Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

سەپەرنىڭ ئەدەبلىرى ھەققىدە

سەپەرنىڭ ئەدەبلىرى ھەققىدە

سەپەرنىڭ ئەدەبلىرى ھەققىدە

سەپەر قېچىشقا تېگىشلىك نەرسىدىن قۇتۇلۇش ياكى ئارزۇ قىلىنغان نەرسىگە ئېرىشىش ۋاسىتىسىدۇر.

سەپەر ئىككى تۈرلۈكتۇر:

بىرى، زاھىرىي بەدەن بىلەن يۇرتىدىن سەپەر قىلىش. يەنە بىرى، قەلب سەيرى بىلەن ئەسفەلى سافىلىن(1)دىن ئەرشى ئەلانىڭ بۈيۈك مۈلكىگىچە قىلىنىدىغان سەپەردۇر. ئەڭ شەرەپلىك سەپەر ئىككىنچىسىدۇر. چۈنكى، تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىتتىن ئايرىلمىغان، ئاتا – بوۋىلىرىدىن ئۆگەنگەن نەرسىلەر بىلەنلا توختاپ قالغان ئىنسان نۇقسانلىق، ھالىغا قانائەت قىلغان، كەڭلىكى ئاسمان ۋە زېمىنچە كېلىدىغان كەڭ جەننەتكە زىندان قاراڭغۇلۇقىنى ۋە ھەپس تارلىقىنى تېگىشكەن كىشىدۇر.

كۆرمىدىم كىشىلەر ئىچرە قەبىھ ئەيىبنى،

قادىر تۇرۇپ كەمتۈك قىلغانلارنىڭكىدەك(2).

ئەمما، بۇ سەپەرگە تەييارلىقسىز ئاتلانغۇچى ناھايىتى چوڭ خەتەر ئىچىدە بولىدىغان بولغاچقا، (قوغدىغۇچى ۋە يولباشچىغا موھتاج بولىدۇ، نەتىجىدە يولنىڭ نائېنىقلىقى، قوغدىغۇچى ياكى يولباشچىنىڭ يوقلۇقى ۋە ئۆزىنىڭ غەيرەتسىزلىكى سەۋەبلىك) يولىنى يىتتۈرۈپ قويىدۇ – دە، ئېزىپ كېتىدۇ.

بەدەنىي سەپەر بولسا بىرنەچچە قىسىمدۇر. بەدەنىي سەپەرنىڭ نۇرغۇن پايدىلىرى بولۇپلا قالماي بۈيۈك ئاپەتلىرىمۇ باردۇر. بۇ سەپەرنىڭ ھۆكمى يالغۇز ياشاش ياكى كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆتۈشنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ. يۇقىرىدا ئۇنىڭ يولىنى بايان قىلىپ بولدۇق.

بەدەنىي سەپەر قىلىشقا تەشۋىق قىلغۇچى پايدىلار يا بىر نەرسىدىن قېچىش ياكى بىر نەرسىنى تەلەپ / ئارزۇ قىلىشقا چېتىلىدۇ. بىر شەھەردە كۆرۈلگەن تائۇن (ۋابا)، پىتنە ۋە خۇسۇمەتتىن قورقۇش ياكى زىيادە قىممەتچىلىككە ئوخشاش دۇنيالىق ئىشلاردا پاراكەندە بولۇش قېچىشقا سەۋەبلىك بولىدۇ.

يا بولمىسا كىشى دىنىي تاماندىن ئۆزىگە زىيانلىق بىر ئامىلدىن قاچىدۇ. مەسىلەن، كىشىنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى مەرتىۋە، ئابرۇي، مال – دۇنيا ۋە ناھايىتى ياخشى شارائىتى بۇ ئىمكانلىرى كىشىنى ئاللاھقا تولۇق تەسلىم بولۇشتىن توسقۇدەك بولسا، ياقا يۇرتقا چىقىشنى ۋە شان – شۆھرىتىنى ئۆچۈرۈشنى تاللايدۇ، باياشات شارائىتىدىن، مەرتىۋە ۋە ماقامىدىن يىراقلىشىدۇ. بىر بىدئەتكە چاقىرىلغان ياكى قىلىنىشى ھالال بولمىغان بىر ئىشقا تەيىنلەنگۈسى كىشى بۇلاردىن قاچىدۇ.

سەپەردىن كۆزلەنگەن ۋە تەلەپ قىلىنغان نەرسىگە كەلسەك، يا مال – مۈلك، يۈز – ئابرۇيغا ئوخشاش دۇنيالىق بىر ئىستەك، ياكى ئىلىمگە ئوخشاش دىنىي بىر تەلەپ ئۇمۇنچتۇر. ئىلىم بولسا يا دىنىي تېمىلارغا ئالاقىدار، ياكى ئۆز دىيانىتىگە ئالاقىدار ۋەياكى ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى قۇدرەت ئالامەتلىرىگە ئالاقىدار بولىدۇ. ئىلىم بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ۋە ساھابە كىراملەر زامانىدىن بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ئىلىم تەھسىل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئىلىمنى پەقەت سەپەر قىلىش بىلەن تەھسىل قىلغان ۋە ئىلىم ئۈچۈن سەپەر قىلغان ئىدى.

بىر كىشىنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆز پېئىل – ئەتىۋارىنى بىلىشىمۇ ھەم بەك مۇھىمدۇر. چۈنكى، ئاخىرەت يولىدا پەقەت ئۆز ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە تۈزىتىش بىلەنلا ماڭغىلى بولىدۇ. سەپەر — ئاچماق ۋە ئاشكارىلىماق دېگەن مەنىسىگە بىنائەن — «سەپەر» دەپ ئاتالغان. چۈنكى بۇ ئىلىم ئەخلاقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا: يۇرتىدىن ئايرىلمىغان تۇرغۇن كىشى ئۆز تەبىئىتىگە مۇۋاپىق، كۆنگەن ۋە تونۇش مۇھىتتا ئۆتىدىغان بولغاچقا، پەس خۇيلىرىنى ئاشكارىلىمايدۇ. قاچانكى، سەپەر قىيىنچىلىقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندە، ئۆزى كۆنگەن راھەت مۇھىتتىن ئايرىلغان ۋە مۇساپىرلىقنىڭ رەنج – مۇشەققەتلىرى بىلەن سىنالغان چاغدا، ئىنسان نەپسىنىڭ بارلىق ناچار تەرەپلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە كىشى ئەيىب – نۇقسانلىرىنى تونۇپ يېتىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى قۇدرەت ئالامەتلىرىگە قاراپ دىققەت بىلەن كۆزەتكۈچىگە (بەسىرەت ئىگىسىگە) نۇرغۇن پايدىلار باردۇر:

جۈملىدىن، ﴿يەر يۈزىدە بىر – بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر﴾(13/«رەئد»: 4)، تاغلار، چۆللەر، دېڭىزلار، تۈرلۈك ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر بار. ھەرقانداق بىر مەۋجۇد نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە شاھىدتۇر ۋە ﴿(پەقەت ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز – نەسىھەتكە) ھۇزۇرىي قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم﴾(50/«قاف»: 37) لا بىلەلەيدىغان ئۆتكۈر تىل بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتقۇچىدۇر.

بۇ يەردىكى قۇلاق سېلىش دېگىنىمىز — تاشقى جەھەتتىن قۇلاقنى دىڭ تۇتۇش ئەمەس — ئىچ – ئىچىدىن قۇلاق سېلىش بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ھال تىلىنىڭ نەق مېغىزىنى چاققىلى بولىدۇ. ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەربىر زەررىدە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىرلىكىگە تۈرلۈك شاھىدلار باردۇر.

بىز سەپەرنىڭ پايدىلىرى قاتارىدا دۇنيالىق بىر ۋەزىپىدىن، يۈز – ئابرۇي ۋە ھەددىدىن زىيادە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن قېچىشنى بايان قىلدۇق. چۈنكى، دىن (بويسۇنۇش) ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن پارىغ بولغان قەلب بىلەنلا مۇكەممەل بولىدۇ. بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادىن، دۇنيالىق مۇھىم شەيئىلەردىن ۋە زۆرۈر ھاجەتلەردىن تامامەن قول ئۈزۈش تەسەۋۋۇرغا سىغمايدۇ. لېكىن، يەڭگىللەشتۈرۈش ۋە ئازايتىشنى تەسەۋۋۇر قىلماق مۇمكىن. قەلبىدە ۋە كۆڭلىدە دۇنيا يۈكىنى يەڭگىل / ئاز قىلغۇچىلار نىجات تاپىدۇ، يۈكى ئېغىرلار ھالاك بولىدۇ. ئەڭ چوڭ غايىسى دۇنيا بولمىغان كىشى قەلبىدىكى دۇنيا يۈكى يەڭگىل كىشىدۇر.

مۇباھ سەپەر توغرىسىدا
كەيپىياتنى تەڭشەش، كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ۋە سەير – تاماشا قاتارلىق نىيەتلەردە قىلىنغان بەزىبىر سەپەرلەر مۇباھ سەپەرلەردۇر. زېمىندا ھېچقانداق مەقسەت ۋە نىشانسىز كېزىش چەكلەنگەندۇر.

ئىشىتتۇقكى، تاۋۇس — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — نىڭ رىۋايەت قىلىشچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىسلامدا تەركىدۇنيا، رەددى نىكاھ ۋە جاھانكەزدىلىك بىلەن ئىبادەت قىلىش يوقتۇر»(3) دېگەن.

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «جاھانكەزدىلىك بىلەن ئىبادەت قىلىش ئىسلامدا ئەسلا يوقتۇر، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىنىمۇ ئەمەس» دېگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپەر دىققەتنى چاچىدۇ، شۇڭا ئاخىرەتنى كۆزلىگۈچى (مۇرىد(4)) پەقەت ئىلىم تەلەپ قىلىش ياكى ئۆزىگە ئۆرنەك ئالغان بىرەر پىرنى كۆرۈش ئۈچۈنلا سەپەر قىلىشى لازىم.

سەپەرنىڭ ھەج پائالىيەتلىرى ۋە باشقا بابلاردا تىلغا ئېلىنغان مەشھۇر ئەدەبلىرى باردۇر:

شۇ قاتارىدىن: زۇلۇم قىلىپ باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئېلىۋالغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش، قەرزنى ئادا قىلىش، نەپىقىسى ئۆز زىممىسىدىكى كىشىلەرنىڭ نەپىقىسىنى تەييار قىلىش ۋە ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن سەپەرنى باشلاش؛

يەنە: سالىھ ھەمراھ تاللاش، ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلىرى بىلەن خوشلىشىش؛

يەنە: ئىستىخارە نامىزى ئوقۇش ۋە سەپەرگە پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن چىقىش؛

يەنە: يالغۇز سەپەرگە چىقماسلىق، كۆپىنچە كېچىدە يول يۈرۈش، بىرەر مەنزىلگە يېتىپ كەلسە، ئېگىز جايغا چىقسا ياكى تاغ جىلغىسىغا كىرسە زىكىر ۋە دۇئالارنى ئوقۇشقا بىپەرۋالىق قىلماسلىق؛

ۋە يەنە: يېنىدا مىسۋاك، تارغاق، ئەينەك، سۈرمە كەبى پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىش قاتارلىقلار(5).

 

سەپەر قىلغۇچىنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلار

سەپەرگە چىققۇچى دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن يېنىدا ئوزۇق ئېلىۋېلىشى كېرەك. يېگۈلۈك، ئىچكۈلۈك ۋە ئېھتىياج چۈشكۈسى لازىم – كېرەكلەر دۇنيا ئوزۇقىدىندۇر.

«مەن سەپەرگە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ چىقىمەن، ئوزۇق – تۈلۈك بىھاجەت» دېمەسلىك كېرەك. بۇنداق دېيىش جاھىللىقتۇر. چۈنكى، ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىۋېلىش ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشقا زىت ئەمەستۇر.

ئاخىرەت ئوزۇقى بولسا تاھارەت ئېلىش، ناماز ئوقۇش ۋە ئىبادەت قىلىشتا ئېھتىياج چۈشىدىغان ئىلىمدۇر. شۇنداقلا سەپەردە نامازنى قەسىر قىلىش، جەملەش، روزا تۇتماسلىق، مەسىھ ۋە تەيەممۇمنىڭ مۇددىتى، ھەرىكەت ھالىدا نەپلە ناماز ئوقۇشقا ئوخشاش سەپەردە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئىشلارنى بىلىشىمۇ شۇ جۈملىدىندۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى فىقھ كىتابلىرىدا شەرتلىرى بىلەن بايان قىلىنغان.

مۇساپىر سەپەر جەريانىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنى، يەنى قىبلە ۋە ناماز ۋاقىتلىرىنى بىلىشى كېرەك. چۈنكى، بۇلارنى بىلىش مۇقىم تۇرغانغا قارىغاندا سەپەردە بەكرەك تەكىتلىنىدۇ.

قىبلىنى قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار(نىڭ ئورنى)، شاماللار، سۇلار، تاغلار ۋە سامانيولى(6) (نىڭ يۆنىلىشىگە) قاراپ بەلگىلەش مۇمكىن. (چوڭ) تاغلارنىڭ قىبلە تامان يۈزلىنىشىگە قاراپمۇ بىلگىلى بولىدۇ(7). بۇلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا بايان قىلىنىدۇ.

سامانيولى بولسا كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدا (شامدا) ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ سول مۈرىسى ئۈستىدە قىبلە تەرەپكە سوزۇلغان بولىدۇ. ئاندىن باش تەرىپى ئېگىلىپ، كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە توغرا كېلىدۇ. سامانيولى يەنە «ئاسماننىڭ چىراغلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ(8).

ناماز ۋاقىتلىرىنى بىلىش بەك مۇھىمدۇر. پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن قايرىلىش بىلەن كىرىدۇ. مۇساپىر — كۈن تىكلەنگەن مەھەلدە — تۈز بىر تاياقنى تىكىدۇ – دە، تاياق سايىسىنىڭ ئۇچىغا ئىشارەت قويىدۇ ۋە قارايدۇ: ئەگەر سايە ئۆزگەرمىگەن بولسا، پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرمىگەن بولىدۇ. ئەگەر سايە قايغان / ئۇزرىغان بولسا، كۈن قايرىلىپ، پېشىننىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ. بۇ دەل پېشىن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىدۇر. پېشىن نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھەرنەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىگە تەڭلەشكەنگە قەدەردۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسىر نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى كىرىدۇ(9). ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھەرنەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولغانغا قەدەردۇر(10).

ئىمام ئەھمەدتىن — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ئەسىر نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى كۈن سارغايغۇچە؛ كۈن سارغايغاندا (ئەسىرنىڭ) ئەۋزەل ۋاقتى كېتىدۇ، (لېكىن) كۈن پېتىشتىن ئالدىنقى ۋاقىت ئوقۇۋېلىش دۇرۇس ۋاقىتتۇر. قالغان نامازلارنىڭ ۋاقتى ئېنىقتۇر.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. ئەسفەلى سافىلىن (أَسْفَلَ سَافِلِينَ): «ئەڭ تۆۋەنلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنى؛ ئەڭ رەزىللەرنىڭ ئەڭ رەزىلى؛ ئەڭ پەسلەرنىڭ ئەڭ پېسى» دېگەن مەنىدە. قاراڭ: مۇرتەزا ئەززەبىيدىي: «تاجۇلئەرۇس»، 29/204. — ت.
2. شائىر ئەبۇ تاييىپ ئەھمەد ئەلمۇتەنەببىينىڭ بىر بېيىتى. ۋاھىدىي: «شەرھۇ دىۋانىل مۇتەنەببىي»، 336 – بەت.
3. بۇ ھەدىسنى دارىمىي (2175) سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاستىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ ئاياللاردىن يىراقلىشىپ، ئايرىم بولۇۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى چاقىرتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: ‹ئەي ئوسمان! شۈبھىسىزكى، مەن رۇھبانچە بىر تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بۇيرۇلمىدىم…›» بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى كۈچلۈكتۇر. ئىمام ئەھمەد (6/226) بۇ ھەدىسنى ئۇرۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا باغلاپ رىۋايەت قىلغان. ئۇرۋە مۇنداق دېگەن: «ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ ئايالى ئۈستى بېشى ئاۋارە بىر ھالدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىردى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ‹نېمە بولدى› دەپ سورىدى. ئۇ ئايال جاۋابەن: ‹ئېرىم كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن، كۈندۈزلەرنى روزا بىلەن ئۆتكۈزمەكتە› دېدى. بۇ ئەسنادا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىرىپ قالدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەھۋالنى يەتكۈزدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوسماننى كۆرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ‹ئەي ئوسمان! رۇھبانلىق بىزگە پەرز قىلىنمىدى. مەندە سەن ئۈچۈن بىر ئۈلگىلىك ئەھۋال يوقمۇ؟›» بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىمۇ ئىشەنچىلىك كىشىلەردۇر. يەنە ئابدۇرراززاق (15860)، ئىمام مۇناۋىي («فەيزۇلقەدىر»، 9880) «مۇرسەل» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1782) «مۇرسەل سەھىھ» دېگەن. لېكىن، مەزكۇر ھەدىستىكى مەزمۇنلار ئايەت – ھەدىسلەردە كەلگەن توغرا مەزمۇنلاردۇر.
4. مۇرىد: تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرىدىن بولۇپ، ھەقنى تونۇشنى ئىرادە قىلغان ۋە تەسەۋۋۇف يولىدا مېڭىشنى قارار قىلىپ، ئۆزىنى تەرىقەت پىرىنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرغان كىشىدۇر.
5. بۇ ئېھتىياجلار ۋاقىت ۋە سەپەرلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. چۈنكى، ھەربىر سەپەرنىڭ ئېھتىياجلىق بۇيۇملىرى بولىدۇ.
6. سامانيولى (أم النجوم / مَجَرَّةٌ درب التبانة): بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇياش سىستېمىسى جايلاشقان يۇلتۇز تۈركۈمى بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق ۋە بولۇپمۇ قاتتىق ئايدىڭ ئەمەس كېچىلەردا كۆك يۈزدە پەيدا بولىدىغان، كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن بولغان، ئەمما تەپسىلىي ۋە ئېنىق كۆرۈش مۇمكىن بولمىغان يۇلتۇزلاردىن تەشكىل تاپقان تۇمانلىق بىر بەلۋاغ — ت.
7. قىبلىنى قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار بىلەن بېكىتىش ھەققىدە (16/«نەھل»: 16؛ 6/«ئەنئام»: 97 ۋە يۇنۇس: 5) ئايەتلەر كەلگەن بولغاچقا، بۇ ھەقتە ئىجماﺋ بار. ئۇندىن باشقا شامال يۆنىلىشى، چوڭ دەريالارنىڭ ئېقىن يۆنىلىشى ۋە چوڭ تاغ تىزمىلىرىنىڭ يۈزلىرى يەنى يامىشىپ چىققىلى بولىدىغان تەرىپى ئارقىلىق بىلىشمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە جائىز.
8. بۇلار تامامەن شام ۋە ئەتراپىدىكى دىيارلار ئۈچۈندۇر. يەمەن، مىسىر ۋە شەرقتىكى كىشىلەرگە سامانيولى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغاندىن باشقىچە كۆرۈنىدۇ.
9. پېشىن نامىزىنىڭ كىرىدىغان ۋاقتى ھەققىدە ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق، ئەمما چىقىپ كېتىدىغان ۋاقتى توغرىسىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىدىن ئىمام ئەبۇ يۈسۈف بىلەن ئىمام مۇھەممەدنىڭ قارىشىدۇر. ئەمما، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا پېشىن نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھەرنەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىدىن ئىككى ھەسسىسىگە يەتكۈچە بولۇپ، ئىككى ھەسسىگە يەتكەندە پېشىن ۋاقتى چىقىپ، ئەسىر ۋاقتى كىرىدۇ.
10. ئەمما ھەنەفىي مەزھەبتە ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى كۈن توقىچى تولۇق پاتقانغا قەدەردۇر. بۇنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كۈن پاتقانغا قەدەر ئەسىرنى قولدىن بېرىپ قويغان كىشى خۇددى بالا – چاقىلىرى ۋە پۇل – ماللىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ يالغۇز قالدۇرۇلغان كىشىگە ئوخشايدۇ» دېگەن ھەدىسىدۇر. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (552)؛ مۇسلىم (626).

Please follow and like us:
Exit mobile version