Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مۇجاھىد ئەمىر — ئابدۇلقادىر جەزائىرىي

مۇجاھىد ئەمىر — ئابدۇلقادىر جەزائىرىي

مۇجاھىد ئەمىر — ئابدۇلقادىر جەزائىرىي

(ھ. 1222 – 1300 / م. 1807 – 1883)

 

ئەمىر ئابدۇلقادىر جەزائىرىي مەشھۇر مۇجاھىد، بۈگۈنكى ئالجىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى، دىنىي ئالىمى، شائىرى، پەيلاسوپى، سىياسىيونى، شۇنداقلا كۈرەشچىسى بولۇپ، فرانسىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىنقىلاب قىلىش بىلەن تونۇلغان.

نەسەبى

تولۇق ئىسمى ئەمىر ئابدۇلقادىر ئىبنى ئەمىر مۇھيىددىن ئىبنى مۇستافا بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى پۇشتىدىندۇر.

ئابدۇلقادىر جەزائىرىينىڭ نەسەبى 9 – ئەسىردە مەراكەش دۆلىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدرىسىيلار خانىدانلىقى جەمەتىگە تۇتىشىدۇ.

ئۆسۈپ يېتىلىشى

ئابدۇلقادىر جەزائىرىي ئالجىرىيەنىڭ مۇئەسكەر رايونى ۋادى ھەممامدىكى قەيتەنە يېزىسىدا، ‏ھ. 1222، 23 – رەجەب كۈنى‏ / ‏م 1807، 25 – سىنتەبىر دۇنياغا كەلگەن. كېيىن ئۇنىڭ دادىسى ۋاھاران شەھرىگە كۆچۈپ كەلگەن.

ئەمىر ئابدۇلقادىرنىڭ دادىسى مۇھيىددىن زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايدىغانلاردىن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، ۋاھاران شەھرىنىڭ ئوسمانىيلار ھاكىمى بىلەن تەبىئىيلا سۈركىلىشىپ قالاتتى. بۇ خىل سۈركىلىشىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىش بىلەن خاتىمىلىنەتتى. شۇڭا، ئۇ ئالجىرىيە زېمىنىنى تاشلاپ ئۇزۇن سەپەرگە چىقىشنى تاللىدى. ھ. 1241 / م. 1825 – يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ھەج قىلىشى ئۈچۈن ئالجىرىيەدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئوغلى ئابدۇلقادىرنى ئېلىپ سەپەرگە ئاتلاندى.

ئەمىر ئابدۇلقادىرنىڭ سەپىرى ئالدى بىلەن تۇنىسقا، ئاندىن مىسىر، ھىجاز، شام ۋە باغداد رايونلىرىغا، ئاخىرىدا ھىجاز رايونىغا بېرىش بىلەن تاماملىنىپ، ھ. 1243 / م. 1828 – يىلى ئاخىرى يەنە مىسىر، بەرقە، ترىپولى ۋە تۇنىسلاردىن ئۆتۈپ ئالجىرىيەگە قايتىپ كەلدى.

بۇ قېتىملىق سەپەر ئۇنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بىلىش سەپىرى ھەمدە ياشاش سەپىرى بولغان ئىدى.

ئۇلار ئۆز يېزىسى قەيتەنەگە ئورۇنلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، فرانسىيە ئالجىرىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ھ. 1246، مۇھەررەم / م. 1830، 5 – ئىيۇندا پايتەختنى ئىشغال قىلدى. ئوسمانىيلار ھاكىمى ناھايىتى تېزلا تەسلىم بولدى. لېكىن، ئالجىرىيە خەلقىنىڭ باشقىچە ئويى بار ئىدى.

جىھاد قىلىشقا بەيئەت بېرىش

رەھبەرلەر ئارىسىدىكى تالاش – تارتىش خەلقنىڭ بىرلىكىنى بۆلىۋەتكەن بولۇپ، غەرىس ئاھالىلىرى ۋە ئۆلىمالىرى بايراقنى قولىغا ئالىدىغان ۋە قوماندانلىقى ئاستىدا جىھاد قىلىشقا بەيئەت قىلىدىغان بىر قوماندان ئىزدىدى. كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بىردەك مۇھيىددىن ھۈسەيندە مۇقىملاشتى. ئۇنىڭغا ئەمىرلىك تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا بۇ كىشى ئەمىرلىك تەكلىپىگە ئۆزرە ئېيتىپ، جىھاد ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلىشنى ماقۇل كۆردى.

ئۇلار ماراكەش پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىكىدە بولۇشى ئۈچۈن پادىشاھقا ئادەم ئەۋەتتى. ماراكەش پادىشاھى سۇلتان ئابدۇرراھمان ئىبنى ھىشام بۇ تەكلىپنى ماقۇل كۆرۈپ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى ئىبنى سۇلايماننى ۋاھاران شەھرىگە ئەمىر قىلىپ ئەۋەتتى. ئىشلار تېخى ئىزىغا چۈشە – چۈشمەيلا، فرانسىيە تەرەپ ماراكەش سۇلتانىغا ئۇرۇش قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ توسالغۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان چېكىنىپ تاغىسىنىڭ ئوغلىنى قايتۇرۇپ كەلدى. نەتىجىدە، ۋەزىيەت قايتىدىن نۆل ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى.

مۇھيىددىن ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ، بىرقانچە قېتىم دۈشمەنلەرگە قارشى جەڭلەردە زەپەر قۇچقاندىن كېيىن، ئەتراپىغا يېڭىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر يىغىلدى. ئابدۇلقادىر بۇ غەلىبىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە قوشۇننىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىدى. دادىسى مۇھيىددىن بۇ ئورۇنغا (يەنى ئەمىرلىككە) ئوغلى ئابدۇلقادىرنى قويۇش تەكلىپىنى بەردى. كۆپچىلىكمۇ بۇ تەكلىپكە قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ياش يىگىت بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى.

كىشىلەر ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى، دادىسى ئۇنىڭغا دىننىڭ ياردەمچىسى دېگەن نامنى بەردى. كىشىلەر ئۇنىڭغا سۇلتان بولۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەمىر دېگەن نامنى تاللىدى. شۇنداق قىلىپ، ھ. 1248، 13 – رەجەب كۈنى / م. 1832، 20 – نويابىر دىننىڭ ياردەمچىسى ئەمىر ئابدۇلقادىر ئىبنى مۇھيىددىن مەيدانغا چىقتى.

ئەمىر ئابدۇلقادىر بىرقاتار ئىلىملەرنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇ پەلسەپە، فىقھ، ھەدىس، تارىخ، ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، تېبابەت ۋە باشقا ئىلىملەرنى ئۆگەندى، شۇنداقلا «بۇخارىي» ۋە «مۇسلىم»دىن ئىبارەت ئىككى سەھىھ كىتابنى ئۆگەندى ۋە ئۆگەتتى. ئۇ گىرامماتىكىغا ئائىت «ئەلفىيە»نى، ئەقىدە ئىلمىگە ئائىت «سەنۇسىييە»نى، «قۇرئان» ئىلىملىرىگە ئائىت «ئەلئىتقان»نى ئۆگەندى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئابدۇلقادىر شەرئىي ۋە ئەقلىي بىلىملەر جەھەتتىن ھەم يۇرت كېزىپ ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە جەڭ تەجرىبىلىرى جەھەتتىن مۇكەممەل يېتىشىپ چىققان ئىدى.

دېمەك، بۇ ياش ئەمىردە ئۇنى مۇشۇ ئورۇنغا لاياقەتلىك قىلىدىغان سالاھىيەتلەر تولۇق ھازىرلانغان ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىغا يوللىغان تۇنجى مەكتۇبىدا مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۇلارنىڭ (يەنى ۋاھاران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار ئاھالىسىنىڭ) بەيئەتىنى ۋە ئىتائەتلىرىنى قوبۇل قىلدىم. گەرچە بۇ مەنسەپكە مايىللىقىم بولمىسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش – تارتىش، جېدەل – ماجىرالارنىڭ تۈگىشى، يول ئەمىنلىكى، پاك شەرىئەتكە زىت ئەمەللەرنى چەكلەش، دۆلەتنى دۈشمەنلەردىن قوغداش، شۇنداقلا كۈچلۈكلەر ۋە ئاجىزلار ئوتتۇرىسىدا ھەق – ھوقۇق ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ قوبۇل قىلدىم. بىلىڭلاركى، مېنىڭ ئەڭ ئالىي غايەم ئىسلام ئۈممىتىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئىسلام شوئارلىرىنى ئورۇنلاش. ئەنە شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم».

ھ. 1250 / م. 1834 – يىلى فرانسىيە ئەمىر ئابدۇلقادىر بىلەن «دېمىچىل» ‏تىنچلىق كېلىشىمىنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ كېلىشىمدە فرانسىيە تەرەپ ئەمىر ئابدۇلقادىرنىڭ دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئابدۇلقادىر دۆلەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش، شۇنداقلا تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىشلىرىغا يۈزلىنىشكە باشلىدى.

ئەمىر ئابدۇلقادىر دۆلەتنىڭ ئامانلىقى جەھەتتە، فرانسىيە تارىخشۇناسلىرى «ئۇنىڭ دۆلىتىدە بىر كىچىك بالا بېشىغا ئالتۇندىن تاج كىيىۋالغان ھالەتتىمۇ، ھېچقانداق دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىماستىن ئۆزى يالغۇز ئايلىنالايدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك، شۇ دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.

ئابدۇلقادىر ئەمىرلىككە تەيىنلەنگەن ۋاقىتتا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەت بەكلا ناچار بولۇپ، ئۇنىڭدا دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىغۇدەك يېتەرلىك ئىقتىساد يوق ئىدى. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ ئەمىرلىكىگە قارشى چىققۇچىلارمۇ بار ئىدى. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى يوقىتىپ قويمىدى. چۈنكى، ئۇ داۋاملىق بىرلىكنى ساقلاشقا، ئىچكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشكە، شەخسىي مەنپەئەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا چاقىراتتى.

ئەمىر ئۆز مەنسىپىنى شەرەف ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەت دەپ قارايتتى. ئۇ مۇئەسكەر مەسجىدىدە خۇتبە ئوقۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مېنىڭ ئەمىرلىككە رازى بولۇشۇم قوشۇننىڭ ئالدىدا مېڭىش ۋە سىلەرنى ئاللاھ يولىدىكى جەڭلەرگە يېتەكلەش ئۈچۈندۇر. ئەمىرلىك مېنىڭ نىشانىم ئەمەس. مەن، سىلەر مەندىنمۇ ياخشى رەھبەرلىك قىلالايدۇ، مەندىنمۇ قابىلىيەتلىك دەپ قارىغان ھەرقانداق بىر قوماندانغا دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە ۋەتەننى ئازاد قىلىش شەرتى ئاساسىدا بويسۇنۇشقا تەييارمەن».

ئەمىر ئابدۇلقادىردىن بايانات

ئۇ ئەمىرلىككە تەيىنلەنگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ تېخىچە ئۆزىگە بەيئەت قىلمىغان ھەرخىل قەبىلىلەرگە بايانات يېزىپ ئەۋەتتى. تۆۋەندىكىسى شۇ باياناتنىڭ ئابزاسلىرىدىن:

«بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم، جىمى ھەمدۇسا يەككە – يېگانە ئاللاھقا خاستۇر. كەينىدىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغان زات مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن!

ھەرقايسى قەبىلىلەرگە: ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە توغرا يولغا باشلىسۇن، شۇنداقلا ياخشى نەتىجىگە يېتەكلىسۇن! مەقسەتكە كەلسەك، نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر مېنىڭ ئەمىرلىككە تەيىنلىنىشىمگە بىردەك قوشۇلۇپ، مېنى ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىشقا تاللىدى. مەيلى خۇشاللىق ياكى خاپىلىق، باياشاتچىلىق ۋەياكى غۇربەتچىلىكتە بولسۇن ماڭا ئىتائەت قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ھاياتىنى، مال – مۈلۈكلىرىنى بۇ مۇقەددەس ئىش ئۈچۈن پىدا قىلىدىغانلىقىغا ئەھدە بەردى.

شۇ ۋەجدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى، ئۆزئارا بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكى، بارلىق پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشى ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بارلىق ئىشلارنىڭ چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ناھايىتى قىيىن شارائىتتا تۇرۇپمۇ ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم.

بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلىشتا، ماڭا ھۆكۈمرانلىقنى بەرگەن ۋە ھەربىر ئىشلىرىدا ھەمىشە ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاشۇ كىشىلەرگە، كۈچلۈك ۋە ئاجىزلارغا، باي ۋە كەمبەغەللەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئايەت ۋە تەلىماتلارغا مەھكەم ئېسىلىشنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىپ مېڭىشنى شەرت قىلدۇق. شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنى مۇشۇ ئەھدىگە ئورتاق بولۇشقا ‏چاقىرىمىز. سىلەرنىڭ مۇكاپاتىڭلارغا ئاللاھ كېپىلدۇر. مېنىڭ مەقسىتىم بولسا ئىسلاھ قىلىشتۇر. مەن ئاللاھقا ئىشىنىمەن ۋە ئاللاھتىن بۇ ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى سورايمەن».

ئەمىر ئابدۇلقادىر ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى قىلغان بولۇپ، ئۇ سىياسىي ئېڭى تۆۋەن بىر قىسىم قەبىلە باشلىقلىرى تەرىپىدىن ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ۋە مۇستەملىكىچىلىك توسالغۇلىرىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇ بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشتى.

ئەمىرنىڭ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى يولى بولسا ئاۋۋال قانائەتلەندۈرۈش، ئىمان ۋە جىھادنىڭ تەقەززالىرىنى ئەسلىتىش ئىدى.

ئەمىر ئاۋام – خەلقنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. چۈنكى، نۇرغۇن قەبىلىلەر مۇستەقىل تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشقا كۆنمىگەن ئىدى.

ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىمانى سەۋەبلىك، كۆپلىگەن قەبىلىلەر بىرەر پاي ئوق ئىشلىتىلمەستىنلا ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن قوشۇلغان ئىدى.

ئۇنىڭ پاساھىتى ۋە دەلىل – پاكىتلىرى بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشىدىكى مەقسەتلىرىنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە يېتەرلىك ئىدى.

دۆلەت قۇرۇشى

ئەمىر ئابدۇلقادىر نەسىھەت قىلىش ۋە قانائەتلەندۈرۈش ئۇسلۇبى ئۈنۈم بەرمىگەن چاغدا، مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىدىن چىقىپ كەتكەن ۋە مۇسۇلـمانلارنى پارچىلىۋېتىش ئۈچۈن دۈشمەنلەرگە ياردەم بەرگەن كىشىلەرگە قىلىچىنى يالىڭاچلايتتى.

ئەمىر ئابدۇلقادىر ئۆلىمالاردىن دىن ۋە ۋەتەن دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشتا پايدىلىق پەتۋالارنى بېرىشىنى تەلەپ قىلاتتى.

ئەمىر ئىككى ئاساسىي مەقسەتنى نىشانلىغان بولۇپ، بىرى، مۇنتىزىم ئارمىيە تەشكىللەش، يەنە بىرى، بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇش ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلاردىكى ياردەمچىلىرى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى خاتىرجەملىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.

ئۇ تۈزۈپ چىققان ساقچى قانۇنى ئارقىلىق يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان يول قاراقچىلىرىغا خاتىمە بېرىلىپ، كىشىلەرنىڭ يول – يۈرۈشى خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن، ئوغرىلىق قىلـمىشلىرى ئاخىرلاشقان ئىدى.

ئەمىر نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىقلارغا قاتتىق زەربە بەردى ھەمدە ھاراق ۋە قىمارنى تەلتۆكۈس چەكلىدى. شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئىسراپخورلۇقتىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن، تاماكا چېكىشنى ۋە ئەرلەرنىڭ ئالتۇن – كۈمۈش ئىشلىتىشىنى چەكلىدى. چۈنكى، ئۇ مەنمەنچىلىك ۋە ھاكاۋۇرلۇققا تولغان ھاياتنى يامان كۆرەتتى.

ئەمىر ۋەتەن تۇپراقلىرىنى مىليانە، مۇئەسكەر، تىلىمسان، ئاغۋات، مەدىيە، بەرج بوئەرىررىج، بەرجۇ ھەمزە (بۇۋەيرە)، بەسكىرە ۋە سەتىفدىن ئىبارەت بىرقانچىلىغان ئورۇنلارغا بۆلدى. شۇنداقلا قورال – ياراغ زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ، تەئقەدەمات، مۇئەسكەر، سەئىدگە ئوخشاش سېپىل – قورغانلارنى سالدى ۋە بەش مىنىستىرلىقتىن تۈزۈلگەن مىنىستىرلىق ئاپپاراتىنى تۈزۈپ چىقىپ، مۇئەسكەر شەھرىنى ئۇنىڭ قوماندانلىق مەركىزى قىلدى. ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە، ئىلمىي قابىلىيەت ۋە سىياسىي ئاڭغا ئىگە ئىختىساسلىق كىشىلەرنى تاللاپ ئىشلەتتى. جىھاد چىقىملىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت مالىيەسىنى زاكات پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ھالدا تەرتىپكە سالدى. شۇنداقلا دۆلەت بايرىقىنى تاللاپ چىقتى.

دۆلەت شوئارى: ﴿ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە يېقىنقى غەلىبە﴾(61/«سەپ» سۈرىسى، 13) ئىدى.

قوراللىق كۈرەش

‏«دېمىچىل كېلىشىمى»گە بىر يىل بولـمايلا، فرانسىيە قوماندانى كېلىشىمنى بۇزدى.

بۇ قېتىم ئەمىر ئابدۇلقادىرغا قارشى چىققان بىر قىسىم قەبىلىلەر فرانسىيە قوماندانىغا ياردەم بەرگەن ئىدى.

ئەمىر ئۆز قەۋمىنى جىھادقا چاقىرىپ ھەممەيلەننى جەڭ سەپلىرىگە ھازىرلىدى. تۇنجى قېتىملىق جەڭلەر، بولۇپمۇ، مەقتە جېڭى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بولغان ئىدى. چۈنكى، فرانسىيە ئەسكىرىي كۈچلىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراپ، فرانسىيەنىڭ تەرىزىل قوماندانلىقىدىكى كۈچلۈك ھەربىي كۈچى بىتچىت قىلىندى. لېكىن، فرانسىيە ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى ئەسكىرىي كۈچ ۋە يېڭى قوماندان ئەۋەتتى. يېڭى ئەۋەتىلگەن قوشۇن ئەمىر ئابدۇلقادىرنىڭ پايتەختى مۇئەسكەر شەھرىگە كىرىپ ئۇنى كۆيدۈردى. ئەگەر ئاللاھ مۇشۇ كۈنلەردە مول يامغۇر ياغدۇرمىغان بولسا ئىدى، بۇ شەھەر كۆيۈپ پۈتۈنلەي خاراب بولغان بولاتتى. لېكىن، ئەمىر بىرقاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، فرانسىيەنى، قومانداننى ئالماشتۇرۇپ، ھىيلىگەر قوماندان گېنىرال بىيجۇنى ئەۋەتىشىگە مەجبۇر قىلغانىدى.

ئەمىر «تافنە ۋادىسى» رايونىدا يېڭى قوماندانغا قارشى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى قومانداننى ھ. 1253 / م. 1837 – يىلى «تافنە كېلىشىمى» دەپ تونۇلغان تىنچلىق كېلىشىمىنى تۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى.

ئەمىر دۆلەت ئەھۋالىنى ياخشىلاش، جەڭلەردە بۇزۇلغان سېپىل – قورغانلارنى رېمونت قىلىش ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرتىپلەشكە كىرىشتى.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا فرانسىيە قوماندانى بىيجو قايتىدىن قوشۇن تەشكىللىدى ۋە ھ. 1255 / م. 1839 – يىلى يەنە بىر قېتىم تىنچلىق كېلىشىمىنى بۇزۇپ، بىگۇناھ شەھەر ئاھالىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەمىرگە ياردەم بەرگەن يېزا ۋە شەھەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، ئەمىرگە قارشى بىر تۈرلۈك غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئابدۇلقادىر ماراكەشكە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى. فرانسىيە ھۆكۈمىتى ماراكەش پادىشاھىغا تەھدىت سالغان بولسىمۇ، پادىشاھ ئۇلارغا دەسلەپتە پەرۋا قىلمىدى ۋە ئەمىرنىڭ ۋەتىنىنى قايتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم بەردى. لېكىن، فرانسىيە دېڭىز ھۇجۇملىرى ئارقىلىق تانجە ۋە مۇغادۇرغا ھۇجۇم قىلدى. ماراكەش پادىشاھى فرانسىيە ھۇجۇملىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ماراكەشنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان «قوغداش كېلىشىمى»نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى.

مەغلۇپ بولۇشى

ئەمىر ئابدۇلقادىر ھەرىكىتىدە يېڭىچە سىياسەت ئېلىپ بېرىپ، ھەرقايسى قەبىلىلەردىن قوللىغۇچىلىرىنى تېزلىكتە توپلاشقا كىرىشتى.

ئەمىر ئابدۇلقادىر فرانسىيەلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشتا «تىجانىييە تەرىقىتى»دىكى شەيخلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغىنىدا، ئۇلار سىياسەتكە ئارىلىشىشقا يول قويمايدىغان سوفىزم روھى تۈپەيلى ئۇنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇشنى رەت قىلدى.

ئەمىر بۇ توقۇنۇشلارغا قارشى چىققان «ئەينى مازى»دىكى تىجانىييە مەركىزىگە بىرقانچە قېتىملىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى.

فرانسۇزلار ھ. 1255 / م. 1839 – يىلى ئەمىرنى ئالداپ «دېمىچىل كېلىشىمى»نى بۇزغان ۋاقىتتا، ئەمىر بىلەن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىنى ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ بۇ مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرائەتلەر ۋە ئاساسلىق شەھەرلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ۋەيران قىلىش تاكتىكىسىنى ئىشلەتتى.

‏تۆت يىلدىن كېيىن ئۇلار ئەمىرنى كۈرەشتىن يىراقلاشتۇرغان بولسىمۇ ئەمىر تەسلىم بولمىدى. ھ. 1259 / م. 1843 – يىلى ئەمىر ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن ماراكەشتە پاناھلاندى. ئاندىن كېيىن ئالجىرىيەگە قايتىپ ئەنسار ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلدى.

ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىشغالىيەتكە قارشى بارلىق كۈرەشلەر خىيانەت قىلىنىش سەۋەبلىك مەغلۇپ بولغىنىدەك، ئەمىر ئابدۇلقادىرمۇ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىشى سەۋەبلىك مەغلۇپ بولدى. ماراكەش ئەسكەرلىرى ئۇنىڭغا ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەچكە، ئۇ تەسلىم بولۇشنى توغرا دەپ قاراپ مۇجاھىدلار بىلەن مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەتلەشتى.

ئىشغالىيەتچىلەر ئۇنى ھ. 1263 / م. 1847 – يىلى ئەسىرگە ئېلىپ فرانسىيەگە ئەۋەتتى.

ئەسىرلىك مەزگىلى

ئەمىر ئابدۇلقادىر ھ. 1268 / م. 1852 – يىلىغا قەدەر ئېغىر قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىنىپ فرانسىيە تۈرمىسىدە ياتتى.

كېيىن ناپولېئون III تەختكە چىقىپ، ئەمىرنى چاقىرتىپ ئەكېلىپ ئىززەت – ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالدى. شۇنداقلا فرانسىيە ۋەزىرلىرى ۋە ئابرويلۇق كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ئېسىل داستىخانلارنى ھازىرلىدى.

ئەمىر شۇ سورۇندا سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىلمىي ئىشلار توغرىسىدا گەپ قىلىۋىدى، سورۇندىكىلەر ئۇنىڭ دانالىقى ۋە تەجرىبىلىرىدىن ھەيرانۇ – ھەستە قالدى.

ئەمىر فرانسىيەنى، ئىككىنچى ۋەتىنى قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلغان ئىدى.

ئەمىر فرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن خىراجەت ئېلىپ شەرققە سەپەر قىلدى. ئۇ سۇلتان ئابدۇلـمەجىدخان مەزگىلىدە ئىستانبۇلدا تۇردى ۋە ئۇ يەردە چەتئەل ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچراشتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ھ. 1272 / م. 1856 – يىلىدىن باشلاپ دەمەشقتە مۇقىم تۇردى ۋە ئۇ يەردە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان نوپۇزلۇق كىشىلەر ۋە ئۆلىمالار ئارىسىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئالدى. ئىلگىرى ئەشرەفىييە مەدرىسەسى ۋە ھەقىيقىييە مەدرىسەلىرىدە مۇدەررىسلىك قىلغىنىدەك، ئۇمەۋىي مەدرىسەسىدىمۇ مۇدەررىسلىك قىلدى. ھ. 1276 / م. 1860 – يىلى شام رايونىدا مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلار ئوتتۇرىسىدا ئېغىر فىتنە يۈز بەردى. شۇ چاغدا ئەمىرنىڭ 15 مىڭدىن ئارتۇق خىرىستىياننى ئۆيىدە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنى قوغداپ قېلىشتا ئەمەلىي رولى بولغان ئىدى.

ئەسەرلىرى

ئۇ «كەسكىن قايچا / المقراض الحاد» «تەرجىمەھال / السيرة الذاتية» ۋە «فىرانسىيەلىكلەرگە مەكتۇب» نامىدا ئىككى قېتىم تەرجىمە قىلىنغان «ئاقىلنىڭ ئەسلىتىشى / ذكرى العاقل» ۋە «پوزىتسىيەلەر/ المواقف » قاتارلىق ئەسەر ۋە رىسالىلەرنى يازغان.

ۋاپاتى

ئۇ 76 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغاندا، ھ. 1300، 19 – رەجەب كۈنى / م. 1883، 26 – ماي يېرىم كېچىدە ئۇنىڭغا ئەجەل كەلدى. ئۇ قالدۇرغان ۋەسىيەت بويىچە دەمەشقتىكى سالىھىييەگە، شەيخ ئىبنى ئەرەبىينىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئالجىرىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى ھ. 1385 / م. 1965 – يىلى ئالجىرىيەگە يۆتكىلىپ، پەقەت دۆلەت رەئىسلىرىلا دەپنە قىلىنىدىغان ئۇليا قەبرىستانلىقىغا دەپنە ‏قىلىندى.

مەنبە: تامىر بەدرنىڭ «ئۇنتۇلماس قوماندانلار (قادة لا تنسى)» ناملىق ئەسەرى.

تەرجىمىدە: ئەپەندى

Please follow and like us:
Exit mobile version