Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئۈچىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

ئۈچىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

ئۈچىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

خەلقىمىز ئۈچۈن رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتىۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ئەسكەرتىش: ھەر يىلى رامازان ئېيى مەزگىللىرىدە شەرئىي ھۆكۈم ھەققىدە سوئاللار يېغىپ كېتىدىغان بولغاچقا، سوئاللارنىڭ نېگىزلىك، قىسقا ۋە ئەتراپلىق بولۇشىنى، شۇنداقلا سوئال سورىغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن تۇرۇۋاتقان شەھەرنى ھەم يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. جاۋابلارمۇ شۇ تەرىقىدە ئىخچاملىقنى ئاساس قىلىدۇ. زۆرۈرىيەتسىز دەپ قارالغان سوئاللار جاۋابسىز قېلىشىمۇ مۇمكىن.

سوئاللار تۆۋەندىكى نومۇرغا ياكى ئېلخەت، ياكى توپلاردىن بىرىگە يوللانسا بولىدۇ:

ئېلخەت: saciyeder@gmail.com

ۋاتسئاپ:

00905511745625

https://chat.whatsapp.com/JHGXHR8F8ZcIRLmYmvSMbb

https://chat.whatsapp.com/Iu3jcXBTH2DAyTRMxUMpsd

https://chat.whatsapp.com/IIS1mKtrIokDQzE4ec9tHg

https://chat.whatsapp.com/3ZdsGZEgdd58OA4dhUs2O4

ئېنستاگرام:

https://instagram.com/abdulazizrahmetullah?igshid=MTIzZWQxMDU=

تېلېگرام قانىلى:

https://t.me/EastTurkistans

جاۋابلار «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى توربېتى https://sajiya.biz/ » دە ئېلان قىلىنىدۇ.

ھ. 1445 / م. 2024

ھ.1445 / م. 2024 – يىلى سورالغان سوئاللارغا جاۋاب

 

1 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئۈستىدىكى ئۆيدىن سۇ ئۆتۇپ كېتىپ ئۆيۈم بۇزۇلۇپ كەتكەنتى. بۇزۇلغان يەرنى ئوڭشاش كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؟ مېنىڭمۇ ياكى ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭمۇ؟

ئۈستى قەۋەتتە ئىجارە ئولتۇرۇدىغان ئادەم بولۇپ، ئۆيدىن سۇ ئۆتۇپ بۇزۇلۇپ كەتسە، ئوڭشىتىش ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىشىمۇ ياكى «مەن ساق بەرگەندىكىن پۇلنى سەن تۆلەيسەن» دەپ ئىجارىدە ئولتۇرغان ئادەم تۆلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۈستى قەۋەتتىن ئاستى قەۋەتكە سۇ ئۆتۈپ كەتسە، ئالدى بىلەن تۇرۇبىچىنى ئەكىلىپ سەۋەبنى بىلىش لازىم. ئەگەر ئۆينىڭ تۇرۇبىلىرى كونىراپ كەتكەنلىكتىن يېرىلىپ سۇ ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئوڭشاش چىقىمىنى ۋە ئاستىدىكى ئۆينىڭ زىيىنىنى ئۈستى قەۋەت ئۆينىڭ ئىگىسى تۆلەيدۇ. ئەگەر سەۋەبى ئۈستىدىكى ئۆيدە ئولتۇرغانلارنىڭ خاتالىقلىرى بولسا، يۇقىرىقىلارنى ئۆيدە ئولتۇرغۇچى تۆلەيدۇ. ئېھتىماللىق بولۇپ قالسا، ئۆي ئىگىسى بىلەن ئولتۇرغۇچى مۇۋاپىق مىقدارغا كېلىشىپ ئىككىيلەن كۆتۈرىدۇ.

2 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بىر ئايال، ئۈچ بالام بار يولدىشىم قەرزدار. ئائىلە قىينچىلىقىمىز بار. شۇڭا دەرنەكلەردىن ياردەم ئالىمەن. دەرنەكلەردىن نەق پۇل بەرمەيدۇ ئۇن، ياغ، گۈرۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى بېرىدۇ. بەزىدە ئارتۇق ئۇن، ياغ، گۈرۈچنى سېتىپ ئىشلەتتىم. لېكىن، بەرگەنلەر: «ساتماڭلار» دەيدىكەن. ھاجىتىمدىن ئارتۇقىنى سېتىپ ئىشلىتىشىم گۇناھمۇ؟ ھارام يېگەن بولىمەنمۇ؟ ھەقىقەتەن گۇناھ بولىدىغان ھارام بولۇپ قالسا، ساتقان نەرسىلەرنىڭ پۇلىسىنى ھېسابلاپ بېرىۋىتەي ھەم ئۇلۇغ رامازاندا قىلمىشىمغا تەۋبە قىلاي. ئەگەر ماڭا بېرىپ بولغان نەرسىنى ئەھۋالغا قارىتا قانداق تەسەررۇپ قىلىشىم ئۆزۈمنىڭ ھەققى بولسا، بۇنىڭغا قارىتا بىر چۈشەنچە بەرسىلە.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دەرنەكلەر تارقاتقان ئۇن – ياغلار زاكات بولۇشىمۇ، سەدىقە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر زاكات بولسا، سىز ئۇنى ئالغاندىن كېيىن قانداق تەسەررۇپ قىلىش ئىختىيارىڭىز بولاتتى. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ مۈلكىڭىزگە ئايلاندى. سەدىقە بولسا، بەرگۈچى بېكىتكەن شەرتكە رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك بولاتتى. ئەمدى ئۇ ياردەمنىڭ زاكات ياكى سەدىقە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەنلىكتىن، قىلغىنىڭىز ئېھتىماللىق دائىرەدە قېلىپ شۈبھىگە كىرگەن بولىسىز. شۇڭا، ئۆتۈپ كەتكىنىگە سالاۋات، بۇندىن كېيىن شۈبھىدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ.

3 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ قانداق ئەھۋاللىرى دوكتور! ياخشى تۇرۋاتاملا! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۆيدە باشقا ھېچكىم يوق يالغۇز چاغدا ئەر – ئايال خۇشى تۇتۇپ قېلىپ مۇنداق قول كۆتۇرۈپ ئەر – خوتۇن بىر – بىرى بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ قالسا گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ تىنچلىق. گۇناھ بولمايدۇ. ئەكسىچە ئەجىر ئالىدۇ.

4 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مەن بىر ھەپتە ئالدىدا دادام – ئاپاملار بىلەن ئۆمرە ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ يولدىشىمدىن سورىغانتىم، (يولدىشىم ياۋروپادا) قايتا – قايتىلاپ سورىساممۇ «بېرىپ كېلىڭ» دەپ رۇخسەت قىلغان ئىدى. بېلەت ھەممىنى تەييار قىلىپ، ماڭىدىغانغا بىرنەچچە كۈن قالغاندا: «بارمايسەن» دەپ گېپىدىن يېنىۋالدى، شۇنداقتىمۇ بېرىۋەرسەم ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولامدىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇرۇن پەقەت بارمىغان بولسڭىز، ئىتائەتسىزلىك بولمايدۇ. بۇرۇن بارغان بولسڭىز، بارماسلىق كېرەك.

5 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن! مېنىڭ ئالدىمدا چوڭى 7 ياش، كىچىكى 5 ياش ئىككى بالام بار، ئۈچىنچىسى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. يولدىشىم ياۋروپادا ياشايدۇ، كېتىپ – كېلىپ تۇرىدۇ. ئىككى ئاي بولدى، ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ دادام تۆلەپ بېرىۋاتىدۇ، بالىلىرىمنىڭ، مېنىڭ چىقىمىمنىمۇ ھەم دادام قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. يولدىشىمغا پۇل توغرىسىدا ئېغىز ئاچسام: «مېنىڭ تاپقان پۇلۇمدا سېنىڭ ھەققىڭ يوق، داداڭنىڭ بالىسى بولغاندىكىن داداڭ باقسۇن» دەپ تاشلاپ قويدى. ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ بىرنەچچە قېتىم ئۆزىنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلىسىدا ھەققىم يوقلۇقىنى ئېيتىپ، يېنىمدا ئۆزى بەرگەن پۇل بارتى شۇنىمۇ ئېلىۋالغان، ھازىر ئىقتىسادتىن پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتتى، دادامغا قاراشلىق ئۆتۈۋاتىمەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ سۆزۈمنى بېرىشىنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ ئەر كىشىنىڭ مەندە (تاپقان پۇلۇمدا) ھەققىڭ يوق دېيىشى توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. بۇ ئەھۋالدا سۆزىڭىزنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

6 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! يۈزۈمنى ياپاتتىم، ئېچىۋېتىشنى ئويلاپ يولدىشىمغا دېسەم: «ياق» دەپ تۇرۋالدى. ئەمما، يولدىشىم ئۆزى بەك تەقۋا ئەمەس، نامازنىمۇ ۋاقتىدا ئوقۇمايدۇ. «ئۆزۈڭ قوپمامسەن» دەپ مېنىمۇ بامدات نامازلىرىغا چاقىرمايدۇ. مۇشۇ ھالدا «يۈزۈڭنى ياپ» دېگىنى كاللامدىن ئۆتمەي، ئېچىشنى ئويلىغانتىم، «ياق» دەپ تۇرۋالدى. «پەتۋا سوراپ قىلىمەن» دەپ سىلىگە ئۇچۇر قىلىشىم. شەرىئەتتە ئەرنىڭ ئايالىنىڭ يۈزىنى يېپىشقا ئارىلىشىش ھوقۇقى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. يۈزنى يېپىش ئالىملار ئوتتۇرىدا قاراش پەرقلىق بولغان مەسىلە. ئەگەر ئېرىڭىز «يۈزنى يېپىش پەرز» دەپ قارايدىغان بولسا، ئىتائەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قارىمىسا، ئىتائەت قىلىشىڭىز كېرەك ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئائىلە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئىتائەت قىلىش ئەۋزەل.

7 – سوئال: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىمىز پاچىقىنى ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئايال ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. پەقەت دۇنيادىكى چاغدا كۆز – كۆز ۋە رىيا قىلىپ سەجدە قىلغانلار سەجدە قىلالماي قالىدۇ. ئۇلار سەجدە قىلىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق دۈمبىلىرى تۈپتۈز تاياقتەك قېتىپ قالىدۇ». بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟

جاۋاب: سەھىھ.

8 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. تۈركىيە ئىچى تور سودا سۇپىسى بولغان Trendyol دا قېرىنداشلار مەھسۇلات ساتقاندا مەسىلەن، ساپا، ئورۇندۇق ياپقۇچ (Takım ürünleri ) دېگەندەك مەھسۇلاتنى ئاۋۋال توردىكى دۇكىنىدا مالنىڭ سۈرەتلىرىنى، قوللىنىش شەكلىنى چۈشەندۈرگەن مەلۇماتلارنى قويۇپ قويىدىكەن. خېرىدارلار كۆرۈپ مال بۇيرۇتىدىكەن. ساتقۇچىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا قولىدا نەق مال يوق، لېكىن سېتىۋالىدىغان دۇكان ياكى زاۋۇتتا ئۇ مال بار.

خېرىدارلار مال بۇيرۇتقاندىن كېيىن، ئۇ مالنى دۇكاندىن ئېلىپ، مال يەتكۈزۈش ئورنىدىن خېرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن.

مۇشۇنداق ئەھۋالدا، قولىدا نەق بولمىغان مالنى يۇقىرىدا دېيىلگەن شەكىلدە سېتىش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. https://sajiya.biz/?p=13693&uls=uu بۇ پەتۋادىن پايدىلىنىڭ.

9 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھاجىمئاكا سالامەت تۇردىلىمۇ؟ سىلىدىن مۇھىم بىر مەسىلىنى سوراي دېگەن، مېنىڭ ھەمشىرەم توي قىلغىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان، ئېرى ساق – سالامەت، تولۇق كىرىمى بار كىشى، سىڭلىمغا تاقىغان زىبۇزىننەت ئالتۇنلار زاكات نىسابىغا يېتىپتىكەن، قېيىنئانىسى ئۇنىڭ زاكىتىنى سىڭلىمنىڭ ئۆزىنىڭ بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. سىڭلىم ئائىلە ئايالى، كىرىمى يوق، ئېرى بەرگىنى بار خالاس، ئەمما ئەتراپىدىكىلەر ئۆزىنىڭ زىبۇزىننەتلىرىدىن سېتىپ ئۆزىنىڭ بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. بۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمىز، ئاياللار توي قىلغابدىن كېيىن چىقىملىرى ئېرىگە تەئەللۇق ئەمەسمۇ؟ ئايال كىشىنىڭ زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات كەلسە. ئېرى بېرىش كىرەك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ھەمشىرەم ئۆز زىبۇزىننەتلىرىدىن سېتىپ بېرىدىغان ئىش بولسا ھەر يىلى ئالتۇنلىرىدىن سېتىپ بېرەمدۇ؟ ئېرى پەقەت مەسئۇل بولمامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە پەتۋا بەرسىلىرى بوپتىكەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئايال كىشىنىڭ قولىدىكى زىبۇزىننەت 85 گرامغا يەتسە، ھەر يىلى 85 گرامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقىنىغا ھەممىگە زاكات ئايرىش كېرەك. بۇ مۈلك ئايالنىڭ شەخسىي مۈلكى بولغاچقا، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئىگىسى بولغان شۇ ئايالنىڭ ئۆزى بېرىشى كېرەك. ئېرى بېرىپ قويمايدۇ. ئاياللارنىڭ تۇرمۇش چىقىملىرىنى ئەرلىرى قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئەمما زاكاتنى ئېرى بېرىپ قويمايدۇ. ئايالنىڭ ئۆزى قولىدىكى ئىقتىسادتىن بېرىدۇ. خۇددى ئايالنىڭ نامىزىنى ئېرى ئوقۇپ قويمىغىنىغا ئوخشاش. بۇ نەپىقە دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى پەرز ئەين ئىبادەتتۇر. زاكات ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىگە پەرز ئەين. ئاياللارمۇ زاكات ئىبادىتىنى ئادا قىلغانلىقنى ھېس قىلىشى، ئىبادەت لەززىتىنى تېتىشى زۆرۈر. شۇڭا، قولىدىكىمال – مۈلۈكنىڭ زاكىتىنى ئىگىسى ئادا قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاياللار قولىدىكى زىبۇزىننەت ئالتۇنغا نەق پۇللار بولسا قوشۇپ قىرىقتىن بىرىنى ھەر يىلى زاكات ئايرىيدۇ. بىلىڭكى، ھەر يىلى زاكات بېرىش بىلەن ئالتۇنلىرى ئاۋۇيدۇ. ھەرگىزمۇ كېمىيىپ كەتمەيدۇ. نەق پۇل بولماي ئالتۇنلا بولسا ئالتۇننىڭمۇ قىرىقتىن بىرىنى ئايرىپ بېرىدۇ. دەل ئۇدۇل كەلمىسە ئالتۇنىنىڭ بىر قىسمىنى سېتىپ پۇلىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. مۇبادا ئېرى پۇل ھەدىيە بەرسە ئۇ پۇل ئايالنىڭ مۈلكى بولغاندىن كېيىن ئايال شۇ پۇلنى زاكاتقا ھېسابلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇ سىز ئاڭلاپ باقمىغان ياكى سىزگە خاتا چۈشەندۈرۈلگەن مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. توغرىسى يۇقىرىقىدەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

10 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزى قېرىنداشلار «مەككەدە مۇقىم تۇرۇۋاتقانلار ئۆمرە قىلماقچى بولسا مەككەدىكى ئۆيىدىنلا ئىھرام باغلايدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە پەتۋا بەرسىلىرى بوپتىكەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەيلى مەككەدە مۇقىم تۇرۇۋاتقان كىشى بولسۇن ياكى مەككەگە بېرىپ ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان كىشى بولسۇن، مەككەدە تۇرۇپ ئۆمرە قىلماقچى بولسا چوقۇم ھەرەم چېگرىسى سىرتى بولغان ھىل دائىرىسىگە چىقىپ ئۆمرەگە ئىھرام باغلىشى كېرەك. مەككەدىن ئىھرام باغلىسا جائىز بولمايدۇ. ئۇنداق قىلسا بىر قوي قان كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىھرام باغلاشقا بەلگىلەنگەن جايدىن ئىھرام باغلىمىدى. ھىل دېگەن مىيقاتتىن ھەرەمنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. «سەھىھەين»دە كېلىشىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئاكام ئابدۇرراھمان بىلەن تەنئىمگە ئەۋەتتى. مەن ئۆمرە قىلدىم» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇرراھمانغا: «ھەمشىرەڭنى ھەرەمدىن ئېلىپ چىق، ئۇ ئۆمرەگە تەلبىيە توۋلىسۇن» دېگەن. (قاراڭ: بۇخارىي: 1556، 1560؛ مۇسلىم 1211) دېمەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېرىندىشى ئابدۇراھماننى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەرەم دائىرىسىدىن چىقىپ ھىل دائىرىسىغا تەۋە تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) دېگەن جايدىن ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىغان. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىشتا ئىھرام باغلايدىغان جايى ھىل (ھەرەم سىرتى) دۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆمرەنى ئادا قىلىدىغان جاي مەككە. شۇڭا، مەلۇم بىر تۈرلۈك سەپەر ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ھىل دائىرىسىغا چىقىدۇ. ناۋادا ئۆمرەگە ھىل دائىرىسىدىكى جىئرانە ياكى ئەرافات ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف دېگەندەك خاھلىغان بىر جايدىن ئىھرام باغلىغان بولسىمۇ دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ. بىراق يۇقىرىدا بايان قىلغان ھەدىسكە ئاساسەن، تەنئىمدىن باغلىشى ئەۋزەل. بەزى ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىئرانە دېگەن جايدىن ئۆمرەگە ئىھرام باغلىغان، شۇڭا جىئرانەدىن باغلاش ئەۋزەل، دەپمۇ قارىغان.

ئەمما ھەج قىلىشتا مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئىھرام باغلايدىغان جايى ھەرەم، چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىنى ھەجگە مەككەدىلا ئىھرام باغلاشقا بۇيرىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەجنى ئەرەفاتتا تۇرماي ئادا قىلغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئەرەفات ھىل دائىرىسىدە. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشى ھەجگە ھەرەمدىنلا ئىھرام باغلىسىمۇ مەلۇم بىر تۈرلۈك سەپەر ھاسىل بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

11 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزىلەر «بىر قېتىملىق ئىھرام باغلاشتا بىرقانچە كىشىگە ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزى ئۈچۈن بىر قېتىم ئۆمرە قىلىپ بولغان كىشى مەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ياكى ھايات بولسىمۇ كېسەللىك ياكى چەكلىمە كەبى سەۋەبلەردىن ئۆمرە قىلالمايدىغانلار ئۈچۈن ئورنىدا ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. لېكىن، ھەر قېتىم ئىھرام باغلىغاندا پەقەت بىر شەخس ئۈچۈنلا ئۆمرە قىلالايدۇ، بىرقانچە كىشىگە ئۆمرە قىلالمايدۇ. ئەمما، مەككەگە بېرىپ بىر ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) ياكى جىئرانە ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف ياكى مەدىنە دېگەندەك خاھلىغان بىر جايغا چىقىپ ھەر قېتىم ئىھرام باغلاپ كىرىپ بىر كىشى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. دېمەك، بىر ئىھرام باغلاشتا پەقەت بىر شەخسكە ئۆمرە قىلىدۇ. ئەمما، ھەرەمگە قىلغان بىر سەپەردە قايتا – قايتا ئىھرام باغلاپ بىرقانچە شەخسكە ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. ھەجنى بىر سەپەردە پەقەت بىر شەخس ئۈچۈنلا قىلالايدۇ، ئىمام نەۋەۋىي، ئىمام ئىبنى قۇدامەلەر ئېيتقاندەك: «ئەگەر ئىككى كىشى بىر كىشىنى ئورنىدا ھەج ياكى ئۆمرە قىلىپ قويۇشنى تاپىلىسا، ئىككى كىشى ئۈچۈن ئىھرام باغلىسا، ئۆزىگە ھېساب بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، بىر ئىھرام ئۇ ئىككى كىشى ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئۆزى ۋە باشقا بىرى ئۈچۈن بىراقلا ئىھرام باغلىسا، ئۆزىگە ھېساب بولىدۇ» دېگەن. (قاراڭ: «ئەلمەجمۇﺋ»: 7/138؛ «ئەلمۇغنىي»: 6/297) ۋەللاھۇ ئەئلەم.

12 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى:

1) بىز ئۈچ، تۆت بۇرادەر بەش، ئون مىڭ دوللاردىن چىقىرىپ، پايدىسى چىققاندا سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە شېرىكلىشىپ ماشىنا ئالغانىدۇق. ماشىنىنى ئالغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ ساتالماي بىر يىلدەك تۇرۇپ كەتتى. ھازىر سورايدىغىنىم، ماشىنا سېتىلىپ قولىمىزغا پۇل چۈشكەندىن كېيىن زاكات ئايرىمدۇق ياكى بىر يىل توشقانلىقى ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە زاكات ئايرىمدۇق؟

2) بەش، ئون مىڭ دوللاردىن پۇل چىقىرىپ ئاشخانا ئېچىۋاتقانلارغا مەبلەغ سالغان بۇرادەرلىرىمىز بار. ئاشخانىنىڭ ئىگىسى ئۈچ، تۆت ئايدا بىر قېتىم پايدا ئايرىپ بېرىپ، نورمال ئاشخانىسىنى ماڭدۇرۇۋېرىدىكەن. بۇ ئاشخانىدىن ئالغان پايدىنى يېنىدىكى پۇللارغا قوشۇپ نىسابقا يەتسە زاكىتىنى بېرەمدۇ ياكى ئاشخانىغا دەسمىي سالغان ئانا پۇلنىمۇ قوشۇپ زاكات ئايرىمدۇ؟

3) ياشلار بولسۇن ياكى چوڭلار بولسۇن، چېچى ئازلاپ كەتكەن، ساقال چىقمىغانلار چاچ – ساقال تىكتۈرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) بىر يىل توشقانلىقى ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماشىنىنى باھالاپ زاكات ئايرىش لازىم. چۈنكى، قولۇڭلاردا چوقۇم نەق پۇل بىر يىل تۇرۇشى شەرت ئەمەس. تىجارەت تاۋىرى (ماشىنا) قولدىكى پۇلغا ئوخشاش. 2) ئاشخانىدىن ئالغان پايدىنى يېنىدىكى پۇللارغا قوشۇپ، خەجلەپ ئاشقىنى نىسابقا يەتسە زاكىتىنى بېرىدۇ. دەسمىي سالغان ئانا پۇلغا زاكات ئايرىمايدۇ. 3) چاچ – ساقال بىنورمال بولسا داۋالىنىش مەقسىتىدە تىكتۈرسە بولىدۇ. چاچ – ساقال ئادەتتىكىدەك ياكى سەل شالاڭ بولسا تېخىمۇ ھۆسن تۈزەش ئۈچۈن تىكتۈرسە جائىز ئەمەس. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

13 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ قانداق ئەھۋاللىرى؟ دوكتور! ئاللاھ ئىلملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى. 1) پۇلنى بۇلتۇر رامازاننىڭ ياقى ماشىنا ئېلىپ – سېتىشقا دەسمىي سېلىپ، بۇ يىلغا قەدەر لىراغا قارىسا پايدا چىققاندەك، دوللارغا سۇندۇرسام زىيان بار. بۇ پۇلغا زاكات كېلەمدۇ؟ 2) بەش، ئالتە يېتم بالسى بار ئايالغا شۇ ئايالنى ئېلىپ بالىلىرىنى بېقىشىپ بېرىشنى ئويلىغان ئاساستا (تېخى ئالماقلىق) زاكاتنى بەرسەك، ئەجىر كەملەپ كېتەمدۇ؟ ياكى ياخشى شۇمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. 1) بۇ تىجارەتكە سالغان مەبلەغ بولغاندىكىن، پايدا چىقسۇن ياكى زىيان چىقسۇن، سالغان مەبلەغگە 2.5 پىرسەنت زاكات كېلىدۇ. 2) تېخى نىكاھلاپ ئالمىغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ. ھەتتا نىكاھلاپ ئالغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ يېتىم بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى بولمىغاندىكىن، ئۇ بالىلارغا زاكاتلىرى دۇرۇس كېلىشى مۇمكىن.

14 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئىككى يىللىق 30 گرامغا توشقان ئالتۇنلىرىم بار ئىدى، ئۈچ ئاي بولدى مىقدارى كۆپىيىپ 52 گرام بولدى ھەم 4 مىڭ دوللار پۇلۇم بار. بۇ پۇلغىمۇ بىرنەچچە ئاي بولدى. «زاكاتنى يىلغا توشقۇزۇپ بېرىش كېرەك» دەپ ئوقۇغانىدىم. مەن بۇ يىل زاكات بېرىمەنمۇ ياكى كېلەر يىلى بەرسەم بولامدۇ؟ «ئايالى زاكاتنى ئېرىگە بەرسە بولىدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 85 گرام مىقداردىكى ئىقتىساد مەيلى دوللار بولسۇن، مەيلى ئالتۇن بولسۇن، قولغا كىرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن زاكات ئايرىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر 30 گرام ياكى 50 گرام ئالتۇن بولسىمۇ بىر يىل ئۆتسە زاكات كەلمەيدۇ. ئەمما، 4 مىڭ دوللار بىلەن قوشۇپ بىللە شۇ ھالەتتە بىر يىل ئۆتكەن بولسا زاكات كېلىدۇ. زاكاتنى ئەرگە (ئەر زاكاتقا لايىق بولغان تەقدىردە) بەرسە بولىدۇ.

15 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟ ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى، بەرىكىتى سىلىگە ۋە ئائىلىلىرىگە بولسۇن. بۇ ئۇلۇغ ئايدا قىلغان ئەمەل – ئىبادەتلىرىنى ئاللاھ فىردەۋس جەننەتلىك ياخشى ئەمەللەردىن قىلىپ بەرسۇن، ئامىن. ئۇستاز! دوللارنى لىرا ھېسابلاپ زاكات ئايرىمدۇق؟ ئازراق دوللار، ئالتۇن بىلەيزۈك زىننەتلىرىمنى لىراغا ھېسابلاپ، قولۇمدا 563587 لىرا پۇل بارتى. قانچە پۇل زاكات بەرسەم بولىدۇ؟ مۇشۇنى ئايرىپ بەرگەن بولسىلىرى ئۇستاز! ئاۋارە قىلىپ قالدىم، ھېساب چىقىرىشنى بىلەلمەي قالدىم. ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. سىلىگە قايسىسى قولايلىق بولسا شۇنى قىلسىلا بولىدۇ. ئالتۇننى، دوللارنى ھەممىنى لىراغا سۇندۇرۇپ، لىرا بويىچە بەرسىلە بولىدۇ. مۇشۇ 500 نەچچە مىڭ لىراغا قىرىقتىن بىر (2.5%) زاكات ئايرىيلا. بۇ ساننى قىرىققا بۆلسىلە، قىرىقتىن بىرى زاكات ئايرىيدىغان مىقدار شۇ بولىدۇ.

16 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ ئىككى بالام بار. ئەر – ئايال ئىككمىز مەسلىھەتلىشىپ ئىككى بالا بىلەن توختىساق، شەرىئەتتە گۇناھ بولامدۇ؟ شەرئىي جاۋاپ ئالاي دېگەنىدىم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قورساق كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ۋاقىتلىق ئېلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. تۇغماس قىلىۋېتىش ھارام.

17 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ئاياللارنىڭ ئالماس مۇجەۋھىراتلىرىغا نەچچىلىك بولسا، قانچە پىرسەنت زاكات بېرىمىز؟ مەسىلەن قىممىتى 8000 دوللار ئەتراپىدىكى مۇجەۋھەرات ئالماسقا نەچچىلىك زاكات كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاياللارنىڭ ئالماس مۇجەۋھىراتلىرىغا زاكات كەلمەيدۇ، ئالتۇنلىرىغا 85 گرامغا يەتسە زاكات كېلىدۇ.

18 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايچە بولدى ئايالىم قورساق كۆتۈرگەنىدى. ئون نەچچە كۈننىڭ ياقى مەن بىلەن روزا تۇتۇۋاتقانىدى. نەچچە كۈن بولدى كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرۇپ بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا روزا تۇتۇۋېرەمدۇ ياكى بەك بولالمىسا قازا قىلىۋېتىپ، كېيىن قازاسىنى تولۇقلاپ تۇتۇۋالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھامىلىدار ئۆزى بىئارام بولسا ياكى بالىغا روزىنىڭ تەسىرى بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىسە، روزا تۇتماي، كېيىن بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ.

19 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ يولدىشىم بىلەن بىز تۇرمۇشتا كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتتۇق. بىرسى 2 يېرىم ياش، يەنە بىرسى بىر ياش ئىككى بالام بار. سۆزۈمنى بەرگەندىن كېيىن گەپ – سۆز يوق يوقاپ كەتتى. مەن ھازىر ئاپامنىڭ قېشىدا تۇرۇۋاتىمەن. مۇشۇنىڭغا قارىتا بىر پەتۋا بەرگەن بولسىلا. ھازىرقى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىددەت ھەققىم، بالىلارنىڭ نەپىقىسى قانچە پۇلدىن ھېسابلىنىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ سالامەت، خاتىرجەم قىلسۇن. تالاق قىلغاندىن كېيىن گەپ – سۆز قىلمايلا يوقاپ كەتسە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالدىمۇ بىر ئەھلى ئىلىم ئارىلىشىپ، بىر سورۇندا جەم بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەممە ھەق – مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئەر ئايال كىشىگە ئىددىتى توشقۇچە پۈتۈن تۇرمۇش چىقىمىنى قىلىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ بالىلارغا ئۇلار چوڭ بولۇپ توي قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى يولغا سالغۇدەك بولغۇچە، تۇرمۇش چىقىمى بولسۇن، مەكتەپ چىقىمى بولسۇن، داۋالىنىش چىقىمى بولسۇن ھەممىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇنى ھازىرلا مۇنچە پۇل دەپ بېكىتكىلى بولمايدۇ، بەلكى ئەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، تۇرمۇش شارائىتىغا قاراپ، بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلەش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى بىر ئەھلى ئىلىم بىر تەرەپ قىلىپ قويۇشى كېرەك. ئەرمۇ «ياق، ئەھۋال بۇنداق ئەمەستى» دەپ تۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ سورۇنغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ئېيتىپ، ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئاڭلىشى كېرەك.

ئەر يوقاپ كەتكەن بولسا، سىلى ئەرنىڭ ئۇ كىشىنى تونۇيدىغان ئاغىنە – بۇرادەرلىرى ياكى يۇرت چوڭلىرى، ئەھلى ئىلىملەر ئارقىلىق شىكايەت قىلىپ، ئۇنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ، بۇ ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىلا بولىدۇ.

20 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. كاناي ۋە ئۆپكە شاخچىلىرىدا تۇرۇپ قالغان بەلغەمنى بوشىتىدىغان بۇخار (ھور) نى ئىشلەتسە روزا بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ نەپەسلىنىش جىھازىنى ئىشلەتكەندە، بەزى دورا سۇيۇقلۇقىنى پارغا ئايلاندۇرۇپ نەپەس يولىغا كىرگۈزىدىغان ئىش بار. بۇ ھەقتە بەزى ئالىملار: «روزىنى سۇندۇرىدۇ» دەپ قارىسا، لېكىن كۈچلۈك قاراشتا روزىنى سۇندۇرمايدۇ. چۈنكى، بۇ دورا نەپەس يولىغا كىرىدۇ، يېمەك – ئىچمەك يولىغا كىرمەيدۇ. شۇڭا: «روزىنى سۇندۇرمايدۇ» دەيمىز.

21 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مېنىڭ بىرقانچە سوئاللىرىم بار ئىدى:

1) مەن تېۋىپلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بەزىدە ئالدىمغا كەلگەن بىمارلار ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، مەن يېزىپ بەرگەن دورىنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەي قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىن سوراپ، زاكات دۇرۇس كېلىدىغان بولسا، ئۇ دورىنى زاكاتقا ھېسابلىۋېتىمەن. سورايدىدىغىنىم: دورىنى زاكاتقا ھېسابلىغاندا، دورا پۈتۈپ چىققان باھادا ھېسابلايمەنمۇ ياكى مەن ساتىدىغان باھادا ھېسابلىشىم كېرەكمۇ؟

2) بىر قېتىم بىر بىمار بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا 700 دوللارلىق دورا يېزىپ بەردىم. دورىنى ئالغىلى كەلگەن چاغدا، يېنىدا پەقەت 300 دوللار پۇل بارلىقىنى ئېيتتى. سوراپ زاكات دۇرۇس كېلىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، كەملىگەن 400 دوللارنى زاكاتقا ھېسابلىۋەتتىم. بۇ ئىشتا دەسلەپتە مەن دورىنى سېتىپ بولۇپ، كېيىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن زاكاتقا ھېسابلىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ دۇرۇس بولامدۇ؟

3) ئوغۇل 20 ياشتىن ئېشىپ، ئۆزى پۇل تاپالايدىغان بولغان چاغدا، دىنىي ئوقۇشقا ئاتلانغان بولسا، دادىسى ئۆزىنىڭ زاكىتىدىن ۋە باشقىلار ئەكىلىپ بەرگەن زاكاتتىن بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) مۇسۇلمان بىمار دورىسىنى سېتىۋالالمايدىغان بولسا، دورىسىنى زاكاتقا ھېسابلاپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دورا ئادەتتىكى كىشى خاھلاپ ئىستېمال قىلىپ تۇرىدىغان ئىختىيارىي دورا بولماي، داۋالىنىش ئېھتىياجىغا زۆرۈر بولغان دورا بولۇشى، زاكات بەرگۈچىنىڭمۇ ساتالماي قالغان دورىنى زاكاتقا ھېسابلاپ قولدىن چىقىرىۋېتىش ياكى كۆپ ئوبوروت قىلىش ياكى كۆپ دورا يېزىپ بېرىشتەك بىرەر غەرىزى ئارىلاشمىغان بولۇشى شەرت. دورىنىڭ باھاسى پۈتۈپ چىققان باھاسىدىمۇ، پارچە سېتىش باھاسىدىمۇ ئەمەس، توپ سېتىش باھاسىدا ھېسابلانسا مۇناسىپ. 2) بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە زاكاتقا ھېساب بولىدۇ. 3) دادىسى ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ زاكىتىدىن بەرسە بولمايدۇ. بەزىبىر ئەھۋاللاردا باشقىلارنىڭكىنى بەرسە بولىدۇ. تەپسىلاتىنى مۇنۇ پەتۋادىن كۆرۈڭ: https://sajiya.biz/?p=2787&uls=uu

22 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ھازىر تۈركىيەنىڭ «گاز»، «ماي» دېگەندەك ئايروپىلان ياسايدىغان يەرگە مەبلەغ سالساق شەرىئەتتە بولامدۇ ياكى جازانىگە كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. بۇ تۈرلۈك گاز ۋە ئايروپىلان شىركەتلىرىگە ياتىرىم ئېلانلىرى قويمىچىلىقتىن ئىبارەت. سوراپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ ئۇنداق ياتىرىم ئىشى يوقلۇقى مەلۇم بولدى. بۇ ئىنتايىن پۇختا قۇرۇلغان تۇزاق. شۇڭا، جىمى قېرىنداشلارنىڭ قويۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.

23 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايالىمنىڭ ئاغزى بەك يامان. ماڭا گەپ – سۆزلەردە بەك ئازار بېرىدۇ، ئاغزىدىن پەقەت ياخشى گەپ چىقمايدۇ. توي قىلغاندىن بېرى ئوخشاش ئوڭشالمىدى. مەن سەبىر قىلىپ بولالماي، پەتىۋا سورىماقچى سىلىدىن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. تالاق قىلىشقا ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن نەسىھەت قىلىپ بۇ يامان ئىشتىن ئاگاھلاندۇرش، بۇ قىلىقنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش لازىم. بۇمۇ كار قىلمىسا، ياتاقنى ئايرىپ بىر مۇددەت تۇرۇش. بۇمۇ كار قىلمىسا، ئىككى ئائىلەنىڭ چوڭلىرىنى ئارىغا سېلىش لازىم. ئوڭشالسا ئوڭشالدى، ئوڭشالمىسا ئايالنى تالاق قىلىۋەتسە بولىدۇ.

24 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! دىنىمىزگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا بەرگەن قايىل قىلارلىق پەتىۋالىرىدىن ھەممىمىز مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتىمىز، سىلىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ھازىر سورىماقچى بولغىنىم: «بىدئەت ئەمەل قىلغان كىشى كاپىر، مۇشرىك بولۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن تېمىدا بولماقچى. ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيەدە دىيانەت باش بولۇپ ۋە ھەر قايسى جامائەتلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياكى ئۆز ئىچىدىكى ئۆلىمالار بەرگەن پەتىۋا بىلەن مەۋلۇد كېچىسى (Mevlid Kandili)، بارات كېچىسى (Berat Kandili) قاتارلىق دىنىي بايراملارنى تەبرىكلەپ كېلىۋېتىغلىق. مەسىلەن، ئىستانبۇلدا بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدىكى جامەگە نورمال كۈنلەردە ئاتمىش، يەتمىش جامائەت يىغىلىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، مەۋلۇد كاندىلى، بارات كاندىلى قاتارلىق ئالاھىدە كۈنلەردە تۆت، بەش مىڭ جامائەت يىغىلىدۇ، نامازشام بىلەن خۇپتەن ناماز ئارىلىقىدا ئىمام تەسىرلىك ۋەز – نەسىھەت، خۇتبىلەر بىلەن جامائەتكە خىتاب قىلىشقا ئوبدان پۇرسەت بولىدۇ. تۈرك ئۆلىمالار شەئبان ئېيىنىڭ 15 – كۈنى كېچىسى توغرۇلۇق «كۇتۇبى سىتتە»دە تىلغا ئېلىنغان ئىبنى ماجە «ئىقامە» 191 – نومۇرلۇق ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئىبادەتنىڭ مۇستەھەب ئەمەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئەرەبىستان تەرەپتىكىلەر بۇ ئەمەلنى بىدئەت دەپ چەكلەيدىغان بولغاچقا، تۈركىيەدە ئوقۇغانلار بىلەن مەدىنەدە ئوقۇغانلار ئارىسىدا مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك مۇنازىرە، جېدەل ۋە تالاش – تارتىشنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىلىدۇ – دە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۇنچە گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، بىر – بىرىنى تەكفىر قىلىشىدۇ. ئەرەبىستاننىڭ پەتىۋاسىغا تۈركىيە تەرەپتىكىلەر قايىل ئەمەس، تۈركىيە تەرەپتىكىلەرنى بولسا ئەرەبىستاندا مەدىنەدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلار ئازغۇنغا چىقىرىشىۋاتقان بىر ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە ياۋروپادا ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەرنىڭ جامەسىگە بارسا، تۈركلەر كۆزىگە «ئازغۇن مۇشرىك» كۆرۈنۈۋاتقان، باشقا جامە تېخى تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىبادەتتىن يىراقلىشىپ تەنھا ياشايدىغان ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس. ۋەتەندە خەلقىمىز دىنسىزلاشتۇرۇش دولقۇنىدا غەرق بولاي دەپ قېلىۋاتقان خەتەرلىك پەيتتە، چەتئەلدىكىلەر «بىدئەت تازىلايتتۇق» دەپ خەلقنى ئىبادەتتىن توسۇۋاتقان ئەھۋالغا سىلە قانداق قارايلا؟ مەۋلۇد تەبرىكلىگەن، بارات تەبرىكلىگەنلەر ئازغۇن مۇشرىك بولۇپ، دىندىن چىقامدۇ؟ بىز بۇ ئىشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتساق، لىللا ئىش قىلغان بولىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەۋلۇد تەبرىكلەشكە ئوخشىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەر قاتارىغا كىرگۈزۈشتە ئالىملار ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان ئىشلار بولسا «كافىرغا چىقىرىۋېتىدىغان بىدئەت» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىز ئەمەل قىلىشتا «بىدئەت» دېيىلگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، «توغرا» دەپ قارالغاننى قولدىن بەرمەي، بۇ تۈرلۈك ئىشلاردا كۆپ دەتالاش قىلماي، كافىرغىمۇ چىقارماي، ئاللاھ تائالادىن توغرىغا تەۋفىق تىلەش لازىم. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك دەتالاش قىلىنىدىغان ئەمەللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېنىق پەرز ۋە سۈننەت ئەمەللەردىن ئاشقان ئىشلار بولغاچقا، ئېنىق پەرز بىلەن ئېنىق سۈننەتنى چىڭ تۇتساق يېتەرلىك.

25 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دوللار مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىش مەقسىتىدە يەم – خەشەك بىلەن سۈت ئىنەكلىرىنى بېقىۋاتقان ئىدىم، چىشى موزايلار ئۆزۈمگە قالىدۇ، ئەركەك موزايلارنى يوغىنىتىپ سېتىپ، پۇلىغا يەم – خەشەك ئالىمەن. زاكاتنى قانداق ھېسابلاشنى بىلەلمىدىم. سەرمايەم دوللار بولغاندىن كېيىن دوللار بويىچە ھېساب قىلسام توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، سۈت ئىنەكلىرىنى بېقىپ سۈت ئىشلەپچىقىرىش. يەنە بىرى، كالىنى موزايلىتىپ ئاۋۇتۇپ (چىشىسىنى سۈت ئىشلەپ چىقىرىشقا ئېلىپ قېلىپ) ئەركەكلىرىنى سېتىش.

بۇ ئەھۋالدا سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ۋە موزايلىتىشقا باققان چىشى كالا ۋە تۇغۇلۇپ ئۇنىڭغا قوشۇۋېتىلگەن چىشى موزايلار تىجارەت تاۋارلىرى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. يىل بويى ياكى يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا يەم – خەشەك بىلەن بېقىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.

ئىشلەپ چىقارغان سۈت بىلەن سېتىلغان موزايلارنىڭ پۇللىرى يەم – خەشەككە ۋە باشقا چىقىملارغا سەرپ قىلىنىپ، قولىڭىزدا بار نەق پۇل 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدىكى (بۈگۈنكى باھادا) 6000$ گە ياكى شۇنىڭ قىممىتىگە يەتسە، قولىڭىزدا بار نەق پۇلغىلا قىرىقتىن بىرى (%2.5) نى زاكات ئايرىيسىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

26 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز ئاكا! شىركەتلەر بانكىلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا (خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى شۇ بانكىدىن بېرىش ئۈچۈن) بانكا شىركەتكە مەلۇم مىقداردا پۇل (Promosyon) بېرىدىكەن. بۇ پۇلنى شىركەتلەر خىزمەتچىلىرىگە تارقىتىپ بېرىدىكەن. بۇ پۇلنى ئىشلىتىش جائىزمۇ؟ جائىز بولمىسا قانداق بىرتەرەپ قىلسا ياخشى؟ مۇشۇنىڭغا پەتىۋا بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بانكىلار مائاشقا ئىشلەيدىغانلارغا مائاشلىرىنى ئۆزىدىن ئېلىشنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن بېرىدىغان پروموسيون جازانەدۇر. بۇنى مائاش بەرگۈچى ئورۇن تاللىسۇن ياكى مائاش ئالغۇچى تاللىسۇن ئوخشاش. چۈنكى، بانكا مائاش پۇلنى بىرنەچچە كۈن جازانە ئىشلىرىغا ئىشلىتىۋالغانلىققا قارىتا بۇنى ئۆسۈم شەكلىدە بېرىدۇ. شۇڭا، مائاش ئالغۇچى بۇنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە ياتىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشقا خەجلىمەي، بانكىغىمۇ تاشلاپ قويماي، پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

27 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر كۇۋەيتتۈرك بانكىسىدا ھېساب ئاچقۇزۇش ئۈچۈن ئالدىن پۇل تۆلەپ ئاچقۇزۇش كېرەككەن 6000 تېلى. بۇ پۇلنى 6 ئايدىن كېيىن ئالالايدىكەنمىز، لېكىن يەنە بىر ھېساب ئېچىش باركەن، بانكىدىكىلەر ئۇنى: «ياتىرىم» دەيدۇ. بىز ھەر ئايدا 420 تېلى بانكىغا قويىدىكەنمىز، ئۇلار بىز ئۈچۈن 135 تېلى قويىدىكەن. بۇ پۇلنى بىز خاھلىساق دوللارغا، خاھلىساق ئالتۇنغا ياتىرىم قىلىپ قويىدىكەنمىز. ئالتۇن ئاشسا، پۇلىمىزنىڭ قىممىتىمۇ ئاشىدىكەن، دوللار ئۆسسىمۇ قىممىتى ئۆسىدىكەن. بالىلار ئۈچۈنمۇ ئايرىم باركەن. ئەگەر بالىلار ئۈچۈنمۇ قىلىمىز دېسەك، بۇ بانكىدىكىلەر بۇ ئۇسۇلنى: «بۇنىڭدا ياتىرىم بولىدۇ، بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئالساڭ، ئانداق جىق پۇلۇڭ بولىدۇ» دەپ بەك تەۋسىيە قىلىپ تۇرۋاتىدۇ. مەن: «بۇ ئۆسۈم (faiz) ئەمەسمۇ» دېسەم: « ياق بۇ ئۆسۈم ئەمەس بىز ئۆسۈم بەرمەيمىز» دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككىلىنىپ يېنىپ چىقتىم. شۇڭا، سىلىدىن سورايدىغىنىم: مۇشۇ ھېسابنى ئاچقۇزۇش توغرىمۇ؟ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىلىرى بوپتىكەن ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ (كېيىنكى ياتىرىم دەۋالغىنى) ئېنىق جازانەدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

28 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 1) «زاكات ئايرىشتا تىجارەت تاۋارلىرىنى قايسى باھادا ھېسابلايمىز؟» دېگەن پەتۋادا «مەسىلەن، قولىدىكى تاۋار ماللار قىممىتىنى قولىدىكى نەق پۇلغا قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە باشقىلاردىن ئالالايدىغان قەرزلىرىنى قوشۇپ ھەممىنى جەملەپ زاكات ئايرىيدۇ» دېگەن بۇ جۈملىدە چۈشىنەلمەي قالغان يېرىم بار ئىدى: «تاۋار ماللار قىممىتىنى قوشۇپ» دېگەندە تاۋار ماللارنىڭ تەننەرخىنى قوشامدۇق ياكى پايدىسىنىمۇ قوشۇپ قوشامدۇق؟

2) بىز رەخت ساتقاندا، بەزى رەختلەرنى ئەكەلسەك، ئىككى، ئۈچ يىل، ھەتتا 4 يىل سېتىلماي تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ماللارنى ئۆز ۋاقتىدا 2 دوللاردىن ئەكەلگەن بولساق، ھازىر بىر دوللارغا ياكى ئۇنىڭغىمۇ ساتالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئەلۋەتتە تاۋار ماللارنىڭ تەننەرخى بويىچە ئەمەس، بازاردىكى ھازىرقى قىممىتى يەنى، توپ سېتىش باھاسى بويىچە ھېسابلايمىز. 2) سېتىلماي تۇرۇپ قالىدىغان ماللارنى سېتىلىپ قالسا ساتقىلى بولىدىغان توپ باھاسىدا ھېسابلاپ ھەر يىلى زاكىتىنى بېرىش كېرەك.. بەزى ئالىملار ئۇزۇن مۇددەت مەسىلەن 7-10 يىل سېتىلماي تۇرغان ماللارغا زاكات ھەر يىلى زاكات ئايرىماي، سېتىلغاندا پۇلىغا سېتىلغان يىلى ئايرىسا بولىدۇ دەپمۇ قارايدۇ.

29 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 1) مەن ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتىمەن. قىزىم بۇ يىل 18 ياشقا كىردى. قىزىم تۈركىيەدە تولۇقسىزنى تۈگىتىپ، تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان چاغدا بىز بۇ تەرەپكە يېنىپ كەلگەن ئىدۇق. بۇ تەرەپتە تۈركىيەنىڭ تولۇقسىز دىپلۇمىنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا يەنە تولۇقسىزنى قايتا ئوقۇشىغا توغرا كەلدى. ھازىر مالايسىيەدىكى بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇشنى ئويلاشقان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلۇمى بولمىسا بولمايدىكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇش ئۈچۈن يەنە تۆت يىل ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ دىپلۇمنى ياسىتىپ ئۆتكۈزسەكمۇ ئۆتكۈزگىلى بولىدىكەن. شۇڭا، ئۇ دىپلۇمنى ياساتساق دۇرۇس بولامدۇ؟

2) ئەگەر قىزىم مالايسىيەدە ئوقۇغان تەقدىردە، مەن ئۆزۈم ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كەلسەم، مەھرەمسىز قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) تۈركىيەدە تولۇقسىزنى تۈگىتىپ بولغاندىكىن تولۇقسىزنىڭكىنى ياسىتىشقا مەجبۇر قالغاچقا، ياساتسا بولىدۇ. ئەمما، تولۇقنى ھېچيەردە ئوقۇپ پۈتتۈرمىگەندىكىن، تولۇقنىڭ دىبلومىنى ياساتسا ساختىلىق بولىدۇ.

30 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللارنىڭ چېچىنى بويىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ جاۋاپ بەرگەن بولسىلا. ئۇستاز ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاياللار چېچىنى ئەنئەنىۋىي ياكى يېڭى پەيدا بولغان، سالامەتلىككە زىيانسىز بوياقلاردا بويىسا بولىدۇ. كۈچلۈك قاراشتا قارا رەڭدە بويىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. ئەمما بوياش كافىر ئاياللارنىڭ ياسىنىش تەرزىنى دوراش ياكى تەگمەكچى بولغان يىگىتكە ئۆزىنى ياش كۆرسىتىشتەك ساختلىققا ياتىدىغان نىيەتتە بولماسلىقى كېرەك.

31 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بەدخەجلىك قىلىدىغان (قەرزى تۈگىسە يەنە قىلىشى مۇمكىن) ۋە شۇ سەۋەبلىك بانكىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرزىگە كىرىپ قالغان كىشىگە قەرزىنى تۆلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بېرىشكە بولامدۇ؟ زاكات يىغىدىغان كىشىلەرگە مانداق يەرگە (زاكات ئىشلىتىش جائىز بولىدىغان ئىشلار قاتارىدىكى) ئىشلىتىڭلار دەپ بېرىشچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بەدخەجلىكتىن ياكى قىمار ئويناش، جازانە سودا قىلىش، گۇناھ – مەئسىيەت قىلىش سەۋەبلىك قەرزگە كىرىپ قالغان كىشىگە قەرزىنى زاكاتتىن تۆلىۋېتىشكە، تۆلىۋېلىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بېرىشكە بولمايدۇ. زاكات يىغىپ تارقاتقۇچىلارغىمۇ بۇ ھەقتە ئەسكەرتىپ تەلىمات بېرىش كېرەك.

32 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! دوللار تېگىشمەكچى بولۇپ يېقىنىمغا دوللار بەرسەم تېلېسى چىقىشماي بىر قىسمىنى نەق بېرىپ قالغىننى ( دوللارنىڭ نەقىنى ئاشۇ چاغدا دېيشىپ مۇقىمداپ قويۇپ، شۇ بويىچە ئىككىلى تەرەپ رازى بولغان ئەھۋالدا) كەچكىچە بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پۇلنى پارچىلىغاندا مەسىلەن $100 نى پارچە دوللارغا تېگىشكەندە ياكى دوللارنى تېلىغا ئالماشتۇرغاندا ياكى ئالتۇن ئېلىپ پۇلىنى بېرىشتە ھەر ئىككى تەرەپ پۇلنى نەق تاپشۇرۇپ ئېلىشى كېرەك. بىر تەرەپنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى كېچىكسە بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا توغرا بولمايدۇ. شۇڭا، مەزكۇر ئەھۋالدا نەق بولغىنى توغرا سودا بولۇپ، نېسى قالغان قىسمى جازانە بولىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

33 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن توردىن ئۆيگە توك سۈپۈرگە ئالغانىدىم. بىر ئاي ئىچىدە قايتۇرۋەتسەم بولىدۇ. ھازىر بۇ سۈپۈرگىنى قايتۇرۋىتىشكە نىيەت قىلدىم، ئەمما بىر ئاي تېخى توشمىدى. مەن بۇ سۈپۈرگىنى داۋاملىق ئىشلىتىۋىرىپ، بىر ئاي توشقىلى ئاز قالغاندا قايتۇرۋەتسەم، ئۇلارنىڭ ھەققىگە كىرگەن بولامدىم؟ رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شۇنداق. ئۇلارنىڭ ھەققىگە كىرگەن بولىسىز. شۇڭا، ئىشلەتمەي قايتۇرۇۋېتىش كېرەك.

34 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن رامازاندىن بۇرۇن جىگەر تازلاش پىروگىراممىسىنى قىلغانىدىم، بۇنى ئاخىرلاشتۇرغاندا سۇ بىلەن زەيتۇن مېيىدا كىلىزىم قىلىدىكەنمەن. بۇنداق كىلىزىم قىلىش روزىنى بۇزىۋىتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كۆپچىلىك ئالىملار روزىنى سۇندۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. بىر قىسىم ئالىملار سۇندۇرمايدۇ دەيدۇ. شۇ بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىمۇ ئورۇنلۇق.

35 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۆمرە ئۈچۈن غۇسۇل قىلىپ بولۇپ ئېسىمدە يوق يۈزۈمگە ماي سۈرۈپ ساپتىمەن. قايتا غۇسۇل قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى قايتا تاھارەت ئالساملا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. غۇسۇل قىلدىڭىز. مىيقاتقا بېرىپ ئۆمرەنى نىيەت قىلدىڭىز، پۇراقلىق ماينى مىيقاتتىن بۇرۇن سۈرتكەن بولسىڭىز يۈزنىلا يۇيۇۋېتىپ مىيقاتقا بارىسىز. مىيقاتتا ئۆمرەنى نىيەت قىلغاندىن كېيىن سۈرتكەن بولسىڭىز فىديە كېلىدۇ. فىديە ئۈچۈن ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىننى تويغۇزۇش، ياكى بىر قوي قان قىلىش كېرەك. بۇلاردىن قايسىبىرىنى تاللىسا ئىختىيارى.

36 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر ئايالى: «سۆزۈمنى بەر» دېسە، ئەر: «ھەئە، بەردىم» دېسە، بۇ نىكاھ ئاجرىغان ھېساب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەزكۇر ئەھۋالدا ھەنەفىي مەزھەبتە تالاق چۈشمەيدۇ. شافىئىي مەزھەبتە بىر تالاق چۈشىدۇ. ھەنەفىي مەزھەبنى تۇتسا نىكاھقا تەسىر يەتمىگەنكىن قايتا نىكاھ ئوقۇتۇش كېرەك بولمايدۇ.

37 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! 3 ئايلىق ھامىلە قوساقتا ئۆلۈپ قېلىپ چۈشۈپ كەتتى. يەرلىكىگە قويۇش قاتارلىق ئىشلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟بۇ ھەقتە كۆرسەتمە بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھامىلە تۆت ئايغا توشمىغاندىن كېيىن يۇيۇپ – تارالماي، نامىزى چۈشۈرۈلمەي، بىر پارچە رەختكە يۆگەپ بىرەر يەرگە دەپنە قىلىنىدۇ. ئىسىم قويۇلمايدۇ. ئەقىقەسى قىلىنمايدۇ.

38 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئالدىنقى بىر جاۋابىڭىزدا: «ئاياللارنىڭ 85 گرام ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات كېلىدۇ» دەپ ئوقۇغان ئىدىم. ئەرلەرنىڭ ھازىر ئىككىنچى قول ماشىنىلىرىمۇ ئاياللارنىڭ 85 گرام ئالتۇنىدىن قىممەت، بەزى ماشىنىلار 5 مىليون ئۈستىدە بولىدۇ. بىر خىزمىتى بولمىغان ياكى تاپاۋىتى بولمىغان بىر ئايالغا زىبۇزىننەتلىرى ئۈستىدىن زاكات ئايرىش توغرىمۇ؟ زىبۇزىننەت تۈرى بولغان ئالماسقا زاكات كەلمەيدىغانلىقىنى دەپسىز بىر جاۋابتا، «ئالماس ئالتۇندىن قىممەت ھېسابلىنىدۇ» دەپ بىلىمەن. بۇ ئەھۋالدا ئالتۇنغا نېمىشقا زاكات كېلىدۇ؟ دەرۋەقە ماشىنا، ئالماس ۋە ئالتۇننى ساتقاندا ئوخشاش پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ماشىنىنى قوللىنىش دەپ ئويلىسىڭىز، ئالتۇننىمۇ ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قوللىنىدۇ. ئېھتىياج بولۇپ ساتقاندا، ھەر ئىككىسىنى جىددىي ساتالايدۇ. «تەبىئىي بايلىق» دېسەك ئالتۇن، ئالماس ۋە ماشىنىغا ئىشلەتكەن تۆمۈر ماددىلار ھەممىسى تەبىئىي بايلىق ھېسابلىنىدۇ. سوئالىم: نېمىشقا پەقەت ئالتۇنغا زاكات كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، تىنچلىق. «زىبۇزىننەت قاتارىدا ئىشلىتىدىغان ئالتۇنغا 85 گرامدىن ئاشسا زاكات كېلىدۇ» دېگەن قاراش كۈچلۈك. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئالتۇن بىلەن ماشىنا ۋە ئالماسلارنىڭ ئوتتۇرىدا پەرق بار. ئالتۇننىڭ ئۆزى پۇل. ماشىنىنىڭ ئۆزى پۇل ئەمەس. بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مىنىپ، بىرنەرسە توشۇشقا ئىشلىتىدىغان تۆگىلەرگە زاكات كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر كەلگەن بولغاچقا، ئۇ ماشىنىغا قىممىتى نەقەدەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زاكات كەلمەيدۇ. ئالماسنىڭ ئۆزىمۇ پۇل ئەمەس. ساتسا قىممەت سېتىلغان بىلەن خاھلىغان چاغدا ھەر يەردە ھەقىقىي قىممىتىدە ساتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا، بۇمۇ ئىشلىتىدىغان ماشىنىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنى ھەر يەردە پۇل ئورنىدا خەجلىگىلى بولمايدۇ. ئالتۇن زىبۇزىننەتنىڭ ئالماستىن پەرقى شۇكى، ئالتۇننىڭ ئۆزى پۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا زاكات كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس كەلگەن. ئالماس ھەققىدە كەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالماسنى كۆپ كىشىلەر ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، بىرىنچىدىن، پۇل بولمىغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك كىشىلەر ئىشلەتمەيدىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بۇنىڭدىكى پەرق بولسا كېرەك. ئەمما، زاكات بېرىشتىن قېچىپ، ئىلكىدىكى پۇلغا ئالماس ئېلىپ قويسا ياكى ئالماسنى ئېلىپ – سېتىش ياكى ئىقتىسادنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قولىدا ساقلىغان بولسا، ئالماسقىمۇ قىممىتىگە قاراپ تاۋار مال ھېسابىدا زاكات ئايرىيدۇ.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، زاكات پەقەت ئېھتىياجىدىن ئاشقان ئاۋۇغۇچى مالغىلا بىر يىل ئۆتۈشى بىلەن ۋاجىب بولىدۇ. ئاۋۇشمۇ يا ئالتۇن – كۈمۈشكە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ ئاۋۇغۇچى قىلىپ بېكىتىۋېتىشى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئالتۇننى ئەسلىدىنلا شەيئىلەر ئىچىدە پۇل قىلىپ ياراتقان، ئۇنى سەرپ قىلغاندا ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا بەدەلگە ۋە باھا بېكىتىشكە ئېھتىياج چۈشمەيدۇ. زاكاتمۇ ئۇنىڭ (ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ) ئۆز ئەينىگە ئالاقىدار. بۇ دېگەنلىك ئالتۇننىڭ ئۆزى پۇل ھەم باشقا نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى بېكىتىشتە ئاساسلىنىدىغان ئاساس دېگەنلىكتۇر.

«تاپاۋىتى بولمىغان بىر ئايالغا زىبۇزىننەتلىرى ئۈستىدىن زاكات ئايرىش توغرىمۇ؟» دېگەن سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى شۇكى، ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، مەيلى ئۇ ئايالنىڭ كىرىمى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئالتۇنىغا زاكات كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەردىمۇ ئاياللار قولىغا سېلىۋالغان بىلەيزۈكلەرگە قارىتىلغانىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ كىرىمى بار – يوقلۇقى شەرت قىلىنمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە زاكات كېلىدىغان مالنىڭ شەرتى ئاۋۇغۇچى مال بولۇش. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئاۋۇغۇچى مال بولسۇن ياكى ھۆكۈم جەھەتتىن ئاۋۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بېسىپ قويۇلغان، ئوبوروت قىلىنمىغان مال بولسۇن ئوخشاش. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

39 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ دوكتور! بىز بەزىدە بورداقچىلىق قىلىدىغان قاسساپلار بىلەن ئالاقىلىشىپ: «بىر قوي ئالايلى، بىر كىلو گۆش قانچە پۇل بولىدۇ؟» دېيىشىپ گۆشنىڭ باھاسىنى توختىتىمىز. قاسساپ قوينى بوغۇزلاپ، گۆشنى قانچە كىلو كەلدى دېسە، دېيىشكەن بويىچە پۇلنى بېرىمىز. بەزىدە قاسساپلار بىلەن گۆشنىڭ باھاسىنى ئېنىق دېيىشمەي: «بىر قوي ئالايلى. قوينى سويۇپ يەتكۈزۈپ بەرسىلە» دەيمىز. قاسساپ گۆشنى يەتكۈزۈپ بەرگەندە: «كىلوسى مانچە پۇل» دەيدۇ. شۇنىڭغا دېگىنىنى بېرىدىغان ئىشمۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل سودىنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

بۇ خىل سودا خېلى بار. ھەتتا ئىستانبۇلدىكى بەزى گۆش ساتىدىغان قاسساپلار بورداقچىلىق قىلىدىغان قاسساپلاردىن يۇقىرىدىكى شەكىلدە سېتىۋېلىش ئەھۋاللىرىمۇ بار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. «بىر قوي ئالايلى، بىر كىلو گۆش مۇنچە پۇل» دېيىشىپ، قانچە كىلو گۆش چىقسا، شۇ باھا بويىچە ئومۇم سوممىسىنى بەرسە، بۇ سودا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىدا سودا قىلغان چاغدا بىر كىلودىلا دۇرۇس. سەۋەبى: تاۋار ۋە پۇلدىكى نامەلۇملۇق تۈپەيلى ھەممىسىنى بىلىش قىلىش قىيىن. شۇڭا، ئېنىق بولغان بىر كىلوغىلا قارىتىلىدۇ. «سودا بىر كىلودىلا دۇرۇس بولىدۇ» دېيىلسە، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېلىش – ئالماسلىقنى تاللاش ئىختىيارلىقى بار بولغان بولىدۇ. ئەمما، ئۇنى سويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قانچە كىلو چىققانلىقىنى دەپ بېرىش بىلەن ياكى كىلولاش بىلەن پۈتۈن گۆشنىڭ كىلو سانى ئېنىق بولغاندا بولسا، ھەممە كىلودا سودا توغرا بولىدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا تاۋار ۋە پۇلدىكى نامەلۇملۇق يوقالغان.

ئىمام ئەبۇ يۈسۈف بىلەن ئىمام مۇھەممەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا: «ھەممە ئەھۋالدا دۇرۇس، چۈنكى نامەلۇملۇقنى تۈگىتىش ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىدا. گۆشنى كىلولىغاندا نامەلۇملۇق تۈگەيدۇ. شۇڭا، تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارمايدۇ» دېگەن. لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ سودىنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن، سېتىۋالغۇچىنىڭ قوينى كۆرۈشىنى شەرت قىلىدۇ.

گۆشنىڭ باھاسىنى ئېنىق دېيىشمەي: «بىر قوي ئالايلى. قوينى سويۇپ يەتكۈزۈپ بەرسىلە» دېگەن ئەھۋالدا، 4 مەزھەب ئالىملىرى قارىشىدا: «بەيئى قىلغان چاغدا باھا ئېنىق بولۇشى شەرت» دەپ قارايدۇ. چوقۇم باھا بىر كىلوسى 15 دوللار ياكى 500 تېلى دېگەندەك پۇل تۈرى ۋە مىقدارى بويىچە بېكىتېلىشى كېرەك. ئۇنى ئېنىق بېكىتمەي، شۇ كۈندىكى ياكى پۇلنى تۆلىگەن كۈندىكى باھا بويىچە بېكىتىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا كىلو سانىنىڭ نامەلۇملۇقىدىن سىرت، پۇلىمۇ نامەلۇم. كېيىنچە ئويلىمىغان باھا ۋە ئومۇم سومما سەۋەبلىك دەتالاش چىقىشى مۇمكىن.

بۇنىڭ ئۈچۈن باھانى ئالدىن بېكىتىپ، سودا قىلىشقا ۋەدىلىشىپ تۇرۇپ ياكى دېيىشكەن گەپنى ۋەدە ھېسابلاپ تۇرۇپ، گۆش كىلولانغاندا پۇل ۋە گۆشنىڭ مىقدارى ئېنىق بولغاندا ئاندىن سودا قىلىش لازىم.

بۇلارغا قاراپ گۆشنى ئوغرى ئالسا ياكى بىرەر ئەھۋال بولسا، تۆلەم جەھەتتىن ھۆكۈم پەرقلىق بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، قۇربانلىق، ئەقىقە، فىديە ۋە نەزر قاتارلىق قوي سويۇشتا بىر قوينى تىرىك سېتىۋېلىش كېرەك. گۆش سېتىۋالسا ئادا تاپمايدۇ. چۈنكى، قوينى بوغۇزلىغاندا، ئۇ قوي ئۇ كىشىنىڭ ئەمەس. ئۇ كىشى قاسساپنىڭ قويى بوغۇزلىنىپ بولغاندىن كېيىن گۆشىنى سېتىۋالغان. كاللا – پاقالچاق، تېرە ۋە گۆشتىن باشقا قىسمىغا سېتىۋالغۇچى ئىگە بولمىغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

40 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن توردا سودا قىلىدىغان تىجارەتچى بولىمەن. خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرسام دۇرۇس بولامدۇ؟ پەتۋا بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن، ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن! «4 قۇتا كاپسۇل سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق 3200 لىرا قىممىتىدىكى 7 لىتىرلىق خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى چەك تاشلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىزگە چىقمىسا يەنە كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ خېرىدارلارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ كەلگەن چاچ سوپۇنىدىن بىرنى ھەدىيە قىلىمەن، ئىشقىلىپ زىيان تارتمايسىز. يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان كاپسۇل 2 يىللىق ساقلاش ۋاقتى بار. بۇنداق پۇرسەت ھەردائىم كەلمەيدۇ. پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەيسىلەر. 20 سان بىلەن چەكلىنىدۇ».

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. سىز بۇ چەك تاشلاش پائالىيىتىنى قىلغاندا مەھسۇلاتنىڭ ئادەتتىكى باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىپ ساتىدىغان بولسىڭىز _ مەسىلەن، بىر قۇتىنى ئادەتتە 450 لىرادىن 4 قۇتىنى 1800 گە ساتىدىغان بولسىڭىز، بۇ پائالىيەتنى قىلغاندا ھەر قۇتىسىنىڭ باھاسىنى 500 لىراغا ئۆرلىتىپ 4 قۇتىنى 2000 گە ساتسىڭىز _ بۇنداق سېتىشىڭىز توغرا ئەمەس. خېرىدارنىڭمۇ بۇ تۈردە تاۋار سېتىۋېلىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئۇ بۇ تاۋارنى مۇكاپات ئۇتۇش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئارتۇق تۆلىگەن _ 200 لىرا _ پۇل مۇكاپات ئۇتۇش ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇتالامدۇ – ئۇتالمامدۇ؟ بۇ نامەلۇم. شۇڭلاشقا بۇ تەلەي سىناشقا ۋە قىمارغا ياتىدۇ.

مەھسۇلات سېتىۋېلىش مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش ياكى باشقىلارغا پايدىسىغا سېتىش ئۈچۈن بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر، مۇكاپاتلار ۋە ئۇتۇشلار ئۈچۈن بولماسلىقى لازىم. بولمىسا، سودىدىن تاۋار سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىش ياكى ئۇنى سېتىپ پايدا ئېلىش كۆزلەنمەي، ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر، تەلەي سىناش مۇسابىقىلىرى، مۇكاپاتلار كۆزلەنگەن بولىدۇ – دە، بۇمۇ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى چەكلەنگەن دائىرىگە كىرىپ قېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق بولمايدۇ. بۇ تۈرلۈك سودىنى بەزى ئالىملار مۇتلەق چەكلەيدۇ. چۈنكى، بۇ سودا گەرچە كۆرۈنۈشتە نورمال سودا شەكلىنى ئالسىمۇ، نىيەت جەھەتتىن تاۋار سېتىۋېلىپ پايدىلىنىشتىن تەلەي سىناش ۋە ئۇتۇش دائىرىسىگە ئۆتۈپ كەتكەن. يەنە بەزى ئالىملار يۇقىرىقى پائالىيەتتە: «باھا ئۆستۈرۈۋالماسلىق ۋە مۇكاپاتلا كۆزلەپ سېتىۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى شەرت بىلەن مۇباھ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ خىل قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى ياخشى ئەمەس. خېرىدارلارمۇ بۇ ئەھۋالدا مۇكاپاتنىلا كۆزلەپ بۇ سودىغا كىرسە توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا تاۋار ئىگىسى يا تاۋارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئەرزان سېتىش، يا تاۋارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرمەي تاۋارغا بىرەر مۇكاپات قېتىپ سېتىشى ھارامدىن ۋە شۈبھىدىن يىراق قىلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

41 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۈزۈك سالدۇرغان ئىدىم. پەرز ھەج ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان. شۇڭا، ئۈزۈكنى ئالدۇرۇۋەتمەي بارسام ھەجىم توغرا بولامدۇ؟ شۇنىڭغا پەتۋا بەرگەن بولسىلىرى. ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن! مەن بۇ پەتۋالىرىنى ئاللاھنىڭ ئالدىغا ھۆججەت قىلىپ بارىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئۈزۈكنىڭ ھەج ياكى باشقا ئىبادەتلەرنىڭ توغرا – خاتا بولۇشى بىلەن ئالاقىسى يوق. پەقەتلا ئۈزۈك سەۋەبلىك ھەيز قالايمىقانلىشىش كېلىپ چىققاندا، ھەج مەزگىلىدە سەپەر قىستاپ قالغان چاغدا ئىفازەت تاۋاپىنى قىلىشتا كېچىكىشكە تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. ھەيز قالايمىقانلاشمىسا تەسىرى بولمايدۇ.

42 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۇغۇش سائىتى يېقىنلاپ قالغان بىر ھەمشىرىمىزنىڭ تولغاق سۈيى كېلىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا دوختۇرغا بېرىشتىن ئاۋۋال ناماز ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. تولغاق ئالامىتى ياكى تۇغۇش يېقىنلاشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ۋە ۋاقتى كەلمىگەن چاغدىكى سۇ ياكى خۇن ئىستىھازە ھۆكمىدە بولۇپ، ھەر نامازغا يېڭى تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. تولغاق ئالامىتى ياكى تۇغۇش يېقىنلاشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلسە ۋە ۋاقتى كەلگەن بولسا، بۇ سۇ ياكى خۇن نىفاسقا تەۋە بولغانلىقتىن، ناماز ئوقۇمايدۇ. رامازان روزىسىنىمۇ تۇتماي، كېيىن قازاسىنى تۇتىۋالىدۇ.

43 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئايال كىشى پەرز ھەج ياكى ئۆمرە قىلغان ۋاقىتتا پۇتىمىزغا نورمال ئاياغ كىيسەك بولامدۇ؟ پۇتىمىزنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئاياغ كىيىمىزمۇ ياكى ئىسلام دىنىمىزدا چەكلىمە يوقمۇ؟ شۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاياللار ئىھرام باغلىغاندا يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا يەرلىرىنى يۆگەيدىغان، ئادەتتىكى، خۇشبۇي پۇرىقى يوق كىيىملىرىنى كىيىدۇ. كىيىمگە مەلۇم رەڭمۇ شەرت ئەمەس. ئاياغ ۋە پايپاق كىيىشمۇ چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭدا ئاياللار ئەرلەردىن پەرقلىنىدۇ. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىستە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بەرگەنكى: «بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنى ئىھرام باغلىغاندا قانداق كىيىم كىيىشكە بۇيرۇيلا؟ — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كۆينەك، سەللە، ئىشتان، دوپپىلىق جىلبابلارنى كىيمەڭلار! پەقەت قونچسىز كەش تاپالمىغان ئادەم قونچلۇق كەشنىڭ قونچىنى ئوشۇقىدىن تۆۋەن قىلىپ كېسىۋېتىپ كىيسۇن. زەپەر ۋە زەرچىۋە بىلەن بويالغان كىيىمنى كىيمەڭلار! ئىھراملىق ئايال يۈزىنى ياپمايدۇ، پەلەي كىيمەيدۇ، — دېدى»(بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، (1838)؛ مۇسلىم، (1177)).

دېمەك، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ تاكى ئىھراملىق ھالەتتىن چىقىپ بولغۇچە يۈزىنى يۆگىۋېلىشىنى ۋە پەلەي كىيىۋېلىشىنىلا چەكلىگەن. قونچسىز كەشنى ئاياللارغا ئەمەس، ئەرلەرگىلا چەكلىگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاياللار ئۈچۈن ئىھرام باغلىغاندا ئالاھىدە ئىھرام كىيىم – كېچەكلىرى ياكى پۇتىغا كىيىدىغان قونچسىز كەش شەرتى يوق. پايپاق بىلەن ئۈستى ئوچۇق كەش ياكى قونچسىز ئاياغ كىيسىمۇ ياكى ئادەتتە كىيگەن ئاياغ ۋە كىيىملىرىنى كىيسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ۋەللاھۇ ئەئلەم.

44 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن ۋەتەندە قالغان ئانامنىڭ نامىدىن قۇربانلىق قىلسام بولامدۇ؟ لېكىن، ھاياتمۇ بىلمەيمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋەتەندە قالغان ئاتا – ئانا، ئۇرۇق، – تۇغقان ۋە باشقا ئۆلۈك ۋە تىرىك ھەرقانداق بىر يېقىنىڭىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى ھەم ئۈممىتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغانلىقى «سەھىھ» ھەدىسلەردە كەلگەن بولۇپ، ئۈممىتى ئىچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات چېغىدا ۋاپات بولغانلارمۇ، تېخى ۋاپات بولمىغانلارمۇ بار ئىدى. مېيىتكە ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىقتىن ئۆزى يېسە، باي – كەمبەغەللەرگە ھەدىيە قىلسا، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ دېگەن قۇربانلىق. قۇربانلىق ئەنە شۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىپ قان ئېقىتىشنىڭ ساۋابى بولسا مېيىتكە بولىدۇ.

قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلمىسىڭىزمۇ، رامازاندا ۋە ئادەتتىكى كۈنلەردە ئۆلۈك ياكى تىرىك ئاتا – ئانا ياكى ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ئاتاپ قان قىلىپ گۆشىنى سەدىقە قىلسىڭىزمۇ ياكى باشقا مال – مۈلۈكنى ئۇلارغا ئاتاپ سەدىقە قىلسىڭىزمۇ بۇ ئىنتايىن پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىش بولىدۇ.

45 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈركىيەلىك «mehmed yildiz» دېگەن دەۋەتچىنىڭ دەۋەتلىرىنى تىڭشىساق ۋە تارقاتساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. «ئەلەۋىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى چاغلاردا ئىسلامىيەت بىلەن تونۇشۇپ ئەھلىسۈننەت بولغان» دەپ قارىلىدىكەن. ئېنىق ئەھۋالىنى بىلمەيمەن. ئەسلى تۈركىيەلىك ئۆلىمالاردىن سورىغايسىز.

46 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا كېسەلگە «شۈكۈر» دېسە بولمايدۇ، دەيدىغان چۈشەنچە باركەن. ئۇلار قۇرئاندىكى «شۈكۈر قىلساڭلار نېئمىتىمنى زىيادە قىلىپ بېرىمەن» دېگەن ئايەتنى دەلىل قىلىپ: «كېسەل بولۇپ قالغان كىشى ‹شۈكرى› دېسە، كېسەل تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ» دەيدىكەن. بۇ توغرىمۇ؟ پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، شۇڭا «سىلىدىن توغرا بىر چۈشەنچىگە ئېرىشەي» دەپ ئاۋارە قىلىشىم. ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن ئۇستاز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان، ئۇنىڭدىن ساقلىنالمايدىغان يېقىنلىرىدىن ئايرىلىش، مال – مۈلكىدىن ئايرىلىش، كېسەللىككە ۋەياكى باشقا تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە ئۇچراشتەك ئەھۋاللاردا «شۈكۈر» دېيىش جائىز بولۇشتىن زىيادە مۇستەھەب بولىدۇ. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە قارىتا بەندىنىڭ سەۋر قىلىشى ۋاجىب بولۇپ، سەۋر مەقامىدىن بىر مەرتىۋە يۇقىرى مەقام رازىمەن بولۇش مەقامىدۇر. بۇ ھەقتائالانىڭ قەدەرىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە رازى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. رازىمەن بولۇشتىنمۇ يۇقىرى مەقام شۈكۈر مەقامىدۇر. دېمەك، شۈكۈر قىلىش ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قۇللۇق قىلىشقا كىرىدۇ. چۈنكى، بەندە بۇ ئەھۋالدا مۇسىبەتنى بىر نېئمەت دەپ قاراپ، ھەقتائالاغا شۈكۈر قىلغان بولىدۇ. قاراڭ: ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئۇددەتۇسسابىرىن»: 67 – بەت.

ئەكسىچە، كىبىرگە ۋە ھاكاۋۇرلۇققا ئېلىپ بارىدىغان بايلىق، گۇناھ – مەئسىيەتكە سەۋەب بولىدىغان ساغلاملىق، پەرزەنتلەر كەبى بەزى نېئمەتلەرمۇ بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن بالا ۋە مۇسىبەت بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، نېئمەت بىلەن مۇسىبەتنى مۇتلەق نېئمەت ياكى مۇتلەق مۇسىبەت دېگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن كېسەللىككە ۋەياكى باشقا تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە زاھىرى مۇسىبەت بولغانلىق جەھەتتىن سەۋر قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ شەخس ئۈچۈن بىر خىل نېئمەت بولۇش جەھەتتىن ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش مۇناسىپ كېلىدۇ.

يەنە كېلىپ بۇ مۇسىبەتنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولمىغانلىقى ياكى دىندىن يېنىپ كېتىشتەك دىنىي مۇسىبەت بولمىغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بىر نېئمەت بولۇپ، بۇ مۇسىبەتنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىش توغرا بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇسىبەتلەر بىرەر قىلمىشقا قارىتا جازا بولغان تەقدىردە، بۇ جازانىڭ دۇنيادىلا بېرىلىپ ئاخىرەتكە قالدۇرۇلمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىش ھەم توغرا بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇسىبەتلەر بىرەر قىلمىشقا قارىتا جازا بولماي، گۇناھلارنى پاكلاشتىن ئىبارەت بولسا، سەۋر قىلسا ئەجىر بېرىلىدىغانلىق ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلىق جەھەتتىن بۇ شۈكۈر قىلىش مۇناسىپ كېلىدىغان بىر نېئمەت بولىدۇ. بۇلارنى ئاڭقىرىغان بەندە شۈكۈر قىلىدۇ. شۇنىسى باركى بەندە بۇ مۇسىبەتلەرگە سەۋر ۋە شۈكۈر قىلالماسلىق ياكى رازى بولماسلىقتەك ئېھتىماللىق بولغاچقا، بۇلارنى ئاللاھتىن تىلىمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلەش سۈننەتتۇر. ئەمما، بېشىغا كەلگەندە شۈكۈر قىلىش مۇستەھەبتۇر.

بۇ ھەقتە ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» ناملىق ئەسەرىدە مەلۇمات بار.

بۇ تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە شۈكۈر قىلىش ئۇنىڭ زىيادە بولۇشىغا ئېلىپ بارمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، مەزكۇر ئايەتتىكى شۈكۈر زاھىرىدىن نېئمەت كۆرۈنگەن نېئمەتكە قارىتىلغان. بىز ئىنسانلار مۇسىبەت ھېسابلايدىغان نېئمەتكە قارىتىلمىغان. ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەگەر كۇفۇرلۇق قىلساڭلار، ئازابىم ئەلبەتتە قاتتىق بولىدۇ» دېگەن تەھدىتمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ئايەتتىكى شۈكۈر قىلىش «ھەممە نېئمەتلەرگە ئومۇم» دەپ قارىساقمۇ، شۈكۈر قىلىش بىلەن چوقۇم ئاشۇ نېئمەتنىڭ تۈرى زىيادە قىلىنىشى كېرەك ئەمەس، بەلكى «بەندىگە دۇنيا ۋە ئاخىرىتىدە پايدىلىق بولغان نېئمەتلەر زىيادە قىلىنىدۇ» دېگەنلىكتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

47 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ بەزىلەر: «پەقەت قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىمىز، ھەدىس قورئان ئايەتىگە ئۇدۇل كەلسە ئەمەل قىلىمىز، بولمىسا قورئاندىلا تۇرىمىز» دەيدۇ بىز: «سەھىھ ھەدىسلەرچۇ؟ ئۇنى قانداق قىلىمىز؟» دېسەك، پەيغەمبىرىمىز ھەدىسلەرنى توپلاتمىغان ھەم ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس توپلاشقا قارشى تۇرغان ھەمدە توپلىغان ھەدىسلەنى كۆيدۈرگەن دەيدۇ مۇشۇ توغرىمۇ؟ بىلەلمەي قالدىم. توغرا بولسا نېمە ئۈچۈن كۆيدۈرگەن شۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسلەرنى كۆيدۈرگەنلىكى يالغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەسلەپكى چاغلاردا ۋەھيى كاتىبلىرىنى قۇرئان ئايەتلىرىنى يازغاندا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەدىسنى بىللە يېزىشتىن توسقانلىقى مەلۇم. لېكىن باشقىلارنى توسمىغان ھەم ئۆزى ھەدىسنى يېزىپ بېرىشكە بۇيرۇغان. كاتىبرىلىدىن باشقىلارنى ھەدىس يېزىشتىن توسمىغان.

48 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ھەجدىن كېيىن ئېلىم – سېتىم قىلىشقا بولمايدۇ دەيدۇ، ھەجدىن بۇرۇن با ئەس – يادىمىز ھەجنى ئوڭۇشلۇق قىلامىزمۇ، دەپ غەم يەيدكەنمىز، سوۋغات نەرسىلەرنى ئالماي، ھەج قىلىپ بولغاندا سوۋغاتلىق نەرسە – كېرەكلەرنى، ئالسا شەرىئەتكە توغرا كەممەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ھەجدىن بۇرۇن ياكى ھەج ئىبادىتىنى قىلىۋاتقان چاغلاردا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ھەج ئەمەللىرىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ھەدىيە – سوۋغات سېتىۋالسا ھەتتا ئېلىم – سېتىم قىلسا، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا جائىز. ئاللاھ تائالا ھاجىلارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىپ: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) پەزل تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ﴾((2/«بەقەرە»: 198) دېگەن. ئەمما، ۋىدالىشىش تاۋىپىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن مەككەدە تىجارەت قىلىپ يۈرمەي سەپەر لاۋازىمەتلىرى، ھەدىيە – سوۋغات كەبى نەرسىلەرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

49 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ توي خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئەر – خوتۇنلارنىڭ توي مەرىكىسىگە مەلۇم يىل ئۆتكەنلىكىنى ھەر يىلدا ياكى بىرقانچە يىل ئۆتكەندە بىر خاتىرىلىشى مۇباھ ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ، ئەر – خوتۇن ئۆزئارا مېھىر – مۇھەببىتىنى بىر – بىرىگە ھەدىيە تەقدىم قىلىش بىلەن يېڭىلىسا، خاتىرىلەشتە ھالال نىكاھ بىلەن ئائىلە قۇرغانلىقتىن ئىبارەت بۇ نېئمەتنى گۇناھ ئىشلاردىن، ئىسراپتىن يىراق ھالدا ئەسلەپ – خاتىرىلىسە ياكى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تاماق ۋە زىياپەت تەييارلاپ ئىككىيلەن ياكى پەرزەنت ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن ئۆزئارا ئولتۇرسا جائىزدۇر. چۈنكى، بۇ خىل خاتىرىلەشنىڭ چەكلىنىدىغان تەرىپى يوق. بۇ خىل خاتىرىلەش ئەر – خوتۇننىڭ شەخسىي خاتىرىلەش ئىشى بولۇپ، ئۇ كافىرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە چېتىلىدىغان ياكى ئۇلارغا خاس بىر ئادەتمۇ، ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىدىغان بىدئەتمۇ ئەمەس.

50 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ يولدىشىم بىلەن بىللە پەرز ھەجگە مەككەگە كەلگەن ئىدۇق. بۇ يىل تەكشۈرۈش قاتتىق بولغاچقا، يولدىشىم ئەنسىرەپ ھەجگە چىقماي مەككەدە قالماقچى بولدى. مەن يولدۇشىمسىز چىقماقچى. بۇ ئەھۋالدا مەھرەمسىز ھەج قىلغان بولىمەنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. مەھرەم سەپەر ئۈچۈن شەرت. سەپەر قىلغان ئايال كىشى بىلەن چوقۇم ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە بولۇشى كېرەك. ئەمما، مەككەگە بېرىپ بولغان ئايال، مىنا، ئەرافات ۋە مۇزدەلىفە قاتارلىق ھەج يەرلىرىگە ئېرى ياكى مەھرەمى بىللە چىقمىسىمۇ يالغۇز ياكى باشقا ئايال ۋە ئائىلىلىك ھەمراھلار بىلەن چىقىپ ھەج قىلسا ھەجى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، مەككەدىن ئۇ جايلارغا چىقىش سەپەر ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ قىيىن ئىبادەت جەريانىدا ھەرەج تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مىنا، ئەرافات ۋە مۇزدەلىفەلەرگە يالغۇز چىقماي، خاتىرجەم بولىدىغان ھەمراھلار بىلەن چىققىنى ئەۋزەل.

51 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 1) ئادەت كۆرمىگەن، ئەمما 12 ياشقا كىرگەن قىز بالا پەزر ھەج قىلالامدۇ؟

2) ئەگەر پەرز ھەج قىلىش توغرا كەلسە، ماددىي ۋە مەنىۋي جەھەتتىن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟ «قۇربانلىق قىلىش… ۋاھاكازا» دېگەندەك بالاغەتكە يەتكەن چوڭ ئاياللارغا ۋاجىب بولغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىنى ئادا قىلىشى كېرەكمۇ؟ تەرتىپى قانداق بولىدۇ ۋە قايسى شەكىلدە ئادا قىلىشى كېرەك؟

3) ئۇ كىچىك بالا ۋە ئانىسىغا ئۆگەي، دادىسى ئۇلارغا مەھرەم بولۇپ بارغان ئىدى، ھازىرقى ھەرەمنىڭ شارائىتىدا ئاياللار پەرز ھەج قىلىش ئىمكانى بار، ئەمما ئەرلەرگە قىيىندەك تۇرىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا مەھرەمسىز ھەج ئىبادىتىنى ئانىسى بىلەن قىلالامدۇ؟ تەپسلىي چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن. امين.

4) بۇ قىز ئۆز دادىسى ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ.

1) ھەج دېگەن بويىغا يەتكەندە ئاندىن پەرز بولىدۇ. بويىغا يەتمىگەن بولسا پەرز بولمايدۇ. 12، 13 ياكى 14 ياشتا بويىغا يېتىشى مۇمكىن. بۇ شۇ قىزنىڭ ئەھۋالىغا باغلىق.

2) ئەگەر ئۇ قىز بويىغا يەتكەن بولسا، ھەممە جەھەتتىن چوڭلارغا ئوخشاش شارائىت ھازىرلايدۇ. ئۇنىڭدا پەرق يوق. بويىغا يەتمىگەن بولسا، بۇ نەپلە بولىدۇ، گەدىنىگە پەرز ئەمەس. ئاتا – ئانىسى خاھلىسا، بىللە ھەجگە ئېلىپ چىقسا ئەجىرگە ئېرىشىدىغان ئىش. ئۇ چاغدا نەپلە بولغان تەقدىردىمۇ 12 ياشلىق قىز بالىغا تەمەتتۇﺋ ھەج (ئۆمرە قىلىپ ئىھرامدىن چىقىپ، ئاندىن ھەج قىلىدىغان ھەجنىڭ تۈرى) قىلغان تەقدىردە قۇربانلىق قىلىش كېرەك بولىدۇ.

3) مەھرەم مەسىلىسىگە كەلسەك، مەككەگە سەپەر قىلىشتا مەھرەم شەرت. مەككەگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن مەھرەم بولغۇچى مەككەدە قېلىپ قالسا، ھەج قىلىدىغان قىز ۋە باشقا ئاياللار مىنا، ئەرافات ۋە مۇزدەلىفەلەرگە چىقىپ ھەج پائالىيەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ سەپەر ئەمەستۇر.

4) دادىسى ئۈچۈن ھەج قىلىش مەسىلىسىدە، بالىلار بويىغا يېتىپ، ئۆزى ئۈچۈن پەرز ھەجنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن باشقىلارغا ھەج قىلىپ قويالايدۇ. ئۇنىڭغا قەدەر باشقىلارغا قىلىپ قويالمايدۇ.

52 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. مېنىڭ ئىككى سوئالىم بار ئىدى: 1) تۈركىيەدە ۋەتەنداشلىق ئالغان بەزى قېرىنداشلىرىمىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى سەئۇدىنىڭ ئىقامىتىنى ئېلىپ، بالىلىرى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ياشاۋېتىپتۇ. سەئۇدىنىڭ ئىقامىتى دېگەنلىك سەئۇدىيلىك بىر ئەرەبنىڭ شەخسىي شوپۇرى ياكى ئائىلە خىزمەتچىسى بولۇپ كېلىشكەن. بۇ كېپىلگە باغلىنىپ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى يوقاتقاندەك ئىشكەن. ئەمدى تۈركىيەدەك ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن ياشىيالايدىغان بىر يەردىن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى يوقىتىپ قويىدىغان بۇ يەرگە كېلىپ ياشاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ 2) سەئۇدىيغا شوپۇرلۇق، ئائىلە خىزمەتچىسى دېگەندەك نام بىلەن ئىقامەت ئېلىپ كەلگەنلەر بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، كېلىشىم بويىچە كېپىلىنىڭ شۇ خىزمىتىنى قىلماي، ئۆزى شەخسىي باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ ساختىلىق، يالغانچىلىققا كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جانابى ئاللاھ بىزنى ۋە ھەممىلىرىنى ئىمان ۋە ئىسلامدا مۇستەھكەم قىلسۇن. تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىشلەشكە بارغاندا، شۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈمى، سىستېمىسى دائىرىسىدە بەزىبىر ئەركىنلىكلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدىغان ئېھتىياج تۈپەيلىدىن بېرىپ قېلىشتىن ئىبارەت. تۈركىيەدىن بۇنداق كەتكەنلەرنىڭ بەزىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينالغان بولۇشى، يەنە بەزىلىرى «جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بىر قىسىم تەرەپلىرىنى بالىلىرىغا زىيانلىق» دەپ قاراپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەنچە بۇنى ھەركىم ئۆزى شەخسىي قارار ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پايدا – زىيىنىنى دەڭسەپ بېقىپ ئىش تۇتسا بولىدىغان ئىختىيارىي مەسىلە دەپ قارايمەن.

ئىككىنچى مەسىلىدە، ئىقامەتنى شوپۇرلۇق ياكى مەلۇم بىر ئىشقا ئېلىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشنى قىلمىغان ئەھۋال بولسا، بۇ ساختىلىق دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىش. ئەگەر تۆت، بەش كىشى بىرلىشىپ بىر ئىش قىلالايدىغان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەركىن، ئازادە ئىش قىلغىلى بولىدىغان، مال – مۈلۈكنى شىركەتنىڭ نامىغا ئالالايدىغان ۋە نەچچە ئادەمگە ئىقامەت ئالغىلى بولىدىغان شارائىت ۋە ئىمتىيازلار باركەن.

53 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مىنا، ئەرافاتقا چىقىشتا ۋە كەئبەگە كىرىشتە توسۇقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كارتا ۋە بىلەيزۈك دېگەندەك رۇخسەتنامەلەرنىڭ ساختىسىنى ياسىتىپ ئىبادەت قىلىش جائىزمۇ؟ قىلىپ سالغانلارنىڭ گۇناھى قانداق بولىدۇ؟ فىديە ۋاجىب بولامدۇ؟ ھەج ۋە ئىبادەتلەرگە نۇقسان يېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ھەجگە بېرىش، ئىبادەت قىلىش ئەلبەتتە تەلەپ قىلىنغان ئىش. لېكىن، ساختا كارت، ساختا بىلەيزۈك ياساپ، ھاجىلار قاتارىدا چىقىپ، ئۇ يەردىكىلەرنى گوللاش قاتارلىقلار ساختىلىق، ھارام ئىش بولغاچقا، بۇ قىلمىش گۇناھ بولىدۇ. ئەمدى بۇنى قىلىپ قالغانلار بولسا، ئىستىغپار ئېيتىپ، مەلۇم مىقداردا پۇل سەدىقە قىلىۋەتسە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، گەرچە ساختىلىق، يالغانچىلىق ئارىلىشىپ قالغان بولسىمۇ، بۇنىڭ گۇناھى ئايرىم بولىدۇ، ھەج ۋە ئۆمرە جايىدا، توغرا بولۇۋېرىدۇ.

54 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن (ئايال كىشى) مەدىنەدىن ئىھرام باغلاپ، مەككەگە ماڭغان ئىدىم. مەككەگە ئاز قالغاندا، ساقچى توسۇۋېلىپ، بىزنى قايتۇرۇۋەتتى. مەدىنەگە قايتىپ كېلىپ، ياتاققا كىرىپ، كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپتىمەن. بۇنىڭغا جازا كېلەمدۇ؟ يەنە باشقا يول بىلەن مەككەگە بارماقچى بولۇۋاتىمىز، ئۇنداقتا قايتىدىن ئىھرامنى نىيەت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئايال كىشىنىڭ ئىھراملىق ئايرىم كىيىمى بولمايدۇ. كىيىمنى ئالماشتۇرسىمۇ چاتاق يوق. نىيەت ئۆزگەرتىش بولمىغان بولسىلا بۇرۇنقى ئىھرام نىيىتى كۈچكە ئىگە.

55 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. تېپىۋېلىنغان نەرسىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. تېپىۋېلىنغان نەرسىنى ئېلان قىلىپ ئىگىسىنى ئىزدەيدۇ. ئىگىسىنى تاپالمىسا، ئۆزى موھتاج بولسا ئۆزى پايدىلىنىدۇ. ئۆزى موھتاج بولمىسا ئىگىسىگە ئاتاپ سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

56 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن ئۇستازنىڭ «بانكىدىن ئالغان ئۆسۈمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دېگەن پەتۋاسىنى ئوقۇپ چىقتىم. سورايدىغان سوئالىم: مېنىڭ «زىرائەت» بانكىسى ۋە «كۇۋەيت تۈرك» بانكىسىدا ھېسابىم بار. بۇ ھېسابلىرىمدا ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان بۇرادەرلىرىمنىڭ «دوللار»، «ياۋرو» دېگەندەك ئامانەتلىرى بار. بۇ پۇللارنى ماڭا ساقلاپ بېرىشىم ئۈچۈن ئامانەت قويغان ئىدى، نەچچە يىلنىڭ ياقى ساقلاپ بېرىۋاتىمەن. مەن بۇ پۇللارنى خاھلىغان ۋاقىتتا ئالالايمەن. ماڭا ئايرىم ئۆسۈم چىقمايدۇ، لېكىن ئۇلار بىز قويغان بۇ پۇللارنى ئۆسۈم ئېلىپ، ئۆسۈم بېرىپ دېگەندەك ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بانكىنىڭ جازانە ئىشلىرىغا ياردەم قىلغاندەك بولۇپ قالامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۆيدە ساقلىيالايدىغان، بىخەتەرلىك جەھەتتىن خاتىرجەم بولالايدىغان تۇرۇپ، بانكىغا پۇل قويسا، ئەلبەتتە جازانە بانكىلارغا ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ ساقلىشى قىيىن بولسا، مەجبۇر بولغاچقا مەيلى بولىدۇ.

57 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۇكام بىلەن بىر ئويدە بىللە ياشايمىز. ئۇكام بويتاق، لىكىن، زاكات ئايرىغۇدەك ئىقتىسادى بار. ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بولمىغانلىقى ئۇچۇن بويتاق ئۇكامغا قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب بۇلامدۇ ياكى بىز بىر ئۆيدە بولغانلىقىمىز ئۇچۇن مەن قىلسام كۇپايە بۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىر قۇربانلىق كىشىنىڭ خوتۇن، بالىچاقىلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك. ئەگەر چىقىمىنى ئاتىسى قىلىپ بېرىدىغان بولسا بىر ئۆيدە ئولتۇرغان چوڭ بالىچاقىلارغىمۇ ئاشۇ بىر قۇربانلىق يېتەرلىك. يەنە ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقان ئاكا – ئۇكا، جىيەن ۋە تاغا قاتارلىق تۇغقانلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى بىر بولسا، يەنى ئۇلارنىمۇ مۇشۇ ئائىلە ئىگىسى باقىدىغان بولسا، ئۇلارغىمۇ ئاشۇ بىر قۇربانلىق يېتەرلىك. چۈنكى ئۇلار بىر ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئىقتىسادى ئايرىم ئاكا – ئۇكا، جىيەن، تاغا قاتارلىق تۇغقان كىشى بولسا قۇربى يەتكەن ئەھۋالدا ئۆز ئالدىغا ئايرىم قۇربانلىق ۋاجىب بولىدۇ. دېمەك خىراجەت قىلىپ باققۇچى بىر بولسا بىر قوي يېتەرلىك، ئۆزىنىڭ خىراجىتىنى ئازى قىلىدىغان بولسا يېتەرلىك ئەمەس. نۇغقان بولمىغان كىشى بىرەر ئائىلىنىڭ ئۆيىدە بىللە تۇرغان بولسا، ئۇ ئائىلە ئۇ كىشىنىڭ خىراجىتىنى قىلىپ باقمايدىغان بولسا، ئۇ ئائىلىنىڭ قۇربانلىقى ئۇلارغا يېتەرلىك بولمايدۇ.

58 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەر كىشىلەرنىڭ ۋە ئوغۇل بالىلارنىڭ ھالقا تاقىشى ھاراممۇ؟ ھارام بولسا مۇسۇلمان ۋە خەلىفە بولغان پادىشاھلار نېمىشقا تاقىغان؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەر كىشىنىڭ ۋە ئوغۇل بالىنىڭ قۇلىقىغا ياكى بۇرنىغا مەيلى ئالتۇن – كۈمۈش، يىپ، خۇرۇم ياكى باشقا نەرسىدە ھالقا،  بوينىغا زەنجىر ۋە قولىغا بىلەيزۈك دېگەندەك نەرسىلەرنى تاقىشى، قۇلىقىنى ياكى بۇرنىنى تەشتۈرۈشى ھارام. ئەرلەر ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ خىل زىبۇزىننەتنى ئېلىپ – سېتىش، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كىراغا ئاپىرىشمۇ ھارام. بۇ زىبۇزىننەت ئالتۇن بولسا، گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر. ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان ۋە يىپەك بىلەن ئالتۇننى ئەرلەرگە ھارام قىلغان. چۈنكى، بۇ ئەرلەرنىڭ تاقىشى ھارام قىلىنغان زىبۇزىننەت، شۇنداقلا ئاياللارغا ۋە مۇخەننەسلەرگە ئوخشىۋېلىشتۇر. ھالبۇكى، مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئەركەكلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ياشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىختا مۇسۇلمان بەزى پادىشاھلار ھالقا تاقىغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى. ئۇلار ھېچ گۇناھ قىلمايدىغان مەسۇم زاتلار ئەمەس. ئەرلەرگە پەقەتلا كۈمۈش ئۈزۈك تاقاشقا رۇخسەت. چۈنكى، ئۈزۈك مۆھۈر ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى.

59 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ياخشى تۇرۇۋاتاملا؟ ئاللاھ ئىزمىلىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. مەقسەتكە كەلسەك، تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرى كۈندىن – كۈنگە چېكىنىپ كېتىپ بارغان بۇ كۈنلەردە بەزى نەق پۇللارنى دوللار قىلىپ ساقلاشقا توغرا كەلدى. ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرسىدىن چوڭ بولۇش قارا نىيىتى بىلەن دوللار كۈچىنى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. خىتتاي، رۇس ۋە ئىراندەك دۆلەتلەر مۇناسىۋەت ئىشىدا دوللارنى ئىشلەتمەسلىكتەك بىر نىشانغا قاراپ كېتىپ بارىدۇ. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن لىراغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. دوللارنىڭمۇ كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىپ بارىدۇ. پۇلغا ئالتۇن ئېلىپ قويساق، ئوغرىلار ئالتۇن تونۇيدىغان سايمان بىلەن ئوغرى ئېلىش خەتىرى تېخى يامان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە ئىسلام بۇ خەتەرگە قاراپ تۇرمايدۇ. «بىرەر يول بولۇپ قالارمۇ» دەپ سوئال بېرىلدى. مەسىلەن «ئالتۇن – كۈمۈش ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ» دېگەندەك بىر مۇلاھىزەلەر بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى ئالتۇن – كۈمۈشنى ساقلاش مەسىلىسى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇن – كۈمۈشنى پەقەت پۇلىمىزنىڭ قىممىتىنى تۇتۇپ تۇرۇش مەقسەتتە بانكىدىن ئېلىپ قويساق شەرىئەتتە رۇخسەت بارمىدۇ؟ يەنە بىر گەپ «ئەمىن ئەۋىم»نى توختاتتۇق، پايچەكنى توختاتقان بولدۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىسادىي چىقىش يولى ئېتىلىپ كېتىپ قالارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئالتۇننى ئۆيدە ساقلاش ئوغرىغا بېرىش خەۋپى سەۋەبلىك بىخەتەر بولمىسا بانكىدىن كاسا ئىجارىلاش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. ئەمما، بانكا ھەقىقىي (فىزىكىي) ئالتۇن – كۈمۈش ساتمىغاچقا، مەيلى قايسى مەقسەتتە بانكىدىن ئالتۇن – كۈمۈش سېتىۋېلىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ سودا ئوبيېكتى ئالتۇن – كۈمۈش ئەمەس. پەقەت ئىسىمدا شۇنداق ئاتىلىدۇ. بۇ يوق نەرسىنى سېتىش ھەم جازانە دائىرىسىگە كىرىدۇ. مۇبادا بانكا سىزگە ھەقىقىي ئالتۇن – كۈمۈشنى نەق سېتىپ ئۇنى سىز ئۈچۈن سېرىيال نومۇرى بىلەن شۇ پېتى ساقلاپ بەرسە ئىدى. جائىز بولاتتى. ئەپسۇسكى، بۇ خىل تىجارەت بانكىلاردىكى مەۋجۇد سىستېمىدا يوق. بانكىلاردا ئەمەلىيەتتە يوق ئالتۇن – كۈمۈشنى «ئېلىپ – ساتتۇق» دەيدىغان مەۋھۇم تىجارەت سىستېمىسى بار. بۇ شەرىئەتتە ئېغىر قىلمىش بولغان جازانە ھېسابلىنىدۇ. «ئەمىن ئەۋىم»، پايچەك، فورىكىس، شاخلىتىپ سېتىش … بۇلار ھەممىسى ئىسلام ھالال قىلغان تىجارەت ئەمەس، ھارام قىلغان جازانە. «ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانەنى ھارام قىلغان». شۇڭا، بۇلاردىن توختاش ئەقەللىي مۇسۇلمانلىق تەقەززاسى. بۇلار ھېلىغۇ مۇسۇلمانلاركەن، كافىرلار ئۈچۈنمۇ ئىقتىسادىي چىقىش يولى ئەمەس. ئەكسىچە، خانىۋەيرانلىق يولىدۇر. ئېلىم – سېتىم، تىجارەت يولى ھېچقاچان ئېتىلىپ قالغىنى يوق. جاپاسىز، خەۋپسىز، مېھنەتسىز ساپلا ھارام ئىشقا كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلسە، «يول تاقىلىپ قالدى» دېسەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدىلا ئۇ يول «مۇسۇلمان»غا تاقاق يول ئىدى.

60 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن، ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن. مەقسەتكە كەلسەك. مەن نورۋېگىيەدە تۇرىمەن. قۇربانلىق قىلىش ئىقتىسادىم بولسىمۇ. قۇربانلىق قىلىش شارائىتىم يوق. نورۋېگىيە دىنىي ئىشلار مۇپتىلىكىدىن 1500 كۇرۇن يەنى 4300 لىراغا تەڭ كېلىدىغان پۇلنى ئېھتىياجلىقلارغا بەرسە قۇربانلىق ئادا تاپىدۇ دەپ پەتۋا چىقىرىپتۇ. بۇ پەتىۋانىڭ ئاساسى قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنىڭ بىر قىسمىنى مېھمان ئۈچۈن، بىر قىسمىنى ئۆزى ئۈچۈن، بىر قىسمىنى ھەدىيە قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلدىمۇ. بۇنى بىلمىدۇق، ئەمما قايىل بولمىدىم.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن بىر پەتىۋا سورىغۇم كەلدى. 1) جەزمەن قۇربانلىققا باش كېسىپ گۆش يېيىش ياكى شۇ گۆشتىن ئېھتىياجلىقلارغا بېرىش شەرتمۇ؟ 2) قۇربانلىق قىلماقچى بولغان پۇلنى ئېھتىياجلىقلارغا بەرسەم بولامدۇ؟ 3) قۇربانلىققا ئاتاپ قويغان پۇلنىڭ قانچە پىرسەنتىنى بېرىشىم شەرت ياكى ھەممىسىنى بەرسەم بولامدۇ؟ 4) مەندىن قۇربانلىق ئۈچۈن ئالغان ئېھتىياجلىق كىشى قۇربانلىق قىلماستىن، زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلىرىغا ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ھۆرمەت بىلەن ئابدۇقادىر.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ئىگەم ئۆزلىرىنى ۋە ياۋروپادىكى قېرىنداشلارنى سالامەت ۋە دىندا مۇستەھكەم قىلسۇن! سىز بۇ ئەھۋالدا باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا قۇربانلىق پۇلىنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىشنى تاپشۇرسىڭىز مەسىلە ھەل بولىدۇ. سىز پۇلنى تاپشۇرغان ئېھتىياجلىق كىشى قۇربانلىق قىلماستىن، زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلىرىغا ئىشلەتسە بولمايدۇ. چوقۇم قۇربانلىق قىلىشى كېرەك. قۇربانلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كىشى گۆشىنى سېتىپ خەجلىسە مەيلى. پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «سىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلدىم» دەپ يالغان ئېيتىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە قۇربانلىق قىلمىسا، سىزنىڭ قۇربانلىقىڭىز ئادا بولىۋېرىدۇ. گۇناھىغا شۇ كىشى مەسئۇل.

قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى ياكى كۆپ قىسمىنى ئۆزى يېسە، ياكى سەدىقە قىلىۋەتسە، ياكى ھەدىيە قىلىۋەتسىمۇ مەيلى. ئىمام مالىك ئايەت – ھەدىسلەردە مەلۇم چەك بېكىتمىگەن بولغاچقا: «قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۆزىمۇ يەيدۇ، باي – كەمبەغەللەرگە خاھلىسا خام بېرىدۇ، خاھلىسا پىشۇرۇپ يېگۈزىدۇ. ئۇلاردىن پەقەت مۇسۇلمانغىلا يېگۈزىدۇ. ئۆزى يەيدىغان، بېرىدىغان ۋە سەدىقە قىلىدىغان مىقدارنىڭ چېكى يوق» دېگەن.

بەزى ئالىملار ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى يەپ، ئۈچتىن بىرىنى باشقىلارغا يېگۈزۈپ، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىشنى ئەڭ ئەۋزەل، دەپ قارىغان. بۇ مەزمۇندا ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار قاتارلىق بەزى ساھابەلەرنىڭمۇ ئۈچ ئۈلۈش قىلىپ تەقسىم قىلغانلىقى ھەققىدە ئىش – ئىزلار كەلگەن. دېمەك، قۇربانلىقنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ئۈچتىن بىرىنى پېقىرلەرگە يېگۈزۈش شەرت ئەمەس. مۇستەھەب دەپ قارالغان ئىش.

نۇرۋىگىيە دىنىي ئىشلار مۇپتىلىكىنىڭ مەزكۇر پەتۋاسى بەلكىم نۇرۋىگىيەدە قوي سويۇش ئىمكانىيەتنىڭ يوقلۇقىغا ۋە «ئۈچتىن بىرىنى ئۆزى يەپ، ئۈچتىن بىرىنى باشقىلارغا يېگۈزۈپ، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلىش ئەۋزەل» دېگەن قاراشقا تايانغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ پەتۋا ئايەت – ھەدىسلەرگە زىتتۇر. چۈنكى، قۇربانلىققا مال بوغۇزلىماي، مال ئالىدىغان پۇلنى نامراتلارغا سەدىقە قىلسا قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. گۆش سېتىۋېلىپ، نامراتلارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ، ھەتتا تىرىك قوي سېتىۋېلىپ، سەدىقە بەرسىمۇ قۇربانلىق ئوخشاشلا ئادا بولمايدۇ. قىلغىنى پەقەتلا ئادەتتىكى سەدىقە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبادەت قان ئېقىتىشتىن ئىبارەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(كەئبەگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن پايدا باردۇر. شۇڭا، ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار. بېقىنلىرى يەرگە تەگكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار. سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن﴾(22/«ھەج»: 36، 37).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «چۈنكى، بوغۇزلاش بىلەن قان ئېقىتىشنىڭ ئۆزى ئالاھىدە مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدە ناماز بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە ﺑﻮﻏﯘﺯلىغىن﴾(108/«كەۋسەر»: 2)؛ ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم) دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 162). دېمەك، ھەربىر شەرىئەتتە ناماز بىلەن قۇربانلىق باردۇر. باشقا بىر ئىبادەت ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھەج تەمەتتۇﺋ ياكى ھەج قىران قىلغاندا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا قۇربانلىقنىڭ پۇلىنىڭ نەچچە ھەسسىسىنى سەدىقە بەرسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ. قۇربانلىقمۇ شۇنداق».

دېمەك، كەئبەگە ھەدىيە قىلىنىدىغان قۇربانلىق، ھېيت قۇربانلىقى ۋە ئەقىقە قاتارلىقلار دىننىڭ ئالامەتلىرى، شوئارلىرى ۋە بەلگىلىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. ئەگەر قۇربانلىققا مال سويماي، نامراتلارغا پۇل ياكى گۆش تارقىتىپ بېرىش ئەۋزەل بولىدىغان بولسا ياكى قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلبەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى.

61 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. سەئۇدى نېفىت شىركىتى ئارامكو ئەتە پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن 3 كۈنلۈك خەلققە ئېچىۋېتىدىكەن. شەخسىي ھېسابتا مۇشۇنى سېتىۋالساق بولامدۇ؟ 3 ئايدىن كېيىن پايدا ئايرىپ بېرىدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئارامكو (Aramco)نىڭ ئەسلى پائالىيىتى ھالال، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرز ياكى باشقا ناتوغرا توختاملارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىش قىلىدۇ دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ باقسا بولىدۇ. شىركەتنىڭ 2008 – يىلدىكى دوكلاتىدا كېلىشىچە جازانىلىك قەرز ئالغان تەرىپى باركەن. ئەھۋال شۇنداق بولسا «ئىسلام فىقھى ئاكادىمىيەلىرى»نىڭ قارارى بويىچە، ئۇنىڭ پېيىنى ئېلىش ھارامدۇر.

1992 – يىلى 5 – ئايدا جىددە شەھرىدە ئېچىلغان «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدە مۇنداق قارار ماقۇللانغان:

1. مۇئامىلىلەردە ئەسلى قائىدە ھالاللىقتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن شەرىئەتكە زىت بولمىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش جائىز ئىشتۇر.

2. ئاساسلىق مەقسىتى جازانە ۋە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشتەك ھارام پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇشنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر.

3. ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ھارامدۇر(قرار رقم: 63 (1/7([1] بشأن الأسواق المالية الصادر من مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره السابع بجدة في المملكة العربية السعودية من 7-12 ذي القعدة 1412 الموافق 9 – 14 أيار (مايو) 1992م. («مجلة مجمع الفقه الإسلامي بجدة»، (7-1/712).).

بۇندىن باشقا، 1995 – يىلى رابىتىغا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ 14 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدىكى بىر قارارىدا مۇنداق كەلگەن:

1. مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەزىبىر مۇئامىلىلىرىدە جازانە بار بولغان شىركەت ۋە بانكىلارنىڭ پېيىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشى جائىز ئەمەس.

2. بىر شىركەتنىڭ ھارام مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ پېيىنى سېتىۋېلىپ كېيىن بىلگەن بولسا، ھارام پائالىيەتكە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشتىن دەرھال چىقىپ كېتىش لازىم(قرار مجمع الفقه الإسلامي التابع لرابطة العالم الإسلام في دورته الرابعة عشرة سنة 1415 هـ الموافق 1995.).

پاي چېكى ئەمەلىيەتتە، بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. شىركەتكە ھەسسىدار بولغۇچى پايچېكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، گەرچە ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ شىركەتنىڭ جازانىلىك ئىشلىرى بولسا، ئۇنىڭ پېيىنى  سېتىۋالماسلىق كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

62 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! پەرز ھەج قىلغۇچى زۇلھەججەنىڭ ئاۋۋالقى 10 كۈنىدىكى روزىنى تۇتامدۇ ياكى تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. «زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇش كېرەك» دەيدىغان گەپ يوق. ھەدىستە كەلگىنى بولسا «زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە قىلغان تائەت – ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ھەتتا جىھاد قىلىشتىنمۇ يۇقىرى، پەقەتلا ئۆزى ۋە جېنى بىلەن جىھادقا قاتنىشىپ ئۆزىمۇ، مېلىمۇ ساق قالمىغان مۇجاھىدنىڭ ئەمەلىلا بۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، زىكىر ئېيتىش، سەدىقە قىلىش… دېگەندەك ھەرتۈرلۈك ياخشى ئەمەللەرنى قىلساق بولىدۇ. «روزا تۇتاي» دېگەن تەقدىردە، پەرز ھەج قىلىۋاتقانلار بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن، 10 كۈن تولۇق تۇتۇشقا بولمايدۇ. 10 – كۈنى ھېيت كۈنى بولغاچقا، ھەج قىلىۋاتقانلار بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن، ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ھېيت كۈنى روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ. بۇ 10 كۈننىڭ دەسلەپكى 8 كۈندە ھەج قىلىۋاتقان كىشى بولسۇن ياكى باشقا كىشى بولسۇن روزا تۇتۇشى پەزىلەتلىك ئىش، مۇستەھەب ئەمەلدۇر. پەرز ھەجگە بارمىغانلار بۇ ئاينىڭ 9 – كۈنى يەنى ئەرافات كۈنى تۇتسا بولىدۇ. ئەرافات كۈنى روزا تۇتۇشمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ياخشى ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھتىن ئەرافات كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىل بىلەن كېلەر بىر يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. لېكىن، ھەج قىلىۋاتقانلارغا نىسبەتەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىپ، تۇتماسلىقى سۈننەت، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ تۇتمىغان. شۇنداقلا ئۇ كۈندىكى زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش ۋە باشقا جاپالىق ئىبادەتلەر سەۋەبىدىن ھەرەج تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تۇتمىسا ياخشى بولىدۇ. لېكىن، تۇتسا مەيلى ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. دېمەك، بۇ ئاينىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇش دەيدىغان گەپ يوق.

63 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ ئەجىرلىرىنى زىيادە قىلسۇن. كەئبەنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان يەردە ناماز ئوقۇساق كەئبەگە قاراپ تۇرۇپ ناماز ئۆتەمدۇق ياكى نورمالدىكىدەك يەرگە قاراپمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ ھەممىلىرىدىن تائەتلەرنى قوبۇل قىلسۇن! كەئبەنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان يەردە ناماز ئوقۇغاندا، قىيامدا تۇرغاندا كۆزى سەجدىگاھىدا بولىدۇ. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆزى ئاللاھ تائالادىن ئەيمەنگەنلىكتىن سەجدە قىلىدىغان ئورۇندىن نېرىسىغا ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(ھاكىم: «مۇستەدرەك»، 1762)، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشتا ئاسمانغا قارىغان. ئاللاھ تائالا: ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار نامازلىرىدا ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»، 1 -، 2) دېگەن ئايەتىنى نازىل قىلىۋىدى، ئاندىن بېشىنى ئېگىپ يەرگە قارايدىغان بولغان(ھاكىم: «مۇستەدرەك»، 3483). يەنە ھەدىستە «كۆزى ئىشارەت قىلغان بارمىقىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ» دېيىلگەن («ئەبۇ داۋۇد»، 990). بۇ تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندىكى ئەھۋال. بۇلارغا ئاساسەن، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە قىيامدا تۇرغاندا سەجدىگاھىغا قاراش مۇستەھەبتۇر. مالىكىي ئالىملار ﴿يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە»، 144 ) دېگەن ئايەتكە ۋە بەزى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ: «قىيامدا قىبلە تەرەپكە قارايدۇ» دېگەن. ھەرەم مەسجىدتە كەئبەنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان يەردە ناماز ئوقۇغاندىمۇ سەجدىگاھىغا قاراش «ئاللاھ تائالادىن ئەيمىنىش»نى ھاسىل قىلىشقا ئەڭ پايدىلىق. ئايرىيدىغان دەلىل بولمىغاچقا، شەجدىگاھىغا قاراشتا كەئبەنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان يەر بىلەن باشقا يەر ئوتتۇرىدا پەرق يوق. بولۇپمۇ، نەفلە نامازدا كەئبەگە قارسىا ئالدىدىن تاۋاپ قىلغۇچىلار ئۆتۈپ تۇرغاچقا، دىققفىتى بۇزۇلىدۇ. بەزى ئالىملار: «رۇكۇ قىلغاندا ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قارايدۇ» دەيدۇ. ئومۇمەن، نامازدا تۇرغاندا ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان شەكىلدە تۇرۇش لازىم. دېمەك، نامازدا ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇش ۋاجىب. سەجدىگاھىغا قاراش مۇستەھەب. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

64 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ «شۈكۈر نامىزى»، «ھاجەت نامىزى» دەپ ناماز ئوقۇيدىغانلار بار ئىكەن. ئوقۇغاندىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇيدىكەن. بۇ نامازلار قانداق ناماز؟ پەيغەمبىرىمىز قىلغانمۇ؟ قىلغان بولسا، قانداق چاغدا قىلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق، ئەلھەمدۇلىللاھ.

شۈكۈر سەجدىسى (سَجْدَةُ / سُجُودُ الشُّكْرِ): بەندە بىرەر نېئمەتكە ئېرىشكەندە ياكى بىرەر بالا – مۇسىبەتتىن قۇتۇلغىنىدا، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ناماز سىرتىدا قىلىدىغان بىر سەجدەدۇر. كۆپچىلىك فۇقەھائلارنىڭ نەزەرىدە شۈكۈر سەجدىسى شەرىئىتىمىزدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇنى سۈننەت دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسمى جائىز دەپ قارايدۇ. بۇلار: «ئۇنىڭغا نامازغا شەرت قىلىنغان تاھارەت، نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش، قىبلىگە يۈزلىنىش، ئەۋرەتنى يېپىش قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. سەجدە قىلىش ئۇسۇلى نامازنىڭ سىرتىدا تىلاۋەت سەجدىسى قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ بىر تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارىدۇ ۋە ئاللاھقا ھەمد ۋە تەسبىھ ئېيتىدۇ. يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ بېشىنى كۆتۈرىدۇ» دەيدۇ. بۇلارنىڭ قولىنى كۆتۈرۈش، تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش ۋە سالام بېرىشتە ئوخشىمىغان قاراشلىرى بار. بەزى ئالىملار: «شۈكۈر سەجدىسى بىلەن بىللە سەدىقە بەرسە ھەم نەپلە ناماز ئوقۇسا ياكى شۈكۈر سەجدىسى ئورنىغا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا ياخشى» دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزەرىدە بۇ خىل سەجدە قىلىش مەكرۇھ بولۇپ، ئۇنى قىلمىغان تۈزۈك. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 24/245 – 249، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

ئەمما دىنىمىزدا «شۈكۈر نامىزى» دەپ ئالاھىدە ئاتالغان بىر ناماز يوقتۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، شۈكۈر سەجدىسى ئورنىغا نەپلە ناماز ئوقۇسىمۇ مەقسەت ئادا تاپىدۇ.

ھاجەت نامىزى (صَلاَةُ الْحَاجَةِ): كىشى ھاجىتىنىڭ راۋا قىلىنىشىنى تىلەپ نەپلە ناماز ئوقۇش چەكلەنمىگەن ۋاقىتلاردا ئوقۇيدىغان ئىككى ياكى تۆت رەكئەت نەپلە نامازدۇر. فۇقەھائلار نەزەرىدە بۇ نامازنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى مۇستەھەب. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە دېگەنكى: «بىرىڭلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ياكى بىرەر كىشىگە ھاجىتى چۈشسە، كامىل تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن. ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) گە دۇرۇد يوللىسۇن. ئاندىن بۇ دۇئانى ئوقۇسۇن: ‹لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ الْحَلِيمُ الْكَرِيمُ سُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ أَسْأَلُكَ مُوجِبَاتِ رَحْمَتِكَ وَعَزَائِمَ مَغْفِرَتِكَ وَالْغَنِيمَةَ مِنْ كُلِّ بِرٍّ وَالسَّلَامَةَ مِنْ كُلِّ إِثْمٍ لَا تَدَعْ لِي ذَنْبًا إِلَّا غَفَرْتَهُ وَلَا هَمًّا إِلَّا فَرَّجْتَهُ وَلَا حَاجَةً هِيَ لَكَ رِضًا إِلَّا قَضَيْتَهَا يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ / ناھايىتى كۆيۈمچان ۋە كەرەملىك ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسى ئاللاھ بارلىق ئەيىب – نۇقساندىن پاكتۇر. بارلىق مەدھىيە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر. ئى ئاللاھ! سەندىن رەھمىتىڭنىڭ ۋەسىيلىلىرىنى، مەغپىرىتىڭنىڭ سەۋەبلىرىنى، ھەر ياخشىلىققا نېسىپدار بولۇشۇمنى ۋە ھەر گۇناھتىن سالامەت قېلىشىمنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! ھېچقانداق گۇناھىمنى قويماي كەچۈرگەيسەن، ھېچقانداق غەم – ئەندىشەمنى قويماي يوق قىلغايسەن ۋە سەن رازى بولىدىغان ھەر قانداق ھاجىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەيسەن، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن›»(تىرمىزىي، 479). يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاندىن ئاللاھتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىدىن خاھلىغىنىنى سورايدۇ، شۇنداق قىلسا، ئۇ ئىش نېسىپ قىلىنىدۇ» دېيىلگەن(ئىبنى ماجە، 1384). بۇ ھەدىسلەر زەئىف بولسىمۇ بۇ ئىسلامدىكى بىرەر ئاساسقا زىت كەلمەي، ناماز ۋە دۇئادىن ئىبارەت ئەمەلنىڭ دائىرىسى ئىچىدە بولغاچقا ھەم بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا زەئىف ھەدىسلەر بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى تاللىغان. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ‍ لۇغىتى قامۇسى)»، 247 – بەت، دارۇننەفائىس، بېيرۇت، م. 1996؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 27 / 211، 212، كۇۋەيت ئەۋقاف مىنىستىرلىكى، ھ. 1404 – 1427.

مېنىڭچە، ھاجەت نامىزىنى ھەر كۈنى ئوقۇشنى ئادەت قىلىۋالماي گاھىدا ئوقۇش، ئوقۇغانلارنى ئەيىبلىمەسلىك مۇناسىپ. ۋاللاھۇ ئەئلەم.

65 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەجدە ۋاجىپ بولغان ھەدىيە قۇربانلىقلارنىڭ سانى جىق بولغانلىقى ئۈچۈن سويۇپ ئۈلگۈرتەلمەي پۇراپ تاشلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن، بىز بۇ قۇربانلىقىنى مەككەدە ياشايدىغان مەلۇم كىشىلەرگە بىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ قويۇشنى تاپىلاپ، قۇربانلىقنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن، گۆشنى ئۈيىگە ئەكىرمەكچى بولغان كىشى قاسساپنىڭ ئىش ھەققىنى بەرسە قۇربانلىق ئادا تاپامدۇ ياكى قۇربانلىق قىلغۇچى گۆش ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ جايىغا تەككۈچە بولغان چىقىمنى ئۈزى قىلىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھاجىلار ئۆزى ھەدىيە قۇربانلىقلىرىنى قىلىپ بولالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان شىركەتكە پۇل ئۆتكۈزۈپ قويسا بولىدۇ. بۇ خىل قۇربانلىقنى مەككە بىلەن مىنادىن ئىبارەت ھەرەم دائىرىسىدىن باشقا يەردە قىلىشقا بولمايدۇ. ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككەدە ياكى مىنادا ۋاكالىتەن قىلىپ قويىدىغان تونۇش – بىلىشلەرگە ياكى قاسساپلارغا ھاۋالە قىلغان تەقدىردە، قاسساپنىڭ چىقىمىنىمۇ چوقۇم ھاجى ئۆزى بېرىشى كېرەك. بولمىسا بۇ گۆشنى ساتقانلىق بولىدۇ. قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى سېتىش بولسا ھارام.

66 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن بۇ ئاينىڭ 4 – كۈنى تۈركىيەدىن رىيادقا چۈشتۈم. «تەكشۈرۈش ئىشلىرى بەك چىڭكەن» دەپ ئاڭلىغاچقا، «ھەرەمگە كىرەلەيمەنمۇ، يوق؟» دەپ ئويلاپ، پەقەت ھەج قىلىشنىلا نىيەت قىلىپ ماڭغان ئىدىم. ھازىر رىيادتىن جىددەگە كېلىپ، جىددەدىن مەككەگە كەلگەن بولدۇم. ھازىر ئۆمرە مەسجىدكە بېرىپ، ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلماقچى بولۇۋاتىمەن. ماڭا قان قىلىش ۋاجىب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. سىلى ھەج نىيىتىنى ئالدى بىلەن ئۆمرە قىلىپ، ئاندىن ھەج قىلىدىغانغا ئۆزگەرتكەن بولسىلا مەيلى. ھازىر گەرچە ئىھراملىق كىيىمنى كىيەلمىگەن بولسىلىمۇ ئىھراملىق ھالىتىدە بولغاندىن كېيىن  ئائىشە مەسجىدكە چىقىش كېرەك ئەمەس. ياتاقتىنلا ئىھرامنى كىيىپ، باشتا ئۆمرە قىلسىلا، ئاندىن ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ئىھرامدىن چىققاندىن كېيىن ھەج پائالىيىتى باشلانغاندا، قايتىدىن ئىھرام باغلاپ، ھەج قىلسىلا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ھەج قىلغان ھالەتكە (تەمەتتۇ ھەج) گە بىر قوي قان قىلىش كېرەك. ئاندىن دەسلەپتە ئىھرام باغلىماي كىرگەنلىكلىرى ئۈچۈن يا بىر قوي قان قىلىلا، ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتىلا، ياكى ئالتە مىسكىنگە تاماق بېرىلا، بۇ ئايرىمدۇر.

67 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سۈنئىي يىپەك بىلەن تەبىئىي يىپەك ئەرلەرنىڭ ئىشلىتىشىدە ھۆكۈم جەھەتتىن پەرقلىنەمدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىرئاز تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پىلە قۇرتىدىن چىققان تەبىئىي يىپەك ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان بولۇپ، سەھىھەيندىكى ھەدىس شەرىفتە ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ:  «بۇنى ئاخىرﻩتتىن نېسىۋىسى يوقلار كىيىدﯗ» ﺩېگەﻥ. ھازىرقى سۈنئىي يىپەك ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھالىتىدە قالىدۇ. بەزى نوپۇزلۇق پەتۋا ئورگانلىرى مۇشۇ بويىچە پەتۋا بەرمەكتە. ئەرلەرگە ھارام قىلىنىشتىكى ھۆكۈمنىڭ ئىللىتى (فىقھىي ھۆكۈم ئاساسلانغان ئورتاق سۈپەت) سۈنئىي يىپەكتىمۇ بار دەپ قارالسا، تەبىئىي يىپەككە قىياسلاپ سۈنئىي يىپەكنىڭمۇ ھارام دېيىلىشى يىراق ئەمەس. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

68 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەچ قىلغۇچى ئايال ئۈچۈن چېچىنى تاراش جائىزمۇ؟ تارىسا چېچى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، تارىمىسا كېيىن چېچىنى چۈشۈرۋىتىدىغان ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ.چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىھراملىق ئەر ياكى ئايال كىشى چېچى پاخپايغان، خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتمىگەن بىچارە قىياپەتلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿…ھەدىيە قىلىنغان مال بەلگىلەنگەن جايىغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ چېچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرسە، فىديە قىلىش يۈزىسىدىن روزا تۇتسۇن ياكى سەدىقە بەرسۇن، ياكى قۇربانلىق قىلسۇن…﴾( 2/«بەقەرە»، 196) دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئىھراملىق كىشى بېشى ۋە بەدىنىنىڭ چاچ – مويلىرىدىن قىلچىلىكمۇ يۇلمايدۇ، كېسىپ قىسقارتمايدۇ ۋە چۈشۈرمەيدۇ. تىرناق ئېلىش، تاپىنىدىكى ياكى باشقا يېرىدىكى قۇرۇپ قالغان تېرىنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىشمۇ چەكلىنىدۇ. قىسقىسى، بەدەندىكى ھەر قانداق نەرسىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چېچىنى تارىماسلىقى كېرەك، چۈنكى تارىسا، چېچى چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار. «چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىھراملىق ھالەتتە چېچىنى تاراش ھارام، چۈشمەيدىغان بولسا تاراش مەكمرۇھتۇر»(كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 11/179). دىققەت قىلماي قاشلاش ياكى تاراشتا بىرەر تال چاچ چۈشۈپ كەتسە مەيلى بولسىمۇ، قەستەن تاراپ چۈشۈپ كەتسە فىديە كېلىدۇ. تاراپ سېلىپ بىرنەچچە تال چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، ئۇ چاچنىڭ بۇرۇن چۈشۈپ بولغان چاچمۇ ياكى تاراش سەۋەبلىك چۈشكەن چاچمۇ بىلىنمىسە، ئېھتىماللىق بولغاچقا، فىديە كەلمەيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

69 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەج پائالىيىتىدە باشقا كىيگىلى بولىدىغان كۈنلۈك ئىشلەتسەك دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىھراملىق ئەر كىشىنىڭ بېشىغا كىيگىلى ياكى تاقىۋالغىلى ياكى تاسما بىلەن بېكىتىۋالغىلى بولىدىغان كۈنلۈك ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ بېشىغا بىرنەرسە كىيىۋالغانلىق. ھەدىس شەرىفلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، ئىھراملىق ئەر كىشىنىڭ بېشىنى دوپپا، شەپكە، تۇماق ۋە سەللە كەبى نەرسىلەر بىلەن يۆگىۋېلىشى ھارام. بۇلارنى كىيىۋالغان ياكى تاقىۋالغان تەقدىردە فىديە ۋاجىب بولىدۇ. فىديەگە خاھلىسا، بىر قوي قان قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئالتە مىسكىنگە تاماق سەدىقە قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بېشىغا تەگمەيدىغان سايىۋەن، كۈنلۈك قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئاپتاپتىن ساقلانسا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

70 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئىھراملىق ھالەتتە يولنى كۆپ يۈرگەنلىكتىن ۋە ئىسسىقتىن يوتىلار سۈركىلىش سەۋەبلىك قىزىرىش ۋە تېرىسى سويۇلۇش دېگەندەك بىئارامچىلىق بولىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئازراق خۇشپۇراقلىق ئۇپا ياكى ماي (كىرىم) ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ بۇ تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ خۇشپۇراقسىزىنى تاپقىلى بولمايدىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئىھراملىق كىشىنىڭ بەدىنىگە ياكى ئىھراملىق كىيىمىگە ئەتىر ياكى خۇشپۇراق ئىشلىتىشى چەكلەنگەن. لېكىن تېرىنىڭ قىزىرىپ بىئارام قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇپا ياكى مايلار مەخسۇس ئەتىر ياكى خۇشپۇراقفنى كۆزلەپ ئىشلىتىدىغان نەرسە بولماستىن، قىزىرىپ، سويۇلۇش ۋە ئېچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددا ياكى دورىدۇر. لېكىن، ئۇنىڭ سىرتقا خۇشپۇراق چاچمايدىغان، قوشۇمچە خۇشپۇرىقى باردۇر. شۇڭا، ئۇنىڭدا ئازغىنە خۇشپۇراق بولسىمۇ، ئۇ ئىھرامدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئەتىر ياكى خۇشپۇراق ھېسابلانمايدۇ. ھازىرقى «سوپۇندىكى خۇشپۇراقنى بۇ دائىرىگە كىرگۈزەمدۇق ياكى كىرگۈزمەمدۇق» دېگەن مەسىلىدە، كۆپىنچە ئۆلىمالار: «بۇ تازىلاش ماددىسى، ئەتەي مەقسەت قىلىنغان خۇشپۇراق ئەمەس» دەپ قاراپ: «مەيلى» دەيدۇ. شۇڭا، ئىھراملىق كىر بولۇپ كەتسە، سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، سۇدا چايقاپ تازىلىۋەتسە بولىدۇ. سوپۇندا مەلۇم دەرىجىدە خۇشپۇراقلىق نەرسە بولسىمۇ، ئۇ ئىھرامدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئەتىر ياكى خۇشپۇراق ھېسابلانمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئالىملار ئېھراملىق كىشىلەرنىڭ قول ۋە يۈزىنى يۇغاندا ئەتىر سوپۇن ئىشلىتىشىنى جائىز دېگەن. تەر پۇرىقىنى يوقىتىدىغان نەرسىلەرنىڭمۇ كۈچلۈك ئەتىر پۇرايدىغانلىرى چەكلىنىدۇ. تەر پۇرىقىنى يوقىتىدىغان ئەمما كۈچلۈك ئەتىر پۇرىمايدىغانلىرىنى ئىشلەتسە پاكىزلىق جەھەتتىن مەيلى. شۇنداقلا ئىھراملىق ئەر ياكى ئايال تېرىسى سەزگۈرلۈكتىن بىئارامچىلىق پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرىسە، ئەتىر پۇرىقىسىز ئاپتاپتىن قوغداش مېيى ئىشلەتسىمۇ جائىز. چۈنكى بۇنى گۈزەللىك ياكى ياسىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ يۇقىرىقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىھراملىق كىشىلەر ئىشلەتسە فىديە كېلىدۇ دەپ قارايدىغان ئالىملارمۇ بار. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

71 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلىپ بەرسۇن ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن. يۇقىرىقى 305 – سوئالدا ئېيتىلغان 100 مىڭ ھەسسە ساۋاب پەقەت نامازغىلا قارىتىلامدۇ ياكى مەككە چېگرىسى ئىچىدە قىلىنغان بارلىق ياخشى ئەمەل، زىكىر تەسبىھ، دۇئا ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ دەلىلىنى ئېيتىپ بەرگىلى بولارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. گەرچە ھەسەن بەسرىي ۋە ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار بەزى زەئىف ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ: «مەككەدە جىمى ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى نامازدەك 100 مىڭ ھەسسە ھەسسىلىنىدۇ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، باشقا ئەمەللەردە نامازدا كەلگەندەك 100 مىڭ ھەسسە ساۋاب سەھىھ ھەدىسلەردە كەلمىگەن. شۇڭا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە: «نامازدىن باشقا ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ھەرەم سەۋەبلىك ھەسسىلىنىدۇ، لېكىن، نەچچە ھەسسە بولۇشى بۇنىڭدا ئېنىق بىر كۆرسەتمە كەلمىگەنلىكتىن بىزگە ئېنىق ئەمەس» دەيمىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

72 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ھېيت كۈنى قىستاڭچىلىق بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئىفازەت تاۋاپىنى ئەرافاتقا چىقىشتىن بۇرۇن قىلىۋەتسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئىفازەت تاۋاپى ھەجنىڭ ئاساسلىق رۇكنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ تاۋاپ ئەرافاتتىن قايتقاندىن كېيىن قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئىفازەت/قايتىش تاۋاپى» دەپ ئاتالغان. بۇ تاۋاپ يەنە «پەرز تاۋاپ، زىيارەت تاۋاپى، ئاساسىي تاۋاپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەرقانداق ھاجى ئەرافاتتىن يېنىپ مۇزدەلىفەدە قونۇپ، ھېيت كۈنى مىناغا بېرىپ قۇربانلىقىنى قىلىپ، شەيتانغا تاش ئېتىپ، چېچىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن مەككەگە كىرىپ ئىفازەت تاۋاپىنى ئادا قىلىشى كېرەك. چېچىنى چۈشۈرۈشتىن ياكى شەيتانغا تاش ئېتىشتىن بۇرۇن قىلىۋالسىمۇ ئادا تاپىدۇ. ئەمما، بۇ تاۋاپنى قۇربان ھېيت كۈنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قىلىۋالسا ئادا تاپمايدۇ. شۇڭا، قۇربان ھېيت كۈنى ياكى بەك قىستاڭچىلىق بولسا ھېيتنىڭ 2-، ۋە 3 – كۈنلىرى تاۋاپ قىلىۋالسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەك: ھېيت كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىش، چاچ ئېلىش ياكى قىسقارتىش ۋە تاۋاپ قىلىشتىن ئىبارەت 3 ئىشنىڭ قايسى ئىككىنى قىلىپ بولغاندا، ئىھراملىق ھالەتتىن قىسمەن چىققان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىيىم – كېچەك، ئەتىر ئىشلىتىش ۋە بەدەن تازىلىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. لېكىن 3 ئىشنىڭ ھەممىنى تولۇق قىلمىغۇچە ئەر – ئايال يېقىنچىلىق قىلىش يەنىلا چەكلىنىدۇ.

يەنە بىر مەسىلە. ھەج تەمەتتۇ قىلغان كىشى، شۇنداقلا قىران ياكى ئىفراد قىلىپ مەككەگە كەلگەندىن بۇيان سەئيى قىلىپ باقمىغان كىشى تاۋاپ بىلەن سەئيى قىلىشى لازىم بولىدۇ. بۇلارنى قىلماي تۇرۇپ ئىھراملىق ھالەتتىن تولۇق چىقالمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

73 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئۆمرە ۋە پەرز ھەج ئۈچۈن ئىھراملىق كىيەلمەي مەككەگە كىرگەنلىكنىڭ فىديەسى ئۈچۈن 3 كۈن روزىنى ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ تۇتۇشىمىز كېرەكمۇ ياكى ئايرىم ئايرىم تۇتساقمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۆمرە ۋە پەرز ھەج ئۈچۈن ئىھراملىق كىيەلمەي مەككەگە كىرگەنلىكنىڭ ياكى ئىھرامدا چاچ، تىرناق ئېلىش، ئەتىر چېچىش، ئەرلەر بېشىنى، ئاياللار يۈزىنى يۆگىۋېلىشتەك چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلىپ قالغانلىق فىديەسى ئۈچۈن 3 كۈن روزىنى تۇتۇشتا ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ تۇتۇش شەرت قىلىنمىغاچقا، 3 كۈن روزىنى ئايرىم – ئايرىم تۇتسىمۇ، ھەرەمدە ياكى ھەرەم سىرتىدا كېيىنچە تۇتسىمۇ بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

74 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن. ھەج تەمەتتۇئدا ئىقتىسادى يار بەرمەيدىغانلار «قۇربانلىقنىڭ ئورنىغا مەككەدە ئۈچ كۈن، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كىيىن بىر ھەپتە روزا تۇتسا، ھەجى ئادا تاپىدۇ» دەپ بار ئىكەن، ئەمدى مۇشۇ روزا تۇتۇشنىڭ ۋاقتىدا ئىلگىرى – كېيىنلىكنىڭ پەرقى بارمۇ؟ مەسىلەن: ئون كۈنلۈك روزىنىڭ ھەممىسىنى مەككەدە تۇتۇۋىتىش، ھەجنىڭ ئالدىدا، ياكى ھەجدىن كېيىن دىگەندەك.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ھەقتائالانىڭ: ﴿‏كىمكى ھەجگە قەدەر ئۆمرە قىلىش بىلەن بەھرىمەن بولغان بولسا، ھەدىيە قۇربانلىقىدىن نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قىلسۇن. كىمكى قۇربانلىق تاپالمىسا، ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن، قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن، جەمئىي ئون كۈن روزا تۇتسۇن. ئۇنداق قىلىش ئائىلىسى مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە ئولتۇرمايدىغانلار ئۈچۈندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 196) دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن، ھەجگە قەدەر ئۆمرە بىلەن بەھرىمەن بولغان كىشى تۇتىدىغان ئۈچ كۈنلۈك روزا ئەرافات كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇنى ھەجگە ئىھرام باغلاپ زۇلھەججەنىڭ بېشىدا ياكى ئالدىنقى 10 كۈندە تاكى ئەرافات كۈنىگىچە ئۇلاپ ياكى ئايرىم – ئايرىم تۇتسا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ۋاقىتلارمۇ ھەجنىڭ ۋاقتىدۇر. بىرىنى ئەرافات كۈنى تۇتسىمۇ ھېساب بولىدۇ. ئالىملارنىڭ «ئىجماﺋ»سى بار نۇقتا شۇكى، مەزكۇر ئۈچ كۈنلۈك روزىنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى 9 كۈنى ئىچىدە تۇتۇۋالسا دۇرۇس بولىدۇ. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ قارىشىدا، ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىغا تاقاپ تۇتۇشى ئەڭ ئەۋزەل. يەنى بۇ ئۈچ كۈن روزىنىڭ تۇتۇپ بولۇش بەلگىلەنگەن ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئەرەفات كۈنىدۇر. ئەمما، زۇلھەججەنىڭ بېشىدا تۇتسا ھەجگە ئىھراملىق ھالىتىدە تۇتقان بولىشى كېرەك، ئىھراملىق ھالەتكە ئۆتمەي تۇتسا بولمايدۇ. ئەگەر ھېيت كۈنىگىچە تۇتالمىغان بولسا، بۇ ئۈچ كۈننى تەشرىق كۈنلىرى بولمىش ھېيتنىڭ 2- ، 3-، 4-، كۈنلىرى مىنادا تۇتسىمۇ كۆپچىلىك فۇقاھائلارنىڭ قارىشىدا گۇناھ بولماستىن ئادا بولىدۇ. ئائىشە بىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلاردىن باشقىلارغا تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مىنادا (تەشرىق) كۈنلىرى روزا تۇتاتتى، ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ شۇ كۈنلەردە روزا تۇتاتتى.( بۇخارىي، 1996 – 1999)

قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلاردىن باشقا ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن تەشرىق كۈنلىرى روزا تۇتۇش سەھىھ ھەدىسلەردە چەكلەنگەندۇر.

ئەمما، ھەنەفىي مەزھەب فۇقاھائلىرى نەزەرىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مىنادىكى جىمى ھاجىلارغا: «تەشرىق كۈنلىرى يەپ – ئىچىش ۋە ئاللاھنى زىكرى قىلىش كۈنلىرىدۇر»(مۇسلىم: 1141) دېگەنگە ئوخشىغان سەھىھ چەكلىمىلىرىگە ئاساسەن «ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ» (شۇنداقلا «ھەج قىران») قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئون كۈن روزىدىن ئۈچ كۈنلۈك روزىنى تەشرىق كۈنلىرى تۇتۇشى ھارام بولىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 11/114 – 116.

بىرىنچى قاراش بويىچە ئۈچ كۈننى تەشرىق كۈنلىرى تاماملىدى. تاماملىمىغان ياكى ئىككىنچى قاراش بويىچە ئۇنى تەشرىق كۈنلىرى تۇتمىغان بولسا، ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت ۋاجىب تەرك قىلىنغان بولىدۇ. ئۇنىڭ قازاسىنى رامازان روزىسىدەك ئۇندىن كېيىن ھەرەمدە، ھەرەمدىمۇ تۇتالمىسا يۇرتىغا قايتقاندا تۇتىدۇ. باشقا چارە يوق، كۈچلۈك قاراشتا كەففارەت ياكى فىديەمۇ يوق. چۈنكى بۇ ئەسلىدە ئىمكانىيەت بولمىغاندا بەدەل سۈپىتىدە بېكىتىلگەن روزا.

يەتتە كۈن روزىنىمۇ ھەجدىن كېيىن تۇتىدۇ. ھەجدىن بۇرۇن تۇتسا ھېساب بولمايدۇ. ھەجنى تاماملاپ مىنادىن يانغاندا ھەرەمدە تۇتۇۋالسا رۇخسەت. ئەۋزىلى يۇرتىغا قايتقاندا تۇتۇش.

ئۈچ كۈننى ياكى يەتتە كۈننى ياكى ئون كۈننىڭ ھەممىنى تۇتمىسا، رامازان روزىسىدەك گەدىنىدە قالىدۇ. كېيىنچە يۇرتىغا قايتقاندا تۇتۇشى كېرەك. ياكى تۇتۇپ بولغۇچە قۇربانلىق قوي قان قىلىش ئىمكانىيىتى پەيدا بولسا، قۇربانلىق قويدىن بىرگە پۇل ئەۋەتىپ ھەرەمدە قان قىلىشى كېرەك. روزا تۇتماي ياكى قان قىلماي ۋاپات بولۇپ كەتسە، مىراسىدىن قان قىلىنىشى ياكى روزا فىديەسى بېرىلىشى كېرەك. ئەمما، ھەنەفىي مەزھەبتە ئەگەر قۇربان ھېيت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن بۇ ئۈچ كۈنلۈك روزىنى تۇتۇپ بولالمىسا قان قىلماي باشقا چارە يوق. قان قىلىشتىن باشقىسى ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. بۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان. چۈنكى، بۇ قۇربانلىقنىڭ بەدىلى ئىدى. ھالبۇكى، بەدەلنىڭ بەدىلى دەيدىغان گەپ يوق. چۈنكى، ئورۇنباسار ئىبادەتلەر قىياس بىلەن بېكىتىلمەيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

75 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەردە خەلق ئىشلەپ تاپقان كىرىمنىڭ %40 نى دۆلەتكە باج سۈپىتىدە تاپشۇرىدۇ. ئەگەر مۇشۇ %40 باج بىرەر دىنىي ياكى خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىنسا ئىئانە قىلىنغان پۇلغا دۆلەت باج ئالمايدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، دۆلەتكە باج تۈلىگەننىڭ ئورنىغا پۇلنى مەسجىدكە ئىئانە قىلىپ، ئەمما ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ تالونىنى بەرگەن پۇلدىن كۆپ يازدۇرسا بولامدۇ؟ ياكى يازدۇرىمەن دېسە مەسجىد ئۇ كىشىدىن 10 دوللار ئېلىپ 20 مىڭ دوللارلىق تالون چىقىرىپ بەرسە بولامدۇ؟ چۈنكى، يېزىلغان تالون قانچىلىك بولسا دۆلەت شۇ پۇلنىڭ بېجىنى كەچۈرىۋېتىدۇ. يەنە بىرگە مۇشۇ خىلدىكى ئىئانە ئىشلىرىدا ئىئانە قىلغۇچى ماڭا 20 مىڭلىق تالون كېسىپ بېرەلىسەڭلا مەن 10 مىڭ بېرىمەن، ئەگەر قوشۇلمىساڭلا 10 مىڭنى سىلىگە بەرمەي دۆلەتكە باج سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن دەپ شەرتلەشسىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. زاكات پۇللارنى چوقۇم زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك ئورۇنغا بېرىش كېرەك. ئەگەر مەسجىد بۇ زاكاتنى زاكات بېرىلىدىغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولسا، زاكاتنى مەسجىدكە بېرىپ تالون ئالسا ۋە بۇ پۇل سەۋەبلىك باجدىن قۇتۇلسا بولىدۇ. زاكاتتىن باشقا ئىختىيارىي سەدىقە پۇللارمۇ شۇنداق. زاكات ياكى سەدىقە بەرگەن سەۋەبلىك دۆلەتتىن باج ئېلىنمىسا، بۇ زاكاتنىڭ ياكى سەدىقەنىڭ ئادا بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. باج قايتۇرۇلسىمۇ شۇنداق. چۈنكى، بۇ زاكات ۋە سەدىقەلەر جايىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. قايتقان پۇل زاكات ياكى سەدىقە پۇلنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىدىن قايتىدۇ ياكى باج ئەپۇ قىلىنىدۇ. بۇ بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە، شۇنداقلا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدە «ئىجتىمائىي ھەمكارلىق» ۋە «بەرگەن زاكات مىقدارى باجنى ئەپۇ قىلىش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشتۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن، 100 دوللار زاكات بەرسىڭىز، دۆلەت سىزگە 40 دوللار قايتۇرۇپ بەرسە ياكى سىزدىن ئالماقچى بولغان باجنىڭ بىر قىسمىنى ئەپۇ قىلىۋەتسە قايتۇرغىنىنى ئېلىش ۋە ئەپۇ قىلغاننى قولدا ساقلاپ قېلىش جائىز بولىدۇ. بۇ زاكاتنىڭ ئادا بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

مەسجىدنىڭ ئورنىنى سېتىۋېلىش، بىنا قىلىش ۋە مەسجىدتىكى پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلىش ئۈچۈن يەنە مەسجىدنىڭ ئۆزىگە ئىئانە پۇللارنى دۆلەتكە باج تۈلىگەننىڭ ئورنىغا مەسجىدكە ئىئانە قىلىش توغرا ئىش ۋە شۇنداق قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا تالون ئالسا ھەم بولىدۇ. ئۇ دۆلەتلەر ئادەتتە زاكات، سەدىقە ۋە ئىئانەنى ئايرىماي ھەممىنى ئىئانە (donations) دەپ قارايدۇ.

ئەمما، ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ تالونىنى بەرگەن پۇلدىن كۆپ يازدۇرسا ياكى يازدۇرىمەن دېسە مەسجىد ئۇ كىشىدىن 10 دوللار ئېلىپ 20 مىڭ دوللارلىق تالون چىقىرىپ بەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ساختىلىق، ھىيلە ئىشلىتىش بولۇپ، مۇسۇلمان شەخس ۋە ئاللاھنىڭ بەيتى بولمىش مەسجىدلەر بۇ تۈرلۈك ساختىلىقلاردىن يىراق تۇرۇشى ۋە ساقلىنىشى كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

76 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ بىرىنچى كۈنى شەيتانغا تاش ئاتقاندا چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ، ئىككىنچى كۈنى ئوتتۇرانجى شەيتانغىلا ئېتىپ قايتىپ كەپتۇ. 3 كۈنى. ھەممىگە ئېتىپ قايتىپ كەپتۇ. ئەمدى بۇنىڭغا بىرەر جازا كېلەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ھاجىلارنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ 1 – كۈنى ئەقەبە (چوڭ) جەمرەسىگىلا يەتتە تاش، ئۇندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۈچ جەمرەگە يەتتىدىن تاش ئېتىش ھەجنىڭ ۋاجىبلىرى قاتارىدىن بولۇپ، ئۆزى ئېتىش كېسەللىك ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇمكىن بولمىغاندا باشقىلارنى ۋەكىل قىلىپ ئاتقۇزسا بولىدۇ. بەزى فۇقاھائلارنىڭ قارىشىدا ئۈچ تال تاشتىن كۆپ تاشنى ئاتمىغانلارغا بىر قوي قان ۋاجىب بولىدۇ. بىرەر – ئىككى تال تاشنى ئاتالمىسا ھەر بىر تاش ئۈچۈن يەڭگىل بىر ۋاق (بىر مۇد) تاماق سەدىقە قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر بىر تالنى ئاتمىسا بىر قوي، بىر كۈن ياكى ئۈچ كۈن ئاتمىسا بىر تۆگە ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەزەم: ئەقەبە يەنى چوڭ شەيتانغا ياكى ھەممىگە تاش ئاتمىسا بىر قوي، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىغا ئاتالمىسا ھەر بىر تاش ئۈچۈن بىر ۋاق (ئىككى مۇد) تاماق سەدىقە قىلىدۇ. بۇ قاراشلاردىن بىرىنى تۇتۇپ ئىش كۆرسە بولىدۇ. مېنىڭچە دەسلەپكى قاراش بويىچە بىر قوي قان قىلىۋەتكىنى تۈزۈك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

77 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىزنىڭ قوشنىمىز ياشقا چوڭراق ئاپاش ئىدى. بىر پۇتى بەك ئاغرىپ مېڭىشنىمۇ ئاران مېڭىۋاتىدۇ، تاھارەت ئېلىشتىمۇ قىينىلىۋاتىدۇ، شۇڭا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولامدىغاندىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿شۇڭا، ئاللاھتىن تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە قورقۇڭلار ﴾(64/«تەغابۇن»: 16) دېگەن ئەمرى بويىچە پۇتتىن باشقا جايلىرىنى يۇيالىسا يۇيالىغىنىنى يۇيۇپ، پۇتقا مەسھ قىلىش بىلەن بىرگە تەيەممۇم قىلىدۇ. سۇ تەگسە زىيان قىلىدىغان ياكى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان بىرەر يارا ياكى شۇنىڭدەك جايلار بولسا ھەم شۇنداق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

78 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئۇزۇندىن بۇيان مېنىڭ كاللامدا بىر سوئال بار ئىدى، ئاياسوفيا مەسجىدىنىڭ تورۇسىدا بىر ئىنساننىڭ يۈزى سىزىقلىق، (ئىككىنچى قەۋىتىنىڭ تاملىرى رەسىملەر بىلەن تولغان ئىكەن) ناماز ئوقۇلىدىغان جايغا كىرىش قىسمىنىڭ ئۈستىدىمۇ رەسىملەر بار ئىكەن، بۇ ماڭا بارلىق دىنلارنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ بىر پىلانىدەكمۇ تۇيۇلدى. ئەجىبا فاتىھ سۇلتان مەمەتخان چېركاۋنى مەسجىدكە ئايلاندۇرغاندىمۇ بۇ رەسىملەر بار بولغىيمىدى دېگۈم كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ مەسجىدتىكى رەسىملەر بار جايدا ناماز ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفيايى كەبىر مەسجىدىنىڭ ئەسلى مىلادى 532 – 537 – يىللار ئارىسىدا، شەرقىي رىم پادىشاھى جۇستىنىيانۇس I (م. 482 – 565) تەرىپىدىن ئۆز ۋاقتىدا كۆپ خۇدالىق (پاگان) ئېتىقادىدىن ۋاز كېچەلمەيۋاتقان خەلقنىڭ كونا ئىبادەتخانلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، بىر مەنادا بىر تەڭرىلىك دىن بولمىش خرىستىيانلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئىبادەت ئۆيىنى سلېىش پەرمانى بىلەن قۇرۇلغان پەۋقۇلئادە چوڭ بىر چېركاۋ بولۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ 4 – پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد خان ئىبنى مۇرادخان (ھ. 835 – 886 / م. 1432 – 1481) تەرىپىدىن ھ. 857 / م. 1453 – يىلى 29 – ماي كۈنى شەرقىي رىمنىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپول فەتىھ قىلىنىپ، ئوسمانلىلار بايرىقىنى ئىستانبۇلغا قادالغاندىن كېيىن، ئاز كەم 920 يىللىق بۇ چېركاۋ 30 – ماي كۈنى مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلغان. ئاياسوفيا مەسجىدىدە تۇنجى جۈمە خۇتبىسىنى سۆزلىگەن ۋە جۈمە نامىزىغا ئىمام بولغان زات شەيخ ئاق شەمسىددىن (ھ. 792 – 863 / م. 1389 – 1459) ئىدى. بەزى تەتقىقاتچىلار: «فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد ئاياسوفيا چېركاۋىنى رىملىقلاردىن ئۆز ئىقتىسادى بىلەن سېتىۋېلىپ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋەقف قىلىۋەتكەن» دېسە، بەزىلەر: «ئوسمانىيلار قوشۇنى كونىستانتىنوپولغا بېسىپ كىرگەندە ئاياسوفيا تاشلىنىپ قالغان بولۇپ، قوشۇن ناماز ئوقۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئۆلىمالار مەزكۇر چېركاۋنى تازىلاپ، مەسجىدكە ئايلاندۇرۇشقا پەتۋا بەرگەن» دېگەن. شۇ چاغدىن تارتىپ ئاياسوفيا جامەگە ئايلاندۇرۇلۇپ، 1934 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇررەئىسى مۇستافا كامال (م. 1881 – 1937) نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن رېمۇنتقا ئېلىنىپ، 1935 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار كومىتېتىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلغۇچە 481 يىل داۋاملاشقان.

مەيلى قانداق بولمىسۇن، مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىنلا سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ئەمرى بىلەن ئاياسوفيانىڭ ئىچى تازىلىنىپ، قۇرۇلۇشنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قەۋىتىدىكى بولۇپمۇ قىبلە ياقتىكى خرىستىيانلىق ئالامەتلىرى قۇرۇلۇشنىڭ ساغلاملىقىغا دەخل – تەئەررۇز يەتمەيدىغان ھالدا ئۆزگەرتىلگەن. جۈملىدىن، تام ۋە تورۇسلاردىكى موزايىك سۈرەتلەر پەردە بىلەن يۆگىلىپ، ھەيكەللەر چىقىرىۋېتىلگەن؛ تاشقىرىدىن ئاياسوفيانىڭ ئىچىگە كىرىشتە ئۈچ ئىشىكتىن ئۆتۈپ كىرىلىدىغان يەتتە ئىشىكلىك بىرىنچى دەھلىزدىن توققۇز ئىشىكلىك ئىككىنچى دەھلىزگە ئۆتۈشتىكى ئوتتۇرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېراتور قوۋۇقىغا ئىشلەنگەن چوڭ كىرىست (قوشۇش) بەلگىسىنىڭ توغرا سىزىقىنى تەشكىل قىلغان تۆمۈر ئېلىۋېتىلگەن؛ چوڭ زالنىڭ ئوتتۇرىدىكى بۈيۈك قۇببەنىڭ تۆرت ئايىغىدا «سەرافىم» ياكى «سەرافلار» دەپ ئاتىلىدىغان، يەھۇدىيلىك، خرىستىيانلىق ۋە ئىسلامدا ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ كۇرسىنى ئوراپ تۇرىدىغان ۋە دائىما ئاللاھنى مەدھلەيدىغان، ئاللاھ مۇھەببىتىدىن كۆيۈپ ئۆرتىنىدىغان (سەراف) مەلەكلەرگە سېمۋول قىلىنغان قاناتلىق تۆرت مەۋجۇدات نەقشلەنگەن بولۇپ، ئاياسوفىيا جامىغا ئايلاندۇرۇلغاندا بۇ «مەلەك»لەرنىڭ يۈزى مەخسۇس ياسالغان مېتال نىقاب بىلەن توسۇۋېتىلگەن. جامەگە مۇناسىپ يېڭى نەقىشلەر نەقىشلىنىپ، قۇببەنىڭ ئۈستىدىكى بۈيۈك كرىست ئېلىۋېتىلىپ، ئورنىغا ھىلال ئاي قادالغان. قىسقىسى، خرىستىيانلىقنىڭ روشەن سېمۋوللىرى قىسمەن ئۆزگەرتىشلەر بىلەن يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلۈپ، كېرەكلىك تەئمىرات – تەئدىلاتلار قىلىنىپ، ئەزان مۇنارى قۇپۇرۇلغان، خرىستىيانلارنىڭ قىبلىسى بولغان قۇددۇس (ئېروسالىم) شەھرىگە قارىتىپ سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشقا تەخمىنەن ئىككى گرادوس قىيسايغان بىر مېھراب سېلىنىپ، يېنىغا ياغاچ مۇنبەر قۇرۇلغان، مەدرىسە، مەكتەب، ئىمارەت (ئاش ئۆيى)، سەبىل (ھەقسىز سۇ بېرىش كۆزنىكى) قاتارلىقلار … سېلىنغان. سۇلتان بايەزىدخان II (ھ. 851 – 918 / م. 1447 – 1512) بىر مۇنارە سالدۇرغان، سۇلتان سەلىم II (ھ. 930 – 982 / م. 1524 – 1574) دەۋرىدە ئۇلۇغ مىمار سىنان پاشا (ھ. 895 – 996 / م. 1488 – 1588) ئىككى مۇنارە قوشۇش بىلەن بىرگە مەزكۇر قۇرۇلۇشنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يېنىغا غوجاتام (پاياندا) قوپۇرۇپ، گۈمبەز ئەتراپىغا يېڭى كەمەرلەرنى قوشۇپ، جامەنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرغان. ھەر دەۋردىكى پادىشاھلار بۇ مەسجىدكە قوشۇمچە بىنالارنى ۋە يېڭىلىقلارنى پەيدا قىلغان. تاملىرىغا قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلىپ، م. 1847 – 1849 – يىللىرىدىكى رېمونتتىمۇ جامەدىكى سۈرەتلەر ھاك ۋە گەج بىلەن سۇۋاپ يۆگەلگەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، م. 1934 – يىلىدىكى قارار بويىچە مۇزىيخانىغا ئايلاندۇرۇلغاندا ئۆز ۋاقتىدا ئۈستى يۆگەلگەن موزايىكلەرنىڭ گەج يېپىقلىرى ئېلىۋېتىلىپ، سەرافىملەردىن بىرىنىڭ يۈزىدىكى نىقاب ئېلىۋېتىلگەن، بۇ نىقاب ھازىر ئاياسوفىيا ھەرىكەتلىك مۇزېيىدە ساقلانماقتا. نىقاب ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يۈز دەل سىز دېگەن سۈرەتتۇر. مۇزېيخانىغا ئۆزگەرتىلىشى ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان تۈرك خەلقىنىڭ قەلبىدە ئىزچىل يارا بولۇپ كەلگەن ئىدى. نىھايەت ئارىدىن 85 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، م. 2020 – يىلى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ نامىدا م. 1453 – يىلى ئاياسوفيانىڭ مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقفنامە ھۆججىتىگە ئاساسلىنىپ ئالىي ئىدارىي سوت مەھكىمەسى ھۆكمى بىلەن «ئاياسوفيايى كەبىر جامىئي شەرىفى» نامىدا قايتا مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلغان.

سۇلتانلارنىڭ خرىستىيان مابەدلىرىنى جامىگە ئۆزگەرتىشتە پۈتۈنلەپ بۇزۇپ تاشلىماي، روشەن ئالاھىدىلىكىنى يوق قىلىشتەك نىسبەتەن ئىلىملىق بۇ خىل پوزىتسىيەسى تارىخىتا ئىجابىي رول ئوينىغان بولۇپ، كۈنىمىزدىمۇ خەلقئارادا ئىسلامنىڭ ئاشقۇنلۇق، تۈپتىن ئىنكارچىلىق دىنى ئەمەس ئىكەنلىكىگە دەلىل بولۇۋاتماقتا.

پەيغەمبىرىمىزمۇ كەئبەئى مۇئەززەمەنى چېقىپ تۈزلىۋېتىپ يېڭىدىن سالماي بۇتپەرەسلىك ئالامەتلىرىنى يوقىتىش بىلەن كۇپايىلەنگىنى ئەسلىدە ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ دىنىنىڭ ساق – ساغلام دىن ئىكەنلىكى، كېيىنكىلەرنىڭ بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خرىستىيانلىقمۇ ئىسلام ئېتىراپ قىلىدىغان بىر تەڭرىلىك دىن. كېيىنكىلەرنىڭ ھەزرىتى ئىيساغا قىلغان بۆھتانلىرى ئەسلا دىننىڭ ئۆزى ئەمەس.

شەرئىي ھۆكۈمگە كەلسەك، ئاياسوفيا جامەگە ئايلاندۇرۇلغاندىن بۇيان مەسجىدتۇر. مەسجىد بولغانىكەن، ئۇنىڭ قىبلە تامدا ياكى تورۇستا ياكى باشقا بىر يېرىدە سۈرەتلەر بولۇشى، ھەتتا قىبلە تەرەپتە نامازخاننىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان ھەرقانداق نەرسە، خۇشخەت بىلەن يېزىلغان ئايەتلەر بولسىمۇ توغرا بولمايدۇ.

سۈرەتلەر بار جامەدە ناماز ئوقۇش ئالىملار نەزەرىدە مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز. ناماز دۇرۇس بولىۋېرىدۇ. مەكرۇھلۇقنىڭ ۋەجى سۈرەتلەردۇر. بۇ سۈرەتلەرنىڭ يۆگەلمەي تۇرۇشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۇ سۈرەتلەرنى يۆگىمىگەنلەردە بولىدۇ. بەلكىم ئاياسوفيانى قايتىدىن مەسجىدكە ئايلاندۇرغانلار كېيىنچە كۈچلۈك مەۋقەدە بولغىنىدا سۈرەتلەرنى چوقۇم يۆگىۋېتىدۇ.

79 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىز ھەج بىلەن ئۆمرەنى تاماملىدۇق. ئەمدى مەككەدە تۇرۇپ ئاتا – ئانىمىز ياكى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆمرە قىلماقچى بولغانىدۇق، بىزگە تائىفقا چىقىش كېرەك دېيىلدى؟ بۇ شەرتمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەككەدە ياشايدىغانلار، شۇنداقلا سىلەر كەبى ھەج ۋەئۆمرە ئۈچۈن باشقا يۇرتتىن مەككەگە كەلگەنلەر مەككەدىكى چاغدا ئۆمرە قىلماقچى بولسا تائىفقا ياكى باشقا شەھەرگە چىقىشى شەرت ئەمەس. چۈنكى مەككەدىكى كىشى مەيلى ھەج ئۈچۈن سىرتتىن كەلگەن بولسىمۇ مەككەدە تۇرۇۋاتقان چاغدا ئۆمرە قىلماقچى بولسا مىيقات سىرتىغا چىقىشى كېرەك ئەمەس، بەلكى ھەرەم دائىرىسىدىن ھىل دائىرىسىگە چىقىشى كېرەك. ھىل دېگەن مىيقاتتىن ھەرەمنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. «سەھىھەين»دە كېلىشىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئاكام ئابدۇرراھمان بىلەن تەنئىمگە ئەۋەتتى. مەن ئۆمرە قىلدىم» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇرراھمانغا: «ھەمشىرەڭنى ھەرەمدىن ئېلىپ چىق، ئۇ ئۆمرەگە تەلبىيە توۋلىسۇن» دېگەن. (قاراڭ: بۇخارىي: 1556، 1560؛ مۇسلىم 1211) دېمەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېرىندىشى ئابدۇراھماننى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەرەم دائىرىسىدىن چىقىپ ھىل دائىرىسىغا تەۋە تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) دېگەن جايدىن ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىغان. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىشتا ئىھرام باغلايدىغان جايى ھىل (ھەرەم سىرتى) دۇر. ئۇنىڭ ئۆمرە ئۈچۈن تائىفقا چىقىشى ئارتۇقچە ئىسراپ بولغاندىن سىرت يەنە ھەجدىن كېيىن تائىفقا ۋىدالىشىش تاۋىپى قىلماي چىقسا بىر قوي قان كېلىدىغان قىلمىش. ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق يەنە بىر زىيان تائىفقا چىقىپ – كىرىش جەريانىدا ھەرەمدە 100 مىڭ ھەسسىلىنىدىغان ناماز ساۋابىدىن ۋە دۇئا ئىجابەت بولۇشتەك ئۇلۇغ ماكاندىن پەزىلەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ئائىشەگە كۆرسەتكەن كۆرسەتمىسىنى رەت قىلىشتۇر. شۇڭا توغرىسى، مەككەدىكى چاغدا ئۆمرە ئۈچۈن تائىفقا ياكى باشقا شەھەرگە چىقماي، مەسجىدى ئائىشەگە ياكى جىئرانەگە چىقسا يېتەرلىكتۇر. «مەككەگە كەلگەنلەر مەككەدىكى چاغدا ئۆمرە قىلماقچى بولسا تائىفقا چىقمىسا بولمايدۇ« دېگەنلەر بەلكىم تاپاۋەت ئۈچۈن شۇنداق دەيدىغان كىراكەشلەر بولسا كېرەك. ئەگەر ئۇنى شەرت دېگەن كىشى ئەھلى ئىلىملەردىن بولسا بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى بايان قىلىپ بەرسە، بىزمۇ بىلىۋالساق بولىدۇ.

ئەلۋەتتە مەككەگە كەلگەنلەر مەككەدىكى چاغدا ئۆمرە قىلماقچى بولسا ئۆمرەگە ھىل دائىرىسىدىكى تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) جىئرانە ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف ياكى جىددە ياكى مەدىنىە دېگەندەك خاھلىغان بىر جايدىن ئىھرام باغلىغان بولسىمۇ دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ. بىراق يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇقتىلار تۈپەيلى ئارتۇقچە زىيان تارتىدۇ.

شۇنىمۇ قوشۇمچە قىلىش كېرەككى، سىرتتىن كەلگەن كىشى مەككەدە تۇرۇۋاتقان چاغلاردا ئۆمرە قىلماقچى بولسا «مەسجىدى ئائىشە» گە چىقىپ ئىھرام باغلاپ كىرسە بولىدۇ. ھەج ﺗﻪﻣﻪﺗﺘﯘﺋ قىلغان كىشى يەنى بىر سەپەردە ئۆمرە قىلىپ بولۇپ ۋەتەنگە قايتماي ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ھەج ۋاقتى كەلگۈچە خاھلىغانچە نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. مەدىنەدىن ياكى تائىفتىن مەككەگە بارسا ياكى مەككەدە تۇرۇپ «ئائىشە مەسجىد»كە چىقىپ ئىھرام باغلاپ كىرىپ ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. ببر سەپەردە ئۆمرە – ھەج قىلىپ بولۇپ ۋەتەنگە قايتماي ھەج قىلماقچى بولغان كىشىنى ھەج ۋاقتى كەلگۈچە خاھلىغانچە نەچچە قېتىم ئۆمرە قىلىشتىن چەكلەشمۇ بىغەرەزلىك. دىندا بىلمەي ھۆكۈم پىچىش جىنايەتىدۇر.

80 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن يېقىندا تۆت يىلدىن بېرى ئولتۇرغان ئۆيۈمدىن كۆچۈپ كەتكەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا توك، سۇ گازلارنى ئاچقۇزغاندا تۆلىگەن پۇللىرىمنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇپتۇ . 2020 – يىلى گاز ئاچقۇزۇش ئۈچۈن 800 تېلى ئەتراپىدا تۆلىگىنىم ئېسىمدە. قالغان توك، سۇ ئۈچۈن قانچە پۇل تۆلىگىنىمنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۇ پۇللارنىڭ ئۆسۈمىنى قانداق ئايرىيمەن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. توختامدا ئۆسۈم شەرتلەشمىگەن بولسىڭىز ھەم بۇنىڭغا قوشۇپ تېلىنىڭ پاخالىشىشىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا. ئارتۇقىنى خەجلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. توختامدا ئۆسۈم شەرتلەشكەن بولسىڭىز ھەم كۆڭۈل خاتىرجەم بولمىسا، ئارتۇقىنى مۆلچەرلەپ سەدىقە قىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

81 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن بۇ يىل ھەج قىلغان ئىدىم. ھەجدىن كېيىن يېقىندا مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كەلگەن ئىدىم. مەككەدىن مەدىنەگە ماڭغاندا، «مەدىنەدىن قايتىشىمدا ئىھرام باغلاپ بېرىپ ئۆمرە قىلىمەن» دەپ نىيەت قىلمىغان ئىدىم. بۇ ئەھۋالدا مەدىنەدىن ئىھرام باغلاپ بېرىپ ئۆمرە قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى باشتا نىيەت قىلمىغاندىكىن ئىھرام باغلىماي ماڭساممۇ بولۇۋېرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئۆمرە نىيىتىنى مەككەدىن مەدىنەگە قايتىشتا ئەمەس، مەدىنەدىن مەككەگە مېڭىشتا زۇلھۇلەيفەدىن (ياكى قولاي بولمىسا مەدىنەنىڭ ئۆزىدىن) مېڭىشتا قىلىسىز ۋە ئىھرام كىيىمىنى كىيىپ ئىھراملىق ھالەتكە ئۆتۈپ مەككەگە بېرىپ ئۆمرە قىلىسىز. بۇرۇنقى نىيەت قىلمىغانلىق كېيىن ئۆمرەنى نىيەت قىلىشىڭىزغا توسالغۇ بولۇپ قالمايدۇ.

82 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن مۇشۇ سەئۇدىدا ئىشلەيمەن، ئىشلەۋاتقىلى بىر يىلغا يېقىن بولدى، ۋىزا يېڭىلاش ئۈچۈن «ۋىدا تاۋاپى»نى قىلماي ئۇردۇنغا بارغانىدىم، يەنە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ سەئۇدىدا ئىشلەپ قالىمەن. شۇڭا، بەزى كىشىلەر: «سەن مەككە ئەھلىدىن ھېسابلىنىسەن، قان قىلىش كەتمەيدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايدىلا؟ مەن سىلە دېگەندەك قان قىلىش تەرەپدارى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىز ھەج قىلغان بولسىڭىز مەككەدە تۇرۇۋاتقان بولسىڭىزمۇ سەپەر قىلىشتىن بۇرۇن «ۋىدا تاۋاپى» قىلىشىڭىز كېرەك. ھەرەمنىڭ سىرتىدىن كەلگەن هاجىلار يۇرتلىرىغا قايتماقچى ياكى سەپەر قىلماقچى بولسا، شۇنداقلا مەككەلىكلەر ياكى ھەرەملىكلەر ھەرەمدىن سەپەر قىلماقچى بولسا، بەيتۇللاھ بىلەن خوشلىشىش، ۋىدالىشىش ئۈچۈن «ۋىدالىشىش تاۋاپى» قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملار تۇتقان كۈچلۈك قاراش بويىچە ۋاجىب بولۇپ، بۇ تاۋاپ ھەرەمنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ تاۋاپنى ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق ئادا قىلمىسا بىر قوي قان كېلىدۇ. بىر قوي قان قىلىشقا قۇربى يەتمىسە 10 كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ تاۋاپ «قايتىپ كېتىش تاۋاپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەككەلىك هاجىلار سەپەر قىلمايدىغان بولسا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلمايدۇ. ھەجدىن كېيىن سەپەر قىلىدىغان بولسا مەككەلىككىمۇ ۋىدا تاۋىپى ۋاجىب بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي دەيدۇ: «ھەج ئىبادەتلىرىدىن پارىغ بولۇپ، مەككەدە تۇرۇپ قالماقچى بولسا، مەككە ئاھالىسى بولسۇن ياكى باشقا يەردىن كەلگەنلەر بولسۇن، ئۇلارغا ۋىدا تاۋاپى ۋاجىب ئەمەس. بۇنىڭدا باشقىچە قاراش يوق. باشقا يەردىن كەلگەنلەر قاچانىكى ئۆز ۋەتىنىگە ياكى باشقا دىيارغا سەپەر قىلماقچى بولسا، ۋىدا تاۋاپىنى قىلىشى كېرەك» («ئەلمەجمۇﺋ»: 8/254).

سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن شەيخ ئۇسەيمىن: «مەككەلىك كىشى ھەج قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەپەر قىلماقچى بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ ھېچكىم قايتمىسۇن» دېگەن ئەمرىگە بويسۇنۇپ ۋىدا تاۋاپى قىلىشى كېرەك. شۇڭا، بىز مەككەلىكلەرگىمۇ: ھەجدىن كېيىن سەپەرل قىلغانىكەنسەن، تاۋاپ قىلماي سەپەر قىلما دەيمىز».(«پەتۋالار»: 23/339) ۋەللاھۇ ئەئلەم.

83 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەجنى نىيەت قىلغان ھالدا ھەرەمگە بېرىپ مىيقاتتا ئىھرامنى باغلاپ مەككەگە كىرگەندىن كېيىن، ساقچىلار تۇتۇۋېلىپ ئەرافاتقا چىقالماي ھەج قىلالمىدىم. ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھەجگە ياكى ئۆمرەگە ئىھرام باغلىغان كىشى تاكى تاماملىغانغا قەدەر ئىھرامدىن چىقمايدۇ. ئىھرامنى سېلىۋەتسە، ئەلبەتتە گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق تاماملاڭلار، توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، نېمە ئوڭاي بولسا شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار﴾(2/«بەقەرە »: 196) دېگەن.

شۇڭا، ھەجگە ئىھرام باغلىغان كىشى دۈشمەن ياكى كېسەللىك ياكى ساقچى توسۇۋېلىشى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەرافاتقا چىقالمىغان بولسا، ئەرافات قولدىن كەتكەن بولسىمۇ ھەجنىڭ باشقا تاش ئېتىش، تاۋاپ، سەئيى ۋە ھەدىيە قۇربانلىقلار دېگەندەك پائالىەيتلەردىن قىلالىغىنىنى قىلىشى، شۇنداقلا ھەجنى قىلالمىغانلىقىغا قارىتا ئايرىم بىر قوي قان قىلىشى كېرەك. قان قىلىپ ئاندىن چېچىنى چۈشۈرۈپ ئىھرامدىن چىقالايدۇ. قان قىلماستىن ئىھرامدىن چىقىپ چىقىپ كەتسىمۇ، ئىھرامنى سېلىۋەتسىمۇ، يەنىلا ئىھرام ھالىتىدە بولىدۇ. يەنى «ئىھرامدىن چىقىپ كەتتىم» دېگەن خىيالى ئۆزىنىڭ خىيالى خالاس. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشى ئىھرامدا. ئۇ كىشى يەنىلا ئىھرامدا بولغاچقا، ھەجنى تاماملىغانغا قەدەر ئىھراملىق ھالەتتىكى چەكلىمىگە رىئايە قىلمىغان ھەر بىر قىلمىشى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم جازا / فىديە كېلىدۇ. مەسىلەن، ئايالى بىلەن بىرگە بولسا بىر قان. چاچ چۈشۈرگەنگە ئايرىم فىديە. بېشىنى يۆگىۋالسا ئايرىم فىديە. خۇشپۇراق ئىشلەتسە، كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىۋالغانغا ئايرىم… ۋەللاھۇ ئەئلەم.

84 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر دوستىمىز ئائىلە ئىشلىرىدا ۋە باشقا ئىشلىرىدا بىر ئاز قىيىنچىلىق، كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قاتتىق ئىچى سىقىلىش ئىچىدە ئىكەن. بۇ ئىشلىرىنىڭ ئاسان بولىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلايلى دېيىشىپتۇ. دۇئادىن بۇرۇن بىرقانچە يېقىنلار بىرلىشىپ: «لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنْ الظَّالِمِينَ دېگەن دۇئانى 71 مىڭ قېتىم ئوقۇساق دېيىشىپتۇ. بۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى نېمە؟ مۇشۇنداق قىلساق جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ دۇئانىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بېلىقنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ: «لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنْ الظَّالِمِينَ / ئى ئاللاھ! سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سەن كەمچىلىكلەردىن پاكسەن، ھەقىقەتەن مەن زالىملاردىن بولدۇم» دەپ دۇئا قىلغانىدى. قانداق بىر مۇسۇلمان بۇنىڭ بىلەن قانداق بىر ئىشتا دۇئا قىلسا، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى ئىجابەت قىلىدۇ»(تىرمىزى: 3505).

شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ زىكرى، قۇرئان تىلاۋىتى ۋە دۇئا قاتارلىق ئەمەللەرنى بىر يەرگە يىغىلىپ ئوقۇش ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى 71 مىڭ ئوقۇش ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرەر كۆرسەتمە كەلمىگەن. شۇڭا، بۇ سانغا ئۆزىمىزنى باغلىۋالماستىن كۆپ قېتىم ئوقۇساق ۋە شۇ دۇئادا ئىخلاس بىلەن گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى تىلىسەك بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

85 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھەرەمدە «قۇرئان» لازىم بولۇپ مەسجىدۇلھەرەمدىن ئاشكارا ھالدا بىر «قۇرئان» ئېلىپ چىققان. ھەرەمدىكى تازىلىق خادىمىمۇ ئېلىپ چىقساڭ بولىدۇ دېگەن بولدى. لېكىن، مەسجىد مەسئۇللىرىدىن سوراش ئىمكانىيىتى بولمىدى. بۇ دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەسجىدۇلھەرەم بولسۇن باشقا مەسجىد بولسۇن ياكى بىرەر قارىيخانا ياكى مەدرىسە بولسۇن، ئۇ يەرگە ۋەقف قىلىنغان مۇسھەف ۋە كىتابلار شۇ جايغا قىلىنغان ۋەقف بولۇپ، ۋەقف قىلغۇچىنىڭ شەرتى بويىچە ئۇلارنى شۇ يەردىلا ئوقۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئۇنى ئېلىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ مۈلكى قىلىۋېلىشقا، ئورنىنى باشقا جايغا يۆتكەشكە ياكى ئوقۇپ ئەكىلىپ قويۇش ئۈچۈن سىرتقا ئەچىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلغان تەقدىردە پايدىلىنىشى كېرەك بولغان ئامما ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ. ئەمما، ھەرەمدە ئوقۇشقا ۋەقف قىلىنماي ھاجىلارغا تارقىتىشقا قويۇپ قويۇلغان مۇسھەفلەر بولسا ئۇنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. شۇڭا، توغرىسى مەسجىد نازىرلىرىدىن تەپسىلىي سوراپ، ئىجازەت ئېلىپ ئەچىقىش ياكى ئارىيەت ئېلىش ياكى باشقا يەرگە يۆتكەش، بولمىسا ئەچىقماسلىق، ئەچىققان بولسا جايىغا قايتۇرۇش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

86 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئېغىرئاياغ ئايال تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بالىنىڭ «جىنسىيەت پارتىسى» دەپ بىر يىغىلىشلار قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. دىنىمىزدا ياكى ئۆرپىمىزدە ئۇنداق بىر ئىش يوق. كافىرلارنى دوراپ قىلمىسا چەكلىنىدىغان بىر ئىش بولمىسىمۇ ئارتۇقچە بىر ئىش، ياكى كۆز – كۆز قىلىش بولۇشى مۇمكىن. توغرىسى، تۆرەلمىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولغانلىقى مەلۇم بولسا ئاللاھنىڭ بۇ نېئمىتىگە شۈكۈر قىلىش، ئۇنىڭ دۇنياغا ساغلام كەلتۈرۈلۈپ، سالىھ پەرزەنت قىلىنىشىنى تىلەپ دۇئا قىلماق ۋە سەدىقە بەرمەك پايدىلىق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

87 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايال توي قىلىپ 4 – 5 يىل ئۆتكىچە تۇغمىغاندىن كېيىن ئېرى 2 – ئايال ئالماقچى بولسا ئايالى ئۆزىنىڭ تالىقىنى تەلەپ قىلسا گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. شەرىئەتتە نىكاھلىنىشتىن كۆزلەنگەن مەقسەتلەرنىڭ ئىچىدە ئارام ئېلىش، خاتىرجەملىك، مېھىر – مۇھەببەت، ئۇنس – ئۈلپەت، سالىھ پەرزەنت كۆرۈش، ئىپپەتلىك بولۇش ۋە جۈپتىنى ئىپپەتلىك ساقلاش، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش ۋە ھۇزۇر ئېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇرۇشلاردا ئەرلەرنىڭ كۆپ قىرىلىپ كېتىپ جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىش، تۇغماس چىقىش، ھەيز ۋە نىپاستا بىللە بولماسلىق قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا — زۆرۈرىيەت دائىرىسىدە توغرا پايدىلانغان ۋە شەرتىگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە، — كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ ئىپپەتلىك بولۇش ۋە پەرزەنتلىك بولۇشتىن باشقا يەنە ئومۇم جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىنى قوغداپ قېلىش، ئۈممەتنىڭ سانىنى ئاۋۇتۇش، تۇل خوتۇنلاردىن خەبەر ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك پايدىلىرى بارلىقى ھەم بىر ھەقىقەت.

ئايال كىشى ئۈستىگە خوتۇن ئالماسلىق شەرتى بىلەن نىكاھلانمىغان تەقدىردە، ئەرنىڭ 2 – ئايالنى ئېلىشى سەۋەبلىكلا تالىقىنى تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ تالاق ئۈچۈن شەرئىي سەۋەب بولالمايدۇ. ئاجرىشىشقا لايىق بىر سەۋەب ياكى بىر ئەيىب بولماستىن، ئايال كىشىنىڭ ئېرىدىن ئاجرىشىشقا ئالدىراپ تالىقىنى تەلەپ قىلىشى ھارامدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قايسىبىر ئايال ھېچ سەۋەبسىز ئېرىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ پۇرىقى ھارامدۇر» دېگەن (تىرمىزىي: 1187). شۇڭا، ئايالىنى داۋالىتىپ ياكى ئاللاھنىڭ پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى كۈتۈپ يەنە بىر مۇددەت سەۋر قىلىپ تۇرۇشى ئەرگە تەۋسىيە قىلىنغىنىدەك، ئايالغىمۇ 4 – 5 يىل ئۆتكىچە تۇغمىغاندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى شەرئىي ھۆكۈمنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، ئەرنى پەرزەنت كۆرۈش ھەققىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى ۋە ئەردىن نەپىقە ۋە باشقا ئىشلاردا ھەققىنى ۋە تەڭ مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

مۇبادا ئەر ھەر ئىككى ئايالىغا تەڭ مۇئامىلە قىلىپ، نەپىقە ۋە باشقا ئىشلاردا زۇلۇم قىلمىسا، ئايال بۇنىڭغا تاقەت كەلتۈرەلىگەن مۇددەتچە چىدىشى لازىم. چىدىيالمايدىغان بولسا ۋە ئەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىسە، تالىقىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەر تالىقىنى بەرسە بەردى، بەرمىسە، مەھر تويلۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، خۇلئى ئۇسۇلىدا ئۇ ئەردىن ئاجراشسا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا تالىقىنى تەلەپ قىلىشى 2 – ئايالنى ئېلىش ياكى تۇغماسلىق بىلەن ئالاقىسىز. پەقەتلا ئىككىيلەننىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقۇشىغا باغلىق. ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿ئەگەر سىلەر ئەر – ئايال ئىككىيلەننىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) ئېرىگە مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىيلەنگە گۇناھ بولمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 229).

ساھابەلەردىن سابىت ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! سابىت ئىبنى قەيسنىڭ دىيانىتى ياكى ئەخلاقىنى ئەيىبلىمەيمەن. لېكىن، مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاشقا تاقىتىم قالمىدى، — دېدى. رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئايالدىن ئېرىدىن نېمە تويلۇق ئالغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئايال:

— بىر باغ، — دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئايالغا:

— ئۇنىڭغا بېغىنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟ — دېگەندە، ئۇ ئايال:

— ھەئە، — دېگەن. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سابىتقا:

— باغنى ئېلىپ، ئۇنى بىر تالاق قىلىۋەتكىن! — دېدى(بۇخارىي: 5273).

88 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. شەرقىي تۈركىستاندىن ياكى باشقا دۆلەتلەردىن ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە نوپۇس ئېلىش ئۈچۈن كېلىپ تۇرۇۋاتقانلار ئادەتتە 5 – 10 يىل كۈتۈپ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا يەرلىك بىرىگە 50 – 80 مىڭ دوللارغا يېقىن پۇل بېرىپ، يالغاندىن توي رەسمىيىتى بېجىرىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن تەكشۈرۈشلىرى تاماملانغۇچە ئەر – ئايالدەك بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ، يېشىل كارد چىققاندىن (ياكى نوپۇس ئىشى مەلۇم باسقۇچتىن ھالقىغاندىن) كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ رەسمىي ئاجرىشىپ ئۆز يولىغا ماڭىدۇ. بۇ تەرىقىدە پۇل بېرىپ، يالغاندىن توي خېتى ئېلىپ، كۆزلەنگەن ئىش ھەل بولغاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. بىر مۇسۇلمان ئەر ياكى ئايالنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدەك دۆلەتلەرىكى تۇرۇش رۇخسىتى، نوپۇس ۋە سوسيال ياردەم دېگەندەك مەنپەئەتلەر ئۈچۈن يەرلىك بىرى بىلەن شەكلىي توي خېتى ئېلىشقا كېلىشىشى ۋە رەسمىي ئورۇنلارغا ئەر – ئايال كۆرۈنۈپ، كۆزلەنگەن مەقسەت ھەل بولغاندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشى، ئەمەلىيەتتە ۋە ھەقىقەتتە دىنىمىزدىكى نىكاھ ۋە توي مەقسەتلىرىدىن يىراق ۋە زىت بىر ئىش بولۇشتىن سىرت، ناتوغرا توختام، ناتوغرا شەرت ۋە ساختىلىقنى، شۇنداقلا شەرىئەت چەكلىگەن باشقا ئەھۋاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر قىلمىشتۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئىشنى «ئامېرىكا شەرىئەت فۇقاھائلىرى ئاكادېمىيىسى (The Assembly of Muslim Jurists At America)»، «ياۋروپا پەتۋا ۋە تەتقىقات كومىتېتى (European Council For Fatwa and Research)»(م 2009، 10 – مارتتىكى پەتۋا)، «سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە پەتۋا دائىمىي ھەيئىتى»(12087 – پەتۋا) قاتارلىق پەتۋا ئورگانلىرى، شۇنداقلا تونۇلغان پەتۋا ئالىملىرى «ھارام» دېگەن.

بۇنىڭدا ئىككى تەرەپنىڭ نىيىتى شەرئىي نىكاھ بولماستىن، بىرى نوپۇس ئىشىنى كۆزدە تۇتسا يەنە بىرى پۇلنى كۆزلەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى شەرىئەتتىكى مۇقەددەس رىشتە بولمىش نىكاھتىن ۋە ئۇنىڭدىن كۆزلەنگەن بۈيۈك غايىلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنى تىجارىي بىر توختامغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ توي خېتىدىن شەرىئەتتىكى نىكاھتىن كۆزلەنگەن نەسىل، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە مېھىر – مۇھەببەت ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ھەتتا شەھۋەتنى ھالال يول بىلەن قاندۇرۇشمۇ بولماسلىقى مۇمكىن.

بۇ ساختىلىق ۋە يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىشتىكى ئىككىنچى چاتاق: ئىككى تەرەپنىڭ بۇ توي خېتىدىن مەقسەت ئادا بولۇپ، نوپۇس ۋە تۇرۇش رەسمىيەتلىرى پۈتكەندىن كېيىن ئايرىلىش نىيىتى بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇنى ئېنىق ئىپادىلەپ توختام قىلىشقانلىقتىن، بۇنىڭ ماھىيىتى بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا مەلۇم ھەق بەدىلىگە بىر كۈن ياكى بىر ھەپتە، ياكى بىر ئاي دېگەندەك ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشنى ئىپادىلەپ نىكاھلىنىشىدىن ئىبارەت نىكاھى مۇتئە (ۋاقىتلىق نىكاھ)تۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىكاھى مۇتئەنى چەكلىۋەتكەن. بۇ جەھەتتىنمۇ بۇ ئىش ناتوغرا توختام قاتارىغا كىرىدۇ. نەتىجىدە بۇ قىلمىش شەرىئەتتىمۇ چەكلەنگەن قىلمىش بولۇپلا قالماي شۇ دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدىمۇ چەكلەنگەندۇر. بۇنى قىلغۇچى شەرىئەتكىمۇ، دۆلەت قانۇنىغىمۇ خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرىتىنى دۆلەتكە ۋە يەرلىكلەرگە يامان كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئىشتىكى ئۈچىنچى چاتاق: مۇبادا نوپۇسقا ئېرىشمەكچى بولغان مۇسۇلمان ئايال بولۇپ، قارشى تەرەپ دىنسىز ياكى ئەھلى كىتاب بولسا، بۇ ئىشتىكى ھاراملىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، بۇ توختام يۇقىرىقى ناتوغرىلىقلاردىن خالىي بولغان تەقدىردىمۇ ئىناۋەتسىز بولىدۇ ۋە ئۇ ئەر بىلەن يالغۇز بىر ئۆيدە تۇرۇشىمۇ ھارام بولىدۇ. نوپۇسقا ئېرىشمەكچى بولغان مۇسۇلمان ئەر بولۇپ، قارشى تەرەپ دىنسىز بولسىمۇ شۇنداق. نوپۇسقا ئېرىشمەكچى بولغان مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھەقىقەتتە (ۋەتەندە ياكى شۇ دۆلەتتە) ئېرى بار ئايال بولسا بۇ ئىشنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

خۇلاسە: بىرەر دۆلەتتە تۇرۇش ياكى نوپۇس ئېلىش ئۈچۈن يالغاندىن نىكاھ ۋە توي خېتى رەسمىيىتى بېجىرىش جائىز ئەمەس. چۈنكى بۇ ساختىلىق ۋە يالغانچىلىق بولۇپ، توي خېتى رەسمىيىتىمۇ ناتوغرا توختامدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

89 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ 3 – قېتىم تالاق بولغان ئايالنىڭ يېنىغا تالاق قىلغان كىشى ئىددىتى توشقۇچە كىرىپ – چىقسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 3 – قېتىم تالاق بولغان ئايال 3 – تالاق بىلەن تالاق قىلغان ئەردىن ئۈزۈل – كېسىل ئاجرىغان بولغاچقا، ئەر ئۇ ئايالغا نىسبەتەن يات كىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئەرگە نامەھرەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشى، يامان ئاقىۋەت يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرماسلىقى، ئولتۇرۇپ – قوپماسلىقى ۋە ئۇ ئەرنىڭ قېشىغا كىرىپ – چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك. ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال باشقا يات ئاياللارغا ئوخشاشلا ئۇ ئەرگە ياتتۇر. شۇڭا، ئەر ئۇ ئايال بىلەن باشقا يات ئايال بىلەن خىلۋەتتە بولسا بولمىغىنىدەك خىلۋەتتە بولالمايدۇ. يات ئاياللاردەكلا ئۇ ئايالنىڭمۇ قارىسا بولمايدىغان يېرىگە قارىسا بولمايدۇ. ئۇ ئەرنىڭ ئۇ ئايالغا نىسبەتەن ھېچ ئارىلىشىپ ئۆتۈش سالاھىيىتى يوقتۇر. يەنە ئۇنىڭ بىلەن باشقىغا ياتلىق بولۇپ، تالاق قىلىنىپ ئۇنىڭ ئەمرىگە قايتىشنى پۈتۈشسە بولمايدۇ»(«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 32/11).

90 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! پۇتبولنى كەسىپ قىلىپ ئويناش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پۇتبولنى بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئويناش مۇباھ بولۇپ، ئۇنى كەسپ قىلىشمۇ بۇ ھۆكۈمگە ئەگىشىدۇ. يەنى مۇباھنى كەسپ قىلىشمۇ مۇباھتۇر. كەسپ قىلىپ ئوينىغان تەقدىردە، ئۇتۇش – ئۇتتۇرۇش نەتىجىسىدە قىمار ئويناش بولمىسىلا مەلۇم دۆلەتنىڭ ياكى كۇلۇبنىڭ پۇتبولچىغا بەرگەن ئايلىق ياكى يىللىق مائاشى ھالال بولىدۇ. بۇ ياللىنىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىش. لېكىن، ھازىرقى مۇسابىقىلەردە كۆرىلىۋاتقىنىدەك يوتىنىڭ بىر قىسمى بولغان يەڭگىل ئەۋرەتنى ئېچىش(كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا يوتا ئەۋرەت)، نامازنى ۋە باشقا ۋاجىباتلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلالماسلىق، ۋاقىت ۋە پۇل ئىسراپى ۋە تەرەپتارلارنىڭ دۈشمەنلىشىشى، نامەھرەم كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئارىلاش ئولتۇرۇشلىرى ياكى دو تىكىپ قىمار ئوينىشى دېگەندەك گۇناھقا ياتىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنالماي قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پۇتبولچىنىڭ كىرىمىنى شۈبھىلىك دەپ قارىغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا، بۇلاردىن ساقلىنالىسا كەسپى ھالال بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە زور مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزەلىشىمۇ مۇمكىن. ساقلىنالمىسا، بۇلارنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە ئالاقىدار گۇناھى بىلەن بىرگە كىرىمى ھالالدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

91 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟ ئاشۇرا كۈنى كېچىسى ئىبادەت قىلىپ كۈندۈزى روزا تۇتسا بەك ساۋاپ ئىكەن، تۈركلەر ئاشۇنداق دەيدۇ راستمىدۇ؟ ئاندىن كېچىچە تۈنىگەندە خۇپتەندىن كىيىن ئۇخلېۋېلىپ سائەت بىرلەردە قوپۇپ ئىبادەت قىلساق كېچىچە ئىبادەت قىلغان بولامىزمۇ؟ كېچە تۈنەشنى قانداق قىلساق تېخىمۇ سۈننەتكە ئۇيغۇن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ھىجرىي يېڭى يىل (ھ. 1446) مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى ئاشۇرا كېلەر سەيشەنبە كۈنى كۈنىدۇر. ئاشۇرا كۈنىدە بىز قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىش بولسا، پەقەتلا روزا تۇتۇش ئارقىلىق بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىشتۇر. ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە (1162) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورالغاندا: «ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دېگەن. «ئاشۇرا كېچىسى ئىبادەت قىلسا بەك ساۋاب» دېمىگەن. شۇڭا، تۈركلەرنىڭ «ئاشۇرا كېچىسى ئىبادەت قىلسا بەك ساۋاب» دېگەن سۆزىنىڭ ئاساسى يوق. پەقەتلا باشقا كېچىلەردەك، كېچىسى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك رەكئەت ناماز ئوقۇپ تەھەججۇد ئوقۇش يىلنىڭ باشقا كېچىلىرىگە ئوخشاش مۇستەھەب ئەمەلدۇر.

ئەسھاب كىراملەر، تابىئىنلەر، تۆت مەزھەب ئىماملىرى ۋە باشقا مۇجتەھىد ئىماملاردىن بىرەرسىمۇ ئۇنداق دېمىگەن. شىئەلەر ھەزرىتى ھۇسەيننىڭ قەتلى قىلىنىشى سەۋەبلىك ئاشۇرا كۈنىنى ئۆزلىرىنى قامچىلايدىغان ماتەم كۈنىگە ئايلاندۇرغان بولسا، ھەزرىتى ئەلىگە ئۆچمەنلىك قىلغان ناسىبىيلار ئاشۇرا كۈنىدە ناماز ئوقۇشنىڭ، غۇسلى قىلىشنىڭ، سۈرمە تارتىشنىڭ ۋە ئائىلىسىگە كەڭ يېمەك – ئىچمەك تەييارلاشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە يالغان ھەدىسلەرنى توقۇغان. بۇ سەۋەبتىن ئاشۇرا كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇشنىڭ ئالاھىدە پەزىلىتى بار دەپ كېچىسى ئىبادەت قىلىش بىدئەت دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلغانلار ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلاپ بىدئەت ئىش قىلغان بولىدۇ. بىدئەت بولسا ئازغۇنلۇقتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

92 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بالىلار سىرتتىن شىئەلەرنىڭ تارقاتقان ئاشۇرا تامىقىدىن ئەكىرىپتۇ، مەن «يېسەك بولمايدۇ» دەپ يېگىلى قويمىدىم. ئۇلارنىڭ تارقاتقان يېمەكلىرىنى يېسەك دۇرۇسمۇ ياكى خاتامۇ؟ تۈرك قوشناممۇ «بىر كۇن بىللە يەيلى» دېگەنىدى. كۆڭلۈمدەش ەك بولغاچقا: «مەن بارمايمەن ھەم يېمەيمەن» دېگەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مۇھەررەمنىڭ 10 – كۈنى ئاشۇرا كۈنىدە شىئەلەر ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىمام ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى «كەربالا» چۆلىدە خائىنلارچە ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ كۈننى ئۆزىنى كاچاتلاش ۋە قامچىلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆتكۈزىدىغان تەزىيە ۋە ماتەم كۈنىگە ئايلاندۇرغان. بۇنى ھەر يىلى شۇ تەرىقىدە خاتىرىلەيدۇ. بۇ نەچچە تەرەپتىن ئېغىر بىدئەت دائىرىسىدىكى ئىش بولۇپ، ئەھلىسۈننەت مۇسۇلمانلار بۇ تۈرلۈك مۇنكەر پائالىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇ كۈنگە ئاتاپ ئەتكەن تاماقلىرىنى بىدئەتكە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈش جەھەتتىن بەزى جەمئىيەتلەردە بەزى شەخسلەر يېمەي تۇرسا مەيلى. بۇ ھەممە جەمئىيەتلەرگە، ھەممە شەخسلەرگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ. قوشنا – قولۇملار بىلەن چىرايلىق ئۆتۈش ئېھتىياجى بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك دەلىللەرگە تايانغان «يېسە بولىدۇ» دېگەن قارىشىنى تۇتۇش توغرىدۇر. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە شەرئىي بوغۇزلانمىغان ياكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە بوغۇزلانغان مال گۆشى ۋە دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن باشقا ئىستېمال قىلىش ھالال بولغان ھەدىيەلىرىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىدىمۇ پائالىيەتلىرىگە قاتناشماستىن قوبۇل قىلىش جائىزدۇر.

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نورۇز ھەدىيەسىنى كافىرلاردىن قوبۇل قىلغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ئايال: ‹بىزنىڭ ئاتەشپەرەس قوشنىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ھېيتلىرى بولغاندا بىزگە ھەدىيە بېرىشىدۇ، (قانداق قىلىمىز؟)› دەپ ھۆكمىنى سورىغاندا: ‹شۇ كۈن ئۈچۈن ئاتاپ سويۇلغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار! كۆكتات، مېۋەلىرى بولسا يەڭلار› دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتەشپەرەس قوشنىلىرى بولۇپ، ئۇلار نورۇز بىلەن مېھرىجاندا ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىشەتتى. ئۇ ئائىلە تاۋابىئاتىغا: ‹مېۋە بولسا يەڭلار! باشقىسىنى (گۆشلەرنى) قايتۇرۇۋېتىڭلار› دەيتتى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ھېيتلىرىنىڭ تەسىرى يوق ئىكەنلىكىنى، ھېيت بولسۇن، باشقا چاغ بولسۇن، ئۇلاردىن ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ئۇلارغا كۇفۇر ئىشلاردا ياردەم قىلىش يوق». قاراڭ: ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 2/51 – 52.

ئەھلىسۈننەت مۇسۇلمان قوشنا – قولۇملا ئەتكەن ئاشۇرا تامىقىنى يېسە ھەم بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب.

93 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مىلادىيە يېڭى يىل كېلىۋاتىدۇ. بىز رەختچىلەر خىرىستىيانلار ۋە ئۇلارنى بۇ ئىشتا دورايدىغان مۇسۇلمانلار يېڭى يىل تەبرىكلەشلىرىدە ئىشلىتىدىغان پارقىراق ۋە يالتىراق رەختلەرنى ئەكەلدۈرۈپ سېتىشىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ، بېشىمىز قاتتى. شەرىئەتتە بۇ تۈرلۈك ماللارنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاللاھقا شۈكۈر. مىلادىيە يېڭى يىل ياكى روژدېستۋونى قۇتلاش ۋە تەبرىكلەشنىڭ، چەكلىنىدىغانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ بايراملارغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىيە بېرىش، ئارچا بىلەن زىننەتلەش ۋە روژدېستۋو بوۋاي قىلىقلىرىنى دوراش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەت ۋە تەييارلىقلاردىن نېرى تۇرۇشى لازىملىقى ئايرىم پەتۋادا (https://sajiya.biz/?p=10675) بايان قىلىندى.

بۇ يەردە شۇنى دەيمىزكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ كافىرلارنىڭ مەخسۇس بۇ تۈرلۈك بايراملىرىدىلا ئىشلىتىدىغان تەبرىكلەش نەرسە – كېرەكلىرىنى، ھەدىيەلىرىنى ياساش، تەبرىكلەشكە ئالاقىدار باغاق، ئېلان ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قىلىش، ئۇنىڭغا ئالاقىدار كىيىم – كېچەكلەرنى تىكىش، رەختلەرنى، ئارچا ۋە روژدېستۋو بوۋاي كىيىملىرىنى ئەكەلدۈرۈپ سېتىش، بۇلارنى ساتىدىغان دۇكانلاردا ئىشلەش، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماللارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئېتىبارلىق پائالىيەت قىلىش، ئومۇمەن بۇ بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە ياردىمى بولىدىغان ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ. بۇ كافىرلارنىڭ شىرك ۋە ئىسلامغا زىت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلىشىش ۋە ھەسسە قېتىشتىن ئىبارەت ھارام ۋە مۇنكەر قىلمىشتۇر. ئاللاھ تائالا ﴿گۇناھ ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ھەمكارلاشماڭلار!﴾(5/«مائىدە»: 2) دەپ بۇيرۇغان . شۇڭا، بۇ ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشى لازىم. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى كۆزلەپ رىزقنىڭ ھارام ۋە شۈبھىلىك كىرىمدىن خالىي ۋە پاك بولۇشى ئۈچۈن بۇ خىل تىجارەتتىن ئۆزىنى تارتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا ھالال رىزق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

94 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بۇلۇتلۇق لىبىر كىيىمنىڭ تېشىدىنمۇ بىلىنىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مەن بۇلۇتلۇق لىبىر كىيسەم تالاغا راھەت چىقالمايمەن. ئەجىبا بۇنى كىيىپ تالاغا چىقىشنىڭ ھۆكمى قانداقتۇر؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كىيىم كىيىشتە ئىككى مەقسەت باردۇر: بىرى، ئەۋرەتنى يۆگەش؛ يەنە بىرى، زىننەتلىنىشتۇر. ئايال كىشىنىڭ نامەھرەملەر ئالدىدا بەدىنىنى كۆرسىتىدىغان، خۇسۇسەن بەل، مەيدە ۋە ساغرىغا ئوخشاش جەلپ قىلىش ئورۇنلىرىنى ھەجىم ۋە شەكىل جەھەتتىن مەلۇم قىلىدىغان دەرىجىدە نېپىز، تار كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىشنى شەرىئەت ھارام قىلغان. بۇلۇتلۇق لىبىر (سۈتيەن) نىڭ ساغلاملىق ۋە زىننەتلىنىش تەرەپتىن پايدىلىق تەرەپلىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئېرى ئالدىدا ۋە نامەھرەم يوق يەردە بۇلۇتلۇق لىبىر كىيسە، شۇنداقلا نامەھرەم بار جايلاردا ئۈستىنى مەيدە مەلۇم بولمايدىغان تەرىقىدە كىيىم بىلەن يۆگەپ بۇلۇتلۇق لىبىر كىيسىمۇ جائىز. ئەمما ئۈستىنى يۆگىمەي، نامەھرەملەر ئالدىدا كىيىم نېپىزلىكىدىن ۋە تارلىقىدىن ئىچىدىكىنى كۆرسىتىپ ۋە نامايان قىلىپ تۇرىدىغان بولسا، ئۇنى كىيىشى ھارام. يەنە توي قىلىش ئالدىدىكى قىز – چوكانلارنىڭ لايىقلارغا چىرايلىق ياكى ياش كۆرۈنۈش ئۈچۈن بۇلۇتلۇق لىبىر كىيىشى ساختىلىققا ياتىدىغان قىلمىشتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

95 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن بۇرۇن ئۇزۇن يىللار نامازنى جايىدا ئادا قىلالمىغان ئىدىم. بۇ يىل ئاللاھ تائالا ماڭا ھەجنى نېسىپ قىلىپ، ھەج قىلدىم. ھەجدىن كېيىن نامىزىمنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ھەدىستە «ھەج قىلغان كىشى ئانىدىن تۇغۇلما بولۇپ قايتىدۇ» دەپتۇ. ئۇنداقتا قىلغان ھەجىم مەن بۇرۇن ئوقۇيالمىغان نامازلارنىڭ گۇناھىنى يۇيۇۋېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سەھىھەيندىكى ھەدىس شەرىفتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى مۇشۇ بەيتكە ھەج قىلىپ (سەت گەپ ۋە جىمادەك) نامۇناسىپ ئىش ۋە گۇناھ قىلمىسا، ئانىسى ئۇنى تۇغقان كۈندىكىدەك (پاك) ھالەتكە قايتىدۇ» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھالال مالدىن ئىخلاس بىلەن سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئادا قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا گۇناھ – مەئسىيەت، جەڭگە – جېدەل، نامۇناسىپ ئىشلارنى ئارىلاشتۇرماي ئادا قىلىنغان ھەج كىچىك گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ، بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىدا باشقىچە قاراش يوق. يەنە قۇل ھەققى ھەق ئىگىسى رازى بولمىغۇچە يۇيۇلمايدىغانلىقىدىمۇ باشقىچە قاراش يوق. پەقەتلا تەۋبە قىلىپ، ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىغان قۇل ھەققى يۇيۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بەزى ئالىملار ئىلگىرى سۈرگەن. چوڭ گۇناھلارچۇ؟ يۇيۇلۇپ كېتەمدۇ؟ بۇنىڭدا قاراشلار بىردەك ئەمەس. «چوڭ گۇناھلار يۇيۇلمايدۇ» دېگەن قاراش بويىچە نامازلار تاكى ئادا قىلىنمىغۇچە ساقىت بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ «نامازلارنى ئادا قىلالمىغانلىق گۇناھىمۇ يۇيۇلۇپ كېتىدۇ» دېگەن قارىشى بويىچە ئېيتقاندىمۇ ئادا قىلمىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىش يۇيۇلۇپ كېتىدۇ دېگەنلىك بولمايدۇ. بەلكى، نامازنىڭ ئادا قىلىشنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىغانلىقنىڭ گۇناھى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەجنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇمىغان نامازلارنى ئوقۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قازاسىنى ئوقۇمىسا، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. روزا، زاكاتلارمۇ شۇنداق. ئوخشاشلا قەرز، ئامانەت ۋە رەنە قاتارلىق قۇل ھەققىمۇ شۇنداق. ئۇنى ئىگىسىگە ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلىق گۇناھى ھەج بىلەن يۇيۇلسىمۇ، ئۇنى تاكى قايتۇرغۇچە ئۇ گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ. «چۈنكى، ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىنىشقا ھەممىدىن ھەقلىقتۇر»(سەھىھەين). نامازلارنى قازا قىلىشمۇ يۇيۇلۇپ كېتىدۇ دەپ قارايدىغان ئالىملارمۇ يوق ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن چوڭ گۇناھلارنىڭ شۇنداقلا نامازلارنىڭ ساقىت بولۇشى ئىجتىھادىي مەسىلە بولغاچقا، يۇيۇلۇپ كېتىدۇ دەپ كېسىپ بىر نەرسە دېيىش تەس. شۇڭا بۇرۇن ئوقۇيالمىغان نامازلارنى ھەجدىن كېيىن ئادا قىلىپ بولدۇم دەپ خاتىرجەم بولغۇچە ئادا قىلىش كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدىغان ئىشتۇر. مۇھىم بولغىنى ھەجدە ۋە ھەجدىن كېيىن ھەقىقىي تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ ۋە قۇللارنىڭ ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ھەقلەرنى جايىدا ئادا قىلىشقا تىرىشىش زۆرۈردۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

96 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋە رۇسىيەدا بۇغدايدا ئېچىتىپ ئىشلىنىدىغان كەۋاس دەپ بىر خىل ئىچىملىك بار. مەست قىلمايدۇ ھەم ھەر قېتىمدا كۆپ مىقداردىمۇ ئىچىلمەيدۇ. ئۇنى ئىچىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كەۋاس (Kvass/ Квас) روسىيە، ئوكرائىنا ۋە شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بۇغداي ۋە ئارپا نېنىنىڭ خمىرتۇرۇچلىنىشى بىلەن ئېچىتىپ، كىشمىش، يالپۇز دېگەندەك بەزى مېۋە ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ تەملىرى قېتىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان، تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئىچىلىدىغان بىر خىل ئىچىملىك. تىجارىي مەقسەتتە ئىشلەپ چىقىرىشتا تېخىمۇ ئەرزان خام ماتىرىياللار قوللىنىلىدۇ. روسىيەنىڭ ئۆلچىمىدە كەۋاس ئىچىملىكىدە ئېتىل ئالكوھول نىسبىتى (C2H5OH)  0.05%— 1.4% ئارىلىقىدا بولىدۇ ۋە ئىسپىرتسىز ياكى تۆۋەن ئىسپىرتلىك ئىچىملىك دەپ قارىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ ئۆلچەم پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى. بۇنى ئادەتتە بىرەر ئىستاكان ئىچسە مەست قىلمايدۇ. بىرنەچچە لېتىر ئىچسە مەست قىلامدۇ؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم.  تۈركىيەدىكى گىمدەست GİMDES ھالاللىق گۇۋاھنامە ئورگىنى ئادەتتە %0.02 ئۆلچەم قىلىدۇ.

شەرئىي جەھەتتىن ئىسپىرتلىك ئىچىملىك ئىسپىرت پىرسەنتى تۆۋەن بولۇپ بىرەر ئىستاكان ياكى بىرەر لېتىر ئىچسىمۇ باشنى قايدۇرمايدىغان، كەيپ ۋە مەست قىلمايدىغان بولسا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەگەر كۆپرەك ئىچسە ياكى سەل كونىراقىنى ئىچسە مەست قىلىدىغان بولسا ئۇنىڭدىن بىر يۇتۇم ئىچىشمۇ ھارام بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كۆپى مەست قىلىدىغان ئىچىملىكنىڭ ئېزىمۇ ھارامدۇر».(تىرمىزىي 1865) دېگەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

97 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كىشىنىڭ ئورۇقلاش مەقسىتى بار ئىكەن. بۇ مەقسەتتە «ھەم ئورۇقلايدىكەنمەن، ھەم ئەجىرگە ئېرىشىدىكەنمەن» دەپ نىيەت قىلىپ نەفلە روزا تۇتسا، دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. روزا ۋە باشقا ئەمەللەرنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن نىيەت ۋە ئىخلاس شەرتتۇر. چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەندەك: «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر». بۇنىڭغا ئاساسەن، روزا تۇتقۇچى ئىبادەت نىيىتىدە بولمىسا، پەرز روزىسىمۇ، نەفلە روزىسىمۇ روزىسى توغرا بولمايدۇ. ئەمما، ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن بىللە تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، داۋالىنىش ۋە ئۇرۇقلاشتەك نىيەتلەردە روزا تۇتسا، روزىسى توغرا بولىدۇ ۋە سالىھ ئەمەل قاتارىدا بولىدۇ. چۈنكى، ئورۇقلاش پەرھىزى روزا تۇتۇشقا ئەگەشمە نەتىجە بولۇپ، روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلسۇن – قىلمىسۇن، يەپ – ئىچمەسلىكتىن ئورۇقلاش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، روزا ئۆزىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بىلەن بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. دېمەك، ساۋابنى كۆزلەش بىلەن ئورۇقلاش نىيىتىنى جەملەپ روزا تۇتسا بولىدۇ. ئەھلى ئىلىملەر دېگەندەك، بۇ خۇددى تاھارەت ئېلىشقا سالقىنداشنى، ھەجگە تىجارەتنى قوشۇپ مەقسەت قىلغانغا ئوخشايدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەھىھەيندە توي قىلالمايدىغان ياشلارغا شەھۋەتنى كېسىش نىيىتىدە روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىپ: «سىلەردىن كىمكى ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتمىگەن بولسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قالقاندۇر» دېگەن. مۇبادا باشقا مەقسەت ئەسل نىيەتكە قېتىلسا روزىغا تەسىر يېتىدىغان بولسا ئىدى، ئۇنداق بۇيرۇمىغان بولاتتى. سەھىھەيندە يەنە: «كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى ياكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن قىلىنىشىدىن خۇرسەن بولسا، خىش – ئەقرىبالىرىغا سىلە – رەھىم قىلسۇن» دېگەن. بۇ ھەدىستىمۇ سالىھ ئەمەللەرنىڭ قوشۇمچە دۇنياۋى مەنپەئەتلىرى ئەسلىتىلگەندۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

98 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئۈچۈن دوستلىشىش دېگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟ قانداق بولغاندا ئاللاھ ئۈچۈن دوستلاشقان بولىدۇ؟ داموللاملار تۇۋەندىكى ھەدىسنى بايان قىلىشىۋاتىدۇ:

1. بىر ھەدىستە «بىر ئادەم جەننەتكە كىرىشكە بۇيرۇلدى. مالائىكىلەر جەننەت دەرۋازىسىغا ئېلىپ كەلدى. بۇ ئادەم مالائىكىلەردىن سورىدى: ‹مېنىڭ دۇنيادا ئاللاھ ئۈچۈن دوستلاشقان پالانچىمۇ جەننەتتىمۇ؟› دېسە، ‹ياق، ئۇ دوزاختا› دېدى. ‹ئۇ دوزاختا بولسا مەن ئۇنى قۇياپ جەننەتكە كىرمەيمەن› دېدى. كېيىن ئاللاھ: ‹بەندەمنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىڭلار! دوزاختىكى دوستىنى چىقىرىپ بىرگە جەننەتكە كىرگۈزۈڭلار› دېدى» دېيىلگەن.

2. ھەزرىتى رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! مېنىڭ مېلىمدىن خاھلىغىنىڭىزنى سوراڭ. مەن سىزدىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن» دېگەن ھەدىس بىلەن يەنە ئاتىنىڭ بالىغا، بالىنىڭ ئاتىغا ئەسقاتمايدىغان دەھشەتلىك كۈندە ئاللاھ ئىجازەت بەرمىسە سەن خاھلىغان ئادەمگە شاپائەت قىلالمايسەن دېگەنگە ئوخشاش ئايەت، ھەدىسلەر باركەن.

يۇقىرىقى ئىككى مەزمۇندا دېيىلگەنلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ ئۈچۈن دوستلىشىش: دۇنياۋى مەنپەئەت كۆزلەنمىگەن، پەقەتلا ئىمان، ئېھسان ۋە ئىسلام خىزمىتى ئۈچۈن دوستلىشىشتۇر. ئىمانغا، ئىھسانغا ۋە ئىسلامغا زىيانلىق ئەھۋال بولسا ئايرىلىپ كېتىدىغان دوستلۇقتۇر. بۇ دوستلۇقنىڭ پايدىسى ھەدىستە دېيىلگىنىدەك، مەھشەرگاھتىكى قىيىن ئەھۋالدا ئاللاھنىڭ سايىسى بىلەن قىيىنچىلىقنىڭ يەڭگىللىشىدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق قىيامەت كۈنى ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك كىشىنى ئەرشى ئاستىدا سايىدىتىدۇ (ئۇلار): ئادىل پادىشاھ؛ ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن يىگىت؛ ئەس – يادى ھەمىشە مەسجىدكە باغلانغان كىشى؛ بىر – بىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ، بىر يەرگە كەلگەن ۋە ئايرىلىشقان ئىككى كىشى؛ ئېسىل ۋە گۈزەل بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ‹ئاللاھتىن قورقىمەن› دەپ ئۇنى رەت قىلغان كىشى؛ ئوڭ قولى بەرگەن سەدىقەنى سول قولى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە مەخپىي بەرگەن كىشى ۋە پىنھان جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش تۆككەن كىشى».‏(سەھىھەين)
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار پەيغەمبەرلەرمۇ ئەمەس، شېھىدلەرمۇ ئەمەس. لېكىن پەيغەمبەرلەرمۇ، شېھىدلەرمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاتا قىلغان مەرتىۋىنى ئارزۇ قىلىپ قېلىشىدۇ، ـ دېدى. ساھابىلار:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بەرسەڭ، ـ دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ ئۇلار ئارىلىرىدا تۇغقاندارچىلىق ياكى پۇل ـ مۇئامىلىسى بولمىسىمۇ، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى ئۈچۈن بىر ـ بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن كىشىلەر بولۇپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى نۇرانە بولىدۇ ھەم ئۆزلىرىمۇ نۇر (دىن ياسالغان مۇنبەرلەر) نىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ. خالايىق قورقۇنچتا قالغاندا، ئۇلار قورقمايدۇ. خالايىق غەم ـ قايغۇدا قالغاندا، ئۇلاردا غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ، ـ دېدى. ئاندىن: ﴿راستىنلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا قورقۇش، قايغۇرۇش يوقتۇر﴾(يۇنۇس، 62) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. (ئەبۇ داۋۇد: 3527)

ئاندىن سىز تىلغا ئالغان 1 – ھەدىسنى ئىمام بەغەۋىي 26/«شۇئەراﺋ»:102 – ئايەتنىڭ تەفسىرىدە رىۋايەت قىلغان بولۇپ، سەنەدى سەھىھ ئەمەس. ئۇ ئايەتتە بايان قىلىنغىنى مۇئمىنلەرنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان شاپائەتلىرىنى كۆرگەن كافىرلار قىيامەت كۈنى ﴿نېمىشقا بىزنىڭ شاپائەتچىلىرىمىز يوق، يېقىن دوستىمىزمۇ يوق، دېيىشىدۇ﴾(26/«شۇئەراﺋ»:102) دېگەن ئايەت تەفسىرىدە بايان قىلىنغان. دېمەك، بۇ ئايەتتىنمۇ ئاللاھ ئۈچۈن دوستلىشىشنىڭ قىيامەتتە پايدىسى بولىدىغانلىقى، دوستلارنىڭ بىر – بىرىگە شاپائەت قىلىدىغانلىقى چىقىدۇ.
سىز تىلغا ئالغان 2 – ھەدىس شۇ: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: «ئاللاھ تائالا: ﴿ئەڭ يېقىن خىش – ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن﴾(26/«شۇئەرائ‍»: 214) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ: ‹ئى قۇرەيش جامائىتى! — ياكى شۇنىڭغا يېقىن بىر سۆز — سىلەر (ئىسلامغا كىرىش ئارقىلىق) ئۆزۈڭلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇڭلار، مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە تېگىشلىك ئازابىنى ئازراقمۇ قايتۇرالمايمەن. ئى ئەبدۇ ماناف جەمەتى! سىلەردىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن، ئى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب! سەندىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن، ئى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممىسى سەفىييە! سىزدىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن، ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! مېنىڭ مېلىمدىن خاھلىغىنىڭىزنى سوراڭ. مەن سىزدىنمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايمەن› دېدى».(سەھىھەين)
مانا بۇ ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى، ھاممىسى ۋە قىزىدەك ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئەمەل قىلىپ قويالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، باشقا دوست ۋە يىراق كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق.
ئەلۋەتتە بۇ ئەمەل قىلىشقا تەرغىب قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتۇپ، ئاگاھلاندۇرۇپ دېيىلگەن سۆزلەر بولغاچقا، شۇڭقا بۇ ھەدىسمۇ شاپائەت قىلغان ئەھۋالدا ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالىدىغانلىقىغا زىت كەلمەيدۇ. دېمەك، ئاتىغا، بالىغا، تاغا ۋە ھاممىغا، يەنە دوستىغا شاپائەت قىلىشى ئاللاھ تائالا ئىجازەت بەرسە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغانلار قاتارىدىن دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بىردەك ماس كېلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

99 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر كانادالىق دوستۇم: «سىلەر قوي، كالا دېگەندەك ھايۋانلارنى ھالال، ھارام دەپ ئايرىشتا نېمىگە ئاساسەن ھايۋانلارنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرسە ھالال دەيسىلەر؟ بۇنىڭ رېئالىست بىر سەۋەبى بارمۇ؟» دەپ سورىدى.

قىسقىسى مەن بىرنەچچە قېتىم ئىنگلىزلارنىڭ چوڭ گۆش دۇكىنىدىن گۆش ئېلىپ بىللە كاۋاپ قىلىپ يېدىم. ئىنگلىز قاسساپ دۇكىنى شۇنداق پاكىز، گۆشلەرمۇ شۇنداق رەتلىك كېسىلىپ تۇرۇپتۇ.

ئامېرىكا ۋە كانادادا «كوستكو» دەپ داڭلىق چوڭ بىر دۇكان بار، گۆشلەر يېڭى زىللاندىيە تەرەپتىن جىقراق كېلەرمىش، خېلى كۆپ ئۇيغۇرلىرىمىز شۇ دۇكاندىن باھاسى ئەرزان توڭلىتىلغان شۇ گۆشنى ئېلىپ يەيدىكەن. «‹ھالال› دەپ يېزىلغانلىرىنى ئالىمىز» دەيدۇ ئەتراپىمدىكىلەر.

مەن گوللاندىيەدىكى ۋاقتىمدىمۇ «لىدىل ئالبېرت ھېين» دېگەندەك دۇكانلاردىن توخۇنى ئەكىرىپ يەپتىكەنمەن. ھەممەيلەن «ۋوي سەن ھارام يەپسە» دەپ سەكرەپ كەتمەي تۇرۇڭلار. بۇ ھەقتە چاقچاقنى ئاز قىلىپ، ئالدى بىلەن ھەقىقىي توغرا چۈشەنچە بېرەلەيدىغانلاردىن «دىنىي جەھەتتىن بىز مۇسۇلمانلار نېمىدەپ بوغۇزلاپ يېگەن گۆشنى ھالال دەيمىز؟» دەپ سورايلى.

«بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىشنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ، ھايۋاننى بوغۇزلىماي باشقا شەكىلدە ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىسلام دىنىدا چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چەكلەنگەن بولسا، ھايۋانغا ئىچ ئاغرىتىشتەك ئىنسانى ۋىجدانى تەرىپىدىنمۇ؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا «مەنلا ئەمەس ماۋۇ غەرب دۇنياسىدىكى كۆپ ئۇيغۇرلار قىزىقىدۇ» دەپ ئويلايمەن. خاتاسىز ئىنسان يوق، ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىز مۇسۇلمانلار — ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلار «بىرنەرسىنى نىجىس ياكى پاكىز، ھالال ياكى ھارام دەپ ئايرىش پەقەت ئاللاھنىڭ ھەققى» دەپ قارايمىز. ئېتىقادىمىزدا ئاللاھ تائالا بىزگە ئىسلامدىن ئىبارەت كاتتا نېئمەتنى ئاتا قىلدى. بىزگە پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇلۇغ كىتابى قۇرئاننى نازىل قىلدى. بىزگە نۇرغۇن قانۇن – ئەھكاملارنى بەلگىلەپ بەردى. جۈملىدىن پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىپ، ناپاكنى ھارام قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈندۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئاندا: ﴿بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى﴾(31/«لوقمان»: 20) دېگەن. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەردىن ھارام قىلىنغانلارنى ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن. ھارام قىلمىغانلىرى چەكلەنمىگەن ھالىتىدە مۇباھ قالغان. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا يەنە: ﴿زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟﴾(6/«ئەنئام»: 119) دېگەن.

دېمەك، ئاللاھ بىزگە يارىتىپ، بويسۇندۇرۇپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن ئاللاھ ھارام قىلغىنىلا ھارام. قالغىنى ھالال بولىدۇ. شۇڭا، بىرنەرسىنىڭ ھارام بولۇشى ئۈچۈن چوقۇم ھاراملىقىغا ئايەت ياكى ھەدىستىن دەلىلى بولۇشى كېرەك.

قارايدىغان بولساق، ئاللاھ قۇرئاندا بىرنەچچە ئايەتتە (2/بەقەرە: 173؛ 5/مائىدە:3؛ 6/ئەنئام: 145؛ 16/ نەھل: 115) قان، تاپ، چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىماي بوغۇزلانغان ھايۋان قاتارلىقلارنى ھارام قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

يۇقىرىقى ئايەتلەردە «قان» كەلىمەسى كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەممە ھايۋانلاردا بار ماددا. دېمەك قاننى ئېقىتىلغان سۇيۇق ھالەتتە ياكى ئۇيۇتۇلغان ھالەتتە ئىستېمال قىلىش ھارام.

ئەمدى قان گۆشلەردىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قات – قېتىغا كىرىپ كەتكەن، گۆشنىڭ تەركىۋى بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ گۆشتە ئىزچىل بار بولىدىغان ماددا. ئۇنى گۆشتىن پۈتۈنلەي ئايرىپ ئالغىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە گۆش يېگەن كىشى قاننىمۇ يېگەن بولىدۇ. شۇڭا، گۆشلەرنىڭ ھەممىسى، تاماققا ئارىلاشتۇرۇلغان زەھەرگە ئوخشاشلا، ھارام بولۇشى كېرەك ئىدى. زەھەر تاماقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتكەچكە، تاماق پۈتۈنلەي زەھەرلىك يەنى ھارام بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ تاماقنى ئىستېمال قىلغانلىق زەھەرنىڭ ئۆزىنى ئىستېمال قىلغانلىق بولىدۇ. يەنى ئايەتلەردىكى قاننى ھارام قىلىش گۆشنى ھارام قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. نەتىجىدە جىمى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىش ھارام بولۇپ كېتىدۇ.

ئاندىن ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى ئىنسانلار ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېكمەتلەر بىلەن جىمى گۆشلەردىن مۇستەسنا قىلىپ بەزىلىرىنىلا ھالال قىلىپ بەرگەن.

ئاللاھ قۇرئاندا دېگەنكى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە (بۇ سۈرىدە تۆۋەندە) ئوقۇپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا، ھايۋانلار، (يەنى تۆگە، كالا، قويلار) نىڭ ھەممىسىنى (زەبھى قىلىنغاندىن كېيىن يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئىھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھالال – ھارام توغرۇلۇق) خاھلىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ﴾(5/«مائىدە»:3).

دېمەك، جىمى گۆشلەر ھارام، ئۇلاردىن پەقەتلا ئاللاھ ئايەتلەردە ھالال قىلغىنى ھالال.

تۆگە، كالا، قوي – ئۆچكىلەر، شۇنداقلا دېڭىز ھايۋانلىرى ھالال. (دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ بېلىقتىن باشقىسىنىڭ ھالاللىقىدا قاراشلار پەرقلىق) بېلىقنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىرىمۇ ھالال.

ئۇندىن باشقا ھايۋانلارنىڭ گۆشىنىڭ ھۆكمى ھارام ھالىتىدە قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھارام قىلىنىشى يا نىجىس نەرسىلەرنى يەيدىغانلىقى، يا كېسەللىك تارقىتىشى، يا باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بولۇشى مۇمكىن.

ھەتتا قوي، كالا ۋە توخۇلارمۇ نىجىس يەم بىلەن بېقىلسا، مەلۇم مۇددەت پاك يەم بىلەن بېقىلغاندىن كېيىن ئاندىن بوغۇزلىنىدۇ.

چوشقا گۆشىنىڭ ئۆزى يەنى قان ئارىلاشمىدى دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ نىجىس. شۇڭا، ئۇنى پاكلىغىلى بولمايدۇ.

ئادەتتە گۆشخور ھايۋانلارنى، گۆشخور ئۇچار قۇشلارنى ھارام دېيىشكە بولىدۇ. ئۆسۈملۈك يەيدىغانلىرى كۆپىنچە ھالال، مىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ئاتالغان ئېشەك ۋە قېچىرلاردەكلىرى مەلۇم سەۋەبتىن ھارام. ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ھارام.

بۇلاردىن ھالال بولغانلىرىنىڭ گۆشلىرىنىڭ ھالال بولۇشىنىڭ يەنە بىر شەرتى ئايەتلەردە بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئېيتىپ بوغۇزلاشتۇر.

سىز تىلغا ئالغان ئىنگلىزلارنىڭ دۇكىنىدىكى «پاكىز» گۆشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارا – ئارىسىدا ئاشۇ نىجىس قان بار. چۈنكى، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلمىغانىكەن، ئۇ بەرىبىر ھالال قىلىنمىغان گۆش ۋە ئارىلىرىدا شۇ ھالال قىلىنمىغان قان بار.

شۇنداقلا ھالاللىق بەلگىسى بار «ھالال» گۆشلەرمۇ بوغۇزلاشتا ئاللاھنىڭ نامىنى ئېيتىپ بوغۇزلانسىمۇ، ئەسلىدە ئېقىتىلىپ چىقىرىۋېتىلىدىغان قانلار توكتا سوقۇپ ياكى باشقا ئۇسۇلدا ھايۋاننى بىھوش قىلغانلىقتىن ئېقىپ چىقىپ كەتمەي، گۆش ئارىسىدا قالغان قان تۈپەيلى نىجىس بولۇپ كېتىشى ۋە ھارام بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ تېخى توكتا سوققاندا ياكى بىھوش قىلىنغاندا ئۆلمەي قالغان تەقدىردە شۇنداق. بولمىسا، ئۆلگەن ھايۋاننى «بىسمىللاھ» دەپ بوغۇزلىسىمۇ بەرىبىر ھارام. شۇڭلاشقا «ھالال» بەلگىسىنى ئاسقان تەقدىردىمۇ توخۇلار ئاساسەن بوغۇزلاشتىن ئاۋۋال توكلانغان سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقتىن ھارام بولۇپ كېتىدۇ.

بوغۇزلاشتىن باشقا ئۇسۇلدا، مەسىلەن بوغۇپ، سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ، توكتا سوقۇپ دېگەندەك… ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭمۇ ئىناۋەتسىز بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى يەنىلا شۇ قان مەسىلىسى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىدۇر. چۈنكى، ئۇ ئۇسۇللاردا قان تولۇق چىقمايدۇ. يەنە بىر سەۋەبى ھايۋاننى قىيناش.

مەلۇمكى، ئەڭ ئاز قىينايدىغان ئۇسۇل بولسا بوغۇزلاشتۇر. چۈنكى، بۇنىڭدا مېڭىگە بارىدىغان قاننى توختىتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە ھايۋان ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ، پەقەت پىچاق سۈرگەندىلا ئازراق ئاغرىيدۇ. ئەمما، كافىرلارنىڭ جىمى ئۇسۇللىرى بوغۇزلاشتىن بەكرەك قىينايدۇ. ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

بۇ ھەقتە ساجىيە توربېتىدىكى مۇنۇ ماقالە ۋە پەتۋالارنىپەتۋالارنى ئوقۇپ باققايسىز:

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى (7 قىسىم):

https://sajiya.biz/?s=%D8%B4%DB%95%D8%B1%D9%89%D8%A6%DB%95%D8%AA%D8%AA%DB%95+%D9%82%DB%87%D8%B1%D8%A8%D8%A7%D9%86%D9%84%D9%89%D9%82+%D8%A6%DB%95%DA%BE%D9%83%D8%A7%D9%85%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89&uls=uu

كورىيەدىكى «ھالال» بەلگىلىك گۆشلەرنى ئىستېمال قىلساق بولامدۇ؟

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى گۆشلەرنىڭ ھۆكمى

دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى توخۇ گۆشى توغرىسىدا

ئات گۆشى توغرىسىدا

100- سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللار كىرپىكىنى ئەگدۈرسە بولامدۇ؟ ئەگەر بولىدىغان بولسا كىرپىك ئەگدۈرگەن ھالەتتە سىرتقا چىقسا، نامەھرەملەرگە كۆرۈنسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. كىرپىكنى ئەگدۈرۈش ياكى سىقىش ياكى ئېشىپ تولغاش دېگەندەك ئۇسۇللار شۇنداقلا بوياش ئەگەر سۇنى كىرپىككە تېگىشتىن توسۇپ قالىدىغان بوياق ياكى بىرەر ماددا ئىشلىتىلمىسە، جائىزدۇر. چۈنكى، بۇ تەبىئىي ياسىنىشتىن ئىبارەت. ئەمما، كىرپىك ئەگدۈرگەن ھالەتتە سىرتقا چىقسا، نامەھرەملەرگە كۆرۈنسە جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا 24/«نۇر»: 31 – ئايەتتە ئاياللارنى زىننەتلىرىنى نامەھرەملەرگە كۆرسەتمەسلىككە بۇيرۇغان.

سۇنى كىرپىككە تېگىشتىن توسۇپ قالىدىغان بوياق ياكى بىرەر ماددا ئىشلىتىلسە، بۇ تاھارەت ۋە نامازنىڭ توغرا بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. سۈنئىي ياكى ساختا كىرپىك تاقاشمۇ زىيانلىق بولغانلىقتىن ھەم چاچ ئۇلاشقا ئوخشاپ قالغانلىقتىن چەكلىنىدۇ. لاش لىفتىڭ (Lash lifting) تېخنىكىسىدا قاپاق ئۈستىگە سىلىكون قويۇپ كىرپىكنى كۆتۈرۈش ۋە كىرپىك رەڭگىنى قېنىقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بوياشمۇ تاھارەت ۋە نامازغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە نامەھرەمگە كۆرۈنۈش چەكلىنىدىغان ياسىنىشتۇر. بۇنىڭدىكى خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ كۆزگە زىيىنى بولمىغان تەقدىردە بۇنى پەقەتلا ناماز ئوقۇمايدىغان ۋە نامەھرەملەرگە كۆرۈنمەيدىغان چاغلاردىلا قىلسا مەيلى. لېكىن، ئادەتتە ئاياللار بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدا كىرپىككە بىر مۇددەت سۇ تەگكۈزمەسلىك كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

101 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پېشىن، دىگەر ياكى خۇپتەنگە ئوخشاش تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلغاندا ئىككى رەكئەت ئوقۇيمىز. بۇ نامازلارنى قەسىر ھالىتىدە قازا قىلغان كىشى قازاسىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەم سەھىھەيندە: «كىمكى بىر نامازنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، يادىغا كەلگەن ھامان ئۇنى ئوقۇۋالسۇن! ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا كەففارەت يوق. (چۈنكى، ئاللاھ تائالا دەيدۇكى): ﴿مېنى ئەسلەش ئۈچۈﻥ ناماﺯ ئوقۇغىن﴾(20/«تاھا»: 14)» دېگەن. بۇ ھەدىس ئۆتۈپ كەتكەن ھالىتى ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەنەفىي مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مەيلى سەپەردە بولسۇن ياكى يۇرتىدا تۇرۇۋاتقاندا بولسۇن تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئوقۇيالماي ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قانداق ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسا شۇ بويىچە قىلىدۇ. يەنى قازا ئادا ھالىتى بويىچە قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سەپەردە ئۆتۈپ كەتكەن تۆت رەكئەتلىك نامازنى مۇقىملاشقاندىن كېيىن (ياكى باشقا سەپەردە) ئوقۇماقچى بولسا سەپەردىكى ھالىتى بويىچە قەسىر قېلىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. مۇقىم ھالەتتە ئۆتۈپ كېتىپ كېيىن سەپەر ئۈستىدە (ياكى مۇقىم تۇرغاندا) ئوقۇماقچى بولسا مۇقىم تۇرۇۋاتقان ھالەتتىكى بويىچە تۆت رەكئەتلىكنى تۆت، ئۈچ رەكئەتلىكنى ئۈچ، ئىككى رەكئەتلىكنى ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

101 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! پېشىن، دىگەر ياكى خۇپتەنگە ئوخشاش تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلغاندا ئىككى رەكئەت ئوقۇيمىز. بۇ نامازلارنى قەسىر ھالىتىدە قازا قىلغان كىشى قازاسىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەم سەھىھەيندە: «كىمكى بىر نامازنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، يادىغا كەلگەن ھامان ئۇنى ئوقۇۋالسۇن! ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا كەففارەت يوق. (چۈنكى، ئاللاھ تائالا دەيدۇكى): ﴿مېنى ئەسلەش ئۈچۈﻥ ناماﺯ ئوقۇغىن﴾(20/«تاھا»: 14)» دېگەن. بۇ ھەدىس ئۆتۈپ كەتكەن ھالىتى ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەنەفىي مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە مەيلى سەپەردە بولسۇن ياكى يۇرتىدا تۇرۇۋاتقاندا بولسۇن تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئوقۇيالماي ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قانداق ھالەتتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسا شۇ بويىچە قىلىدۇ. يەنى قازا ئادا ھالىتى بويىچە قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سەپەردە ئۆتۈپ كەتكەن تۆت رەكئەتلىك نامازنى مۇقىملاشقاندىن كېيىن (ياكى باشقا سەپەردە) ئوقۇماقچى بولسا سەپەردىكى ھالىتى بويىچە قەسىر قېلىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. مۇقىم ھالەتتە ئۆتۈپ كېتىپ كېيىن سەپەر ئۈستىدە (ياكى مۇقىم تۇرغاندا) ئوقۇماقچى بولسا مۇقىم تۇرۇۋاتقان ھالەتتىكى بويىچە تۆت رەكئەتلىكنى تۆت، ئۈچ رەكئەتلىكنى ئۈچ، ئىككى رەكئەتلىكنى ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

102 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىددەت ئىچىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكىلىشكە، دەرسكە ۋە بازارغا بېرىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۈچ ھەيز كۆرۈپ ساقايغۇچە ياكى ھامىلدار بولسا تۇغۇپ قوپقۇچە داۋاملىشىدىغان تالاق ئىددىتىدە مەيلى ئۇ بىرىنچى ياكى ئىككىنچى قېتىملىق يېنىۋالالايدىغان (رەجئىي) تالاق بولسۇن ياكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدىغان (بائىن) تالاق بولسۇن، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئۆيدىن ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز سىرتقا چىقمايدۇ. چىقىپ ئۆزى قىلمىسا زادى بولمايدىغان خىزمەت، رەسمىيەت، دەرس، داۋالىنىش، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىقلارغا چىقىدۇ. مۇمكىنقەدەر كۈندۈزى چىقىپ، ئاخشاملىرى چىقمايدۇ. قونۇشتا چوقۇم شۇ ئۆيدە قونىدۇ. بۇ ئىددەتتە ئۆي ئىچىدە زىبۇزىننەت، ياسىنىش ۋە خۇشپۇراق ئىشلىتىشلەر چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىددەتتە ھازا تۇتۇش يوق.

تۆرت ئاي ئون كۈن ياكى ھامىلدار بولسا تۇغۇپ قوپقۇچە داۋاملىشىدىغان ۋاپات ئىددىتىدىمۇ ئوخشاشلا زۆرۈر بولمىغان تەقدىردە ئېرى ۋاپات بولغان ئۆيدىن سىرتقا چىقمايدۇ. لېكىن بۇ ئىددەتتە ئۆي ئىچىدىمۇ زىبۇزىننەت، ياسىنىش ۋە خۇشپۇراق ئىشلىتىشلەر چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىددەتتە ھازا تۇتۇش ۋاجىب.

ھەر ئىككى ئىددەتتە تۇرۇۋاتقان جايدا خەپسىزلىكتىن ياكى رەسمىيەت بولمىغانلىقتىن تۇرالمايدىغاندەك قاتتىق زۆرۈرىيەت كۆرۈلمىگەن تەقدىردە قىسقا ياكى ئۇزۇن سەپەر قىلىشقا بولمايدۇ. ساياھەت، تىجارەت، تۇغقان يوقلاش، ئۆمرە ۋە ھەتتا پەرز ھەجگىمۇ سەپەر قىلماي تۇرىدۇ.

بائىن ياكى خۇلئى تالاق قىلىنغان ئەھۋالدا ئەر يات ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ئايال ئۇ ئەر بىلەن بىر ئۆيدە خالىي تۇرسا بولمايدۇ. پەقەتلا مەھرەم كىشى بىللە تۇرسا ئاندىن ئېرى بار ئۆيدە تۇرسا بولىدۇ.

يەنە ئىددەت مەزگىلىدە باشقىلار بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

103 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر چەتئەل ۋەتەنداشلىقى ئىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئوغلۇم ۋە قىزىم بۇ يات تۇپراقتا تۇغۇلدى. بىز ۋەتەنداشلىق ئالغاندىن كېيىن شەرقى تۈركىستان ۋە ئىككىنچى ۋەتەن ئالدىدىكى ھوقوق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىز نېمىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ؟ بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. دىنىمىزدا ۋەتەنداشلىقنى شۇ دەرىجىدە ئەتىۋالايدۇكى، بىر ئىنساننى ۋەتىنىدىن چىقىرىۋېتىش، ئۇنى ئۆلتۈرگەنگە باراۋەر سانىلىدۇ. ۋەتەنداشلىق ياكى گراژدانلىق شەخس بىلەن بىرەر دۆلەت ئوتتۇرىدىكى مەنسۇبىيەت بولۇپ، شۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ قانۇنىنى، مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇقلارنى بېكىتكەن بولىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن خىتتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە زۇلۇملىرى سەۋەبلىك ئايرىلىپ ياكى قايتالماي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ، تۈرلۈك دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئالدى ۋە ئالماقتا. دېمەك، بۇ سەرسانچىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. شۇڭلاشقا باشقا بىر دۆلەتنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى ئالغان تەقدىردىمۇ ئانا ۋەتەنگە بولغان مەنسۇبىيەتنى ھەرۋاقىت ھېس قىلغان ئاساستا، ئانا ۋەتەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىش، ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرى قولىدىن تارتىۋېلىنغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئەۋلادلىرىغىمۇ بۇنى ئېنىق سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىككىنچى ۋەتەننىڭ تۈزۈملىرىگە ئىسلام ئەقىدىسى ۋە تەۋەللا – تەبەررا پرىنسىپلىرى ئاساسىدا رىئايە قىلىش، ئۇ يۇرتقا تاقىتى يەتكەنچە پايدىلىق ئىش قىلىش، زىيان ئۇرماسلىقتەك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك. قايسىبىر يۇرتتا ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە دىيانەت ۋە خاتىرجەملىك جەھەتتىن خەۋپ يېتىدىغان بولسا، خەۋپسىز جايغا ھىجرەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

104 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «قىيامەت يېقىنلاشقاندا قۇرئان ئايەتلىرى مۇسھەفلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ» دېگەن قانداق گەپ؟ قۇرئان ۋاراقلىرىدا ئايەتلەر يوقاپ كېتەمدۇ ياكى مۇسۇلمانلار ئازلاپ، كافىرلار كۈچىيىپ، قۇرئاننى تاپقىلى بولمايدۇ دېگەن گەپمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. قىيامەت يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى ئالامەتلەرنىڭ بىرى شۇكى، پىتنە – پاسات، گۇناھ – مەئسىيەت ۋە نادانلىق سەۋەبىدىن ئىسلامنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ، ئىسلام كۆرسەتمىلىرى ۋە تەلىماتلىرى يوقاپ كېتىپ، كىشىلەردە نە روزا، نە نامازدىن ئەسەر قالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن قۇرئان كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، يەر يۈزىدە ئۇنىڭدىن بىرمۇ ئايەت قالمايدۇ. كىشىلەر ئارىسىغا نادانلىق شۇ قەدەر تارقىلىپ كېتىدۇكى، ھەتتا قېرى كىشىلەر ۋە مومايلارمۇ: بىز ئاتا – بوۋىلىرىمىزنى مۇشۇ «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ» دېگەن كەلىمە ئۈستىدە تاپقان، بىزمۇ شۇنى دەۋاتىمىز، دەيدۇ.

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىيىمنىڭ كەشتىسى ئۆچكەندەك ئىسلامنىڭمۇ ئىزى ئۆچىدۇ، ھەتتا روزا، ناماز، قۇربانلىق، زاكاتنىڭ نېمىلىكى بىلىنمەي قالىدۇ. بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا ئاللاھنىڭ كىتابى يوقىلىپ، يەر يۈزىدە ئۇنىڭدىن بىرمۇ ئايەت قالمايدۇ. ئىنسانلاردىن بىر بۆلۈك قېرى كىشىلەر ۋە مومايلار: بىز ئاتا بوۋىلىرىمىزنى مۇشۇ ›لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ‹ دېگەن كەلىمە ئۈستىدە تاپقان، بىزمۇ شۇنى دەۋاتىمىز، دېگەن ھالەتتە قالىدۇ».

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى بايان قىلغان چاغدا ئەتراپتىكى كىشىلەر ھەيران قېلىشتى. (ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان) راۋى سىلە ئىبنى زۇفەر (ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن):

— ئى ھۇزەيفە! ناماز، روزا، قۇربانلىق، زاكاتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىگە بۇ كەلىمىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ — دەپ سورىغانىدى، ھۇزەيفە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇۋالدى. سىلە بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىدى. ھەر قېتىمدا ھۇزەيفە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىۋالدى. ئۈچىنچى قېتىمدا ھۇزەيفە ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ:

— ئۇ چاغدا بۇ كەلىمە ئۇلارنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدۇ، — دېدى(ئىبنى ماجە، 4049).

ئاللاھقا شۈكرى! بۇ ئالامەتلەر تېخى كۆرۈلمىدى. چۈنكى ئىسلام دىنى ھېلىھەم كېڭىيۋاتىدۇ ۋە تارقىلىۋاتىدۇ.(دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىينىڭ «دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا… قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى).

105 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سول قولدا زىكرى ئوقۇش خاتامۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سول قولدا زىكىر – تەسبىھ ئېيتىشنى چەكلىگەن ياكى ئوڭ قولدىلا قىلىسەن دېگەن ئەھۋال يوق. قول ۋە بارماقلار ساناشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى ئوڭ ۋە سول ھەر ئىككى قولدا ياكى قايسىبىرىدە سانىسا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوڭ قولى باشقا بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ياكى تالغان ياكى ئاغرىپ قالغاندا سول قولىدا سانىشى تەبىئىي. بۇنىڭدا ئازادىچىلىك بار. بۇ سەۋەبتىن سول قولدا زىكىر – تەسبىھ ساناشنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. پەقەتلا كۆپىنچە ئىشلاردا ئوڭدىن باشلاش سۈننەت بولغاچقا، ئوڭ قول بىلەن باشلاش مۇستەھەب، سول قولدا زىكىر – تەسبىھ ئېيتىش جائىز دېيىشكە بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زىكىر – تەسبىھنى ئوڭ قولدا قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىس سەھىھ كەلمىگەن. ئۇ ھەدىس بويىچە ئېيتقاندىمۇ ئوڭ قولدا ساناشنىڭ ئەۋزەللىكنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز رۇكۇ – سەجدىگە بارغاندا، ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندا، دۇئا قىلغاندا ۋە ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ بەدەننى سىلىغاندەك ئىبادەتلەردە ھەر ئىككى قولنى ئىشلىتىمىز.

بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ فاتىھەنى سول قولىنى تۈگۈپ تۇرۇپ ئىككى ئالقىنىنى جەملەپ يەتتە دەپ سانىغانلىقى، ئىبنى سىرىن، ئۇرۋە ئىبنى ئەززۇبەير ۋە تاۋۇس قاتارلىق تابىئىنلەرنىڭ نامازدا ئايەتنى سول قولىداسانىغانلىقى ۋە بۇنى جائىز دەپ قارايدىغانلىقى مۇ رىۋايەت قىلىنغان (ئەبۇ ئەمر ئەددانىي: «ئەلبەيان فى ئەددى ئايىل قۇرئان» 66 – بەت.) قۇرئان بولسا زىكىرنىڭ ئەۋزىلىدۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە ئاياللارنى تەسبىھ، تەھلىلنى بارمىقىدا ساناپ ئېيتىشقا بۇيرۇغان ۋە بارماقلار بۇنىڭدىن سورىلىدىغانلىقىنى ۋە گۇۋاھلىق بېرىشكە سۆزلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (تىرمىزىي: 3583) بۇ ھەدىستە ئوڭ قولنىڭ بارمىقى بىلەنلا زىكىر -تەسبىھ ئېيتىشنى تەكىتلىمىگەن. بارماق پەقەت ساناش ۋاسىتىسى بولۇپ، مۇھىمى ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرۇشتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

106 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان (الرَّؤُوفُ الرَّحِيمُ) ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ئىشلەتكىنىمىزدە، ئەرەبچىسىدە ئەلىف – لامنى قوشساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بولىدۇ. چاتاق يوق. چۈنكى، خالىققىمۇ، مەخلۇققىمۇ ئورتاق ئىشلىتىش جائىز بولىدىغان بۇ تۈرلۈك ئىسىم – سۈپەتلەر بەندىگە ئىشلىتىلگەندە، بەندىگە لايىق مەنادا بولىدۇ. ئاللاھقا ئىشلىتىلگەن مەنادا بولمايدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەردە شۇنداق قوشۇش بار. مەسىلەن. تاھا سۈرىسى 68 – ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئەلىف لام بىلەن «ئەلئەئلا» دەپ سۈپەتلىگەن. ئەئلا سۈرىسى 1 – ئايەتتىمۇ ئاللاھ ئۆزىنى «ئەلئەئلا» دەپ سۈپەتلىگەن. يۈسۈف سۈرىسى 88 – ئايەتتە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام «ئەلئەزىز» دېيىلگەن. بۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىش پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىنىڭ سۆزى. سەھىھەيندىكى ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ «ئەلمۇئمىن» ئىسىم – سۈپىتى بەندىگە قوللىنىلغان. «مَثَلُ الْمُؤْمِنِ كَمَثَلِ شَجَرَةٍ خَضْرَاءَ لاَ يَسْقُطُ وَرَقُهَا»؛ «مَثَلُ الْمُؤْمِنِ الَّذِي يَقْرَأُ الْقُرْآنَ كَمَثَلِ الأُتْرُجَّةِ»؛ «مَثَلُ الْمُؤْمِنِ كَالْخَامَةِ مِنَ الزَّرْعِ»؛ «مَثَلُ الْمُؤْمِنِينَ فِى تَوَادِّهِمْ وَتَرَاحُمِهِمْ وَتَعَاطُفِهِمْ مَثَلُ الْجَسَدِ». يەنە سەھىھەيندىكى بىر ھەدىستە «ئەلۋەدۇد ئەلىف – لام بىلەن «تَزَوَّجُوا الْوَدُودَ الْوَلُودَ فَإِنِّى مُكَاثِرٌ بِكُمُ الأُمَمَ» دەپ كەلگەن. يەنە سەھىھەيندىكى بىر ھەدىستە بەندىگە ئەلىف لامنى قوللىنىپ: «وَإِنَّمَا يَرْحَمُ اللهُ مِنْ عِبَادِهِ الرُّحَمَاءَ». دېگەن. «ئەررۇھەماﺋ» «ئەررەھىيم»نىڭ كۆپلۈكىدۇر. بۇنىڭ مىساللىرى ساناقسىز. لوقمان ھەكىمنىمۇ پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتى ئەرەبچىسىدە «ئەلھەكىم» دەپ ئاتاپ كېلىگلىك. بەزى ئالىملار «ئەلىف – لامنى قوشۇپ ئاتاشقا بولمايدۇ» دەپ قارىغان بولسىمۇ يۇقىرىقى دەلىللەر بۇ ھەقتە كافىيدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

107 – سوئال: سالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن قەلىبلەرنىڭ تەسكىن تاپىدىغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن. پىسخىكا دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، لىرىك مۇزىكىلارنىڭ، گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ كىشىنىڭ نېرۋىسىنى ئارام ئالدۇرىدىغانلىقىنى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىپتۇ. مەزمۇنى ساغلام نەشىد ۋە زىنا – پاھىشىگە، زوراۋانلىق ياكى چۈشكۈنلۈك… تەك يامانلىققا تەرغىپ قىلمايدىغان مۇزىكىلارنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالىملىرىمىزمۇ خېلى بار. ئۇنداقتا، يۇقىرىقىلارنى باھانە قىلىپ، قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇنىڭغا رېتىم، قاپىيە ۋە مۇزىكا كەلتۈرۈپ ناخشا قىلىپ ئوقۇشنىڭ ۋە ئۇنداق «پالانى سۈرە ناخشىسى» دەيدىغان ناخشىلارنى ئاڭلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بارلىق ئالىملار «قۇرئان»نى قوغداش ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ ۋاجىبلىقىدا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان ئايەتلىرىنى مەيلى قانداق نىيەت ۋە مەقسەتتە بولسۇن ۋە قانداق شەكىل ۋە تەرىقىدە بولسۇن توغرا تىلاۋەت شەكلىدىن چىقىرىپ ناخشا قىلىپ ئوقۇشقا، ناخشىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇشقا، ناخشا ئاھاڭلىرىدا ئوقۇشقا، «پالانى سۈرە ناخشىسى» دېيىشكە، مۇزىكىغا ئۇسۇلغا قېتىپ ئوقۇشقا ۋە ئويناشقا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغۇچى ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان بولسىمۇ گۇناھكار بولىدۇ.

مۇبادا يۇقىرىقىدەك قىلمىشلاردىن بىرەرسىنى قۇرئاننى ياكى ئۇنىڭدىن بىرەر ئايەتنى ھەتتا بىرەر كەلىمەنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئۆزگەرتىش، مەسخىرە قىلىش، ئويۇنغا ئايلاندۇرۇش، ھۆرمىتىنى چۈشۈرۈش ۋەياكى ئۇنىڭغا تېنىش مەقسىتىدە سادىر قىلسا ۋەياكى ئۇنى ھالال سانىسا ئېنىق كافىر بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك قاراشتا.

ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقانمىدىڭلار؟» دېگىن. سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، كافىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز﴾(9/«تەۋبە»: 65، 66).

﴿بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ئىمان ئېيتقۇچىلارغا) خوش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى( ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. كافىرلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن) ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە (يەنى ئويۇنچۇق) قىلىۋالدى﴾(18/«كەھف»: 56).

دېمەك، ئۇنداق قىلمىشلار كۇفۇر ۋە نىپاقتۇر. شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنىڭ كالامى بولمىش قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلىشى، ئۇنى مەسخىرە قىلغان، ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋالغانلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە توسۇشى، ئۇنداق مەسخىرىلەرنى تىڭشىماسلىقى ۋە كۆرمەسلىكى، ئۇنداقلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇيغۇلىرىغا ئازار بەرگىلى قويماسلىقى ۋە جەمئىيەتتە تۈرلۈك فىتنە ۋە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىشىنى ئەيىبلىشى كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

108 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، ئوبدان تۇردىلىمۇ؟ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت، ئۆمۈرلىرىنى بەرىكەتلىك قىلغاي. «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ 2699 – ھەدىسىدە: «فَأَخَذَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ الْكِتَابَ، فَكَتَبَ هَذَا مَا قَاضَى عَلَيْهِ مُحَمَّدُ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ…» يەنى «شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سۈلھنامىنى قولىغا ئېلىپ، بۇ ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنىڭ تۈزگەن كېلىشىمىدۇركى… دەپ يېزىپ سۈلھ تۈزدى» دەپ كەپتۇ. بىز پەيغەمبىرىمىزنى ساۋاتسىز پەيغەمبەر دەپ بىلەتتۇق، ئۇنداقتا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خەت يېزىشنى ئۆگەنمەي ساۋاتسىز كەتكەنمۇ ياكى بۇ ھەدىستە كەلگىنىدەك خەت يېزىشنى ئۆگەنگەنمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، تىنچلىق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايەت ۋە ھەدىسلەردە «ساۋاتسىز، يەنى خەت يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىلمەيدىغان» دەپ سۈپەتلەنگەن تۇرۇقلۇق، بۇ ھەدىستە «يازدى» دەپ كەلگەن، بۇ ھەدىستىكى «يازدى» دېگەن سۆز سىياقىدىن قارىغاندا، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز قولى بىلەن يازدى» دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇرۇن ساۋاتسىز ئىدى، خەت يېزىشنى بىلمەيتتى، ساۋاتسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم ئاللاھنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن بىر مۆجىزە قاتارىدا ئۆز قولى بىلەن خەت يازغان» دەپ قارىغان. يەنە بەزى ئالىملار بۇ ھەدىستىكى «يازدى» دېگەن سۆز مەجاز بولۇپ، ئۇنىڭدىن «ئەلىگە يازدۇردى دېگەن مەنە چىقىدۇ» دەپ چۈشەنگەن. يەنە بەزىلەر: «ساۋاتسىز كىشىلەرمۇ ئىسمىنىلا يېزىشنى بىلگەندەك، رەسۇلۇللاھمۇ ئىسمىنىلا يېزىپ قويغان، قالغىنىنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يازغان» دەپ چۈشەنگەن. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 7/503؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 13/277.

109 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەپەردىن قايتقاندا مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇغانلىقىغا ئائىت ھەدىسنى كۆردۇم. بەزى قېرىنداشلىرىمىز ھەرقېتىم سەپەردىن بۇرۇنمۇ ئىككى رەكئەت سەپەر نامىزى ئوقۇيدۇ، بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ بۇنى قىلسا ياخشىمۇ ياكى بىدئەت قاتارىغا كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، تىنچلىق. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردىن قايتقاندا مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەچكە، ئالىملار ئۇنى سۈننەت ۋە مۇستەھەب دەپ قارىغان. لېكىن سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە ئىككى ياكى تۆت رەكئەت ئوقۇشنىڭ سۈننەت ياكى مۇستەھەبلىكىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى پەرقلىق. چۈنكى، «ئۆيۈڭدىن چىققىنىڭدا ئىككى رەكئەت ئوقۇغىنكى، سېنى سىرتتىكى يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ، ئۆيۈڭگە كىرگىنىڭدە ئىككى رەكئەت ئوقۇغىنكى، سېنى ئىچىدىكى يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ»(بەززار 8567)؛ «بەندە سەپەرگە چىقماقچى بولغىنىدا بالىچاقىلىرىغا ئۇلارنىڭ يېنىدا ئوقۇغان ئىككى رەكئەت نامازدىنمۇ ئەۋزەل بىرنەرسە قويۇپ كەتمەيدۇ»(ئىبنى ئەبى شەيبە 4914) دېگەندەك بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەرنى بىر قىسىم مۇھەددىسلەر «ھەسەن» دەپ قاراپ، بۇ نامازنى مۇستەھەب دېگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسمى «زەئىف» دەپ قاراپ، ئۇ نامازنى مۇستەھەب ئەمەس دەپ قارىغان. يەنە ھەزرىتى ئەلى، ئىبنى ئۆمەر، مۇتئىم ئىبنى مىقدام ۋە ھارىس ئىبنى ئەبى رەبىئە قاتارلىق سەلەفلەردىن بۇ نامازنى ئوقۇغانلىقنى ياكى ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقنى رىۋايەت قىلىنغان. (ئىبنى ئەبى شەيبە 4914 – 4917). يەنە تۆت مەزھەبتىن خېلى كۆپ ئۆلىمالار بۇ نامازنى يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن مۇستەھەب دەپ قارىغان. شۇڭلاشقا، بۇ نامازنى بىدئەت دېيىشكە بولمىغىنىدەك، مۇستەھەب دەپ قانائەت ھاسىل قىلغانلارنى ئەيىبلىسە بولمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

110 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز؟ ئوبدان تۇردىلىمۇ؟ مىراس تەقسىماتىدىن بۇرۇن قەرزنى ئادا قىلىش ۋەسىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، دەپ بىلەتتىم. قارىسام، نىسا سۈرىسىنىڭ 12-ئايىتىدە ۋەسىيەتنى قەرزدىن بۇرۇن تىلغا ئاپتۇ، بۇنى تەئۋىل قىلامدۇق؟ ياكى بۇنداق تەرتىپنى ئالماشتۇرۇشنىڭ بىرەر سەۋەبى بارمۇ؟  چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. مىراس تەقسىماتى قىلىشتىن بۇرۇن قەرزنى ئادا قىلىش ۋەسىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان تۇرۇقلۇق، ئايەت ۋەسىيەتنى قەرزدىن بۇرۇن تىلغا ئالدى. لېكىن، بۇ جايدا تەئۋىل كەلىمەسىنى ئىشلىتىش مۇناسىپ ئەمەس، چۈنكى بۇ ئايەتتىكى كۆزدە تۇتۇلغان مەزمۇن تەئۋىل قىلىش كەتمەيدىغان زاھىر مەزمۇندۇر. بولۇپمۇ ئايەتتە تەرتىپنى بىلدۈرىدىغان ئەھۋال يوق، پەقەتلا مىراس تەقسىماتى قەرز بىلەن ۋەسىيەتنى ئادا قىلغاندىن كېيىن بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداقتىمۇ ئايەتتە نېمە ئۈچۈن ۋەسىيەت قەرزدىن ئاۋۋال تىلغا ئېلىنغان؟ دەپ سوئال قويۇلسا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئالىملار: «ۋەسىيەت ئىختىيارىي خەير – ئىھسان، قەرز بولسا مەجبۇر تۆلىنىدىغان ھەق بولۇپ، ئادەتتە ۋەسىيەتكە سەل قارىلىدىغان بولغاچقا ھەم ۋەسىيەت كۆپىنچە پېقىر – مىسكىنگە قىلىنىدىغان بولغاچقا، تەرغىب قىلىش ۋە ئەھمىيىتىنى ئەسلىتىش جەھەتتىن، ئالدىن تىلغا ئېلىنغان» دېگەندەك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ باققان. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 14/42.

111 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز؟ مەن ياۋروپادا ئىشلەيمەن، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمان ئەمەس بىر خىزمەتدېشىمنىڭ ئۆلۈم – يېتىم، دەپنە مۇراسىمىغا مەنمۇ بېرىپ قاتناشسام توغرا بۇلامدۇ؟ باشقا دىندىكىلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ ئەگەر قاتناشمساق، قانداق ھەل قىلساق ياخشى؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سەن ئۇلاردىن ئۆلگەن ھېچبىرسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن﴾(9/«تەۋبە»: 84)، ﴿پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىشى دۇرۇس ئەمەس﴾(9/«تەۋبە»: 113) دېگەن ئايەتلىرىگە ئاساسەن ئاتېئىست، يەھۇدىي، خىرىستىيان، بۇددىست، مۇناپىق، مۇشرىك، مۇرتەد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك كافىرلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە، ئۇلارغا مەغپىرەت تىلەشكە بولمايدۇ.

شۇنداقلا ئۇلارنى يۇيۇپ – تاراش، كېپەنلەش، دەپنە مۇراسىمىغا، چېركاۋ ۋە شۇنىڭدەك ئىبادەتخانىلىرىدىكى يىغىلىشىغا قاتنىشىش، جىنازىسىغا ئەگىشىپ مېڭىش ۋە قەبرىسى ئۈستىدە تۇرۇشمۇ چەكلىنىدۇ. پەقەتلا ئۇلارغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلىمىگەن ئاساستا تۇغقانلىرىغا شۇ يۇرتنىڭ ئادەتتىكى «سەۋر قىلىڭ» دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈپ قويسا بولىدۇ.

ئىمام مالىك: «مۇسۇلمان كىشى كافىر ئۆلگەن ئاتىسىنىمۇ يۇيۇپ – تارىمايدۇ، جىنازىسىغا ئەگەشمەيدۇ، قەبرىسىگە كىرگۈزمەيدۇ، پەقەتلا دەپنە قىلىدىغان ئادەم يوق بولغانلىقتىن ئەنسىرىسىلا ئۇنى كۆمۈپ قويىدۇ» دېگەن.(«ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا»، 1/261)

شۇڭا، تەزىيە بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ، باشقا ئىشلارغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنىڭ دىنىي سەۋەبىنى ئېنىق دەپ، ئەپسىز بولسا، باشقا سەۋەب كۆرسىتىپ ئۆزرە ئېيتسىمۇ بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

112 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قورساقتا ئۆلۈپ قالغان ئۈچ ئايلىق ھامىلە قىيامەت كۈنى ئانىسىغا شاپائەت قىلامدۇ؟ ياكى بۇ ھامىلىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر بەندىنىڭ بالىسى ئۆلسە، ئاللاھ پەرىشتىلەرگە:

—بەندەمنىڭ بالىسىنى قەبزى روھ قىلدىڭلارمۇ؟ ـ دەيدۇ، پەرىشتىلەر:

— شۇنداق، ـ دېيىشىدۇ. ئاللاھ يەنە:

— بەندەمنىڭ يۈرەك پارىسىنى قەبزى روھ قىلدىڭلارمۇ؟ ـ دەيدۇ، پەرىشتىلەر:

— شۇنداق، ـ دېيىشىدۇ. ئاللاھ:

— بەندەم نېمە دېدى؟ ـ دەپ سورايدۇ، پەرىشتىلەر:

— ساڭا ھەمد ئېيتتى ۋە: ‹شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز› دېگەن دۇئانى ئوقۇدى، — دەيدۇ. ئاللاھ:

— ئۇنداق بولسا، ئۇ بەندەمگە جەننەتتە بىر ئۆي سېلىڭلار ۋە ئۇنى ‹ھەمد ئۆيى› دەپ ئاتاڭلار، — دەيدۇ».(تىرمىزىي 1021).

كۆپلىگەن ئالىملار: تۆرەلمە 120 كۈندە ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ھەربىر باسقۇچ قىرىق كۈن بولىدۇ. سۈرىتى مۇكەممەل ھالەتكە كەلگەندە، ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىنىدۇ. دېمەك روھ تۆت ئايدىن كېيىن پۈۋلىنىدۇ، دەپ چۈشەنگەن. يەنە بىرقىسىم ئالىملار: قىرىق كۈندىن كېيىن بولىدۇ، دەپ قارىغان. «فەتھۇلبارىي»، 11/483. لېكىن، سەھىھ ھەدىسلەردە قىرىق ئىككى كۈندىن كېيىنلىكى ئېنىق. ئەمما، 120 كۈندىمۇ ياكى قىرىق ئىككى كۈن بىلەن 120 كۈن ئارىلىقىدىمۇ كېسىپ ئېيتىش ئېنىق دەلىلگە مۇھتاج.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا – ئانىسىغا تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن بالا شاپائەت قىلالايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا قىرىق ئىككى كۈندىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن بالىمۇ شاپائەت قىلالايدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئانىسى ئاللاھتىن ئەجىر تىلەپ سەۋر قىلسا، چۈشۈپ كەتكەن بالا ئانىسىنى ھەمرىيى بىلەن جەننەتكە تارتىدۇ» دېگەن(ئەھمەد 22143) بولغاچقا، قىرىق ئىككى كۈندىن كېيىن ئادەمزات شەكلىگە كىرىپ چۈشۈپ كەتكەن بالىمۇ شاپائەت قىلالايدۇ دېگىلىمۇ بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىيمۇ: «بىر بالىنىڭ ئۆلۈمى دوزاخقا دالدا بولىدۇ. ئادەمزات شەكلىگە كىرىپ چۈشۈپ كەتكەن تۆرەلمىمۇ شۇنداق» دېگەن. («ئەلمەجمۇﺋ»، 5/324).

شۇنداقلا ھەرقانداق مۇسىبەت سەۋرچان بولغان تەقدىردە، ئاتا – ئانا ئۈچۈن كەففارەت بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «مۇسۇلمانغا يەتكەن ھارغىنلىق ياكى كېسەللىك، ياكى ئەندىشە، ياكى قايغۇرۇش، ياكى ئەزىيەت ۋە ياكى غەم – غۇسسەلەر ئۈچۈن، ھەتتا بەدىنىگە كىرىپ كەتگەن بىر تىكەن ئۈچۈنمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ» (سەھىھەين).

ئاللاھ تائالا: ﴿ئۆزلىرىگە بىرەر مۇسىبەت يەتكەن چاغدا: ‹بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز› دەيدىغانلار، ئەنە شۇلارغا پەرۋەردىگارىدىن مەدھىيەلەر بىلەن رەھمەت باردۇر، ئاشۇلارلا ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر﴾)2/«بەقەرە»: 156 -، 157 (دېگەن. يەنە ﴿پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: 10) دېگەن. شۇڭا سەۋرچانلىق بىلەن ئاللاھتىن ئەجىر ئۈمىد قىلىش كېرەك.

يۇقىرىقى ئەجىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھتىن ئەجىر كۈتكەن ھالدا  بالىلىرىدىن بىئىختىيار ئايرىلىپ قالغان مۇئمىنلەرگە ۋەدە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنداق ئەمەسلەر ياكى بالىلىرىنى قەستەن چۈشۈرۈپ جىنايەت ئىشلىگەنلەر بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

113 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە ھەر جەھەتتىن ئىتائەت قىلىشى پەرزمۇ؟ ھەتتا ئايال كىشىنىڭ ئورۇق – تۇغقانلىرىدىنمۇ باردى – كەلدى، سىلە – رەھىمنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىسا، بۇ ھەقتىمۇ ئىتائەت قىلىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. گۇناھ ئىشقا بۇيرۇمىغانلا بولسا، ئايال كىشى ئېرىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما، گۇناھ بولىدىغان ئىشقا بۇيرۇسا، ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «گۇناھ ئىشتا ئىتائەت قىلىش يوق، ئىتائەت قىلىش دېگەن توغرا ئىشلاردا بولىدۇ» (بۇخارىي 7256)، «ئاللاھقا ئاسيلىق قىلىشتا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق» (بۇخارىي 7257) دېگەن كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن، سىلە – رەھىمنى ئۈزۈشكە بۇيرۇغان ئەرگە بۇ ئىشتا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، سىلە – رەھىم قىلىش ۋاجىب ئەمەللەر قاتارىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈزۈش لەنەت كەلتۈرىدىغان چوڭ گۇناھلار قاتارىدىندۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿سىلەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟ ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى. ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار﴾(47/«مۇھەممەد»: 22 – 24). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ: «سىلە ـ رەھىمنى ئۈزگۈچى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن (بۇخارىي 5984).

لېكىن، باردى – كەلدى بەكلا ئاۋۇپ، ئۆيدىكى مەجبۇرىيەتلەر تاشلىنىپ قالىدىغان ياكى ئائىلىگە بىئارامچىلىق ۋە باش ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئەر ئايالىنى تۇغقانلىرى بىلەن باردى – كەلدى قىلىشتىن چەكلىيەلەيدۇ. بۇنىڭدا ئۆرپ – ئادەتنىمۇ ۋە ئەمەلىي ئەھۋالنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

114 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، سالامەت تۇرۇپلىمۇ؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم راستىنلا مال دۇنياغا دۈم چۈشكەن كىشىنى قارغاپ: «بېشىنى يېگەي» دېگەنمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. شۇنداق، سەھىھ ھەدىستە: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇ زاتنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر بەرگەن: «تىللانىڭ قۇلى، تەڭگەنىڭ قۇلى ۋە تاۋار – دۇردۇننىڭ قۇلى دۈم چۈشۈپ بېشىنى يېگەي! ئۇنىڭغا بېرىلسە رازى بولىدۇ، بېرىلمىسە نارازى بولىدۇ. ئۇلار دۈم چۈشۈپ بېشىنى يېگەي! كېسىلى قايتا قوزغالغاي! تىكەن سانجىلىپ كەتسە چىقىرىۋېتىدىغان بىرەرسىنى تاپالمىغاي!…»(بۇخارىي 2887) سەۋەبى شۇكى، ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسى ۋە شەھۋىتىنى ئىلاھ قىلىۋالغان كىشى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بەدبەختىدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشى ھاۋايى – ھەۋىسىنى ۋە شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ. دېمەك، ئۇ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان ۋەزىپىسى ۋە رولىنى ئۇنتۇپ ۋە تاشلاپ قويۇپ، ھاۋايى ھەۋىسىنى ۋە شەھۋىتىنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان تەرىقىدە قاندۇرماقچى بولغان. ئۇ پۈتۈن ئىشىنى دۇنيانىڭ مال – ماتالىرىغا قارىتىپ، باقىي ئالەمنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرسە، رىزىقىدىن رازى بولغان، بەرمىسە ئۇنىڭغا پۈتۈلگىنىدىن نارازى بولۇپ قاقشىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ قۇلى بولغان ۋە «بېشىنى يېگەي» دەپ قاغاشقا ھەقلىق بولغان. نەتىجىدە ئۇ كىشى دۇنياغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاخىرىتىنى زايە قىلغان. ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بەختلىكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ياشىغان كىشىدۇر. مانا بۇ ھەدىستە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەربىر مۇئمىننى ھاۋايى – ھەۋىسىگە ۋە شەھۋىتىگە قۇل بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئۈچۈن ياشاشقا تەرغىب قىلغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

115 – سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. بۇ يىل تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى داڭلىق بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىپ (دوختۇرلۇق) فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىق پروگراممىسىغا قوبۇل قىلىنغان ئىدىم. بىراق ئىقتىسادى ئەھۋالىم يار بەرمەيۋاتقانلىقى،  تۈركىيەدىكى مال باھاسىنىڭ توختىماي ئۆسۈپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم تۇرمۇشۇمنى قامداشقا يەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ.  شۇڭا، دۆلەتنىڭ مائارىپ كرېدىسىگە ئىلتىماس قىلىپ بېقىش خىيالى كاللامغا كىرىۋالدى. بۇ كرېدىدە ئاز بولسىمۇ ئۆسۈم بارلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا، قانداق قىلىش ھەققىدە بەك دېلىغۇللۇقتا قالدىم. سوئالىمغا كەلسەك، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان مائارىپ كرېدىسى (كا يې كا كرېدىسى) نى ئېلىش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مائارىپ كرېدىسى (كا يې كا كرېدىسى KYK Öğrenim Kredisi) دۆلەت تەرىپىدىن ئالى مەكتەب ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش مۇددىتى جەريانىدا ئايمۇئاي ئۆتنە بېرىلىپ، ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن بىرقانچە يىل ئىچىدە قايتۇرۇپ ئېلىنىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇۋېلىشى كۆزلەنگەن ياردەم قەرزىدۇر. قايتۇرۇشتا پۇل پاخاللىقى ياكى مەلۇم تاۋار باھاسى ياكى تۈفە نىسبىتى بويىچە ئارتۇق قايتۇرىدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدا بۇ جازانىگە كىرىدۇ. بىر قىسىم ئالىملار جازانە ھېسابلىمايدۇ. شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۆلىمالارمۇ ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ قالغان. لېكىن، كېيىنكى جائىز دېگەن قاراش بويىچە ئېيتقاندىمۇ، بۇ قەرزنى بەلگىلەنگەن يىل ۋە ئايلاردا قايتۇرالمىغان تەقدىردە، كېچىكمە جازاسىدىن ئىبارەت ئۆسۈم تۆلەش مۇقەررەر. شۇڭلاشقا، ئېقتىساد ئىگىلىرى ۋە تونۇشلاردىن ئالتۇن ياكى دوللار قەرز ئېلىپ ياكى ۋەقفلەردىن ياردەم ئېلىپ ئوقۇۋېلىش ئەڭ توغرىسىدۇر. ئىقتىساد ئىگىلىرىنىڭمۇ قەرز ياكى ياردەم بېرىشى زۆرۈر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

116 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ياخشىمۇ؟ سوئالىم، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «پېقىرلىقتىن ئاللاھقا پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى راستمۇ؟ ئەگەر راست بولسا، نېمىشقا پەيغەمبىرىمىز قىيىن بىر ھايات ياشىغان؟ كۈنىمىزدە تونۇلغان ئالىملارنىڭ يېڭى ماشىنىلارنى مىنىپ، ئازادە ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، باياشات ياشىشى خەلق تەرەپتىن بەك ياقتۇرۇلمايدۇ. ئالىملارنىڭ باياشات ياشىشى توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئاللاھقا شۈكۈر. توغرا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئاللاھ! ھورۇنلۇقتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن، قەرزدارلىقتىن، گۇناھتىن، دوزاخ ئازابىدىن، دوزاخ ۋە قەبرىنىڭ فىتنەسىدىن، قەبرە ئازابىدىن، بايلىق ياكى كەمبەغەللىك فىتنەسىنىڭ يامانلىقىدىن، دەججال فىتنەسىنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن»(بۇخارىي 6375) دەپ دۇئا قىلغىنىدەك، ھەر نامازدىن كېيىن: «ئى ئاللاھ! مەن ساڭا كۇفۇردىن، پېقىرلىقتىن ۋە قەبرە ئازابىدىن ساڭا سىغىنىمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى.(نەسائىي 1347) يەنە: «ئى ئاللاھ! مەن سەندىن ھىدايەت، تەقۋالىق، ئىپپەت ۋە بايلىق (بىھاجەتلىك) تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى.(مۇسلىم 1347)

ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامرات، پېقىر ئەمەس ئىدى. ئۇ زات قۇرەيشنىڭ ئەڭ نوپوزلۇق، باي ۋە ئېسىل ئائىلىلىرىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسىدىن يېتىم قالغاچقا، پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇن پېقىرلىققا دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئان (93/«زۇھا»: 8) دا ئېيتقىنىدەك، (ئۇ زاتنى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مال – مۈلكىدە شېرىكلىشىپ) تىجارەت قىلىش بىلەن كىشىلەردىن بىھاجەت قىلغان. ئۇ زات ئاتا – ئانىسىدىن مال – دۇنيا، قورۇ – جاي مىراس ئالغان. خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنمۇ مال – دۇنيا، قورۇ – جاي مىراس ئالغان. ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ھۈنىرى جىھاد ۋە غازات بولغان. كافىرلاردىن ئالغان ئولجا – غەنىيمەتلىرى بىلەن باي ياشايتتى. غەنىيمەتلەرنىڭ بەشتىن بىرىنى، ئۇرۇشسىز ئېلىنغان ئولجىلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى خاھلىغىنىچە تەسەررۇپ قىلاتتى. گاھىدا قول ئىلكىدىكى جىمى مال – دۇنيانى موھتاجلارغا، جىھادقا ۋە ئاللاھ يولىغا سەرپ قىلىۋېتىپ، قورسىقى ئاچ قالىدىغان، قەرز ئالىدىغان ئەھۋاللاردىن خالىي بولمىغان بولسىمۇ، ئۇزۇنغا بارمايلا ئاللاھ ئۇ زاتقا يەنە كەڭ رىزق بېرەتتى. توققۇز ئايالىغا تويلۇق، تۇرالغۇ ۋە نەپىقە قاتارلىق خىراجەتلىرىنى قىلالايتتى. ئاياللىرى، بالىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر يىللىق ئوزۇقىنى تەييارلاپمۇ قوياتتى. مىشكى – ئەنبەر كەبى ئىنتايىن قىممەتلىك ئەتىرلەرنى ئىشلىتەتتى، «دۇلدۇل»، «قەسۋا» دەپ ئاتالغان ئېسىل ئات – ئۇلاغلىرى بار ئىدى. بۇ شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئېسىل ماشىنىلىرىدەك ئىدى. ئىنتايىن سېخىي زات ئىدى. 100 دىن ئاشقان غېرىب – غۇرابا ئەھلىسۇففەگە خەجلەيتتى. نۇرغۇن قۇللارنى ئازاد قىلىۋەتكەن ئىدى.

باشقا پەيغەمبەرلەردىنمۇ ۋە ئەسھاب كىراملەردىنمۇ پېقىرلىرىمۇ بولغىنىدەك، ئىبراھىم، داۋۇد، سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملاردەك باي زاتلار ئۆتكەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مېھمانلىرىغا موزاي كاۋاپ قىلىپ ئەكەلگەن. ئەسھاب كىراملەردىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، ئەبۇبەكرى، ئوسمان ئىبنى ئەففان كەبى ئىنتايىن باي زاتلارمۇ بولغان. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرى بولمىش ئاشۇ زاتلار ى بىزگە ئۈلگەدۇر.

پېقىرلىقنىڭ كۇفۇر، خىيانەت… كەبى تۈرلۈك ئېغىر بالايى – مۇسىبەتلەرنى سۆرەپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. ئۆلىمالارمۇ ھالال، پاك تاپقان مۈلكىنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىپ، باياشات ياشىسا ئەلبەتتە بولىدۇ. بىھاجەت بولغاندىلا تەمەدىن، باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ، دىننى بۇرمىلاپ بېرىشتىن، ۋەتەن – مىللەتنى سېتىشتىن مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. باشقا سەۋەب بولمىسا ئۇلارنىڭ باياشات ياشىشىنى ئەيىبلەش توغرا ئەمەس.

ھەتتا تەركىدۇنيالىق بىلەن تونۇلغان تەسەۋۋۇف ئەھلىمۇ بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. ئەبۇلھەسەن شازلىي ھەزرەتلىرىنىڭ ئېسىل تون كىيىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر مۇرىدى ئۇنىڭدىن:

– تەقسىر! ئۆزلىرى مۇشۇ ئېسىل توندا ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلامدىلا؟ – دەپ سورىغاندا، پىر ئۇستازى ئۇنىڭغا:

– ئەي نادان! سەن بۇ جۇلجۇل يەكتىكىڭ بىلەن مەخلۇقلارغا مۇھتاجلىقىڭنى ئىزھار قىلىسەن، مەن بۇ ئېسىل تونۇم بىلەن مەخلۇققا ئېھتىياجىم يوقلۇقىنى ئىزھار قىلىمەن، – دەپ جاۋاب بەر گەن ئىكەن.

دىنىمىز «باي بولماي پېقىر ياشا» دەپ تەشەببۇس قىلمايدۇ. بەلكى «پۈتۈن ئەس – يادىڭ دۇنيادا بولۇپ، دۇنياغا بېرىلىپ كەتمە، كىبىرلەنمە، دۇنيادىن نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنۇتما» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن (ئاللاھ نىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 77) دېگەن.

117 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! تۇركىيەدە 18 ياشتىن كىچىك كىملىك ئالغانلارغا 6 ئاي ئەسكەرلىك مەجبۇرىي ئىكەن، بەدەللىك قىلىش ئۇچۇن 250 مىڭ تېلىدەك پۇل كېتىدىكەن، قۇربى يەتمەيدىغانلار زاكات پۇل ئېلىپ بەدەللىك ئەسكەرلىك قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» (9/«تەۋبە»: 60) دە زاكات سەرپ قىلىنىدىغان سەككىز تۈرنىڭ بىرىنى «ئاللاھنىڭ يولى» دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، زاكاتنى ئاللاھنىڭ يولى بولمىش جىهاد ۋە جىھاد تەييارلىقىدىن ئىبارەت ئەسكەرلىك تەربىيەسى ئېلىشقا ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن باش تارتىش ۋە ئەسكەرلىك تەلىم ئالماسلىققا سەرپ قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلغاندا زاكات جايىغا ئەمەس، دەل تەتۈرىگە سەرپ قىلىنغان بولىدۇ. شۇڭا، قۇربى يەتمەيدىغانلار پۇل تۆلىمەي تولۇق ئەسكەرلىك تەربىيەسى ئېلىشى كېرەك. قۇربى يېتىدىغانلار بەدەللىك قىلسا جائىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

118 – سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! تەھەججۇد نامازدىن كېيىن بامدات ۋاقتى كىرىپ قالغان ئىدى. يەل قىستىغان بولسىمۇ چىقمىغاندىكىن دەپ بامداتنى ئوقۇۋەردىم. لېكىن كۆڭلۈم يېرىم، قايتا ئوقۇشنى ئويلاۋاتىمەن، تاھارەت قىستاغلىق ئوقۇغان نامىزىمنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(يېگۈسى بار) تاماق تەييار بولغاندا ۋە چوڭ – كىچىك تەرەت قىستىغاندا، ناماز ئوقۇش يوق» دېگەن (مۇسلىم: 560) بولغاچقا، چوڭ – كىچىك تەرەت ۋە يەل قىستىغان ئەھۋالدا چىداپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ۋە تاماملاش كۆپچىلىك فۇقاھائنىڭ نەزەرىدە مەكرۇھتۇر. چۈنكى، بۇ خۇشۇئغا ۋە دىققتىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. قىستىمىغان ھالەتتە باشلاپ نامازدا قىستاپ كەتسىمۇ ھەنەفىي مەزھەبتە ئوخشاش. شۇڭا، جامائەت قولدىن كېتىدىغان بولسىمۇ ئالدى بىلەن ھاجەت قىلىۋېلىپ، تاھارەت يېڭىلاپ، ياكى تاماق يەۋېلىپ ئاندىن ئوقۇيدۇ. چۈنكى، مەكرۇھ ئىشنى قىلغاندىن (نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشتىن ئىبارەت) سۈننەتنى تەرك قىلماق ئەلا. نامازدا توساتتىن قىستىسا نامازنى توختىتىپ، ھاجەت قىلىۋېلىپ، تاھارەت يېڭىلاپ ئاندىن ئوقۇيدۇ. قىستىسىمۇ چىداپ ئوقۇسا ناماز ئادا بولىدۇ – يۇ گۇناھكار بولىدۇ. ھاجەت قىلىۋېلىپ، تاھارەت يېڭىلىغۇچە ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسا قىستاش يەڭگىل بولسا نامازنى ئوقۇۋېرىش مەكرۇھ بولمايدۇ. بەكلا قىستاپ، نامازنىڭ رۇكۇ – سەجدەلىرىنى جايىدا ئادا قىلالمايدىغان بىئارامچىلىق بولسا ناماز بۇزۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۆزرىلىك بولغاچقا، ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسىمۇ تاھارەت يېڭىلاپ ئاندىن ئوقۇش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

Please follow and like us:
Exit mobile version