پەسىل: ئاللاھنى تونۇش ۋە ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراشنىڭ ئەڭ چوڭ لەززەت ئىكەنلىكى ۋە بۇ نېئمەتتىن مەھرۇم قالغان كىشىنىڭلا باشقا لەززەتنى ئارتۇق بىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، لەززەتلەر ئاڭ – ئىدراكلارغا ئەگەشكۈچىدۇر. ئىنسان ھەرخىل قۇۋۋەت ۋە تەبىئەتلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغاندۇر. ئىنساندىكى ھەربىر قۇۋۋەت ۋە تەبىئەتنىڭ لەززىتى بولىدۇ. ئىنساندىكى بۇ تەبىئەتلەر بىھۇدە يارىتىلغان ئەمەس، بەلكى بىر مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئۇ مەقسەت تەبئىيكى، ئىنسان تەبئىتىنىڭ تەلىپىدۇر.
تائامغا قىزىقىش تەبىئىتى ئىنساننىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش سەۋەبى بولمىش غىزانى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.
كۆرمەك ۋە ئاڭلىماق كۆرۈش ۋە ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ لەززىتىدۇر.
شۇنىڭدەك قەلبتە «ئىلاھىي نۇر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەبىئەت بولىدۇ. بەزىدە بۇ تەبىئەت «ئەقىل، يوشۇرۇن كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئىمان ۋە جەزمىيەت نۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تەبىئەت بارلىق ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى ئۆز ئەينى بىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ تەقەززاسى ئىلىم – مەرىپەتتۇر. ئىلىم – مەرىپەت بولسا ئۇنىڭ لەززىتىدۇر.
كىچىككىنە نەرسە ھەققىدە ئىلىمگە ئېرىشىشنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى، كىچىككىنە نەرسە بولسىمۇ ئۇنى بىلمەسلىكنىڭ كۆڭۈل يېرىم قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكى ھېچكىمگە مەخپىي ئەمەس. بۇنداق بولۇشى ئىلىم لەززىتىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكى ۋە ئىلىم بولغاندىلا ئىنسان ئۆزىنىڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى سەزگەنلىكى ئۈچۈندۈر. چۈنكى، ئىلىم ئەڭ گۈزەل سۈپەتتۇر. مۇكەممەللىك غايىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسان زېرەكلىكى، ئىلمىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكى بىلەن ماختالسا تەبىئىي ھالدا خۇشاللىنىدۇ. دېھقانچىلىق ۋە تىككۈچىلىكنى بىلىش لەززىتى مۈلكىي ئىدارە ۋە كىشىلەرنى باشقۇرۇشنى بىلىش لەززىتىگە ئوخشىمايدۇ. شېئىر ۋە گىرامماتىكىنى بىلىش لەززىتى ئاللاھ تائالانى، پەرىشتىلىرىنى، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتىنى تونۇش لەززىتىگە ئوخشىمايدۇ. بەلكى ئىلىمنىڭ لەززىتى ئىلىمنىڭ ئۇلۇغ بولۇشىغا قاراپ ئۇلۇغ بولىدۇ. ئىلىمنىڭ ئۇلۇغ بولۇشى مەلۇماتنىڭ ئۇلۇغ بولۇشغا قاراپ ئۇلۇغ بولىدۇ.
بۇ سۆزلەردىن ئۇلۇغ ئىلىمنىڭ ئەڭ لەززەتلىك ئىلىم – مەرىپەت ئىكەنلىكى، ئىلىمنىڭ ئۇلۇغ بولۇشى مەلۇماتنىڭ ئۇلۇغ بولۇش مىقدارىچە بولىدىغانلىقى ئايان بولىدۇ.
ئەگەر مەلۇماتلار ئىچىدە ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا بىرنەرسە بار بولسا، ئۇ نەرسىنى بىلىش ئەڭ لەززەتلىك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ئىلىمنى بىلگەنلىك ئىكەنلىكىدە ھېچ شۈبھە يوقتۇر.
كاشكى ھېس قىلسامچۇ! كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقۇچى، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگۈچى، بېزىگۈچى، ئەۋۋەلا بارلىققا كەلتۈرگۈچى، قايتا تىرىلدۈرگۈچى ۋە تەرتىپلىگۈچى ئاللاھ تائالادىنمۇ بۈيۈك، ئالىي، مۇكەممەل، ئۇلۇغ ۋە كاتتا بىر زات بارمۇ؟ پادىشاھلىق، مۇكەممەللىك، گۈزەللىك، كۆركەملىك، ئۇلۇغلۇقتا ۋە ئۇلۇغلۇقىنى، مۇكەممەللىكىنى، ئىشلىرىنىڭ ئاجايىباتلىرىنى سۈپەتلىگۈچىلەرنىڭ سۈپەتلىشىمۇ تولۇق بايان قىلالمايدىغان جانابىي ئاللاھ تائالادىنمۇ ئالىيجاناب بىرى بارمۇ؟!
شۇڭا، ئىلىم – مەرىپەت لەززىتىنىڭ بەش سەزگۈ ئەزا بىلەن ھېس قىلىنىدىغان بارلىق لەززەتلەردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك. چۈنكى، ئىلمى مۇكەممەل كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە يوشۇرۇن سۈپەتلەر ئاشكارا لەززەتلەردىن غالىبتۇر. ئەگەر بىر ئادەم سېمىز توخۇ ۋە ھالۋا يېيىش لەززىتى بىلەن باشلىق بولۇش، دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئىستىلا قىلىش ھۇزۇرى ئارىسىدا ئۆز ئىختىيارىغا قويۇلسا، ئەگەر كىشى ھىممىتى پەس، قەلبى ئۆلۈك ۋە ھايۋانىي شەھۋىتى كۈچلۈك كىشى بولسا، توخۇ ۋە ھالۋىنى تاللايدۇ. ئەگەر ئۇ ئالىي ھىممەت ۋە ئەقلى كامىل كىشى بولسا، ئەمەل ئىگىسى بولۇشنى تاللايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاچ – سۇسىز، زۆرۈر ئوزۇقنى يېمەي بىرنەچچە كۈن سەبر قىلىش تەس كەلمەيدۇ. مانا بۇ، ئۇنىڭ باشلىق بولۇشنى تاللىغانلىقى ئۇنىڭ نەزەرىدە ئەمەل – مەنسەبنىڭ ياخشى تائاملاردىن لەززەتلىك ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.
ئالىي ھىممەت ۋە ئەيىب – نۇقساندىن خالىي كىشىگە ئەمەل – مەرتىۋە لەززىتى ئەڭ غالىب لەززەت بولغىنىدەك، ئاللاھ تائالانى تونۇش ۋە ئىلاھىي ئىشلارنىڭ سىرلىرىغا قاراش لەززىتى كىشىلەرگە غالىب كەلگەن ئەڭ يۇقىرى لەززەت بولغان باشلىق بولۇش لەززىتىدىن بەكرەك لەززەتلىكتۇر. بۇنى پەقەت ھەر ئىككى لەززەتنى تېتىپ باققان كىشىلا بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇشبۇ ئەڭ يۇقىرى لەززەتنى تېتىغان كىشى ئاياللارغا بېرىلمەسلىك، يالغۇزلۇق، پىكىر قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشنى تاللايدۇ، ئىلىم – مەرىپەت دېڭىزلىرىغا شۇڭغۇيدۇ ۋە ئەمەل – مەنسەبنى تاشلايدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلنىڭ يوقىلىدىغانلىقى، باشقۇرىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ يوقىلىدىغانلىقى، باشلىقلىق قىيىنچىلىق بىلەن ئارىلاشقانلىقى ۋە كەسكىن ھالاكەت ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلەرنى باشقۇرۇش ئىشىنى تۆۋەن كۆرىدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە ئاللاھ تائالانى تونۇش، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى بىلىش، قىلىش – ئېتىشلىرىنى ۋە ئۇ زاتنىڭ مەملىكىتىنىڭ تۈزۈمىنى بىلىش ئىنتايىن چوڭ ئىش بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ زاتنىڭ مەملىكىتى تالاشقۇچىدىن ۋە بىئارام قىلغۇچىدىن خالىيدۇر. ئارقىمۇئارقا كەلگەنلەرنى سىغدۇرۇپ، ئۇلارغا تار كېلىپ قالمايدۇ. بۇلارنى بىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى تونۇغۇچى ﴿كەڭلىكى ئاسمان ۋە زېمىنچە كېلىدىغان جەننەت﴾(3/«ئال ئىمران»: 133) نى كۆرۈشى بىلەن جەننەت باغچىلىرىدا يايرايدۇ. جەننەت مېۋىلىرىنى ئۈزىدۇ. جەننەتنىڭ كۆللىرىدىن سۇ ئىچىدۇ. ئۇ كىشى بۇ نېئمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىدىن خاتىرجەمدۇر. چۈنكى، ئۇ نېئمەتلەر ئەبەدى ۋە مەڭگۈلۈك بولۇپ، ئۇنى ئۆلۈم ئۈزۈپ قويمايدۇ. چۈنكى، ئۆلۈم ئاللاھ تائالانى تونۇش ئورنىنى يىقىتىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالانى تونۇش ئورنى بولسا روھتۇر. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۆلۈم پەقەت روھنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىدۇ، لېكىن روھنى يوقىتالمايدۇ.
ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا پەرقلىق دەرىجىلەردە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرىنىڭ پەرقلىرىنى ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىشلار پەقەت زەۋق ئارقىلىق بىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ھېكايە قىلىشنىڭ پايدىسى بەك ئازدۇر. بۇ سۆزلەر ساڭا ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ ئەڭ لەززەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتۈپ بىر لەززەتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «ئاللاھ تائالانىڭ شۇنداق بەندىلىرى باركى، ئۇلارنى ئاللاھ تائالادىن دوزاخ قورقۇنچىسى ۋە جەننەت ئۈمىدى مەشغۇل قىلالمايدۇ، شۇنداق ئىكەن، دۇنيا ئۇلارنى ئاللاھ تائالادىن قانداقمۇ مەشغۇل قىلالىسۇن؟!»
مەئرۇف ئەلكەرخىينىڭ بىر ھەمراھى ئېيتىدۇ: مەن مەئرۇف ئەلكەرخىيگە:
— قايسى نەرسە سېنى ئىبادەتكە باشلىدى؟ — دېگەنىدىم، ئۇ لام – جىم دېمىدى. مەن:
— ئۆلۈمنى ئەسلەشمۇ؟ — دېدىم. ئۇ:
— ئۆلۈم قانداق نەرسە؟ — دېدى.
— ئەمىسە قەبرنى ئەسلەشمۇ؟
— قەبر دېگەن نېمە؟
— ئەمسە دوزاختىن قورقۇش ۋە جەننەتنى ئۈمىد قىلىشمۇ؟
— ئۇ نېمە؟ بىر پادىشاھنىڭ قولىدا ئېيتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى بولسا ۋە سەن ئۇ پادىشاھنى ياخشى كۆرسەڭ، ئۇنىڭ سۆيگۈسى سەندىن ئېيتىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەگەر سەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا تونۇشۇش بولسا، ئۇ پادىشاھ ساڭا شۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىغاندىمۇ بەكرەك كۇپايە قىلىدۇ.
ئەھمەد ئىبنى فەتىھ رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر:
— مەن بىشر ئىبنى ھارىسنى چۈشۈمدە كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن:
— مەئرۇف ئەلكەرخىينىڭ ئەھۋالى قانداق؟ — دەپ سورىغانىدىم، ئۇ بېشىنى مىدىرلىتىپ:
— بىزنىڭ ئارىمىزنى پەردىلەر توسۇۋالدى. مەئرۇف ئەلكەرخىي ئاللاھ تائالاغا ئۇنىڭ جەننىتىگە قىزىقىپ ياكى دوزىخىدىن قورقۇپ ئىبادەت قىلمىغان ئىدى، پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىنتىزار بولۇپ ئىبادەت قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى پەردىلەرنى كۆتۈرۈۋەتتى، — دېدى.
دېمەك، بىر كىشىدە ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ھاسىل بولسا، ئۇنىڭ قەلبى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشكە غەرق بولىدۇ ۋە جەننەتكە، دوزاخقا قارىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشى ئەڭ يۇقىرى نېئمەتكە يەتكەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنى ئۇنتۇش ئېغىردۇر ئۇنىڭ دوزىخىدىن،
ئاللاھقا يېتىش ياخشىدۇر ئۇنىڭ جەننىتىدىن.
بۇ سۆزنى دېگۈچى بۇ سۆزى بىلەن قەلبنىڭ ئاللاھ تائالانى تونۇشتىكى لەززىتىنى ئىرادە قىلغاندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ تائالانى تونۇش يېيىش، ئىچىش ۋە نىكاھلىنىش لەززىتىدىن ئارتۇقتۇر. چۈنكى، جەننەت سەزگۈ ئەزالارنىڭ مەنپەئەت ئېلىش كانىدۇر. قەلبنىڭ لەززىتى پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشتىدۇر.
شۇنى بىلگىنكى، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالاغا قاراش لەززىتى دۇنيادىكى ئىلىم – مەرىپەت لەززىتىدىن زىيادە بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلارغا قويغان يولى شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئىنسان نەپسى بەدەن توسالغۇلىرى، شەھۋەت تەلەپلىرى ۋە ئىنسانىي سۈپەتلەردىن غالىب كېلىدىغان سۈپەتلەر بىلەن پەردىلەنسە، كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ. بەلكى بۇ ھايات زۆرۈر ھالدا ئىنسان نەپسىدىن پەردىلىنىدۇ. بۇ بولسا كۆزلەرنىڭ كۆرۈشىنى كىرپىكلەرنىڭ توسقىنىغا ئوخشايدۇ. بۇ سۈپەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆرۈشكە توسالغۇ بولىدىغانلىقى سەۋەبى ھەققىدە سۆزلىسەك، گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ. توسالغۇ ئۆلۈم بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە، ئىنسان نەپسى دۇنيا بىلەن بىر تۈرلۈك بۇلغۇنۇش بار ھالەتتە قالىدۇ. ئاندىن جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرگۈزۈلۈپ بارلىق بۇلغىنىشلاردىن پاكلانغاندا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى دۇنيادا تونۇش مىقدارىچە ئاشكارا بولىدۇ.
دېمەك، دۇنيادا ئاللاھ تائالانى تونۇمىغان ھەرقانداق كىشى ئاللاھ تائالانى ئاخىرەتتە كۆرەلمەيدۇ. دۇنيادا ئاللاھ تائالاغا دوست بولمىغان كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالاغا يېڭىدىن دوست بولالمايدۇ. بىر كىشى نېمە تېرىسا، شۇنى ئورۇيدۇ. ئىنسان قانداق ياشىغان بولسا، شۇ بويىچە ئۆلىدۇ. ئىنسان ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئۆزى بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ. لېكىن، ئىلىم – مەرىپەت ئۆلۈم كېلىپ پەردىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاخىرەتتە لەززەت ھەسسىلەپ بولىدۇ. ھەقىقىي ھايات ئاخىرەتتىكى ھاياتتۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقىي ھايات ئىدى﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 64) دېگەن.
ئاخىرەتتىكى ھەقىقىي ھايات ئىلىم – مەرىپەت مىقدارىچە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىستە: «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۆمرى ئۇزۇن ۋە ئەمىلى ياخشى بولغىنىدۇر» دېيىلگەن(1).
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئىلىم – مەرىپەت داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش، زىكىر ئېيتىش، نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش، دۇنيا ئالاقىلىرىدىن ئۆزىنى تارتىش ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىشقا ئاتلىنىش ئارقىلىق ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن تولۇقلىنىدۇ، كۆپىيىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ.
بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ مەزمۇنلار ئارقىلىق سەن ياخشى كۆرۈشنىڭ مەنىسىنى، ئىلىم – مەرىپەت لەززىتىنىڭ مەنىسىنى، قاراش ۋە ئۇنىڭ لەززىتىنىڭ مەنىسىنى، ئۇنىڭ كامالەت ئەھلىنىڭ قارىشىدا بارلىق لەززەتلەردىن لەززەتلىك بولۇشىنىڭ مەنىسىنى بىلدىڭ.
پەسىل: ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنى كۈچلەندۈرىدىغان سەۋەبلەر، ياخشى كۆرۈشتە كىشىلەرنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانى تونۇشتا كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇپ قېلىش سەۋەبى توغرىسىدا
شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ تائالانى بەك ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئاخىرەتتە ئەڭ بەختلىك ۋە ھالى ئەڭ ياخشى بولىدىغان كىشىلەردۇر.
چۈنكى، ئاخىرەتنىڭ مەنىسى «ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىش ۋە ئۇ زات بىلەن ئۇچرىشىپ بەخت – سائادەت تېپىش» دېمەكتۇر. ئۇزۇن ۋاقىت كۈتكەندىن كېيىن، ئاشىقنىڭ مەشۇقى يېنىغا كېلىشى ۋە ئۇنى ھېچقانداق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇسىز كۆرەلىشى نېمىدېگەن كاتتا نېئمەت – ھە!
لېكىن، بۇ نېئمەت ياخشى كۆرۈش مىقدارىچە بولىدۇ. ياخشى كۆرۈش قانچە زىيادە بولسا، لەززەتمۇ شۇنچە زىيادە بولىدۇ. مۇئمىن ياخشى كۆرۈشنىڭ يىلتىزىدىن ئايرىلمايدۇ. چۈنكى، مۇئمىن ئىلىم – مەرىپەت يىلتىزىدىن ئايرىلمايدۇ. قاتتىق ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىنى ئىگىلىشى بولسا كۆپ كىشىلەردە بولمايدۇ. شەكسىزكى، بۇ ھالەت ئىككى سەۋەبتىن ھاسىل بولىدۇ:
بىرىنچىدىن: دۇنيا ئالاقىلىرىدىن ئۆزىنى تارتىش ۋە ئاللاھ تائالادىن ئۆزگە نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى قەلبتىن چىقىرىپ تاشلاش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئاجىز بولۇپ قېلىشىنىڭ بىر سەۋەبى دۇنيا مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇپ قېلىشىدۇر. قەلب دۇنياغا قانچىكى بېرىلسە، ئاللاھ تائالادىن شۇنچىكى يىراقلىشىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىككى كۈندەش ئايالغا ئوخشايدۇ.
قەلبتىن دۇنيا سۆيگۈسىنى چىقىرىپ تاشلاش يولى بولسا زاھىدلىق يولىدا مېڭىش، سەبرچان بولۇش، بۇ ئىككىسىدە ھەم قورقۇش، ھەم ئۈمىدۋار بولۇش، «تەۋبە قىلىش توغرىسىدا»، «سەبر قىلىش توغرىسىدا»، «شۈكۈر قىلىش توغرىسىدا»، «زاھىدلىق توغرىسىدا»، «قورقۇش توغرىسىدا» دېگەن تېمىلاردا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ماقاملاردا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەزمۇنلارغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن: ئاللاھ تائالانى تونۇشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۇ زاتنى ياخشى كۆرۈشنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىلىم – مەرىپەت ھاسىل بولغاندا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشى كۆرۈش ھاسىل بولىدۇ. شۇ ئىلىم – مەرىپەتكە بولسا قەلب دۇنيا مەشغۇلاتلىرىدىن خالىي قالدۇرۇلغاندا، ساپ پىكىر قىلىش، دائىما زىكىر ئېيتىش، تىرىشىپ ئىلىم تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ قىلىم – ئېتىملىرىنى دەلىل سۈپىتىدە كەلتۈرۈش قاتارلىقلار يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ قىلىم – ئېتىملىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مىسالى پەرىشتىلەر ۋە ئاسمانلارنىڭ سەلتەنىتى شۇنداقلا زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىلەردۇر.
قۇياش — ھەجمىنىڭ كىچىك كۆرۈنۈشىگە قارىماي — زېمىندىن يۈز ئاتمىش نەچچە ھەسسە چوڭدۇر. زېمىن ھەجمىنىڭ قۇياشقا سېلىشتۇرغاندا بەك كىچىك ئىكەنلىكىگە قارىغىن، ئاندىن قۇياشنىڭ ھەجمىنىڭ قۇياش مەركەزلەشكەن تۆتىنچى ئاسمانغا(2) قارىغاندا قانچىلىك كىچىكلىكىگە قارىغىن! تۆتىنچى ئاسمان ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانلارغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ كىچىكتۇر. يەنە «يەتتە قات ئاسمان كۇرسىي ئالدىدا بەئەينى چۆلگە تاشلانغان بىر تال ھالقىغا ئوخشايدۇ، كۇرسىي بولسا ئەرش ئالدىدا قۇم دېڭىزىغا تاشلاپ قويۇلغان بىر تال مونچاققا ئوخشايدۇ»(3).
ئاندىن زېمىندىن ئېلىنغان بىر ئوچۇم تۇپراقتىن يارىتىلغان ئادەملەر ۋە جىمى ھايۋاناتلارنىڭ زېمىنغا نىسبەتەن نەقەدەر كىچىك ئىكەنلىكىگە قارىغىن! شۇ جۈملىدىن پاشا سەن تونۇيدىغان كىچىك ھايۋانلاردىن — ھاشارەتلەردىن بىرىدۇر. نەق شۇ تاپتىكى ئەقلىڭ بىلەن قارىغىنكى، ئاللاھ تائالا كىچىككىنە پاشىنى ھايۋاناتلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان پىلنى ياراتقاندەك يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئىككى قاناتنى قانداق زىيادە قىلغان، شۇ پاشىغا ئاڭلاش، سېزىش ۋە يېيىش ئەزالىرىنى قانداق ئورناتقان، نىشانىنى ئىزدەپ تېپىش، قوغدىنىش ۋە ھەزىم قىلىشتەك قابىلىيەتلەرنى ۋە خاھلىسا ئۇچالايدىغان قانات، خاھلىسا قان شورىيالايدىغان ئۆتكۈر تۇمشۇقىنى قانداق ئاتا قىلغان – ھە!
ھەسەل ھەرىسىنىڭ گۈل – چېچەكلەرنى ئىستىمال قىلىشىغا، مەينەت نەرسىلەردىن ساقلىنىدىغانلىقىغا ۋە چوڭىغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىغا قارىغىن! ھەتتا ھەسەل ھەرىسىنىڭ چوڭى مەينەت نەرسىلەرنى يەپ كەلگەن ھەرقانداق ھەسەل ھەرىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ ئالتە بۇلۇڭ شەكىللىك كۆنەك تاللىغانلىقىغا قارىغىن. ھەسەل ھەرىسى ھەرگىزمۇ تۆتبۇلۇڭلۇق، يۇمىلاق ياكى بەش بۇلۇڭلۇق كۆنەك بىنا قىلمايدۇ. بەلكى ئۆزىگىلا خاس بولغان ئالتە بۇلۇڭلۇق كۆنەك ياسايدۇ. شەكىللەر ئىچىدە ئەڭ كەڭ ۋە سىغىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى يۇمىلاق ياكى ئۇنىڭغا يېقىن شەكىلدۇر. تۆتبۇلۇڭلۇق شەكىلنىڭ بۇلۇڭلىرى بىكار قالىدۇ، ئەگەر ئۇۋىسىنى يۇمىلاق ھالەتتە بىنا قىلسا، ئۇۋىنىڭ سىرتىدا بوش يوچۇقلار قالاتتى. چۈنكى، يۇمىلاق شەكىللەر قاتلاپ بىر يەرگە كەلتۈرۈلسە، جىپسىلاشقان ھالەتتە بىر يەرگە كەلمەيدۇ. شۇڭا، ھېچقانداق شەكىل يۇمىلاق شەكىلدەك سىغىمچان ئەمەس. ئالتە بۇلۇڭلۇق كۆنەك بولغاندىلا، ھېچقانداق يوچۇق قالماستىن يېقىن كەلتۈرۈلسە جىپسىلىشىپ كېلەلەيدۇ. ھەسەل ھەرىسى شۇنچە كىچىك ۋە ئاجىز تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇلارنى قانداق ئىلھام قىلغانلىقىغا قارىغىن! ھاشارەتلەر ھەققىدىكى بۇ ئازغىنە نۇردىن ئىبرەت ئالغىن! بۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە قاراش بىلەن ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىلىم – مەرىپەت ئاشىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش زىيادە بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشتە پەرقلىق بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ بايانى توغرىسىدا
بىلگىنكى، ھەممە كىشى بىردەك ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، ھەركىمنىڭ ئىلىم – بىلىمى بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۆرۈشتىمۇ بىردەك بولمايدۇ.
كۆپىنچە كىشىلەر ئاللاھ تائالانى تونۇشتا ئۆز قۇلاقلىرى بىلەن ئاڭلىغان ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدىن ئۆزگىنى بىلمەيدۇ.
يېتىشكەن ئالىم كىشى ھەقتائالانىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتا ئەقىللەرنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدىكى تەپسىلاتىغا قارايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئالىم قەلبەن ئاللاھ تائالانى تېخىمۇ ئۇلۇغلايدۇ ۋە تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىش ئاجايىباتلىرىنى بىلىشتىن ئىبارەت ئۇشبۇ ئىلىم ئالىمنى بىپايان بىر ئوكيانغا ئېلىپ بارىدۇ.
كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانى تونۇشتىن ئاجىز كېلىشىنىڭ سەۋەبى
شۇنى بىلگىنكى، بارلىققا كەلتۈرگۈچى كۆرۈنسۇن، كۆرۈنمىسۇن، بارلىققا كەلتۈرۈلگەن نەرسە ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا، بارلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ ئىلمى بارلىقىغا، ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىگە — گەرچە بۇلار بەش سەزگۈ ئەزادىن بىرەرسى بىلەن ھېس قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ — ناھايىتى ئوچۇق دەلىلدۇر.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ مەۋجۇدلۇقى، ئىلمى، قۇدرىتى ۋە باشقا سۈپەتلىرىگە بىزلەر كۆرۈپ تۇرغان تاغۇ – تاش، دەل – دەرەخ، سېغىز تۇپراق، ئۆسۈملۈك – ھايۋانات، ئاسمان – زېمىن، ئاي – يۇلتۇز، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز قاتارلىق بارچە نەرسىلەر دەلىلدۇر. شۇنداقلا، ھەقتائالانىڭ ئۇشبۇ سۈپەتلىرىگە بالا نەپسىمىز، تەن – جانىمىز، ھال – ئەھۋالىمىز، قەلبىمىز، ئىش – ھەرىكەت ياكى جىم تۇرۇشلىرىمىزدىكى بارلىق باسقۇچلارنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى بىرىنچى دەلىلدۇر.
تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق نەرسىلەر ئۆزىنىڭ بىر ياراتقۇچىسى، ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى، باشقۇرۇپ تۇرغۇچىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى بارلىقىغا گۇۋاھ بولىدىغان تىرىك دەلىلدۇر. مانا ئۇلار ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالانىڭ بار ۋە دائىما ھايات ئىكەنلىكىگە، ئىلمى، قۇدرىتى، شەپقىتى، ھېكمىتى، ئۇلۇغلۇقى ۋە كاتتىلىقىغا دەلىلدۇر. چۈنكى، ھەرقانداق زەررە چاغلىق نەرسىمۇ ئۆز – ئۆزىنى پەيدا قىلالمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇنى پەيدا قىلغۇچىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. لېكىن، بىزنىڭ ئەقلىمىز جانابىي ئاللاھ تائالانى تولۇق بىلىشتە بەجايىكى كۈندۈزدىكى شەپەرەڭگە ئوخشاپ قالغان. شەپەرەڭ كۈندۈزدە كۆرەلمەيدۇ، كېچىدە كۆرىدۇ. شەپەرەڭنىڭ كۈندۈزدە كۆرەلمەسلىكى كۈندۈزنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى كۈندۈزنىڭ قاتتىق يورۇق، ئاشكارا ۋە شەپەرەڭنىڭ بولسا كۆزىنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدىندۇر. شۇنىڭغا ئوخشىغان، بىزنىڭ ئەقىللىرىمىز جانابىي ئاللاھ تائالانى تولۇق بىلىشتىن ئاجىزدۇر. ئۆز نۇرىنى يورۇتۇش بىلەن پەردىلىنىپ، شۇ نۇرى بىلەن كۆزلەردىن يوشۇرۇن بولغان ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇر.
بۇ بولسا چۈشەنچىلەرنىڭ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى تونۇشتىن ئاجىز كېلىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىدۇر.
بۇنىڭدىن باشقا ئىنسان چۈشەنگەن نەرسىلەرمۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دەلىلدۇر. ئىنسان ئۇنى ئۆزىگە ئەقىل كىرمىگەن گۆدەك ۋاقتىدىلا ھېس قىلىدۇ. ئىنسان بىر غەمگە غەرق بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ۋە ئۇ ئىنساندا چۈشىنىش تەبىئىتى ئاستا – ئاستا نامايان بولىدۇ ھەمدە ئۇ ئۆزى چۈشەنگەن نەرسىلەرنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ نەرسىلەرگە ئادەتلىنىدۇ. ئاندىن شۇ ئادەتلەرنىڭ تەسىرى ئۇزۇن مۇددەت ئۆزلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇنى ھەيران قالدۇرماس ھالغا كېلىدۇ.
شۇنىڭدەك ئىنسان ناتونۇش بىر ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكنى ۋەياكى ئاللاھ تائالانىڭ پەۋقۇلئاددە ئىشلىرىدىن بىر ئاجايىپ ئىشنى كۆرسە، ئەجەبلىنىپ: «سۇبھانەللاھ، سۇبھانەللاھ» دەيدۇ. ئىنسان كۈندۈزلىرى دائىما ئۆزىنى، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ۋە نۇرغۇن كۆندۈرۈلگەن ئۆي / مەھەللە ھايۋانلىرىنى كۆرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە كەسكىن دەلىلدۇر. ئىنسان ئۇ نەرسىلەرنى ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈپ كۆنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت كامالىنىڭ دەلىللىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ.
ئەگەر بىر قارىغۇ كىشى ئەقىل – ھوشى جايىدا بالاغەتكە يەتسە، ئاندىن ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، نەزەرى كۆك ئاسمانغا، قارا زېمىنغا، دەل – دەرەخلەرگە، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا بىرلا چۈشسە، بۇ ئاجايىباتلارنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيرانۇھەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ قۇدرىتىگە بولغان پولاتتەك شاھىدلىقى ئالدىدا شۇ كىشىنىڭ ئەقلىنىڭ ئادىشىپ قېلىشىدىن قورقىلىدۇ.
بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش شەھۋەتلەرگە باش چۆكۈرۈشتىن ئىبارەت سەۋەبلەر كىشىلەرگە ئىلىم – مەرىپەت نۇرى بىلەن يورۇقلۇق تەلەپ قىلىش يولىنى ۋە ئىلىم – مەرىپەتنىڭ كەڭ كەتكەن دېڭىزىدا ئۈزۈش يولىنى توستى.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. ئەھمەد (17716). تىرمىزىي: (2330) «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1836) «سەھىھ» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. قۇياش تۆتىنچى ئاسماندا دېيىش ئىجتىھادىي ھۆكۈمدۇر. توغرىسىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
3. ئىبنى ھىببان (361). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ئىنتايىن زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 109) «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.