Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئېتىقادىي مەزھەبلەر (1) جەبرىيلەر

ئېتىقادىي مەزھەبلەر (1) جەبرىيلەر

ئېتىقادىي مەزھەبلەر (1) جەبرىيلەر

[134] دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە ئالىملار تەقدىر ھەققىدە ۋە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ قۇدرىتى يېنىدا ئىنساننىڭ قۇدرىتىنىڭ قانچىلىكلىكى ھەققىدە چوڭقۇر توختالدى. بىر تۈركۈم ئالىملار ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى يارىتالمايدىغانلىقى، ئىنسانغا نىسبەت بېرىلىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلدى. بۇ مەزھەبنىڭ ئاساسى: «بەندىدىن ئىش – ھەرىكەتنى پۈتۈنلەي نەفيى قىلىش، ئىش – ھەرىكەتنى ياراتقۇچىغا نىسبەت بېرىش. چۈنكى، بەندە قادىرلىق بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇ ئىش – ھەرىكەتلىرىدە مەجبۇرلانغۇچى، ئۇنىڭدا نە قۇدرەت، نە ئىرادە، نە ئىختىيارلىق يوق. بەلكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بارلىق جانسىز نەرسىلەردە ئىش – ھەرىكەتلەرنى ياراتقاندەك، بەندىدىمۇ ئىش – ھەرىكەتلەرنى يارىتىدۇ. خۇددى ئىش – ھەرىكەت جانسىز نەرسىلەرگە ئىستىئارە شەكلىدە نىسبەت بېرىلىپ، ‹دەرەخ مېۋە بەردى›، ‹سۇ ئاقتى›، ‹تاش مىدىرلىدى›، ‹كۈن چىقتى، پاتتى›، ‹ئاسمان بۇلۇتلۇق بولۇپ، يامغۇرنى تۆكىۋەتتى›، ‹زېمىن يېشىللىشىپ، گىياھ چىقاردى› دېيىلگەندەك، بەندىگىمۇ ئىش – ھەرىكەت ئىستىئارە شەكلىدە نىسبەت بېرىلىدۇ. ساۋاب ۋە ئازاب مەجبۇرىيدۇر، شەرىئەت تەكلىفلىرىمۇ مەجبۇرىي بولغان»(1).

ئىمام ئىبنى ھەزم ئۇلارنىڭ ھۆججىتى ھەققىدە ئېيتقانكى: «ئۇلار ھۆججەت كۆرسىتىپ: ‹ئاللاھ تائالا فائىل(2) ۋە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بولغانىكەن، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ فائىل بولماسلىقى لازىمدۇر› دەيدۇ. ئۇلار يەنە: ‹پېئىلنى ئىنسانغا نىسبەت بېرىشنىڭ مەنىسى ”زەيد ئۆلدى“ دېگىنىڭگە ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئاللاھ ئۆلتۈردى، يەنە ”بىنا بەرپا بولدى“دېگىنىڭگە ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئاللاھ بەرپا قىلدى› دېيىشىدۇ».

[135] تارىخچىلار بۇ ئېقىمنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئىچكىرىلىگەن بولسىمۇ، بىر مەزھەبكە ئايلانغان بۇ ئېقىمنىڭ تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغۇچىسىنى تېپىپ چىقىشنى تەس دەپ قارىغان. شۇڭا، بىز بۇ پىكىرنىڭ مەنبەسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز ياكى بۇ پىكىرنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنى تىلغا ئېلىشىمىز مۈشكۈلدۇر. لېكىن، بىز جەبرىيلىك پىكرىنىڭ ئۇمەۋىيلەر دەۋرىنىڭ ئەۋۋىلىدە تارىلىپ ۋە كۆپىيىپ، ئاخىرىدا بىر مەزھەبكە ئايلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز.

قولىمىزدا ئۇمەۋىيلەر دەۋرىنىڭ ئەۋۋىلىدە ياشىغان ئىككى ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئىككى تال خېتى بار، ئۇ ئىككىسىنى مۇرتەزا ئۆزىنىڭ «ئەلمۇنيەتۇ ۋەلئەمەل (المنية والأمل)» ناملىق كىتابىدا تىلغا ئالغان.

بىرىنچى خەت ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بولۇپ، ئۇ خېتىدە شاملىق جەبرىيلەرگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى بۇ پىكىردىن توسقان. ئۇ خېتىدە ئېيتقانكى:

«مەقسەتكە كەلسەك: سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن تەقۋادارلار ئېزىپ كەتكەن تۇرسا، سىلەر كىشىلەرنى تېخى تەقۋالىققا بۇيرۇۋاتامسىلەر؟ سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ئاسىي – گۇناھكارلار پەيدا بولغان تۇرسا، سىلەر تېخى كىشىلەرنى گۇناھى – مەئسىيەتلەردىن توسۇۋاتامسىلەر؟! ئى ئىلگىرىكى مۇناپىقلارنىڭ بالىلىرى، زالىملارنىڭ قول – چوماقچىلىرى، پاسىقلارنىڭ مەسجىدلىرىنىڭ ئىشىكباقارلىرى!… سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا پەقەت گۇناھىنى ئاللاھقا ئارتىپ قويۇپ، ئوچۇق – ئاشكارا ئاللاھقا يالغان چاپلايدىغانلارلا بار».

ئىككىنچىسى ھەسەن ئىبنى ئەلىنىڭ(3) بەسرە ئەھلى ئىچىدە جەبرىيلىكنى دەۋا قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە يازغان خېتى. ئۇنىڭدا مۇنداق مەزمۇنلار بار:

«كىمكى ئاللاھنىڭ قازايىقەدەرىگە ئىمان ئېيتمايدىكەن، كافىر بولىدۇ. كىمكى گۇناھىنى رەببىگە ئارتىپ قويىدىكەن، فاجىر بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەجبۇرلىغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ئەمەس. ئاللاھ مەغلۇب بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاسىي بولغان ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ ئۇلارنى ئىگە قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى قادىر قىلغان نەرسىلەرگە قادىردۇر. ئەگەر ئۇلار تائەت – ئىبادەت قىلسا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئارىسىدا توسالغۇ بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى تەسلەشتۈرمەي بەلكى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ)، ئەگەر ئۇلار گۇناھ – مەئسىيەت قىلسا، ئاللاھ خاھلىسا ئىدى، ئەلبەتتە ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئارىسىدا توسالغۇ بولاتتى (لېكىن ئاللاھ توسالغۇ بولماستىن ئۇلارغا ئىختىيارلىق بەردى). ئۇلار (ياخشى ئەمەللەرنى) قىلمىسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۇنىڭغا مەجبۇرلىمىدى. مۇبادا ئاللاھ مەخلۇقاتنى تائەت – ئىبادەتكە مەجبۇرلىغان بولسا ئىدى، چوقۇم ئۇلاردىن ساۋاب – مۇكاپاتنى بىكار قىلغان بولاتتى. ئەگەردە ئۇلارنى گۇناھ – مەئسىيەتكە مەجبۇرلىغان بولسا ئىدى، چوقۇم ئۇلاردىن جازا ۋە ئازابنى بىكار قىلغان بولاتتى. ئاللاھ ئۇلارنى (نېمە قىلسا كارى بولماي) بوش قويىۋەتكەن بولسا ئىدى، ئەلبەتتە بۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىكى ئاجىزلىق بولاتتى. لېكىن، ئاللاھ ئۇلارغا خاھلىغىنىنى قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ خاھلىشى ئۇلارغا غەيبىيدۇر. ئەگەر ئۇلار تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ»(4).

بۇ سۆزلەر بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جەبرىيلىكنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئىبنى ئابباس ۋە ھەسەن بەسرىيلەرنىڭ ئۇلارغا رەددىيە بەرگەنلىكى ۋە ئۇشبۇ مەسىلىدىكى ھەق يولنى ئۇلارغا بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ ئوغلىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «مەن دادامنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتىم، توساتتىن بىر كىشى كېلىپ:

— ئى ئىبنى ئابباس! بۇ يەردە ئۆزلىرىنى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى گۇناھ – مەئسىيەتكە مەجبۇرلىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بار، — دېۋىدى، دادام ئۇنىڭغا:

— ئەگەر بۇ يەردە شۇنداقلاردىن بىرەرىنى كۆرۈپ قالغان بولسام، چوقۇم كانىيىدىن تۇتۇپ، جېنى چىققۇچە سىققان بولاتتىم. ‹ئاللاھ گۇناھ – مەئسىيەتكە مەجبۇرلايدۇ› دېمەڭلار، ‹ئاللاھ بەندىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىنى بىلمەيدۇ› دېمەڭلار، — دېدى»(5).

[136] يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەنلىرىمىزدىن شۇ ئايان بولدىكى، بۇ پىكىر ساھابەلەرنىڭ دەۋرىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان، بەلكى بىز ئوقۇغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ باياتىنقى ئايىتىدە دېيىلگىنىدەك، بۇ پىكىر مۇشرىكلەرنىڭ تىللىرىدا ئېقىپ يۈرەتتى. لېكىن، ئۇ پىكىر ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە قوبۇل قىلىپ دەۋەت قىلىدىغان، تەتقىق قىلىپ كىشىلەرگە بايان قىلىدىغان ئەگەشكۈچىلىرى بار بىر ئېقىمغا، بىر مەزھەبكە ئايلانغان.

تارىخچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەزھەبنى تۇنجى ئىجاد قىلغان كىشى بىر قىسىم يەھۇدىيلەر بولۇپ، ئۇلار ئۇنى بەزى مۇسۇلمانلارغا ئۆگەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇلار بۇ مەزھەبنى تارقىتىشقا باشلىغان. مۇسۇلمانلاردىن بۇ مەزھەبكە تۇنجى بولۇپ دەۋەت قىلغان كىشى جەئد ئىبنى دىرھەم دېيىلىدۇ. ئۇ بۇ مەزھەبنى شامدىكى بىر يەھۇدىيدىن ئۆگەنگەن ۋە بەسرەدە كىشىلەر ئارىسىدا تارقاتقان، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن جەھم ئىبنى سەفۋان ئۆگەنگەن. «سەرھۇل ئۇيۇن (سرح العيون)» ناملىق كىتابتا جەئد ئىبنى دىرھەم توغرىسىدىكى باياندا: «ئۇنىڭدىن جەھم ئىبنى سەفۋان جەھمىيلەر نىسبەت بېرىلگەن پىكىر (يەنى جەبرىيلىك) نى ئۆگەنگەن. دېيىلىشىچە، جەئد ئۇنى ئەبان ئىبنى سەمئاندىن ئۆگەنگەن، ئەبان بولسا تالۇت ئىبنى ئەئسەم دېيىلىدىغان يەھۇدىيدىن ئۆگەنگەن» دېيىلگەن(6).

لېكىن، بىز بۇ مەلۇمات بىلەن ئۇشبۇ مەزھەبنى يالغۇز يەھۇدىيلەر تېپىپ چىققان دېيەلمەيمىز. چۈنكى، بۇرۇن پارسلار ئارىسىدىمۇ بۇنداق پىكىر – ئىدىيەلەر ئېقىپ يۈرەتتى. چۈنكى، ئۇ زەردۇشت ۋە مانى ئېتىقادچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلاردىندۇر. «ئەلمۇنيەتۇ ۋەلئەمەل (المنية والأمل)» ناملىق كىتابتا مۇنداق كەلگەن: «عن الحسن أن رجلا من فارس جاء إلى النبي صلى الله عليه وسلم فقال له: رأيت أهل فارس يَنْكِحُوْنَ بَنَاتِهِمْ وَأَخَوَاتِهِمْ، فإن قيل لهم لم تفعلون؟ قالوا: قضاء الله وقدره. فقال عليه السلام: سيكون في أمتي من يقولون مثل ذلك، وأولئك مجوس أمتي / ھەسەندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پارسلىق (يەنى ئىرانلىق) بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇ زاتقا:

— مەن پارس ئەھلىنىڭ ئۆز قىزلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بىلەن نىكاھلىنىدىغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارغا: ‹نېمىشقا شۇنداق قىلىسىلەر؟› دېيىلسە، ئۇلار: ‹بۇ ئاللاھنىڭ قازايىقەدەرى، دەيدىكەن› — دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— يېقىندا ئۈممىتىم ئىچىدە شۇنداق دەيدىغانلار چىقىدۇ (يەنى قىلغان گۇناھىنى ئاللاھقا ئارتىپ قويىدىغانلار چىقىدۇ)، ئەنە شۇلار ئۈممىتىمنىڭ مەجۇسىيلىرىدۇر، — دېگەن)»(7) (8).

[137] ئەنە شۇ مەزھەبنى جەھم ئىبنى سەفۋان قوبۇل قىلىپ، ئىزچىل ئۇنى چىڭ تۇتتى ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا دەۋەت قىلدى. جەھم ئىبنى سەفۋان خۇراسانلىق بولۇپ، بەنى راسىبنىڭ ئازادگەردىلىرىدىن ئىدى. ئۇ ھارىس ئىبنى سۇرەيج(9)نىڭ كاتىپى بولغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە (خۇراسان ۋالىيسى) نەسر ئىبنى سەييارغا قارشى چىققان. جەھمنى مەرۋان ئوغۇللىرى (ھاكىمىيىتى) نىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە مۇسلىم ئىبنى ئەھۋەز ئەلمازىنىي ئۆلتۈرگەن.

جەھم ئىبنى سەفۋان خۇراسان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئۆزىنىڭ دەۋەت ئورنى قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزھەبى شۇ جايلاردا تارقالغان. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى نىھاۋەندنى ماكان تۇتقان. ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىينىڭ مەزھەبى غالىب كەلگەنگە قەدەر، بۇ مەزھەب شۇ ئەللەردە داۋام ئەتكەن. ئاللاھ خاھلىسا يېقىندا تەپسىلىي بايان قىلىمىز.

[138] جەھمنىڭ مەزھەبى پەقەت جەبرىيلىك پىكرىلا ئەمەس ئىدى، بەلكى جەھم ھەقىقەتەن يەنە باشقا پىكىرلەرگىمۇ دەۋەت قىلغان ئىدى. ئۇلاردىن:

1) ئۇنىڭ قارىشىچە، جەننەت ۋە دوزاخ يوقىلىدۇ (باقىي ئەمەس)، مەڭگۈ قالىدىغان ھېچنەرسە يوق، «قۇرئان»دا سۆزلەنگەن «الخلود (مەڭگۈ تۇرۇش)» ئۇزۇن تۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ، چەكسىز باقىيلىق ئەمەس.

2) ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىمان دېگەن بىلمەكتۇر، كۇفۇر دېگەن بىلمەسلىكتۇر. ئۇنىڭ مەزھەبىنىڭ زاھىرى بويىچە بولغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلىدىغان يەھۇدىيلەرمۇ مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ، تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئىنكار قىلغان مۇشرىكلەرمۇ مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئۇ: «بويسۇنۇش بىلىشكە ئەگىشىدۇ، ئىمان دەپ ھېسابلىنىدىغان بىلىش نوقۇل تەسەۋۋۇر ئەمەس، بەلكى ئۇ تەستىق ۋە بويسۇنۇشنى لازىم تۇتىدىغان كۈچلۈك بىلىشتۇر» دەيدۇ.

3) ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاللاھنىڭ كالامى ھادىس(10) بولۇپ، قەدىم(11) ئەمەس. بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە «قۇرئان» مەخلۇق دەيدىغان پىكىر مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. بۇ مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار بولۇپ، ئاللاھ خاھلىسا ئۇنى ئۆز ئورنىدا بايان قىلىمىز.

4) ئۇ ئاللاھ تائالانى «شَيْءٌ» (شەيئى) دەپمۇ، «حَيٌّ» (تىرىك) دەپمۇ، «عَلِيمٌ» (بىلگۈچى) دەپمۇ سۈپەتلىمىگەن. ئۇ: «مەن ئاللاھنى ھادىسلارغىمۇ قوللانسا بولىدىغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىمەيمەن» دېگەن.

5) ئۇ يەنە قىيامەت كۈنىدىكى ئاللاھ تائالانى كۆرۈشنى ئىنكار قىلغان.

[139] كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ قاراشلاردا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن. بىراق جەھمىي پىرقەسىنى تەشكىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ داڭقىنى چىقارغان ۋە ئۇلارغا خاس بولغان دەۋا بولسا جەبرىيلىك پىكرىدۇر، ئىنساننىڭ ھېچقانداق ئىختىيارلىقى ۋە پېئىلىنىڭ يوقلۇقىدۇر. باشقا قاراشلارغا كەلسەك: ئۇنىڭدا باشقىلار ئۇلارغا شېرىكتۇر. چۈنكى، مۇئتەزىلەلەرمۇ «قۇرئان»نىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، يەنە مۇئتەزىلەلەر ئاللاھنىڭ «كالام» سۈپىتىنى نەفيى قىلىشنىمۇ ئېيتقان.

سەلەف سالىھلەر ۋە كېيىنكىلەر بۇ ئېقىمغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چۈشكەن. بىز سىزگە ھەسەن بەسرىينىڭ ۋە ھەسەن بەسرىيدىن بۇرۇن ئىبنى ئابباسنىڭ بەرگەن رەددىيەلىرىنى نەقىل قىلدۇق. شۇنىڭدەك، جەبرىيلىك پىكرىنى كالام ئالىملىرى، فۇقەھائ‍ ۋە مۇھەددىسلەردىن تەركىب تاپقان زور بىر تۈركۈم ئالىملار ئىنكار قىلغان.

[140] ئىمام ئىبنۇلقەييىم(12) ئۆزىنىڭ «شىفائۇل ئەلىل (شفاء العليل)» ناملىق كىتابىدا جەبرىيلەرنىڭ پىكرىنى ۋە ئۇ پىكىرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىر جەبرىي كىشى بىلەن بىر سۈننىي كىشى ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان مۇنازىرىدە ئوچۇق ئايدىڭلاشتۇرغان. بۇ مۇنازىرىدە مۇنداق كەلگەن:

«جەبرىي ئېيتىدۇ: ‹تەۋھىدنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، جەبرىيلىك ئېتىقادى لازىم، ئۇنىڭسىز تەۋھىد رۇسلانمايدۇ. چۈنكى، ئەگەر بىز جەبر پىكرىگە ئۇنىمايدىغان بولساق، ھادىسلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا بىر فائىلى بارلىقىنى تەستىقلىغان بولىمىز، بۇ ئوچۇق شىرك بولۇپ، شىركتىن پەقەت جەبرىيلىك ئېتىقادىلا يىراق بولالايدۇ. ۋەھالەنكى ئاللاھ تائالا (پېئىللارنى) خاھلىسا قىلىدۇ، خاھلىمىسا قىلمايدۇ (يەنى ھەممە پېئىلنىڭ فائىلى ئاللاھتۇر)›.

سۈننىي ئېيتىدۇ: ‹ياق! جەبرىيلىك ئېتىقادى تەۋھىدكە زىت. چۈنكى، ئۇ بارلىق شەرىئەتكە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىگە، ساۋاب ۋە ئازاب قانۇنىيىتىگە زىتتۇر. ئەگەردە جەبرىيلىك توغرا بولىدىغان بولسا، ئەلبەتتە شەرىئەتلەر بىكار بولۇپ كېتەتتى، ئاللاھنىڭ ئەمرلىرى ۋە نەھيىلىرى بىكار بولۇپ كېتەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ساۋاب ۋە ئازابمۇ بىكار بولۇپ كېتەتتى›.

جەبرىي ئېيتىدۇ: ‹جەبرىيلىك پىكرى ئەمر ۋە نەھيىگە، ساۋاب ۋە ئازابقا زىت كېلىدۇ، دېگەن دەۋايىڭ ھەيران قالارلىق ئەمەس. چۈنكى، بۇ بۇرۇندىن دېيىلىپ كېلىنگەن. بەلكى ھەيران قالارلىقى جەبرىيلىك تەۋھىدكە زىت دېگەن دەۋايىڭدۇر. ھالبۇكى جەبرىيلىك تەۋھىدنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامايەندىسىدۇر. بىرنەرسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ كۈچلەندۈرگۈچى قانداقسىگە ئۇ نەرسىگە زىت بولسۇن؟!›

سۈننىي ئېيتىدۇ: ‹جەبرىيلىكنىڭ تەۋھىدكە زىت ئىكەنلىكى ناھايىتى ئوچۇق ئىش. بۇ زىتلىق جەبرىيلىكنىڭ ئەمر ۋە نەھيىگە زىت ئىكەنلىكىدىنمۇ ئوچۇقراق بولۇشى مۇمكىن. ئوچۇقراق دېسەك: تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ يىلتىزى بولسا ”ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر“ دەپ گۇۋاھلىق بېرىشتۇر. جەبرىيلىك بۇ ئىككى كەلىمەگە زىت كېلىدۇ. چۈنكى، ھەقىقىي ئىلاھ دېگەن كامالى سۈپەتلەرگە لايىق بولغان، ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەنگەن بولىدۇ. ئىلاھ دېگەن قەلبلەر چوقۇنىدىغان، قەلبلەر مۇھەببەت بىلەن، قورقۇش ۋە ئۈمىد بىلەن باقىدىغان زاتتۇر. پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن تەۋھىد ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھقا خاس قىلىشتۇركى، مانا بۇ ئاللاھقا تولۇق بويسۇنۇش ۋە تولۇق بوي ئېگىشتۇر، شۇنداقلا تولۇق مۇھەببەت ۋە يۈزلىنىشتۇر، ئاللاھنىڭ تائىتى ۋە رازىلىقىغا بارلىقىنى بېغىشلاشتۇر، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى ۋە دىنىي مۇرادىنى بەندىنىڭ مۇھەببىتى ۋە مۇرادىدىن ئارتۇق كۆرۈشتۇر. مانا مۇشۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەت ئاساسىدۇر، پەيغەمبەرلەر خەلقلەرنى شۇنىڭغا دەۋەت قىلغان. ئۇ شۇنداق تەۋھىدكى، ئاللاھ تائالا — ئىلگىرىكىلەردىن بولسۇن ياكى كېيىنكىلەردىن بولسۇن — ئۇنىڭسىز ھېچكىمدىن ھېچقانداق دىننى قوبۇل قىلمايدۇ، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى ئۇنىڭغا بۇيرۇغان، كىتابلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرگەن ۋە بەندىلىرىنى ئەنە شۇنىڭغا چاقىرغان، شۇنىڭ سەۋەبىدىن بەندىلىرىگە ساۋاب ۋە ئازاب يۇرتىنى ياراتقان، شۇنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن شەرىئەتلەرنى يولغا قويغان. ئەي جەبرىي! سېنىڭ بۇ سۆزلىرىڭدىن: ”بەندىنىڭ بۇ تەۋھىدكە ھېچقانداق قۇدرىتى يوق ۋە ھېچقانداق تەسىرى يوق، تەۋھىد بەندىنىڭ پېئىلى ئەمەس (بەلكى ئاللاھقا خاس پېئىل)، بەندىنى بۇنىڭغا بۇيرۇش نالايىق بىر ئىشقا بۇيرۇغانلىقتۇر، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ پېئىلىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بۇيرۇغانلىقتۇر، ياكى ئاللاھ تائالا بەندىنى تەۋھىدكە بۇيرۇپ، بەندىنى تەۋھىدنىڭ ئەكسىگە مەجبۇرلىغان، ئاللاھ ئۆزى بىلەن ئۆزى بۇيرۇغان ئىش ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ بولغان، ئۆزى بۇيرۇغان ئىشتىن ئۆزى توسقان ۋە چەكلىگەن ھەمدە ھېچقانداق چىقىش يولى قالدۇرمىغان، شۇڭا قەلبلەر مۇھەببەت، سېغىنىش، تەلپۈنۈش ۋە رازىلىقىنى كۆزلەشلەر بىلەن ئاللاھقا ئۇلىشالمايدۇ“ دېگەن مەنە چىقىدۇ. تەۋھىد — خۇدالىق مەنىسىنى تەستىقلاش بىلەن بەندىچىلىكنى تەستىقلاشتىن تۈزۈلىدىغان بىر مەنىدۇر. سەن ئاللاھنىڭ قەلبلەر ئۇنىڭ مۇھەببىتى، رازىلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئىشتىياقى يولىدا ئۆزئارا بەسلەشكۈدەك دەرىجىدە نەقەدەر سۆيۈملۈك ۋە قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن خۇدالىق مەنىسىنى يوقىتىۋەتتىڭ. سەن بەندىنىڭ (ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن) پائالىيەت قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى ۋە سۆيگۈچى… ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بەندىچىلىك مەنىسىنى يوقىتىۋەتتىڭ. نەتىجىدە تەۋھىد جەبرىيلىك بىلەن ئاللاھنى سۆيۈشنى ئىنكار قىلىش ئارىسىدا نابۇت بولدى. سەن ئاللاھنى ئاللاھ بەندىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇيدۇ، كۈچى يەتمەيدىغان ئىشتىن توسىدۇ، بەلكى تېخى بەندىنى ئۆزىنىڭ پېئىلىغا (يەنى ئۆزى قىلىدىغان ئىشقا) بۇيرۇيدۇ، ئۆزىنىڭ پېئىلىدىن (يەنى ئۆزى قىلىدىغان ئىشتىن) چەكلەيدۇ، ئارقىدىن بەندە قىلالمىسا، ئۇنى ئەڭ قاتتىق جازالايدۇ، بەلكى ئاللاھ ئۆزىنىڭ پېئىللىرى ئۈچۈن (يەنى بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ پېئىللىرىنى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن) بەندىنى جازالايدۇ دەپ سۈپەتلىدىڭ. دېدىڭكى، ”بەندىنىڭ ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئاللاھ توسقان ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى خۇددى ئاسماندا ئۇچۇشنى تەرك ئەتكەنلىكى، تاغلارنى ئۆز ئورنىدىن قوزغاشنى ۋە دېڭىز سۈيىنى ئۆز ئورنىدىن يۆتكەشنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن جازالانغاندەك بىر ئىش، خۇددى بەندىنىڭ قۇدرەت دائىرىسىدە بولمىغان ئۆزىنىڭ رەڭگى، ئېگىز – پاكارلىقى ئۈچۈن جازالانغاندەك بىر ئىش“. سەن يەنە ”ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بىر لەھزىمۇ ئاسىيلىق قىلمىغان كىشىنى ئەڭ قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلىشى جائىز، ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بۇنى چەكلىمەيدۇ، بەلكى بۇ ئاللاھقا جائىز“ دېدىڭ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى (قۇرئاندا) خەبەر بەرسىمۇ، سەن ئاللاھنى ئۇنىڭدىن پاكلىمىدىڭ. سەن ”ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنى خاھلىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلىشى خۇددى قارىغۇنى خەت يېزىشقا تەكلىپ قىلغاندەك، ناكارنى ئۇچۇشقا بۇيرۇغاندەك بىر ئىش“ دېدىڭ. نەتىجىدە سەن بۇ ئېتىقادقا چاقىرغان كىشىلەرگە ئاللاھنى ئۆچ كۆرسىتىپ قويدۇڭ، ئاللاھتىن نەپرەتلەندۈردۈڭ. سەن ئۆزۈڭچە شۇ ئىشىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ تەۋھىدىنى مۇستەھكەملىدىم دەپ ئويلىدىڭ، ئەكسىچە تەۋھىد دەرىخىنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋەتتىڭ. جەبرىيلىكنىڭ شەرىئەتكە زىت ئىكەنلىكى بولسا، ناھايىتى ئوچۇق – ئاشكارا ئىشتۇر. چۈنكى، شەرىئەت بۇيرۇش ۋە چەكلەش ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇيرۇغۇچى بۇيرۇلغۇچىنى بۇيرۇلغۇچىنىڭ پېئىلىگە ئەمەس، ئۆزىنىڭ پېئىلىگە بۇيرۇشى، بۇيرۇغۇچىنىڭ بۇيرۇلغۇچىنى ئۇنىڭ پېئىلىدىن توسماي، ئۆزىنىڭ پېئىلىدىن توسۇشى ئوچۇقلا بىھۇدىلىكتۇر. چۈنكى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمە بەندىنىڭ پېئىلى، تائەت – ئىبادىتى ۋە گۇناھ – مەئسىيىتى دائىرىسىدە چۆرگىلەيدۇ. ھېچقانداق پېئىلغا ئىگە بولالمايدىغان كىشىنىڭ تائەت ياكى مەئسىيەت سادىر قىلىشىنى قانداقمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟ (بەندىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىش – ھەرىكەت سادىر قىلالايدىغان بولۇشىدىن ئىبارەت) تائەت ۋە مەئسىيەتنىڭ ماھىيىتى يوقالسا، ساۋاب ۋە جازانىڭ ماھىيىتىمۇ يوقىلىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە يۈرگۈزىدىغان نېئمەت بېرىش ۋە ئازابلاشلىرى بەندىلەرنىڭ تائەت – ئىبادەتلىرى ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلىرى سەۋەبىدىن بولماي، بەلكى نوقۇل ئۆزىنىڭ خاھىشى ۋە قۇدرىتى بىلەن جارى بولغان ھۆكۈم بولۇپ قالىدۇ.

جەبرىي ئېيتىدۇ: بەندىدىن مەلۇم بىر ھەرىكەت سادىر بولسا، بۇ ھەرىكەت يا يالغۇز ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن پەيدا بولغان بولىدۇ، ياكى يالغۇز بەندىنىڭ قۇدرىتىدىن پەيدا بولغان بولىدۇ، ياكى ئىككىسىنىڭ قۇدرىتىدىن پەيدا بولغان بولىدۇ، ۋەياكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىنمۇ ۋە بەندىنىڭ قۇدرىتىدىنمۇ پەيدا بولمىغان بولىدۇ. ئاخىرقى بۇ قىسىم قەتئىي باتىلدۇر. ئاۋۋالقى ئۈچ قىسىمنىڭ ھەربىرىنى بىردىن تائىپە دەپ باققان. ئەگەر شۇ ھەرىكەت يالغۇز ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن پەيدا بولغان بولسا، بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز مۇشۇ. بۇ جەبرىيلىكنىڭ نەق ئۆزى. ئەگەر شۇ ھەرىكەت يالغۇز بەندىنىڭ قۇدرىتىدىن پەيدا بولغان دېسەك، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت دائىرىسىدىن بەزى نەرسىلەرنى چىقىرىۋالغانلىقتۇر. ئۇ چاغدا ئاللاھ ھەممىگە قادىر بولماي قالىدۇ، يارىتىلغان ئاجىز بەندە بولسا ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى قادىر بولمىغان نەرسىگە قادىر بولغان بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك قەدەرىيلەر تەۋھىددىن ئايرىلىپ، مەجۇسىيلارغا ئوخشاپ قالغان. ئەگەر شۇ ھەرىكەت ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بەندىنىڭ قۇدرىتىدىن پەيدا بولغان دېسەك، ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش لازىم كېلىدۇ، شۇنداقلا بىر پېئىل ئىككى فائىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بىر ئەسەر ئىككى مۇئەسسىر(13)نىڭ ئوتتۇرىسىدا، بىر ئىش ئىككى قادىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بولىدۇ. بۇ مۇھال(14)دۇر. چۈنكى، ئىككى مۇئەسسىر مۇستەقىل ھالدا بىر ئەسەر ئۈستىگە جەملەشسە، ئەسەر ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن يەنە بىرى ئارقىلىق بىھاجەت ھېسابلىنىدۇ. نەتىجىدە ئەسەر ئۇ ئىككىسىگە ھەم موھتاج، ھەم ئۇ ئىككىسىدىن بىھاجەت بولۇپ قالىدۇ.

سۈننىي ئېيتىدۇ: دەلىللەر ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ زاتلار، سۈپەتلەر ۋە پېئىللاردىن ئىبارەت ھەربىر مۇمكىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ھېچنەرسىنىڭ ئۇنىڭ قۇدرەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. دەلىللەر يەنە بەندىنىڭ ئۆز پېئىلىنى ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن قىلغۇچى ئىكەنلىكى، ئۇ پېئىلنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ پېئىلى ئىكەنلىكى، شۇ پېئىلى ئارقىلىق بەندە ئەقىل، ئۆرپ – ئادەت ۋە شەرىئەت جەھەتتىن يا ماختىلىدىغانلىقى، يا سۆكىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ئاللاھنىڭ يارىتىشى بولۇپ، ئاللاھ بەندىلەرنى، ھەتتا ھايۋانلارنىمۇ شۇ شەكىلدە ياراتقان. دەلىللەر يەنە مۇئەييەن بىر پېئىلنىڭ مۇستەقىل ئىككى فائىل ئارىسىدا، بىر ئەسەرنىڭ مۇستەقىل ئىككى مۇئەسسىر ئارىسىدا يۈز بېرىشىنىڭ مۇھاللىقىنى كۆرسەتتى. دەلىللەر يەنە بىر پەيدا بولغۇچىنىڭ پەيدا قىلغۇچىسىز يۈز بېرىشىنىڭ مۇھاللىقىنى كۆرسەتتى. بۇ، ئاللاھ تائالا ئەقىللەرگە پۈتىۋەتكەن ئىشلاردۇر، ئەقىل ھۆججەتلىرى زىتلاشمايدۇ ۋە توقۇنۇشمايدۇ. ئەقىل ھۆججەتلىرىنى بىر – بىرىگە سوقۇشتۇرغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ھەممىسىگە قايىل بولۇنىدۇ ۋە تەلىپىگە رىئايە قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بىر – بىرىنى تەستىقلايدۇ. گەپلىرى ھەرقانچە كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، شەكلىرى ھەرقانچە كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى پەقەت بەسىرىتى ئاجىز ئادەملەرلا توقۇنۇشتۇرىدۇ. ئىلىم باشقا، شەك ۋە چىگىشلىك باشقا. رەقىبلەرنىڭ زىتلىشىشى مۇشۇ جەھەتتىندۇر. بۇ مەسىلىدە مۇنداق دېيىلسە توغرا بولىدۇ: ھەرىكەت بەندىنىڭ ئاللاھ ئۇنىڭدا ئورۇنلاشتۇرغان قۇدرىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن يۈز بېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بەندىنىڭ پېئىلىنى ئىرادە قىلغاندا، (بەندىدە) قۇدرەتنى ۋە ئۇنىڭ پېئىلىغا تۈرتكىنى يارىتىدۇ. نەتىجە ئۆزىنىڭ سەۋەبىگە نىسبەت بېرىلىشى جەھەتتىن، پېئىل بەندىنىڭ قۇدرىتىگە نىسبەت بېرىلىدۇ. يارىتىلغۇچى ياراتقۇچىغا نىسبەت بېرىلىشى جەھەتتىن، پېئىل رەب تائالانىڭ قۇدرىتىگە نىسبەت بېرىلىدۇ. بىر ئىشنىڭ بىرسى يەنە بىرسىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئەسەرى بولغان ئىككى قادىر ئارىسىدا يۈز بېرىشى مۇھال ئەمەس، ھالبۇكى بىرسىنىڭ قۇدرىتى جۇزئىي سەۋەبتۇر، يەنە بىرسىنىڭ قۇدرىتى مۇستەقىل مۇئەسسىردۇر. بۇ مەنىنى بىر ئىشنىڭ ئىككى قادىر ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىشى دەپ ئىپادىلەش خاتا ئىپادىلەشتۇر ۋە ئىلەشتۈرۈشتۇر. بۇنداق ئىپادىلەش ئۇ ئىككى قادىرنىڭ قۇدرەتتە تەڭداش ئىكەنلىكىنى گۇمانلاندۇرۇپ قويىدۇ، بۇ خۇددى ‹بۇ كىيىم بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىدىدۇر، بۇ قورۇ بۇ ئىككى شېرىكنىڭ ئارىسىدىدۇر› دېگىنىڭگە ئوخشاپ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، خۇددى نەتىجە ئۆزىنىڭ سەۋەبى بىلەن يۈز بەرگەندەك، ئىش ھادىس قۇدرەت بىلەن يۈز بەرگۈچىدۇر. سەۋەب، نەتىجە، فائىل ۋە ئالەت ھەممىسى ئەزەلىي قۇدرەتنىڭ ئەسەرىدۇر، رەب سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ قۇدرىتى ئۆزىنىڭ ھەربىر مۇمكىننى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدىن ۋە كامىللىقىدىن توختاپ قالمايدۇ. مەۋجۇدىيەتتە رەب سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ خاھىشى ۋە قۇدرىتىدىن باشقا مۇستەقىل تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىرنەرسە يوق. رەب تائالادىن باشقا ھەممە نەرسە ئۇنىڭ مەخلۇقىدۇر ھەمدە قۇدرىتى ۋە خاھىشىنىڭ ئەسەرىدۇر. كىمكى بۇنى ئىنكار قىلسا، ئۇنىڭغا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالادىن باشقا بىر ياراتقۇچىنى تەستىقلاش، ياكى ياراتقۇچىسى يوق بىر مەخلۇقنىڭ بارلىقىنى ئېتىقاد قىلىش لازىم كېلىدۇ.

جەبرىي ئېيتىدۇ: قەدەرىيلەرنىڭ نەزەرىدە كافىرنىڭ گۇمراھلىقى ۋە جاھىللىقى كافىر ئۈچۈن مەخلۇقتۇر (يەنى كافىر ياراتقان نەرسىدۇر)، ئۇنىڭ ئىجاد قىلىشى ۋە ئىختىيار قىلىشى بىلەن مەۋجۇد بولغۇچىدۇر. بۇنداق بولۇشى مۇھالدۇر. ناۋادا شۇنداق بولغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە كافىر شۇنى (يەنى ئۆزىدە گۇمراھلىق ۋە جاھىللىقنى) مەقسەت قىلغان بولۇپ قالاتتى. چۈنكى، مەقسەت ئىختىيارىي پېئىلنىڭ لازىملىرىدىندۇر، ھالبۇكى بۇ لازىم مۇھالدۇر. چۈنكى، بىر ئاقىل ئىنسان ئۆزىگە گۇمراھلىق ۋە جاھىللىقنى خاھلىمايدۇ. شۇڭا، ئۇ بۇ ئىشنى ئىختىيارەن قىلغان بولمايدۇ.

سۈننىي ئېيتىدۇ: ساڭا ھەيرانمەن ئەي جەبرىي! سەن بەندىنى كۇفۇر ۋە زۇلۇمنى قىلغۇچى بولۇشتىن پاكلايسەنۇ، ئەنە شۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھقا ئارتىپ قويىسەن. سېنىڭ «ئاقىل ئۆزىگە كۇفۇر ۋە جاھالەتنى تاللىمايدۇ» دېگەن گېپىڭ قىزىق. سەنمۇ كۆرىۋاتىسەن، نۇرغۇن ئىنسان توغرا يولنى بىلىپ تۇرۇپ، سەركەشلىكتىن، ھەددىدىن ئاشقانلىقتىن ۋە ھەسەتتىن ئۆزىگە كۇفۇر ۋە جاھالەتنى راۋا كۆرىدۇ. ھەق ئۆزىنىڭ قارشىسىدا بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسى، ئازغۇنلۇقى ۋە جاھالىتىنىڭ كۈشكۈرتۈشلىرىگە بويسۇنىدۇ، توغرا يولنىڭ ۋە ھىدايەتنىڭ چاقىرىقلىرىغا قارشى چىقىپ، گۇمراھلىق يولىغا كىرىدۇ ۋە ھىدايەت يولىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ھالبۇكى ئۇ ئىككىلى يولنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئەڭ راست سۆزلىگۈچى زات ئاللاھ ئېيتقانكى: ﴿سَأَصۡرِفُ عَنۡ ءَايَٰتِيَ ٱلَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَإِن يَرَوۡاْ كُلَّ ءَايَةٖ لَّا يُؤۡمِنُواْ بِهَا وَإِن يَرَوۡاْ سَبِيلَ ٱلرُّشۡدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلٗا وَإِن يَرَوۡاْ سَبِيلَ ٱلۡغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلٗاۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَكَانُواْ عَنۡهَا غَٰفِلِينَ / يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى مېنىڭ ئايەتلىرىمدىن بۇرىۋېتىمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى﴾(7/«ئەئراف»: 146). ئاللاھ تائالا يەنە ئېيتقانكى: ﴿وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيۡنَٰهُمۡ فَٱسۡتَحَبُّواْ ٱلۡعَمَىٰ عَلَى ٱلۡهُدَىٰ فَأَخَذَتۡهُمۡ صَٰعِقَةُ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡهُونِ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ / سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى﴾(41/«فۇسسىلەت»: 17). ئاللاھ تائالا يەنە فىرئەۋن قەۋمى ھەققىدە ئېيتقانكى: ﴿فَلَمَّا جَآءَتۡهُمۡ ءَايَٰتُنَا مُبۡصِرَةٗ قَالُواْ هَٰذَا سِحۡرٞ مُّبِينٞ ١٣ وَجَحَدُواْ بِهَا وَٱسۡتَيۡقَنَتۡهَآ أَنفُسُهُمۡ ظُلۡمٗا وَعُلُوّٗاۚ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُفۡسِدِينَ ١٤ / ئۇلارغا بىزنىڭ نۇرغۇن روشەن ئايەتلىرىمىز نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى﴾(27/«نەمل»: 13، 14). يەنە ئېيتقانكى: ﴿وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَصَدَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَكَانُواْ مُسۡتَبۡصِرِينَ / شەيتان ئۇلارغا (كۇفۇردىن ۋە گۇناھلاردىن ئىبارەت) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ئەقىل ئىگىلىرى ئىدى (لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئەقلىنى جايىدا ئىشلەتمىدى)﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 38). يەنە ئېيتقانكى: ﴿وَلَقَدۡ عَلِمُواْ لَمَنِ ٱشۡتَرَىٰهُ مَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنۡ خَلَٰقٖۚ / يەھۇدىيلەر (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننەتتىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى﴾(2/«بەقەرە»: 102). يەنە ئېيتقانكى: ﴿بِئۡسَمَا ٱشۡتَرَوۡاْ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمۡ أَن يَكۡفُرُواْ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بَغۡيًا أَن يُنَزِّلَ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ / يەھۇدىيلەرنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان «قۇرئان»نى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (پەيغەمبەرلىكنى) خاھلىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 90). يەنە ئېيتقانكى: ﴿يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَلۡبِسُونَ ٱلۡحَقَّ بِٱلۡبَٰطِلِ وَتَكۡتُمُونَ ٱلۡحَقَّ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ / ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى) بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئىنكار قىلىسىلەر؟ ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابلىرىڭلاردىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىسىلەر؟)﴾(3/«ئال ئىمران»: 71). يەنە ئېيتقانكى: ﴿قُلۡ يَٰٓأَهۡلَ ٱلۡكِتَٰبِ لِمَ تَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ مَنۡ ءَامَنَ تَبۡغُونَهَا عِوَجٗا وَأَنتُمۡ شُهَدَآءُۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ / (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ‹ئى ئەھلى كىتاب! (ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) شاھىد بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىنى ئەگرى كۆرسىتىشنى قەستلەپ، مۇئمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر›﴾(3/«ئال ئىمران»: 99). بۇ مەزمۇندىكى ئايەتلەر ‹قۇرئان›دا جىق بولۇپ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ‹قۇرئان›دا ئۇلارنىڭ گۇمراھلىق ۋە كۇفۇرنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن تاللىغانلىقىنى بايان قىلغان. نۇرغۇن ئادەملەر بىر ئىشنى توغرا دەپ ئويلاپ قىلىۋېرىدۇ. ھالبۇكى ئۇ گۇمراھلىق ۋە كورلۇقتۇر»(15).

 

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

 


1. شەھرىستانىي: «ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەل»، 1/72.
2. فائىل: ھەر خىل پېئىللارنى قىلغۇچى دېگەن مەنىدە.
3. كىتابنىڭ ئەسلىدە بۇ يەردە «ھەسەن بەسرىي (الحسن البصري)» دەپ بېسىلغان بولۇپ، بىز كۆرگەن نەقىلنىڭ ئەسلى مەنبەسىدە «ھەسەن ئىبنى ئەلى ئەلەيھىمەسسالام» دەپ يېزىلغان. تەرجىمىدە مۇشۇ ئاساس قىلىندى.
4. ئەھمەد ئىبنى يەھيا مۇرتەزا: «ئەلمۇنيەتۇ ۋەلئەمەل فى شەرھىل مىلەلى ۋەننىھەل»، 137 – بەت.
5. ئەھمەد ئىبنى يەھيا مۇرتەزا: «ئەلمۇنيەتۇ ۋەلئەمەل فى شەرھىل مىلەلى ۋەننىھەل»، 136 – بەت.
6. جامالىددىن ئىبنى نۇباتە ئەلمىسرىي: «سەرھۇل ئۇيۇن (سرح العيون في شرح رسالة ابن زيدون)»، دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي، قاهىرە.
7. شىئەلەر رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىس ئەھلىسۈننەت ھەدىس توپلاملىرىدا كەلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن مەزمۇندا مۇنداق بىر ھەدىس كەلگەن: «ھەربىر ئۈممەتنىڭ مەجۇسىيلىرى بولىدۇ. ئۈممىتىمنىڭ مەجۇسىيلىرى بولسا قازايىقەدەر يوق دەيدىغانلاردۇر»، ئەھمەد (6077)؛ ئەبۇ داۋۇد (4691)؛ ئىبنى ئەبى ئاسىم: «سۈننەت»، (339). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
8. ئەھمەد ئىبنى يەھيا مۇرتەزا: «ئەلمۇنيەتۇ ۋەلئەمەل فى شەرھىل مىلەلى ۋەننىھەل»، 136، 137 – بەت.
9. «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ» (6/204) دا مۇشۇنداق كەلگەن. كىتابنىڭ ئەسلىدە شۇرەيھ ئىبنى ھارىس دەپ خاتا بېسىلىپ قالغان.
10. ھادىس (الْحَادِثُ): ئەرەبچىدە: «پەيدا بولغان ۋە پەيدا بولغىنىغا ئۇزۇن زامان بولمىغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىدەشۇناسلار ئىستىلاھىدا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «يوقلۇقتىن كېيىن مەۋجۇد بولغۇچى»؛ يەنە بىرى، «مەۋجۇد بولۇشىدا باشقا بىرنەرسىگە موھتاج بولغان نەرسە». بۇ «قەدىم» سۈپىتىنىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ، پەيدا قىلىپ يارىتىلغان، ئىپتىداسى (باشلىنىشى) ۋە ئىنتىھاسى (ئاخىرلىشىشى) بولغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 110 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 512 – بەت.

11. قەدىم (الْقَدِيْمُ): ئەرەبچىدە: «كونا، قەدىمكى، بۇرۇنقى ۋە پەيدا بولغىنىغا ئۇزۇن زامان بولغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇتەكەللىملەر ئىستىلاھىدا ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ: بىرى، «مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئىپتىداسى (باشلىنىشى) يوق، ئەزەلدىن مەۋجۇد نەرسە». يەنە بىرى، «مەۋجۇدلۇقى باشقا بىرنەرسىدىن بولمىغان ياكى مەۋجۇد بولۇشىدا باشقا بىرنەرسىگە موھتاج بولمىغان نەرسە» بولۇپ، بۇ «قَدِيْمٌ بِالذَّاتِ (ئۆزلۈكىدىن قەدىم)»دۇر. گەرچە «قەدىم» دېگەن سۈپەت ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن بولمىسىمۇ، مۇتەكەللىملەر ﴿ئۇ ئىپتىداسى يوق، ئىنتىھاسىمۇ يوق زاتتۇر﴾(57/«ھەدىد»: 3) دېگەن ئايەت ۋە «ئاللاھ ئەزەلدە يالغۇز، يەككە – يېگانە ئىدى، ئاللاھتىن باشقا ھېچنەرسە ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. (يارىتىش باشلانغاندىن كېيىن) ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. ئاندىن لەۋھۇلمەھپۇزغا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىرىنى يېزىپ، ئاسمان – زېمىننى ياراتقان»(«بۇخارىي»، 3191) دېگەنگە ئوخشىغان ھەدىس شەرىفلەر بىلەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى قەدىم دەپ سۈپەتلىگەن. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 222 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 1117 – بەت.

12. ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ شەمسۇددىن ئىبنۇلقەييىم مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەييۇب ئەززۇرەئىي (الإمَامُ شَمْسُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ أَبيْ بَكْرِ بنِ أَيُّوْبَ الزُّرَعِي الدِّمَشْقِيُّ / ابْنُ قَيِّمِ الجَوْزِيَّةِ، ھ. 691 – 751/م. 1292 – 1350) — ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ شاگىرتى، «ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە» دەپ تونۇلغان. مول ھوسۇللۇق ئىسلام ئالىمى. «زادۇل مەئاد»، «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، «رەۋزەتۇل مۇھىببىن»، «ئەرروھ»، «ئەتتۇرۇقۇلھۇكمىييە»، «مىفتاھۇ دارىسسەئادە»، «مەدارىجۇسسالىكىن»، «تەھزىبۇسسۈنەن»، «ھادىل ئەرۋاھ»، «ھىدايەتۇل ھەيەرا» ۋە «ئەلجەۋابۇل كافىي» قاتارلىق تۈرلۈك ئىلىملەردىكى ئەسەرلىرى يۈزگە يېتىدۇ.

13. مۇئەسسىر: تەسىر قىلغۇچى، تەسىر كۆرسەتكۈچى، تەسىرچان، يېقىملىق. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 580 – بەت.

14. مۇھال (المحاَلُ): «رېئاللىقتا مەۋجۇد بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش». مەسىلەن، ھەرىكەت بىلەن جىملىقنىڭ بىرنەرسىدە جەملىشىشى. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 262 – بەت؛ خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 619 – بەت.
15. بۇ مۇنازىرىنىڭ تامامى ئۈچۈن قاراڭ: ئىبنۇلقەييىم: «شىفائۇل ئەلىل (شفاء العليل)»، 139 – 149، دارۇلمەئرىفە، بېيرۇت.

Please follow and like us:
Exit mobile version