە قارا تەنلىك مەھبۇس مۇسۇلـمان بولۇپ، ھۆكۈمەت ساراسىمگە چۈشكەندىن كېيىن ئۇنى قويۇپ بەردى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئىسمىنى «مالكوم لېتىل»دىن «مالكوم ئېكس»گە ئۆزگەرتتى.

(X) ئېكس ئەرەب تىلىدا «س(سىن)»غا باراۋەر؛ ماتىماتىكىدا بولسا نامەلۇم بىر ساندۇر. چۈنكى، ئۇ ئائىلىسىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنىڭ لېتىل ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇ ئىسىمنىڭ ئافرىقىلىق ئاتا – بوۋىلىرىنى خىزمىتىگە سېلىپ قۇل قىلغان ئاق تەنلىك خوجايىننىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ھەربىر ئاق تەنلىك خوجايىن ئۆزىنىڭ قولىدا ئىشلەيدىغان مىڭلارچە قارا تەنلىك قۇللارنى خۇددى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلكىدىكى ھايۋانلاردەك ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتايتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن مالكوم ئېكس ئاق ئىرقچىلىققا قارا ئىرقچىلىق بىلەن قارشى تۇرىدىغان «ئىسلام ئۈممىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي باياناتچىسى بولدى. لېكىن، مالكوم ئېكسنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان چۈشەنچىسى ھەجگە بارغان چاغدا ئۆزگەردى. سەئۇدى ئۆلىمالىرى (ئۇلارنى ئاللاھ بارچە ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن!) ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىسلامنى ئۆگەتتى. ئۇ ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن، ئاق – قارا پۈتۈن ئامرىكىلىقلار ئۈچۈن بىردىنبىر چارىنىڭ ئىسلام تەلىماتلىرىغا چىڭ ئېسىلىشقا يوشۇرۇنغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇشبۇ ئىسلام پالۋىنىنىڭ بۇ جاكارنامىسىغا بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، بۇ كۈنىمىزگىچە سىر پېتىچە قالغان ھالدا، بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا قەستكە ئۇچرىدى.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: ئىسلام ئوغلى

Please follow and like us:
Exit mobile version