بۇ بابنىڭ ئاخىرىدا خەلق بىلەن ئالاقە قىلىش ئەدەبلىرىنى بايان قىلىمىز. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەدەبلەردىن بەزىلەر تۆۋەندىكىچە:
مۇتەكەببۇر ئەمەس كەمتەر بولۇش، بىشەم ئەمەس كىچىك پېئىل بولۇش، دوست ياكى دۈشمەن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بوزەك بولماي ۋە ھۇدۇقماي خۇشچىراي كۈتۈۋېلىش، سورۇندا ئولتۇرغاندا بارماقلارنى گىرەلەشتۈرۈش، بۇرۇننى كولاش، كۆپ تۈكۈرۈش ۋە ئەسنەشتىن ساقلىنىش (ۋە باشقىلار).
بىراۋ سۆزلەۋاتقاندا قۇلاق سال، سۆزىنى قايتىلاپ سورىما؛ ئۆزۈڭ، بالىچاقاڭ ۋە خىزمەتكارلىرىڭ بىلەن ماختىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە؛ ئايال كىشىدەك ياسانما، قۇلدەك ئاۋارە كىينمە؛ ئەھلى ئائىلەڭنى قوپاللىق قىلماي قورقۇت، ئاجىز كۆرۈنمەي يۇمشاق بول؛ دېدەك ۋە قۇللىرىڭ بىلەن چاقچاقلاشمىغىنكى، سۈر – ھەيۋەڭ يوقىمىسۇن. كەينىڭگىمۇ تولا قارىما.
شاھ / سۇلتان بىلەن بىرگە ئولتۇرما، ئەگەر ئولتۇرۇپ قالساڭ گۇناھلاردىن ۋە غەيۋەتتىن ساقلان؛ ئۇنىڭ سىرىنى ساقلا؛ ئۇنىڭ قېشىدا چاقچاقلاشما، كېكىرمە ۋە چىشڭنى كولىما؛ سۇلتان سېنى يېنىغا چاقىرسا / ئۆزىگە يېقىن تۇتسا، قاتتىق ئېھتىياتچان بول؛ ئەگەر سەن بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرمەسلىكىدىن خاتىرجەم بولما؛ سۇلتاننىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان سۆزلەرنى قىل، كىچىك بالىغا قانداق مۇلايىم بولساڭ، سۇلتانغىمۇ شۇنداق مۇلايىم بول؛ سۇلتان بىلەن ئائىلىسى ۋە خىزمەتچىلىرى ئارىسىغا كىرمە؛ ياخشى كۈن دوستىدىن قاچ. مېلىڭنى ئار – نومۇسۇڭدىن قىممەتلىك كۆرمە؛ بىر سورۇنغا كىرسەڭ، كەمتەر بولۇپ ئەڭ يېقىن ئورۇندا ئولتۇر؛ يول ياقىسىدا ئولتۇرما، ئەگەر ئولتۇرۇپ قالساڭ، كۆزۈڭنى ھارامدىن ساقلا؛ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بەر؛ يولدا ئېزىپ قالغان كىشىگە يولىنى كۆرسىتىپ قوي؛ قىبلە تەرەپكە ۋە ئوڭ تەرىپىڭگە تۈكۈرمە، سول تەرىپىڭگە ياكى سول پۇتۇڭنىڭ ئاستىغا تۈكۈر؛ ئاۋام خەلق بىلەن ئولتۇرۇشتىن ساقلان، ئەگەر ئولتۇرۇپ قالساڭ، ئۇلارنىڭ ناچار خۇيلىرى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن يامان قىلىقلىرىنى بىلمەسكە سال، ئۇلارنىڭ پارىڭىغا كىرىپ كەتمە؛ كۆپ ھەزل – چاقچاقتىن ساقلان، چۈنكى چاقچىقىڭ سەۋەبلىك ئاقىل ساڭا ئاداۋەت تۇتىدۇ، نادان بولسا چاقچىقىڭ سەۋەبلىك سەندىن ئەيمەنمەيدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ، تۇغقانلارنىڭ، قوشنىدارچىلىقنىڭ ۋە قۇللارنىڭ ھەقلىرى
مۇسۇلماننىڭ ھەقلىرىدىن بەزىلەر تۆۋەندىكىچە:
❊ ئۇچراشقاندا سالام بېرىش؛ چىللىسا ئىجابەت قىلىش؛ چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللاھ (ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن) دېسە، يەرھەمۇكەللاھ (ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن) دېيىش؛ كېسەل بولسا يوقلاش؛ ئۆلسە جىنازىسىغا قاتنىشىش؛ ئىچكەن قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش؛ نەسىھەت تەلەپ قىلسا، نەسىھەت قىلىش؛ يوق يېرىدە ھەققىنى قوغداش؛ ئۆزىگە راۋا كۆرگەننى قېرىندىشىغىمۇ راۋا كۆرۈش ۋە ئۆزىگە يامان كۆرگەننى ئۇنىڭغىمۇ يامان كۆرۈش. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەدىسلەردە نەقىل قىلىنغان(1).
❊ ھېچبىر مۇسۇلمانغا سۆز ياكى ھەرىكەت بىلەن ئەزىيەت بەرمەسلىك، مۇسۇلمانلارغا كەمتەر بولۇش، چوڭچىلىق قىلماسلىق، بەزى كىشىلەرنىڭ بەزى كىشىلەر ھەققىدە قىلغان سۆز – چۆچەكلىرىگە قۇلاق سالماسلىق ۋە بەزىلەردىن ئاڭلىغاننى بەزىلەرگە توشۇماسلىق؛
❊ تونۇش كىشىگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتماسلىق؛ بۇ توغرىدا مەشھۇر ھەدىس بار(2). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان باشقا بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇئمىننىڭ باشقا بىر مۇئمىننى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ تاشلىۋېتىشى ھالال ئەمەس، ئۈچ كۈن ئۆتسە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسۇن، ئۇنىڭغا سالام قىلسۇن. ناۋادا سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ جاۋاب قايتۇرسا، ئەجرىنى ھەر ئىككىيلەن تەڭ ئالىدۇ. سالامغا جاۋاب قايتۇرمىسا، گۇناھ ئۆزىگە بولىدۇ، سالام قىلغۇچى تاشلىۋېتىشنى ئاياغلاشتۇرغان ھېسابلىنىدۇ»(3).
بىلگىنكى، ئۈچلا كۈنلۈك ئاداۋەت دۇنيا ئىشلىرىدا بولىدۇ. دىنغا ئالاقىدار ئىشلاردا بىدئەتچى، ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگەشكۈچى ۋە مەئسىيەتگۇيلارغا قارىتا، ئەرگەر تەۋبە قىلغانلىقى ۋە ھەقكە قايتقانلىقى ئاشكارا بولمىسا، ئاداۋەت تۇتۇش داۋاملىشىۋېرىدۇ.
❊ مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلغان ھەرقانداق كىشىگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشىلىق قىلىش، ھېچكىمنىڭ يېنىغا رۇخسىتىسىز كىرمەسلىك، ئۈچ قېتىم رۇخسەت سوراش ۋە ئەگەر رۇخسەت قىلمىسا قايتىپ كېتىش؛
❊ كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىش؛ يەنى ھەركىمگە ئۆزىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. چۈنكى، جاھىلغا ئىلىم بىلەن، بىپەرۋاغا فىقىھ بىلەن، دۆت ۋە نادانغا پاساھەت ۋە بالاغەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھەم ئۆزىگە، ھەم ئۆزگىگە ئەزىيەتتۇر.
❊ چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش؛ ھەممە كىشىگە خۇشچىراي ۋە ئەدەبلىك بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، شەپقەتلىك بولۇش ۋە ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىشنى ياخشى كۆرسە، باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىش.
ھەسەن ئەلبەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تۆرت سۆزنى ۋەھيى قىلدى ۋە دېدىكى: ھەممە نەرسە مۇشۇ تۆرت سۆزگە جەملەنگەندۇر. ئۇلاردا ساڭا ۋە بالىلىرىڭغا پايدىلىق ئىشلار بار، ئۇلاردىن بىرى ماڭا خاس، يەنە بىرى ساڭا خاس، ئۈچىنچىسى مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئورتاق، تۆتىنچىسى سەن بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر. ماڭا خاس بولغىنى: ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭ، ماڭا ھېچنەرسىنى شېرىك قوشماسلىقىڭدۇر؛ ساڭا خاس بولغىنى: سېنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭ بولۇپ، سەن ئەڭ موھتاج بولغان كۈندە ساڭا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىمەن؛ مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا بولغىنى: سېنىڭ ماڭا دۇئا قىلىشىڭ، مېنىڭمۇ ئۇنى ئىجابەت قىلىشىمدۇر؛ سەن بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاق بولغىنى: ئۇلارنىڭ ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ياخشى كۆرسەڭ، سېنىڭمۇ ئۇلارغا شۇ شەكلىدە مۇئامىلە قىلىشىڭدۇر»(4).
❊ يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىلەرنى تېخىمۇ بەكرەك ھۆرمەتلەش؛
❊ كىشىلەرنى ئۆزئارا ياراشتۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىش؛
بىلگىنكى، ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيادا گۇناھلارنى يېپىشى ھەققىدە ئويلانغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مېھرىبانلىقىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا زىنا گۇناھىنىڭ ئىسپاتىدا تۆرت ئادالەتلىك گۇۋاھچىنىڭ شۇ گۇناھنى خۇددى پەلكۈچ سۈرمىدانغا كىرگەندەك كىرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ بىرلىككە كېلىش قىيىن ئىش. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيادىكى شەپقەت ۋە مەرھەممىتىنىڭ مىسالىدۇر. ئاخىرەتتىمۇ مۇشۇنداق بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.
❊ كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى گۇماندىن، تىللىرىنى غەيۋەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۆھمەتكە ئېھتىمال قالدۇرىدىغان ئورۇنلاردىن ساقلىنىش؛
❊ گېپى ئۆتىدىغان، مەرتىۋىلىك مۇسۇلمانلار سايىسىدە ھەر ھاجەتمەن مۇسۇلمانغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشقا تىرىشىش؛
❊ ھەرقانداق مۇسۇلمان كىشىگە گەپ قىلىشتىن بۇرۇن سالام قىلىش؛ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش سۈننەتتۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشسا – يۇ، بىرى يەنە بىرىنىڭ قولىنى تۇتسا، ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا ھازىر بولۇش ۋە ئىككىسىنىڭ قوللىرىنى ئۇلارنى كەچۈرۈۋەتمىگۈچە ئايرىۋەتمەسلىك ئاللاھ تالانىڭ ئۈستىگە بىر ھەقتۇر»(5).
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇئمىن مۇئمىن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، ئىككىسىگە يۈز رەھمەت چۈشىدۇ، توقسان توققۇزى ئىككىسىدىن ئەڭ خۇشچىراي ۋە ئەخلاقى ئەڭ گۈزىلىگە بولىدۇ»(6).
❊ ئۆلىمالارنى چوڭ كۆرۈپ قولىنى سۆيسە ۋە قۇچاقلاپ كۆرۈشسە ھېچقىسى يوق؛ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇلاغقا مىنىشتە ئۈزەڭگىسىنى تۇتۇپ بېرىشى ئالىملارنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئەڭ نەمۇنىلىك ئۈلگىسىدۇر. پەزىلەت ئەھلىگە ھۆرمەت يۈزىدىن ئورنىدىن تۇرۇش گۈزەل(7). ئەمما، ئۇلارغا ئېگىلىش چەكلىنىدۇ.
❊ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى، نەپسىنى ۋە مېلىنى باشقىلارنىڭ زۇلمىدىن قوغداش، قېرىندىشى ئۈچۈن كۈرىشىش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش؛
❊ يامانلىق قىلىدىغان كىشى بىلەن سىنالسا، ئۇنىڭغا چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش؛ بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ھەدىس كەلگەن(8).
مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىر چىقىش يولى ئاتا قىلمىغۇچە، مەجبۇرەن ئارىلىشىپ ئۆتۈلىدىغان بىر يامان كىشى بىلەن ياخشىلىقچە ئارىلىشىپ ئۆتمىگەن كىشى ئاقىل ھېسابلانمايدۇ»(9).
❊ بايلار بىلەن ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش، مىسكىنلەر بىلەن ئارىلىشىش ۋە يېتىملەرگە ياخشىلىق قىلىش؛
❊ كېسەللەرنى يوقلاش؛
كېسەل يوقلىغۇچىنىڭ ئەدەبلىرى بولسا قولىنى كېسەلگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ «كېسىلىڭىز قانداقراق؟» دەپ سوراش، كېسەلنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق، ئەدەبلىك / يۇمشاق بولۇش، كېسەلنىڭ ساقىيىشغا دۇئا قىلىش ۋە ئەۋرەت جايلارغا قارىماسلىق.
ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىش كېسەل كىشى ئۈچۈن مۇستەھەبتۇر: ئوسمان ئىبنى ئەبىلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇسۇلمان بولغاندىن تارتىپ ئۆز تېنىدە ھېس قىلىدىغان بىر ئاغرىقنى شىكايەت قىلغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى ئاغرىيدىغان يېرىڭگە قويغىن ۋە ئۈچ قېتىم ‹بىسمىللاھ (ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن)› دېگىن! يەتتە قېتىم ‹أَعُوذُ بِاللَّهِ وَقُدْرَتِهِ مِنْ شَرِّ مَا أَجِدُ وَأُحَاذِرُ / ئاللاھنىڭ غالىبلىقى ۋە قۇدرىتىگە سىغىنىپ مەن دەردىنى تارتىۋاتقان ۋە ئەنسىرەۋاتقان كېسەللىكنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ سورايمەن› دېگىن» دېدى(10).
❊ كېسەل كىشىنىڭ ئەدەبلىرى بولسا: چىرايلىق رەۋىشتە سەبر قىلىش، پەرياد ۋە نالە – زارنى ئاز، دۇئانى كۆپ قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا تاپشۇرۇش قاتارلىقلاردۇر.
❊ ئۆلسە جىنازىلىرىنى ئۇزىتىش ۋە قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىش. جىنازىلارنى ئۇزىتىشتىن مەقسەت: مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋە ئىبرەت ئېلىشتۇر.
ئەئمەش — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — مۇنداق دېگەن: «بىز جىنازىلارغا قاتنىشاتتۇق ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايغۇغا چۆككەنلىكتىن قايسىبىرىنىڭ جىنازە ئىگىسى ئىكەنلىكىنى تېپىپ تەسەللى بېرىش قىيىن بولاتتى».
قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىشتىن مەقسەت: دۇئا قىلىش، ئىبرەت ئېلىش ۋە قەلبنى يۇمشىتىشتۇر.
جىنازىنى ئۇزىتىش ئەدەبلىرى بولسا: ياياق مېڭىش، دائىما خۇشۇئ ئىچىدە بولۇش، جىم مېڭىش، مېيىت ھەققىدە ئويلىنىش، ئۆلۈمنى ئەسلەش ۋە ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىش قاتارلىقلار.
قوشىنىنىڭ ﮪﻪﻗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ كەلسەك:
بىلگىنكى، قوشنىدارچىلىقنىڭ ئىسلامىي قېرىنداشلىقتىن ئارتۇق يەنە بىر ھەققى بولىدۇ. شۇڭا، قوشنا ھەرقانداق بىر مۇسۇلماندىن زىيادىرەك ھەقكە ئىگىدۇر. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۈچ تۈرلۈك قوشنا بار: بىرىنچى تۈرلۈك قوشنىنىڭ بىر ھەققى، ئىككىنچى تۈرلۈك قوشنىنىڭ ئىككى ھەققى، ئۈچىنچى تۈرلۈك قوشنىنىڭ ئۈچ ھەققى باردۇر.
ئۈچ ھەققى بار قوشنا: ھەم تۇغقان، ھەم مۇسۇلمان قوشنا بولۇپ، ئۇنىڭ دىنداشلىق ۋە تۇغقانچىلىق ھەققىدىن باشقا قوشنىدارچىلىق ھەققى بولىدۇ؛
ئىككى ھەققى بار قوشنا بولسا، مۇسۇلمان قوشنا بولۇپ، ئۇنىڭ دىنداشلىق ھەققى بىلەن بىرگە قوشنىدارچىلىق ھەققى بولىدۇ؛
بىرلا ھەققى بار قوشنا بولسا مۇشرىك قوشنىدۇر»(11).
بىلگىنكى، قوشنىدارچىلىقنىڭ ھەققى پەقەت قوشنىسىغا ئەزىيەت بېرىشتىن توختاشلا ئەمەس، بەلكى قوشنىنىڭ ئەزىيەتلىرىنى كۆتۈرۈش، مۇلايىم بولۇش ۋە ياخشىلىقنى باشتا قىلىشتۇر. قوشنىسىغا باشتا سالام قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن بەك ئۇزۇن پاراڭلاشماسلىق، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، مۇسىبەتكە ئۇچرىسا تەسەللى بېرىش، خۇشاللىق يەتسە تەبرىكلەش، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش، ھويلىسىغا قارىماسلىق، بادرا – ياغاچلارنى تېمىغا ئارتماسلىق، قوشنىنىڭ نوسىغا سۇ تۆكۈپ، ھويلىسىغا توپا تاشلاپ بىئارام قىلماسلىق، ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغان نەرسىلەرگە تەكرار قارىماسلىق، ئېچىلىپ قالغان ئەيب – قۇسۇرلىرىنى يېپىش، قوشنىنىڭ ئۆيىدە قىلغان پارىڭىغا قۇلاق سالماسلىق، قىز / ئايالىغا قارىماسلىق ۋە سەپەرگە چىقىپ كەتسە، ئەھلىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش قاتارلىقلار قوشنىدارچىلىقنىڭ ئەدەبلىرىدۇر.
يېقىن تۇغقانلار ۋە تۇغقانچىلىق ھەقلىرى توغرىسىدا
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتىدۇكى: «رەھىم (تۇغقانچىلىق) رىشتى ئەرشكە ئېسىلغان بولۇپ، ئۇ: ›مېنى ئۇلىغاننى ئاللاھ ئۇلىغاي، مېنى ئۈزۈۋەتكەننى ئاللاھ ئۈزۈۋەتكەي‹ دەيدۇ»(12).
ئىمام بۇخارىيلا كەلتۈرگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تەڭگەتەڭ يوقلاپ تۇرغۇچى تۇغقانچىلىق رىشتىسىنى تۇتاشتۇرغان ھېسابلانمايدۇ. تۇغقانچىلىق رىشتىسىنى تۇتاشتۇرغۇچى دېگەن باشقىلار تەرىپىدىن ئۈزۈۋېتىلگەن رىشتىنى ئۇلىغان ئادەمدۇر»(13).
ئىمام مۇسلىملا كەلتۈرگەن باشقا بىر ھەدىستە: «بىر كىشى:
— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىم بار، مەن ئۇلارغا سىلە – رەھىم قىلسام، ئۇلار مەن بىلەن ئالاقىنى ئۈزىدۇ؛ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلسام، ئۇلار ماڭا قوپاللىق قىلىدۇ، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ئەگەر ھەقىقەتەن راستچىل بولساڭ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قىزىق كۈل ئاتقان (ئۇلارنى قاتتىق ئوسال قىلىپ، يۈزىنى قىزارتقان) بولىسەن. سەن بۇلارنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلا بولساڭ، ئاللاھ تەرىپىدىن بىر قوغدىغۇچى سەن بىلەن ھەمىشە بىللە بولۇپ سېنى ئۇلاردىن قوغدايدۇ، — دېدى»(14). دېمەك، ئۇنداق تۇغقانغا قارشى ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ، خۇددى يۈزىگە قىزىق كۈل چېچىلغان كىشى گەپتىن توختىغاندەك، ئۇلارنىڭ تۇغقانچىلىق يۈزىدىن قىلغان – ئەتكەنلىرى رەت قىلىنىدۇ.
سىلە – رەھىم، ئاتا – ئانىنىڭ ھەقلىرى ۋە (بولۇپمۇ) ئانىنىڭ ھەققىنىڭ تەكىتلىنىدىغانلىقى توغرىلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ھەدىسلەر بار.
بالىلارنىڭ ھەقلىرى
بىلگىنكى، ئىنسان تەبىئىتى بالىغا مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش توغرۇلۇق كۈچەپ تەۋسىيەدە بولۇش بىھاجەت. لېكىن، بەزىدە ئاتىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى غالىب كېلىپ، بالىغا ئىلىم ۋە ئەدەب ئۆگىتىشكە سەل قاراپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالىچاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ﴾(66/«تەھرىم»: 6).
مۇفەسسىرلەر بۇ ئايەتتىكى ﴿ئۆزۈڭلارنى، بالىچاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار!﴾ دېگەن بۆلەكنى: «ئۇلارغا ئىلىم ئۆگىتىڭلار ۋە ئەدەب ئۆگىتىڭلار» دەپ تەفسىر قىلغان. دادا بالىسىغا چىرايلىق ئىسىم قويۇشى، ئەقىقىسىنى(15) قىلىشى، يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇشى، خەتنە قىلىشى ۋە بالاغەتكە يەتسە تويىنى قىلىپ قويۇشى كېرەك.
قۇل – دېدەكلەرنىڭ ھەقلىرى
قۇلىغا تاماق بېرىش، كىيىم كىيدۈرۈش، تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارغا سالماسلىق، پەس كۆرمەسلىك، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىش. قۇل بىرەر خاتانى سادىر قىلغاندا ئۆز خاتالىرىنى ئەسلەپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا قۇلىنى ئەپۇ قىلىش قاتارلىقلاردۇر.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر!
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1240)؛ مۇسلىم (2162) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. باشقا بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى بەشتۇر: ①سالامنى قايتۇرۇش، ② كېسەلنى يوقلاش، ③ جىنازىلەرگە ئەگىشىش، ④ چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە ⑤ چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاب قايتۇرۇش (يەنى چۈشكۈرۈپ ‹ئەلھەمدۇلىللاھ› دېسە، ‹يەرھەمۇكەللاھ› دېيىش)» دېگەن. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى ئالتىدۇر… ⑥ سەندىن سەمىمىي مەسلىھەت سورىسا، سەمىمىي مەسلىھەت بېرىشىڭ» دەپ زىيادە كەلگەن. يەنە بىر (تىرمىزىي: 2736) ھەدىستە: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى ئالتىدۇر… ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرىدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىر (ئەھمەد»، 22183) ھەدىستە: «… ئۆزۈڭگە ياخشى كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ ياخشى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۆزۈڭگە يامان كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ يامان كۆرۈشۈڭدۇر» دېيىلگەن. يەنە بىر بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىستە (بۇخارىي: 1239؛ مۇسلىم: 2066): «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى يەتتە ئىشقا بۇيرۇدى … زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بېرىش، قەسەمنى بۇزدۇرماسلىق» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6064)؛ مۇسلىم (2563). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار! ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار! ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار! مۇسۇلمان ئۈچۈن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ».
3. ئەبۇ داۋۇد (4912). نەۋەۋىي: («ياخشىلارنىڭ باغچىسى»، 1605) ۋە ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 2757) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي كېيىن: («غايەتۇل مەرام»، 405) «زەئىف» دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
4. خەرائىتىي: «مەكارىمۇل ئەخلاق»، (397).
5. ئەھمەد (12474)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى، سەنەدى ھەسەن» دېگەن. ئالبانىيمۇ: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 525) «جىمى يوللىرىنى جەملىگەندە سەھىھ، ھېچ بولمىسا ھەسەن» دېگەن.
6. بەززار (2003)؛ خەرائىتىي (909)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (8052)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (671)، «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (7672). ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. ئىراقىي، ھەيسەمىي ۋە ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە (2385): «زەئىف، مۇنكەر» دېگەن.
7. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (946)؛ تىرمىزىي (2755). ئەنەس رەزىيەللاھي ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئۇلار (ئەسھابى كىرام) ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنى كۆرۈشتىنمۇ سۆيۈملۈك ئىش يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ زاتنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇ زاتنى كۆرگەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشمايتتى».
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6032)؛ مۇسلىم (2591). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، «بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشكە ئىجازەت ئالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى كۆرگەن چېغىدا: ‹بۇ قەبىلىنىڭ ماۋۇ ئادىمى نېمىدېگەن ئوسال! بۇ قەبىلىنىڭ ماۋۇ ئوغلى نېمىدېگەن ئوسال!› دېدى. ئۇ ئادەم كىرىپ ئولتۇرغان چاغدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئوچۇق چىراي كۈتۈۋېلىپ قىزغىن كۆرۈشتى. ئۇ ئادەم كەتكەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:
— يا رەسۇلەللاھ! ئۇ ئادەمنى كۆرگەن چاغلىرىدا مۇنداق، مۇنداق دېۋىدىلە، كېيىن ئۇنى ئوچۇق چىراي كۈتۈۋېلىپ قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتىلىغۇ؟! — دەپ سورىسا، رەسۇلۇللاھ:
— ئى ئائىشە! مېنى قاچان بەدئەخلاق كۆرۈپ باققان ئىدىڭىز؟ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ يامان ھالغا قالىدىغان ئادەم ئوساللىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىشىلەر نېرى تۇرغان ئادەمدۇر، — دېدى».
9. ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 3/175.
10. مۇسلىم (2202).
11. خەرائىتىي (227)؛ بەيھەقىي (9113). ئىراقىي ۋە ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 3493): «زەئىف» دېگەن.
12. مۇسلىم (2555). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايىتى.
13. بۇخارىي (5991). ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى.
14. مۇسلىم (2558). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
15. ئەقىقە (الْعَقِيْقَةُ): ئائىلە ئىگىسى پەرزەنت يۈزى كۆرگەندە، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن قىلىدىغان سۈننەت قۇربانلىقتىن ئىبارەت. بۇ قۇربانلىقنى بوۋاققا ئىسىم قويۇش، چېچىنى چۈشۈرۈش ۋە سەدىقە بىنىنېرىش بىلەن بىرگە يەتتىنچى كۈنى قىلىش مۇستەھەبتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغۇلغان ھەرقانداق ئوغۇل بالا (قىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش) ئۆز ئەقىقەسى ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى مال سويۇلۇپ، چېچى چۈشۈرۈلۈپ، ئىسمى قويۇلىدۇ»(«ئىبنى ماجە»، 3165). قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ الْعُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 1130 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.