دروپشىپپىڭ (Dropshipping) شەرئەن توغرىمۇ؟
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! «دروپشىپىڭ (Dropshipping)» سودا ئۇسۇلى شەرئەن توغرىمۇ؟ توغرا بولمىسا بۇ ھۆكۈمنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە سەۋەبىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
قايسىبىر تۈر تىجارەتكە كىرىشتىن ئەۋۋەل ھۆكمىنى بىلىش زۆرۈر. بولمىسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن «توغرا ئەمەس ئىشنى قىلىپتۇق» دەپ يېنىشقا توغرا كېلىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىكى تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى زور تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ سەپەر قىلمايمۇ، بازارغا بارمايمۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە سودا قىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى ۋە قىتئەلەر، شەھەرلەر ئارىسىدىكى مۇساپە يېقىنلاشتى. نەتىجىدە ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت پەيدا بولدى. ئې – تىجارەتنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى بولۇپ، جازانىگە، نائېنىقلىققا ۋە ئالداشقا ياتمايدىغان شەكىلدە توردا مال سېتىشقا بولىدۇ. تور سۇپىلىرىدا سېتىش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئومۇميۈزلۈك بىر ھۆكۈم بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما، بەزى سېتىش ئۇسۇللىرىدا بەزىدە چەكلەنگەن ئىشلار ياكى ناتوغرا شەرتلەر بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ھەركىم دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا كۆڭلى خاتىرجەم بولمىغان نۇقتىنى سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسا بولىدۇ. مەسىلەن، «دروپشىپىڭ»مۇ بىر شەكلى بولۇپ، بۇ خىل سودا جائىز ئەمەس. شۇڭا، بۇنىڭ ھۆكمىنى ۋە چەكلىنىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە ئاتالغۇلارنى تەرىپلەشكە توغرا كېلىدۇ:
تىجارەت (التِّجَارَةُ): ئەرەبچە «ئالدى – ساتتى ۋە سودا قىلماق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: پايدىنى كۆزلەپ مال – مۈلۈك ۋە تاۋارلارنى ئېلىپ – سېتىشتىن ئىبارەت. تىجارەت قىلىش پۇل تېپىش يوللىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىن بولۇپ، ئىسلامدا تىجارەتتە راستچىل، سەمىمىي ۋە كەڭ قورساق بولۇشتەك ئاداب – قائىدىلىرى، ساختىلىق قىلماسلىق، ئالدامچىلىق قىلماسلىق، يالغان قەسەم قىلماسلىق، ئىلكىدە بولمىغاننى ساتماسلىق، مونوپول قىلماسلىق ۋە باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلماسلىقتەك چەكلىمىلىرى بار(1).
ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت (التِّجَارَةُ الإِلِكتِرونِيَّةُ / Electronic Commerce): ئىنگلىزچە: «تۈرلۈك ئاتوملارنى ھاسىل قىلىدىغان ئىنتايىن كىچىك مەنپىي زەررىچە» دېگەن مەنىدىكى «ئېلېكتىرون (Electron)» كەلىمەسى بىلەن سۈپەتلەنگەن تىجارەت تۈرى بولۇپ، ئىنتېرنېتقا ئوخشىغان بىرەر ئېلېكترونلۇق ۋاسىتە بىلەن ئېلىم – سېتىم توختاملىرى قىلىش، تىجارىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش، تاۋارلارنى تارقىتىش، بازارغا سېلىش ۋە سېتىش ئىشلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت. سودىدا شەرت قىلغان شەرئىي ئۆلچەملەر تېپىلغان تەقدىردە، ئېلېكترونلۇق تىجارەتنىڭ جائىزلىقىدا دەۋر ئالىملىرى بىردەك قاراشتا(2).
دروپشىپىڭ (Dropshipping): ئىنگىلىزچە «يۈك توشۇماي، ئامبارسىز ۋاكالەتچىلىك» مەنىسىدىكى بىر خىل ئې – تىجارەت ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭدا شەخسلەر «ئالى ئېكسپرېس (AliExpress)» ۋە «ئېباي (eBay)» قاتارلىق تور بەتلەردە ئۆزلىرىگە خاس ئىنتېرنېت سۇپىسى ياكى سەھىپە قۇرۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلكىدە ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان، باشقىلارنىڭ ئىلكىدە ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولغان تاۋارلارنى پايدا قوشۇپ پارچە ساتىدۇ. خېرىدارلار تور بەتتىن مەلۇم تاۋارنى سېتىۋالغاندا، تور بەت ئىگىسى ئۇ تاۋارنى ئىگىسىدىن سېتىۋېلىپ، خېرىدارىنىڭ ئادرېسىنى بېرىدۇ. تاۋارنىڭ ئىگىسىمۇ تاۋارنى شۇ ئادرېسقا ئەۋەتىدۇ. نەتىجىدە تور بەت ئىگىسى ئەۋەتىش ۋە يەتكۈزۈش ئاۋارىچىلىقىغا يولۇقماي ھەم سەرمايە سالماي ئىككى باھا ئوتتۇرىدىكى پەرقتىن پايدا ئالىدۇ(3).
دېمەك، دروپشىپىڭ ئادەتتىكى تاپان ھەققى ئېلىپ ۋاسىتىچىلىك قىلىشتىن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا خېرىدارغا بىرنەرسە ساتقاندا، 1 – ساتقۇچىنىڭ ئۇ تاۋار بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمايدۇ.
ئامازون (Amazon) دا دروپشىپىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. لېكىن، تاۋارنى ئامبارغا قاچىلىۋېلىپ سېتىش / ( FBA (Fulfillment by Amazonئۇسۇلىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
سەلەم (ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش) سودىسى (بَيعُ السَّلَمِ/ بَيعُ السَّلَفِ): ئەرەبچىدە بۇ سۆز: «ئالدىن بېرىش، ئالدىن تاپشۇرۇش» دېگەن مەنىدە. «السَّلَفُ» دېگەن سۆزمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام فىقھىدا: «ئىگىدارلىقنى پۇلدا دەرھال، تاۋاردا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن روياپقا چىقىرىدىغان سودا كېلىشىمى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ سودىدا پۇلنى ئالدىن نەق بېرىپ، تاۋارنى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەلەم سودىسى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، سەلەم دېگەن پۇلنى ئالدىن بېرىپ تاۋارنى كېيىن تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىبارەت. ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى سېتىش – سېتىۋېلىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جازانە بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىن باشقا سۈپىتىنى ئېنىق بېكىتكىلى، مىقدارىنى بىلگىلى بولىدىغان ھەرقانداق تاۋاردا سەلەم سودىسى دۇرۇستۇر. يەنە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سودىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارلىقى بولماستىن سودىنى كېسىپ قىلىش كېرەك. بولمىسا جائىز بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە كەلگەندە، كىشىلەر ئىككى يىلنىڭ ۋە ئۈچ يىلنىڭ خورمىسىغا ئالدىنئالا پۇل تاپشۇراتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ: «كىمكى بىرەر نەرسىگە ئالدىنئالا پۇل تاپشۇرماقچى بولسا، كەمچەننى ئېنىق، ۋەزننى ئېنىق قىلىپ مۇددەتكە پۇل تاپشۇرسۇن» دەپ(4) بۇ سودىنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن(5).
بۇ خىل سودىنىڭ شەرئىي ھۆكمىگە كەلسەك، «دروپشىپىڭ (Dropshipping) سودا ئۇسۇلى» شەرئەن توغرا ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
1) سودىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم شەرتلەردىن بىرى، ساتقان تاۋار ساتقۇچىنىڭ قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشى شەرت. قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى ساتسا بولمايدۇ. بۇ سودا «ئۆز ئىلكىدە بولمىغاننى سېتىش»تىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سودىدا تېخى سودا قىلىپ ئالمىغان نەرسىنى باشقىلارغا ساتىدۇ. ھەكىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: «مەن:
— يا رەسۇلۇللاھ! بىرسى كېلىپ مەندىن ئىلكىمدە بولمىغان نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ، ئۇنىڭغا سېتىپ بولۇپ، كېيىن بازاردىن ئېلىپ بەرسەم بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:
— ئىگىدارچىلىقىڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما، — دېگەن»(6).
بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن باشقىلاردىن سېتىۋېلىپ، ئاندىن تاپشۇرسا بولمايدۇ.
2) ئىگىدارچىلىقىدا بولسىمۇ تاۋارنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن سېتىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توسقىنى ئاشلىقنى تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ سېتىشتۇر. مەن ھەرقانداق نەرسە شۇنىڭغا (ئاشلىققا) ئوخشاش دەپ ئويلايمەن» دېگەن(7).
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاشلىق سېتىۋالىدىكەن، تولۇق تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ ئۇنى ساتمىسۇن» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى ئاشلىق سېتىۋالىدىكەن، قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ ئۇنى ساتمىسۇن» دېگەن(8).
بۇ ھەدىسلەر يۇقىرىقى 1 – نۇقتىدىكى ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. چۈنكى، 1 – نۇقتىدىكى ھەدىس ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغاننى سېتىشتىن توسقان بولسا، بۇ ھەدىسلەر ئىگىدارچىلىقىدا بولسىمۇ تېخى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىشتىن توسقان. «دروپشىپىڭ سودا ئۇسۇلى» بولسا ھەم ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغاننى، ھەم قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەككى، كېيىنكى ھەدىسلەردىكى چەكلىمە ئاشلىق ھەققىدە كەلگەن بولغاچقا، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، ئىگىدارچىلىقىدا بولسىمۇ، تېخى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان ئاشلىقنى سېتىشقا بولمايدۇ. يەنە نەق – نېسى بولۇش جەھەتتىن ئالتۇن – كۈمۈش، قەغەز پۇللارنىمۇ سېتىشقا بولمايدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشى بويىچە ئۆي مۈلۈكتىن باشقا نەرسىلەرنى، ئىمام شافىئىينىڭ قارىشى بويىچە ھەرقانداق نەرسىنى، ئىمام ئەھمەد قارىشى بويىچە كەمچەنلىنىدىغان ۋە تارازىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سېتىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئىمام مالىكنىڭ قارىشى بويىچىلا ئىگىدارچىلىقىدا بولغان، ئەمما تېخى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىش جائىز بولىدۇ.
3) دروپشىپىڭچىنى ۋاسىتىچى دېگىلىمۇ بولمايدۇ. تاۋار ئىگىسى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتمۇ بازارغا سېلىپ سېتىپ بېرىش (Affiliate marketing) مۇناسىۋىتى ئەمەس. چۈنكى، دروپشىپىڭچى مەھسۇلاتنى ۋاسىتىچى سۈپىتىدە ئەمەس، ئۆزىنىڭ مۈلكى سۈپىتىدە ساتىدۇ. خېرىدارمۇ دروپشىپىڭچىنى ئەسلىي ئىگىسى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن تاۋارنى ئالىدۇ. ئەمما، ۋاسىتىچىلىك سېتىشتا ئەسلىي ئىگىسىدىن ئالاتتى. يەنى ۋاسىتىچى بۇ ئەھۋالدا ساتقۇچى ئەمەس، بەلكى بازارغا سالغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاسىتىچى دېگەن سودىنى پۈتتۈرسە، تاپان ھەققىنى ساتقۇچىدىن ياكى بىر تەرەپكە ياللانمىغان تەقدىردە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئالىدۇ. «دروپشىپىڭ»دا بولسا تاۋار باھاسىنى ئاشۇرۇپ سېتىپ ئارتۇقىنى ئالىدۇ. شۇڭلاشقا، دروپشىپىڭچىنى ۋاسىتىچى دېگىلىمۇ بولمايدۇ.
4) يۇقىرىقى نۇقتىدىن ۋاسىتىچى بىلەن ۋەكىلنىڭ پەرقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ۋاسىتىچى ياللانغۇچى ياكى ساتقان تاۋىرىغا قاراپ چاي ئالغۇچى. ئەگەر ئۇنىڭغا سودا ئىشى تولۇق تاپشۇرۇلغان بولسا، بۇ ۋاكالىتەن سېتىپ قويغۇچىغا ئايلىنىدۇ. ھالبۇكى، «دروپشىپىڭ»دا ۋاكالەت يوق.
5) «دروپشىپىڭ»دا يەنە ئۆزىنى مەھسۇلات ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىپ باشقىلارنى گوللاش، تامۇژنا چىقىمىغا ئالاقىدار ئالدامچىلىق بىلەن ئېلان تەشۋىقاتىدىكى ئالدامچىلىق، يالغان باھا ۋە يالغان خېرىدارلارنى ياساپ ئىستېمالچىنى ئالداش، باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ خېرىدار تارتىۋېلىش كەبى ساختىلىقلارمۇ يوق ئەمەس. «دروپشىپىڭ»دا دروپشىپىڭچى ئەمەلىيەتتە ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان تېزلا باي بولۇش چۈشىنى ئويغاق تۇرۇپ كۆرىدۇ. «سىگنال ئارناك (www.signal-arnaques.com)» توربېتىدە جان پاتىست (Jean-Baptiste) ئۆزلىرىنى ئالدانغۇچىلار دەپ قارىغان خېرىدارلارنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىككى يۈزلىمىلىك ئالدامچىلىق بولۇپ، بۇنىڭدا بىر تاۋارغا ئېرىشىپ، سودىدىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كۆزلىگەن ۋە كۆزلىگەنگە ئېرىشەلمىگەن ئىستېمالچىلار ئالدىنىدۇ. يەنە ‹پايدىغا ئېرىشىمەن› دەپ خام خىيال قىلغان دروپشىپىڭچىمۇ ئالدىنىدۇ. لېكىن، ھەقىقىي پايدىنى بىرنەچچە مىنۇتتا شوبىفاي (Shopify) ۋە فىيسبوكلار كەبى تىجارەت سۇپىسى قۇرۇپ بېرىدىغان ۋاسىتىچىلار، يەنە مۇشۇ خىل تىجارەتنى چۈشەندۈرۈپ مەشق قىلدۇرىدىغان كىشىلەر ئالىدۇ».
مەزكۇر سەھىپەنىڭ دېيىشىچە، «دروپشىپىڭ» ناھايىتى قىيىن بازار. ئۇنىڭدا يۈزلىگەن سۇپىلار رىقابەتلىشىدۇ. بۇ سۇپىلارنىڭ بەزىلىرىنى بۇ ئىشقا ھېچقانداق چېنىقمىغان كىشىلەر ئاچىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا ھەممىسى شۇ بىر تاۋارنىڭ ئۆزىنى ئوخشاش باھادا ساتىدۇ. شۇڭا، بەزىلەر ئۈچۈن بۇ ساھەدە تىجارەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەرىجىگە بارىدۇ.
بۇ تەجرىبىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئامېرىكىلىق كودى ئىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى تېزلا بايقىغان. ئۇ «لوموند گېزىتى (Le Monde)»گە بەرگەن سۆھبىتىدە: «مەن سۇپامنى قۇرۇپ باشلىغاندىن كېيىن دەسلەپكى ھەپتىدە بەزى نەرسىلەرنى ساتتىم. لېكىن، مېنىڭ فىيسبوكتا نىشانلىق ئېلان قىلىش بارىسىدا يېتەرلىك مەلۇماتىم يوق ئىدى. بىر چىراغنى 30 دوللار پايدا ئېلىش ئۈچۈن 70 دوللارغا ساتتىم. لېكىن، خېرىدارىم كانادادا بولغاچقا 25 دوللار كىرا تۆلەپ، پەقەت 5 دوللارلا پايدا ئالالىدىم» دەيدۇ.
بۇ تۈرلۈك خېيىم – خەتەرگە تېزلا يىغىلىپ قالىدىغان رەسمىيەت پۇللىرى قوشۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ ساھەدە ئەڭ مەشھۇر بولغان شوبىفايغا سۇپا ئېچىپ بېرىش، باشقۇرۇش ۋە پۇل تۆلەش سىستېمىسىنى باشقۇرۇپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر قارشىلىقىدا ھەر ئايدا 30 دوللار ئىشتىراك پۇلىدىن تاشقىرى، سودا سوممىسىنىڭ %2 تىنى شېرىنكانە تۆلەيدىغان گەپ.
«لوموند گېزىتى»مۇ دوكلات تەييارلاش مەقسىتىدە بۇ مۇلازىمەتنى بىۋاسىتە ئۆزى سىناپ كۆرگەن. يېرىم سائەتكە بارمىغان ۋاقىتتا گالىستۇك سېتىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتتا بىر سۇپا قۇرغان. بۇنى سىناپ بولغاندىن كېيىن تاقىۋەتكەن. جۇڭگودا 2 ياۋرو سېتىلىدىغان بىر گالىستۇكنى 100 ياۋروغا سېتىۋالغان.
مەزكۇر گېزىت يەنە: «شوبىفاي جىنايەتكە ئىتتىرەمدۇ، قانداق؟» دېگەن سوئالنى قويغان. چۈنكى، بۇ ئورۇن AliExpress تور بېتىدىكى ئىستېمالچىنى «بۇ سۇپىلارنىڭ نۇرغۇن خېرىدارلىرى بار» دەپ گوللايدىغان باھا – مۇلاھىزىلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىشكە رۇخسەت قىلىدىكەن. 2018 – يىلىغا قەدەر يالغاندىن «پالانى پۇستانىلار پالانى تاۋارنى سېتىۋالدى» دەيدىغان يالغان ئۇقتۇرۇشلارنى كۆرسىتىدىغان كۆزنەك بار ئىدى. كېيىن تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ تېخنىكىغا ئۇستىراق كىشىلەر بۇنى قىلالايدۇ(9).
6) دروپشىپىڭ سەلەم سودىسىدىن بىرقانچە نۇقتىدا پەرقلىنىدۇ:
بىرىنچى: سەلەمنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى پۇلنىڭ ئالدىن تاپشۇرۇلۇشى بولۇپ، دروپشىپىڭدا بۇ شەرت تېپىلىدۇ. لېكىن، سەلەمدە ساتقۇچى بۇ پۇلنى دەرھال خەجلىيەلەيدۇ. بەلكىم تېخى تاۋارنى تەييارلاشتا ئۇ پۇلغا ئېھتىياجى بولىدۇ. مانا بۇ پۇلغا ئىگە بولغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەمما، دروپشىپىڭچى (Dropshipper) تاكى تاۋار ئىگىسىگە تېگىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتمىگۈچە ئۇ پۇلغا ئىگە بولالمايدۇ. يەنى سەلەم سودىسىدىن كۆزلەنگەن نەرسە بۇنىڭدا يوق. يەنە سەلەم سودىسىدا سېتىۋالغۇچىنىڭ تاۋارنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشى كۆزلەنگەن. بۇ دروپشىپىڭدا تېپىلمايدۇ. چۈنكى، خېرىدار تاۋارنى ئەسلىي قىممىتىدىن يۇقىرىراق باھادا سېتىۋالىدۇ – دە، زىيان تارتقۇچىغا ئايلىنىدۇ. دېمەك، سەلەمنىڭ جائىز بولۇشىنىڭ سەۋەبى يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىدىكى ئېھتىياج بولۇپ، دروپشىپىڭدا تاۋارنى بازارغا سېلىش بىلەن تېز ۋە قولاي پايدا ئېلىش كۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئېھتىياجمۇ يوق(10).
ئىككىنچى: دروپشىپىڭدا تاۋار سودا قىلىش بىلەنلا دروپشىپىڭچى تەرىپىدىن ئەمەس، تاۋار ئىگىسى تەرىپىدىن خېرىدارغا ئەۋەتىلىدۇ. سەلەم سودىسىدا بولسا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن تاۋارنى ئەۋەتىدۇ ياكى تاپشۇرىدۇ. دېمەك، بۇ سودىدا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن تاپشۇرۇش شەرتى يوقتەك، پەقەتلا ئەۋەتىش قانچىلىك ۋاقىتتا ۋۇجۇدقا چىقسا، تاپشۇرۇش شۇنچىلىك ۋاقىت كېچىكىدۇ.
ئۈچىنچى: دروپشىپىڭدا بولسا دروپشىپىڭچى ئىككى سودا قىلىدۇ: بىرى، ئۆزىگە خاس ئىنتېرنېت سۇپىسىدا ئىگە بولمىغان تاۋارنى سۈپىتىگە ئاساسەن ساتىدۇ. ئاندىن ئۇ تاۋارنى ئىگىسىدىن سېتىۋېلىپ، خېرىدارىنىڭ ئادرېسىنى بېرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئىككى سەلەم سودىسى قىلىپ بىرىنچى سودىدا ساتقۇچى، ئىككىنچى سودىدا سېتىۋالغۇچى بولىدۇ ۋە خېرىدارىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتا ۋەكىل قىلغاندەك بولىدۇ. ئىككى سودىنى بىر – بىرىگە چېتىشمۇ توغرا بولمايدۇ.
تۆتىنچى: سەلەم سودىسىنىڭ جائىز بولۇشىنىڭ بىر شەرتى ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، «مالنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بەلگىلەش» بولۇپ، دروپشىپىڭدا تاپشۇرۇش ۋاقتى ئېنىق بولماستىن، پالانى كۈندىن پوكۇنى كۈنگىچە دېگەندەك تەخمىنەن بولىدۇ. تېخى ئاخىرقى ئۇ كۈندىنمۇ كېچىكىپ كېتىشى مۇمكىن. تاپشۇرۇش ۋاقتى يەنە سېتىۋالغۇچىنىڭ ئادرېسىنىڭ يېقىن – يىراقلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.
بەشىنچى: سەلەم ئەسلىدە يوق تاۋارنىڭ سودىسى بولسا، دروپشىپىڭ ساتقۇچىنىڭ قولىدىن يىراقتا باشقا بىرسىنىڭ قولىدا بار تاۋارنىڭ سودىسىدۇر.
ئالتىنچى: سۇنۇق ياكى بۇزۇق چىقسا قايتىدىن ئەۋەتىشكە توغرا كەلسە، تاۋار ئىگىسىنىڭ قولىدا تاۋار تۈگەپ كېتىپ قالسا ياكى توغرا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرەلمىسە، دروپشىپىڭدا تاپشۇرۇش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.
يەتتىنچى: سەلەمدە مال ئىگىسى بىلەن خېرىدار ئىككى تەرەپلا بولسا، دروپشىپىڭدا ئۈچ تەرەپ بار. خېرىدار بىلەن تاۋار ئىگىسى دروپشىپىڭچىنى شۇنداقلا قانچىلىك پايدا ئالغىنىنى ئېنىق بىلمەسلىكى، خېرىدارمۇ تاۋارنى باشقا بىرىنىڭ سېتىپ ئەۋەتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. دروپشىپىڭچى خېرىدارغا ئۆزىنى تاۋار ئىگىسى دەپ تونۇشتۇرسا، تاۋار ئىگىسىگە ئۆزىنى خېرىدار دەپ تونۇشتۇرسا بۇ ئالدامچىلىق بولىدۇ.
سەككىزىنچى: سەلەم نورمال سودا ۋە تىجارەت بولغاچقا، ئۇنىڭدا بازارنىڭ ئۆرلەپ – چۈشۈشى بىلەن ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىغا پايدا ياكى زىيان بولىدۇ. ئەمما، دروپشىپىڭچى ئاساسەن زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. ئامبارلاش، يۆتكەش، ئەۋەتىش ۋە يوقاپ كەتسە تۆلەش چىقىملىرىغا ئىگە بولمايدۇ، پەقەتلا تاۋارنىڭ ساق يەتكۈزۈلمەسلىكىدەك بەزىبىر ئەھۋاللاردىلا مەلۇم زىيان تارتىشى مۇمكىن. بۇنى تىجارەتتىكى زىيان دېگىلى بولمايدۇ. دېمەك، بۇ ئىشتا سودىنىڭ ئۆزىدە پايدا %100 كاپالەتلىك، زىيان %0. بۇنىڭ ئۆزى بۇ سودىنى ھارام دېيىشكە يېتىدۇ. ئەسلىدە تىجارەتتە زىيان تارتىش بولسا، زىياننى دروپشىپىڭچى كۆتۈرۈشى كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «پايدا زىيان تارتىشقا باغلىق»(11) دېگەن ھەدىسى بىلەن «زىيىنىغا مەسئۇل بولمىغان نەرسىنىڭ پايدىسىنى ئېلىش ھالال بولمايدۇ»(12) دېگەن يەنە بىر ھەدىسىگە، شۇنداقلا «پايدا ئېلىش زىيان تارتىش مەسئۇلىيىتىگە قاراشلىق» دېگەن فىقھىي قائىدىگە دروپشىپىڭدا ئەمەل قىلىنمايدۇ.
توققۇزىنچى: سەلەمدە مەدىنەدىكى باغۋەنلەرنىڭ خورما باغلىرى بار ئىدى. باغلار ئادەتتە خورما ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويمايتتى ھەم ئۇلار خورمىغا ئۆزلىرى ئىگە بولاتتى. دروپشىپىڭچىنىڭ قولىدا «خورما»مۇ، «باغ»مۇ يوق. ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت باشقىلارنىڭ قولىدا ھەم ئىشلەپچىقىرىدىغان تاۋارمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مۇبادا تاۋار ئىشلەپچىقىرىۋاتقان زاۋۇت مەلۇم تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتسا ياكى تاقالسا، تاپشۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ.
ۋەلھاسىل: دروپشىپىڭ جائىز ئەمەس، ئۇ سەلەمگە ياكى ۋاستىچىلىككە چۈشمەيدۇ. توغرىسى تاۋارنى ئېلىپ ئاندىن سېتىش ياكى ۋاسىتىچى بولۇش، ياكى ئىككى تەرەپنىڭ بىرىگە ۋەكىل بولۇشتۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 3 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2023، 18 – ئۆكتەبىر
1. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 10 – ج، 151 – 154 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺋﻮ. ﺋﯩ. ﺋﯧ»، 334 – بەت.
2. قاراڭ: در. ئەدنان ئىبنى جەمئان ئەززەھرانىي: «ئىسلام فىقھىدا ئې – تىجارەت ئەھكاملىرى / أحكام التجارة الإلكترونية في الفقه الإسلامي»، 21 – بەت، دارۇلقەلەم، بېيرۇت، ھ. 1430 / م. 2009؛ در. راۋىيە مەنسۇرىي / در. نادىيە سەخخان: «شەرىئەت مىزانىدا دروپشىپىڭ بىلەن ئې – تىجارەت» ئاتلىق ماقالە، 5 – بەت؛ قرار رقم: 52 (6/3)[1] بشأن حكم إجراء العقود بآلات الاتصال الحديثة، مجلس مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره السادس بجدة في المملكة العربية السعودية من 17 – 23 شعبان 1410هـ، الموافق 14 – 20 آذار (مارس) 1990م.
3. مۇھەممەد سەندۇبىي: «دروپشىپىڭ (Dropshipping)» تور كىتابى، 1 – بەت، م. 2018؛ در. نادىيە سەخخان: ئۆتكەن ماقالە، 6 – بەت.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2240)؛ مۇسلىم (1604).
5. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 2 – ج، 35 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 11 – ج، 371 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 25 – ج، 191 – 200 – بەت.
6. تىرمىزىي (1232)؛ نەسائىي (4627). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2135)؛ مۇسلىم (1525).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2136)؛ مۇسلىم (1526).
9. قاراڭ: ئەلجەزىرە تورى: «ئىنتېرنېتتا تېز پۇل تېپىش خام خىيالى، دروپشىپىڭ تۇزىقىغا چۈشۈش (وهم المكسب السريع عبر الإنترنت. الوقوع في فخ دروب شيبينغ)».
https://www.aljazeera.net/lifestyle
10. در. نادىيە سەخخان: ئۆتكەن ماقالە، 10 – بەت.
11. تىرمىزىي (1206). تىرمىزىي «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
12. تىرمىزىي (1234 ). ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…