ئۈچىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

151 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەتراپىمىزدا بەزى قوشكېزەكلەر بار ئىكەن، بېشى ئايرىلغان، ئەمما تېنى ئايرىلمىغان ھالەتتە تۇغۇلغان، ئۇلارنىڭ نىكاھ ۋە باشقا ئىشلىرىدا ئادەتتىكى ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنامدۇ ياكى باشقىچە ھۆكمى بارمۇ؟ مەسىلەن، بېشىدىن باشقا يېرى ئايرىلمىغان (ئوپېراتسىيە قىلىپ ئايرىۋېتىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان) قوشكېزەك قىزلار بىر ئەرگە ياتلىق بولالامدۇ؟ ياكى قوشكېزەك ئاچا-سىڭىل ھېسابلىنىپ نىكاھلىنىشى چەكلىنەمدۇ؟ ئەگەر بۇ خىل قوشكېزەكلەر ئەركىشى بولغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ نىكاھ ۋە مىراس ئىشلىرى قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ؟ بىر ئادەم سۈپىتىدىمۇ ياكى ئىككىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نىكاھ بىر شەرئىي توختام بولۇپ، شەرت ۋە ئەركانلىرى (يەنى: رازىلىق، گۇۋاھچىلار، ۋەلىي ۋە مەھر قاتارلىقلار) تولۇق بولسا، توغرا بولىدۇ. تۇتاش قوشكېزەكنىڭ ھەربىرىنىڭ روھىي ۋە ئىرادە مۇستەقىللىق ئەھۋالىغا ۋە جىسمىنىڭ تۇتاشلىق دەرىجىسىگە قاراش لازىم، ئەگەر ھەربىرى ھۆكمەن ئايرىم شەخس دەپ قارالغان ئەھۋالدا، نىكاھ توغرا بولىدۇ. چۈنكى، قوشكېزەكنىڭ ھەربىرىنىڭ شەھۋىتىنى ھالال يول يەنى نىكاھ بىلەن قاندۇرۇش ئىنسانىي ۋە شەرئىي ھەققىدۇر. ھېچكىم قوشكېزەكلەرنى بۇ ھەقتىن مەھرۇم قىلالمايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا گۇناھىمۇ يوق. تەننىڭ تۇتاشلىقى توختامنى ناتوغرا قىلىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ھەربىر تېنى تۇتاش قوشكېزەكنىڭ تەن تۇتاشلىق ئەھۋالىغا قاراپ تەپسىلىي ۋە ئايرىم ھۆكۈم بېكىتىلىدۇ.

ئەمما، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى قانداق ئېلىپ بېرىش بولسا شەخسىي تازىلىق قىلىش، ھاجەت قىلىش ۋە يۇيۇنۇشتەك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ئىشلار بولۇپ، بۇ ئىشلار شەرىئەتنىڭ «زەرەر يوقىتىلىدۇ»، «زۆرۈرىيەت چەكلەنگەننى مۇباھ قىلىدۇ» ۋە «ئىككى زىياننىڭ بىرىدىن ساقلانغىلى بولمىسا ئەڭ يەڭگىلى تارتىش ئارقىلىق ئېغىرىدىن ساقلىنىش كېرەك» دېگەندەك ئومۇم ۋە كۇللىي قائىدىلىرىگە بويسۇنىدۇ. شۇڭا، قوشكېزەكنىڭ نىكاھلانغىنى ئەر – خوتۇن بىللە بولغاندا قوشكېزىكى مۇمكىنقەدەر ئەۋرەتكە قاراشتىن ساقلىنىشى كېرەك بولىدۇ.

تۇتاش قوشكېزەكنىڭ نىكاھلىنىشى مەسىلىسىدە فۇقاھائلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپ توختالغان بولۇپ، قەدىم فىقھ كىتابلىرىدا «كىندىكىنىڭ ئاستى بىر ئايالدەك، ئۈستى ئىككى ئايالدەك يارىتىلغان بىر ئايال ھەققىدە ئىستىنجا قىلىپ، ئىككى يۈزىنى، تۆت قولىنى ۋە ئىككى پۇتىنى يۇيىدۇ، ئىككى باشقا مەسھ قىلىدۇ، نىكاھ قىلىنىپ، جىما قىلىنىدۇ. مۇبادا بۇ ئايالنىڭ ئورنىدا ئەر كىشى بولسا ياكى ھەربىرى ئەزالىرى تولۇق، لېكىن تېنى تۇتاش ئىككى ئەر ياكى ئىككى ئايال ياكى بىرى ئەر، بىرى ئايال بولسىمۇ ھەربىرى توي قىلسا بولىدۇ، مۇمكىنقەدەر ئېچىلىپ قالماسلىققا تىرىشىدۇ» دەيدۇ. فۇقەھائلىرىمىز يەنە تۇتاش قوشكېزەكلەرنىڭ ھەج، ناماز، روزا، ئېمىتىش، قىساس ۋە دىيەت… قاتارلىق ئەھكاملىرى ھەققىدىمۇ توختالغاندۇر. قاراڭ: شەمسۇددىن ئەلھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 1/280؛ ئەلبۇجەيرەمىي: «ھاشىيە ئەلە ئەتتۇھفە»، 9/423. ھازىرقى زاماندىمۇ فۇقاھائلاردىن ۋە مىسىر «دارۇل ئىفتاﺋ» قاتارلىق پەتۋا مۇئەسسەسەلىرىدىن تېنى تۇتاش قوشكېزەكلەر توي قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەتۋالار بېرىلگەندۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

152 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇرۇپلىمۇ؟ مەن بىر يۈك ماشىنا شوپۇرى شەھەرلەر ئارىسى ماڭىمەن، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىستانبۇل ئىچى ئاناتولىيە تەرەپتە ياكى سىلىۋرى ۋە چەركەزكۆي تەرەپلەردە ئىشلەيمەن. بۇ ئىشتا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىنمۇ خېلى بار، كۆپ ۋاقىتلاردا نامازنى قەسىر قىلىش ۋە جەملەش مەسىلىلىرىنى ئېنىق بىلەلمەي قالىمىز، سەپەر مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىنى بەزىلىرىمىز ساپاكۆيدىن باشلىسا، بەزىلىرىمىز پەندىك تەرەپتىن، يەنە بەزىلىرىمىز ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ۋە يەنە ئۆيىدىن باشلاپ ھېسابلايدىغانلارمۇ بار، ھەتتا قەسىر قىلمايدىغان قېرىنداشلارمۇ بار. شۇڭا، بەزىلىرىمىزنىڭ ھېسابىدا قەسىر بولسا بەزىلىرىمىزنىڭكىدە بولمايدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن.

(ئىستانبۇل دىن يىراقراق نەچچە شەھەر ئاتلايدىغان جايلارغا بارساق ئېنىق بىلگىلى بولغان بىلەن ئىستانبۇلدەك ئىككى تەرىپى سەپەر مۇساپىسىدىن ئاشىدىغان چوڭ شەھەردە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالىدىكەنمىز)

تۈركىيە دىيانەتنىڭمۇ بىرنەچچە خىل پەتۋاسى بار ئىكەن. قايسىنى تۇتۇشنى بىلەلمىدۇق، بىلىشىمچە شوپۇر قېرىنداشلار ئاساسەن ساپاكۆي، باشاقشەھەر، زەيتۇنبۇرنۇ، ئەسەنيۇرت، سېلىم پاشا، سۇلتانبەيلى تەرەپلەردە ئولتۇرىدۇ. مۇشۇ رايونلارنىڭ قەسىر مۇساپىسىنىڭ قەيەردىن باشلانسا توغرا بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىيرەك ۋە ئېنىقراق قىلىپ دەپ بەرگەن بولسىلا. (مەسىلەن: پالانى يەرنىڭ پالانى يەرلىرىدىن باشلاپ سەپەر مۇساپىسىنى ھېسابلىساق بولىدۇ دېگەندەك) ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 133 – سوئالنىڭ جاۋابىدا كۆرسىتىلگىنىدەك: سەپەرنىڭ مۇساپىسى كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن 85 كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سەپەر بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇ مۇساپىنى بېسىش نىيىتىدە تۇرۇۋاتقان شەھەر بىنالىرىدىن ئايرىلغان بولۇشى شەرت قىلىنغان. بۇ ئارىلىق ئۆيدىن ھېسابلانمايدۇ، بەلكى تۇرۇۋاتقان كەنت ياكى رايون سىرتىغا چىققاندىن باشلاپ، يەنە بىر شەھەر ياكى رايون سىرتىغا بارغۇچە بولغان ئارىلىق ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئىككى شەھەر ئارىلىقى 85 كىلومېتىردىن ئېشىشى لازىم. بۇ شەرتلەرگە ئاساسەن، ئىستانبۇل ياكى قاھىرە، ياكى توكيوغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەر ئىچىدە 85 كىلومېتىردىن كۆپ يول يۈرسىمۇ بۇ سەپەر ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن شەھەر ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرۈش بولۇپ، شەرىئەتتىمۇ، ئۆرپىمىزدىمۇ سەپەر ئەمەستۇر. شۇڭلاشقا تۇرۇۋاتقان شەھەردىن قوشنا شەھەرلەرگە سەپەر قىلغاندا، شەھەر بىنالىرى تۇتۇشۇپ كەتكەن بولسا، ئىككىسى ياكى ھەممىسى بىر شەھەر ھۆكمىدە بولۇپ، گەرچە 85 كىلومېتىردىن كۆپ يول يۈرسىمۇ بۇ سەپەر ھېسابلانمايدۇ. نەتىجىدە ناماز قەسىر قىلىنمايدۇ ۋە جەملەنمەيدۇ، رامازاندا ئېغىز ئېچىش رۇخسىتى بېرىلمەيدۇ. ئايال كىشىگە مەھرەم تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەمما، ئۆز شەھرىدىن چىققاندا شەھەر بىنالىرى ئۈزۈلۈپ قالغان تەقدىردە، ئاندىن 85 كىلومېتىر مۇساپىگە يۈرۈش سەپەر بولىدۇ. قەسىر قىلىپ ئوقۇشمۇ يۇقىرىقى ئۆلچەم ئاساسىدا بولىدۇ.

يۇقىرىقى جاۋابتىن مەلۇم بولىدۇكى، ساپاكۆي، باشاقشەھەر، زەيتۇنبۇرنۇ، ئەسەنيۇرت، سېلىم پاشا، سۇلتانبەيلى تەرەپلەردىن 85 كىلومېتىر ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇساپىگە يولغا چىققان قېرىنداشلار ئىستانبۇل شەھەر سىرتىغا چىققاندا يەنى شەھەر بىنالىرى ئۈزۈلۈپ، شەھەرنىڭ بىر چېكى دەپ قارالغان يەردىن قەسىرنى ۋە جەملەشنى باشلاپ، تاكى ئىستانبۇل شەھرىگە قايتىپ كىرگۈچە قەسىر قىلىپ، جەملەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شەھەر دائىرىسىگە كىرگەندە ئۆيىگە يېتىپ بارمىسىمۇ نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

153 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئوبدان تۇرۇۋاتاملا؟ يوگا ۋە مېدىتاسيوننى جائىز ئەمەس دەپ ئوقۇدۇم. ئۇنداقتا «سۇفىي مېدىتاسيونى» دەپ ئاتالغان مۇراقەبە جائىز بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. تەسەۋۋۇفتىكى مۇراقەبە / كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: « ئېھسان دېگەن ئاللاھقا خۇددى ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ، گەرچە سەن ئۇنى كۆرمىسەڭمۇ، ئۇ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئاساسلىنىدىغان بولۇپ، تەسەۋۋۇف ئىستىلاھىدا: سالىك پىر ئۇستازىدىن ئالغان روھىي ئىرشادنى ئۆزلەشتۈرۈش نىيىتىدە ئۆزىنى مەلۇم مۇددەت دۇنيا مەشغۇلاتلىرىدىن نېرى تۇتۇپ، ئۆزىدىكى ئاڭ نۇقتىلىرىغا دىققىتىنى يىغىپ چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش گىمناستىكىسى قىلىشنى يەنى تەئەممۇل ۋە تەپەككۇر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام رەببانىي ۋە شەيخ ئالائىددىن ئەلئەتتار قاتارلىق تەسەۋۋۇف پېشۋالىرى ئېيتقاندەك، بۇ تەپەككۇر ئۇنىڭ ئاللاھنى تونۇشىغا ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ. قەلبى ئاكتىپلىشىدۇ ۋە ئويغىنىدۇ. قەلبى ئويغانسا، تۈرلۈك ئوي – خىياللار بېسىقىپ، مۈگدەك باسىدۇ. نەپس ئۈستۈن ئالەمگە يۈزلىنىدۇ. نەپس ئۆزىنى ئۇنۇتىدۇ. بۇ ھالەتتە ئۇ چۈش ۋە پەردە ئارقىلىرىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ خىل مۇراقەبە مەقامى ئارقىلىق بەندە ئاللاھنىڭ خەلىپىسىلىك مەقامىغا يېتەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يوگا قائىدىلىرىنى ۋە ئولتۇرۇشلىرىنى قىلىشى كېرەك ئەمەس. دېمەك بۇ يوگا ۋە بۇتپەرەسلىك ۋە كۇفۇر قىلمىشلار بىلەن ھېچ ئالاقىسىز.

ئۇنداق بولغانىكەن، يۇقىرىقى تەسەۋۋۇف مۇراقەبەسىنى مېدىتاسيون دەپ ئاتىسۇن ياكى ئاتىمىسۇن، ئۇنىڭغا كۇفۇر ۋە شىرك ئېتىقاد، مەلۇم شەكىلدە ۋە ئۇسۇلدا ئولتۇرۇپ ئادا قىلىشتەك براخمانىزم بىلەن بۇددىزم قائىدە – تەرتىپلىرى ئارىلاشسا، ئۇنىڭ ھۆكمى يوگا مېدىتاسيونىغا ئوخشاش كۇفۇر ۋە ئازغۇنلۇق بولىدۇ. پەقەت ئارىلاشمىسا ئاندىن يوگا بىلەن ئالاقىسىز تەسەۋۋۇف مۇراقەبەسىدىن ئىبارەت مۇباھ ئىش بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولغىنىدا نەتىجىدە بۇ يوگا مېدىتاسيونى قائىدە – تەرتىپ ۋە پرىنسىپلىرىغا زىت بولىدۇ- دە ئۇنى «سۇفىي مېدىتاسيونى» دەپ ئاتىۋېلىش ئۇنى يوگا مېدىتاسيونى بىلەن چېتىپ قويۇشقا ۋە خاتا چۈشىنىشكە سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «مۇراقەبە» دەپ ئاتاش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

154 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز دوكتۇر، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن!. بىزنىڭ مەككە – مەدىنەدىكى دۇكاندا ۋە باشقا پۈتۈن دۇكانلاردا توك قاچىلاپ قوللىنىلىدىغان تاماكا تۇتاشتۇرىدىغان چاقماق سېتىلىۋاتىدۇ، ھاجىلاردا بۇ خىل چاقماقنى ھەدىيەلىك ئۈچۈن ئىسىم يازدۇرۇپ سېتىۋېلىش دولقۇنى قوزغالدى. بۇنى ساتساق گۇناھ بولامدۇ؟ تەپسىلىي جاۋاب بېرىلسە بىلىۋالساق، ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئىستېمال قىلغۇچىلارغا ۋە ئەتراپتىكىلەرگە زىيانلىق ئىكەنلىكى، پۇل – مالنى زايە قىلغانلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ ئۆزىگە زۇلۇم سالغانلىقى بولىدىغانلىق جەھەتتىن تاماكا چېكىش ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(4/«نىسا»: 29) دېگەن. يەنە ﴿ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 195) دېگەن. پەيغەمبر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش يوق» دېگەن. يەنە پۇل – مالنى زايە قىلىۋېتىشتىن توسقان. بۇنىڭغا ئاساسەن، تاماكا تۇتاشتۇرۇشقىلا قوللىنىلىدىغان چاقماقنى ئىشلەپ چىقىرىش، بازارغا سېلىش، يۆتكەش ۋە سېتىش ھارام بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تاپقان كىرىممۇ ھارام بولىدۇ. باشقا جايلاردا بۇ ھارام بولغانىكەن، ئۇلۇغ دىيار بولمىش ھەرەمدە بۇنى سېتىش گۇناھنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ بەيتىگە ھەج – ئۆمرىگە بارغانلارنىڭمۇ بۇ تۈرلۈك ھارام نەرسىنى باشقىلارغا ھەدىيە ئېلىشى ھاجىلىق سۈپەتكە ياراشمايدىغان قىلمىش بولۇشنىڭ ئۈستىگە، ھارامغا تەشۋىق، ھارامنى قولايلاشتۇرۇشتۇر. نەتىجىدە، ساتقۇچىمۇ، ھەدىيە ئالغۇچىمۇ گۇناھ ۋە زۇلۇمغا ھەمكارلاشقان بولىدۇ. ھەقتائالا: ﴿گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار! ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار! ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر﴾(5/«مائىدە»: 2) دەيدۇ. بۇ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغاي! ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

155 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. دىنىمىزدا ئوغرىلىق قىلغانلار خەلقى ئالەم ئالدىدا قولىنى كېسىپ ئىبرەت قىلىنىدىكەن. ھازىر ئۇ ئىشلار يوق، ئەمما بەزىلەر كەسپىي ئوغرىلارنى خەلقى ئالەمگە ئىسپاتلىق تونۇتۇپ قويۇش ئابرويىنى تۆككەنلىك دەيدىكەن. ئەجىبا، كەسپىي ئوغرىلار پاش قىلىنماي كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىنى ئوغرىلاپ يەۋەرسە، ئۇنى يوشۇرۇش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» دېگەن كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، مۇھتاجلىقتىن ياكى نادانلىقتىن ئوغرىلاپ سالغانلارنى رەسۋا قىلماي يۆگەش مۇستەھەب بولۇپ، ئۇلارنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلىش ئۇلارغا ئازار بەرگەنلىك، ئىنسانىي ئىززەت – ئابرويىغا تەگكەنلىك ۋە تەۋبە قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرغانلىق بولىدۇ. ئۇنداق قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىغا ۋە ئادەمگەرچىلىككىمۇ تاقىشىدۇ. ئەمما، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقتىن دەردىنى تۆكۈش مەقسىتىدە كەسپىي ئوغرى، قويمىچىلارنى جازالايدىغان ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقىلار ئۈچۈن يامان سۆزنى ئاشكارا قىلىشنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ﴾(4/«نىسائ‍»: 148)، ﴿يەنە ئۇلار تاجاۋۇزغا ئۇچرىغىنىدا ئىنتىقام ئېلىپ تۇرىدىغانلاردۇر﴾(42/«شۇرا»: 39) دېگەن سۆزلىرىگە ئاساسەن جائىز ۋە مۇستەھەب بولۇپلا قالماي، ھەتتا گېزى كەلگەندە باشقىلارغا زىيان ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇش زۆرۈرىيىتى تېپىلغىنىدا ۋاجىب بولىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئوغرى، قويمىچىلار ئۈچۈن ئىسلاھ بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ قازى جازانىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە رەسۋا قىلىشقا ھۆكۈم چىقارمىغان ئەھۋالدا، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى مەقسەتلەردىن باشقا تۈرلۈك غەرەزلەردە ئوغرىلارنىڭ رەسىم – ۋىديولىرىنى تارقىتىپ تىل – ھاقارەت ياغدۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئابرويىنى خاھلىغانچە تۆكۈشى توغرا ئەمەس. بۇنىڭ جەمئىيەتكە يامان تەسىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى زور بولۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە خاتا مەلۇماتقا ئاساسەن بىرىنى رەسۋا قىلىپ قالسا، كېيىن ئۇ خاتالىقىنى تۈزىتىشمۇ قىيىن. شۇڭا، بۇنىڭدا قازى ياكى سوتچىنىڭ ئىسپاتقا تايانغان ھۆكۈم – جازاسى ئاساس قىلىنىشى، مەقسەتمۇ توغرا بولۇشى ۋە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

156 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مەلۇم ئەر – ئايال پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، ئەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ھامىلىدار بولۇپ بىر پەرزەنت كۆرگەن. مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئايالى يەنە بىر پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ بۇرۇنقى ئۇرۇقلاندۇرغان دوختۇرخانىغا بارسا، ئېرىنىڭ بۇرۇنقى قېتىمدا ساقلاپ قويۇلغان ئۇرۇقى ئارقىلىق ئۇرۇقلاندۇرۇپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ئېيتىلغان. بۇ تەرىقىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن پەرزەنت كۆرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بەزىبىر ئەھۋاللاردا تۇغماسلىق ياكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىك سەۋەبىنى پەقەتلا ئەرنىڭ ئىسپېرمىسىدىكى ئۇرۇق بىلەن ئايالنىڭ تۇخۇمچىسىنى بالىياتقۇ سىرتىدا شېشىدە بىرلەشتۈرۈپ تەن سىرتىدا ھامىلە يەنى «پروبىركا بوۋىقى» يېتىشتۈرۈپ، ھامىلىنى ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈپ بالىنى تۇغدۇرۇش ئارقىلىقلا داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇ داۋالاشتا ئېشىپ قالغان ئۇرۇقلار كېيىنچە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ.

شەرئىي ھۆكۈمگە كەلسەك، «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ۋە «ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ ئالىي كوللېكتىپ پەتۋا ئورگانلىرىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى قارارلىرىدا كەلگىنىدەك، بۇ خىل داۋالاش زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇرۇق شۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۇرۇقى، تۇخۇمچىمۇ شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ تۇخۇمچىسى، تۇخۇمچە ۋە ئۇرۇق ئېلىنغان ۋاقىت بىلەن ئىشلىتىلگەن ۋاقىت شەرئىي نىكاھ ھالىتى بولۇشى، ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى، كېيىن تۆرەلمە كۆچۈرۈلگەن بالىياتقۇمۇ شۇ ئەرنىڭ ئايالىنىڭ بالىياتقۇسى بولۇش شەرتى بىلەن جائىز بولىدۇ.

مەزكۇر داۋالاشتىن ئېشىپ قالغان ئۇرۇقنى ۋە تۇخۇمچىنى، شۇنداقلا تۆرەلمىلەرنى ساقلاش، بولۇپمۇ ئەر ۋە ئايالنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساقلاش ئۇرۇق، تۇخۇمچە ۋە تۆرەلمىلەرنىڭ سەۋەنلىكتىن ياكى قەستەن باشقىلارنىڭكىگە ئارىلىشىپ كېتىشىگە ياكى سېتىلىپ ئىنسانلىقنىڭ ھۆرمىتىنىڭ يوقۇلۇشىغا ۋە باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي پاراكەندىچىلىككە يول ئاچىدۇ.

شۇنداقلا ئەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساقلانغان ئۇرۇقنى، ئايالنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساقلانغان تۇخۇمچىنى ئىشلىتىپ پەرزەنت كۆرۈش ھەم ھارام بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان پەرزەنتنىڭ نەسەبىمۇ ئۇ ئەرگە تۇتاشماي، ۋەلەدىزىنادەكلا بولىدۇ. چۈنكى، ئۆلۈم بىلەن شەرئىي نىكاھ ئاياغلاشقان بولۇپ، ئۇ ئۇرۇق ئۇ ئايالغا نىسبەتەن يات بىر ئەرنىڭ ئۇرۇقى، تۇخۇمچىمۇ ئۇ ئەرگە نىسبەتەن يات بىر ئايالنىڭ تۇخۇمچىسىدۇر. نەتىجىدە بۇ قىلمىش ئىنسان فىترىتىنىڭ ۋە نەسەبىنىڭ بۇلغىنىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. نىكاھنىڭ ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى شۇكى، مۇبادا ئايال ئۆلسە، ئېرى ئۇ ئايالنىڭ ھەمشىرىسى ياكى ھاممىسىنى نىكاھلاپ ئالالايدۇ. ئەگەر بۇرۇنقى نىكاھى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشمايدىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنى نىكاھلاپ ئالالمايتتى.

يەنە كېلىپ بۇ خىل داۋالاش پەرزەنت كۆرەلمەسلىك سەۋەبىدىن جائىز قىلىنغان بولۇپ، ئېرى تۈگەپ كەتكەن ئايال كېيىن باشقا بىر ئەرگە نىكاھلىنىپ شۇ ئەردىن پەرزەنت كۆرەلەيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

157 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز! پات يېقىندا ئايالىم يەڭگىمەكچى، ئالدىنقى بالىلارنى ئاتايىن ئايال دوختۇرلارلا بار شەخسىي دوختۇرخانىدا تۇغقان ئىدى، تۈركىيەدە يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق پەۋقۇلئاددە باھا ئۆسۈش سەۋەبلىك دۆلەت دوختۇرخانىسىنى تاللاشنى ئويلاشقان ئىدۇق، لېكىن ئىزدەنسەك نورمال تۇغۇتتىمۇ يۇقىرى ئېھتىمالدا ئەر دوختۇر كىرىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر ئوپېراتسىيەلىك تۇغۇت بولۇپ قالسا ئىنتايىن يۇقىرى ئېھتىمالدا ئەر دوختۇر كىرىدىكەن، ئۇنىڭسىزمۇ ناركوز دوختۇرى، ھەمشىرە دېگەندەكلەردە ئەرلەرنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش مۇمكىناتى يوققا يېقىن ئىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھەقسىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۆلەت دوختۇرخانىسىدا تۇغۇشنى تاللاشقا بولامدۇ؟ ياكى ئىقتىسادنىڭ ئامالىنى قىلىپ شەخسىي دوختۇرخانىغا بېرىش ۋاجىبمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بەزى ئاياللارنىڭ كاللىسىغا «ئەر دوختۇر ئايال دوختۇردىن ئۇستا»، «ئەر دوختۇرنىڭ قولى يېنىك بولىدۇ» دېگەندەك خاتا قاراش جايلاشقان بولۇپ، بۇنى ئاياللارنىڭ ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈشى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە گاھىدا ئايال دوختۇر ئۇستىراق بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئەسل قائىدە بويىچە ئەر دوختۇرنىڭ يات ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى، قول تەگكۈزۈشى ۋە تۇغدۇرۇشى ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، نامەھرەملەرنىڭ ھۆكمى ئېنىقتۇر. ئەمەلىيەتتە، ئەلمىساقتىن بېرى تۇغۇت ئاياللار تەرىپىدىن ئورۇندالغان، «تۇغۇت ئانىسى» دېگەن خاس ئىسىممۇ دەل شۇنىڭ بىلەن باغلىق، ھېچكىم «تۇغۇت ئاتىسى» دەپ ئاڭلاپ باقمىغان بولسا كېرەك. تۇغۇتتىن ئىبارەت ئالاھىدە ئەھۋالدا تولغىقى تۇتقان ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە ئايال دوختۇرنىڭ قارىشى ۋە تېگىشى يەڭگىلرەك بولۇپ، ئېھتىياج ئايال دوختۇر بىلەن قامدىلىدۇ. شۇڭا، ئايال دوختۇر تېپىلماسلىق، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چارىسىز قېلىش ۋە ئايال دوختۇرنىڭ ھەققىنى ئۆتنە يېرىم قىلىپ بولسىمۇ تەييارلىيالماسلىقتەك ئالاھىدە بىر زۆرۈرىيەت تېپىلمىغان تۇغۇتلاردا، بولۇپمۇ مۇۋاپىق باھادا تۇغدۇرىدىغان ئايال دوختۇرلار تېپىلىدىغان تۈركىيەدەك دىيارلاردا ھامىلىدارلارنىڭ ئەر دوختۇرغا كۆرۈنۈشى ۋە ئەر دوختۇر تۇغدۇرىدىغان دوختۇرخانىلاردا تۇغۇشى جائىز بولمايدۇ.

بۇنىڭدىكى ئاساس ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ: ﴿مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن﴾(24/«نۇر»: 30) ۋە ﴿يەنە مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن﴾(24/«نۇر»: 31) دېگەن ئەمرىدۇر. فىقھىي قائىدەدە: «زۆرۈرىيەت چەكلەنگەننى مۇباھ قىلىدۇ» ۋە «زۆرۈرىيەت ئۈچۈن قىلىنغان رۇخسەت زۆرۈرىيەت مىقدارىدا بولىدۇ» دېيىلگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، دۆلەت دوختۇرخانىسىدا ئايال تۇغۇت دوختۇرى تېپىلمىغان ياكى ئايال دوختۇرنى تاللاش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا شەخسى دوختۇرخانىلاردىكى ئايال دوختۇرغا بېرىشقا قۇربى يېتىدىغان ئەرنىڭ ئايالىنى ئەر دوختۇرغا ئاپىرىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ئايالىنىڭ نومۇسى مال – دۇنيادىن قىممەتلىكتۇر.

ئىلاجسىزلىق بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەلبەتتە. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجسىزلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 173).

بۇ ۋەجدىن، مۇسۇلمان دوختۇر ئايال تېپىلمىسا، كافىر ئايال دوختۇر، كافىر ئايال دوختۇرمۇ تېپىلمىسا ئاندىن مۇسۇلمان ئەر دوختۇر، ئۇمۇ تېپىلمىغاندا ئاندىن كافىر ئەر دوختۇرغا ئىلاجسىزلىقتىن بارىدۇ. ئوپېراتسىيەدە ناركوز دوختۇرىمۇ ئوخشاش.

يۇقىرىقى تەرتىپ ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿شۇڭا، ئاللاھتىن تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە قورقۇڭلار! (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر﴾(64/«تەغابۇن»: 16) دېگەن ئەمرىنىڭمۇ تەقەززاسىدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

158 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تاراتقۇلاردا «ئەتە مىئراج كۈنى روزا تۇتۇڭ، كېچىسىدە تەھەججۇد ئوقۇڭ» دېگەندەك تەشۋىقاتلار بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق قىلىش ھەققىدە دىنىمىزدا كۆرسەتمە بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىسراﺋ‍‍ ۋە مىئراج مۇئجىزىسى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەككەدىكى مەسجىدۇلھەرامدىن فەلەستىندىكى قۇدۇس شەھرىدىكى مەسجىدى ئەقساغا كېچىسى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ زاتنىڭ جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىقىدا مەسجىدى ئەقسادىن ئاسمانلارغا ئۆرلىشى، بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەرز قىلىنىشى ۋە جەننەت بىلەن دوزاخ، پەرىشتە، ئەنبىيا، بەيتۇلمەئمۇر كەبى پەرۋەردىگارىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى كۆرۈشى ۋە سىدرەتۇل مۇنتەھاغا قەدەر ئۆرلىشىدىن ئىبارەت كاتتا مۇئجىزەدۇر. بۇ مۇئجىزىنىڭ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەت قىلىشتىن ئەڭ ئاز بىر يىل بۇرۇن يۈز بەرگەنلىكىدە ئالىملار ئوتتۇرىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى بولمىسىمۇ، ئېنىق ئاي – كۈنىنى بېكىتىشتە قاراشلىرى پەرقلىق. «رامازاندا ياكى رەبىييەل ئەۋۋەلدە» دېگەنلەر بولغىنىدەك، «27 – رەجەب كېچىسى» دەپ بېكىتكەنلەرمۇ بولغان. بىرەر قاراش بويىچە ئۇ كۈننى مەلۇم بىر كۈنگە بېكىتكەن تەقدىردىمۇ، رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇ كۈندە روزا تۇتقانلىقى ياكى ۋەياكى ئۇ كۈننىڭ كېچىسىدە تەھەججۇد ئوقۇغانلىقى ياكى بۇيرۇغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق. شۇڭا، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش كىشىنىڭ نەپلە روزا تۇتۇشىغا ئۇدۇل كېلىپ قالسا، تۇتسا بولىدۇ. بولمىسا، دىنىمىزدا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە روزا تۇتۇش ياكى ئالاھىدە نەپلە ناماز، تەجەججۇد نامىزى ئوقۇش يوقتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

159 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئامېرىكىنىڭ بەزى شىتاتلىرىدا مەسجىدلەر يېتىشمەسلىك، مەسجىد بولسىمۇ جامائەت سىغماسلىق ياكى كىشىلەرنىڭ ئىش ۋاقتى بىلەن جۈمەنىڭ ۋاقتى دوقۇرۇشۇپ قېلىش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن بىر مەسجىدتە بىر جۈمە كۈنىدە ئۈچ قېتىم (پېشىننىڭ ۋاقتى كىرگەندىن تارتىپ ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرگۈچى بىر سائەتتىن ئارىلىق قالدۇرۇپ بۆلۈپ) جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىكەن، بۇنداق قىلىش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. فىقھىي ھۆكۈمدە مەلۇم شەھەر ياكى كەنت ئاھالىسىنىڭ بىر جامەدە يەنى جۈمە ئوقۇلىدىغان بىر مەسجىدتە جەم بولۇپ بىر جامائەتتە جۈمە ئوقۇشى ئەسل قائىدە بولسىمۇ، شەھەر مەھەللىلىرى كېڭىيىپ، جامائەت سىغماسلىق، بىر ۋاقىتتا جەم بولالماسلىقتەك ئېھتىياج تۈپەيلى بىرقانچە جامەدە ئوقۇلۇشى جائىز بولغىنىدەك، بەش ۋاقىت نامازنىڭ زىددىيەت ۋە بۆلۈنۈش پەيدا قىلمايدىغان ئەھۋال ۋە مەسجىدلەردە بىرنەچچە قېتىم جامائەت بولۇپ ئوقۇشى ھەم جائىز بولغاندۇر.

بۇنىڭغا قىياسەن، غەرب ئەللىرىدە بەزىبىر جامەلەر نامازخانلارنى تولۇق سىغدۇرالماسلىقى ياكى ھەممە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىرلا سائەتتە دەم ئالالماسلىقى ياكى جامە ئەتراپىدىكى يول، مەيدانلاردا ناماز ئوقۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىدەك ئورۇنلۇق ئۆزرىلەر تېپىلغىنىدا، جۈمە نامىزى، خۇتبىسى ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ھەپتىدە بىر بولسىمۇ يىغىلىشى قاتارلىق پەزىلەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى جۈمە نامىزىنى بىر جامەدە بىرنەچچە قېتىم ئوقۇشى جائىزدۇر. چۈنكى، جۈمە نامىزىمۇ باشقا بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش پەرز نامازدۇر. ئۇنىڭدىن كۆزلەنگەن مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى، مەزكۇر ئۆزرىلەر سەۋەبلىك بىرقانچە جامائەت بولۇش بىلەنمۇ ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ۋاقىت قىسلىقىنى ئورۇن قىسلىقىغا قىياسمۇ بولىدۇ.

گەرچە سەلەفلىرىمىز ۋە ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز ئېھتىياجى بولمىغانلىقتىن جۈمە نامىزىنى بىر جامەنىڭ ئۆزىدە تەكرار ئوقۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمىگەن ۋە بۇ ھەقتە توختالمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى ئىككى مەسىلىدىكى رۇخسىتى بۇ مەسىلىدىمۇ رۇخسەت قىلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، جۈمە نامىزى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە خەلىپىلىرى زامانىدا ھەربىر شەھەر ۋە كەنتتە بىرلا جامەدە ئوقۇلغان. بۇ شۇنداق قىلىشنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەۋزەللىكىنى كۆرسەتسىمۇ، بىرقانچە ئورۇندا ئوقۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا، كېيىنچە شەھەرنىڭ كېڭىيىشى ۋە نوپۇسنىڭ ئاۋۇشى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار جۈمە نامىزىنى بىر شەھەردە بىرنەچچە جامەدە ئوقۇشنى جائىز دېگەن.

ئەلۋەتتە بىر شەھەردىكى جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە نامىزىنى بىر جامائەتتە ئوقۇشى مۇمكىن بولمىغىنىدا، تاقەتنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق قىلىش ۋە جۈمە نامىزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن مەھرۇم قالماسلىق يۈزىسىدىن ئايرىم – ئايرىم خۇتبە، ئايرىم – ئايرىم ئىمام بىلەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى… جامائەت بولۇپ ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ جامائەتلەرگە قاتنىشالمايدىغانلار جۈمەنىڭ ئورنىغا تۆت رەكئەت پېشىن ئوقۇماي چارە يوق. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، جۈمە ئوقۇپ بولغان ئىمامغا يەنە بىر جامائەتنىڭ ئىقتىدا قىلىپ جۈمە ئوقۇشى بەزى مەزھەبلەردە پەرز ئوقۇغۇچىنىڭ نەپلە ئوقۇغۇچىغا ئىقتىدا قىلىشى دەپ چەكلىنىدۇ. باشقا سالاھىيەتلىك ئىمام تېپىلمىغىنىدا «جائىز» دېگەن قاراشنى تۇتماي بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

160 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئېشەكنىڭ سۈتى ئۆپكە كېسەلنىڭ دورىسى دەپ ئىچىلىدىكەن، بۇنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بەرسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سەھىھەيندىكى ھەدىسلەردە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەرلىك ئېشەك گۆشىنى ھارام قىلغان» ۋە «چۈنكى ئۇ پاسكىنىدۇر» دەپ جاكارلاتقان.

«سۈتنىڭ ھۆكمى گۆشكە تەۋە» دەپ قارىغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملار ئېشەك سۈتى گۆشىگە ئوخشاش نىجىس، شۇڭا ئۇنى ئىستېمال قىلىش ھارام، دەپ قارىغان. شۇنداقتىمۇ، ئۆپكە تۇبېركۇليوز، يۆتەلگە ئوخشاش بەزىبىر كېسەللىكلەرگە دورا سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىش «زۆرۈرىيەتلەر ھارامنى مۇباھ قىلىدۇ» دېگەن قائىدە بويىچە، ئىشەنچلىك دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىدە ئۇنىڭدىن باشقا ئۈنۈملۈك دورا تېپىلماسلىق شەرتى بىلەن مۇباھ بولىدۇ. لېكىن، كۈنىمىزدىكى تېببىي پەن تەرەققىياتىدا بەزى كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ھالال دورىلار مەۋجۇت. شۇڭا:، ئېشەك سۈتىدىن باشقا چارە يوقلۇقى تەكشۈرۈپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

ئەگەر سوپۇن، گىرىم بۇيۇملىرى ياكى دورىدەك باشقا بىر ماددا ياساش جەريانىدا ئېشەك سۈتى خىمىيىلىك پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، ئەسل خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ، باشقا بىر ماددىغا ئايلانسا، نىجىسلىق ماھىيىتى ئۆزگەرگەنلىكتىن ھۆكمى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ۋە ئىستېمال قىلىش جائىز بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

161 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! يېقىندا ۋەتەندىكىلەردىن مۇنداق بىر سوئال كەلدى: ھازىر ۋەتەندىكى تويلاردا نىكاھ ئوقۇش چەكلەندى، نىكاھ ئوقۇيدىغانلارمۇ قالمىدى، ئوقۇيالايدىغانلارمۇ قورقۇپ نىكاھ ئوقۇپ قويالمايدۇ. بۇ ئېغىر ئەھۋالدا بىزنىڭ تويىمىز نىكاھسىز داۋام قىلىۋاتماقتا. شەرىئەتتە بۇنىڭغا قانداق ھۆكۈم بار؟ ئۆزىمىزنىڭ نىكاھىنى ئۆزىمىز ئۆزئارىمىزدا ھېچكىمگە دېمەي ئوقۇۋالساق جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چارىسىزلىكى سەۋەبلىك ئىبادەت ۋە مۇقەددەس رىشتە بولمىش نىكاھنى شەرئىي ئۇسۇلدا ئوقۇش مۇمكىن بولمايۋاتقان بۇ ئېغىر كۈنلەردە تاجاۋۇزچى خىتتاي خەلق ئىشلار دائىرىلىرىدە بىر – بىرى بىلەن نىكاھلىنالايدىغان ئىككى مۇسۇلماننىڭ رەسمىي توي خېتى ئېلىش رەسمىيەتلىرى شەرئىي نىكاھ ئورنىدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئىككىيلەن شەرئىي نىكاھلانغان ئەر – خوتۇن بولىدۇ. نەتىجىدە بۇنىڭغا نەپىقە، نەسەب ۋە مىراس قاتارلىق شەرئىي نىكاھ ئەھكاملىرى ئەگىشىپ كېلىدۇ.

بۇنىڭ ئاساسى تۆۋەندىكىچە:

1. توي خېتى ئېلىش رەسمىيىتى جىمى ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا شەرئىي نىكاھنىڭ ئاساسلىق قىسمى (رۇكنى) بولغان «ئالدىم – تەگدىم» ياكى «توي قىلىشنى قوبۇل قىلدىم» دېگەندەك ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقىغا دالالەت قىلىدىغان قوبۇل ئىپادىسىدۇر.

2. توي خېتى رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان كاتىب ۋە خىزمەتچىلەر مۇسۇلمانلاردىن بولسا، (ئىككى) مۇسۇلمان گۇۋاھچى بار بولىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن بولمىغان تەقدىردىمۇ زۆرۈرىيەت جەھەتتىن 5/«مائىدە» سۈرىسى: 29 – ئايەتتىكى سەپەر ئۈستىدە كافىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە گۇۋاھچى بولۇشىنىڭ جائىزلىقىغا قىياسەن، كافىر خىزمەتچىلەر ئىككى مۇسۇلمان گۇۋاھچىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. بۇ رەسمىيەتلەر بىلەن ئىككى گۇۋاھچىدىن كۆزدە تۇتۇلغان نىكاھنى يوشۇرماسلىق، ئېلان قىلىش، ھەق – ھوقۇقنى قوغداش قاتارى مەقسەتلەر ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ رەسمىيەتكە ئۇرۇق – تۇغقانلاردىن ئىككى ئەر كىشى بىللە بارسا، گۇۋاھچى مەسىلىسى ھەل بولۇپ كېتىدۇ.

3. قىز / ئايال تەرەپنىڭ ئىگە – چاقىسى بولمىش «ئاتىسى، تاغىسى ۋە ئاكىسى…» دېگەندەك ۋەلىيسى ھەنەفىي مەزھەبتە شەرت قىلىنمىغاچقا، ۋەلىي رەسمىيەت سورۇنىغا كېلەلىسە ياخشى، كېلەلمىسىمۇ نىكاھقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

4. مەھر يەنى تويلۇق نىكاھنىڭ شەرتى ئەمەس، بەلكى توغرا نىكاھنىڭ نەتىجىسىدە ۋاجىب بولغان ھەقتۇر. مەھر توي رەسمىيىتى بېجىرگەندە تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، ئۇنى تويدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بەرسە ۋاجىب ئادا بولىدۇ.

5. «توي خېتى رەسمىيىتىدە نىكاھنىڭ شەرتلىرى تولۇق تېپىلماي قالىدۇ» دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، توي قىلىش ۋە ئۆيلىنىش زۆرۈرىيىتى، زورلىنىش ۋە جازالىنىشتىن قورقۇش قاتارلىق ئېغىر شەرت – شارائىت ھۆكۈمدە كەڭچىلىك ئېلىپ كېلىدۇ. بىنورمال شارائىتتا ئىستىسنائىي ھۆكۈم بولىدۇ.

6. كافىرلار ھۆكۈمرانلىقى ۋە تۈزۈمىدە قىلىنغان نىكاھقا ئىسلاممۇ «توغرا» دەپ ھۆكۈم بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا نۇرغۇن خالايىق مۇسۇلمان بولغان. لېكىن، رەسۇل ئەكرەم ئۇلارنىڭ نىكاھىنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرمىگەن. ھازىرقى شارائىتتىكى تويلارمۇ كۇفۇر ھۆكۈمرانلىقى ۋە تۈزۈمىدە چارىسىز بولىۋاتقان تويلاردۇر، شۇڭا ئوخشاشلا توغرا بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتقانكى: ﴿كىمكى كۆڭلى خاھلىمىغان ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا مەجبۇر بولۇپ قالسا، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 145).

﴿ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار:) «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەھۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» (دەيدۇ)﴾(2/«بەقەرە»: 286)

ۋەلھاسىل: بۈگۈنكى شەرئىي نىكاھ قىلىش مۇمكىن بولمىغان ئىشغال ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى شارائىتتا ۋەتىنىمىزدىكى رەسمىي توي خېتى ئېلىش جەريانى شەرئىي نىكاھ ئورنىدا تۇرىدۇ. بىرەر ئۆلىما ياكى ئىمام نىكاھ ئوقۇيالمىسىمۇ، ۋەلىينىڭ ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلاردىن ئىككى ئەر گۇۋاھچىنىڭ ئالدىدا ئىككى تەرەپ «ئالدىم – تەگدىم» دەپ رازىلىقىنى بىلدۈرۈۋەتسە نىكاھ توغرا بولىۋېرىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب \ ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

Page: 1 2 3 4

admin@sajiye

Recent Posts

جەننەت

جەننەت — ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن، ئەمەل قىلغۇچىلار ئەمەل قىلىدىغان ۋە مۇئمىنلەر بىر - بىرى بىلەن…

3 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (5) قارىي ئارىف ياركەندىي-مەنبەئۇل ئەسرار/ منبع الأسرار

قوليازمىنىڭ ئىسمى: مەنبەئۇل ئەسرار تۈر: تەسەۋۋۇف، تەرىقەت، سۇلۇك، ئادابۇ مۇرىد، ئادابۇ سالىك، نەقشىبەندىييە مۇجەددىدىييە ساقىبىييە…

3 ئاي ago

دوزاخقا يېقىلغۇ بولىدىغان تۇنجى ئىنسانلار

دوزاخ ئاللاھ تائالا ئۇنى ياراتقاندىن باشلاپ، داۋاملىق كۆيۈپ، يالقۇنجاپ تۇرۇۋاتىدۇ. دوزاخ دوزاخ ئەھلىگە غەزەپلەنگەنلىكتىن يېرىلىپ…

3 ئاي ago

دوزاخ ئەھلىنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرى، كىيىملىرى ۋە كۆرپىلىرى، شەكىللىرى ۋە قەبىھلىكى

ئاللاھ تائالا دوزاخ ئەھلىنىڭ تامىقى ۋە ئىچىملىكىنى زىكىر قىلدى، بۇمۇ ئۇلار چېكىدىغان ئازابنىڭ تۈرلىرىدىندۇر. دوزاخ…

3 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (4)  مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي – مەجمۇئەتۇل ئەھكام / مجموعة الأحكام

قوليازمىنىڭ ئىسمى: مەجمۇئەتۇل ئەھكام (مۇئەللىف ئۆزى مەجمۇئەتۇلئەھكام دەپ ئاتىغان. قوليازما ساقلانغان كۇتۇپخانىدا تونۇشتۇرۇش قەغىزىدە «ئىختىياراتۇل…

3 ئاي ago

دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەر

دوزاختا بەك يوغان ۋە قاۋۇل پەرىشتىلەر تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار دوزاخنى ساقلىغۇچى پەرىشتىلەردۇر. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ سانى…

3 ئاي ago