Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

«قۇرئان»چە ياشىغان ئەركەك ھەسەن ئەلبەننا

ا«قۇرئان»چە ياشىغان ئەركەك ھەسەن ئەلبەننا

ا«قۇرئان»چە ياشىغان ئەركەك ھەسەن ئەلبەننا

(ھ. 1324 – 1368 / م. 1906 – 1949)

ئاپتورى: رۇبېرت جەكسىن

ھەسەن ئەلبەننانىڭ شەھىد قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلاپ

تەرجىماندىن ئىلاۋە

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)

«قۇرئانچە ياشىغان ئەركەك (The Qur’anic Man)» دەپ ناملانغان بۇ رىسالە مىسىر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى، يالغۇز مىسىر خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە داھىيسى بولۇش شەرەفىگە مۇناسىپ، 20 – ئەسىر ئىسلاھاتچىلىرىدىن شەھىد، ئىمام ھەسەن ئەلبەننا توغرىسىدىدۇر. ئەسەردە ئىمام ھەسەن ئەلبەننانىڭ دەۋەت نىشانى، غايىسى، ئىچكى دۇنياسى، تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەمدە ئۇنىڭدىكى ھەقىقىي بىر داھىيدا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئۆزگىچىلىكلەر ئىخچام ۋە چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىبارىلەر ئارقىلىق بايان قىلىنغان.

«قۇرئانچە ياشىغان ئەركەك» ئاتلىق بۇ رىسالە ئىمام ھەسەن ئەلبەننا توغرىسىدىكى مۇسۇلمان ئەمەس تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان كۆپلىگەن ئەسەرلەر ئارىسىدا چىنلىقى، ئەمەلىيەتچانلىقى، باھادا ئادىللىقى بىلەن روشەن پەرقلەرگە ئىگە بولۇپ، رىسالە پەقەت ئىسلام دۇنياسىدىلا ئەمەس، بەلكى غەرب دۇنياسىدىمۇ ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان قىممەتلىك ئەسەرلەر جۈملىسىدىندۇر.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ غوللۇق ۋە مەشھۇر شەخسلىرىدىن بىرى بولغان مىسىرلىق بۈيۈك ئەدىب ۋە مۇتەپەككۇر ئۇستاز ئەنۋەر جۇندى تەرىپىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئۇشبۇ رىسالە روبېرت جەكسىن (Robert Jackson) ئىسىملىك ئامېرىكىلىق يازغۇچى تەرىپىدىن ئەينى ۋاقىتتا ئىمام ھەسەن ئەلبەننا شەھىد قىلىنغاندىن كېيىن يېزىلغان بولۇپ، مۇئەللىفنىڭ مىسىردا باشتىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى، بۇ جەرياندا ھەسەن ئەلبەننا بىلەن بولغان بىرقاتار ئۇچرىشىش، سۆھبەت ۋە زىيارەت جەريانلىرى ھەمدە ئۇ ھەقتىكى جانلىق مەلۇمات قاتارلىقلاردىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە سەمىمىي باھالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى بىر قوللۇق ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا شەرق دۇنياسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە قارىتا ئۆزى چىقارغان شەخسىي يەكۈنلىرى، جۈملىدىن ھەسەن ئەلبەننانىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ تاكى شەھىد قىلىنغانغا قەدەر توختاتمىغان دەۋىتىنىڭ مىسىر خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن شەرق دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى سۆزلەنگەن ئىلمىي ماقالىدۇر. كەمىنە يېقىنقى دەۋر ئىسلام تارىخىدا ئۈممەت ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، پىداكار ۋە بۈيۈك خىزمەتلەرنى تەقدىم ئەتكەن، پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش يولىدا ھاياتىنى پىدا قىلغان بۇ مۇھىم شەخسنىڭ گەرچە نامى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا زىكىر قىلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ بۇ زات ھەققىدە يېتەرلىك تونۇشقا ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر رىسالىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم.

ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەينى ۋاقىتتا ساجىيە تورى نامىدىن ئىمام ھەسەن ئەلبەننا شەھىد قىلىنغانلىقىنىڭ 64 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ئىدى. ئاللاھ مەرھۇم ھەسەن ئەلبەننادىن رازى بولسۇن، ئۇنى رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى ئىچىدە قىلسۇن، فىردەۋس جەننەتى بىلەن مۇكاپاتلىسۇن! ئامىن!

— دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

ھەسەن ئەلبەننا — يېرىم مىليون ئىنساننىڭ داھىيسى

رۇبېرت جەكسىن ئۇشبۇ ماقالىسىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن باشلايدۇ:

«1946 – يېلى فېۋرال ئېيىدا زىيارەت ئۈچۈن قاھىرەگە كەلدىم… بۇ زىيارىتىمدە يېرىم مىليون ئەگەشكۈچىسى بار بۇ كىشى بىلەن چوقۇم بىر كۆرۈشۈشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. نىيويورك كرونىكىلدا ئەينەن مۇنداق يازغان ئىدىم: ‹بۇ ھەپتە شۇنداق بىر مەرد ئوغلان بىلەن ئۇچراشتىم، بەلكىم ئۇ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن بىرىگە ئايلىنىشىمۇ ياكى ۋەقەلەر ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولۇپ كېتىپ قالسا، نامى يوقىلىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبىرى شەيخ ھەسەن ئەلبەننادۇر›. ئەمەلىيەتتە، ‹ئىخۋانۇل مۇسلىمىن — مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى› مىسىر سىياسىتىدە تۇتۇۋاتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە تەشكىلاتقا ئايلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ توغرىدا بەزىلەر: ‹مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا، مىسىردا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ئاۋانگارتلىرى سانالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھەمدە ئوقۇغۇچىلار سىنىپىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەپ بولدى› دېيىشمەكتە ئىدى. ئۇستاز ھەسەن ئەلبەننا شۇنداق ئېيتىدۇ: ‹قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھەرىكىتى يۆنىلىش جەھەتتىن پارتىيەلىشىشتىن ھالقىغان ھەرىكەتتۇر. ئۇنىڭ تۇتقان يولى قۇرئان يولىغا قايتىش، نىشانى بولسا يەر يۈزىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت›».

مانا بۇلار مېنىڭ بەش يىل ئالدىنقى يازمىلىرىم بولۇپ، يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ئويلىغانلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا ئىدى. چۈنكى، شەرقنىڭ چىقىش يولى ئىشغالچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، «قۇرئان»چە ياشىغان بۇ ئەركەك دۇنيادىن بالدۇرلا خوشلىشىپ كېتىپ قالغان ئىدى…

شەرقنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەركىنلىكىنى ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرگۈچى بىر ئىسلاھاتچىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى شۇ تاپتا يەنىمۇ ياخشى چۈشەنمەكتىمەن. ھالبۇكى، شەرقنىڭ بۇ ئارزۇسى روياپقا چىقاي دېگەن، ھەتتا ئەمەلگە ئاشاي دەپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە قۇرئانىي ئىنساننىڭ ھاياتى ئادەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ۋە كەم كۆرۈلىدىغان بىر شەكىلدە ئاياغلاشقان بولۇپ، شەرق مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىنى ئۇزۇنغا ساقلىيالماس ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى…

قاھىرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقىنىمدا، مىسىرنىڭ چوڭ – چوڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋېتىپ، توساتتىن نەزەرىم ئۇنىڭ جەلپكار سىماسىغا تىكىلىپ قالغان ئىدى.

ئۇ قاراشقا مېھرى ئىسسىق، چەتئەل تىلى بىلمەسلىكىگە قارىماي تىلى ئۆتكۈر كىشى ئىدى. ئىككىمىز ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلىۋاتقانلار ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ماڭا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ دەۋەت نىشانىنى تەسۋىرلەپ بەرمەكچى بولۇشۇپ، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن بىر گەپلەرنى قىلىپ كېتىشىۋاتاتتى. ئۇ بولسا سۈكۈت ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، ئارىدا ئۇ چىرايىمدىكى تېڭىرقاشنى سەزگەچ، ئۇلارغا: «سىلەر ئۇنىڭدىن ‹سەن مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) توغرۇلۇق بىرەر مەزمۇن ئوقۇپ باققانمۇ؟› دەپ سوراپ بېقىڭلار!» دېدى. مەن جاۋابەن: «شۇنداق! ئوقۇغانمەن» دېدىم. ئۇ: «سەن ئۇنىڭ نېمىگە چاقىرىق قىلغانلىقى ۋە نېمىلەرنى بەرپا قىلغانلىقىنى بىلەمسەن؟» دېدى. مەن: «شۇنداق! بىلىمەن» دېگىنىمدە، ئۇ: «بىزنىڭ قىلماقچى بولغانلىرىمىزمۇ دەل ئاشۇ» دەپ سۆزىنى تاماملىغان ئىدى.

ئۇنىڭ شۇ ئازغىنە سۆزىلا مېنى يارەنلىرىنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەردىن بىھاجەت قىلغانىدى. شۇندىن بېرى قاراشقا تەقى – تۇرقى ئازادە، كۆرۈنۈشى ئادەتتىكىچە، ئەمما ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى چەكسىز ۋە ئىدىيەسىگە بولغان ئىمانى ھەيران قالارلىق بۇ ئىنسان دىققەت نەزەرىمنى بۆلەكچىلا تارتىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ كۈندە بۇ قۇرئانىي ئىنساننىڭ رەھبەرلىكى پۈتكۈل مىسىرنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن شەرق ئۇنىڭ رەھبەرلىك دائىرىسىگە ئۆتىدىغانلىقىنى پەملىگەن ئىدىم.

مەن ئۇشبۇ قۇرئانىي ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرى، غايىسى ھەمدە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇكەممەل دوكلاتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن مىسىردىن ئايرىلدىم. مەن ئۆزۈم ئىگىلىگەن بارلىق دوكلاتلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئۇستاز ھەسەن ئەلبەننا بىلەن جامالىددىن ئافغانىي، مۇھەممەد ئابدۇھ، مۇھەممەد ئەھمەد ئەلمەھدىي، سەييىد سەنۇسى ۋە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب قاتارلىق زاتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشقا باشلىدىم. تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئۇلاشقان نەرسەم شۇ بولدىكى، قۇرئانىي ئىنسان يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان بارلىق شەخسلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ۋە ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئايرىم – ئايرىم ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇ ئالدىنقىلار دەسسىگەن خاتالارغا ئۆزىنىڭمۇ دەسسەپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۈلگۈرگەنىدى. بۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك نەمۇنەلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ ئۆزئارا چىقىشتۇرۇش قىيىن بولغان ئىككى خىل مەسلەكنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرەلىشى بولۇپ، بۇ ئىككى خىل مەسلەكنىڭ بىرىدە جامالىددىن ئافغانىي ماڭغان بولسا، يەنە بىرىدە مۇھەممەد ئابدۇھ ماڭغان ئىدى.

جامالىددىن ئافغانىي: «ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ يولى ھاكىمىيەت ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ» دەپ قارىغان بولسا، مۇھەممەد ئابدۇھ: «تەلىم – تەربىيە يولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ» دەپ قارايتتى. ھەسەن ئەلبەننا بولسا ھەر ئىككى مەسلەكنى تەڭ قوللىنىش ۋە ھەر ئىككى خىل مەسلەكنى تەڭ ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، گويا ئۇ بۇ ئارقىلىق پەرقلىق مائارىپ تەربىيەسى بىلەن تەربىيە ئالغان ئوخشىمىغان تەبىقىلەرگە مەنسۇب زىيالىيلار سېپىنى بىر يۆنىلىشكە ۋە بىر نىشانغا جەملەشتىن ئىبارەت ئالدىنقى ئىككىيلەنمۇ بېسىپ ئاشالمىغان بىر داۋاندىن ئاشقان ئىدى.

مەن ئامېرىكىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىنمۇ، ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ باسقان ھەربىر قەدەمىگىچە دېگۈدەك كۆزىتىشكە باشلىدىم. تاكى مۇسىبەت توزانلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىنى قاپلىغانغا قەدەر مۇشۇ ئىشلار بىلەن بەند بولدۇم، بىراق كۈتۈلمىگەندە ئىش ئۇنىڭ يارەنلىرىنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىشقا باشلىدى. گەرچە بۇ باسقۇچ ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان جەريان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تېخى ۋەزىپىسىنى تاماملىماي تۇرۇپلا شەھىد قىلىنغان ئىدى.

شۇنداق تۇرۇقلۇق، قاھىرەدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھەسەن ئەلبەننا ھەققىدە پەلەستىن ئۇرۇشى بىلەن سۇۋەيش قانىلىدا قىلىنغان ئاخىرقى قېتىملىق ئازادلىق ئۇرۇشىدىن باشقا ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتقا كەلگۈچە ئەتراپىغا زور بىر تۈركۈم ياشلارنى توپلاشتىن تاشقىرى ئەمەلىي بىرەر ئىش قىلىپ باقمىغانلىقىدەك ئۆسەك سۆزلەرنىڭ تارالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. ھالبۇكى، بىز «ئۇنىڭ ئوخشىشى تېپىلدى» دېگەندىمۇ، پەقەت ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋەت مەزگىللىرىدىنلا تېپىش مۇمكىن بولىدىغان مىسلىسىز قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى ناھايىتى روشەن ئىسپاتلاپ بولغان ئىدۇق.

مېنىڭ بۇ ئورۇندا يەنە ئۇنىڭ ئايال كىشى، مال – دۇنيا ۋە يۈز – ئابرۇي قاتارلىقلار ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالالىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكۈم كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئالدىغۇچى نەرسە ئىشغالچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى كۈرەش قىلغۇچىلارنى تىزگىنلەيدىغان ئېزىتقۇلىرىدىن ئىدى. ئەمما، ئۇ ئۆزىنى ئېزىقتۇرۇش يولىدا قىلىنغان بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ غەلبىلەرنىڭ كەينىدە ئاساسلىقى ئۇنىڭ راستچىل سوپىلىقى ۋە تەبىئىتىگە ئايلانغان زاهىدلىقى ياتىدۇ.

ئۇ بالدۇرلا ئۆيلەنگەن بولۇپ، جىمى بايلىقى ۋە ئىززەت – ئابرۇيى ئەتراپىغا توپلانغان كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسى ئىدى. ھەر تەرىپىنى ئوراپ تۇرغان ساختا شۆھرەت ۋە كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرغان پۈچەك باياشاتلىقلارغا زىنھار پەرۋا قىلماستىن، ئاددىي – ساددا تۇرمۇش يولىنى تاللىغان ئىدى.

ئۇ بولۇۋاتقان ھادىسىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆزىتىپ، تەمكىنلىك بىلەن ئويلىناتتى – دە، ھادىسىلەرگە سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، زۆرۈر تاپقاندا جۈرئەت بىلەن تاقابىل تۇراتتى.

تەقدىر ئۇنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتى بىلەن شەھىد قىلىنىش ۋاقتىنى شەرقتىكى ئىككى بۈيۈك ھادىسىگە باغلاشنى ئىرادە قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ تۇغۇلغان 1906 – يىلى مەشھۇر دەنىشۋاي يىلى بولسا، شەھىد قىلىنغان 1949 – يىل ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان يىل ئىدى. ئىسرائىلىيە دۆلىتى 1948 – يىلى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي قۇرۇلغان ۋاقتى 1949 – يىلى ئىدى.

ئۇنىڭ رەقىبلىرىگە ۋە رەقىبلىرىنىڭ بارلىق قاياشلىرىغا تۇتقان باراۋەر مۇئامىلىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە بولۇپ، ئۇ رەقىبلىرىنى قايىل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆز سېپىگە تارتىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلمىغان ۋە ئورۇنسىز تۇتۇشمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كۈرەش باشلانسا، كۈتۈلگەن نەتىجە ئەسلا ئىشقا ئاشمايتتى.

گەرچە ئۇ پىكرىي كۈرەشنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ئىشەنسىمۇ، بىراق ئۇ بۇنى شەخسىي جېدەلگە ئايلاندۇرۇۋالمىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ زامانداشلىرى ۋە رەقىبلىرىنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ئامان قالمىغان بولۇپ، ھەممە پارتىيەلەر بىردەك شىددەت بىلەن ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقان ئىدى. بىراق، ئۇ ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ھەمدە خۇددى ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شارائىتىدەك بىر مۇھىتتا كۈرەش قىلىشتىن بوشاشمىغانىدى ۋە شۇ تەرىقە ياشاپ ھاياتقا كۆز يۇمدى.

پېقىر ئۇنىڭ رەقىبلىرىنىڭ ئېيتقان نۇرغۇن سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك باھالارنى بېرىشىمۇ تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. بەلكى سېھىرلىك سۆزلىرى، گۈزەل لوگىكاسى بىلەن بۇ قەدەر زور كۆپچىلىكنى تۈرلۈك پارتىيەلەر، جامائەتلەر، سۇفىي پىرقىلەر، قەھۋەخانا ۋە تاماشا ماكانلىرىنىڭ قوينىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ ئەتراپىغا يىغالىغان بىرى ھەققىدە ئاللىكىملەرنىڭ ھەرخىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىشىشى مۇقەررەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك نىشانى قىلىۋېلىشىدىنمۇ قېچىپ بولمايتتى. چۈنكى، ئۇنىڭدەك ئاددىي ۋە يوقسۇل ياشىغان بىرىنىڭ شۇنچىۋالا ياشلارنى ئەتراپىغا يىغالىشى ئۇلارنى چۆچۈتۈپ قويغان ئىدى.

ئۇنىڭ دىققىتىمنى تارتقان ئىشلىرىدىن يەنە بىرى، بەئەينى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆز جەمەت كىشىلىرىنى دەۋەت ئۇتۇقلىرىدىن نېرى قىلىشتەك ئەڭ گۈزەل خىسلەتلىرىدىن بىرىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلغانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئابدۇرراھمان، مۇھەممەد ۋە ئابدۇلباسىتقا ئوخشىغان يېقىنلىرى مەنسەپ تەمەسىدىن تولىمۇ يىراق ئىدى. ئۇ گويا ساھابە ئۆمەرنىڭ ئۆز ئەھلىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرغىنىغا ۋە ئائىلىسىدىن سەھۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەرنى ھەسسىلەپ جازالىغىنىغا ئوخشاش، دائىم دېگۈدەك ئۆز ئەھلى قاتارى سانالغانلاردىن ھېساب ئېلىپ تۇراتتى.

بىر پەيتلەر ماڭا ئۇنىڭ مۆھتەرەم ئاتىسى شەيخ ئەھمەد ئابدۇرراھمان ئەلبەننا بىلەن مۇلاقاتتە بولۇش پۇرسىتى نېسىپ بولغان ئىدى. ئاتىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئوغلى قۇرغان ئۇيۇشمىدىن بەزى كىشىلەرنى ئارىغا قويۇش ئارقىلىق، مۇمكىن بولسا ئوغلىنىڭ ئىسلام خىزمىتىنى يېزىقچىلىق يولى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، ئۇستاز ھەسەن ئەلبەننا ئاتىسىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن، ئۆزىنىڭ ئىسلام خىزمىتىنى مەرد ئوغلانلارنى يېتىشتۈرۈش يولى ئارقىلىق قىلالىغىنىدىن قەلبىنىڭ ئىنتايىن راھەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

جاپالىق باشلىنىش

ھەسەن ئەلبەننا دەسلەپتە قاھىرەنىڭ مۇرەككەپ كوچىلىرى سانالغان رۇم، سۇق سىلاھ، ئەتفە نافى ۋە شەماشىرجى قاتارلىق كوچا – رەستىلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ ئەتراپىغا ئاز – ئازدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى توپلاشقا باشلىغان ئىدى.

ھەسەن ئەلبەننانى خەلققە ئۆزىدىن ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان، ھەتتا جامالىددىن ئافغانىي، مۇھەممەد ئابدۇھلارمۇ، ھەتتا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن داڭقى دۇنياغا پۇر ھەرقايسى پارتىيە ۋە جامائەلەرمۇ قىلالمىغان مۇكەممەل پىلانغا ئىگە لايىھەنى سۇنالىغان شەرقنىڭ تۇنجى داھىيسى دېيىشكە بولاتتى.

كەڭ ۋە ئىنچىكە ئىزدىنىشلىرىمگە ئاساسەن، ئۇشبۇ قۇرئانىي ئەركەكنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئۇنىڭ ئۆزى چاقىرىق قىلغان پرىنسىپلارغا ھەقىقىي تەتبىقلانغان ھايات دەپ ئېيتىشىم مۇمكىن.

ئىسلام دىنى ھەسەن ئەلبەنناغا خۇددى ئۆزى چۈشىنىپ دەۋەت قىلغاندەك نۇرانە قىياپەت ۋە كۆڭۈللەرگە تېز تەسىر قىلىدىغان كىشىلىك ئاتا قىلغان ئىدىكى، بۇ ئالاھىدىلىكنى باشقا بىرەر سىياسىيون ياكى دىنىي ئەربابلاردىن ئالدىراپ تاپقىلى بولمايتتى.

ئۇ كۆپچىلىك سىياسەتچىلەردەك ئۆز ئۇتۇقلىرىنى ئەرزىمەس مال – دۇنيا ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدىغانلاردىن بولمىغان ۋە نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى.

شۇ سەۋەب، ئۇنىڭ يولى بەئەينى تىكەنلەرگە تولغان، كۆز يەتكۈسىز شارقىراتمىلار ۋە بەھەيۋەت قورام تاشلار توسۇپ ياتقان كۇھىقاپ يولى ئىدى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ تىك تۇرۇپ خىزمەت قىلىشنى تاللىۋېلىشىنىڭ ئۆزىلا، ئۇنىڭ قانچىلىك ئىرادىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بۇ ھەم ئۇنىڭ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى يۈكسەكلەرگە قاراپ ئىنتىلىشكە ۋە دەۋرنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن قايمۇقتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، نىجاتلىق كېمىسىنىڭ دەرمان ساھىلىغا يېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن تىنىمسىز چايقاپ تۇرغۇچى شەھۋەت دولقۇنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە چاقىرىق قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئۇ مۇساپىنىڭ قانچە ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ياخشى بولغان چىقىش يولىنى ئىزدەيتتى. شۇڭا، ئۇ سودىلىشىشنى رەت قىلاتتى، ھەتتا ئۆزى تۈزگەن مۇۋەپپەقىيەت پروگرامماسىدىن بىرقاتار ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى بىكار قىلغان. ئۇنىڭ: «ئەركىنلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە رەھبەرلىكتە مۇقەددەس ھەق – ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ» دېگەن شوئارىدا چىڭ تۇرۇشى قاتارلىقلار تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە ئەزىيەتلەرگە يولۇقۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر ئىدى.

تېخى بەزىلەر ئۇنىڭ «جوۋىسىدا تەرلىۋالماقچى» بولۇشۇپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ باققان بولۇشسىمۇ، نەتىجىدە ئۇلار يولۇققان تۈرلۈك بوھرانلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاجىز كېلىپ يولنىڭ يېرىمىدا سەپتىن چۈشۈپ قېلىشقان ئىدى.

ئۇ رېئاللىققا يۈزلىنىپ ياشايتتى ۋە شەيئىلەرنى ئۇنداق ياكى بۇنداق تەسەۋۋۇرلاردىن خالىي، ئۆز ئەينى بويىچە چۈشىنەتتى. ئۇ ئەزەلدىنلا شۇنداق تەمكىن، قەلبىنىڭ تەگ – تېگىدە بىرنەرسە قايناۋاتقاندەك، يۈرىكىدە لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت باردەك كۆرۈنەتتى.

ئۇنىڭ ئىسلامىي ۋەتىنىگە بولغان ئىنتىلىشىمۇ ئالاھىدە بولغاچ، ھەرقېتىم ئۇ بۈيۈك ۋەتىنىنىڭ مەلۇم تۇپرىقىنىڭ يامان ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ياكى قايسىدۇر دىيارىنىڭ ئەزىيەتتىن ئىڭراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا، ئىچ – ئىچىدىن ئۆرتەنسىمۇ، ئەمما بەزىبىر كاتتىباشلاردەك ۋارقىراش – جارقىراشلار بىلەن ئاچچىقىنى باستۇرمايتتى ياكى ئۆز – ئۆزىنى يوقىلاڭ خىياللار بىلەن ئەسلا بەند قىلمايتتى. بەلكى ئۇ بارلىق ئىچكى ئېنېرگىيەسىنى ئەمەلىي خىزمەتكە، بەرپاچىلىققا ۋە خەلقنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ھەقىقەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان شۇنداق بىر كۈنگە ھازىرلىق كۆرۈشكە قاراتقان ئىدى.

ئۇ ئەقىل – پاراسەتلىك، ئەركىن تەپەككۇرلۇق، تۇيغۇن روھ بىلەن نېئمەتلەندۈرۈلگەن، چەكسىز تىرەن ۋە ساپ ئىمان ئىگىسى ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى تونۇغانلارغا قارىتا تولىمۇ كەمتەرىن ۋە ئاجايىب ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە، نازۇك تىل ۋە ئېرىغ قەلەم بىلەن مۇئامىلە قىلار ئىدىكى، بىر قىسىم تىلى زەھەر كىشىلەر لاغايلىغان يوللارغا سايىسىنى يولىتىشتىنمۇ ئۆزىنى پاك تۇتقان ئىدى.

ئەخلاق بىلەن سىياسەت ئارىسىدا

ھەسەن ئەلبەننا «سىياسەت ئەخلاق ئېلېمېنتىدىن جۇدا قىلىندى، ئەمدى ئەخلاق بىلەن سىياسەت مەڭگۈ بىرلىشەلمەيدۇ» دېگەن كۆزقاراش تازا بازار تاپقان بىر ۋاقىتتا ئەخلاق ئېلېمېنتىنى سىياسەتنىڭ قات – قېتىغا سىڭدۈرۈشنى ئۆزىگە سىياسىي يول قىلىپ تاللىۋالغان ئىدى. ئۇ بۇ جەھەتتە تالىراننىڭ: «تىل پەقەت بىزنىڭ ھەقىقىي قاراشلىرىمىزنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىدىغان قورالدۇر» دېگەن سۆزىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان ئىدى. شۇڭا، ئۇ سىياسەتچىنىڭ ئۆز ئاڭلىغۇچىلىرىنى، ئەگەشكۈچىلىرىنى ۋەياكى خەلقىنى قايمۇقتۇرۇشىغا ئىنتايىن قارشى بولۇپ، كەڭ ئاۋام – خەلقنى سىياسەتنىڭ ۋە ھەرقايسى پىرقە – گۇرۇھ ۋەكىللىرىنىڭ ئالدام خالتىسىدىن يىراق تۇتۇشقا كۈچىگەن ئىدى.

ھەسەن ئەلبەننا گويا بۇ ئارقىلىق كۈنىمىز شەرقىگە نىسبەتەن يۈكسەك ئۆرنەكلەر قاتارىدىن سانىلىدىغان «سىياسەتنى ئەخلاق بىلەن سۇغىرىش»تىن ئىبارەت بىر روھنى يېڭىباشتىن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشنى كۆزلىگەن بولۇپ، ئۆتمۈشكە قارايدىغان بولساقمۇ، شەرق زايە بولۇپ كېتىۋاتقان ئەنە شۇ ئېلېمېنت بولغاچقىلا دۇنيانى بويسۇندۇرغان ۋە فەتىھلەر بىرنەچچە قىتئەنى قاپلىغان ئىدى.

ئۇنىڭ نىشانى دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە قۇللۇققا مەھكۇم قىلىشتىن ئىبارەت دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقان ئىككى ئەجەللىك خەتەرگە قارشى تەۋرەنمەس بىر كۈچنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىش ئىدى.

ھەسەن ئەلبەننا ئىسلام دىنىدىن ئازغۇن كوممۇنىزمنى ۋە ئاشقۇن كاپىتالىزمنى قوغلاپ چىقىرىدىغان بىر كۈچ بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدى ئىسلامنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە ئۇلۇغ ئىسلامنى دېموكراتىيە تونىغا ئورانغان ئىشغالچى كۈچلەر ياكى باراۋەرلىك (سوتسىيالىزم) جارچىسى كوممۇنىستلار كەبى چاكىنىلارغا خىزمەت قىلدۇرماسلىق ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئىسلام دىنىنى كوممۇنىزمدىنمۇ، دېموكراتىيەدىنمۇ، كاپىتالىزمدىنمۇ، ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئىزمدىن ئۈستۈن دەپ قارايتتى.

سەيشەنبە كۈنى ئالاھىدە كۈن بولغان بولۇپ، بۇ كۈندە ئاق يەكتەك، ئاق يېپىنچا ۋە چىرايلىققىنە ئورالغان سەللە كىيگەن بۇ مەرد ئوغلاننىڭ سەھنە مۇنبىرىدىكى نۇتۇقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قاھىرەنىڭ جاي – جايلىرىدىن يىغىلغان نەچچە يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ تەرەپ – تەرەپتىن قىقاس – چۇقانلىرى ياڭراۋاتقان بىر پەيتتە قۇرئانىي ئەركەك بىر پەس تاماشىبىنلارغا نەزەر سالماقتا، ئۇلارغا تىكىلمەكتە ئىدى.

مانا بىر رەھبەر تۇنجى قېتىم كۆزلەرنى ھەقىقەت تەرەپكە ئاچتۇرىدىغان سۆزلىرى بىلەن كۆپچىلىككە خىتاب قىلماقتا، دەۋەت – چاقىرىقلىرىنى ئوپېراتسىيە ئۈستىلىگە قويماقتا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دەۋەت – تەشۋىقاتى ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇشى ھەققىدە سورالغان ئىنچىكە سوئاللارغا جان قۇلاقى بىلەن تەييار ئىدى.

ئىشىنىڭكى، سىزنىڭ ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىغا بولغۇسى ھەيرانلىقىڭىز ئۇنىڭ شەخسىيىتى، تۇرمۇشى ۋە ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىغا بولغۇسى ھەيرانلىقىڭىزدىن ھەرگىز كەم بولمايدۇ.

ئۇ ھۆكۈمەتتىكى خىزمىتىنى تاشلىغان ۋە چوڭ بىر گېزىتخانىنىڭ يۈز جۈنەيھ (شۇ چاغدا 500 دوللار قىممىتىدە) مىقدارىدا بەرمەكچى بولغان مائاشىنى رەت قىلغانىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر قېتىم ئۇنىڭدىن: «سىز قانداق قىلىپ جان بېقىۋاتىسىز؟» دەپ سورالغىنىدا، ئۇ ئاددىي قىلىپ: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەدىجەنىڭ ئىقتىسادىدىن ئىشلىتەتتى، مەنمۇ ‹خەدىجە›نىڭ ئاكىسىنىڭ ئىقتىسادىدىن ئىشلىتىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى (بۇ يەردە ھەسەنۇلبەننا ئۆزىنىڭ كۈيئوغلىنى نەزەردە تۇتقان).

جىھاد ۋە سەبر

قۇرئانىي ئەركەكنىڭ كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان تەرەپلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ (مىسىرنىڭ جەنۇبى، قاھىرەدىن تۆۋەنگە قاراپ مەشھۇر نىل دېلتاسنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزغا تۆكۈلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى تۆۋەن مىسىر دىيارى دېيىشكە بولىدىغان) سەئىد رايونىغا قىلغان سەپەرلىرىدىكى سەبرچانلىقىدۇر. ئادەتتە، بۇنداق سەپەرلەر ياز ۋاقىتلىرىدىلا باشلىنىدىغان بولۇپ، (ئۆز دەۋرىدە) بارماقچى بولغان يۇرتلارنىڭ تولىسى ئىسيانغا تولغان ئىدى. قۇرئانىي ئەركەك بولسا بەزىدە پويىزدا، بەزىدە ماشىنىدا، بەزىدە ئۇلاغدا، بەزىدە قولۋاقتا، يەنە بەزىدە پىيادە دېگەندەك يۇرتمۇ – يۇرت ئارىلايتتى.

بۇ يەردە غايەت ئىرادىلىك، نە پىژغىرىم ئىسسىق، نە سەپەر مۇشەققەتلىرى تەسىر قىلالمايدىغان مۆتىدىل، توختاملىق شۇنداقلا قەددىنى تىك تۇتۇپ يۈرىدىغان ھەم ئۆزى ئاڭلىتىدىغان، ھەم ئۆزگىگىمۇ قۇلاق سالىدىغان، ھەر ئىشنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغىچە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىر كىشىنى كۆرىسىز.

ئۇ ئەنە شۇ تەرىقە ئون بەش يىل كېزىپ يۈرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا تۆت مىڭدىن ئارتۇق قىشلاق – كەنتلەرنى ئارىلاپ چىقتى ۋە ھەربىر كەنتتە بىرقانچە قېتىمدىن زىيارەتتە بولدى.

ئۇ بۇ خىل زىيارەتلىرىدە ئائىلىلەرگە، جەمەتلەرگە، ئۆي – ئۆيلەرگە قەدەر بېرىپ، يېقىن ۋە يىراق كەچمىشتە بولۇپ ئۆتكەن ھەر تۈرلۈك چوڭ – كىچىك ۋەقە ۋە ھادىسەلەرنى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىلىنگەن ۋە بىلىنمىگەن تەرەپلىرىنى ھەمدە بۇ ۋەقەلەرگە ئالاقىدار تۈرلۈك سىياسىي ئويۇنلارنى، شۇ ھىيلە – نەيرەڭلەرنىڭ مىسىرنىڭ شەھەر – قىشلاقلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى ۋە كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا رازى ياكى ئەمەسلىكىنى ئاڭلىتاتتى. شۇنىڭدەك يۇرت – يۇرتلاردىكى كاتتىباشلار، پارتىيەلەر، ھەيئەتلەر ۋە گۇرۇھلارئارا يۈز بەرگەن ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىشلەر دېگەندەك تېمىلاردا ئۆزىنىڭ مول بىلىم ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئاددىي خەلق بىلەن ئورتاقلىشاتتى.

ھەسەن ئەلبەننا بەزىدە ئىككى جەمەت ئارا خۇسۇمەت ئەۋجىگە چىققان بىر قىسىم يۇرتلارغا كېلىپ قالغۇدەك بولسا، ھەر جەمەت ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە بولۇشۇپ، رەقىب جەمەتكە قارشى تۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ كېتىشەتتى. بۇنداق چاغلاردا، ئۇ بىر بولسا، ئۇدۇل مەسجىدكە قاراپ يۈرۈپ كېتەتتى، بىر بولسا سەپەرنى باشقا يۆنىلىشكە ئۆزگەرتىۋالاتتى. شۇڭىمۇ ئۇ ئادەتتە، بىرەر ئىشلەمچىنىڭ ئۆيىگە چۈشكىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بارغان جايلاردا ئۇنى كۈتۈۋالىدىغانلارمۇ بولمايتتى.

شۇڭا، سىز ئادەتتە، ئۇنىڭغا «پالانچى كىشى ھۈسەينىيلەردىن، ھەدىيدىيلەردىن ۋەياكى پالانى ھەمەسانىيلەردىن» دەپ قالسىڭىز، ئۇ سىزگە: «بۇنداق ئىسىمدا ئاز دېگەندە تۆت ياكى بەش ئائىلە بار. بىرى قاھىرەدە بولسا، ئىككىنچىسى دەمەنھۇردا، ئۈچىنچىسى زەقازىقتا، تۆتىنچىسى پالانى يۇرتتا… سەن زادى قەيەردىكىسىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىسەنكىن؟» دەيتتى.

دېمەك، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىل، ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي قىلغان بۇ خىل زىيارەتلىرى كىشىلەر نەزەرىدە ئۇنىڭغا قارىتا مەلۇم قاراشنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

مىسىردا ھەرقانداق يۇرتنىڭ ئۇلۇغ – ئۇششاق ئاۋام خەلقى، ئېسىلزادە – بايلىرى، مىنىستىر، رەھبەرلىرى، ھەرقايسى پارتىيە – گۇرۇھ كاتتىباشلىرى، دىنىي زاتلار، مۇتەسەۋۋىف ئەربابلار، ئىشقىلىپ ئۇنى تونۇمايدىغانلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى. ئۇنىڭمۇ ئۇلار ئارىسىدا سۆھبەتلەشمىگەنلىرى، قۇلاق سالمىغانلىرى ياكى ئۇلارنىڭ قانداق ئارزۇ – ئۈمىدلىرى بارلىقى، نېمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقلىرى ھەققىدە بىلمەيدىغانلىرى ئاز ئىدى.

قۇرئانىي ئەركەك مانا بۇ مول ۋە كەڭ دائىرىدىكى سۆھبەتلىرى جەريانىدا مىسىر خەلقى ئارىسىغا شۇنداق بىر سىما بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدىكى، ئۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن بىرەر رەھبەر ياكى داھىيلار ئىچىدىمۇ بۇنداق پۇرسەتكە ئىگە بولالىغانلار كەمدىن – كەم ئىدى.

ناۋادا سىز بۇلارغا ھەسەن ئەلبەننانىڭ كەڭ ۋە كۈچلۈك بىلىم قۇۋۋىتى، پەۋقۇلئادە ئىلمىي مەلۇماتىنى، شەرق ۋە غەرب ھەققىدە ئەرەبچە يېزىلغانلىكى بارلىق ئەسەرلەر ھەمدە ھەرقايسى ئالىم، پەيلاسوپلارنىڭ نەزەرىيەلىرىدىن پىششىق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى قوشىدىغان بولسىڭىز، بۇ قۇرئانىي ئەركەكنىڭ شەرقنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يوقىتىپ قويغان بۇ قەدەر مول بايلىقىنى ئۆزىدە جەملىگەن بۇنداق بۈيۈك يېتۈك ئىقتىدارنىڭ قۇرئانىي ئەركەكتە توپلانغانلىقىغا ھەيران قالماي تۇرالمايسىز ھەمدە ئۇنىڭ بۇ خىل بوشلۇقنى قانداق تولدۇرالىغانلىقى ۋە بۇ خىل نۇقسانىيلىقنى قانداق مۇكەممەللىيەلىگەنلىكىدىن چۆچۈمەي قالمايسىز، ئەلبەتتە!

سىز يەنە بۇ خىل زىيارەت جەريانلىرىدا قۇرئانىي ئەركەكنىڭ بەزىدە كەپىدە ئۇخلىسا، بەزىدە سۇپىدا ئۇخلىغان، ئالدىغا قانداق تاماق سۇنۇلسا شۇنى يەيدىغان ئىنتايىن ئاددىي – ساددا ھاللىرىنى ئۇچرىتىسىز. بۇ پەقەت ئۇنىڭ بىرلا نەرسىنى، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى بىرەر تەرىقەتنىڭ شەيخى بولۇش ئارزۇسىدا ياكى بىرەر مەنپەئەت تەمەسىدە يۈرگۈچى دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقىنى ئۇلارغا بىلدۈرگۈسى بارلىقىنى ئۇقتۇراتتى، خالاس.

شۈبھىسىزكى، مانا بۇ خىل غايەت زور تىرىشچانلىقلار ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار، قوللىغۇچىلار، ياشلار، ياشانغانلار، زىيالىيلار ۋە زىيالىي ئەمەسلەر بولۇپ ئون مىڭچە كىشى بىلەن دىدار مۇلاقاتتە بولۇش، ئۇلارغا قۇلاق سېلىش، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ساپاسىنى چېنىقتۇرۇشقا كۆپ ياردىمى بولىدىغان نۇرغۇن تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى.

مەن شۇنى ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەنكى، ھەسەن ئەلبەننا بۇ دەۋردە ئوخشىشى يوق، يېگانە ئوغلاندۇر. ئەمما، ئەپسۇسلار بولسۇنكى، ئوغلانىمىز مىسىر تارىخىدا تەكرارى يوق ئۆتكۈنچى بۇلۇتنىڭ سايىسى كەبى ئۆتۈپ كەتتى.

تارىخ ياراتقان ئىنسان

تارىخ ياراتقان، يول مۇساپىسى ئۆمەر، ئەلى ۋە ھۈسەين (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىقلارغا ئوخشاش شەھىد بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان بۇ خىل مەرد ئىنساننىڭ ئۆلۈشى مۇقەررەر ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئەنە شۇ ئۇلۇغلارنىڭ ئىزىنى باسقۇچىلار قاتارىدىن ئىدى.

ئۇ پىكىر ۋە سەنئەت دۇنياسىنىڭ گىگانت ئىنسانلىرىنىڭ نەۋقىران يېشىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلگەن يىلىدا شەھىد قىلىنغان ھەمدە پارلاۋاتقان ۋە تازا چاقناۋاتقان مەزگىلىدە دۇنيادىن خوشلاشقان ئىدى.

تۈرلۈك تۈمەن ئېزىتقۇلار ھەرخىل ھىيلە – نەيرەڭلەر بىلەنمۇ ئۇنى سۈزۈك ئىدىيەسى ۋە ساغلام نىشانىدىن بۇرۇۋېتىشكە ئەسلا قادىر بولالمايدۇ. ئۇ ھاياتىنىڭ ھەر لەھزىسىنى ئۆزگىلەرنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانماي ياكى تەھدىتلەر ئالدىدا باش ئەگمەي، ئارقىغا چېكىنمەي ۋە تەمتىرىمەي دادىل ياشىماقتا ئىدى.

ئۇنىڭ يەنە، بەزىلەرنىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان بولۇپ، نۇرغۇنلار ئۇنىڭ كونترولىدىكى كۈچتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغانلىرىدا، قۇرئانىي ئەركەك ئۇلارغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەركىم قوللىنالايدىغان كۆسەي ئەمەس، بەلكى ھەربىرىنىڭ يېگانە ئاللاھقا مەنسۇب كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن سۆزىنى تاماملىغانىدى.

يەنە بەزىلەر ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ سېپىغا قوشۇۋېلىشقا ياكى ئۆزىنىڭ ئادىمى قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنغىنىدا، ئۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ، ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن ئالدىنىپ قېلىش ۋە تۇزاققا دەسسەشتىن ساقلانغانىدى.

ئۆزىنىڭ ئاددىي – ساددا بولۇشىغا قارىماي، سۆھبەت قۇرغانلىكى كىشىگە ناھايىتى يىراقنى كۆرەر بىرىدەك تۇيۇلاتتى. ھەتتا شۇ دەرىجىدە ئىدىكى، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىپ قالغان ياكى پاراڭلىشىپ قالغانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلماي ياكى ئۇ دەۋەت قىلىۋاتقان ئىدىيەگە ئىشەنمەي تۇرالمايتتى.

ئۇ ئۆزى قىلىۋاتقان دەۋەتكە قارشى چىققانلاردىن باشقىلار بىلەن ئەسلا قارشىلاشمىغان بولۇپ، ئاشكارا دۈشمەنلىك قىلمىغانلارنى كەڭچىلىك قىلىپ يوشۇراتتى. ئۇ ناۋادا ئۆز دەۋىتىنىڭ تەبىئىي تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق بولمىغانلا بولسا، ھېچقاچان بىر كېلىشىمگە ھۇجۇم قىلمىغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ بار كۈچىنى ۋەتىنى ئۈچۈن ئاتىغان بولۇپ، ئۆزىنى ۋە دەۋىتىنى ئىچكى توقۇنۇشلارنىڭ ئويۇن قورالى بولۇپ قېلىشتىن ئۈستۈن تۇتقان ئىدى.

بەزىلەر ئۇنىڭ بۇ مەيدانىنى ئاجىزلىق ۋە ياۋاشلىق دەپ ئويلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىش ئۇنداق ئەمەس ئىدى. چۈنكى، قۇرئانىي ئەركەك ئۇرۇش سەھنىلىرىدە تەرەپبازلارچە قىلىنىۋاتقان نىزالارنى ياقتۇرمايدىغان تەبىئەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، كۈچىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە خورىشىغا ئەسلا تاقەت قىلالمايتتى. بەلكى ئۇ پىشىپ يېتىلىش ۋە كامالەتكە يېتىش يولىدا بىر بالداقتىن يەنە بىر بالداققا، بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكىگە ئىشەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بارى شەخسىي تەمەلەر، يوشۇرۇن غەرەزلەردىن يىراق ۋە ئىچكى دۇنياسىنى شەخسىيەتچىل ئامىللاردىن پاك تۇتقان سىياسەت كۆرۈپ باقمىغان ۋەتىنىنىڭ دۈشمەنلىرىنى بىئارام قىلىپ كەلگەن ئىدى.

قۇرئانىي ئەركەك ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زېرەك، ھادىسىلەر ۋە كرىزىسلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ماھىر بولۇش بىلەن بىرگە، ئاچچىقىنى كونترول قىلىشتىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە قابىلىيەت ئىگىسى ئىدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىرگە ئۇ يەنە شۇنداق بىر ئوتتۇراھال ئىنسان ئىدىكى، ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ئەتراپىدا كىرىمى ئۆزىنىڭكىدىن بىر ياكى بىرنەچچە ھەسسە يۇقىرى كىشىلەر تەرىپىدىن نى – نى مال – دۇنيالار تەڭلىنىپ تۇرۇشىغا قارىماي، مەلۇم مەكتەپنىڭ ئازغىنە مائاشى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

ئۇ ئائىلىدە زاهىدقا ئوخشايتتى، ئاددىي – ساددا كىيىنەتتى. سىز ئۇنى ئۆز ئۆيىدە جايناماز سېلىنغان ۋە لىق كىتابقا تولغان ئۈستەل جايلاشقان ئاشۇ ئاددىي ھۇجرىسىدىن تاپقىنىڭىزدا، ئۇنىڭ ئاشۇ پالىلداپ، قاراڭغۇنى نۇرغا تولدۇرۇپ تۇرغان جىنچىرىغىدىن، نۇرغۇن كىشى چىداپ بولالمايدىغان ئاشۇ مۇھىتتىن ئۆزگە ئادەتتىكى ھەرقانداق بىر ئىنساندىن پەرقلەندۈرىدىغان ھېچبىر تەرىپىنى تاپالمايسىز.

ناۋادا ئۇ سۆز قىلغۇدەك بولسا، سىز ئۇنىڭدىن ساناقلىق بىرقانچە كەلىمەلەر ئارقىلىق، توم – توم جىلدلىق كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان بايانى ئۇزۇن مەسىلىلەرگە قىسقا ۋە روشەن شەكىلدە بەرگەن جاۋابلارنى ئاڭلايسىز.

ئۇ مانا مۇشۇنداق غايەت زور بىلىم ساپاسى بىلەن بىرگە، ئۆزىدە ھەرخىل ئىنسانلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولغاچقا، ھەرقانداق قارشى پىكىر ئۇنى ھەيران قالدۇرمايتتى ھەمدە ئۇ سېنىڭ تۇتقان يولۇڭغا خىلاپ بولىدىغان قارشىلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق سېنىڭ بىلەن تىكلىشىپمۇ يۈرمەيتتى. بەلكى ئۇ تاكى سۆزلىرى يۈرىكىڭگە بارغانغا قەدەر ساڭا چارە قىلاتتى – دە، سەن بىلەن بىرلىشەلەيدىغان تەرەپلەردە بىرلىكنى ساقلاپ، بىرلىشەلمەيدىغان تەرەپلەردە ئۆزئارا يول قويۇپ مۇئامىلە قىلاتتى.

ئۇنىڭ بۇنداق يۇقىرى دەرىجىدىكى بىلىمدانلىقى ئۇنى ئاجايىب كەڭرى دۇنياغا باشلىغان ئىدىكى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەتكە قاقمايدىغان ۋە قارشى پىكىرلەردىن سىقىلمايدىغان بولغان ئىدى. ئۇ كۆپچىلىك بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماستىن، يېڭىچە پىكىرلەرنى ئۇلارغا قوبۇل قىلدۇرالىغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئېلىپ كەلگەن بۇ يېڭىلىق شۇنداق نەرسە ئىدىكى، ناۋادا ئۇنى ئىشىغا ماھىر بولمىغان بىرى ئوتتۇرىغا قويغىنىدا، خەلق ئەلبەتتە ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ۋە ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغان بولاتتى.

قۇرئانىي ئەركەك ئۇلارنى ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن كونىلىقتىن يېڭىلىققا ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ دىنغا بولغان چۈشەنچىسىنى يېڭىلىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان بېقىشىنى ئۆزگەرتتى، ئۇلارغا غايە بېغىشلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئەركىنلىك ۋە كۈچ – قۇۋۋەت بىلەن تولۇپ تاشقۇزدى.

ئۇ رەھبەرلەرگە خاس ئاۋازغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچ – قۇۋۋەت ۋە كۆيۈنۈشنى گەۋدىلەندۈرەتتى. نۇتۇقلىرى خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، زىيالىيلارمۇ ئۇنىڭدىن زوق ئالالايتتى. بۇنچە ئىقتىدار، ئۇستىلىق ۋە ماھارەت ئۇنىڭ خىتابەت ۋە قايىل قىلىش كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن كەلگەن ئىدى.

ھەسەن ئەلبەننا مۇيەسسەر قىلىنغان بۇ سۈپەتلەر سايىسىدە قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچىۋالا زور قوشۇننى ئۆزىنىڭ يارەنلىرىگە ئايلاندۇرالىغان ھەمدە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قاراش يۆنىلىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن، ھېچقانداق قازاسىز ۋە توقۇنۇشسىز ھالدا ھەممىسىنى كۈتكەن يولغا سالالىغان ئىدى.

كۆرۈنۈشى ئادەتتىكىچە، يېنىك ساقال قويۇۋالغان ھەسەن ئەلبەننا بىر قىسىم ئۆلىمالاردا ئۇچرايدىغان سۈنئىيلىك، تەكەببۇرلۇق ياكى گوللۇقتىن يىراق ئىدى. ئۇ ئەنە شۇ قىياپىتى ئارقىلىق ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى.

دەرۋەقە، ھەسەن ئەلبەننا كىشىلەر ئىچىدە ئۆزگىچە بىر شەخسكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى تونۇغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغانكى ھەرقانداق كىشى تەئەججۈپلەنمەي قالمايتتى. ئۇنىڭدا، سىياسىيونغا خاس سەزگۈرلۈك، قوماندانغا خاس شىجائەت، ئۆلىماغا خاس پاكىتچىللىق، زاهىدقا خاس ئىمان، تەنھەرىكەتچىگە خاس جۇشقۇنلۇق، پەيلاسوپقا خاس پەم – پاراسەت، خەتىبكە خاس ناتىقلىق ۋە يازغۇچىغا خاس تەمكىنلىك بار ئىدى.

شۇنداقلا ئۇ يۇقىرىقى ھەربىر سۈپەتنى — دەل مۆرىتى كەلگەندە — گويا ئۆزىنىڭ خاس تەبىئىتى كەبى نامايان قىلالايدىغان بولۇپ، سىز ساھابە كىرام ۋە تابىئىنلەر ھاياتى تەسۋىرلەنگەن كىتابلاردا ئوقۇپ كېلىۋاتقان بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى تېخى شەرق دۇنياسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىگەن ئەمەستۇر. بەلكى بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرىگە نىسبەتەن گويا ۋاقتى ئۆتكەن ياكى تېخى ۋاقتى كەلمەي ئېيتىلغان سۆز كەبى يات بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق سۈپەت ئىگىسىنىڭ شەرق دۇنياسىدا بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتىشى مۇقەررەر ئىدى.

ھالبۇكى، ئىسلام كەلىمەسىنى يېڭىچە شەكىلدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان، كوچا – كويدىكى خالايىققا ئۆز مەۋجۇدلۇقلىرىنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە كېلەچىكىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ سۆزى ئاستىغا جەملىگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ دەۋەت – تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق غەربلەشتۈرۈش، ئىرقچىلىق ۋە تار مىللەتچىلىك خاھىشلىرىنى پەسكويغا چۈشۈرگەن ۋە شۇنداقلا يازارمەنلەرنىڭ ياۋا تىللىرىنى پۇتاپ، قىسمەنلىرىنى بولسىمۇ ئىسلامىي يولچىلىقتا يۈرگۈچىلەرگە ئايلاندۇرغان ھەسەن ئەلبەننا كەبى ئوغلانلار ئالدىدا، غەرب دۇنياسىمۇ ئىلاجسىز قالغان ئىدى.

ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلغان دەۋەت

مەشرىقتىن مەغرىبكىچە، قەدىمدىن بۈگۈنگىچە دۇنياغا تونۇلغان ھەرقانداق بىر دەۋەت، ئىدېئولوگىيە ياكى بىرەر يېتەكچىلىك بىراۋلار تەرىپىدىن ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىنماي، ئوقۇلۇپ مۇزاكىرە قىلىنماي، ئالاقىدار ئىدېئولوگىيەنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيەتلىرى تەتقىق قىلىنماي ۋەياكى ئالاقىدار دەۋەت ئەھلىنىڭ تەجرىبە قىلىشقا ۋە ئەمەلىي قوللىنىپ كۆرۈشكە بولىدىغان تەرەپلىرى خاتىرىلەنمەي قويۇلغان ئىش يۈز بەرگەن ئەمەس.

قۇرئانىي ئەركەك ھەرقانداق زەربە، پېشكەلچىلىك ياكى يامانلىققا يولۇقۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن دېيىشكە تېگىشلىك بولغاننى چوقۇم دەيتتى. تەنقىدلىرىنى دائىما مەلۇم رىۋايەت ياكى ھېكايە – مەسەل تەرىقىسىدە بايان قىلاتتى. ئىش يۈرۈتكەندە بولسا ئاساسلىق پىلاننى ئۆزى تۈزۈپ چىقاتتى – دە، تەپسىلاتىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە قويۇپ بېرەتتى.

ئۇ باشقىلارغا سۆز قىلغىنىدا شۇلارنىڭ تىلىدا، شۇلارنىڭ ساھەسىدە، شۇلارنىڭ ئۇسلۇبىدا ۋە شۇلارغا ياقىدىغان دائىرىدە ھەمدە شۇلارغا تەسىر قىلىدىغان ۋە شۇلارنى ھاياجانغا سالىدىغان تەرزدە سۆزلەشكە ماھىر ئىدى.

ئۇ ئەزھەرىيلەرنىڭ، ئۇنىۋېرسىتېتتىكىلەر (ئاكادېمىكلەر) نىڭ، دوختۇرلارنىڭ، ئېنژىنېرلارنىڭ، تەسەۋۋۇفچىلارنىڭ ۋە ئەھلىسۈننەتچىلەرنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى چۈشەنگەن، شەھەرلىكلەر، قىشلاقلىقلار، مىسىرنىڭ ئۈست ۋە ئوتتۇراھال تەبىقىدىكى كىشىلىرىنىڭ شېۋە ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىگە قەدەر تونۇشۇپ چىققان ئىدى. ھەتتا ئۇ كاسىپلارنىڭ، ياشلارنىڭ ئۆزىگە خاس شېۋىلىك سۆزلىرىگە ھەمدە قاھىرەدىكى بەزى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇئەييەن سۈپەتكە ئىگە ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئايرىم سۆزلىرىگە قەدەر تونۇشۇپ چىققان بولۇپ، يۇقىرىقىلارنىڭ قايسىبىرىگە سۆز قىلسا، شۇلارنىڭ زوقىغا ۋە تىپىغا ماس كېلىدىغان قىسسەلەرنى رىۋايەت قىلىپ تۇرۇپ سۆزلىيەلەيتتى.

ئۇ ھەتتا يانچۇقچىلار، يول توسار قاراقچىلار ۋە قاتىللارنىڭ تىلىنىمۇ بىلىدىغان بولۇپ، بىر قېتىم ئۇ مەخسۇس شۇلارغا ئاتاپ نۇتۇقمۇ سۆزلىگەن ئىدى.

ئۇ قايسىلا يۇرت – شەھەرگە قىلغان ساياھىتىدە دائىما سۆز تېمىسىنى شۇ يەرلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلەر، رايون خەلقىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش رېئاللىقلىرى ۋە ساقلىنىۋاتقان زىددىيەت – توقۇنۇشلار ھەققىدە يۈرۈتەتتى – دە، بۇلارنى ئۇستىلىق بىلەن ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋىتى ۋە بۇ دەۋىتىنىڭ چوڭ – چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە باغلايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەيرانلىق قوزغايتتى ۋە ھەممىنىڭ ئەقلىنى ئالاتتى.

مىسال قىلىدىغان بولساق، ئۇ بىر قېتىم مەلۇم يېزىدىكى دېھقانلارغا مۇنداق خىتاب قىلغان ئىدى: «بىز بىرى، تەرخەمەكتەك بەك تېز ئاينىسا، يەنە بىرى، كېۋەزدەك ئاستا ئۆسىدىغان ئىككى خىل زىرائەت تېرىيمىز».

ئۇ نۇتۇقلىرىدا ھېچقاچان ئەتەي يۇقىرى ئاۋازدا ۋە كۈچەپ سۆزلەش ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى غۇلغۇلىغا كەلتۈرۈپ، ھاياجىنىنى قوزغاشنى كۆزلىمەيتتى، بەلكى ھەقىقەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، كۆڭۈللەرنى ئەقلىي قانائەت ئارقىلىق ئۇتاتتى. مەنىۋىيەتنى بولسا شەكىل بىلەن ئەمەس مەنا بىلەن، غەلىيان بىلەن ئەمەس تەمكىنلىك، غۇلغۇلا بىلەن ئەمەس دەلىل – پاكىت بىلەن ياشارتاتتى.

بەزىلەرنىڭ قارىشىدا، سۆزمەنلىك ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى سانالسىمۇ، ئەمما ھەسەن ئەلبەننا بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كۆرگەنلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىمغا قارىغاندا، سۆزمەنلىكنى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە ئاخىرقى قاتارلارغىلا تىزىش مۇمكىندۇر.

ئۇنىڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن ئالاھىدىلىكى بولسا قارشى تەرەپنى قايىل قىلىشتىكى ماھىرلىقى ۋە ھەربىر كىشىنى ئايرىم – ئايرىم ئۆزى تەرەپكە تارتالىشى، ھەربىر ساھە كىشىسىنى ئۈزۈلمەس بىر باغ بىلەن ئۆزىگە باغلىيالىشى بولۇپ، ئۇ ھەربىر ھەمراھىنى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى سۈپىتىدە كۆرەتتى. شۇنداقلا ئۇ كىملا بولسۇن ئۆزىنى تونۇيدىغانلا كىشى بولسا، يېقىن ۋە سەمىمىي دوستلۇق ئورنىتىدىغان بولۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا بۇ دوستلۇق تەرەققىي قىلىپ سىرداشلىققا ئايلىنىپ كېتەتتى ۋە بۇنداق ئۆزئارا تونۇشلۇق تەبىئىيلا خىزمەت، ئىش، ئائىلە ۋە بالىچاقا مەسىلىلىرىگە تەدرىجىي يۆتكىلىپ كېتەتتى.

مانا بۇ ئۇنىڭ ئالىيجانابلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى بىردىن – بىردىن ئۆزى تەرەپكە تارتقان، ئۇلارنىڭ روھ مەنبەلىرىنى بىرمۇبىر نىشانغا ئالغان ۋە ھېچبىرىگە خاتا تەگكۈزمىگەن ئىدى.

گەرچە ئۇ جامائەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر پۈتۈن ياكى كوللېكتىپ شەكىلدە قازانمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى، كۈچ – قۇۋۋىتى ۋە ئالىيجانابلىقى بىلەن مەيلى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن ياكى دىنىي جەھەتتە بولسۇن، ھەممەيلەننى مەۋجۇد ئەقىدىسى ۋە پىكىرىدىن ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى ۋە ئىدىيەسىگە ئېلىپ چىقالىغان ئىدى. نەتىجىدە، سىز ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنۇتاتتىڭىز – دە، ئۇنى بىر گۇناھ ياكى خاتالىقتەك كۆرۈپ، ئۇ ھەقتە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيتتىڭىز.

قۇرئانىي ئەركەكنىڭ ئەڭ ئوبرازلىق ئىشلىرىدىن بىرى، ۋەتەننى سۆيۈشتىن ئىبارەت خىسلەتنى مەنىۋىي روھنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرغانلىقىدۇر. ئۇ ۋەتەننىڭ قەدىر – قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ۋە ھۆرلۈكنى ھەممىدىن ئەزىز بىلگەن ئىدى.

شۇنىڭدەك، ئۇ يەنە «باي بىلەن كەمبەغەل ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت خەيرخاھلىق كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ھەق – ھوقۇق مۇناسىۋىتى؛ خوجايىن بىلەن خىزمەتچى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت خوجايىنلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلە – رەھىم ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى؛ ھاكىمىيەت بىلەن خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بولسا ھۆكۈمرانلىق مۇناسىۋىتى ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق مۇناسىۋىتى» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.

مانا بۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىلىرى جۈملىسىدىن بولۇپ، قۇرئانىي ئەركەك بۇلارنىڭ ھەممىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭىچە بىر شەكىلدە جاكارلىغان ئىدى.

بىلىشىمچە قۇرئانىي ئەركەك خىيالپەرەست ياكى بىراقلا يۇقىرىغا ئۆرلەشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ ئەركىن، بەقۇۋۋەت ۋە ياخشى بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى، شۇنداقلا شەرقنىڭ ئەسلى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان بىر تۈركۈم ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىيەت قىلغان ئىدى.

گەرچە بۇ ئەسىردە ھىندىستان، مىسىر، سۇدان ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق ئەللەردە بىرقاتار ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كەلگەن ۋە يامان ئەمەس تەۋرىنىشلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ئېنىق ئىجابىي تەسىرلەر بارلىققا كەلگەن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بۇ خۇددى ئۇلارنىڭ خەلق بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش، زىيالىيلار ئىچىدە ئۆزلىرىگە قارىتا ئورتاق پىكىر تۇرغۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك سادا يارىتالماسلىقتەك ئىشلىرى يامان تەسىر ئېلىپ كەلگىنىگە ئوخشاش، بىر قىسىم ئىسلاھاتچىلارنىڭ دۇچ كەلگەن كرىزىسلارغا قارىتا ئۆزلىرىنى كونترول قىلىشتا ئاجىز كېلىشى ۋە ئۆزلىرىنى قۇرۇلۇش تېخى پۈتمەي تۇرۇپلا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىش دەرىجىسىگە بېرىپ قېلىشتىن قۇتقۇزالماسلىقتەك ئىشلاردىن كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەتنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

ئاللاھ ئەنە شۇ دەۋەت ھەرىكەتلىرىگە يېڭىباشتىن جان كىرگۈزۈشنى، ئۇنىڭ بارلىق شەرت – شارائىتلىرىنى، بەلگىلىرىنى پۈتۈنلەشنى ۋە ئۇنى پىشىپ يېتىلسۇن ئۈچۈن مۇناسىپ بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئىرادە قىلغانغا قەدەر، يۇقىرىقى ئەللەردىكى دەۋەت ۋە ھەرىكەتلەر پەسىيىپ قالغان، بەلكى تىللاردا داستان، كىتاب قوينىدا دەبدەبىلىك كەلىمەلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

قۇرئانىي ئەركەك ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ دەۋەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان يېتەكچى، مۇتەپەككۇر ۋە داھىيلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن پايدىلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇلاردەك بولالىغانلىقىغا قانائەت قىلماستىن يەنىمۇ بىر بالداق ئۆرلىمەكچى بولغان ئىدى. ئۇ ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ئۆرنەك ئالماقچى بولدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن كەڭ قورساقلىقنى، ھەزرىتى ئۆمەردىن ئاددىي – ساددىلىقنى، ھەزرىتى خالىدتىن تەشكىلاتچىلىقتىكى يۇقىرى ماھارەتنى قوبۇل قىلىپ ئالدى.

ئىغۋالار ئۈستىدىن غالىب كېلىش

قۇرئانىي ئەركەكنىڭ دەۋىتىگە ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا قارىتا چەك قويۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن شۇنچە نەيرەڭلەرنىڭ ئىشقا سېلىنىشىغا قارىماي، ئۇ ئەمەلىي ئىش قىلالىغان ۋە زېمىنغا يېڭى بىر ئۇرۇقنى يەنى دەل – دەرىخى كونىراپ قالسىمۇ ئەسلا ئۆلمەيدىغان «قۇرئان» ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بىر ئۇرۇقنى يېڭىباشتىن تېرىيالىغان ئىدى. قۇرئانىي ئەركەك ئەنە شۇ تېرىغان ئۇرۇقى دەرەخ بولۇپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن ۋە يىلتىزى مۇستەھكەم ئورنىغان بىر ۋاقىتتىلا ئاندىن بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان ئىدى.

ھەسەن ئەلبەننا «شەرق»، «ئىسلام» ۋە «قۇرئان»دىن ئىبارەت ئۈچ سۆزنى مەسخىرە ئوبيېكتى قىلغان يېڭى ئىدىيە ئەربابلىرى قارشىسىدا «قۇرئان»نى ئېگىز كۆتۈرگەن ۋە بۇ يولدا تەۋرەنمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تەۋرەنمەس روھى گويا ھېلىقىلارغا شۇنداق دېمەكتە ئىدى: «مادامىكى غەرب مەدەنىيەتى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرى نەزەرىدە ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىنى تولۇق ئورۇندىيالمىغان ئىكەن، دېمەك شەرقنىڭ غەرب ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئاۋۋال ئوبدان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان ۋاقتى كەلدى».

ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىز غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى تارازىلاپ چىقىشىمىز، ئۆزىمىزدە بارىنىڭ ھەرگىزمۇ غەربنىڭكىدىن تۆۋەن ئورۇندا ئەمەسلىكىگە، پەقەت بولمىغاندىمۇ ئۆزىمىزدە بارىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز لازىم. نۆۋەتتە شەرقنىڭ مەۋجۇد دۇنياغا غەرب مەدەنىيەتىدىنمۇ بەكرەك ياراملىق بولغان ھەمدە ئاساسىي قۇرۇلمىسى ماددا بىلەن روھنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىنى تۇتاشتۇرۇش رولىغا ئىگە يېڭى بىر مەدەنىيەتنى سۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار. شۇنداقلا شەرق، غەرب مەدەنىيەتىنىڭ مەھسۇلى بولمىش ھەرقانداق نەرسىگە يولۇققىنىدا، ئالدى بىلەن ئۇنى ئىسلام مەدەنىيەتىنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىنىڭ تارازىسىغا، يەنى ‹قۇرئان› ۋە سۈننەت مىزانىغا سېلىش مەجبۇرىيىتى بار».

قۇرئانىي ئەركەك ئىسلام دىنىنىڭ شەرقنىڭ ۋۇجۇدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى يوشۇرۇن كۈچ ئىكەنلىكىگە ۋە بۇ كۈچنىڭ زېمىننى بەرقارارلاشتۇرغۇچى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلالايدىغانلىقىغا، يەر يۈزى قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى رەتكە سېلىش، ھەق – ھوقۇق ۋە ئازادلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ئۇ ھەقىقەتەنمۇ شەرقنىڭ پۈتۈنلۈككە ئىگە بولىدىغانلىقىغا، ئۆز ئورنىدىن دەس تۇرالايدىغانلىقىغا ۋە ھامان بىر كۈنى تاكامۇللىشىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ھەسەن ئەلبەننا ئۆزىنىڭ سېھىرلىك سۆزلىرى، لوگىكالىق تىلى ۋە ئۈستۈن ئىپادىلەش ماھارىتى ئارقىلىق غايەت چوڭ ئالاماننى بىرلەشتۈرەلىگەن بولۇپ، بۇ چوڭ تائىپە تۈرلۈك گۇرۇھ – جامائەتلەر ۋە تەسەۋۋۇف پىرقىلىرى ئارىسىدىن قايتىپ چىقىپ ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىغا جەم بولغان، ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغان ۋە ئىشەنگەن ئىدى.

شۇنداق قىلىپ بۇ ئىش، بەزى كىشىلەر ۋە بىر ئوچۇم پىكىر ئەھلىنىڭ ھەسەتخورلۇق ۋە ئۆچمەنلىك ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، مۇشۇنداق ئاددىي ۋە يوقسۇل بىر ئادەمنىڭ شۇنچىۋالا كىشىلەرنى پەقەتلا خۇشخۇي ۋە گۈزەل سۆزلۈك بولۇشتەك تولىمۇ ئاددىي ۋە ئاسان ئۇسۇل بىلەن ئەتراپىغا توپلىيالىغانلىقى ئۇلارنىڭ نەپرىتى ۋە تارلىقىنى قوزغىماي قويمايتتى.

ئۇنىڭغا بەزىلەرنىڭ ئىنكار پوزىتىسيەدە بولۇشىمۇ ۋە ئۇ توغرۇلۇق بىر قىسىم ئىغىۋالارنى تارقىتىشىمۇ تەبىئىي ئەھۋال ئىدى. چۈنكى، ئۇلارغا «تەئەللۇق» ھوقۇقنى بىراۋنىڭ كېلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىشى، يەنە كېلىپ «قۇرئان» نامى بىلەن كىشىلەرنى ئەتراپىغا يىغىش ئۈچۈن قارا خەلقنىڭ ئىچىدىن بىرىنىڭ چىقىشى ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق زەربە بولۇشى ھەمدە ئۇلارغا نىسبەتەن مەلۇم تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى يىراق ساناپ بولمايدىغان بىر ئىش بولۇپ، ھەسەن ئەلبەننا ئاشۇنداقلارغا قارىتىپ: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتنى كىشىلەر ئارىسىغا ئورتاق قىلىپ تەقسىملىگەن، لېكىن ئىنساننىڭ ئىنساندىن ئارتۇق بولۇشىنى بولسا، ئەمەل ۋە تەقۋالىق ئاساسىدا بولىدىغان قىلىپ بېكىتكەندۇر» دېگەن ئىدى.

قۇرئانىي ئەركەكنىڭ ھاياتى مانا مۇشۇنداق غارايىب ھادىسىلەرگە تولغان ۋە بۇ ھادىسىلەر ئەتراپىغا ئەنە شۇنداق ئېغىر چاڭ – توزانلار قونۇۋالغانلىقىنى كۆرگىنىمدىن كېيىن: «ئەجەبا، تارىخ ئۆزىنىڭ ھەق سۆزىنى جاكارلىغۇچە ۋە ئىنساپلىق تارىخچىلار ئۇنىڭ تارىخىنى بايان قىلغۇچە چوقۇم ئۇزۇن بىر مەزگىلنىڭ بېسىپ ئۆتۈلۈشى كېرەك بولامدۇ، قانداق؟» دېگەنلەر خىيالىمدىن كەچكەن ئىدى.

بىراق، مىسىردا سىياسىي مۇھىت تېزلا ئۆزگىرىشكە باشلىدى. نەتىجىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك دەۋالاردىن نۇرغۇنىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، قۇرئانىي ئەركەك توغرىسىدىكى دەۋالاردا ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېخىمۇ پاك – دىيانەتلىك ۋە ئالىيجاناب كىشى ئىكەنلىكى نامايان بولۇشقا باشلىغان ئىدى.

مەن 1946 – يىلى قۇرئانىي ئەركەك بىلەن قاھىرەدە كۆرۈشكەنىدىم. 1949 – يىلى ئۇ سۇيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم قاھىرەگە كەلگەن ۋە ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان بەزى دائىرىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا كۆپ كۈچىگەن ئىدىم. بۇ چاغدىمۇ ئۇ توغرۇلۇق ئۆزۈمنىڭ دەسلەپكى قارىشىمنى تەستىقلايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئاڭلىغان ئىدىم.

ئىگىلىشىمچە، ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆلۈمىنىڭ يېقىنلاۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك، ئەتراپىدىكى ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن دوستلىرى ئۇنىڭغا يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش ياكى شەھەردىن قېچىش ۋەياكى ئېھتىيات يۈزىسىدىن يوشۇرۇنچە غايىب بولۇش قاتارلىق تەكلىف – تەۋسىيەلەردە بولغىنىدا، ھەسەن ئەلبەننا ئۇلارغا تەبەسسۇم بىلەن مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇپ بەرگەن ئىكەن:

ئۆلۈمدىن ھېچ كىشى قۇتۇلغان ئەمەس،

قىل چېغىدا تەقدىرسىز تەۋرىگەن ئەمەس.

كەلمىسە بۇ ئەجەل قېچىپ نە قىلاي،

گەر كەلسە بۇ يولدا قاچقان مەرد ئەمەس.

قۇرئانىي ئەركەك يەنە، ئۆزىنىڭ يارەنلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئىشىنىمۇ ھەرگىز ئەستىن چىقارمىغان بولۇپ، بۇ ئىش ئۇنى پۈتۈنلەي ئەسىر قىلىۋالغانلىقتىن كېچىلىرى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كەتكەن، ھەتتا بۇنداق چاغلاردا قولى بىلەن ئىككى قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ تۇرۇپ: «ئاتا – ئانىلىرى تۈرمىلەردە ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغان پەرزەنتلەرنىڭ ئاھۇ – زارلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىماقتا» دېگەن ئىكەن.

قۇرئانىي ئەركەكنىڭ كۈرەش تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ جىھاد ئىچىدە ئۆتكۈزگەن جەڭ كۈنلىرىدىن بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولغان مەزگىل 1939 – يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى يىللار بولغان ئىدى.

ئۇرۇش ئوتى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى تەشكىلاتلىشىشتىن، سىياسەتتىن، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىدىن مەشغۇل قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قۇرئانىي ئەركەك ئۇخلاپ ياتمىدى. ئۇ ھەممە يەرنى ئايلاندى، كۆردى ۋە ھەربىر شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىدىن، قىشلاق ۋە يايلاققىچە بېرىپ ياشلارنى تەكشۈردى، قېرىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، يۇرت چوڭلىرى ۋە ئالىم – ئۆلىمالار بىلەن، گېزى كەلگەندە مىنىستىرلارنىڭ گۇماشتىلىرىمۇ قالماي ھەممە بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى. نەتىجىدە، ئۇلاردىن بىر بۆلىكى ئۇنىڭ لەپىلدەپ تۇرغان بايرىقى ئاستىغا، سەپ تارتىپ تۇرغان قوشۇنى ئىچىگە قېتىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلىشتى.

ئىنگلىزلار ئۇنىڭغا زور مىقداردا مال – دۇنيا تەقدىم ئېتىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ بۇنى ئىككىلەنمەي رەت قىلغان ئىدى. پۈتۈن تەشكىلاتلار جىمجىت كۈتۈش ئىچىدە ئۇيقۇغا چۆمگەندە بولسا، پەيلىرى بەئەينى پولاتلىشىپ كەتكەن بۇ ئەركەك كۈنىگە يىگىرمە سائەتتىن ئارتۇق ھارماي – تالماي خىزمەت قىلاتتى.

ئۇ ئۆز ئىدېئولوگىيەسىنى تەرىپلىگۈسىز دەرىجىدە سۆيەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۆزى قىلىۋاتقان دەۋىتىدىن باشقا ئۇنى مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان ھېچنەرسە يوق بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىدىيەسىگە گويا ساھىبجامالغا ئاشىق بولغاندەكلا ئاشىق ئىدى. شۇڭلاشقا، بىدار ئۆتكەن كېچىلەر، ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي قىلىنغان سەپەرلەر ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمىگەن ۋە ئۇنى چارچىتىپ قويالمىغان ئىدى.

ئۇنىڭغا ئىشلارنى قولاي ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلالايدىغان، كرىزىسلارغا تېز سۈرئەتتە تاقابىل تۇرالايدىغان، مۈشكۈلاتلارنى ئاسانلا ھەل قىلالايدىغان ۋە تۈگۈنلەرنى ئوڭايلا يېشىۋېتەلەيدىغان شۇنداق بىر ئاجايىب قۇدرەتلىك ئەقىل ئاتا قىلىنغان ئىدى.

ئۇنىڭ بىر ئىشنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەپسىلاتىنى بىلىشكە ھاجىتى چۈشمەيتتى، گويا ئۇ ئىشنىڭ ھەممە تەرەپلىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگىدەكلا، گەپنىڭ بېشى دېيىلگەن ھامان قارشى تەرەپنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ بولاتتى. بەلكى ئۇ بەزىدە سىزنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىڭىزنى سىزدىن بۇرۇن ئۆزىڭىزگە ئاشكارىلاپ بېرىپ ئارقىدىن سىزگە سىز سورىماقچى بولغاننى بىرمۇبىر تەپسىلاتى بىلەن ئېيتىپ بېرەتتى.

ئۇ پاراسەتتە كۆلەڭگۈلەرنىڭ ئارقىسىدىكىنىمۇ كۆرۈپ يېتەلەيدىغان دەرىجىدە ئۆتكۈر بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدا ئىلاھىي سىرنىڭ نەمۇنەلىرىمۇ تېپىلاتتى.

ئۇ ھەممە نەرسىنى ئىچىگە يۇتۇۋالغان بولۇپ، ئىستەڭ ئىلمىي جەھەتتىن، ئىستەڭ پىكىرىي جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى قانۇنغا ئالاقىدار، مەيلى جەمئىيەتشۇناسلىققا دائىر بولسۇن، خاھ سىياسەت، خاھ ئەدەبىيات توغرۇلۇق بولسۇن، ئىشقىلىپ يېڭى ئۇقۇم، يېڭىچە نەزەرىيەلا بولىدىكەن، سىز ئۇنىڭ ئوقۇشلۇقى بولۇشتىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىق بىلىپ چىقىشىدىن چەتتە قالمىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايتتىڭىز.

داۋامى بار…

 

تەرجىمىدە: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

Please follow and like us:
Exit mobile version