ھەدىسلەردىكى شەيتاننىڭ ئىنسان بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۈچ چىگىك چىگىپ قويۇشى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغانكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئۇخلىغاندا، شەيتان ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۈچ چىگىك چىگىپ، ھەر بىر چىگىككە: ‹ئۇخلاۋەرگىن، كېچە تېخى ئۇزۇن› دەپ ئۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئويغىنىپ ئاللاھنى زىكىر قىلسا، بىر چىگىك يېشىلىپ كېتىدۇ. تاھارەت ئالسا، يەنە بىر چىگىك يېشىلىپ كېتىدۇ. ناماز ئوقۇسا، يەنە بىر چىگىك يېشىلىپ، تېتىك، كۆڭلى ئازادە ھالدا تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، كۆڭلى غەش، ئېزىلەڭگۈ ھالدا تاڭ ئاتقۇزىدۇ». («سەھىھەين»).
شەيتان داۋاملىق ئىنساننىڭ تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىشىغا بولۇپمۇ كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇشىغا ۋە بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ شەررىدىن ساقلىنىشنىڭ يولى بولسا ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، تاھارەت ئېلىش ۋە نامازغا تۇرۇشتۇر.
شەيتاننىڭ يىپنى چىگىپ تۈگۈن سېلىشى ھەقىقىي مەنىسىدە چۈشىنىلگەندە، سېھىرگەر سېھىر قىلغاندا دەم سالغاندەك بىر ئىشنى قىلىپ، تېخىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن چىگىككە قولى بىلەن ئۇرۇپ قويۇشنى ۋە ئۇخلىغان كىشىنىڭ بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇزۇن ئۇخلاپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ ئىبنى ماجە (1329)، ئىمام ئەھمەد (10457) رىۋايەتلىرىدە «ئۈچ چىگىكلىك يىپ» دېيىلگەن. بۇنى مەجازىي ئىپادىلەش دەپ چۈشىنىلگىنىدە، كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىشنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/23. ھەدىستە نېمە ئۈچۈن «بېشىنىڭ ئارقا تەرىپى» تىلغا ئېلىنغان؟ ئالىملارنىڭ بايان قىلىشىچە مېڭىدىكى «تورسىمان شەكىللىنىش formation The reticular» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇخلاش ۋە ئويغىنىشقا مەسئۇل قىسمى مېڭىنىڭ يىلتىزىدا بولۇپ، مۇرەككەب نېرۋا ھۈجەيرىلىرى مەجمۇئەلىرىدىن شەكىللەنگەن. ئۇ باشنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقانلىقتىن يۇلۇن بىلەن تۇتىشىپ، گىرەلىشىپ كېتىدىكەن. بۇ مەركەز مېڭىنىڭ تاشقى قىسمىغا نېرۋا ئارقىلىق قوزغىتىش ئىشارەسى يوللىسا مېڭە ئويغانسا، ئۇنى باغلىۋالغان تەقدىردە ئۇخلاۋاتقان كىشى ئويغىنالماي قالىدىكەن. دېمەك، ھەدىستىكى «بېشىنىڭ ئارقا تەرىپى» دېگەن ئىبارە مېڭىدىكى ئۇخلاش ۋە ئويغىنىش مەركىزىگە ئىشارەدۇر. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد بورباب: «خەلقئارالىق ئەلئىئجاز ژۇرنىلى»، 2022 – يىل 7 – سان. 337 – بەت. قوشۇمچە مەنبەلەر:
(1) http://thebrain.mcgill.ca/flash/a/a_11/a_11_cr/a_11_cr_cyc/a_11_cr_cyc.html
(2)The Human Brain: An Introduction to its Functional Anatomy 5th ed by J Nolte chpt 11 pp. 262–290
(3)http://www.thefreedictionary.com/reticular+formation
(4)http://www.sleephomepages.org/sleepsyllabus/e.html
(5)http://psych.fullerton.edu/mwhite/306pdf/306%20brain%20mechanisms%20and%20sleep.pdf
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1446، 12 – رەبىييەل ئاخىر / م. 2024، 15 – ئۆكتەبىر
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…