زاكاتنى كۈيئوغۇلغا، كېلىنىگە بەرسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قېرىنداشلار «زاكاتنى كۈيئوغۇلغا، كېلىنگە بەرسە بولامدۇ – يوق؟» دېگەنلەرنى تالىشىپ قالدى، سىلى بىر جاۋاب بەرسىلە، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە زاكات بېرىلىدىغان سەككىز تۈرنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، ئۇنى يىغىدىغان خادىملارغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(9/«تەۋبە»: 60).

تۇغۇش – تۇغۇلۇش مۇناسىۋىتى بار تۇغقاندارچىلىق مەيلى دادا تەرەپتىن بولسۇن ياكى ئانا تەرەپتىن بولسۇن؛ مەيلى «دادا، بوۋا…» دېگەن تەرتىپ بويىچە ئۈستىگە ماڭىدىغان بولسۇن ياكى «بالا، نەۋرە، ئەۋرە، چەۋرە…» دېگەن تەرتىپ بويىچە تۆۋەنگە ماڭىدىغان بولسۇن، شەرىئەتتە چىقىمىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى بەلگىلەنگەن كىشىگە زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ. مەسىلەن، دادا تۆۋەنگە ماڭغان تەرتىپتە بالىسىغا ياكى نەۋرىسىگە، ياكى ئەۋرىسىگە، ياكى چەۋرىسىگە… ۋە ياكى يۇقىرىغا ماڭغان تەرتىپتە دادىسىغا، بوۋىسىغا، بوۋىسىنىڭ دادىسىغا، بوۋىسىنىڭ بوۋىسىغا… بەرسە بولمايدۇ.

ئايالىنىڭ چىقىمىنى قامداش ئەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن بولۇپ، ئايالنىڭ ئاتىسىغا يۈكلەنمىگەن. كۈيئوغۇل قېيىنئاتىسىنىڭ ئوغلى ئەمەس. بۇنىڭغا ئاساسەن، زاكاتقا پېقىر – مىسكىنلىك، قەرزدارلىق ۋە باشقا سەۋەبتىن لايىق بولغان كۈيئوغۇلغا زاكات بەرسە بولىدۇ(1). بەلكى تېخى سىلە – رەھىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، ئۇرۇق – تۇغقانلار خەير – ئېھسان قىلىنىشتا باشقىلاردىن ئالدىن ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالدا زاكاتتىن زاكات بەرگۈچىنىڭ قىزى پايدىلىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ قىزى ئۇ مالدىن زاكات سۈپىتىدە ئەمەس، ئېرىنىڭ پۇلى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ زاكات پۇل ئەرنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن ئەرنىڭ مۈلكى بولۇپ كېتىدۇ.

زاكاتنى زاكاتقا لايىق كۈيئوغلىغا بەرگەن تەقدىردە، ئۇنىڭغا ياكى قىزىغا بۇنىڭ زاكات پۇل ئىكەنلىكىنى دەپ يۈرۈشى ھاجەتسىز. ئەكسىچە، ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. كېلىنگە كەلسەك، كېلىننىڭ ۋە نەۋرىلىرىنىڭ نەپىقىسى ئوغلىغا ۋاجىب. ئەگەر ئوغلى پېقىر بولسا، ئاتا ئوغلىغا، كېلىنىگە ھەتتا نەۋرىلىرىگە خىراجەت قىلىپ ئۇلارنى بېقىشى لازىم. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا زاكىتىنى بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئاتا بولمىغان ئەھۋالدا قول ئىلكىدە بار ئانىمۇ ئاتىغا ئوخشاش(2).

ئەمما، كېلىن تۇرمۇش چىقىمى ئۈچۈن ئەمەس، باشقا ئىشلار سەۋەبلىك، مەسىلەن ئۆزىنىڭ تىجارىتىدە ياكى كېلىن كېلىشتىن بۇرۇنقى ئوقۇشىدا دېگەندەك ئىشلاردا قەرزگە كىرىپ قالغان بولۇپ، بۇ قەرزنى تۆلىگۈدەك ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنىڭ قەرزىنى ئېرىنىڭ تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولمىغاچقا، بۇ ئەھۋالدا قەرزدارلار قاتارىدا كېلىنگە قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن زاكات بەرسە ياكى قەرزىنى بىۋاسىتە زاكاتتىن تۆلىۋەتسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 14 – رامازان / م. 2024، 24 – مارت


1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 23 – ج، 326 – بەت.
2. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 5 – ج، 207 – بەت؛ 18 – ج، 159 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago