ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بەزى قېرىنداشلار بىلەن گەپ – سۆزىمىز، ئاڭ – پىكرىمىز بىر يەردىن چىقماي ياكى بەزى مىجەزى ئىتتىك، گەپ – سۆزگە دىققەت قىلالمايدىغان، كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان قېرىنداشلارنى چەكلىۋېتىش (قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىش) ئاداۋەت ساقلىغانلىق بولامدۇ؟ چەكلىۋېتىشتىن مەقسەت قەتئىي كۆرۈشمەسلىك ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل ئاغرىقى سۆزدىن يىراق تۇرۇش.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ۋاتساپ، فېيسبوك ۋە ئىنستەگرام كەبى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بىرەر كىشىنى قارا تىزىملىك (Blacklist) كە كىرگۈزۈش ياكى چەكلەش / بلوكلاش (Block) ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشماسلىقنى، ئۇچۇرلىشىش يولىنى تاقىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

چەكلىۋېتىش ئادەتتە ئاغرىنغانلىقىنى، نارازى بولغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلەش بولۇشى ياكى زىيانلىق تەشۋىقات، تىل – ھاقارەت ۋە ئۆكتەملىك قاتارلىقلارغا پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بولۇشى ۋەياكى خاتا چۈشىنىش، ئارتۇقچە نازۇكلۇق بولۇشى مۇمكىن.

ئەھلى ئىمان ئوتتۇرىدا ئۆزئارا سۆيگۈ – مۇھەببەت بولۇشى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىماننىڭ ئەڭ مەھكەم تۇتقىلىرىدىن بولۇپ، مۇسۇلمانلارئارا بۇ سۆيگۈ ۋۇجۇدقا چىقمىغان ئەھۋالدا ئۆزئارا ئاداۋەت ۋە زىددىيەت يۈز بەرمەسلىكى كېرەك.

لېكىن، كىشى مەلۇم كىشى تەرىپىدىن مۇخاتەب بولۇشتىن ئازار يېسە ياكى بىئارام بولسا ياكى ئاداۋەتلىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسە، يا بولمىسا ئېتىقادىنى بۇلغىۋېتىشتىن ئەنسىرىسە ۋەياكى ياقتۇرمايدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاشنى خاھلىمىسا، ئۇ كىشىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشىنىڭ ھۆكمى جائىز ۋە مۇستەھەبتۇر. ئەھۋال ۋە شارائىتقا قاراپ ۋاجىب بولۇشىمۇ يىراق ئەمەس.

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿نادانلاردىن  يۈز ئۆرۈگىن﴾(7/«ئەئراف»: 199) دېگەن ئەمرى بىلەن شەرىئەتتىكى ئىنساننىڭ جىسمىغا، روھىغا، ئەقلىگە كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان زىيان، ئازار، ئاۋارە قىلىنىش ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى ئەڭ چوڭ بەش ئاساسىي قائىدىنىڭ بىرى بولمىش پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە زىيان سېلىش يوق» دېگەن(1) كۆرسەتمىسىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «جىمى ئالىملار بىردەك ئىجماﺋ قىلغانكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىر دىن قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق سالاملاشماي تاشلىۋېتىشى جائىز ئەمەس، پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشسە، ئالاقىلەشسە، ئۇنىڭ دىنىنى بۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۇنىڭ دىنىغا ۋە دۇنيالىقىغا زىيان سالىدىغان، ياكى زىددىيەت، ئاداۋەتنى ئۇلغايتىدىغان ئەھۋاللاردا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشقا، ئارىلاشماي ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقىنىڭدا، ئۇ خاتالىقلىرىڭغا ئېسىلىۋالىدۇ. توغرا سۆزلىرىڭنى قوبۇل قىلماي دەتالاش قىلىدۇ. نەتىجىدە ئارىلىشىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولۇشىدىن ساقلىنالمايسەن، گاھىدا چىرايلىقچە ئالاقىنى ئۈزۈش ئازارغا ئۇچراپ ئارىلىشىشتىن ياخشىدۇر»(2).

ئەلۋەتتە، زىيىنى ئېغىر مۇنافىقلار، بۇزۇق ئەقىدە، ئىدىيە تارقاتقۇچىلار، گۇناھ – مەئسىيەتكە تەشۋىق قىلغۇچىلار ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلغۇچىلارنى، شۇنداقلا قالايمىقان چاقچاق قىلىدىغان نامەھرەم كىشىلەرنى ئالاقىلاشماي تاشلىۋېتىش جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋاجىبتۇر.

بۇ ھەقىقىي دۇنيادىكى ئۇچرىشىپ سالام – سەھەت، باردى – كەلدى قىلىش ۋە ئارىلىشىپ ئۆتۈش ھەققىدە دېيىلگەن ھۆكۈملەر بولۇپ، مادامىكى بۇ خۇسۇستا ھەقىقىي ئۇچرىشىشتا رۇخسەت قىلىنغان ئىكەن، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئەلۋەتتە رۇخسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بىرسىنى قېتىۋېلىش پەقەتلا ئۇنىڭ دوستلۇقىغا قوشۇلۇش ۋە ئۇنىڭ سەھىپىسىگە ياكى ھېسابىغا ئەگىشىشىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى ھەقىقىي دۇنيادىكى تاشلىۋېتىشتىن ۋە ئارىلاشماسلىقتىن تولىمۇ يەڭگىل دېگىلى بولىدۇ.

يۇقىرىقى زىيانلىق ئەھۋاللار بولمىغان تەقدىردە، مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ھەقىقىي ئۇچرىشىشتا تاشلىۋېتىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ئەمرىگە خىلاپتۇر: «ئۆزئارا ھەسەت قىلىشماڭلار! ئۆزئارا تەتۈر قاراشماڭلار ۋە ئۆزئارا ئۆچەكەشمەڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار!»(3)

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە چەكلىۋېتىش ھەقىقىي ئۇچرىشىشتا تاشلىۋېتىشكە ئوخشاشمۇ؟ بۇنىڭدا قاراشلار پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە چەكلىۋېتىپ، ئۇچراشقاندا سالاملىشىدىغان بولسا، ھەدىستىكى «قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىش» دائىرىسىگە كىرمىسىمۇ، «ئۆزئارا تەتۈر قارىشىش» دائىرىسىگە كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، چەكلىۋېتىش پەقەتلا بىئارامچىلىق ۋە ئازارلىنىش ئەھۋاللىرىدىلا بولۇشى مۇناسىپتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

‪ ھ. 1445، 17 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 1 – نويابىر


1. ئەھمەد (2865)؛ ئىبنى ماجە (2341). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن»؛ ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 68) «سەھىھ» دېگەن.
2.ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 6 – ج، 127 – بەت؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 9 – ج، 268 – بەت.
3.بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6064)؛ مۇسلىم (2563).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago