Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

تاماقلىنىش، تاماقنى يىغىلىپ يېيىش، زىياپەت ۋە شۇنىڭدەك ئىشلارنىڭ ئەدەبلىرى

تاماقلىنىش، تاماقنى يىغىلىپ يېيىش، زىياپەت ۋە شۇنىڭدەك ئىشلارنىڭ ئەدەبلىرى

تاماقلىنىش، تاماقنى يىغىلىپ يېيىش، زىياپەت ۋە شۇنىڭدەك ئىشلارنىڭ ئەدەبلىرى

تاماق يېيىشنىڭ ئەدەبلىرى: تاماقتىن بۇرۇنقى، تاماق ئۈستىدىكى ۋە تاماقتىن كېيىنكى ئەدەب قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

تاماقتىن بۇرۇنقى ئەدەبلەر:

1) ھەدىستە كەلگەندەك(1) تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ئىككى قولىنى يۇيۇش؛ چۈنكى، قول دېگەن كىردىن خالىي بولالمايدۇ.

2) تاماقنى يەرگە سېلىنغان داستىخانغا قويۇش؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاماقنى يەر داستىخىندا يەيتتى. شۇنداقلا بۇ ھەرىكەت كەمتەرلىككە دالالەتتۇر.

3) داستىخاندا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ، سول پۇتىغا تايىنىپ ئولتۇرۇش ۋە شۇ تاماقنى ھۇزۇر بىلەن يەۋېلىشنى ئەمەس، يەپ كۈچلىنىپ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنى نىيەت قىلىش؛ بۇ نىيەتنىڭ توغرا ئالامىتى: قورساق لىق تويغۇدەك ئەمەس، ھاجەتنى قامدىغۇدەك يېيىشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئادەم بالىسى تولدۇرىدىغان قاچىلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئۆز قورسىقىدۇر. ئادەم بالىسىغا ھاياتىنى ساقلىيالىغۇدەك يەپ – ئىچىش كۇپايە. ئەگەر كۆپرەك يېيىش زۆرۈر بولسا، قورسىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام يېسۇن، ئۈچتىن بىرىگە سۇ ئىچسۇن، ئۈچتىن بىرىنى (راھەت) نەپەسلىنىش ئۈچۈن بوش قويسۇن»(2) دېگەن.

توغرا نىيەتنىڭ يەنە بىر زۆرۈر ئالامىتى پەقەت قورسىقى ئاچقاندىلا تاماقلىنىش ۋە قورساق تويۇپ كېتىشتىن بۇرۇن قولنى تائامدىن تارتىشتۇر. كىشى شۇندىلا ئەمچىگە موھتاج بولمايدۇ.

4) بارىغا رازى بولۇش ۋە ئاز بولسىمۇ رىزىقنى كەمسىتمەسلىك، شۇنداقلا بالىچاقىلىرىنى چاقىرىپ بولسىمۇ مۇمكىنقەدەر تاماققا كۆپ قول بىرلىكتە تېگىشكە تىرىشىش.

تاماق ئۈستىدىكى ئەدەبلەر:

1) تاماقنى بىسمىللاھ بىلەن باشلاش، يەپ بولۇپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش؛

2) لوقمىنى ئوڭ قولدا ۋە كىچىك – كىچىك، ياخشى چايناپ يېيىش، باشتىكى لوقمىنى يۇتۇپ بولماي تۇرۇپ، ئىككىنچى لوقمىغا قول سوزماسلىق ۋە يېمەكلىكنى ئەيىبلىمەسلىك؛

3) تاماقنى ئالدىدىن يېيىش؛ لېكىن مېۋىگە ئوخشاش تۈرى كۆپ يېمەكلىك بولسا تاللاپ يېسە بولىدۇ. ئۈچ بارمىقى بىلەن يېيىش ۋە داستىخانغا لوقما چۈشۈپ كەتسە ئۇنى ئېلىش.

4) قىزىق تاماقنى پۈۋلىمەسلىك، خورما بىلەن ئۇرۇقىنى بىر تەخسىگە قويماسلىق(3) ياكى ئۇرۇقنى ئالىقانغا يىغىۋالماسلىق، بەلكى ئېغىزىدىن چىقىرىپ سىقىملاپ ئېلىپ تاشلىۋېتىش؛ ئۇرۇقى ۋە شۆپىكى بار ھەرقانداق مېۋىنى مۇشۇ بويىچە يېيىش. تاماق ئۈستىدە سۇ ئىچمەسلىك لازىم. بۇ تېببىي جەھەتتىن تولىمۇ پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.

سۇ ئىچىشكە كەلسەك: قاچىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇش، ئوتلاشتىن بۇرۇن قاچا ئىچىگە قارىۋېتىش. قاچىنى كۆتۈرگەن پېتى بىر تىنىقتا ئىچىۋەتمەسلىك، بەلكى سۈمۈرۈپ ئىچىش ئەدەب جۈملىسىدىندۇر.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «سۇنى سۈمۈرۈپ – سۈمۈرۈپ ئىچىڭلار، بىر تىنىقتا ئىچمەڭلار، چۈنكى سۇنى بىر كۆتۈرگەنچە تىنماي ئىچىۋېتىش جىگەر كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ»(4).

شۇنداقلا ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچمەسلىك ۋە سۇ ئىچكەندە ئۈچ قېتىم تىنىۋېلىش كېرەك. «سەھىھەين»دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاچىدىن سۇ ئىچكەندە ئۈچ قېتىم تىنىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان(5). تىنىش دېگەندە قاچىدىن سۇ ئىچكەندە قاچىنىڭ ئىچىگە تىنماي، قاچىنى ئېغىزىدىن يىراق قىلىپ تىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

تاماقتىن كېيىنكى مۇستەھەب ئەدەبلەر:

قورساق تويۇشتىن بۇرۇن تاماقتىن توختاش، بارماقلارنى يالىۋېتىش، قاچىنى چايقاپ ئىچىۋېتىش ۋە تائاملاندۇرغان ئاللاھقا ھەمد ئېيتىش. بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تاماق يەپ، ئاندىن يېگەن تاماق ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقان، ئىچىملىك ئىچىپ، ئىچكەن ئىچىملىكى ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقان بەندىدىن رازى بولىدۇ»(6).

يەنە غىزادىن كېيىن، ياغ يۇقۇندى قوللارنى يۇيۇۋېتىشمۇ شۇ ئەدەبلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

يىغىلىشىپ ۋە بىرلىكتە تاماق يېگەندە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قوشۇمچە ئەدەبلەر

1) ياشتا چوڭ ياكى پەزىلەتتە ئۈستۈن كىشى بار يەردە تائامغا ئۆزى باشتا باشلىماسلىق؛ لېكىن، سورۇننىڭ كاتتىسى ئۆزى بولسا، جامائەتنى ساقلاتماسلىق ئۈچۈن باشلاپ بەرسە بولىدۇ.

2) تاماق يېگەندە گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالماسلىق، بەلكى ياخشى ئىشلار ۋە سالىھلەرنىڭ تاماق ۋە باشقا ئىشلار ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى سۆزلىشىش؛

3) سورۇندا مۇمكىنقەدەر تاماقنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ھەمداستىخانلارنى «يەڭ، ئىچىڭ» دېيىشكە مەجبۇر قىلماسلىق، ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش ۋە ياسالما سىپايىلىك قىلىپ سورۇنداشلارنى ئوڭايسىزلاندۇرماسلىق؛

4) ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن دوستلار تاماق يەۋاتقاندا قاراپ تۇرماسلىق؛

5) باشقىلار ئەيىب سانايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش. مەسىلەن: قولنى قاچىغا ﺳﯩﻠﻜﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، لوقمىنى ئېغىزغا سېلىشتا ئېڭىشىپ باشنى قاچىغا يېقىن ئەكەلمەسلىك، ئاغزىدىن بىرنەرسە چىقارسا يۈزىنى تاماقتىن بۇراپ تۇرۇپ ئۇ نەرسىنى سول قولى بىلەن ئېلىش، مايلىق لوقمىنى سىركىگە مېنىش ياكى سىركىنى مايلىق لوقمىغا قويۇشتىن ساقلىنىش، چۈنكى باشقىلار بۇنى يامان كۆرۈشى مۇمكىن. ئۆزى چىشلەپ قويغان لوقمىنى ئورتاق ئىچىدىغان شورپىغا يولاتماسلىقمۇ شۇ ئەدەبلەرنىڭ قاتارىدىندۇر.

دوستلارغا تائام بېرىش ئەدەبلىرى توغرىسىدا
دوست – يارەنلەرگە تائام تارتىش مۇستەھەبتۇر. رىۋايەت قىلىنۇركى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «دوستلۇرۇمنى بىر سائ‍(7) تائامغا جەم قىلىش مەن ئۈچۈن بىر قۇل ئازاد قىلغاندىن سۆيۈملۈكرەكتۇر» دېگەنىكەن.

خەيسەمە ئىبنى ئابدۇرراھمان ھالۋا ۋە ياخشى تاماقلارنى پىشۇرۇپ ئىبراھىم ئەننەخەئىي ۋە سۇلايمان ئىبنى مىھران ئەلئەئمەشلەرنى — ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن — چاقىراتتى ۋە: «يەڭلار! بۇنى سىلەرگە تەييارلىدىم» دەيتتى.

ساھىبخان تەكەللۇپ قىلماي، بار نەرسىنى مېھمانغا تارتىدۇ. نېمە كەلتۈرۈش ھەققىدە مېھماندىن رۇخسەت سورىمايدۇ. تەئەللۇقاتىدا بار ھەممىنى كەلتۈرۈش بىھۇدە زورۇقۇشتۇر.

مېھماننىڭ ئەدەبلىرى: ساھىبخاندىن مەلۇم بىر تاماقنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالماسلىق. ئەگەر ئىككى خىل تاماقتىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارىغا قويۇلسا ئاسانراقىنى تاللاش. ئەگەر ئۆزى قويىدىغان تەكلىپتىن ساھىبخاننىڭ سۆيۈنىدىغانلىقىنى بىلسە، قولىدىن كېلىشىچە سۆيۈندۈرۈشكە تىرىشقاي. ئىمام شافىئىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — زەئفىرانىيغا(8) مېھمان بولدى، زەئفىرانىي ھەركۈنى بىر ۋاراققا پىشۇرۇلىدىغان تاماقلارنىڭ تىزىملىكىنى يازاتتى ۋە ۋاراقچىنى خىزمەتچى قىزغا بېرەتتى. (بىر كۈنى) ئىمام شافىئىي ۋاراقچىنى خىزمەتچى قىزدىن ئېلىپ ئۆز قولى بىلەن تىزىملىككە باشقا بىر تاماقنى قوشۇپ قويدى، زەئفىرانىي بۇنى بىلگەندە قاتتىق خۇشال بولۇپ كەتتى.

تاماق يەۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىغا كىرمەسلىك توغرىسىدا
كىشى بىراۋلارنىڭ تاماق يەۋاتقانلىقىنى بىلسە، ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرمىگەي. ئەگەر تۇيۇقسىز ئۇدۇل كېلىپ قالسا ۋە ئۇلارمۇ كىشىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلسا ئەھۋالغا قارىغاي: ئەگەر تۈزۈت يۈزىدىن تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى سەزسە، تاماققا ئولتۇرمىغاي. ئەگەر چىن دىلدىن سۆيۈنۈلىدىغانلىقىنى سەزسە، بىللە تاماق يېيىشى دۇرۇستۇر.

بىر كىشى دوستىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنى تاپالمىسا، ئۇ كىشى دوستىغا ئىشىنىدىغان بولسا ۋە دوستىنىڭ تامىقىدىن يېسە ئۇنىڭ خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلسە، دوستى ئۆيدە يوق تۇرۇپمۇ تاماق يېيىشى دۇرۇستۇر.

 

زىياپەت بېرىش ۋە زىياپەتكە قاتنىشىشنىڭ ئەدەبلىرى
ساھىبخان زىياپەتكە پاسىق ۋە گۇناھكالارنى ئەمەس، تەقۋادار كىشىلەرنى چاقىرغاي. بەزى سەلەفلەر: «پەقەت تەقۋا كىشىنىڭ تامىقىنى يېگىن، سېنىڭ تامىقىڭنىمۇ پەقەت تەقۋا كىشىلا يېسۇن»(9) دېگەن.

بايلارنى ئەمەس، نامراتلارنى تويغۇزۇشنى مەقسەت قىلىش كېرەك. ئۇرۇق – تۇغقانغا زىياپەت بېرىشكىمۇ سەل قارىماسلىق لازىم. چۈنكى، ئۇرۇق – تۇغقانغا سەل قاراش يالغۇزلۇققا ئىتتىرىدۇ ۋە سىلە – رەھىمنى ئۈزۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوست ۋە تونۇشلارنى چاقىرىشتا تەرتىپكە رىئايە قىلىش كېرەك. زىياپەتكە چاقىرىش ئارقىلىق كىبىر ۋە ماختىنىشنى ئەمەس، بەلكى سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنى، دوستلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە مۇئمىنلەرنىڭ قەلبلىرىنى قۇۋاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىش كېرەك. زىياپەتكە چاقىرسا كېلىشكە قىينىلىدىغان كىشىلەرنى ياكى كەلسىمۇ بەزى سەۋەبلەر بىلەن باشقا قاتناشقۇچىلارغا / قاتناشقۇچىلاردىن مالامەت بولىدىغان كىشىنى زىياپەتكە چاقىرماسلىق كېرەك.

زىياپەتكە ئىجابەت قىلىش ئەدەبلىرىگە كەلسەك، ئەگەر زىياپەت توي زىياپىتى بولۇپ، بىر مۇسۇلمان بىر كىشىنى (توي زىياپىتى بىرقانچە كۈن داۋاملىشىدىغان جايلاردا) بىرىنچى كۈندىكى توي زىياپىتىگە چاقىرغان بولسا، ئۇنىڭغا بېرىش ۋاجىب. ئەگەر بىرىنچى كۈندىن كېيىنگە چاقىرغان بولسا، بېرىش – بارماسلىق ئىختىيارىيدۇر. چاقىرىلغۇچى چاقىرغۇچىنى باي – كەمبەغەل دېمەي چاقىرىققا ئىجابەت قىلىشى ۋە روزىدار بولسا روزىسى سەۋەبلىك دەۋەتكە ئىجابەت قىلىشتىن باش تارتماسلىقى، بەلكى روزىدار ھالىتىدىمۇ دەۋەتكە ئىجابەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر روزىدارنىڭ روزىسى نەپلە روزا بولسا ۋە ئېغىز ئېچىۋەتسە قېرىندىشىنىڭ خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلسە، روزىسىنى بۇزۇۋەتسۇن!

ئەگەر تاماق ھارام مال سەرپ قىلىنىپ ئېتىلگەن تاماق بولسا؛ زىياپەت سورۇنىدا ئىشلىتىش چەكلەنگەن تۈرىدىن كۆرپە – گىلەم، قاچا – قۇچا، ياكى نەغمە – ناۋا، قالايمىقان سۈرەت – رەسىملەر بولسا؛ شۇنىڭدەك زىياپەتكە چاقىرغۇچى زالىم ياكى پاسىق، بىدئەتچى ياكى زىياپىتى بىلەن ماختىنىدىغان كىشى بولسا، ئىجابەت قىلىشتىن ئۆزىنى تارتسۇن!

زىياپەتكە يەپ – ئىچىش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە مۇئمىن قېرىندىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىجابەت قىلىش، شۇنداقلا گۇمانخورلارنىڭ ئۆزىنى كىبىرلىك ئادەم دەپ يامان ئاتلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ بېرىش كېرەك.

سورۇنغا يېتىپ بارغاندا كەمتەر بولۇش ۋە تۆرگە چىقىۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر ساھىبخان بىر ئورۇننى بەلگىلەپ بەرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا ئورۇنغا ئۆتمەسلىك ۋە تاماق كېلىدىغان تەرەپكە كۆپ قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى، تاماق كېلىدىغان تەرەپكە قاراۋېرىش ئاچكۆزلۈكنىڭ ئالامىتىدۇر.

تائام سۇنۇشنىڭ ئەدەبلىرى
تائام سۇنۇشنىڭ ئەدەبلىرى بەشتۇر:

1) تاماقنى تېزراق ئەكىلىش؛ بۇ مېھماننى ئىززەت قىلغانلىق جۈملىسىدىندۇر.

2) تاماقتىن بۇرۇن مېۋە – چېۋە كەلتۈرۈش؛ چۈنكى تاماقتىن بۇرۇن مېۋە – چېۋە يېيىش تېببىي جەھەتتىن پايدىلىقتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ﴾(56/«ۋاقىئە»: 20 – 21) دېگەن.

مېۋە – چېۋىدىن كېيىن كەلتۈرۈلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل نەرسە گۆشتۇر، بولۇپمۇ كاۋاپ قىلىنغان گۆش. گۆشتىن كېيىنكى ئەۋزەل تاماق نان چىلانغان شورپا، ئاندىن ھالۋىدۇر. بۇ ياخشى تاماقلارنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ ئىچىش زىياپەتنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. قول چايقىغاندا ئىلمان سۇ قويۇش ئەدەبنى ۋايىغا يەتكۈزۈشتۇر.

3) ھازىرلىغان بارلىق تاماقلارنى ئېلىپ كېلىش؛

4) تاماقلارنى ئېلىپ كېتىشكە ئالدىرىماسلىق، بەلكى مېھمانلار قوللىرىنى تاماقتىن تارتقۇچە تاماقنى داستىخاندا قالدۇرۇش؛

5) تاماقنى يەتكۈدەك ئېلىپ كېلىش؛ چۈنكى، تاماقنى ئاز ئېلىپ كېلىش ئادىمىگەرچىلىكتە ئەيىب سانىلىدۇ.

تائامنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا تارتىشتىن بۇرۇن بالا – چاقىلارنىڭ نېسۋىسى ئايرىپ قويۇلىدۇ. مېھمان قايتماقچى بولسا، ئۇزىتىپ ئىشىك ئالدىغىچە بىللە چىقىش ھەم سۈننەت، ھەم مېھماننى ئىززەتلەشتۇر. مېھمانغا خۇشچىراي بولۇش، مېھمان ئۆيگە كىرگەندە، داستىخان ئۈستىدە ۋە ئۆيدىن چىققاندا ياخشى گەپلەرنى قىلىش مۇكەممەل ساھىبخانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مېھمانمۇ ساھىبخاندىن كەمچىلىك ئۆتۈلگەن تەقدىردىمۇ، رازىمەنلىك بىلەن قايتقاي. چۈنكى، بۇ گۈزەل ئەخلاق ۋە كەمتەرلىك جۈملىسىدىندۇر.

مېھمان بارغان ئۆيدە قانچىلىك تۇرۇشتا ساھىبخاننىڭ كۆڭلىنى ئايىشى، قايتماقچى بولسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ رازىلىقى ۋە ئىزنى بىلەن چىقىشى كېرەك.

 

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد

 


([1]) ئەبۇ داۋۇد (3761): «تاماقنىڭ بەرىكىتى تاماقتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىن قولنى يۇيۇش» دەپ كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ ۋە بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەرنىڭ سەنەدى زەئىفتۇر. (ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇلئەھادىيسىززەئىيفە»، 168) ئەمما، جۇنۇب ھالەتتە تاماق يېمەكچى بولسا، قولىنى يۇيۇش سەھىھ ھەدىسلەرگە بىنائەن سۈننەتتۇر.
([2]) ئەھمەد (17225)؛ تىرمىزىي (2380). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2265) «سەھىھ» دېگەن.
([3]) مۇسلىم (2042).
([4]) دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس بىمەئسۇرىلخىتاب»، (1070). يەنە ھەزرىتى ئەنەس ۋە بەزى تابىئىنلەردىن مۇرسەل رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1428) مەرفۇئلۇقىنى «زەئىف»، مۇرسەللىكىنى «سەھىھ» دېگەن. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاندىكى، سۇنىڭ بىراقلا جىگەرگە ھۇجۇم قىلىشى جىگەرنى ئاغرىتىدۇ ۋە ھارارىتىنى ئاجىزلىتىدۇ. تەدرىجىي كەلسە ئۇنداق زىيانلىق بولمايدۇ» دېگەن. «زادۇلمەئاد» 4/205.
([5]) بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5631)؛ مۇسلىم (2028). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
([6]) مۇسلىم (2734).
([7]) ﺳﺎﺋ (الصَّاعُ): قەدىمكى زامانلاردىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان 4 ﻣﯘﺩ (ئوچۇم) مىقدار سىغىدىغان كەمچەن بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملار: «ھىجاز سائىغا ئىراق رىتلى بويىچە بەش پۈتۈن ئۈچتىن بىر (€5) رىتل (5.33×382.5=2039 gr) سىغىدۇ» دەپ قارىسا، ھەنەفىي مەزھەب ئۆلىمالىرى: «سەككىز ئىراق رىتلى (8×406.25=3250 gr) سىغىدۇ» دەپ قارايدۇ.— ت.
([8]) ئەبۇ ئەلى ئەلھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ساباھ ئەلباغدادىي ئەززەئفەرانىي (ھ. 180 ــ 260 / م. 796 ــ 874) ئىمام شافىئىينىڭ ئەڭ مەشھۇر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، «قەۋلى قەدىم»نى يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىدۇر.
([9]) بۇ بەزى سەلەف سالىھلەرنىڭ سۆزى بولۇپ، بىر ھەدىستە: «مۇئمىندىن باشقىسى بىلەن دوست بولما، تامىقىڭنى تەقۋاداردىن باشقىسى يېمىسۇن!» دەپ كەلگەن. ئەبۇ داۋۇد (4832). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.

Please follow and like us:
Exit mobile version