Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسىرلەرگە قىلغان مۇئامىلىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسىرلەرگە قىلغان مۇئامىلىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسىرلەرگە قىلغان مۇئامىلىسى

دوكتور راغىب سەرجانىي

 

ئوخشىمىغان دىنلاردا ۋە ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردە ئەسىرلەرگە مۇئامىلە قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئىسلامىيەت مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن ئەسىرلەرنى خورلاش، ئۇلارنى ئېزىپ زۇلۇم سېلىش بۇ يوللارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىدى. گەرچە ئەسىرلەرگە مۇئامىلە قىلىشنىڭ يوللىرى ئاساسىي جەھەتتىن شۇنداق بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىش ئىشىدا ئۆز ئەخلاقى تەبىئىتىدىن چەتنەپ كەتمىدى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى قەستلەشتىن تارتىپ مۇسۇلمانلارنى ئۇجۇقتۇرۇشقىچە ھەر جەھەتتىن ئىسلامنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇ زات ئۇلارغا مۇتلەق نەزەردە قارىمىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەدر ئەسىرلىرىگە قىلغان مۇئامىلىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ زاتنىڭ ئەسىرلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىدىكى بۈيۈك ئەخلاقىنى بايقايمىز. ئۇ زاتنىڭ بەدر ئەسىرلىرىگە قىلغانلىرى ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك مەۋقەسىدۇر؛ ھەممىمىزگە مەلۇم، بەدر ئۇرۇشى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى مەيدان ئۇرۇش بولۇپ، بۇ ئۇرۇش سان ۋە قورالدا ئاجىز مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلىشىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار مۇشرىكلاردىن يەتمىشنى ئەسىر ئالىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ساھابەلىرى بىلەن كېڭىشىدۇ، بۇ ئىشنى ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئەبۇبەكرى ئېيتتى: ‹ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇلار ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلەرنىڭ بالىلىرىدۇر، مەن دەيمەنكى، سىز بۇلاردىن فىدىيە ئالغايسىز، بۇلاردىن ئالغانلىرىمىز ئارقىلىق كافىرلارغا قارشى كۈچىمىز زورايسۇن ھەم جانابىي ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىشى بىلەن ئۇلار بىزگە ئارقا تىرەك بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس›. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹خەتتابنىڭ ئوغلى! سەن قانداق قارايسەن؟› دېدى، مەن: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ قارىشىم ئەبۇبەكرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش، لېكىن، بىرسىنى — ئۆمەرنىڭ يېقىن تۇغقىنىنى — ماڭا تاپشۇرسىڭىز، كاللىسىنى ئالاي؛ ئەلىگە ئەقىيلنى(1) تاپشۇرۇڭ، كاللىسىنى ئالسۇن؛ ھەمزىگە پالانى قېرىندىشىنى تاپشۇرۇڭ، كاللىسىنى ئالسۇن؛ جانابىي ئاللاھ بىلسۇنكى، قەلبىمىزدە مۇشرىكلارغا نىسبەتەن قىلچە ھېسداشلىق يوق! مانا بۇلار مۇشرىكلارنىڭ كاتتىباش سەركىلىرى، قوماندانلىرىدۇر› دېدىم. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مېنىڭ گېپىم ياقمىدى بولغاي، ئەبۇبەكرىنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇلاردىن فىدىيە ئالدى»(2).

ھالبۇكى، يۇقىرىقى بىر تەرەپ قىلىشتىن كېيىن، ﴿ئاللاھنىڭ ئەزەلىي ھۆكمى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلبەتتە، زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار﴾(8/«ئەنفال»: 68) دېگەن ئايەت نازىل بولۇپ، ئەسىرلەرگە يۇمشاق قوللۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ قېنىدىن كېچىش ۋە ئىمكانىيىتى بارلاردىن فىدىيە ئېلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئەسىرلەرگە ناچار مۇئامىلە قىلىشىغا ياكى مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشىگە تۇتۇرۇق بولمىدى، بۇ فىدىيەنىڭ مىقدارى ۋە تۈرى ھەربىر ئەسىرنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان ئىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەمر ئىبنى ئەبۇ سۇفيانغا ئوخشاش بەزى ئەسىرلەرنى ئۆمرە قىلىۋاتقاندا ئەبۇ سۇفيان ئەسىر ئالغان سەئد ئىبنى نۇئمان ئىبنى ئەككال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مۇشرىكلارنىڭ قويۇۋېتىشى بەدىلىگە قويۇۋەتكەن ئىدى(3).

ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى پۇل بىلەن قۇتقۇزغانلارمۇ بولغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەربىر ئەسىرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قارىتا ئىش كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇ ۋىدائە ۋە ئەبۇ ئەزىز(4)دەك تۆت مىڭ دىرھەم تۆلىگەنلەر بار، بۇ پۇلنى ئۇنىڭ زەردار ئانىسى تۆلىگەن ئىدى ۋە ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبكە ئوخشاش يۈز ئۇقىييە(5) تۆلىگەنلەرمۇ، ئەقىيل ئىبنى ئەبۇ تالىبقا ئوخشاش سەكسەن ئۇقىييە تۆلىگەنلەرمۇ بار ئىدى، ئۇنى ئابباس تۆلىۋەتكەن. بەزى ئەسىرلەر پەقەت قىرىق ئۇقىييەلا تۆلىگەن ئىدى(6).

پۇلى يوق، ئەمما ئوقۇش – يېزىشنى بىلىدىغانلىرى بولسا ئۇلارنىڭ فىدىيەسى بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارغا ئوقۇش – يېزىشنى ئۆگىتىپ قويۇش بولغان؛ ئىبنى ئابباس مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «بەدر كۈنى بىر قىسىم ئەسىرلەرنىڭ تۆلەم پۇلى بولمىغاچقا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئەنسارلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ساۋاتىنى چىقىرىپ قويۇش بەدىلىگە قويۇۋەتكەن»(7).

ئەسىرلەر ئىچىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچقانداق فىدىيە ئالماستىن ئىلتىپات قىلغانلارمۇ بار. مەسىلەن، مۇتتەلىب ئىبنى ھەنتەب، شائىر ئەبۇ ئىززەت ۋە سەيف ئىبنى ئەبۇ رىفائەگە ئوخشاش(8).

شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرەيش ئىچىدە ئابرۇيلۇق، ئىناۋىتى بار سۇھەيل ئىبنى ئەمرگىمۇ ياخشىلىق قىلغان، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا ئاھانەت قىلىشنى ياكى جازالاشنى خاھلىمىغان. ھالبۇكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قارشى مەڭگۈ سۆزلىيەلمەس قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ چىشىنى چاقماقچى بولغان، بىراق ئۇ زات ئۇنى توسۇپ: «مەن ئۇنى جازالىماي؛ بولمىسا، ئاللاھ پەيغەمبەرلىكىمگە قارىماي مېنىمۇ جازالايدۇ» دېگەن(9).

ئەسىرلەر ئىچىدە يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى زەينەبكە ئۆيلەنگەن كۈيئوغلى ئەبۇلئاس ئىبنى رەبىيئمۇ بار بولۇپ، زەينەب يولدىشىنى قۇتقۇزۇش نىيىتىدە تويىدا خەدىجە بوينىغا ئېسىپ قويغان مارجىنىنى ئەۋەتكەن ئىدى. بۇنى كۆرۈپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچى قاتتىق سىيرىلىپ: «ئۇنىڭ يولدىشىنى قويۇپ بېرىپ، مارجىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگەن بولساڭلار» دېگەن. ئۇلار: «بولىدۇ، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!» دەپ ئۇنى قويۇۋېتىپ، زەينەبكە مارجىنىنى قايتۇرۇپ بەرگەنىدى(10). بۇمۇ فىدىيەسىز قويۇۋېتىلگەنلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

ھالبۇكى، ناۋادا ئابرۇيلۇق مۇشرىك مۇتئىم ئىبنى ئەدىي ئارىغا چۈشكەن بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى فىدىيەسىز قويۇۋەتمەكچى ئىدى، لېكىن ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، «سەھىھۇلبۇخارىي»دا جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ: «ئەگەر مۇتئىم ئىبنى ئەدىي ھايات بولۇپ، ئاۋۇ سېسىقلار توغرۇلۇق ماڭا گەپ قىلغان بولسا، مەن ئۇنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىپ ئۇلارنى چوقۇم قويۇپ بېرەتتىم» دېگەن(11). بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇ قۇرەيشلەر بەنى ھاشىمنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن كېلىشىمنى بىكار قىلىشقا قاتناشقان ھەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تائىفتىن يېنىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالغان.

شۇنىسى ئېنىقكى، بەدر ئۇرۇشىغا يىل توشماي تۇرۇپ ئۇ ئەسىرلەرنىڭ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئازاد بولۇپ بولغان بولۇپ، ئۇھۇد ئۇرۇشىدا مۇشرىكلارنىڭ ھېچبىر ئەسىرنىڭ گېپىنى قىلمىغانلىقى بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۇمامە ئىبنى ئۇسالغا قىلغان مۇئامىلىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسىرلەرگە قىلغان مۇئامىلىلىرى ئىچىدە سۇمامەگە قىلغانلىرىنى بۈيۈك ئىلتىپات دېيىشكە بولىدۇ؛ ھالبۇكى، سۇمامە ئىبنى ئۇسال بەنى ھەنىفە مۆتىۋەرلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر كىشى بولۇپ، ئۇ مەدىنەگە بېرىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ(12). ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ساھابەلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇلار ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىگە ئېلىپ كېلىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇنجى ئىنكاسى ساھابەلىرىگە: «ئۇنى ياخشى كۈتۈۋېلىڭلار» دېيىشتىن ئىبارەت بولىدۇ(13) ۋە يەنە: «يېنىڭلاردىكى تائاملارنى يىغىپ ئۇنىڭغا بېرىڭلار» دەيدۇ(14). ساھابەلەر ئۇنىڭغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سېغىن تۆگىسىنىڭ سۈتىنى ئەكېلىپ بېرەتتى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كىشىگە غايەت زور ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئەپۇ ۋە ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇ زات ئۇنىڭغا:

— نېمە ئويلاۋاتىسەن؟ ئى سۇمامە! — دېسە، ئۇ:

— ياخشى ئىشنى، ئى مۇھەممەد! ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭ قان قەرزىم بوينۇڭغا ئارتىلىپ قالىدۇ، ئەگەر ئىنئام قىلساڭ ياخشىلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئەگەر پۇل دېسەڭ خاھلىغانچە سورا، دېگىنىڭگە ئېرىشىسەن، — دەيدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى جايىدا قويىدۇ ۋە ئەتىسى كېلىپ:

— نېمە ئويلاۋاتىسەن؟ ئى سۇمامە! — دەيدۇ. ئۇ:

— مېنىڭ ساڭا دەيدىغىنىم، ئەگەر ئىنئام قىلساڭ ياخشىلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ قان قەرزىم بوينۇڭغا ئارتىلىپ قالىدۇ، ئەگەر پۇل دېسەڭ خاھلىغانچە سورا، دېگىنىڭگە ئېرىشىسەن، — دەيدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى جايىدا قويىدۇ ۋە ئەتىسى يەنە كېلىپ:

— نېمە ئويلاۋاتىسەن؟ ئى سۇمامە! — دەيدۇ. ئۇ:

— مېنىڭ يەنىلا ساڭا دەيدىغىنىم، ئەگەر ئىنئام قىلساڭ ياخشىلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ قان قەرزىم بوينۇڭغا ئارتىلىپ قالىدۇ، ئەگەر پۇل دېسەڭ خاھلىغانچە سورا، دېگىنىڭگە ئېرىشىسەن، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سۇمامەنى قويۇۋېتىڭلار، — دەيدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئازاد بولىدۇ ۋە مەسجىدكە يېقىن بىر خورمىزارلىققا كىرىپ غۇسۇل قىلىدۇ، ئاندىن مەسجىدكە كىرىپ مۇنداق دەيدۇ: «گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بىر ئاللاھتىن بۆلەك ھېچقانداق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. ئى مۇھەممەد! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يەر يۈزىدە سىلىنىڭ چىرايلىرىنى ئەڭ ئۆچ كۆرەتتىم، ئەمدىلىكتە چىرايلىرىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بولدۇم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ دىنلىرىنى ئەڭ ئۆچ كۆرەتتىم، ئەمدى دىنلىرىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بولدۇم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ يۇرتلىرىنى ئەڭ ئۆچ كۆرەتتىم، ئەمدى يۇرتلىرىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بولدۇم، قوشۇنلىرى مېنى تۇتۇۋالدى، مەن ئۆمرە قىلماقچى ئىدىم، نېمە دەيدىلا؟».

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا خۇش بېشارەت بېرىپ، ئۆمرە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ مەككەگە يېتىپ كەلگەندە، بىرسى ئۇنىڭغا:

— دىنىڭدىن يانغان ئوخشىمامسەن؟ — دەيدۇ، ئۇ:

— دىندىن يانمىدىم، بەلكى ئەڭ ياخشى دىنغا ئەگەشتىم، مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىشەندىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى رۇخسەت بەرمىگۈچە سىلەرگە يەمامە تەرەپتىن بىر تال بۇغداينىڭ دېنىمۇ كەلمەيدۇ، — دەيدۇ(15).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ بۈيۈك مۇئامىلىسىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن سۇمامە ھېچقانداق بېسىمسىز، مەجبۇرسىزلا دىنىنى ئۆزگەرتىپ، ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئىمانىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن شۇ دەرىجىگە بارىدۇكى، قۇرەيشنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇرۇش قىلغىنىغا ئۇلاردىن كېلىدىغان زور ئىقتىسادىي پايدىدىن ۋە قۇرەيش مۆتىۋەرلىرى بىلەن بولغان مۇھىم ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇلار بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى بىراقلا ئۈزىدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسىرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى

تۇنجى ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەسىرلەر ھەققىدە ئۇ زات تەشەببۇس قىلغان ئومۇمىي پرىنسىپ بولسا: «مېنىڭدىن سىلەرگە تەۋسىيەم شۇكى، ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار»(16)دىن ئىبارەتتۇر. ئەسىرلەر ئۈچۈن ئۇ زات تەۋسىيە قىلغان ياخشى مۇئامىلە رېئال ھاياتتا ئەمەلىيلەشمەيدىغان قۇرۇق بىر دۆۋە نەزەرىيە بولماستىن، بەلكى رەھمەتكە تولغان قەلبلەر توغرۇلۇق تىللاردا داستان بولغان نۇرغۇن ئىپادىلەردە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان.

شۇڭلاشقىمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدرنىڭ ئۇچۇرى ھەققىدە قۇرەيشلىك ئىككى ياشنىڭ قىستاققا ئېلىنىشىنى توغرا تاپماي، ساھابەلىرىگە: «بۇ ئىككىسى راست گەپ قىلسا ئۇردۇڭلار، يالغان گەپ قىلسا قويۇۋەتتىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئىككىيلەن قۇرەيشنىڭ ئادىمىدۇر»(17) دېگەن. ئۇ ئىككىسى دۈشمەن قوشۇنىدىن بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى قىستاققا ئېلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇرەيش قوشۇنىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىۋالغىلى بولسىمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئىككىسىنى قىستاققا ئېلىشنى، قىيناشنى راۋا كۆرمىدى. بۇ ھەقتە ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھتىن «دۈشمەننىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىۋېلىش نىيىتىدە ئەسىرنى قىينىسا بولامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ: «بۇنداق بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن» دېگەن(18).

ئۇندىن باشقا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسىرلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ دېگەن بىر ئىلاھىي قانۇنىيەتكى، ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس، شۇنداقلا بەندىلەرگە جانابىي ئاللاھتىنمۇ كۆيۈمچان بىرسى يوق. گەرچە بۇ ئەسىر ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كافىر بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بۇيرۇشى ئۇنىڭ رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر» دەپ تونۇيتتى. شۇڭا، ئۇ زات بۇ رەھىمدىل ئىلاھىي قانۇنىيەتنى تەتبىقلاشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشقان. بۇ خۇسۇستا نۇرغۇن ئىشلار بىزگە ئايانكى، ئىسلام مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا بۇنىڭ تېپىلمايدىغانلىقىنى تولۇق جەزملەشتۈرەلەيمىز.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ھېرىسمەنلىكى ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدە تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ؛ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدر كۈنى ساھابەلىرىنى ئەسىرلەرنى ھۆرمەتلەشكە بۇيرۇغان، شۇڭا ساھابەلەر ئۇلاردىن بۇرۇن تاماققا قول سالمايتتى، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئەتائ‍، ھەسەن ۋە قەتادەلەرمۇ شۇنداق دەيدۇ(19).

ساھابە كىراملار ئەسىرلەرگە ئۆزلىرىدىن ئاشقان تائاملارنى بەرمەيتتى، ئەكسىچە تاللاپ ئەڭ ئېسىللىرىنى بېرەتتى ۋە بۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاپىلىغان ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى يەۋېرىشكە ئۈندەيتتى. بۇ ھەقتە ئەبۇ ئەزىز(20) ئۆز ئاغزى بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەنسارلار مېنى بەدردىن ئەكەلگەندە، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدىم، ئۇلار ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك غىزا يېگەندە ماڭا نان بېرىپ، ئۆزلىرى بولسا خورما يەيتتى ۋە بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاپىلىغان ئىشى، دەيتتى، ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ قولىغا بىرەر پارچە نان چۈشۈپ قالسىلا ماڭا بېرەتتى؛ مەن خىجىل بولۇپ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرسەم ئۇ قەتئىي ئالمايتتى». ئىبنى ھىشام دەيدۇ: «ئەبۇ ئەزىز دېگەن بۇ كىشى بەدر ئۇرۇشىدا نەزر ئىبنى ھارىستىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ ئەلەمدارى بولغان»(21).

دېمەك، بۇ ئادەتتىكى ئادەم بولماستىن، بەلكى مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەشەددىيلىرىدىن ئىدى، بايراقنى قەۋم ئىچىدىكى باتۇر ۋە قەھرىمانلىرىنىڭ كۆتۈرۈدىغانلىقى بىزگە مەلۇم، لېكىن بۇ ھېچقانداق ئىشنى ئۆزگەرتەلمىدى؛ شۇنداق بولسىمۇ، ئەسىرلەرگە رەھىم قىلىش ھەرقانداق شارائىتتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇئامىلە ئەخلاقى ئىدى.

مۇسۇلمانلار مۇشرىك ئەسىرلەرگە تائام بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى ئۇلارنى كىيىم – كېچەك بىلەنمۇ تەمىنلىگەن. بۇ سەھىھ ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغان. ئىمام بۇخارىي رەھىمەھۇللاھ ئۆز كىتابىدا «ئەسىرلەرنىڭ كىيىمى توغرىسىدا» دەپ مەخسۇس بىر باب ئاجراتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «بەدر كۈنى ئەسىرلەر كەلتۈرۈلدى. ئابباسمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدا كەلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا كىيىم يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا (ئۇزۇن) كۆينەك ئىزدەپ قاراپ باقتى. ئۇلار (ئەسھابلەر) ئۇنىڭغا دەل توغرا كېلىدىغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەينىڭ كۆينىكىنى تاپقانىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئابباسقا كىيدۈرۈپ قويدى»(22).

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەخسۇس بىر كىشىنى ھەۋازىن ئەسىرلىرى ئۈچۈن كىيىم – كېچەككە بۇيرۇپ مەككەگە ئەۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ تۇتقۇنلار ئۈچۈن «مىئەققەد»(23) دەپ ئاتىلىدىغان كىيىمنى سېتىۋالغانلىقى، ئۇلاردىن بىرەرسى ئازاد بولۇپ قالسا كىيىملىك ھالەتتە چىقىپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ(24).

ئەسىرلەرگە ئىللىق ۋە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش

ئەسىرلەرگە ئامان – ئېسەنلىك، خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېغىشلاش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئىللىق ۋە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېنىق ۋەسىيىتىدۇر. ئۇ زاتنىڭ يەنە بىر ئەخلاقى، ئەسىرلەرنىڭ توختىماي سورىغان سوئاللىرىغا زېرىكمەي، تېرىكمەي جاۋاب بېرىشىدۇر؛ بۇ ئۇ زاتنىڭ ۋەھيىدە دېيىلگەندەك كۆڭلى – كۆكسىنىڭ كەڭلىكى ۋە رەھمىتىنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارغا ئورتاق ئىكەنلىكىدىندۇر؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»دا ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلدىكى: «سەقىف قەبىلىسى بەنى ئەقىلنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، سەقىف پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ئىككى كىشىنى ئەسىر ئالىدۇ، ساھابە كىراملار بەنى ئەقىلدىن بىر كىشىنى ئەسىر ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ ئەزباﺋ(25) دېگەن تۆگىنىمۇ قولغا چۈشۈرىدۇ، ئاندىن ئۇ باغلاقلىق ھالەتتە ‏پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ:

— ئى مۇھەممەد!

— ھە، نېمە؟

— نېمە دەپ مېنى تۇتىسەن؟ يەنە نېمە دەپ ھاجى شاتۇرنى(26) تۇتىسەن؟

— ئۇنى چوڭ بىلگەنلىكتىن تۇتتۇم، سېنى ئىتتىپاقدىشىڭ سەقىفنىڭ جىنايىتى بىلەن تۇتتۇم.

ئاندىن ‏پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ئۇ يەنە:

— مۇھەممەد! مۇھەممەد! — دەپ چاقىرىدۇ. ئۇ زات ناھايىتى باغرى يۇمشاق بولغاچقا يەنە كېلىدۇ:

— نېمە دەيسەن؟

— مەن مۇسۇلمان بولدۇم.

— ئۇ گەپنى ئۆز – ئۆزۈڭگە ئىگە ۋاقتىڭدا دېگەن بولساڭ، مەقسىتىڭگە تولۇق يەتكەن بولاتتىڭ.

ئاندىن ئۇ زات كېتەي دەپ تۇرۇشىغا ئۇ يەنە چاقىرىدۇ:

— مۇھەممەد! مۇھەممەد!

— ھە، نېمە دەيسەن؟

— قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، ئاش بەر، ئۇسساپ كەتتىم سۇ بەر.

— مانا ئېھتىياجىڭ، ئالە»(27).

بۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تەكرار سوئاللارنى سورىشى ۋە توغرىدىن – توغرا ئىسمىنى ئۇدۇل چاقىرىشى ئۇ زاتنىڭ قەلبىدىكى ھەربىر ئىنسانغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكىنىڭ نەقەدەر بۈيۈكلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يۇقىرىقىدىنمۇ كاتتىراقى بەلكىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسىرلەرنىڭ روھىي تەرەپلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە تولۇق ھۆرمەت قىلغانلىقى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىشلار مۇشەققەتلىك چاغلاردا، بولۇپمۇ ئۇرۇشلاردىن كېيىن تولاراق ئاشكارا بولىدۇ، بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىگە ئاياللار ۋە بالىلاردىن بولغان ئەسىرلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئىشىدا ئالىيجاناب، ئىنسانپەرۋەرلىك مۇجەسسەملەنگەن يوليورۇقلارنى بەرگەنلىكىنى بايقايمىز؛ ئۇ زات ئانا بىلەن بالىسىنى ئايرىۋېتىشتىن توسقان ئىدى؛ ئەبۇ ئەييۇب مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ : «كىمكى ئانا بىلەن بالىسىنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنى يېقىنلىرىدىن ئايرىۋېتىدۇ»(28) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.

بەلكىم تۆۋەندىكى قىسسە ئۇشبۇ ماقالىمىزنىڭ بىر گۈزەل خاتىمىسى بولسا كېرەك؛ چۈنكى، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسىرلەرگە قىلغان مۇئامىلە ئەخلاقى گۈزەل بىر قىياپەتتە نامايان بولىدۇ. ئەلقىسسە، ئەبۇ ئۇسەيد ئەلئەنسارىي(29) (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بەھرەيندىن بىر ئوچۇم ئەسىرلەرنى ئەكېلىدۇ ۋە ئۇلار سەپ بولۇپ تۇرغۇزۇلىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا نەزەر سالىدۇ، شۇ ئەسنادا توساتتىن بىر ئايال يىغلاپ كېتىدۇ:

— نېمىگە يىغلايسىز، — دەيدۇ ئۇ زات.

— بەنى ئەبەستە بالام سېتىۋېتىلدى.

ئۇ زات ئەبۇ ئۇسەيدكە: «دەرھال ئېتىڭگە مىن، نەدىن بولمىسا ئۇ بالىنى تېپىپ كەل» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ئۇسەيد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇ بالىنى تېپىپ كېلىدۇ(30).

بۇ ئەسىر ئايالغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىچى ئاغرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇش، يىغىسىنى توختىتىش ئۈچۈن بىر ئەسكىرىنى يىراق يۇرتقا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بالىسىنى ئەكەلدۈرۈپ بېرىدۇ.

ۋەھالەنكى، بىز ھەرقانداق قىلىپمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىنچلىق ۋە ئۇرۇش مەزگىللىرىدىكى ئالىيجاناب ماھىيىتىنى، گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلىدىغان بارلىق مۇئامىلىسىنى بايان قىلىپ بولالمايمىز، لېكىن شۇنداقتىمۇ، ئۇ زاتنىڭ كامالى ئەخلاقىنى، ئاللاھ ئۇنىڭغا ۋەھيى قىلغان پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ يۈكسەكلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان يۇقىرىقى ئىپادىلىرى يېتەرلىك بولسا كېرەك.

 

مەنبەسى: http://islamstory.com

تەرجىمىدە: ئىسمائىل يۈسۈف


1. ئەقىيل ئىبنى ئەبۇتالىب، ئۇ ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىبنىڭ ئاكىسىدۇر. ئۇ بۇ چاغدا مۇشرىك بولۇپ، كافىرلارنىڭ قوشۇنىدا ئىدى.
2. ئىبنى كەسىر: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، 2/457.
3. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 3/311.
4. ئۇنىڭ ئىسمى زۇرارە ئىبنى ئۇمەير بولۇپ، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېرىندىشى.
5. ئالتۇننىڭ بىر ئۇقىييەسى 127 گرامغا تەڭ.
6. ئىبنى سەئد: «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا»، 4/14.
7. ئەھمەد (2216). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى. شۇئەيب ئەرنائۇت: «ھەسەن» دېگەن.
8. ئىبنى سەيدىنناس: «ئۇيۇنۇل ئەسەر»، 1/352.
9. ھاكىم، 3/318. ئىبنى ھىشام: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، 3/200.
10. ئىبنى سەييىدىنناس: «ئۇيۇنۇل ئەسەر»، 1/351 – 352.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (3139)؛ مۇسلىم (2773).
12. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (17810).
13. ئىبنى ھىشام: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، 6/51.
14. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 8/88.
15. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (4372)؛ مۇسلىم (1764). لەۋزى «سەھىھۇ مۇسلىم»دىن.
16. تەبەرانىي: «ئەلكەبىر»، (977) ۋە «ئەسسەغىر»، (409). ھەيسەمىي: «ئۇنىڭ ئىسنادى ئەبۇ ئەزىز ئىبنى ئۇمەيرنىڭ ھەدىسىدىن ھەسەندۇر» دېگەن. «مەجمەئۇززەۋائىد»، 6/115.
17. ئىبنى ھىشام: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، 1/616، 617؛ سالىھ ئەششامىي: «ھىدايەت ۋە توغرا يوللار»، 4/27؛ سۇھەيلىي: «رەۋزۇل ئۇنۇف»، 3/58.
18. مۇھەممەد ئىبنى يۈسۈف ئەلمەۋۋاق: «تاج ۋە ئىكلىل»، 3/353.
19. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 4/584.
20. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېرىندىشى.
21. ئىبنى سەئد: «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا»، 2/15؛ ئىبنى كەسىر: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، 2/475.
22. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (3008)؛ مۇسلىم (2773).
23. مىئەققەد: ھەجەر پىلاشلىرىنىڭ بىر تۈرى.
24. بەيھەقىي: «پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى» 5/264.
25. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى بولۇپ قالغان. ئەزباﺋ قۇلىقى كېسىك دېگەن مەنىدە.
26. ھاجى شاتۇر: ئەزبائنى دېمەكچى؛ ئۇنىڭ شۇنداق دەپ ئاتىلىشى ئۇ بەك يۈگۈرۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھېچنېمە ئۆتەلمەيدىغانلىقىدىن ئىدى.
27. مۇسلىم: (1641).
28. تىرمىزىي: (1566)، تىرمىزىي: «ھەسەن غەرىب ھەدىس» دېگەن.
29. ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى سابىت ئەنسارىيدۇر. قاراڭ: ئىبنى ئەسىر: «ئۇسدۇل غابە»، 5/13؛ ئىبنى ھەجەر: «ئەلئىسابە»، (9573).
30. ھاكىم (6193): «ئىسنادى سەھىھ، ئىككى شەيخ نەقىل قىلمىغان» دېگەن.

Please follow and like us:
Exit mobile version