ئىككى ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا تۇرمۇش خىراجىتىنى قانداق تەقسىم قىلىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئىككى ئاياللىق تۇرمۇشتىكى ئۆيلەرنىڭ خىراجىتى قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟ تۇرمۇش پۇلى جان سانىغا قاراپ بولامدۇ ياكى ئوخشاش بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەر كىشىگە مەلۇم شارائىتتا مەلۇم شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا، بىرلا ۋاقىتتا تۆتكىچە خوتۇن ئېلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇراھاللىقى ۋە تۈرلۈك جەمئىيەت ۋە شارائىتلاردا ئەمەلىي تەتبىقلىنىشقا ماس بولغانلىقىدىندۇر. بۇ شەرتلەر ئۇ ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولۇپ، بىردىن ئارتۇق خوتۇن ئالماقچى بولغان ئەر بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلالىشى كېرەك. بولمىسا، بىردىن ئارتۇق ئېلىشى چەكلىنىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇكى: ﴿ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، سىلەرگە ھالال بولغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىرلا خوتۇن ياكى ئىگە بولغان چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار، بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 3).

ئاياللىرىنىڭ يېشى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى پەرقلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەر كىشىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئادىللىقنى تولۇق قىلىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بولغاندىن سىرت، نۆۋەت بىلەن قونۇش، تۇرالغۇ، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك نەپىقەسى (تۇرمۇش خىراجىتى) قاتارلىقلاردا، تاقەت ۋە ئىمكانىيىتى يەتسىلا، تەڭ – باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى ۋاجىبتۇر. ئەگەر قۇربى يېتىپ تۇرۇپ ئادىل بولمىسا، گۇناھكار بولىدۇ. مۇنۇ ھەدىس شەرىفتىكى ئومۇملۇقمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمنىڭكى ئىككى ئايالى بولۇپ، بىرىگە مايىل بولۇپ كەتسە، قىيامەت كۈنى يېرىمى بىر تەرەپكە مايىل ھالدا كېلىدۇ» دېگەن(1).

بۇ ئىشلاردا تەڭ مۇئامىلە قىلىنمىغان ئايالنىڭ ئېتىراز قىلىش ھەققى بولغىنىدەك، بۇ سەۋەبتىن ئۆيى بۇزۇلۇپ كېتىش خەۋپى بولسا، مەۋجۇد ئەھۋالغا رازى بولۇپ كېلىشىش ھەققىمۇ بار. بۇ سۈلھ دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ﴿ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا﴾(4/«نىساﺋ»: 128) دېگەن ئايەت ھەققىدە: «بىر ئەرنىڭ قولىدا بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتقۇسى كەلمەي، ئۇنى تالاق قىلىۋېتىپ، باشقا بىر ئايال ئېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ، ئايالى ئۇنىڭغا: ‹مېنى قويۇۋەتمەي، نىكاھىڭدا ساقلاپ قېلىپ، باشقا بىرىنى ئال. ماڭا نەپىقە بەرمىسەڭمۇ، نۆۋەت كېچە تەقسىم قىلمىساڭمۇ، مەن سەندىن رازىمەن› دەيدۇ. بۇنداق سۈلھ قىلىشقا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۆزئارا سۈلھلەشسە، ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر، سۈلھلىشىش خەيرلىكتۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 128) دېگەن ئايەتى يول قويغاندۇر» دېگەن(2).

ئالىملاردىن: «ھەربىر ئايالىغا ئۆي ۋە يېتەرلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى قىلىپ بەرگەن ئەرنىڭ بۇ ئىككى ئىشتا ئاياللىرى ئارا تەڭ – باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى ۋاجىب ئەمەس، مۇستەھەبتۇر» دەپ قارايدىغانلارمۇ بار. لېكىن، «ۋاجىب» دېگەن قاراش كۈچلۈك. يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ(3). ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا، خىش – ئەقرىبالارغا سىلە – رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز – ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند – نەسىھەت قىلىدۇ﴾(16/«نەھل»: 90)، ﴿ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 19) دېگەن ئايەتلىرىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

«ئالتۇن زىبۇزىننەتكە ئوخشىغان قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى ئېلىپ بېرىش، ھەج ۋە ئۆمرەگە ئاپىرىش، سەپەر ۋە ساياھەت قىلدۇرۇش» دېگەندەك ئالاھىدە ئىشلاردىمۇ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن باشلاشتا ياكى قايسىسىنى تاللاشتا چەك تاشلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېگەنكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر سەپەرگە چىقماقچى بولسا، ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدا چەك تاشلايتتى. چەك قايسىسىغا چىقسا، شۇنى بىللە ئېلىپ چىقاتتى. ھەربىر ئايالىغا بىر كېچە – كۈندۈزدىن بىللە تۇرۇشنى تەقسىم قىلاتتى. پەقەتلا سەۋدە بىنتى زەمئە ئۆزىنىڭ نۆۋەت كۈنى ۋە كېچىسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خانىمى ئائىشەگە بېرىۋەتكەن ئىدى»(4).

بالىلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىگە كەلسەك، ئەر ئۆز ئىمكانىيىتىگە قاراپ، بالىلىرىنىڭ ھەربىرىگە يېتەرلىك خىراجەتنى قىلىپ بېرىدۇ. بۇ خىراجەتتە ھەممە بالىغا تەڭ قىلىپ بېرىشى شەرت ئەمەس. چۈنكى، بوۋاققا كېتىدىغان خىراجەت چوڭ بالىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. داۋالىنىش، مەكتەپتە ئوقۇش ۋە باشقا چىقىملار ئېھتىياجغا قاراپ پەرقلىق بولۇشى تەبىئىي. بىر بالىسىغا مەكتەپ ئېھتىياجى تۈپەيلى كومپىيۇتېر ئېلىپ بەرسە، ھەممىسىگە ئوخشاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئەمەس. بىرىنىڭ تويىغا چىقىم قىلسا، ئوخشاش مەبلەغنى تويى بولمىغانلارغا بېرىشى كېرەك ئەمەس. ئەمما، بىر ياكى بىرقانچە ئايالىدىن بولغان بىرنەچچە بالا ئوخشاش ئەھۋالدا ۋە ئوخشاش ئېھتىياجدا بولسا، ئۇلارغا تەڭ خىراجەت قىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاياللىرىغا بېرىدىغان نەپىقە ئاياللارنىڭ بالىلىرىنىڭ سانىغا ۋە ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئايالىدىن 4 چوڭ بالا، يەنە بىرىدىن بىر بوۋاق بالىسى بولسا، ئۇ ئىككى ئايالغا بالىلار خىراجىتى ئۈچۈن تەڭ پۇل بېرىشى كېرەك ئەمەس. ئەكسىچە، ھەممە بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق قامدىشى شەرت. ئەمما، ئاياللىرىنىڭ ئۆزىگە خاس خىراجىتى، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، تەڭ – باراۋەر بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، بىرەر بالىسىنىڭ تويىنى قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئۆي ئېلىپ بەرسە، باشقىلىرىنىڭ تويىنى قىلغاندىمۇ ئۇلارغا ئۆي ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بالىلارغا خاس مۈلۈك – ھەدىيە ئېلىپ بېرىشتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. يەنى ئادەتتىكى ئېھتىياجدىن سىرت بىرەر بالىسىغا ئالاھىدە مۈلۈك ئېلىپ بەرگەندە، چوقۇم پەرزەنتلەرگە تەڭ مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پەرزەنتلەرئارا ئاداۋەت ۋە ھەسەتمۇ ئۇلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارغا تەڭ مۇئامىلە قىلىش ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن بۇ خىل ئىللەتلەرنى يوقىتىپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى چىڭىتىدۇ.

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دېگەنكى: «ئانام ئاتامدىن بىر قىسىم مېلىنى ماڭا ھىبە قىلىپ بېرىشنى سورىغان ئىدى. ئاتام (دەسلىپىدە ئۇنىمىغان بولسىمۇ،) كېيىن بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنى ماڭا ھىبە قىلىپ بەرگەنىدى. ئانام: ‹نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى گۇۋاھلاتمىغۇچە رازى بولمايمەن› دەپ تۇرۇۋالدى، بۇ چاغدا مەن تېخى كىچىك بالا ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئاتام مېنى قولۇمدىن يېتىلەپ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىپ:

— بۇ بالامنىڭ ئانىسى بىنتى راۋاھە بىر قىسىم مېلىمنى بۇ بالىغا ھىبە قىلىپ بېرىشىمنى سورىدى، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— بۇنىڭدىن باشقا بالاڭ بارمۇ؟ — دېدى. ئاتام:

— ھەئە، بار، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ناھەق ئىشقا مېنى گۇۋاھ قىلمىغىن! — دېدى»(5).

بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايەتىدە نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئاتام ماڭا بىرنەرسە بەرگەنىدى، (ئانام) ئەمرە بىنتى راۋاھە:

— سەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى گۇۋاھ قىلمىغۇچە رازى بولمايمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

— مەن ئەمرە بىنتى راۋاھەدىن بولغان ئوغلۇمغا بىرنەرسە بەرگەنىدىم. ئايالىم سىلىنى گۇۋاھ قىلىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، يا رەسۇلەللاھ! — دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:

— باشقا بالىلىرىڭغىمۇ ئوخشاش بەردىڭمۇ؟ — دېدى. ئۇ:

— ياق، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل بولۇڭلار! — دېدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ قايتىپ بېرىپ بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇۋالدى»(6).

شۇڭا، كىشى ئۆز ئايالى ۋە بالىلىرىغا زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.

ئەرنىڭ ئۈستىگە ئۆگەي بالىسىغا خىراجەت قىلىپ بېرىشى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى ئەجىر ئالىدىغان خەير – ئېھسان دائىرەسىدىدۇر. شۇڭا، ئۇنىمۇ ئۆز بالىلىرىدىن ئايرىماي چوڭ قىلىشى پەزىلەت ۋە مۇرۇۋۋەت ئەھلىگە لايىق ئېھساندۇر. ئۆگەي بالا ئاتىسى ۋاپات بولغان يېتىم بولسا تېخىمۇ شۇنداق.

ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى جەننەتى ئەمەللەر قاتارىدا مۇنداق مەدھىيەلىگەندۇر: ﴿ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە شۈكۈر تەلەپ قىلمايمىز. شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز»﴾(76/«ئىنسان»: 8، 9).

سەھل ئىبنى سەئد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلدىكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹يېتىم بالىنى بېقىپ خەۋەر ئالغۇچى بىلەن مەن جەننەتتە مۇنداق› دەپ ئىشارەت بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئازغىنە كەرىپ ئىشارەت قىلدى»(7).

دېمەك، ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆرسەتمىسى ۋە ساغلام ئەقىل تەقەززاسى بويىچە ئىمكانىيىتى ۋە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئاياللار ۋە بالىلار ئوتتۇرىدا مۇۋاپىق رەۋىشتە ئادىللىق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەكسىچە، زۇلۇم ۋە پەرقلىق مۇئامىلە چەكلىنىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 4 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2023، 18 – نويابىر


1. ئەھمەد (7923)؛ ئەبۇ داۋۇد (1825)؛ تىرمىزىي (1141)؛ نەسائىي (8890). ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8 – ج، 37 – بەت): «سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5206)؛ مۇسلىم (3021).
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 6 – ج، 166 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 32 – ج، 270 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 8 – ج، 151 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 33 – ج، 186 – بەت.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2593)؛ مۇسلىم (2770).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2650)؛ مۇسلىم (1623).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2587)؛ مۇسلىم (1623).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5304)؛ مۇسلىم (2983).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago