بىلگىنكى، تاشقى ئەدەبلەر ئىچكى پەزىلەتلەردىن دېرەك بېرىدۇ. ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى ئوي – پىكىر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ مېۋىسى، ئەمەللەر ئەخلاقنىڭ نەتىجىسى، ئەدەبلەر ئىلىم – مەرىپەتنىڭ تامچىسىدۇر. قەلب سىرلىرى بولسا ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ كۆچەتزارلىقى ۋە بۇلاقلىرىدۇر.
ئىچ دۇنيايىمىزنىڭ (روھىيىتىمىزنىڭ) نۇرلىرى تاشقى دۇنيايىمىزنى يورۇتىدۇ ۋە زىننەتلەپ گۈزەللەشتۈرىدۇ. قەلبى ئاللاھقا بويسۇنمىغان كىشىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ بويسۇنمايدۇ. كۆكسى ئىلاھىي نۇرلارنىڭ تەكچىسى بولمىغان بىرىنىڭ زاھىرىغا پەيغەمبەرلىك ئەدەبلىرىنىڭ گۈزەللىكى يۇقمايدۇ.
بىز ئىلگىرى بۇ ئەدەبلەرنى قايتىلاش بىھاجەت دەرىجىدە بايان قىلىپ ئۆتتۇق. بۇ بابتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەدەب ۋە ئەخلاقلىرىدىن بىر قىسىمىنى بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىزكى، بۇ ئارقىلىق بارچە ئەدەب ۋە ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن ئىمانمۇ كۈچلەندۈرۈلگەي ۋە مەھكەم ئورناشقاي. ئۇ زاتنىڭ ئۇلۇغ ئەخلاقىنى ئۆگىنىش بۇنىڭغا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ھەربىر ئەخلاقىي ئىستېدادى ئۇ زاتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك ئەخلاققا، مەرتىبە جەھەتتىن ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى، ئەڭ ھۆرمەتلىكى ۋە ئەڭ قەدىرلىكى ئىكەنلىكىگە شاھىدتۇر. ئۇنداقتا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بارلىق پېئىل – ئەتىۋارى قانداقمۇ ئۇنىڭغا شاھىد بولمىسۇن؟!
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى توغرۇلۇق سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى، قۇرئان غەزەپلەنگەنگە غەزەپلىنەتتى، قۇرئان مەمنۇن بولغاندىن مەمنۇن بولاتتى»(1). ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقىنى مۇكەممەل قىلغاندا، ئۇ زاتنى ماختاپ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4) دېگەن. ئۆزى ئاتا قىلغان ئاندىن ماختىغان ئاللاھ بارلىق ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەزى گۈزەل ئەخلاق ۋە سۈپەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
❊ رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەپۇچان، ئەڭ سېخىي ۋە ئەڭ مېھرىبان زات ئىدى.
❊ كەشىنى، كىيىمىنى ئۆزى يامايتتى(2) ۋە ئاياللىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى(3).
❊ چۈمپەردە ئىچىدىكى قىزدىنمۇ ھايالىق ئىدى(4).
❊ بىر قۇل چىللىسىمۇ ئىجابەت قىلاتتى(5)، كېسەللەرنى يوقلايتتى، ئۆزى يالغۇز ماڭاتتى(6)، باشقىلارنى ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىندۈرۈۋالاتتى؛ ھەدىيە قوبۇل قىلاتتى ۋە ھەدىيە قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى يەيتتى. شۇنداقلا، ھەدىيەگە ھەدىيە قايتۇراتتى(7). ئەمما، سەدىقە يېمەيتتى(8)؛ قورسىقىنى تويغۇزغۇدەك ناچار خورما چاغلىق نەرسىمۇ تاپالماي قالاتتى، ئۈچ كۈن ئارقىمۇئارقا بۇغداي نېنىغا تويۇپ باقمىغان ئىدى ۋە قورسىقىغا ئاچلىقتىن تاش تېڭىۋالاتتى(9).
❊ رەسۇلۇللاھ بارىنى يەيتتى ۋە يېمەكلىكنى پەقەت ئەيىبلەپ باقمىغان ئىدى. بىرنەرسىگە يۆلىنىپ تاماق يېمەيتتى(10) ۋە ئالدىدىن يەيتتى.
❊ رەسۇلۇللاھ گۆشنى بەك ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ قوينىڭ ئالدى پۇتىنىڭ گۆشىنى، ئوتياشلاردىن كاۋىنى، نان تۆگۈرۈپ يەيدىغان نەرسىلەردىن سىركىنى، قۇرۇق خورمىدىن ئەجۋەنى ئەڭ ياقتۇراتتى.
❊ رەسۇلۇللاھ تاپقان كىيىمنى كىيەتتى، بەزىدە يوللۇق تون، بەزىدە يۇڭ يەكتەك كىيەتتى. بەزىدە تۆگە، بەزىدە قېچىر، بەزىدە ئىشەك مىنەتتى ۋە يەنە بەزىدە يالاڭغىداق ياياق ماڭاتتى.
❊ رەسۇلۇللاھ خۇش پۇراقنى ياخشى كۆرەتتى، بەدبۇي پۇراقلارنى يامان كۆرەتتى.
❊ پەزىلەت ئەھلىنى ھۆرمەتلەيتتى، ئېسىل كىشىلەر بىلەن جەم بولاتتى، ھەممە كىشىگە ئەدەبلىك بولاتتى. ئۆزىگە ئۆزرە ئېيتقان كىشىنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلاتتى.
❊ چاقچاقمۇ قىلاتتى، ئەمما ھەقنىلا سۆزلەيتتى. پەس ئاۋازدا كۈلەتتى، زەررە ۋاقتىنى ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەلسىز ياكى ئۆزىگە مەنپەئەتلىك زۆرۈر ئىشلارسىز ئۆتكۈزمەيتتى.
❊ بىرەر ئايالغا ياكى خىزمەتچىگە بەددۇئا قىلىپ باقمىغان ئىدى.
❊ ئاللاھ يولىدىكى جىھادتىن باشقا چاغدا ھېچكىمگە قول كۆتۈرۈپ ئۇرمىغانىدى.
❊ ئاللاھ تائالا قويغان چەك – چېگرا دەپسەندە قىلىنمىغۇچە ھېچقاچان ئۆزى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايتتى.
❊ ئىككى نەرسە ئارىسىدا تاللاش ئىختىيارىغا قويۇلسا، ئاسىنىنى تاللايتتى. گۇناھ بولىدىغان ياكى سىلە – رەھىمنى ئۈزىدىغان ئىشلاردىن بەك يىراق تۇراتتى(11).
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئون يىل پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم. ئۇ زات ماڭا بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ باقمىدى ياكى قىلغان ئىشىمغا: ‹نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟› ۋەياكى: ‹مۇنداق قىلساڭ بولماسمىدى؟› دەپمۇ باقمىدى»(12).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر، مېنىڭ تاللانغان بەندەمدۇر، ئۇ قوپال، توڭ، بازارلاردا بەك ۋارقىرايدىغان ۋە يامانلىققا يامانلىق قايتۇرىدىغان كىشى ئەمەس، بەلكى ئەپۇچان ۋە كەڭ قول كىشىدۇر»(13).
❊ ئۇچراشقانلارغا باشتا سالام قىلىش، بىراۋ بىر ھاجەت بىلەن يېنىدىن ئايرىلغان بولسا، ئۇ كىشى قايتىپ كەلگۈچە سەبر قىلىپ كۈتۈپ تۇرۇش، بىرى قولىنى تۇتسا قارشى تەرەپ قولىنى قويۇپ بەرمىگۈچە، ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋەتمەسلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقلىرىدىن ئىدى.
❊ بىر مەجلىستە قەيەردە ئورۇن بولسا ساھابەلىرى بىلەن ئارىلىشىپ، بەئەينى ئۇلاردىن بىرىدەكلا ئەل قاتارى ئولتۇراتتى، ھەتتا ياقا يۇرتتىن كەلگەن كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قايسى كىشى ئىكەنلىكىنى سورىمىغۇچە بىلەلمەيتتى.
❊ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەك ئۇزۇن سۆزلىمەيتتى. سۆزلىگەندە بەك تېز سۆزلىمەيتتى، بەلكى ئالدىرىماي، ئورۇنلۇق سۆزلەيتتى ۋە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن سۆزىنى تەكرارلايتتى.
❊ كۈچى يېتىپ تۇرۇپ ئەپۇ قىلاتتى ۋە ھېچكىمگە يامانلىقنى راۋا كۆرمەيتتى.
❊ رەسۇلۇللاھ بەك راستچىل، ئەھدىگە بەك ۋاپادار، يۇمشاق تەبىئەتلىك، يولداشلىققا لايىق ئېسىل كىشى ئىدى. رەسۇلۇللاھنى ئۇشتۇمتۇت كۆرگەن كىشى ئۇ زاتتىن ئەيمىنەتتى، سۆھبىتى بىلەن ئۇ زاتنى تونۇشقا مۇيەسسەر بولغۇچىلار ياخشى كۆرۈپ قالاتتى. ساھابەلىرى دۇنيا ئىشى ھەققىدە پاراڭلاشسا، ئۇلار بىلەن دۇنيا ئىشى ھەققىدە پاراڭلىشاتتى. جاھىلىيەت ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىشىپ كۈلۈشسە، رەسۇلۇللاھ تەبەسسۇم قىلاتتى.
❊ رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ شىجائەتلىك كىشى ئىدى. بەزى ساھابەلەر ئېيتىدۇ: «قاتتىق جەڭ بولغاندا بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن قوغدىناتتۇق».
[رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلىكى] ❊ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەك ئېگىزمۇ، بەك پاكارمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا بوي ئىدى.❊ رەڭگى نۇرانىي، قارامتۇل ئەمەس ئىدى.
❊ چېچى ئۇزۇنمۇ ئەمەس، بەك بۈدۈرە ياكى بەك تۈزمۇ ئەمەس، تارىغىلى بولىدىغان چاچ ئىدى(14). چېچى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا چۈشۈپ تۇراتتى(15).
❊ رەسۇلۇللاھنىڭ پېشانىسى كەڭ، قەلەمقاش، كۆزلىرى چوڭ ۋە قاپقارا، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، بۇرنى تىك، ئىككى مەڭزى سىلىق، ساقىلى قويۇق ئىدى. بوينى تەڭداشسىز گۈزەل، بەئەينى كۈمۈش تۈۋرۈككىلا ئوخشايتتى. كۆكرىكى كەڭ، قورسىقى بىلەن كۆكسى باراۋەر، ئالىقانلىرى كەڭرى، قوللىرى ئۇزۇن، ئالىقىنى يىپەكتىنمۇ يۇمشاش ئىدى(16). ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا دۇرۇد – سالام يوللىغاي!
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇئجىزىلىرى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈرلۈك ھال – ئەھۋالىغا شاھىد بولغان ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى، ئىش – ھەرىكىتى، ئىنسانىيەت مەنپەئەتىگە قىلغان تەڭداشسىز خىزمەتلىرى، ئەقىللىق زاتلار ۋە فەقىھلەر بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ نازۇك تەرەپلىرىنى ئىگەللەشكە ئاجىز كەلگەن شەرىئەتنىڭ زاھىرىنى شەرھلەشتىكى گۈزەل ئىشارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغان كىشى بۇنىڭ ھىيلە بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ بولماس بىر مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىدە شەك قىلمايدۇ. بەلكى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ساماۋى بىر قوللاش، ئىلاھىي بىر كۈچنىڭ ياردىمى بىلەنلا مۇمكىن ئىكەنلىكىگە چىنپۈتىدۇ. بىر ھىيلىگەر ياكى ساختىپەزنىڭ بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەمائىلى / بىئوگرافىيەسى، ئېسىل ئەخلاقى، ھال ۋە ھەرىكەتلىرى راستچىللىقىنىڭ ئەڭ كەسكىن دەلىلىدۇر.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇئجىزىلىرىدىن ۋە ئوچۇق دەلىللىرىدىن بىرى ئىنسانىيەت ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز غالىب قۇرئاندۇر. ھەر پەيغەمبەرنىڭ مۇئجىزىسى ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يوقالغاندۇر، ھالبۇكى «قۇرئان كەرىم» مۇئجىزىسى مەڭگۈ قالغۇسىدۇر.
ئاينىڭ ئىككىگە يېرىلىشى، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇلار چىقىشى، ئازغىنە تائام بىلەن كۆپ كىشىنى تويغۇزۇشى، بىر ئوچۇم شېغىل تاشنى ئېتىشى بىلەن نۇرغۇن مۇشرىكنىڭ كۆزىگە تېگىشى، خورما كۆتىكىنىڭ رەسۇلۇللاھنى سېغىنىپ ھىنگان تۆگىنىڭ بوزلىشىدەك ئاۋاز چىقىرىشى، غەيبتىن بېشارەت بېرىشى ۋە ئۇ بېشارەتلەرنىڭ دەل ئۇ زاتنىڭ ئېيتقىنىدەك يۈز بېرىشى رەسۇلۇللاھنىڭ مۇئجىزىلىرىدىندۇر.
رەسۇلۇللاھ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چانىقىدىن چىقىپ كەتكەن كۆزىنى قولى بىلەن ئورنىغا سېلىپ قويغان ۋە ئۇ كۆزلەر ئەڭ گۈزەل كۆزگە ئايلانغان ئىدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يىرىڭدىغان كۆزىگە تۈكۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، دەرھال ساقىيىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ زاتنىڭ بۇلاردىن باشقا ھەممە بىلىدىغان، يوشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان يەنە نۇرغۇن مۇئجىزىلىرى باردۇر.
ئاللاھ تائالادىن بىزلەرنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى ۋە سۈپەتلىرىگە ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.
ئول ئاللاھ كەرەملىكتۇر، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر. ﴿ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر﴾ (37/«ساففات»: 182).
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. باش قىسمى مۇسلىم (746)؛ ئاخىرى بىلەن قوشۇپ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (1755).
2. ئەھمەد (25380). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي («سەھىھۇلجامىئۇسسەغىر ۋە زىيادەتۇھۇ»، 9068): «سەھىھ» دېگەن.
3. بۇخارىي (676).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6102)؛ مۇسلىم (2320). ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
5. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (12331). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4915): «سەھىھ» دېگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6443)؛ مۇسلىم (94). ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
7. بۇخارىي (2585). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
8. ئەبۇ داۋۇد (4514). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4881): «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
9. بۇخارىي 4101 – ھەدىستە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇردى، ھالبۇكى قورسىقى تاش بىلەن تېڭىلغان ئىدى» دېگەن.
10. ئەبۇ داۋۇد (3772). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4840): «سەھىھ» دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
11. يۇقىرىقى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەدىسلەردە كەلگەندۇر.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6038)؛ مۇسلىم (2309).
13. بۇخارىي (2125).
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3548)؛ مۇسلىم (2309). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
15. بۇخارىي (3551). بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
16. يۇقىرىقى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەدىسلەردە كەلگەندۇر.