شەيخ رۇستەم قارىي ئارتۇشىي

(ھ. 1361 – 1434 / م. 1942 – 2012)

ئۇ – رۇستەم. … بىز بار بولغان ئۇچۇرلاردىن دادىسىنىڭ ئىسمىنى تاپالمىدۇق. ئۇ ھىجرىيە 1361 / م. 1942 – يىلى ئارتۇشتا تۇغۇلغان ۋە ئۇ يەردە قۇرئاننى ئۆلچەملىك ئوقۇش (تەجۋىد) قائىدىلىرى بىلەن يادلىغان. ئاندىن قۇرئان كەرىم يادلاتقۇزۇش بىلەن شۇغۇللانغاچ دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيەدە ئوننەچچە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، فىقھ، ھەدىس، تەفسىر ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىپ، ئىلىم ئەھلى قاتارىغا قوشۇلغان. ئۇ ھىجرىيە 1378 / م. 1958 – يىلى قۇرئان يادلاتقۇزۇشنى توختىتىپ، دىققىتىنى ئىلىم ۋە ئەدەبىياتقا مەركەزلەشتۈرگەن. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ھىجرىيە 1399 / م. 1979 – يىلىغا كەلگەندە يەنە ئاستا – ئاستا قۇرئان يادلاتقۇزۇشنى باشلىغان. ئۇ ياش ئوغۇل – قىزلارغا قۇرئان كەرىمنى يادلاشنى ئۆگەتكەچكە، ھىجرىيە 1402 / م. 1982 – يىلى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە دىن ئۆگىتىش «جىنايەت»ى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما، ئاللاھنىڭ لۇتفى بىلەن ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بېرىلگەن ۋە ھىجرىيە 1405 / م. 1985 –  يىلى ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇسىمۇ بار چوڭ مەسجىد سالغان.
ھازىر ئۇ بىر مەكتەپ قۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ (بۇ مۇئەللىپنىڭ بۇ تەرجىمىھالنى يازغان ۋاقتىدىكى گەپ _ تەرجىماندىن).
ئۇ ئىجادچانلىق روھىغا ۋە ساغلام تەلىماتقا ئىگە دەۋەتچىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. بىز ئاللاھتىن ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن، ياخشىلىق ۋە خەيرى – ئېھسانلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلىشىنى، ئۇنى نىجاتلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە يېتەكلىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر شەيئىگە قادىردۇر.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

تەرجىمىدە: بىلىميار

ئەسكەرتىش: مەرھۇمنىڭ ئوغلى ھاجى مۇھەممەد قارىھاجىمنىڭ بايان قىلىشىچە: رۇستەم قارىھاجىم 1942 – يىلى تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ئەلى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى تالىب، بوۋىسىنىڭ ئىسمى روزى. مەرھۇم 7 – 8 ياش چاغلىرىدىن باشلاپ شىجائىتى ۋە جاسارىتى سەۋەبلىك رۇستەم دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ۋە خەلق ئارىسىدا رۇستەم قارىھاجىم نامى بىلەن تونۇلغان. مەرھۇم ئەمەت داموللاجىمدىن كۆپرەك ئىلىم ئالغان، يەنە زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋىي داموللاجىم، ئەمەت خېتىۋاجىم ۋە مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئاتىسى سالىھ (سەلەي) داموللاجىم قاتارلىق كاتتا ئۇستازلاردىنمۇ ئىلىم ئالغان. مەرھۇم 2012 – يىلى 28 – دېكابىردا 70 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئەمەت داموللاجىم قاتارلىق ئۇستازلىرى دەپنە قىلىنغان ئاتۇش مەشھەدتىكى سۇلتانىم مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (15) جامالۇددىن سائىد ئەسسۇغدىي ئەلكاشغەرىي ئەتتۈركىستانىي – ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…

1 ھەپتە ago

صدر حديثا عن مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية كتاب تهذيب الإعلام ببعض رجالات تركستان

كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (14) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – ئادابۇ ئەسسالىھىن (سالىھلەرنىڭ ئادابى)/ آداب الصالحين

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئادابۇ ئەسسالىھىن (سالىھلەرنىڭ ئادابى)/ آداب الصالحين تۈر: ئاداب. تەربىيە. ۋەز - نەسىھەت.…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (12) مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: مىفتاھۇل جىنان ۋە مىسباھۇل ئىمان / مفتاح الجنان ومصباح الإيمان. تۈر: تەفسىر، ھەدىس،…

1 ئاي ago