رامازان كۈندۈزدە ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ قېلىشىنىڭ كەففارەتى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن يېڭى توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي رامازان كېلىپ قالدى. ئايالىم ئىككىمىز روزىدار تۇرۇپ بىللە بولغان ئىدۇق، بۇنىڭ فىديەسىنى قانداق بەرسەك بولىدۇ؟ 60 كۈن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشقا تىرىشتۇق، بىراق تۇتالمىدۇق.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
مۇسۇلمان كىشى روزىسىنى بۇزۇۋېتىدىغان ياكى ئەجرىنى كېمەيتىۋېتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشتىن ساقلىنىشى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ نەزەرىدە رامازان ئېيىنىڭ ھۆرمىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى بىلىشى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ئېغىر قىلمىشتۇر. شۇنداقتىمۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ، بۇ تۈرلۈك قىلمىشلارنىڭ گۇناھىنى يۇيۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، روزا — ئېغىز ئاچقۇزۇۋېتىدىغان يېمەكلىك، ئىچىملىك ۋە ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەت قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك نەرسىدىن تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتا ساقلىنىش ئارقىلىق ئىبادەتنى كۆزلەش بولۇپ، بەندە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! (دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى﴾(2/«بەقەرە»: 183) دېگەن ئايەتىدە بايان قىلغان دوزاختىن ۋە گۇناھ – مەئسىيەتتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت تەقۋادارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رامازان كۈندۈزىدە روزا تۇتىدۇ.
روزىدارلىقى يادىدا تۇرۇپ كۈن پاتقۇچە ئارىلىقتا ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ قالغان كىشى ۋە ئايالى پەرز روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن بولغاچقا، ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن نامازغا ئوخشاشلا روزىسى بۇزۇلۇپلا قالماي، روزىسىنى بۇزغانلىقتىن ھەر ئىككىيلەن گۇناھكار بولىدۇ ۋە ھەر ئىككىيلەن تەۋبە قىلىپ، شۇ بىر كۈننىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە كەففارەت (بۇ فىدىيە ئەمەس) بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ.
كۆپچىلىك ئالىملار: «ئايال كىشىگىمۇ غۇسۇل ۋاجىب بولغاندەك، شۇنداقلا زىنا قىلغاندا ئايال كىشىگىمۇ جازا ۋاجىب بولغاندەك، ئايالغىمۇ ئەرگە ئوخشاش ئايرىم كەففارەت بېرىشى ۋاجىب» دېگەن. بەزى ئالىملار: «ھەدىستە ئايرىم بۇيرۇلمىغاچقا، ئايالغا ئايرىم كەففارەت بېرىشى ۋاجىب بولمايدۇ» دەپ قارىغان. ئەلۋەتتە، ھەر ئىككىيلەننىڭ كەففارەت بېرىشى كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئىمكانىيەت يار بەرمىگەن تەقدىردە، ئەر كىشىلا كەففارەت بەرسە، ئىككىنچى قاراش بويىچە توغرا بولىدۇ.
كەففارەت (الْكَفَّارَةُ): ئەرەبچە «يۆگىگۈچ، ياپقۇچ ۋە ئۆچۈرگۈچ» دېگەن مەنىدە. شەرىئەت ئىستىلاھىدا: قەسەمنى بۇزۇش، روزىنى بۇزۇش، قەستەن ۋە سەھۋەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ھەج يولىدا توسۇلۇپ قېلىش ۋە زىھار(1) كەبى گۇناھنى يۇيۇش ياكى گۇناھ بولمىسىمۇ خاتالىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن شەرىئەت بەلگىلىگەن قۇل ئازاد قىلىش، سەدىقە، روزا تۇتۇش ياكى غىزالاندۇرۇشتەك پەزىلەتلىك ئىش ياكى جازا بولۇپ، قولدىن كەتكەننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئايەت ۋە ھەدىسلەردە يولغا قويۇلغان يەڭگىللىتىشتۇر(2).
روزىدارلىقى يادىدا تۇرۇپ ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ قېلىشنىڭ كەففارەتىنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1) بىر قۇل ئازاد قىلىش؛ ھازىرقى ئەھۋالدا بۇرۇنقى زامانلاردىكى مەنادا قۇل بولمىغاندىن كېيىن، كافىرلار قولىدا ئاسارەتتىكى بىر مۇسۇلماننى قۇتۇلدۇرۇپ قويسا، تېخىمۇ ئادا بولىدۇ.
2) ئۇنىڭغا قۇربى يەتمىسە ياكى شارائىتى يار بەرمىسە، ئاندىن ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك. ناۋادا بىر ياكى ئىككى كۈن قالغاندا ئۈزۈۋەتسە، يەنە يېڭىدىن باشلىشى كېرەك بولىدۇ. ئارىلىقتا رامازان ياكى ھېيت، تەشرىق كۈنلىرى ۋە ھەيز ياكى نىفاس كۈنلىرىدەك شەرىئەت پەرز روزا تۇتۇشنى بەلگىلىگەن ياكى روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن كۈنلەر كىرىپ قالسا، ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇنداقلا جىددىي سەپەر قىلىش ياكى ئاغرىپ قېلىش سەۋەبىدىن روزا تۇتالمىسىمۇ، ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
ئەگەر كەففارەت بېرىشتە ئارقىمۇئارقا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشنى تاللىغان بولسا، ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش ھىجرىيە بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى ئاي 60 ياكى 59، ياكى 58 كۈن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاي كىرىپ بولغان مەلۇم كۈندە روزا تۇتۇشنى باشلىغان بولسا، ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۇتۇپ، كېيىنكى بىر ئاينىمۇ تولۇق تۇتىدۇ. ئاندىن ئۈچىنچى ئايدىن باشلىغاندا دەسلەپكى ئايدىن تۇتالمىغان كۈنلەرنى 30 كۈنگە تولۇقلاپ تۇتىدۇ. نەتىجىدە بىر ئاينى قانچە كۈن بولسا، ئاسماندىكى ئاي بويىچە، يەنە بىر ئاينى 30 كۈن بويىچە تۇتقان بولىدۇ. ئاينىڭ مەلۇم كۈنىدىن باشلاپ 60 كۈن تولۇق تۇتسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئىككى ئايغا قازاسى قىلىنىدىغان بىر كۈننى قاتىمىز. لېكىن، بۇ كۈننى ئىككى ئايغا قوشۇپ ياكى ئىككى ئاي بىلەن ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشى كېرەك ئەمەس. بۇ بىر كۈننىڭ قازاسىنى ئايرىم قىلىۋالسىمۇ بولىدۇ.
3) ئۇلاپ ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەربىرىنى ئوتتۇراھال ئىككى ۋاقىت (ياكى تويغۇدەك بىر ۋاقىت) غىزالاندۇرسىمۇ ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ ۋەياكى ئۇنىڭ قىممىتىگە باراۋېرىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. بىراقلا بېرەلمىسە، بىرنەچچىگە بۆلۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەرگەنكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ:
— پەس، كۆڭلى قارا رامازاندا ئايالىغا يېقىن كېلىپ قالدى، — دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ئازاد قىلىدىغانغا بىر قۇل تاپالامسەن؟ — دېۋىدى، ئۇ:
— ياق، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداقتا، ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتالامسەن؟ — دېگەنىدى، ئۇ:
— ياق، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداقتا، ئاتمىش مىسكىنگە تائام بەرگۈدەك بىرنەرسە تاپالامسەن؟ — دېگەنىدى، ئۇ:
— ياق، — دېدى.
شۇندا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر ئەرەق – ئۇ يوغان سېۋەتتۇر – خورما كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ:
— بۇنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن يېگۈزگىن، — دېۋىدى، ئۇ:
— بىزدىنمۇ پېقىرراقلارغىمۇ؟ مەدىنەنىڭ ئىككى سايلىقىنىڭ ئارىلىقدا بىزدىنمۇ پېقىرراق بىر ئائىلە يوق، — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنداقتا، ئۇنى ئائىلەڭگە يېگۈزگىن، — دېدى»(3).
باشقىلارنى غىزالاندۇرۇشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان كەمبەغەل كىشى ئىستىغپار ئېيتىدۇ ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك، باشقىلاردىن كەففارەت ئۈچۈن سەدىقە ئېلىپ ئايالىنى غىزالاندۇرسا، كېيىنچە قۇربى يەتكەندە ئاندىن ئادا قىلسا بولىدۇ. ئالىملار ئارىسىدا «كەففارەت قۇربى يەتمىگەنلىكتىن ساقىت بولىدۇ» دېگەن قاراشمۇ، «گەدىنىدە قالىدۇ» دېگەن قاراشمۇ بار.
ئەسلىدە بۇ زىھار كەففارەتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى يۇقىرىقى تەرتىبتە مۇنداق بايان قىلغان: ﴿سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنى ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇچىلىرىغا ئوخشاش دېگۈچىلەرنىڭ) ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى زىھار قىلغۇچىلار) ئەلۋەتتە يامان سۆزنى، يالغان سۆزنى قىلىدۇ، ئاللاھ، شەك – شۈبھىسىزكى، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. خوتۇنىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن قىلغان سۆزىگە پۇشايمان قىلغانلار خوتۇنى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە نەسىھەت قىلىنىۋاتىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. (ئازاد قىلىشقا) قۇلى يوق ئادەم خوتۇنى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم؛ روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغان ئادەم ئاتمىش مىسكىنگە تويغۇدەك تاماق بېرىشى لازىم. بۇ ھۆكۈملەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، بۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(58/«مۇجادىلە»: 2 – 4).
دېمەك، يۇقىرىقى ئىشلاردىن قايسىبىرىنى تاللاپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئالدىدىكىنى قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئاندىن كېيىنكىگە يۆتكىلىدۇ.
تۆۋەندە بۇ ئەھۋالغا ئالاقىدار بىرقانچە نۇقتىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن:
1) ئەگەر كىشى روزىدارلىقى ئېسىدە يوق يېقىنچىلىق قىلىپ سالسا، ئۇنىڭدىن باشقا روزىنى بۇزىدىغان بىرەر ئىشنى قەستەن قىلمىغان بولسا، ھەنەفىي مەزھەبى، شۇنداقلا كۆپلىگەن مۇھەققىق ئالىملار تەرجىھ قىلغان قاراشتا، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ ۋە قازاسىنى قىلىشىمۇ، كەففارەت بېرىشىمۇ ۋاجىب بولمايدۇ. نەتىجىدە ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. بۇ خۇددى يادىدا يوق يەپ – ئىچكەنگە ئوخشاش(4). چۈنكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(روزىدار) ئېسىدە يوق يەپ – ئىچىپ سالسا، روزىسىنى بۇزىۋەتمەي تاماملاۋەرسۇن، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەندۇر» دېگەن(5). بۇ ھەدىس يېمەك – ئىچمەكتە كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا روزىنى بۇزىدىغان باشقا ئىشلار قىياس قىلىنىدۇ. ھەسەن بەسرىي بىلەن مۇجاھىد: «روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ جىما قىلىپ سالسا، ھېچقىسى يوق» دېگەن(6).
2) بىر كىشى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ ياكى ئېغىز ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغان دەرىجىدە كېسەل تۇرۇپ روزا تۇتقان بولسا، ئاندىن بۇ روزىنى جىما بىلەن بۇزۇۋەتكەن بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئۇنىڭغا كەففارەت كەلمەيدۇ، پەقەت كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋالسىلا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئېغىز ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىنغان.
3) رامازان روزىسىدىن باشقا نەپلە، نەزر، رامازان قازاسى ۋە كەففارەت روزىلىرىنى جىما بىلەن بۇزۇۋەتسە كەففارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى، كەففارەت رامازاننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىدى.
4) «كۈن پاتتى ياكى تېخى تاڭ ئاتمىدى» دەپ ئويلاپ، رامازان كۈندۈزى جىما قىلغان بولسا، كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇنىڭغا كەففارەت كەلمەيدۇ، پەقەت كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋالسىلا بولىدۇ.
5) رامازان كۈندۈزى بىرنەچچە قېتىم جىما قىلغان بولسا، دەسلەپكى جىما بىلەن بىر كەففارەتلا ۋاجىب بولىدۇ. كېيىنكىسى روزا تۇتمىغاندىكى جىما بولغاچقا، بەرىبىر تەسىرى بولمايدۇ. ئىككى كۈننى جىما بىلەن بۇزغان بولسا، ھەربىر كۈنگە ئايرىم كەففارەت كېلىدۇ. «دەسلەپتىكىگە تېخى كەففارەت بەرمىگەن بولسا، ھەممىسىگە بىرلا كەففارەت يېتەرلىك» دېگەن قاراشمۇ بار. دەسلەپتىكىگە كەففارەت بېرىپ بولۇپ، باشقا كۈننىڭ روزىسىنى جىما بىلەن بۇزۇۋەتسە ئايرىم كەففارەت كېلىدۇ. بۇ نۇقتىلارنى ئىمام نەۋەۋىي شۇنداق بايان قىلغان(7).
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 19 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 4 – ئۆكتەبىر
1. زىھار (الظِّهَارُ): ئەرەبچە «دۈمبە ۋە ئۇچا» دېگەن مەنىدىكى «ئەززاھر/الظَّهْرُ» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن ئاتالغۇ بولۇپ، شەرىئەت ئىستىلاھىدا: كىشىنىڭ ئايالىنى ياكى ئايالىنىڭ تېنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىنى ئۆزى بىلەن مەڭگۈلۈك نىكاھ چۈشمەيدىغان ئانىسىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە ئوخشىتىپ، ئايالىنى ئۆزىگە ھارام ھېسابلاپ قەسەم ئىچىشى. جاھىلىيەتتە كىشىلەر ئاياللىرىدىن قاتتىق نارازى بولغاندا «سىز ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىدەك (ھارام)» دېيىش ئارقىلىق ئۇ ئايالنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋېتىپ ھەم قويۇۋەتمەي، ئېسىپ قوياتتى. ئىسلامىيەت بۇنى ھارام قىلىپ، 58/«مۇجادىلە»: 2 – 4 – ئايەتلەردە بۇنى «يامان، ساختا سۆز» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئاخىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇ سۆز تالاق ھېسابلانمايدىغان، لېكىن كەففارەت بەرمىگۈچە ئايالىغا يېقىن كېلەلمەيدىغان بولغان. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 29 – ج، 189 – 210 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺋﻮ. ﺋﯩ. ﺋﯧ»، 935 – بەت.
2. قاراڭ: ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇلئەرەب»، 5 – ج، 144 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 35 – ج، 37 – 38 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺋﻮ. ﺋﯩ. ﺋﯧ»، 1196 – بەت.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1937)؛ مۇسلىم (1111).
4. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 3 – ج، 65 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – ج، 342 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 25 – ج، 226 – بەت؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 2 – ج، 160 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 2 – ج، 34 – بەت.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1933)؛ مۇسلىم (1155).
6. بۇخارىي «روزا تۇتۇش بۆلۈمى»، «روزىدار ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ – ئىچكەن بولسا» بابى. ھەسەن بەسرىي بىلەن مۇجاھىدنىڭ مۇئەللەق رىۋايەتلىرىنى ئابدۇرراززاق (7377، 7375) سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.
7. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – ج، 309 – 342 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…