رامازان ئېيتىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئابدۇلئەزىز ئۇستاز! مەن نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق گۈلنار ئىمام. ئۆزۈم ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسىمەن. مەن بۇ يىل رامازان ئېيىدا ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەندە بىز كىچىكىمىزدە رامازان ئېيتقاندەك رامازان قوشىقى ئېيتىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارغا بىز كىچىكىمىزدە ئېيتقان ۋە «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»دا بېرىلگەن رامازان ئېيتىش ھەققىدىكى بىر يازمىغا قىستۇرۇلغان رامازان قوشاقلىرىنى ئۆگەتكەن ئىدىم. بۈگۈن بىر ئانىنىڭ: «بىز مەسلىھەت سورىغان ئۇستازلار ‹بۇ ئىش دىنىمىزدا توغرا ئەمەس› دەپ مەسلىھەت بەردى. شۇڭا، بالىلار رامازان قوشىقى ئېيتىشقا قېتىلمايدىغان بولدى» دەپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، «دىنىمىزنىڭ رامازان قوشىقى ئېيتىشقا بەرگەن ھۆكۈمىنى بىلىۋالاي» دەپ ئويلىدىم. مۇشۇ ھەقتە بىزگە دىنىمىزنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن بولسىڭىز، كۆپ مىننەتدار بولاتتۇق. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن! ھۆرمەت ۋە سالام بىلەن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
جانابى ئاللاھ ئانا تىل ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى مىللىتىمىزگە بەرىكەتلىك قىلغاي!
بالىلارنىڭ رامازان ئېيى ئىپتار ۋاقتىدا پۈتۈن مەھەللىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى قېقىپ رامازان قوشىقى ئېيتىش ياكى توۋلاش ۋە پۈتۈن ئۆيلەردىن توپلانغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىش ئادىتى شەرقىي تۈركىستاندىلا بار ئادەت بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا بالىلار قىلىپ كېلىۋاتقان تەربىيەۋى، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي رولى ئىنتايىن چوڭ، گۈزەل ئىسلامىي ئادەتتۇر.
ئىنسان تەبىئىتى ئاللاھنىڭ پەزل – مەرھەمەتى ۋە ئىنئاملىرىغا سۆيۈنىدۇ، خۇشال بولىدۇ. مۇئمىنلەر بولسا باشقا دۇنيا ئەھلىدىن پەرقلىق ھالدا «قۇرئان كەرىم» نازىل بولۇشقا باشلىغان، بىر ئاي بويىچە روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان، كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇلىدىغان، زاكات ۋە خەير – ئېھسانلار كۆپ قىلىنىدىغان، گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدىغان، سەككىز جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان، يەتتە دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدىغان، شەيتانلار باغلىنىدىغان، ئاخىرقى ئونىدا مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسىدەك ئۇلۇغ بىر كېچە بار بۇ ئۇلۇغ ۋە بەرىكەتلىك ئاينىڭ كېلىشى بىلەن خۇشال بولىدۇ.
رامازان ئېيى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى نەزەرىدىمۇ ئالاھىدە روھىي مەنىۋىيەت ۋە قىممەتكە ئىگە.
بۇ سەۋەبتىن جىمى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بۇ ئاينىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ، بۇ ئايدا ئۆگىنىلىدىغان ئىمانىي دەرسلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە بۇ ئايدىكى خەيرنىڭ تەسىرى تەنلەرگە، قەلبلەرگە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتكە زور ھەم ئىجابىي بولىدۇ.
مەلۇمكى، قوشاق رىتىم ۋە ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك شېئىرىي ئەسەر. سەھىھ ھەدىسلەردە ۋە سىيرەتتە كېلىشىچە، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەسھاب كىراملىرى سورۇنلىرىدا ۋە سەپەرلىرىدە يەككە ۋە كوللېكتىپ شېئىر ئوقۇشقان، باشقىلاردىن شېئىر ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئاڭلىغان. ئەسھاب كىراملەردىن ھەسسان ئىبنى سابىت، ئامىر، كەئب ئىبنى مالىك، ئەنجەشە ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار شېئىر ۋە قوشاقلىرى بىلەن تونۇلغان زاتلاردۇر. بۇ زاتلارنىڭ بەزىلىرى مەخسۇس «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شائىرلىرى» دەپ تونۇلغان ئىدى.
قوشاق، شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدىكى تەربىيەۋى رولى ۋە تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ھەدىس شەرىفلىرى تەكىتلەيدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى بۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىمىز؟! رامازان ئېيتىش نېمە ئۈچۈن ۋە نېمىگە ئاساسەن دىندا توغرا بولمايدىكەن؟!
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن دېيەلەيمىزكى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئاينى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىپ، بىر ئاي ئىچىدە رامازان ئېيتىش پائالىيەتلىرىنى قىلىشىنىڭ ھۆكمى مۇستەھەبتۇر. رامازان قوشاقلىرىنى ياكى مەزمۇنى ساغلام قوشاق – شېئىرلارنى ھېلىغۇ غۇبارسىز نارەسىدە بالىلاركەن، رامازاندا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئايلاردا چوڭلار ئېيتسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بىز بىلىدىغان رامازان قوشاقلىرى ئىمان – ئىسلامنى ۋە ئۇشبۇ مۇبارەك ئاينى ئۇلۇغلاشنى ئاساس قىلىدۇ. سېخىيلىقنى ماختاش، بېخىللىقنى ئەيىبلەش، ئۆي ئىگىلىرىگە دۇئا قىلىش، تاپقاننى تەڭ يېيىش ۋە قېرىنداشلىق روھىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئېسىل ئىمانىي، ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي قىممەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭلا كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ قالماستىن، يەنە ئۆي ئىگىلىرى ۋە چوڭلارنىمۇ شادلاندۇرىدۇ. بالىلارنىڭ خاتىرىسىگە رامازان بىلەن باغلانغان گۈزەل ئەسلىمەلەرنى قالدۇرىدۇ. ئۇنى چەكلەيدىغان ھېچبىر سەۋەب ياكى دەلىل يوق. شۇڭا، بۇ بىزنىڭ ئىسلامىيەت روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان، ئانا تىلىمىز بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەدەبىي مىراسىمىز ۋە مىللىي ئەنئەنىمىز سۈپىتىدە مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇلغاي!
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 18 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 3 – ئۆكتەبىر
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…