مېيىتنى رەسىمگە تارتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مېيىتنى رەسىمگە تارتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ رەسىمىنى باشقا دۆلەتلەردىكى تۇغقانلىرىغا يوللاشقا توغرا كەلسە، رەسىمگە تارتسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مېيىتنى مەيلى يۇيۇپ – تاراشتىن بۇرۇن ياكى ئەسناسىدا، ياكى كېپەنلىگەندىن كېيىن، ياكى قەبردە دەپنە قىلىنىش ئالدى – كەينىدە رەسىمگە / سىنغا تارتىش، ئۇنى ساقلاش ۋە تاراتقۇلاردا تارقىتىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ جەسىتىنىڭمۇ ھايات چېغىدەكلا ئىززەت – ھۆرمىتى بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىنساننىڭ سۆڭەك – ئۇستىخانلىرىنى مېيىت ھالىتىدە چېقىش ھايات ۋاقتىدا چاققانغا ئوخشاشتۇر» دېگەن(1).

ئىمام ئەينىي بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە: «مەناسى شۇكى، ئادەم بالىسىنىڭ ھۆرمىتى ھەر ئىككى ھالىتىدە ئوخشاش. شۇڭا، تىرىك كىشىنىڭ ئۇستىخىنىنى چېقىش جائىز بولمىغىنىدەك، مېيىتنىڭ ئۇستىخىنىنى چېقىشمۇ جائىز بولمايدۇ» دېگەن(2).

ئىنسان ۋاپات بولغىنىدا ئۇنىڭ چىرايى، كۆرۈنۈشى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئىنسان ئۆزىنى باشقىلارنىڭ بۇ ھالەتتە كۆرۈشىنى خاھلىمايدۇ. بىز ئۇنىڭ رەسىمگە تارتىشقا رازى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. شۇڭا، ھەتتا دىنسىزلارمۇ مېيىتنىڭ يۈزىنى يېپىپ قويىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مېيىتنى رەسىمگە تارتىش ئۇنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى، شەخسىي ئەھۋالىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارتىلغان سۈرىتى تۇغقانلىرىدىن تارقاپ كېتىپ دۈشمەنلىرىنىڭمۇ قولىغا چۈشۈشى ياكى مېيىت ھەققىدە نالايىق گەپ – سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇشى، ھەتتا ئابرۇيى ۋە ئېتىبارىنى زېدىلىشى مۇمكىن.

ئەلبەتتە، بىرەر ھادىسە ياكى جىنايەتنى ئېنىقلاش ياكى ئىلىم ئۆگىتىشتەك زۆرۈرىيەت كۆرۈلگەن ئەھۋاللاردا، مېيىتنى رەسىمگە تارتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتتە چىرايىنى كۆرۈشى جىددىي ئېھتىياج ئەمەس، بەلكى قايغۇ – ئەلەمنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشقا، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىش.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 12 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 27 – ئۆكتەبىر


1. «ئەبۇ داۋۇد»، (3207). سەھىھ. قاراڭ: نەۋەۋىي: «خۇلاسەتۇل ئەھكام»، 2/1035؛ ئالبانىي: «ئەلئىرۋاﺋ»، 763.
2. ئىمام ئەينىي: «شەرھۇ ئەبى داۋۇد»، 6/158.

admin@sajiye

Recent Posts

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

1 كۈن ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

1 ھەپتە ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (22) رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي / رسالة حقية وديوان ندائي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ئاي ago