شىئە بىلەن توي قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مۇسۇلمان بىر ئەرنىڭ شىئە بىر ئايال بىلەن توي قىلىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

شىئەلەرنىڭ تائىپىلىرى تۈرلۈك بولۇپ، ئەگەر: «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىلاھ ئىدى؛ ياكى پەيغەمبەر ئەلى ئىدى، جىبرىل ئەلچىلىكنى خاتا يەتكۈزگەن؛ ياكى قۇرئان ئايەتلىرى كېمەيتىلىپ يوشۇرۇلغان؛ ئون نەچچەدىن باشقا جىمى ساھابەلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ كەتكەن، ئومۇم ساھابەلەر پاسىق ياكى كافىردۇر» دەپ ئېتىقاد قىلسا، شۇنداقلا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ساھابەلىكىنى ئىنكار قىلىپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى قۇرئان ئاقلىغان بوھتان بىلەن قارىلىسا ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان قۇرئاندىكى ئېنىق ئايەتلەرگە تانسا، ئۇلار بارلىق ئەھلىسۈننەت ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بىلەن كافىردۇر.

بارلىق ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىمىز يەنە بىدئەت ئېتىقاد ئەھلىنىڭ ئازغۇنلۇقىدا ۋە خاتالاشقانلىقىدا بىردەك قاراشتا بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، بىرەر ساھابەنى تىللاش ياكى ئۆچ كۆرۈش كۇفۇر ئەمەس، ئازغۇنلۇقتۇر. چۈنكى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنى تىللىغانلارنى «كافىر» دېمىگەن. «ئەلى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەردىن ئەۋزەل» دېسىمۇ كافىر بولمايدۇ. دېمەك، ھۆكۈم ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا باغلىق. ئومۇمەن، ئالىملاردىن ئۇلارنى ئازغۇن، پاسىق دەيدىغانلارمۇ، مۇرتەد دەيدىغانلارمۇ، باغىي (بىرەر تەئۋىل بىلەن ھەق خەلىپە / دۆلەت رەئىسىنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى قوراللىق ئىسيانچى) دەيدىغانلارمۇ بار(1).

بۇنىڭغا ئەگىشىپ، شىئەلەرنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇش، جىنازە نامىزىنى چۈشۈرۈش، ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىش ۋە بوغۇزلىغانلىرىنى يېيىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. «زەيدىييە»(2) ئەھلىسۈننەتكە پىكىر جەھەتتىن ئەڭ يېقىن مەزھەب بولۇپ، «بۇ مەزھەبتىكىلەر بىلەن نىكاھلىنىش جائىز» دېيىشكە، دىيارىمىزدا تاشقورغاندىكى «ئىسمائىلىييە»(3) تائىپىسىگە تەۋە تاجىكلار شۇنداقلا شامدىكى «نۇسەيرىيلەر»(4) شىئەلەرنىڭ بەكلا ئازغۇن باتىنىي تائىپىلىرى بولغاچقا، «ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىش جائىز ئەمەس» دېيىشكە بولىدۇ. ھازىرقى ئىران ۋە ئىراقلاردىكى 12 ئىمام مەزھەبىدىكى رافىزە – شىئەلەرنى ئازغۇن مۇسۇلمانلار دېيىش مۇمكىن. ئۇلارنى كافىر دەيدىغانلارمۇ، ئۆز ئېتىقادىنى تېگىدىن بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى كافىر، تېگىدىن بىلمەيدىغان ئاۋاملىرىنى ئازغۇن دەيدىغانلارمۇ بار.

نىكاھلىنىش مەسىلىسىگە قايتساق، ئېتىقاد ۋە ئاساسلىق دىنىي مەسىلىلەردە ئەھلىسۈننەت بىلەن شىئەلەر ئوتتۇرىدا بەزىبىر پەرقلەر بولغىنىدەك، شىئەلەرنىڭ ئەھلىسۈننەتكە بولغان دۈشمەنلىكى ۋە ئۆچمەنلىكىمۇ ئېغىردۇر.

ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ شىئەنىڭ ئېتىقادىي ئەھۋالىغا قاراپ، بۇ مەسىلىدە ئىككى خىلنى ئايرىپ: «ساپ رافىزىيلەر ھاۋايى ھەۋەس، بىدئەت ۋە زالالەت ئەھلىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ قىزىنى رافىزىيغا نىكاھلاپ بېرىشى لايىق ئەمەس. مۇسۇلمان كىشى رافىزىي ئايالنى ئالسا، ئۇ ئايالنىڭ تەۋبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، نىكاھ توغرا بولىدۇ. بولمىسا، بالىلىرىنى ئازغۇن تەربىيەلەپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئالمىغىنى ئەۋزەل… بىر كىشىنىڭ قىزىنى ناماز ئوقۇمايدىغان رافىزىيغا نىكاھلاپ بېرىشى جائىز ئەمەس. قاچانكى، ئۇنى ئەھلىسۈننەت ۋە بەش ناماز ئوقۇيدۇ دەپ ئويلاپ قىزىنى ئۇنىڭغا بەرگەن بولسا، كېيىن ئۇنىڭ بىناماز رافىزىي ئىكەنلىكى ئايان بولسا ياكى رافىزىيلىققا قايتىپ نامازنى تاشلىسا، ئۇلار نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ» دەپ پەتۋا بەرگەن(5).

ئىبنى تەيمىييەنىڭ شىئە ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىش ۋە شۇ نىكاھنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق جاۋابى ئېنىق بولۇپ، ئۇ بۇ مەسىلىدە شىئەنىڭ كافىر سانالمايدىغان قىسمىغا مۇسۇلمانغا ئوخشاش، كافىر سانىلىدىغان قىسمىغا ئەھلى كىتاب مۇئامىلىسى قىلغاندەك كۆرۈنىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 28 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 13 – ئۆكتەبىر


1. غەززالىي: «فەزائىھۇل باتىنىييە»، 149 – بەت؛ مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 4 – ج، 160 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «ئەسسارىمۇل مەسلۇل»، 6 – ج، 77 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 11 – ج، 317 -، 318 – بەت؛ نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8 – ج، 145 – بەت؛ موللا ئەلى قارىي: «شەممۇل ئەۋارىز»، 19 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 4 – ج، 237 – بەت.
2. زەيدىييە (الزَّيْدِيَّةُ): ھ. 2 / م. 8 – ئەسىرنىڭ تۇنجى چارىكىدە كۇفەدە ئوتتۇرىغا چىققان، ئىراق، تەبەرىستان ۋە بولۇپمۇ يەمەندە مەۋجۇدلىقىنى سۈردۈرگەن، ئەقىدىدە مۇئتەزىلە يولىنى تۇتىدىغان، ئىمامەتچىلىك ئەقىدىسىدە بولسا پىكىر جەھەتتىن ئەھلىسۈننەتكە ئەڭ يېقىن بىر شىئە پىرقەسى. رەسۇلۇللاھنىڭ چەۋرىسى، كاتتا ئالىم ئەبۇ ھۈسەين زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلئەلەۋىي ئەلھاشىمىي (ھ. 76 – 122 / م. 695 – 740) غا نىسبەت بېرىلىپ «زەيدىييە مەزھەبى» دەپ ئاتالغان.
3. ئىسمائىلىييە (الإسْمَاعِيليَّةُ): ئىمامەتچىلىكنى ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىپ ھەزرىتى جەئفەر سادىققا قەدەر ئارىلىقتا 12 ئىمام پىرقىسىغا ئوخشاش قارىغان، جەئفەردىن كېيىن ئوغلى مۇسا كازىمغا ئەمەس، ئوغلى ئىسمائىلغا يۆتكەلگەن دەپ ئايرىلىپ چىققان شىئە تائىپەسى بولۇپ، ئۇلار مۇسا كازىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلدىن كېيىن ئۆزلىرى ئايرىم تەرتىپ بەلگىلىگەن. «قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى بار» دەپ، ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ لەفزلىرىنى ئىنتايىن يىراق تەئۋىل قىلىدىغان، كۆپلىگەن قاراشلىرىنى مەخپىي تۇتىدىغان، «ھەششاشىيلەر» ۋە «باتىنىيلەر» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ تائىپە شىئەلەرنىڭ ئەڭ ئازغۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇرىدلىرى دىيارىمىزدا تاشقورغاندا، يەنە سۈرىيە، لىۋان، ئىران، پاكىستان، ھىندىستان، كەشمىر ۋە ئافغانىستاندا بار بولۇپ، تارىختا بىرقانچە دۆلەت قۇرغان.
4. نۇسەيرىيلەر (النُّصَيْرِيَّة): «ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن» دەپ قارايدىغان —ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر—، مەھرەم تۇغقانلار بىلەن نىكاھلىنىشنى مۇباھ سانايدىغان، قىيامەتتە قايتا تىرىلىش ۋە ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلىدىغان، ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق پەرزلەرنى باشقىچە بۇرمىلاپ چۈشىنىدىغان بۇزۇق ئەقىدىلىك بىر شىئە تائىپىسى. ئەگەشكۈچىلىرى ھازىر سۇرىيە ۋە لىۋان دىيارلىرىدا ياشايدۇ.
5. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 32 – ج، 61 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago