بىلگىنكى، گۇناھلار مەشۇقنىڭ ۋەسلىگە يېتىشتىن توسىدۇ. مەشۇقتىن يىراقلاشتۇرغۇچى نەرسىدىن يۈز ئۆرۈش ۋاجىبتۇر.
مەشۇقتىن يىراقلاشتۇرغۇچى نەرسىدىن يۈز ئۆرۈش ئىلىم، پۇشايمان قىلىش ۋە كەسكىن بەل باغلاش بىلەن بولۇر. چۈنكى، ئىنسان گۇناھ – مەئسىيەتلەرنىڭ ھىجرانغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلمايدۇ ۋە جۇدالىق يولدا ماڭغانلىقىغا ھەسرەت چەكمەيدۇ، ئەگەر ھەسرەت چەكمىسە گۇناھ يولدىن قايتمايدۇ.
ئاللاھ تائالا (گۇناھ – مەئسىيەتتىن تېيىپ) تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇپ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار﴾(24/«نۇر»: 31)، ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ﴾(66/«تەھرىم»: 8)، ھەمدە: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 222) دېگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى خالايىق! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن مەن ئاللاھقا بىر كۈندە 100 قېتىم تەۋبە قىلىمەن»(1) دېگەن.
«سەھىھەين»دە، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن سۇ ۋە گىياھسىز چۆل – باياۋاندا توختاپ ئۇخلاپ ئويغىنىپ قارىسا، تۆگىسى يېمەك – ئىچمەكلىرى بىلەن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، تۆگىسىنى ئىزدەپ بارمىغان يەر قالماي تۆگىسىنى تېپىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، تەقدىرگە تەن بېرىپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرسا، توساتتىن تۆگىسى يېنىدا پەيدا بولۇپ قالغاندىن كېيىن سۇ ئىچىپ، قورسىقىنى تويغۇزغان ئادەم قايسى دەرىجىدە خۇشال بولسا، ئاللاھ تائالامۇ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ»(2) دېگەن.
بۇ بارىدا كەلگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. تەۋبە قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى خۇسۇسىدا ئالىملار بىردەك ئىجماﺋ قىلغاندۇر. چۈنكى، گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئىنساننى ھالاك قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن دەرھال قېچىش ۋاجىبتۇر.
تەۋبە قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى
داۋاملىق تەۋبە قىلىش ۋاجىبتۇر. چۈنكى، ئىنسان گۇناھ – مەئسىيەتتىن خالىي بولالمايدۇ. بەدەنىي گۇناھلاردىن ساقلانسىمۇ، قەلب مەئسىيەتلىرىدىن خالىي بولالمايدۇ. قەلبەن گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشتىن ساقلانغان تەقدىردە شەيتاننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىدىن مەشغۇل قىلىدىغان تۈرلۈك خىياللارنى تاشلاپ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ساقلىنالمايدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىن ساقلانغان تەقدىردە ئاللاھنى، سۈپەتلىرىنى، ئىشلىرىنى ھەقىقىي تونۇشتىكى نۇقساندىن ساقلىنالمايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى كەمچىلىكتۇر. بۇ كەمچىلىكتىن ھېچكىم ساقلىنالمايدۇ. كىشىلەر كەمچىلىك مىقدارىدا پەرقلىق بولسىمۇ، ئەسلىدە بۇ كەمچىلىك ھەممە كىشىدە تېپىلىدۇ. شۇل بائىس، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قەلبىمنى سەھۋەنلىك باسقاندەك بولىدۇ، شۇڭا مەن بىر كېچە – كۈندۈزدە ئاللاھ تائالادىن 70 قېتىم مەغپىرەت تىلەيمەن»(3) دېگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆزىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئىكرام قىلدى: ﴿ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېئمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق﴾(48/«فەتىھ»: 2). ئۇنداقتا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!
ئۇسۇلىغا مۇۋاپىق ھالدا قىلىنغان تەۋبە توغرا ۋە ئاللاھ تائالا ھۇزۇرىدا مەقبۇل بولغان تەۋبە بولىدۇ.
ھەقتائالا: ﴿ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ﴾(42/«شۇرا»: 25) دەيدۇ.
باشقا بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىر بەندىنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا كېلىپ قالمىغانلا بولسا، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ»(4).
بۇ توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر كۆپتۇر.
گۇناھلارنىڭ قىسىملىرى توغرىسىدا
شۇنى ياخشى بىلگىنكى، ئىنساننىڭ ئەخلاق ۋە سۈپەتلىرى نۇرغۇندۇر. لېكىن، ئىخچاملىغاندا گۇناھلار تۆت سۈپەتتىن قوزغىلىدۇ:
بىرىنچى: ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى. جۈملىدىن تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، ماختانچاقلىق ۋە مەدھىيەلىنىشنى ياخشى كۆرۈش، ئەزىزلىك، ئۈستۈنلۈكپەرەسلىك ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يامان سۈپەتلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ سۈپەتلەر بولسا ئىنساننى ھالاك قىلغۇچى گۇناھلاردۇر. بەزى كىشىلەر بۇ سۈپەتلەرگە سەل قاراپ، ھېچ دىققەت قىلمايدۇ.
ئىككىنچى: شەيتانىي سۈپەتلەر. بۇ سۈپەتلەردىن ھەسەتخورلۇق، زالىملىق، ھىيلە – مىكىر، ئالدامچىلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، مۇناپىقلىق ۋە بۇزۇقچىلىققا بۇيرۇش قاتارلىق يامان سۈپەتلەر شاخلىنىپ چىقىدۇ.
ئۈچىنچى: ھايۋانىي سۈپەتلەر. بۇ سۈپەتلەردىن ئاچكۆزلۈك، قارنى تويماسلىق ۋە شەھۋەتپەرەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن زىناخورلۇق، بەچچىۋازلىق، ئوغرىلىق ۋە كۆڭۈل خوشى ئۈچۈنلا ئەرزىمەس نەرسىلەرنى ئېلىش قاتارلىق يامان سۈپەتلەر شاخلىنىپ چىقىدۇ.
تۆتىنچى: يىرتقۇچلارغا خاس سۈپەتلەر. بۇ سۈپەتلەردىن غەزەپلىنىش، ئاداۋەتخورلۇق، ئۇرۇشقاقلىق، باشقىلارغا ئۆلتۈرۈش مەقسىدىدە ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش قاتارلىق يامان سۈپەتلەر پەيدا بولىدۇ.
بۇ سۈپەتلەر ئىنسان تەبىئىتىگە تەدرىجىي سىڭىپ كىرىدۇ.
ئىنسان ئەۋۋەلا ھايۋانىي سۈپەتكە يېڭىلىدۇ. ئاندىن ئىككىنچى بولۇپ يىرتقۇچ سۈپەتكە يېڭىلىدۇ. بۇ ئىككى سۈپەت بىر يەرگە جەم بولسا، ئەقىلنى ھىيلە – مىكىر، ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىكتەك شەيتانغا خاس سۈپەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئاندىن كىشى خوجايىنلىققا خاس سۈپەتكە يېڭىلىدۇ.
مانا بۇ سۈپەتلەر گۇناھ – مەئسىيەتلەرنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىدۇر. گۇناھ – مەئسىيەتلەر بۇ مەنبەلەردىن چىقىپ بەدەن ئەزالىرىدا ئاشكارىلىنىدۇ. بۇ سۈپەتلەردىن قەلبتە كۇفۇر، بىدئەت، نىفاق ۋە يامانلىقنى يوشۇرۇشقا ئوخشاش بەزى سۈپەتلەر پەيدا بولىدۇ. بەزى سۈپەتلەر كۆزدە، بەزىسى تىلدا، بەزىسى قورساق ۋە ئەۋرەتتە، بەزىسى ئىككى قول ۋە ئىككى پۇتتا ۋە بەزىسى بولسا پۈتۈن ۋۇجۇتتا كۆرۈلىدۇ. بۇنى تەپسىلىي بايان قىلىش ھاجەتسىز. چۈنكى، ئۇ يامان سۈپەتلەر ھەممىگە ئاياندۇر.
گۇناھلار «كىشىنىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك گۇناھ ۋە بەندە بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك گۇناھ» دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. قۇل ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك گۇناھلار بارىدا شەرئىي بۇيرۇق قاتتىقتۇر. بەندە بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى گۇناھلاردا بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇچانلىقىدىن ئۈمىد باردۇر.
لېكىن، بۇ گۇناھ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش بولۇپ قالسا، ھەقتائالا مۇشرىك ھالەتتە ئۆلگەن كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرمەيدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى دەپتەرلەر ئۈچتۇر. بىر دەپتەر ئىچىدىكى گۇناھلارغا ئاللاھ تائالا ھېچ پەرۋا قىلمايدۇ. يەنە بىر دەپتەردىن ھېچنەرسىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. يەنە بىر دەپتەردىكى گۇناھلارنى ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدىغان گۇناھ بولسا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. رەب تائالا دەيدۇ: ﴿كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) يوقتۇر﴾(3/«مائىدە»: 72)».
ئاللاھ تائالا ئىچىدىكى ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلمايدىغان دەپتەر بولسا بەندە بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى ئىشلاردا بەندىنىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشىدۇر، ئاللاھ تائالا خاھلىسا، ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىكى ھېچنەرسىنى تاشلىۋەتمەيدىغان دەپتەر بولسا بەندىلەرنىڭ بىر – بىرىگە قىلغان زۇلمىدۇر. ئۇ زۇلۇمدىن شەكسىز قىساس ئېلىپ بېرىلىدۇ»(5).
يەنە بىر قىسىم بولسا: شۇنى بىلگىنكى، گۇناھلار «كىچىك ۋە چوڭ گۇناھلار» دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. بۇ گۇناھلار ھەققىدە ھەرخىل ئوخشىمىغان قاراشلار بار. چوڭ گۇناھلارنىڭ سانى ھەققىدىكى ھەدىسلەرمۇ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ.
چوڭ گۇناھلارنى بايان قىلغان سەھىھ ھەدىسلەر بەشتۇر.
بىرىنچى ھەدىس: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساھابەلەرگە:
— ھالاكەتكە ئاپىرىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئېغىر گۇناھتىن نېرى تۇرۇڭلار! — دېگەندە، ساھابەلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار قايسى گۇناھلار؟ — دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:
— ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىر قىلىش، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان ئادەمنى ناھەق ئۆلتۈرۈش، ئۆسۈم يېيىش، يېتىمنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كېتىش، يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك، پاك ۋە مۇئمىنە ئاياللارغا قارا چاپلاش قاتارلىقلاردۇر، — دەپ جاۋاب بەرگەن(6).
ئىككىنچى ھەدىس: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:
— قايسى گۇناھ ئەڭ ئېغىر؟ — دەپ سورالغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئاللاھ سېنى ياراتقان تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ، — دېدى.
— ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ — دەپ سورالغاندا:
— قورساق غېمىدىن قورقۇپ بالاڭنى ئۆلتۈرۋېتىشىڭ.
— ئاندىن قالسىچۇ؟
— قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ، — دەپ جاۋاب بەرگەن(7).
ئۈچىنچى ھەدىس: ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش چوڭ گۇناھتۇر» دېگەن(8).
تۆتىنچى ھەدىس: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟ ئۇ يالغان سۆزلەش (ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىش)» دېدى(9).
بەشىنچى ھەدىس: ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بولۇپ، ئۇ ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىدا چوڭ گۇناھلار تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹چوڭ گۇناھلار — ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاتا – ئانىسىنى قاقشىتىشتۇر› دېدى. رەسۇل ئەكرەم بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى، كېيىن ئۆزىنى ئوڭشاپ يۆلەنمەي ئولتۇرۇپ: ‹ئاگاھ بولۇڭلار! يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش› دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزنى داۋاملىق تەكرارلىدى، ھەتتا بىز: ‹كاشكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توختىسىچۇ!› دەپ قالدۇق»(10).
ئالىملار چوڭ گۇناھلارنىڭ سانى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلارنى بايان قىلغان. چوڭ گۇناھلار ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر چوڭ گۇناھلارنىڭ پەقەت شۇلار ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلمايدۇ. چوڭ گۇناھلارنى ئوچۇق سانى بىلەن بايان قىلماسلىقتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىشىلەرنىڭ داۋاملىق گۇناھ قىلىشتىن قورقۇش ئىچىدە بولسۇن» دېگەننى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ھەدىسلەردىن چوڭ گۇناھلارنىڭ تۈرىنى بىلگەن كىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى ھەم بىلەلەيدۇ.
كىچىك گۇناھلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىنى بىلىپ بولۇش ئىمكانسىز. ئالىملار چوڭ گۇناھلارنىڭ سانى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇنى تۆت دېگەنلىكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بولسا يەتتە دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۇنى «يەتتىدۇر» دېگىنىنى ئاڭلىسا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئۇ يەتتىگە قارىغاندا 70 كە يېقىنراق» دەيتتى.
ئەبۇ سالىھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «ئۇ قىلغۇچىغا دۇنيادا بەلگىلەنگەن ئېغىر جازا بېرىشنى ۋاجىب قىلىدىغان قىلمىشتۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «چوڭ گۇناھلار «نىساﺋ» سۈرىسىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز﴾(4/«نىساﺋ»: 31) دېگەن سۆزىگىچىدۇر» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە باشقا ئالىملار مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن قورقۇتقان ھەرقانداق گۇناھ چوڭ گۇناھتۇر»(11).
ئەبۇ تالىب ئەلمەككىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: «چوڭ گۇناھلار 17 بولۇپ، مەن ئۇلارنى ھەدىسىلەردىن تولۇق جەملىدىم:
چوڭ گۇناھلاردىن تۆتى قەلبتە بولۇپ، ئۇلار: «ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، گۇناھ – مەئسىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقماسلىق» قاتارلىقلار.
تۆتى تىلدا بولۇپ، ئۇلار: «يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، ئىپپەتلىك ئاياللارغا ‹زىناخور› دەپ بوھتان چاپلاش، يالغان قەسەم قىلىش، سېھىر قىلىش» قاتارلىقلار.
ئۈچى قورساقتا بولۇپ: «ھاراق ئىچىش، يېتىمنىڭ مېلىنى زۇلۇم قىلىپ يەۋېلىش ۋە ئۆسۈم يېيىش» قاتارلىقلار.
ئىككىسى ئەۋرەتتە: «زىنا قىلىش ۋە بەچچىۋازلىق قىلىش».
ئىككىسى قولدا: «ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئوغرىلىق قىلىش».
بىرسى ئىككى پۇتتا: «ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش».
بىرى پۈتۈن بەدەندە بولىدۇ: «ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش».
بۇ گۇناھلارنى ئارتتۇرۇش ياكى كېمەيتىش مۇمكىندۇر. چۈنكى، يېتىمنى ئۇرۇش ۋە ئۇنى ئازابلاش ئۇنىڭ مېلىنى يېگەنگە قارىغاندا بەكرەك چوڭ گۇناھتۇر.
ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئاخىرەتتىكى دەرىجىلەرنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارغا قارىتا ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
بىلگىنكى، كىشىلەر دۇنيادا پەرقلىق بولغىنىدەك، ئاخىرەتتىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. كىشىلەر ئاخىرەتتە ھالاك بولغۇچىلار، ئازابلانغۇچىلار، نىجات تاپقۇچىلار ۋە مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىق تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
بۇ بەئەينى، بىر پادىشاھ مەلۇم بىر رايوننى ئىگىلەيدۇ ۋە ئۇ رايوندىكى بەزى كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، بەزىسىنى ئۆلتۈرمەي قىينايدۇ، بەزىسىنى قويۇۋېتىدۇ ۋە ئۇلار نىجات تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسىگە بولسا تون كىيدۈرىدۇ، بۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. پادىشاھ ئادىل پادىشاھ بولسا، ئۇلاردىن مۇناسىپ كىشىگىلا ھەق تەقسىمات قىلىدۇ. پادىشاھ ھەق تەقسىماتتىن شىكايەت قىلغۇچىنى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىسيان قىلغۇچىنى ئۆلتۈرىدۇ. پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن كىشىنى بولسا ئازابلايدۇ. ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە خىزمەتتە قۇسۇر ئۆتكۈزمىگەن كىشىنى قويۇۋېتىدۇ، پادىشاھقا خىزمەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىش بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن كىشىگە تون كىيدۈرىدۇ.
بۇ قىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەھۋالىغا قارىتا نېئمەت ۋە ئازابتا پەرقلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىس دەلىلدۇر: «بەزى كىشىلەر پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن چاقماقتەك تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ»(12). «ئۇلاردىن دوزاختا يەتتە مىڭ يىل قالىدىغان كىشىلەر بولىدۇ»(13). كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە بولغان ۋاقىت بىلەن يەتتە مىڭ يىل ئارىسىدا پەرق بەك چوڭ.
ئازابنىڭ قاتتىق بولۇشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا كەلسەك، قاتتىق ئازابنىڭ چېكى بولمايدۇ. ئەدناسى ئىنچىكە ھېساب ئېلىپ جازالاشتۇر. شۇنىڭدەك ئەمەللەرنى قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن بەزى كىشىلەرنى پادىشاھ ئىنچىكە ھېساب ئېلىش بىلەن ئازابلايدۇ، ئاندىن ئەپۇ قىلىدۇ. بەزىدە ساۋدايدۇ ياكى باشقىچە ئۇسۇللار بىلەن قىينايدۇ.
بەخت – سائادەت ئەھلىنىڭ نېئمەت دەرىجىسىنىڭ بۇ شەكىلدە پەرقلىق بولۇشى قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىلىم – مەرىپەت نۇرى بىلەن ئايدىڭلىشىدۇ.
تەپسىلىي بايان قىلساق: كىمكى ئىمان ئاساسىنى پۇختا قىلسا، بارلىق چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانسا ۋە بارلىق پەرزلەرنى ياخشى ئادا قىلسا، ئاندىن بەزى كىچىك گۇناھلارنى داۋاملىق قىلمىغان ئاساستا قىلىپ سالغان بولسىمۇ، ئۈمىدكى ئەپۇ قىلىنغاي. «قۇرئان كەرىم» چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىشنىڭ كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇنداق ئەمەل قىلغان كىشى يا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بەندىلەر قاتارىغا، يا نامە – ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەن كىشىلەرگە قوشۇلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىمانى ۋە جەزمىيىتىگە كۆرە بولىدۇ. ئەگەر ئىمانى ئاجىز ياكى جەزمىيىتى ئاز بولسا، مەرتىۋىسى تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر جەزمىيىتى كۆپ ۋە ئىمانى كۈچلۈك بولسا، مەرتىۋىسى يۇقىرى بولىدۇ.
ئاللاھ تائالاغا يېقىن بەندىلەر ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇشىنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قاراپ، دەرىجىلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچىلارنىڭ دەرىجىلىرى ئىلىم – مەرىپەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى، ئىلىم – مەرىپەت دېڭىزىنىڭ قىرغىقى يوقتۇر. بۇ دېڭىزغا غەۋۋاسلار ئۆزىدىكى كۈچ – قۇۋۋەت مىقدارىدا شۇڭغىيالايدۇ. نامە – ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ئاللاھ تائالاغا يېقىن مۇقەررەب بەندىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر. بۇ چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغان ۋە پەرزلەرنى ئادا قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالىدۇر.
چوڭ گۇناھ قىلغان ياكى ئىسلام ئاساسلىرىغا سەل قارىغان كىشىگە كەلسەك، ئەگەر ئۇ ئەجىلى كېلىشتىن بۇرۇن سەمىمىي تەۋبە قىلسا، ئۇ كىشى بىگۇناھ كىشىلەر قاتارىدا بولىدۇ. چۈنكى، «گۇناھتىن تەۋبە قىلغۇچى مىسالى گۇناھسىز كىشىگە ئوخشايدۇ»(14). يۇيۇلغان كىيىممۇ ئەسلا كىرلىشىپ باقمىغان كىيىمگە ئوخشايدۇ.
لېكىن، تەۋبە قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىكتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ چوڭ گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ تەۋرەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى يامان ھالەتتە ئاخىرلاشقان بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئۇ كىشى دەلىلگە ئاساسەن ئەمەس، باشقىلارغا تەقلىد قىلىپ ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۇنداق كىشىنىڭ ئىمانى ئازراق شەك ۋە خىيال بىلەنمۇ بۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغۇچى ۋە جەزم قىلغۇچىنىڭ دۇنيادىن يامان ئاقىۋەت بىلەن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش بىھاجەتتۇر. تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن مېيىتنىڭ ئازابلىنىشى چوڭ گۇناھلارنىڭ قەبىھلىكى ۋە ئۇنى قىلىشتا داۋاملىشىش مۇددىتىگە قاراپ بولىدۇ. ئاندىن تەقلىد قىلغۇچى ئاجىزلار جەننەتكە چۈشىدۇ، ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇپ ھەق يولنى كۆرگۈچىلەر ئىللىييىن(15)نىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا ئۆرلەيدۇ. بىز بايان قىلغان بەندىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى مەرتىۋىلىرى ئاشكارا سەۋەبلەرنىڭ ھۆكمى بولۇپ، بۇ ھۆكۈم خۇددى تېۋىپنىڭ بىر بىمار ھەققىدە: «بۇ بىمار شەكسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ، كېسىلى ياخشىلانمايدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلغىنىغا، يەنە بىر بىمارغا: «بۇنىڭ كېسىلى يەڭگىل، داۋالاش ئاسان» دەپ ھۆكۈم قىلغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇ كۆپىنچە توغرا چىقىدۇ. بەزىدە تېۋىپ سەزمەستىن ئۆلۈم گىردابىدىكى كېسەل ساقىيىپ قېلىشى، كېسىلى يەڭگىل بىمارمۇ تېۋىپ ئۇقمايلا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى ئاللاھ تائالانىڭ مەخپىي سىرلىرى بارلىقى، ھايات كىشىلەرنىڭ روھلىرىدا سەۋەبلەرنى كەلتۈرگۈچى زات قويغان يوشۇرۇن سەۋەبلەرنىڭ بارلىقى ۋە ئۇ سەۋەبلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشكە ئىنساندا كۈچ – قۇۋۋەت يوقلۇقىدىندۇر. شۇنىڭدەك ئاخىرەتتە خار بولۇش ياكى ئەزىز بولۇشنىڭ ئىنسان ئەقىل قۇۋۋىتى بىلىشكە قادىر بولالمايدىغان يوشۇرۇن سەۋەبلىرى بار. يەنە شۇنىڭدەك ئاسىي كىشىنىڭ خاتالىقلىرى كۆپ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشى، تائەت – ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ ئاشكارا تائەت – ئىبادەتلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپ قىلىشى تامامەن مۇمكىندۇر. چۈنكى، بۇ يەردە تەقۋالىققا قارىلىدۇ. تەقۋالىق قەلبتە بولىدۇ، قەلبنىڭ ھاللىرى بەزىدە شۇ قەلب ئىگىسىگىمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ، باشقىلارغا قانداقمۇ يوشۇرۇن بولمىسۇن؟!
قۇتۇلغۇچىلارغا كەلسەك، — بىز قۇتۇلۇشتىن بەخت – سائادەت ۋە مۇراتقا يېتىشنى ئەمەس، بەلكى ئامان قېلىشنى كۆزدە تۇتىمىز — بۇلار بولسا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خىزمەتمۇ قىلمىغان، كەمچىلىكمۇ ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەردۇر. بۇ بولسا ساراڭلار، سەبىيلىكتە ئۆلۈپ كەتكەن كافىر بالىلىرى ۋە دەۋەت يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلارغا دەۋەت يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلاردا ئاللاھ تائالانى تونۇش، ئىنكار قىلىش، ئىتائەت قىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەت قىلىش مەۋجۇد بولمايدۇ. بۇلار «ئەئراف»(ئىزاھلانسا) دېگەن ئورۇندا بولۇشقا لايىقتۇر.
مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغۇچىلاردۇر. ئۇلار بولسا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن ۋە ياخشى ئىشلارغا ئەڭ ئالدىرايدىغان كىشىلەردۇر. ﴿ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ﴾(32/«سەجدە»: 17).
ئۇلار جەننەتكە ھېرىس ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئۇچرىشىش ۋە ئاللاھقا قاراشقا ھېرىسمەندۇر.
ئۇلار خۇددى ئاشىقلارغا ئوخشايدۇ. ئاشىق ئاشىقلىق ھالىتىدە ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ، بەدىنىگە تەگكەن نەرسىنى سەزمەيدۇ ۋە سۆيگىنىدىن باشقا غېمى بولمايدۇ. بۇلار بولسا ئىنسان كۆڭلىگە كەچمىگەن سۆيۈندۈرگۈچى نېئمەتلەرگە ئېرىشىدىغان كىشىلەردۇر.
ياخشىلىقلارغا بىنائەن ئايرىلىدىغان دەرىجىلەر ھەققىدە مۇشۇنچلىك سۆزلىسەك كۇپايە.
كىچىك گۇناھلارنى چوڭ گۇناھلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان ئىشلار ھەققىدە
بىلگىنكى، كىچىك گۇناھلار بىرنەچچە سەۋەب بىلەن چوڭ گۇناھقا ئايلىنىدۇ.
شۇ سەۋەبلەردىن بىرى: گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە داۋاملىق گۇناھ قىلىش
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىلىشقا بەل باغلاش بىلەن كىچىك گۇناھ بولماس، ئىستىغپار بىلەن چوڭ گۇناھ بولماس»(16).
بىلگىنكى، قىلىشتىن توختالغان ۋە داۋاملىق قىلىنمىغان چوڭ گۇناھنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى بىر بەندە داۋاملىق قىلىدىغان كىچىك گۇناھنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىدىن ئۈمىدلىكرەكتۇر.
بۇ، خۇددى تاشقا تامغان ئۈزۈلمەس سۇ تامچىلىرىغا ئوخشايدۇ. تاشقا ئارقىمۇئارقا چۈشكەن سۇ تامچىلىرى تاشقا تەسىر قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، سۇ تامچىلىرى يىغىلىپ، بىر قېتىمدىلا تاش ئۈستىگە تۆكۈلسە تاشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. خۇسۇسەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ: «ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈكى ئاز بولسىمۇ ئۈزۈلمەي داۋام قىلغىنىدۇر»(17) دېگەن.
سەۋەبلەردىن يەنە بىرى، گۇناھنى كىچىك ساناشتۇر
بىر بەندە گۇناھنى چوڭ گۇناھ ھېسابلىسا، ئۇ گۇناھ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا كىچىك بولىدۇ. گۇناھنى كىچىك كۆرسە، ئۇ گۇناھ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا چوڭ گۇناھ بولىدۇ. گۇناھنى چوڭ ھېسابلىغاندا، قەلب گۇناھ قىلىشتىن نەپرەتلىنىدۇ ۋە گۇناھ قىلىشنى ئۆچ كۆرىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «شەكسىزكى، مۇئمىن ئۆز گۇناھلىرىنى خۇددى ئۆزى تاغ ئاستىدا تۇرۇپ، ئۇ تاغنىڭ ئۈستىگە غۇلاپ چۈشۈش خەۋپىدەك قورقۇنچلۇق كۆرىدۇ. گۇناھكار بولسا ئۆز گۇناھلىرىنى گويا بۇرنىغا قونغان چىۋىنچىلىك كۆرىدۇ» دېگەن ۋە بۇرنىغا ئىشارەت قىلغان(18).
مۇئمىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلگەچكە، گۇناھ قىلىش مۇئمىننىڭ قەلبىدە ناھايىتى چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ.
مۇئمىن ئۆزى ئاسىيلىق قىلغان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىسا، كىچىك گۇناھنىمۇ چوڭ گۇناھتەك كۆرىدۇ .
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەقىقەتەن شۇنداق (يامان) ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەركى، ئۇ ئىشلار سىلەرنىڭ نەزەرىڭلاردا قىلدىنمۇ ئىنچىكىدۇر. ھالبۇكى، بىز ئۇلارنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ھالاكەتكە ئاپىرىدىغان ئېغىر گۇناھلار قاتارىدىن سانايتتۇق»(19).
بىلال ئىبنى سەئىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «خاتالىقنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن، بەلكى سەن ئاسىيلىق قىلغان زاتنىڭ بۈيۈكلۈكىگە قارىغىن»(20).
سەۋەبلەردىن يەنە بىرى، قىلغان كىچىك گۇناھ بىلەن سۆيۈنۈش ۋە ئۆزىنى داڭلاش. خۇددى «مېنىڭ پالانىنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى قانداق يەكسان قىلغىنىمنى، ئۇنى خىجىل قىلىپ، يامانلىقلىرىنى قانداق يۈزىگە سالغىنىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟!» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ياكى بىر سودىگەرنىڭ: «ساختا مالنى پالانىغا قانداق ئۆتكۈزگىنىمنى، ئۇنى قانداق ئالدىغىنىمنى، ئۇنى قانداق قويۇۋەتكىنىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟» دېگىنىگە ئوخشاش. بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئارقىلىق كىچىك گۇناھلار چوڭ گۇناھلارغا ئايلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى، گۇناھ قىلغۇچىنى تېز جازالىمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا مۆھلەت بەرگەنلىكى سەۋەبلىك گۇناھ – مەئىسىيەتلەرنى قىلىشقا سەل قارىشىمۇ كىچىك گۇناھلارنى چوڭ گۇناھلارغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ. ھالبۇكى، گۇناھ قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى تېز جازالىماي مۆھلەت بېرىشىنى ئۇنى يامان كۆرگەنلىكتىن ۋە ئۇنىڭ تېخىمۇ زىيادە گۇناھ قىلىۋېلىشى ئۈچۈن بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
گۇناھ – مەئسىيەتنى قىلىپ، ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ يۈرۈشمۇ كىچىك گۇناھلارنى چوڭ گۇناھلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
«سەھىھەين»دە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ئوچۇق – ئاشكارا قىلغۇچىلاردىن باشقا بارلىق ئۈممىتىم سالامەت قىلىنغۇچىلاردۇر، گۇناھنى ئوچۇق – ئاشكارا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىن: بىر ئادەم كېچىسى بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى يۆگىگەن تۇرۇقلۇق تاڭ ئاتقۇزۇپ: ‹ئى پالانى! مەن كېچىچە مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم› دېيىشىدۇر. ۋەھالەنكى ئۇ كېچىچە ئۇنى پەرۋەردىگارى يۆگىگەن ھالدا ياتقان، شۇنداق تۇرۇقلۇق تاڭ ئاتقۇزۇپ ئۆزىدىن ئاللاھنىڭ پەردىسىنى ئېچىۋېتىدۇ»(21).
يەنە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ باشقىلار ئەگىشىدىغان ئالىم بولۇشىمۇ كىچىك گۇناھنى چوڭ گۇناھقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق كىشى ئوچۇق – ئاشكارا گۇناھ – مەئسىيەت قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھى چوڭ بولىدۇ. ئالىم يىپەك كىيىم كىيىش، زالىم قاياشلىق، زالىملار بىلەن ئۈلپەتداشلىق، باشقىلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى ئاغزىغا كەلگەن گەپلەر بىلەن تۆكۈش ۋە مۇنازىرە ئىلمى كەبى پەقەت يۈز – ئابرۇي تېپىش مەقسەت قىلىنىدىغان ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوخشاش گۇناھلارنى قىلسا، باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ گۇناھلار دۇنياغا تارقىلىدۇ ۋە ئومۇملىشىدۇ. ئۆلسە گۇناھلىرىمۇ بىرگە ئۆلىدىغان كىشىگە ياخشىلىق بولسۇن!
بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىسلامدا يامان بىر يولنى يولغا قويسا، ئۇنىڭغا شۇ يامان يولنى يولغا قويغانلىقىنىڭ گۇناھى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ يامان يول بىلەن ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچنەرسە كېمەيمەيدۇ»(22).
شۇڭا ئالىمنىڭ ئىككى ۋەزىپىسى باردۇر:
بىرىنچىسى: گۇناھ قىلىشنى تاشلاش.
ئىككىنچىسى: گۇناھ قىلىپ قالسا يوشۇرۇش.
ئالىملارنىڭ گۇناھلىرىغا باشقىلار ئەگەشسە، ئۇلارغا ھەسسىلەپ گۇناھ بولغاندەك، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىغىمۇ باشقىلار ئەگەشسە، ئۇلارغا ھەسسىلەپ ساۋاب بولىدۇ.
ئالىم ئۆزىنىڭ كىيىم – كېچەك ۋە خەج – خىراجىدا ئوتتۇراھال بولۇشى كېرەك. خىراجەتنى ئاز قىلىشقا بەكرەك مايىل بولسۇن. چۈنكى، كىشىلەر ئۇنىڭغا قارايدۇ.
ئالىم باشقىلار ئەگىشىپ قالىدىغان گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى، ئالىم: «سۇلتانلارغا ئۈلپەتداشلىق ۋە بايلىق توپلاشنى ئۆزىگە رۇخسەت» دەپ قارىسا، باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئالىمغا بولىدۇ. بەزىدە ئالىم گۇناھتىن سالامەت قالىدۇ، ئەمما ئەگەشكەنلەر ئالىمنىڭ گۇناھتىن قانداق سالامەت قالغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.
شۇنداق رىۋايەت ئاڭلىدۇقكى: «كىشىلەرنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلايدىغان بىر پادىشاھ بارىكەن. پادىشاھ بىر ئالىمنى چاقىرتىپتۇ، ئالىم كەلگەندە ئوردا قوۋۇقچىسى: ‹سىز ئۈچۈن بىر ئۆچكە بوغۇزلىدىم، ئۇنىڭدىن يېگەيسىز› دەپتۇ. ئاندىن ئالىم ئوردىغا كىرگەندە، ئۇنىڭغا گۆش ئېلىپ كېلىنىپتۇ، لېكىن ئالىم ئۇ گۆشنى يېمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ. قوۋۇقچى ئالىمغا:
— مەن ساڭا ئۇ ئۆچكە گۆشى دېمىدىممۇ؟! — دەپتۇ. ئالىم:
— ماڭا ئەگىشىدىغانلار بۇنى قەيەردىن بىلسۇن، — دېگەنىكەن».
تەۋبە قىلىشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا
بىلگىنكى، تەۋبە قىلىش ھەقىقىي پۇشايمان قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. كىشى شۇ پۇشايمان ئارقىلىق گۇناھ – مەئسىيەتلەرنىڭ ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ مەھبۇبى ئارىسىدا توسۇق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
پۇشايمان قىلىش بولسا قەلبنىڭ ئۆز مەھبۇبىدىن ئايرىلغانلىقىنى سەزگەن چاغدىكى ئەلەم تارتىشىدۇر. پۇشايمان قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى ئۇزۇن مۇددەت قايغۇرۇش ۋە يىغلاشتۇر. چۈنكى، بالىسى ياكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىر كىشىگە كەلگەن بىر ئازابنى سەزگەن كىشى ئۇزۇن مۇددەت يىغلايدۇ ۋە ئۇنىڭ مۇسىبىتى قاتتىق بولىدۇ. كىشىنىڭ ئۆز نەپسىدىنمۇ قىممەتلىك بىر نەرسىسى بولامدۇ؟ دوزاخ ئوتىدىنمۇ قاتتىق ئازاب بارمۇ؟ ئازابنىڭ چۈشۈشىگە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىنمۇ ئۆتە بىر سەۋەب بولامدۇ؟ ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسىدىنمۇ بەك راستچىل خەۋەر قىلغۇچى بارمۇ؟ ئەگەر تېۋىپ بىراۋغا بالىسىنىڭ كېسەلدىن ساقايمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلسا، ئۇ شۇ ھامان قاتتىق قايغۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بالىسى ئۇنىڭ نەپسىدىنمۇ قىممەتلىك ئەمەس! تېۋىپ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدىنمۇ بەك بىلگۈچى ئەمەس. ئۆلۈم دوزاخ ئوتىدىن قاتتىق ئەمەس. گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ۋە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولۇشقا كېسەلنىڭ ئۆلۈمگە دەلىل بولغىنىدىن بەكرەك دەلىلدۇر.
تەۋبە قىلغۇچى بوينىدىكى ئوقۇماي قالغان نامازلىرىنى ياكى شەرتكە لايىق ئوقۇمىغان نامازلىرىنى، مەسىلەن نىجاسەت بار كىيىمدە ياكى بىلىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن توغرا بولمىغان نىيەت بىلەن ئوقۇپ قالغان نامازلىرىنى ئېسىگە ئېلىشى ۋە ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك.
شۇنىڭدەك ئەگەر كىشىنىڭ بوينىدا ئادا قىلمىغان روزا، زاكات، ھەج ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ۋاجىب ئەمەللەر بولسا، ئۇنىڭ ھەممىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى، ئۇنى ئېسىگە ئېلىپ تەكشۈرۈپ تولۇقلىۋېلىشى كېرەك.
گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە كەلسەك، تەۋبە قىلغۇچى بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىدىن سادىر بولغان بارلىق گۇناھلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى لازىم. بۇ گۇناھلاردىن ئۆزى بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى «گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش: پۇشايمان قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش بىلەن بولىدۇ»(23).
ئاندىن گۇناھلىرىنىڭ مىقدارىغا قارىشى، ئاندىن ھەربىر گۇناھقا مۇناسىپ كېلىدىغان ياخشىلىقنى ئىزدىشى ۋە يامانلىقلار مىقدارىچە ياخشىلىقلارنى قىلىشى كېرەك.
ئاللاھ تائالا: ﴿شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتتۇر﴾(11/«ھۇد»: 114) دېگەن.
رەسۇلۇللاھ: «بىرەر يامانلىق قىلىپ قالساڭ، ئارقىدىن بىر ياخشىلىق قىلغىنكى، ئۇنى ئۆچۈرۈۋەتكەي»(24) دېگەن.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ تېمىغا مىسال: ناخشا – مۇزىكىلارنى ئاڭلىغانلىق گۇناھىنى قۇرئان ئاڭلاش ۋە زىكىر ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇش؛ قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇش گۇناھىنى قۇرئاننى ئەزىزلەش ۋە كۆپ ئوقۇش، ئەگەر مۇمكىن بولسا قۇرئاننى ئۆزى كۆچۈرۈپ ئوقۇيالىسا شۇنداق قىلىش ۋە ھاراق ئىچىش گۇناھىنى ھالال ئىچىملىكنى سەدىقە قىلىش يوققا چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن ھەربىر يامان ئەمەل ئەۋەزىگە مۇناسىپ ياخشى ئەمەل قىلىش يولىدا ماڭغىن. چۈنكى، كېسەللەر ئۇنىڭغا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىدۇ. مانا بۇ بەندە بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش يولىدۇر.
بەندىلەرگە قىلىنغان زۇلۇملاردىن تەۋبە قىلىشقا كەلسەك، بەندىگە قىلىنغان زۇلۇممۇ ھەم ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان ئىسياندۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە زۇلۇم قىلىشتىن توستى. دېمەك، زالىم كىشى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشنى قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، زالىم قىلغان زۇلمىغا پۇشايمان قىلىشى ۋە كېلەچەكتە ئۇ زۇلۇمنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلىشى، يۇقىرىدا سۆزلەنگەندەك شۇ زۇلۇملارنىڭ ئەكسىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن تەۋبە قىلىشى كېرەك، كىشىلەرنىڭ قىلغان ئەزىيىتىنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش بىلەن قايتۇرۇشى، باشقىلارنىڭ مېلىنى بۇلىۋالغان بولسا، ئۆزىنىڭ ھالال مېلىدىن سەدىقە قىلىش بىلەن كەففارەت تۆلىشى، بىراۋنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى تۆككەن بولسا، دىندار كىشىلەرنى ماختاش بىلەن قىلغان گۇناھىنى يۇيۇشى ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، قۇل ئازاد قىلىش بىلەن قىلىنغان گۇناھقا كەففارەت بېرىشى لازىم.
بۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىكى تەۋبە قىلىش يولىدۇر. تەۋبە قىلغۇچى كىشى بەندىلەرگە قىلغان زۇلمىدىن يانمىغۇچە ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ. كىشىگە قىلىنغان زۇلۇم يا جانغا، يا مالغا، يا يۈز – ئابرۇيغا ۋەياكى قەلبلەرگە بەرگەن ئەزىيەتلەرگە قارىتا بولىدۇ:
بۇلارنىڭ بىرىنچىسى: ئەگەر كىشى خاتالىشىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ دىيىتىنى دىيەت تۆلەنگۈچىگە ئۆزى ياكى يېقىنلىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىش شەرتلىرى بويىچە قىساس ئېلىنىشى ۋاجىب بولىدۇ. قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچى ئۆلگۈچىنىڭ ئىگىلىرىگە ئۆزىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئۆلگۈچىنىڭ ئىگىلىرى خاھلىسا ئۇنىڭدىن قىساس ئالسا، خاھلىسا ئۇنى ئەپۇ قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى يوشۇرۇشى دۇرۇس بولمايدۇ.
ئەگەر زىنا قىلسا ياكى ئوغرىلىق قىلسا، ياكى ھاراق ئىچسە ۋەياكى ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ھەد جازاسى ۋاجىب بولىدىغان ئىشنى قىلسا، بۇ ئىشلاردىن تەۋبە قىلىشتا ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ رەسۋا قىلىش ھاجەتسىز. بەلكى بۇ گۇناھلاردىن بىرەرسىنى قىلغان كىشى ئۆزىنى يوشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ئىش ۋالىيغا يەتكۈزۈلۈپ، ۋالىي ئۇنىڭغا ھەد ئىجرا قىلسا، بۇ ئىش دەل جايىدا قىلىنغان ئىش بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گۇناھقا قىلغان تەۋبىسى مائىز ۋە غامىد قەبىلىسىلىك ئايالنىڭ ۋەقەلىكلىرىگە(25) ئاساسلانغاندا، ئاللاھ نەزەرىدە توغرا ۋە قوبۇل بولغان تەۋبە بولىدۇ.
ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلاشنىڭ ھەد جازاسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ھەق ئىگىسىدىن رازىلىق ئېلىش لازىم بولىدۇ.
ئىككىنچىسى: بۇلاڭچىلىق، خىيانەتچىلىك ۋە مۇئامىلىدە ئالدامچىلىق كەبى مال – مۈلكلەرگە ئالاقىدار زۇلۇملار. بۇ خىل زۇلۇمدا ماللارنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش ۋە مال ئىگىلىرىنى رازى قىلىش ۋاجىبتۇر.
زالىم زۇلۇم قىلىپ قالغان كىشىلەرگە خەت يازسۇن، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلسۇن، ئۇلارنىڭ رازىلىقنى ئالسۇن. ئەگەر قىلىنغان زۇلۇم باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ بولسا، رازى قىلىشقا قادىر بولالىغىنىنى رازى قىلسۇن. بۇ ھالدا كىشىگە ياخشى ئىشلارنى مۇمكىنقەدەر كۆپ قىلىشتىن باشقا يول قالمايدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنغاندا، زۇلۇم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مىزانلىرىغا قويۇلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرى يەتمىسە، مەزلۇملارنىڭ يامانلىقلىرىدىن ئېلىنىپ زالىمنىڭ يامانلىقلىرى ئۈستىگە قويۇلىدۇ.
مانا بۇ زالىمنىڭ ئىلكىدىكى زۇلۇم بىلەن ئېلىۋېلىنغان مۇقىم مال ۋە نەق ماللار ھەققىدىكى ھۆكۈمدۇر.
ئەگەر زالىمنىڭ قېشىدا ئىگىسى ياكى ۋارىسلىرى نائېنىق، زۇلۇم بىلەن ئېلىۋېلىنىغان ماللار بولسا، ئۇ ماللارنى ئىگىسى نامىدىن سەدىقە قىلسۇن. ئەگەر ھالال مال بىلەن ھارام مال ئارىلىشىپ قالغان بولسا، ھارام مالنىڭ مىقدارىنى ئىجتىھاد بىلەن ئايرىپ، ئۇنى سەدىقە قىلسۇن.
ئۈچىنچىسى: بىراۋلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى تۆكۈش ۋە قەلبلەرگە ئەزىيەت بېرىش. بۇنداق كىشى يۈز – ئابرۇيىنى تۆككەن ۋە قەلبىگە ئەزىيەت بەرگەن ھەربىر كىشىدىن رازىلىق ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنى بىلدۈرۈشى لازىم. چۈنكى، ئوچۇق بولمىغان رازىلىق ئېلىش كۇپايە قىلمايدۇ. بەزىدە يۈز – ئابرۇيى تۆكۈلگۈچى يۈز – ئابرۇيىنى تۆككۈچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ كۆڭلى رازى بولغىلى ئۇنىماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ قىلمىش تىلغا ئېلىنسا، مەسىلەن بىراۋنىڭ بىر يوشۇرۇن ئەيىبىنى ئېچىش ياكى ئۇنىڭ چۆرىسى بىلەن زىنا قىلغانغا ئوخشاش ئىشلار بولۇپ ئۇنى ئوچۇق دېسە، ئەزىيەت تېخىمۇ كۆپىيىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا يۇمشاق بولسۇن ۋە ياخشىلىق قىلىشقا كۈچىسۇن، ئاندىن ئوچۇق بولمىغان ھالەتتە ئۇنىڭدىن رازىلىق تەلەپ قىلسۇن. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا يەنە قىيامەت كۈنى ياخشىلىقلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن ئادا قىلىنىدىغان زۇلۇم بار. يۈز – ئابرۇيى تۆكۈلگەنلەر ۋە قەلبىگە ئەزىيەت بېرىلگەنلەر ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنى رازى قىلىش قولدىن كەتكەن بولىدۇ. بۇ ھالدا قىيامەت كۈنى بەدەل سۈپىتىدە ئېلىنىشى ئۈچۈن پەقەت ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلىش لازىم. قىيامەت كۈنى ياخشىلىقلار يامانلىقلاردىن كۆپ بولغاندىلا ئازابتىن خالاس بولغىلى بولىدۇ.
پەسىل
توغرا بولغان تەۋبە قىلىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى، كېلەچەكتە شۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان گۇناھلارنى قىلماسلىققا چىڭ بەل باغلاشتۇر.
مىسال: كېسىلىگە مېۋە – چېۋىنىڭ زىيان قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بىمار شۇ كېسەل ھالىتىدە، ھېچقانداق مېۋە – چېۋىنى يېمەسلىككە بەل باغلايدۇ. گەرچە بىمار ساقايغاندىن كېيىن يەپ سېلىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، لېكىن شۇ كېسەللىك ھالىتىدە ناھايىتى چىڭ بەل باغلايدۇ. لېكىن، تەۋبە قىلغۇچى تەۋبە قىلغان ھالىتىدە مەزكۇر تەۋبە قىلىنغان گۇناھنى كېلەچەكتىمۇ قىلماسلىققا كۈچلۈك بەل باغلىمىسا، ئۇ تەۋبە قىلغان كىشى ھېسابلانمايدۇ.
تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تۇنجى تەۋبە قىلىشىدا گۇناھلارنى قايتا قىلماسلىققا چىڭ بەل باغلىشى پەقەت تەنھا قېلىش، سۈكۈت قىلىش، ئاز يەپ – ئىچىش ۋە ئاز ئۇخلاش، ھالال ئوزۇققا ئېرىشىش ۋە يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەكلەردە كۆڭلى تارتقان شۈبھىلىك نەرسىلەرنى تاشلاش ئارقىلىق مۇكەممەل بولۇشى مۇمكىن.
بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: «كىمكى شەھۋەتنى تەرك ئېتىشتە راستچىل بولۇپ، نەپسىگە قارشى يەتتە قېتىم جىھاد قىلسا، شۇ شەھۋەت بىلەن قايتا سىنالمايدۇ».
يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر گۇناھتىن تەۋبە قىلسا ۋە شۇ گۇناھنى قىلماي يەتتە يىل توغرا يولدا ماڭسا، ئۇ گۇناھنى ئىككىنچى قېتىم قىلىشقا ھەرگىز قايتمايدۇ».
بەندىلەرنىڭ ئۆز تەۋبىسىدە داۋاملىشىش دەرىجىلىرى
كىشىلەر تەۋبە قىلىشتا تۆت دەرىجىگە بۆلىنىدۇ:
بىرىنچى دەرىجە: قىلغان تەۋبىسىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە رۇس ماڭىدىغان، سەل قاراپ كەتكۈزۈپ قويغانلىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە قايتا گۇناھ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكمىگەن تەۋبە قىلغۇچى بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە ئىنسان ساقلىنالمايدىغان سەھۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ بولسا قىلغان تەۋبىسىدە ئىستىقامەت يولىدا مېڭىش بولۇپ، بۇنداق تەۋبە قىلغۇچىلار ياخشى ئىشلارغا بەك ئالدىرىغۇچىلاردۇر. بۇ تەۋبە «سەمىمىي تەۋبە قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلغان نەپس «ئارام تاپقۇچى نەپس» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلىدىغانلار بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلاردىن بەزىلىرى باركى، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ بويسۇندۇرۇشى ئاستىدا شەھۋىتى بېسىقىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇلاردىكى شەھۋەتنىڭ تارتىش كۈچى ئاجىزلايدۇ. يەنە بەزىلىرى باركى، نەپسى گۇناھقا تارتسا، نەپسىگە قارشى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جىھاد قىلىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجە: ئاساسلىق تائەت – ئىبادەتلەرنى قويمايدىغان ۋە چوڭ قەبىھ گۇناھلارنى تەرك ئېتىدىغان، گۇناھ قىلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، لېكىن گۇناھلاردىن ساقلىنالمايدىغان تەۋبە قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار خىلمۇخىل ھالدا گۇناھلار بىلەن سىنىلىدۇ، لېكىن ئۇلار گۇناھ قىلىشنى خاھلىمايدۇ. مۇبادا ئۇلار بىرەر گۇناھنى قىلىپ سالسا ئۆزلىرىنى مالامەت قىلىدۇ، قىلىپ سالغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، شۇ گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا بەل باغلايدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلغان نەپس «بەك مالامەت قىلغۇچى نەپس»تۇر. چۈنكى، ئۇ نەپس ئەيىبلىك ئىشلارنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز ئىگىسىگە مالامەت قىلىدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلىش بىرىنچى دەرىجىدىن تۆۋەنرەك بولسىمۇ، يەنىلا ئالىي مەرتىۋىدۇر. بۇ ھەم كۆپىنچە تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدۇر. چۈنكى، يامانلىق ئادەمنىڭ لېيى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئىنسان يامانلىقتىن ساقلىنالمايدۇ.
ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقنىڭ چېكى بولسا ئۇنىڭ ياخشىلىقىنىڭ يامانلىقىدىن غالىب كېلىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ياخشىلىقى مىزاندا ئېغىر كېلىپ، ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كېتىشتۇر. ئەمما، ئىنساننىڭ يامانلىقتىن خالىي بولۇشى يىراق ئىشتۇر.
بۇ تۈرلۈك تەۋبە قىلغۇچىلارغا ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ئەڭ گۈزەل بىر ۋەدە باردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر…﴾(53/«نەجم»: 32)
بۇ مەرتىۋىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىنىلىدىغان ۋە تەۋبە قىلىدىغان مۇئمىننى ياخشى كۆرىدۇ»(26) دېگەن سۆزى ھەم ئىشارەتتۇر.
ئۈچىنچى دەرىجە: كىشى تەۋبە قىلىپ، بىر مۇددەت ئىستىقامەت يولىدا ماڭىدۇ، ئاندىن كىشىنى بەزى گۇناھلارنىڭ شەھۋىتى باسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەھۋەتنى بويسۇندۇرۇشتىن ئاجىز كېلىپ، ئۇ گۇناھنى قىلىپ سالىدۇ، بىراق يەنىلا تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىشقا داۋاملىشىدۇ. قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان ۋە كۆڭلى تارتىدىغان تۇرۇپ گۇناھلاردىن قول يۇيىدۇ. ئۇنى بىر ياكى ئىككى شەھۋەت بويسۇندۇرۇۋالسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا شۇ شەھۋەتنى يوقىتىشقا كۈچ – قۇۋۋەت بېرىشىنى ۋە شۇ شەھۋەتنى ئۆزىدىن توختىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىر گۇناھنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، گۇناھ قىلىپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ ۋە شۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلىشقا نەپسىگە ۋەدە قىلىدۇ. بۇ دەرىجىدە تەۋبە قىلىدىغان نەپس «سورالغۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق تەۋبە قىلىدىغان كىشى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزىدە تىلغا ئالغان كىشىلەردۇر: ﴿يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى (يەنى باشقىلارغا ئوخشاش جىھادقا چىقمىغانلىقىغا يالغان ئۆزرە ئېيتمىدى). ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى﴾. بۇنداق كىشى تائەت – ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە قىلىپ قويغان گۇناھىنى يامان كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(9/«تەۋبە»: 102) دېگەن سۆزىگە بىنائەن تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. بۇنداق كىشى تەۋبىنى كېچىكتۈرگەنلىكى، كەينىگە سۆرىگەنلىكى بائىس خەتەرگە دۇچار بولغۇچىدۇر. بەزىدە تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى قەبزى روھ قىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى، «ئەمەللەر تۈگەنچە ھالىغا باغلىقتۇر»(27). بۇنىڭغا بىنائەن قورقۇش تۈگەنچە ھال جۈملىسىدىن بولىدۇ. ھەرقانداق نەپسكە ئۆلۈم يېتىشى ئېنىق، شۇڭا ئۆلۈم ئالدىدىكى ئەمەل پۈتۈن ئەمەللەرنىڭ تۈگەنچىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغان ئىكەن، نەپسىلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇش ۋە ئېھتىيات قىلغان نەرسىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قورقۇش كېرەك.
تۆتىنچى دەرىجە: تەۋبە قىلىپ، ئىستقامەت يولىدا بىر مۇددەت مېڭىش، ئاندىن تەۋبەنى تاشلاپ گۇناھ قىلىشقا باش چۆكۈرۈش، لېكىن قىلىپ قويغان گۇناھلىرىغا ئەپسۇسلىنىش. بۇ خىل تەۋبە قىلغۇچى «گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىشقا داۋاملاشقۇچىلار» قاتارىدىن بولۇپ، بۇنداق تەۋبە قىلغۇچى نەپس «يامانلىقلارغا بەك بۇيرۇغۇچى» نەپستۇر. بۇنداق نەپس ئۈچۈن ئەمەللىرىنىڭ يامان ھالەتتە ئاخىرلىشىشىدىن قورقۇلىدۇ.
ئەگەر بۇ كىشى تەۋھىد ئۈستىدە ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن بولسىمۇ دوزاختىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى بار. بىلگىلى بولمايدىغان يوشۇرۇن بىر سەۋەب بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئەپۇ قىلىنىشىمۇ يىراق ئەمەس، لېكىن بۇنىڭغا تايىنىۋېلىشمۇ ناتوغرىدۇر، چۈنكى «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كەرىمدۇر، ئۇنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى كەڭدۇر، مېنىڭ قىلغان گۇناھ – مەئسىيتىم ئاللاھ تائالاغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ» دېگەن كىشىنى دېڭىزدا مال تېپىش ئۈچۈن سەپەر قىلغان ھالەتتە كۆرىسەن. ئەگەر ئۇنىڭغا: «ھەق بولغۇچى ئاللاھ تائالا سېخىي بولغان ئىكەن، سەن ئۆيۈڭدە ئولتۇرغىن، ئاللاھ تائالا ساڭا رىزىق بېرىدۇ» دېيىلسە، ئۇ بۇنداق دېگۈچىنى جاھىل ھېسابلايدۇ ۋە: «رىزىقلارغا كەسىپ – تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ» دەيدۇ. ئۇنىڭغا «ئۇنداقتا، نىجاتلىقمۇ تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ» دېيىلىدۇ.
تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ئالدىرىشى كېرەك بولغان ئىشلارنىڭ بايانى
يۇقىرىدا تەۋبە قىلغۇچىنىڭ قىلغان يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىشى ۋە ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق.
يامان ئەمەللەرنى يوققا چىقىرىدىغان ياخشى ئەمەللەر يامان ئەمەللەر مىقدارىچە قەلب، تىل ۋە بەدەن ئەزالار بىلەن قىلىنىدۇ. قەلب بىلەن قىلىنىدىغان ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش ۋە ئۆزىنى خار تۇتۇشقا ئوخشاشتۇر. تىل بىلەن قىلىنىدىغان ئەمەللەر ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن: «رەببىم مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، ماڭا مەغپىرەت قىلغىن» دېگەندەك.
بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم بىر گۇناھنى قىلىپ سېلىپ، مۇكەممەل تاھارەت ئالسا ئاندىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىسە، ئۇنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»(28).
بەدەن ئەزالار بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر بولسا تائەت – ئىبادەتلەر، سەدىقىلەر ۋە باشقا تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى قىلىش بىلەن بولىدۇ.
پەسل
تەۋبە قىلىش دورىسى ۋە داۋاملىق گۇناھ قىلىشنى داۋالاش يولى
شۇنى بىلگىنكى، ئاغرىقنى بىلمىگەن ئادەم دورىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، دورىنىڭ ئاغرىققا قارشى تۇرۇشتىن باشقا تەسىرى بولمايدۇ. بىرنەرسە پەقەت ئۇنىڭغا قارشى يەنە بىرنەرسە بىلەنلا يوققا چىقىرىلىدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتتىن قول ئۈزمەسلىكنىڭ سەۋەبى بولسا غەپلەت ۋە شەھۋەتتىن ئىبارەتتۇر. غەپلەتكە ئىلىم بىلەن، شەھۋەتكە بولسا شەھۋەتنى قوزغىغۇچى ئامىللارنى ئۈزۈپ تاشلاش بىلەن تاقابىل تۇرۇلىدۇ.
غەپلەت خاتالىقلارنىڭ بېشىدۇر. شۇڭا، تەۋبە قىلىشقا ئىلىم تاتلىقى ۋە سەبرنىڭ ئاچچىقى بىلەن يۇغۇرۇلغان دورىدىن ئۆزگە ھېچقانداق دورا كار قىلمايدۇ. خۇددى ئىسكەنجىۋىلدىمۇ تاتلىق شېكەر ۋە قاڭسىق سىركە جەملىنىپ، ئىككىسىنىڭ يىغىندىسى بىلەن سەپرا تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇتۇلغىنىدەك.
غەپلەت كېسىلىنىڭ تېۋىپلىرى ئالىملاردۇر. شەكسىزكى، غەپلەت قەلب كېسەللىكلىرىدىن بولۇپ، قەلب كېسەللىكلىرى بولسا بەدەن كېسەللىكلىرىگە قارىغاندا كۆپتۇر. قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ بولۇپ قېلىشى بىرنەچچە سەۋەبلەردىن بولىدۇ:
ئۇلارنىڭ بىرى: بىمار ئۆزىنىڭ قەلب كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ئىككىنچىسى: قەلب كېسىلىنىڭ ئاقىۋىتى بۇ دۇنيادا كۆز بىلەن كۆرۈلمەيدۇ. بەدەن كېسىلى بولسا ئۇنداق بولمايدۇ. چۈنكى، بەدەن كېسىلىنىڭ ئاقىۋىتى كۆز بىلەن كۆرۈلىدىغان ئۆلۈم بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان تەبىئىتى نەپرەتلىنىدۇ. ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئىشلار بولسا كۆز بىلەن كۆرۈلمەيدۇ. گۇناھ قىلغۇچى قىلغان ئىشىنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، گۇناھلاردىن يېتەرلىك نەپرەتلەنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى قەلب كېسەللىكىدە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىگە يۆلەنگەن، بەدەن كېسەللىكىنى داۋالاشتا بولسا يۆلەنمەستىن تىرىشچانلىق قىلغان ھالىتىدە كۆرىسەن.
ئۈچىنچى سەۋەب: داۋالاش قىيىن بولغان «كېسەللىك» تېۋىپنىڭ يوقلۇقىدۇر. شەكسىزكى، ئالىملار تېۋىپلەردۇر، ھالبۇكى زامانىمىزدا ئالىملار كېسەلدۇر، ھالاك قىلغۇچى كېسەللىك بولسا دۇنيا سۆيگۈسىدۇر. تېۋىپلەر دۇنيا سۆيگۈسىگە يېڭىلىپ، بىراۋنىڭ ئۆزلىرىگە: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ كىشىلەرنى داۋالىنىشقا بۇيرۇيسىلەرۇ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر» دېيىشىدىن قورقۇپ، كىشىلەرنى كېسەللىكتىن ئاگاھلاندۇرمىدى. بۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاغرىق ئومۇميۈزلۈك تارقىلىپ، دورا ئۈزۈلۈپ قالدى.
ئەگەر «ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچى يۈرۈش – تۇرۇشتا كىشىلەر بىلەن بىرگە مېڭىشى كېرەك بولغان يول قايسى؟» دېيىلسە: بۇنىڭ جاۋابى بەك ئۇزۇندۇر. لېكىن، بىز بۇنىڭدا مەنپەئەتلىك ئەمەللەرگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز. بۇنىڭدا مەنپەئەتلىك ئەمەللەر تۆت تۈرلۈكتۇر:
بىرىنچى تۈر: ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچى قۇرئان كەرىمدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇتىدىغان ئايەت – ھەدىسلەر ۋە ئەسەرلەردە كەلگەن شۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى تىلغا ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلغۇچىلارنى ماختاش ھەققىدىكى ئايەت – ھەدىسلەرنى قوشۇشى كېرەك.
ئىككىنچى تۈر: ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جەننەتتىن چىقىرىلىپ ئۇچرىغان مۇسىبەتلىرى، داۋۇد، سۇلايمان ۋە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنىڭ ھال – ئەھۋالى ۋە ئىبرەتلىك ھېكايىلىرىنى تىلغا ئېلىشى كېرەك. قۇرئان كەرىم بۇلارنى پەقەت كىشىلەر ئىبرەت ئالسۇن، دەپ كەلتۈرگەندۇر. ئۇلارنى دۇنيادىلا جازالاش ئۇلارنىڭ بەخت – سائادىتى ئىدى. بەختسىزلەرگە بولسا ﴿گۇناھنى زىيادە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن﴾(2/«بەقەرە»: 44) مۆھلەت بېرىلىدۇ. چۈنكى، ﴿ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 127).
شۇڭا، بۇلارنى داۋاملىق گۇناھ – مەئسىيەت قىلغۇچىلارنىڭ قۇلاقلىرىغا ناھايىتى كۆپ سۆزلەش لازىم. چۈنكى، بۇ ئۇلارنى تەۋبە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشقا پايدىلىقتۇر.
ئۈچىنچى تۈر: ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچى كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىنىڭ مۇشۇ دۇنيادىلا تېز كېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ۋە بەندىگە يەتكەن مۇسىبەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭ جىنايىتى سەۋەبلىك بولىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ زېھنىدە قارار تاپقۇزۇشى كېرەك.
بەزى بەندىلەر ئاخىرەتكە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادىلا ئازاب كېلىشتىن قورقۇلىدۇ. بەزىدە گۇناھلارنىڭ شۇملۇقى دۇنيادا تېزلا كېلىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەقىقەتەن بىر بەندە ئۆزى قىلغان بىرەر گۇناھ سەۋەبلىك رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ» دېگىنىدەك(29).
فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ قالىمەن ۋە ئۇنى (شۇ ئاسىيلىقنىڭ شۇملۇقى) نى مېنىڭ ئېشىكىم ۋە خىزمەتچىمنىڭ قىلىقلىرىدىن سېزىۋالىمەن».
ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئېھتىلام بولۇپ قېلىش جازادۇر، بىر ئادەم قىلغان گۇناھى سەۋەبلىكلا جامائەت نامىزىدىن مەھرۇم قالىدۇ».
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن گۇناھ قىلسا ئۇنىڭ قەلبىدە بىر قارا چېكىت پەيدا بولىدۇ، ئەگەر ئۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزىنى تارتىپ، قىلغان گۇناھىغا مەغپرەت تىلىسە، ئۇنىڭ قەلبى پارقىرايدۇ، ئەگەر گۇناھى ئارتسا قارا چېكىتمۇ ئارتىپ، ھەتتا ئۇنىڭ قەلبىنى تولۇق قاپلايدۇ. بۇ بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا تىلغا ئالغان قارىيىپ كېتىشتۇر: ﴿ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن﴾(83/«مۇتەففىفىن»: 14). تىرمىزىي ھەسەن، سەھىھ ھەدىس دېگەن(30).
ھەسەن ئەلبەسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىق قەلبكە نۇر، بەدەنگە كۈچ – قۇۋۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. خاتالىق بولسا قەلبكە قاراڭغۇلۇق، بەدەنگە ئاجىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ».
تۆتىنچى تۈر: ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، تەكەببۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق ۋە غەيۋەت قىلىش قاتارلىق گۇناھلارغا بېرىلىدىغان ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى تىلغا ئېلىش. ۋەز – نەسىھەت قىلغۇچى ئاغرىقنى تونۇيدىغان ۋە شىپاسىنى قانداق تەييارلاشنى بىلىدىغان ماھىر تېۋىپ بولۇشى لازىم.
بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ماڭا نەسىھەت قىلسىلا!» دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئاچچىقلانمىغىن» دېگەن(31).
يەنە بىر ئادەم: «ماڭا نەسىھەت قىلسىلا!» دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى نەرسىلەردىن ئۈمىدىڭنى ئۈزگىن» دېگەن(32).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرىنچى كىشىدە ئاچچىقلىنىش ئالامەتلىرىنى، ئىككىنچى كىشىدە بولسا تەمەخورلۇق ئالامەتلىرىنى سەزگەن ئىدى. شۇڭا، ئىككىسىگە ئوخشاشمايدىغان ۋەسىيەت قىلدى.
بۇ بولسا غەپلەتنى داۋالاش يولىدۇر.
ئەمدى شەھۋەتنى داۋالاش قېپقالدى، بۇنى داۋالاشنىڭ يولى بولسا «نەپسىنى تەربىيەلەش توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن ئېلىنىدۇ، سەبر قىلىش لازىم. چۈنكى، بىمار ئۆزىگە زىيان قىلىدىغان نەرسىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ساقىيىش ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. كېسىلىگە زىيان قىلىدىغان نەرسىنى يېيىشكە ئۇنىڭدىكى قاتتىق شەھۋەت ياكى زىيان قىلىدىغان نەرسىدىن غەپلەتتە قېلىش سەۋەب بولغاندۇر. شۇڭا، سەبر قىلىشنىڭ ئاچچىقىغا چىداش لازىم. گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە بولغان شەھۋەتمۇ مۇشۇنداق داۋالىنىلىدۇ. مەسىلەن، ياش يىگىت شەھۋەتكە يېڭىلسا كۆزىنى، قەلبىنى ۋە بەدەن ئەزالىرىنى شەھۋىتى كەينىدىن مېڭىشتىن ساقلاشقا قادىر بولالمايدۇ. بۇ ھالدا ياش يىگىت ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن قورقۇتقۇچى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىكى قورقۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغاندا شەھۋەتنى قوزغىغۇچى سەۋەبلەردىن يىراق بولىدۇ.
تاشقى تەرەپتىن شەھۋەتنى قوزغىغۇچى ئامىل بولسا كۆڭلى تارتقان نەرسىنىڭ ھازىر بولۇشى ۋە شۇ نەرسىگە قاراشتۇر.
بۇنىڭ دورىسى: ئاچلىق ۋە داۋاملىق روزا تۇتۇشتۇر. بۇنىڭ ھەممىسى پەقەت سەبر قىلىش ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. قورققان ئادەم سەبر قىلالايدۇ. ئىلىم بولغاندىلا قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. دەلىل بولغاندا ئاندىن ئىلىم ھاسىل بولىدۇ.
شۇڭا، بىرىنچى قىلىدىغان ئىش زىكىر سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، بارچەدىن خالىي قەلب بىلەن ئايەتلەرگە قۇلاق سېلىش ۋە دېيىلگەن سۆزلەرنى تەپەككۇر قىلىشتۇر. شۇنداق قىلغاندىلا، ئىنساندا ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى قوزغىلىدۇ، سەبر قىلىشى ئاسان بولىدۇ ۋە داۋالاشنى تەلەپ قىلىش تۈرتكىلىرى كۈچىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ تەۋپىقى بىلەن بولىدۇ.
ئەگەر «ئىنسان گۇناھلارنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ نېمە ئەھۋال؟» دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى بىرنەچچە تۈرلۈكتۇر:
بىرىنچى: سەۋەب شۇكى، گۇناھقا ۋەدە قىلىنغان ئازاب ئىنساننىڭ كۆز ئالدىدا نەق ئەمەس.
ئىككىنچى: مۇئمىن گۇناھ قىلىپ سالسا، تەۋبە قىلىشنى نىيەت قىلىدۇ. مۇئمىنگە تەۋبە قىلسا ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ۋەدە قىلىنغان، ئىنسان تەبىئەتەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا ئىنسان ھەمىشە تەۋبىنى كەينىگە سوزىدۇ، كىشى تەۋبە قىلىش ئۈمىدى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر گۇناھنى قىلىشقا جاسارەت قىلىدۇ.
ئۈچىنچى: مۇئمىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋاردۇر.
بۇ سەۋەبلەر، قەلبتە پۈتۈن كەلگۈلۈكلەرنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ئۆلۈمنىڭ ھەرئان ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن داۋالىنىدۇ.
دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ كۆپ پەريادنى تەۋبىنى كېچىكتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك چېكىدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلىش تەۋبىنى كەينىگە سۆرەشنى داۋالايدۇ. تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرگۈچى ئىشنى ئۆز قولىدا بولمىغان نەرسە ئۈستىگە بىنا قىلغان بولىدۇ. كىشىنىڭ قولىدا بولمىغان نەرسە بولسا ئۇزۇن ئۆمۈردۇر. كىشى ئۇزۇن ياشىيالماسلىقى مۇمكىن، ياشىغان تەقدىردىمۇ بۈگۈن گۇناھنى تاشلاشقا قادىر بولغاندەك، ئەتە بۇنىڭغا قادىر بولالماسلىقى مۇمكىن. ئۇ ھازىر شەھۋەتنىڭ غالىب كەلگەنلىكى سەۋەبلىكلا گۇناھ – مەئسىيەتنى تەرك ئېتىشتىن ئاجىز كەلدى. شەھۋەت ئەتە ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ. شەھۋەت ئادەتلەنگەنسېرى كۈچىيىدۇ. شۇڭا، بۇ تەرەپتىن تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرگۈچىلەر ھالاك بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار «ئىككى ئوخشاش نەرسىنىڭ ئارىسىدا پەرق بار» دەپ گۇمان قىلغان كىشىلەردۇر. تەۋبە قىلىشنى كېچىكتۈرگۈچىنىڭ مىسالى بىر تۈپ دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلاشقا موھتاج بولغان، ئاندىن ئۇ دەرەخنى ناھايىتى مۇشەققەت تارتىش بىلەن قومۇرۇپ تاشلىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدە «بۇ دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلاشنى بىر يىل كېچىكتۈرىمەن، ئاندىن قايتىپ كېلىپ ئۇنى قومۇرۇپ تاشلايمەن» دېگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ كىشى ۋاقىت ئۆتكەنسېرى دەرەخ يىلتىزىنىڭ مۇستەھكەملىشىدىغانلىقىنى، دەرەخنىڭ ئۆمرى ئۇزىرىغانسېرى ھەسسىلەپ كۈچىيدىغانلىقىنى ئۇنۇتقاندۇر.
شۇڭا، دەرەخ ئاجىز ۋاقىتىدا ئۇنى قومۇرۇپ تاشلاشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ قويۇپ قويغانلىقىدىن ئەجەبلىنىش كېرەك. بۇنداق كىشىدىن قانداقمۇ دەرەخ ھەسسىلەپ كۈچەيگەندە، ئۇنى قومۇرۇپ تاشلىشى ۋە دەرەخ ئۈستىدىن غالىب كېلىشى كۈتۈلسۇن!
ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلىشىنى كۈتۈشكە كەلسەك، ئېھتىمال ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ئىنسان كەسكىنلىك يولىنى تۇتۇشى كېرەك.
بۇنداق ئېتقادتا بولۇش، خۇددى بارلىق ماللىرىنى خەجلەپ، ئۆزى ۋە ئايال – بالىلىرىنى نامراتلىققا قويۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە بىر خارابىدىن بايلىق ئۇچراشتۇرۇپ رىزىق بېرىشىنى كۈتكەن كىشىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ كىشىگە بايلىق ئۇچرىتىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق كىشى «ئەخمەق» دېيىلىدۇ.
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. مۇسلىم (2702).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6308)؛ مۇسلىم (2744).
3. مۇسلىم (2702).
4. ئەھمەد (6160)؛ تىرمىزىي (3537)؛ ئىبنى ماجە (4253). تىرمىزىي، شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1309) «ھەسەن» دېگەن.
5. ئەھمەد (26073). ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 8717 ) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 3022) «زەئىف» دېگەن.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2766)؛ مۇسلىم (89).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4761، 600، 6811 ۋە 7520)؛ مۇسلىم (86).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6870، 6675)؛ مۇسلىم (88).
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5977)؛ مۇسلىم (88). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6919)؛ مۇسلىم (87).
11. يۇقىرىقى رىۋايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 6/641 – 653.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7439)؛ مۇسلىم (183). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
13. ئىبنى ھەجەر: («فەتھۇلبارىي»، 11/459) «ھەكىم تىرمىزىي ‹نەۋادىرۇل ئۇسۇل› دېگەن كىتابىدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن زەئىف سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
14. ئىبنى ماجە (4250)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (10128). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 3008) «ھەسەن» دېگەن.
15. جەننەتتىكى ئۈستۈن مەرتىۋىلەر.
16. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەتتەۋبە»، (166)؛ دەيلەمىي: «مۇسنەدۇل فىردەۋس»، (7914). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 6308) «زەئىف» دېگەن.
([17]: بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5861)؛ مۇسلىم (783). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
18. بۇخارىي (6308).
19. بۇخارىي (6492).
20. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (70).
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6069)؛ مۇسلىم (2990).
22. مۇسلىم (1017). جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
23. ئەھمەد (26322). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1433) «سەھىھ» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
24. ئەھمەد (21392)؛ تىرمىزىي (1987). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 97) «ھەسەن» دېگەن. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
25. مۇسلىم (1695). بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. بىرىنچى ۋەقەلىكتە مائىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەۋبىسى، ئىككىنچى ۋەقەلىكتە غامىد قەبىلىسىلىك ئايالنىڭ تەۋبىسى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
26. ئەھمەد (810)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (6720). ئىراقىي: «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1705) «توقۇلما» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
27. بۇخارىي (6493).
28. ئەھمەد (2)؛ تىرمىزىي (406)؛ ئىبنى ماجە (1395). ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5738) «سەھىھ» دېگەن.
29. ئەھمەد (22440)؛ ئىبنى ماجە (4022). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىيلار: («زەئىفۇلجاﻣﯩﺌ»، 1452) «زەئىف» دېگەن.
30. ئەھمەد (7939)؛ تىرمىزىي (3334)؛ ئىبنى ماجە (4244). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1670) «ھەسەن» دېگەن.
31. بۇخارىي (6116).
32. ئەھمەد (23488)؛ ئىبنى ماجە (4171). ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 742) «سەھىھ» دېگەن.