Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مەزلۇم خەلىپە _ سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىككىنچى

مەزلۇم خەلىپە _ سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىككىنچى

مەزلۇم خەلىپە _ سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىككىنچى

(ھىجرىيە 1258 – 1336 / مىلادىيە 1842 – 1918)

 

ھەر قېتىم مۇشۇ ئىسىم قۇلاقلىرىم تۈۋىدە تەكرارلانسا، شۇ ئىسىم ساھىبىنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى ئەسلەيمەن: «ھەربىر ماكاندىكى بارچە مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، بىر – بىرىمىزگە تېخىمۇ بەك يېقىن تۇرۇشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق بىرلىك بولماي كېلەچىكىمىزدىن ئۈمىد يوق. بىرلىشىش ۋاقتى بىزگە تېخى كېلىپ بولالمىدى، ئەمما، ئۇ ۋاقىت شۇنداق بىر كۈندە كېلىدۇكى، ئۇ كۈندە جىمى مۆمىنلەر بىرلىشىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بىر تەن بولۇپ ئۇيۇشىدۇ ۋە خورىكى ئۆسۈپ كەتكەن كاپىرلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ!»‏‏. بۇ سۆز ساھىبى بولسا بۈيۈك ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ 34 – سۇلتانى، ئۇلۇغ ئوسمانىيلار سۇلتانلىرىنىڭ ئاخىرقىسى، دۇنيا يەھۇدىي قىساسچىلىرى ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى (تىيودور ھېرتزىل) نى تىز پۈكتۈرگۈچى سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىككىنچىدۇر.

سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىككىنچى مىلادىيە 1842 – يىلى 9 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چارشەنبە تۇغۇلغان. ئۇ سەككىز ياش چېغىدا ئانىسى سىل كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن. ئاندىن ئۇنى دادىسىنىڭ كۈچلۈك دىيانىتى بىلەن تونۇلغان ئىككىنچى ئايالى تەربىيسىگە ئالىدۇ ۋە ئابدۇلھەمىدكە بارچە مىھېر – مۇھەببىتىنى بېغىشلايدۇ. چوڭ بولۇپ ئابدۇلھەمىد بېقىۋالغان ئانىسىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىگە جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ئابدۇلھەمىد ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەيتتى: «ئۆز ئانام ھايات بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ كۆڭۈل بۆلگەندىنمۇ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلەلمەس ئىدى».

بېقىۋالغان ئانىسى ۋاپات بولغان چاغدا جىمى بايلىقىنىڭ سۆيگەن بالىسى ئابدۇلھەمىدكە قېلىشىغا ۋەسىيەت قىلغانىدى.

سۇلتان ياشلىقىنى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى: «ئوقۇش، يېزىشنى بىلمەيدىغان قارا قورساق شەخس» دەپ تەسۋىرلىگىنىنىڭ ئەكسىچە، ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ تۈرك تىلىدىن باشقا پارس تىلى، ئەرەب تىلى ۋە فرانسۇز تىللىرىنى ئۆگەنگەن بولۇپ شېئىر ئېيتاتتى ۋە كىتاب ئوقۇشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. شۇنىڭدەك يەنە تەقۋالىقى، دىنىدا مۇستەھكەملىكى بىلەنمۇ مەشھۇر ئىدى. ئۇنىڭ قىزى ئائىشە ئۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «دادام بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلاتتى، ‹قۇرئان› ئوقۇيتتى، جامە – مەسجىدلەرنى كۆزدىن كەچۈرەتتى،‏ بولۇپمۇ، رامىزاندا كۆپ ‏‏كۆزدىن كەچۈرەتتى».

سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىككىنچى مىلادىيە 1876‏ – يىلى 31 – ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى دۆلەت تەختىدە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ چاغدا دۆلەت قەرزگە بوغۇلۇپ، ئېغىر يۈكلەر بېسىۋالغان ھەمدە ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلەر يامراپ كەتكەنىدى. ئىچكى جەھەتتە مىللەتچىلىك ئىدىيەلىرى، ۋەيران قىلغۇچ ئىدىيەلەرگە ئىگە ئىلمانىزىم پارتىيەلىرى، يەھۇدىيلارنىڭ ماسۇنىزم يىغىلىشلىرى جانلىنىپ كەتكەن ئىدى، «ياش تۈركىيە»، «ئوسمانلى ياشلىرى»، «بىرلىك ۋە تەرەققىيات» ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقنى غەربلىشىشكە، ئىسلام خىلاپىتىنى ۋەيران قىلىشقا چاقىراتتى. تاشقى جەھەتتە بولسا ئارقىمۇئارقا يۈز بەرگەن ئىككى ئۇرۇش ئارقىلىق رۇسنىڭ كۈچلۈك تەھدىتلىرى، ئىنگىلىزلارنىڭ مىسىر، سۇدان ۋە قىبرىسلارنى بېسىۋېلىشى، فرانسوزلارنىڭ ئالجىرىيە ۋە تونىسنى بېسىۋىلىشى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە رۇسلارنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا كۈشكۈرتۈشى نەتىجىسىدە (‏ئىسلام خىلاپىتىگە تەۋە) بالقاندا، بولۇپمۇ، بۇلغارىيە، سىرىب، قارا تاغ قاتارلىق جايلاردا ‏خىلاپەتكە قارشى پارتلىغان قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەنىدى.

بۇ زۇلمەتلىك مۇھىت ئىچىدە سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئوتتۇز يىلدىن كۆپرەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، ئۇ بۇ جەرياندا سان – ساناقسىز ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەرگە يولۇقتى. ئۇ رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەتنى يىمىرلىشتىن ساقلاپ قالدى. (ئىسلام خىلاپىتى باشقۇرۇشىدىكى) «گىرىت»لىكلەرنىڭ ئىسيانىنى يوقاتتى، يۇنانلار ئۈستىدىن غەلىبە قازاندى ۋە ئارمىيەنى، زامانىۋى ئۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن مەشىقلەندۈردى.

شۇنداقلا يەنە، ئىسلام خىلاپىتى چۈشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام خىلاپىتى بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇشى ئۈچۈن، ئىسلام بىرلىكى قۇرۇشقا چاقىرىپ، غەربلىشىش دولقۇنلىرى ۋە ئىلمانىزم ئىدىيەلىرىگە تاقابىل تۇردى، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى، ھەر خىل فاكۇلتېتلىرى بار ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئاچتى، قۇرۇلۇشلارنى كېڭەيتتى ۋە 1327 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دىمەشقتىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگىچە بولغان ھىجاز تۆمۈر يول لىنىيسىنى قۇرۇپ چىقتى.

ئۇنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا كەلسەك، يەھۇدىي قىساسچىلىرى بۇ قىساسچىلىق ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن تارتىپلا، سۇلتان ئابدۇلھەمىدنى يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە كۆچۈشى ئۈچۈن پەلەستىننى ئېچىۋىتىشكە ۋە پەلەستىندە ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلىشقا قايىل قىلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشقا تىرىشتى. يەھۇدىي ھېرتزىل بۇ ئالاقىلىرىنى ياۋروپا مۇستەملىكىچى دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بارغانىدى. ھېرتزىل ئوسمانىيلار دۆلىتى ئۇچراۋاتقان مالىيە قىسىنچىلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ سۇلتاننى يەھۇديىلارنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش بەدىلىگە دۆلەتنىڭ مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋېلىشقا كۈشكۈرتتى. ئەمما، سۇلتان كۈشكۈرتۈشلەر، ۋەدە ۋە تەھدىتلەر ئالدىدا ھېچبىر ۋاقىت قەتئىي تەۋرەنمىدى ۋە بوشىشىپ قالمىدى. يەھۇدىيلار ئاخىرى سۇلتان ئابدۇلھەمىد سۇلتانلىق تەختىدىلا بولىدىكەن، ئۆزلىرىگە بىر مىللىي ۋەتەن قۇرۇش چۈشىنىڭ رېئاللىققا ئايلانمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. سۇلتان ئابدۇلھەمىد ھېرتزىلنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلىش ئۈچۈن يازغان خېتىدە مۇنداق دەپ كەلگەن: «دوكتور ھېرتزىلغا نەسىھەت قىلىپ قويۇڭلار، بۇ توغرۇلۇق جىددىي پىلانلارنى سوقۇپ يۈرمىسۇن. مەن ھەقىقەتەن پەلەستىن زېمىنىدىن بىر غېرىچ ‏‏يەردىنمۇ ۋاز كەچمەيمەن. چۈنكى، پەلەستىن زېمىنى مېنىڭ مۈلكىم ئەمەس، بەلكى ئۇ بارچە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۈلكى. مېنىڭ خەلقىم بۇ زېمىن ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئۇنى ئۆز قانلىرى بىلەن سۇغارغان. يەھۇدىيلار مىليونلىغان پۇللىرىنى چېكىگە تاڭسۇن! بۇ خىلاپەت دۆلىتى بىر كۈنى پارچىلانسا، ئۇلار شۇ چاغدىلا پەلەستىن زېمىنىنى ھەقسىز – پۇلسىز ئالالايدۇ. ئەمما، ماڭا نىسبەتەن، ھاياتلىقىمدا خلاپەت دۆلىتىدىن ئايرىلغان پەلەستىننى كۆرگىنىمدىن بەدىنىمنىڭ كېسىپ تىلىنىشى ئەۋزەلدۇر، بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىشتۇر! بىز ھاياتلا بولىدىكەنمىز (پەلەستىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان) بەدىنىمزنىڭ پارچىلىنىشىغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز».

شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلامغا قارشى ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئالدىدا، يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىننى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشى يولىدا ئېگىز داۋان كەبى توسالغۇ بولۇۋاتقان كۈچلۈك ئەركەك ئابدۇلھەمىد ئىككىنچىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆرۈپ تاشلاشتىن باشقا چارىسى قالمىدى.

ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق ئابدۇلھەمىدكە بېسىم قىلىش ئۈچۈن سىلانىك ۋە مەناستىرغا ئوخشاش بىر قانچە شەھەرلەردە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىدىغان نامايىشلار پىلانلىنىپ، خىلاپەتنى ئاغدۇرۇش پىلانلىرى باشلاندى.

ئابدۇلھەمىدنى مۇشۇنداق بېسىملار ئورىۋالغاچقا، ئۇ پارلامېنتنى ۋە ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى»([1]) ئادەملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلىرىگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلدى.

‏ئوسمانىيلارنىڭ قەلبلىرىدە ھۆرمەتكە ۋە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە ئابدۇلھەمىدتەك بىر ئادەمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا بۇ پىلانلار يېتەرلىك بولمايتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئىستانبۇلدا 1909 – يىلى 31 – مارت ۋەقەسى پىلانلاندى. ‏ئۇ ۋەقەدە ئىستانبۇلدا «بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى»نىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ پىلانلىشى بىلەن پايتەختتە زور قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئەسكەرلىرى سىلانىكتىن ئىستانبۇلغا كىرىدۇ ۋە خىلاپەت سارىيىدا بىگۇناھ دېمەي چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدۇ، ئاندىن ئوسمانىيلار ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى ئىسمائىل ھەققىينى ئۆلتۈرىدۇ. سۇلتان ئابدۇلھەمىدكە ئىسلام شەرىئىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان دېگەن قارىلاشلارنى ئارتىشىدۇ.

خانلىق مەجلىس دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەجلىس قۇرۇپ چىقىلىپ، بىرلىك ۋە تەرەققىيات ھەرىكىتى مەجلىسى بىلەن بىرلەشتۈرىلىدۇ. شەيخۇلئىسلام مۇھەممەد زىيائۇددىننىڭ تەھدىت ئاستىدا چىقىرىلغان پەتىۋاسىدىن كېيىن، ئۇلار سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ مەنسەپتىن ئېلىنغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بەھرى ئارىف ھىكمەت، ئارام ئەرمەنى، ئەسئەد تۇبتانى، ئىمانۇئېل قاراسۇ يەھۇدىي قاتارلىق بىر گۇرۇپپا كىشىلەر خىلاپەت سارىيىغا بېرىپ، سۇلتانغا ھوقۇقتىن ئېلىنغانلىق خېتىنى تاپشۇرىدۇ. سۇلتان بۇيرۇقنى تىنچلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ – يۇ، ئەمما، مۇسۇلمانغا خاس ئىززەت – غورۇر بىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسىگە خاس ھۆرمىتى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ‏‏ۋە «ئەتىنى سارىيى»غا پالىنىدۇ. ئۇنى تېخىمۇ خارلاش ئۈچۈن سارايغا بىر يەھۇدىي ئادەم ئىگە بولغانىدى. سۇلتان پۈتۈن بايلىقلىرىدىن ئايرىۋېتلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردە قاتتىق مۇھاپىزەتكە ئېلىنىپ، كىشىلەردىن ئايرىم كۈن كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن «بىلىربى سارىيى»غا پالىنىدۇ ۋە شۇ يەردە مىلادىيە 1918 – يىلى 10 – فېۋرال 76 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

خىلاپەتنىڭ ئاخىرقى بېتى مۇشۇنداق قاتلىنىپ كېتىدۇ. سۇلتان ئابدۇلھەمىدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن ئوسمانىيلار دۆلىتى ھەقىقىي يىقىلىدۇ. يەھۇدىيلار ۋە ئىسلامنىڭ بارچە دۈشمەنلىرى بۇ كۈننى ئۆزلىرىگە بايرام دەپ قارايدۇ ھەمدە بۇنى تەبرىكلەپ پوچتا ماركا قىلىپ بېسىشىدۇ ۋە پەلەستىنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ.

كىشىلەرنىڭ سۇلتان ئابدۇلھەمىد ‏ھەققىدە ئېيىتقانلىرى

‏‏پروفېسسور ۋە بوداپىشت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەئىسى ئەرمىنۇس ۋامبىرى (يەھۇدىي) مۇنداق دېگەن: «سۇلتان ئابدۇلھەمىد بولسا مۇستەھكەم ئىرادە، ساغلام ئەقىل، ئۆزگىچە سالاھىيەت، ناھايىتى يۇقىرى ئەدەپ – ئەخلاق ساھىبىدۇر. ئۇ ئوسمانىيلارنىڭ ئېسىل تەربىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. سۇلتان مېنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە كەمتەر ۋە تەمكىن شەخس ئىدى. ياۋروپا پادىشاھلىرى قىلغاندەك قىلماي، بەلكى ھەرقانداق مۇناسىۋەتتە يېنىدا ئولتۇرغان ئادەمگە ئۆزىنىڭ سۇلتان ۋە ھۆكۈمدارلىقىنى تۇيدۇرمايتتى، ئاددىي كىيىنەتتى، ماختىنىشنى ياخشى كۆرمەيتتى. ئۇنىڭ دىن، سىياسەت ۋە مائارىپ ھەققىدىكى ئىدىيەلىرى ئىلغار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ دىنىغا ناھايىتى چىڭ ئېسىلاتتى، ئالىملارغا ۋە دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلەتتى، مول ئاتا – ئېھسانلىرىدا ھەتتا رۇم پاپاسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايتتى».

‏‏جامالىددىن ئافغانىي مۇنداق دېگەن: «سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئەگەردە ئۇنىڭ زامانىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئېستىداتلىق تۆت شەخس بىلەن سېلىشتۇرۇلسا، ئۇ زېرەكلىكى، ئۆتكۈرلۈكى ۋە سىياسەتشۇناسلىقى بىلەن ھەممىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ».

‏‏مورۇن (خىرىستىيان دىنىدىكى بىر مەزھەپ) پاپىسى ئىلياس ھۇۋىك مۇنداق دېگەن: «لېۋان ۋە بىزنىڭ مورۇن مەزھىپىمىز سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىككىنچىنىڭ دەۋرىدە مول ياخشىلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىغانىدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنى قانداق كۈنلەر كۈتىۋاتىدۇ، بىلمەيمىز».

‏مەنبە: www.islamweb.net

تەرجىمىدە: قاراخانىي


([1]) ئوسمانىيلار دۆلىتىدىكى تۇنجى سىياسىي پارتىيە ۋە ئۆكتىچى ھەرىكەت.

Please follow and like us:
Exit mobile version