تاھارەت ئېلىۋاتقاندا گەپ قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! تاھارەت ئېلىۋاتقاندا گەپ قىلسا، دۇنيانىڭ خىياللىرىنى قىلسا بولامدۇ؟ تاھارەت ئېلىۋاتقاندا دۇئا قىلىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

تاھارەت ئېلىۋاتقاندا گەپ قىلسا، دۇنيانىڭ خىياللىرىنى قىلسا، ئەۋزەلنى ۋە مۇستەھەبنى تەرك قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، بىھۇدە گەپ – سۆز قىلمىغان تۈزۈك. لېكىن گەپ – سۆز قىلسىمۇ، تاھارىتى يەنىلا كۈچكە ئىگە. چۈنكى، تاھارەت ئېلىۋاتقاندا گەپ – سۆز قىلىش ۋە دۇنيا خىياللىرىنى قىلىش ئەسلىدە مۇباھ بولسىمۇ، تۆت مەزھەب ئالىملىرى تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياج بولمىسا، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن باشقا ئادەتتىكى گەپ – سۆزلەرنى قىلماسلىقنى تاھارەتنىڭ مۇستەھەب ۋە ئادابلىرى قاتارىدىن سانىغاچقا، تاھارەت ئېلىۋاتقاندا (شۇنداقلا غۇسۇل قىلىۋاتقاندا)، ئادەتتىكى پاراڭ ۋە گەپ – سۆز قىلىشنى تاھارەتنىڭ مەكرۇھلىرى قاتارىدىن سانايدۇ. بۇ مەكرۇھلۇقنى ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق ئالىملار ئەۋزەلنى ياكى مۇستەھەبنى تەرك قىلىش، دەپ ئىزاھلىغان(1). دېمەك، تاھارەت ئېلىۋاتقاندا، ئېھتىياج بولمىسىمۇ گەپ – سۆز قىلىش «تەنزىھىي مەكرۇھ»، يەنى ساقلىنىش ئەلا بولغان مەكرۇھتۇر.

ئالايلۇق، ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىمام ئىبنى نۇجەيم: «تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياج بولمىسا، كىشىلەرگە گەپ – سۆز قىلماسلىق تاھارەتنىڭ ئادابىدۇر. گەپ قىلمىسا بىرەر ئىش قولدىن كېتىدىغان بولسا، گەپ قىلىش تاھارەت ئادابىغا رىئايە قىلمىغانلىق بولمايدۇ» دېگەن(2).

دەرۋەقە، بىھۇدە گەپ – سۆز ۋە خىياللار كىشىنى مەشغۇل قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈۋاتقان تۇيغۇنى ئۈزۈپ قويىدۇ. ھەتتا «تاھارەتنى تولۇق ئالدىممۇ – يوق؟» دېگەندەك ۋەسۋەسەگە سېلىپ قويىدۇ. تاھارەت ئۆزى ئايرىم بىر ئىبادەت بولۇپ، بۇ ناماز ۋە تاۋاپ قاتارلىق باشقا ئىبادەتلەرنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان ئىبادەتتۇر. شۇڭا، تاھارەت ئالغاندا دىققىتىنى بېرىپ، بۇ ئىبادەت بىلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مۇناجات قىلىپ، رەھمىتىنى تىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى، دۇنيا پاراڭلىرى، خىياللىرى ۋە بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى، بەلكى زىكىر ۋە دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇشى ياكى جىم بولۇشى مۇناسىپ. بەزى سالىھلەر: «نامازدا دىققىتىنى يىغىپ خۇشۇﺋ بىلەن تۇرۇش تاھارەت ئالغاندىكى دىققىتىنى يىغىشقا ئەگىشىپ كېلىدۇ، شۇڭا دىققىتىنى يىغىش تاھارەت ئالغاندا بولمىسا، نامازدىمۇ بولمايدۇ» دەپ قارىغاندۇر.

ئومۇمەن، «تاھارەتنى باشلاشتا، ئېلىۋاتقاندا ۋە ئاخىرىدا زىكىر ۋە دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇش مۇستەھەبتۇر» دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، تاھارەت ئېلىشنى باشلىغاندا «بىسمىللاھ» دېيىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە سۈننەت ياكى مۇستەھەب بولۇپ، دۇئا ۋە زىكىر ھەرقانداق چاغدا مۇستەھەب ۋە مۇباھ بولغىنىدەك، تاھارەت ئېلىۋاتقاندىمۇ مۇستەھەبتۇر. فۇقەھائدىن بەزى زەئىف ھەدىسلەرگە ۋە سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ئاساسلىنىپ، تاھارەت ئېلىۋاتقاندا بەزى دۇئالارنى قىلىشنى مۇستەھەب دەيدىغانلارمۇ بار.

بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تاھارەتسىز ئوقۇلغان ناماز ناماز ئەمەس، ‹بىسمىللاھ› دېمەستىن ئالغان تاھارەت تاھارەت ئەمەس» دېگەن(3).

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تاھارەت سۈيى ئېلىپ كەلسەك، ئۇ زات تاھارەت ئالدى. مەن ئۇ زاتنىڭ (تاھارەت ئېلىۋېتىپ):

— اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي ذَنْبِي، وَوَسِّعْ لِي فِي دَارِي، وَبَارِكْ لِي فِي رِزْقِي / ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىل، ئۆيۈمنى كەڭرى قىل، رىزقىمغا بەرىكەت ئاتا قىل! — دەپ دۇئا قىلغىنىنى ئاڭلىدىم. مەن:

— ئى ئاللاھنىڭ نەبىيسى! مەن ئۆزلىرىنىڭ مۇنداق، مۇنداق دۇئا قىلىۋاتقانلىرىنى ئاڭلىدىم، — دېسەم، ئۇ زات:

— (بۇ دۇئا) بىرەر نەرسىنى تاشلاپ قويدىمۇ؟ — دېدى»(4). ئىمام نەۋەۋىي: «ئىبنۇسسۇننىي بۇ ھەدىسنى ‹تاھارەت ئېلىۋاتقاندا نېمە دەيدۇ؟› دېگەن بابتا كەلتۈرگەن، نەسائىي بولسا ‹تاھارەتتىن پارىغ بولغاندا نېمە دەيدۇ؟› دېگەن بابتا كەلتۈرگەن. ھەر ئىككىسى ئېھتىماللىق» دېگەن(5).

تاھارەت ئېلىپ بولغاندا، مۇنۇ ھەدىستە كەلگىنىدەك، زىكىر مۇستەھەبتۇر: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ بولغاندىن كېيىن: ‹أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَأَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُ اللَّهِ وَرَسُولُهُ / ئاللاھتىن ئۆزگە ھەق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن› دەيدىكەن، ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسىنىڭ ھەممىسى داغدام ئېچىپ بېرىلىدۇ، ئۇ قايسىسىنى خاھلىسا، جەننەتكە شۇنىڭدىن كىرىدۇ» دېگەن(6).‏ تىرمىزىي رىۋايەتىدە: «ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېگەندىن كېيىن: «اللَّهُمَّ اجْعَلْنِي مِنْ التَّوَّابِينَ وَاجْعَلْنِي مِنْ الْمُتَطَهِّرِينَ / ئى ﺋﺎﻟﻼﮪ! مېنى تەۋبەكارلاردىن قىلغىن! مېنى پاك بولغۇچىلاردىن قىلغىن!» دېگەن(7).

يەنە تاھارەتنى تەرتىپ بويىچە ئېلىش، بۇ ئەسنادا پاراڭ ياكى باشقا بىر ئىش بىلەن ئۈزۈپ قويماسلىق سۈننەتتۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل مۇشۇ بويىچە تاھارەت ئالغان. (بۇ «تاھارەت ئېلىۋېتىپ گەپ – سۆز ۋەياكى بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولماسلىق ۋە ئارىلىقنى ئۈزۈپ قويماسلىق» دېگەنلىكتۇر). ئەمما، سالامنى ئىلىك ئېلىش مەكرۇھ بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغاندەك تاھارەت ئېلىپ بولۇپ سالام قايتۇرسا تېخىمۇ ياخشى.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 20 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 5 – ئۆكتەبىر

 


1. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1 – ج، 343 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 1 – ج، 406 – بەت؛ ساۋىي: «بۇلغەتۇسسالىك»، 1 – ج، 81 – بەت؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 1 – ج، 107 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 35 – ج، 114 – بەت.
2. ئىبنى نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1 – ج، 105 – بەت.
3. ئەبۇ داۋۇد (101). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. ئىبنۇسسۇننىي: «ئەمەلۇليەۋمى ۋەللەيلە»، (80)؛ نەسائىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (9828)؛ ئەبۇ يەئلا، (7273). ئىمام نەۋەۋىي ۋە ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
5. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلئەزكار»، 29 – بەت.
6. مۇسلىم (234).
7. تىرمىزىي (55). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago