غايىبانە جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ۋەتەندە تۈگەپ كەتكەنلەر ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ۋەتەندە ياكى باشقا جايدا ۋاپات بولغانلارنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، بىر ياكى بىرقانچە يەردە غايىبانە جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈشنىڭچۇ؟ تەكرار ئوقۇلغان جىنازا نامىزىغا قاتناشسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
جىنازا نامىزى / صَلاَةُ الْجِنَازَةِ — ئەرەبچە «مېيىت ياكى تاۋۇتتىكى مېيىت» مەنىسىدىكى «جىنازا» كەلىمەسى بىلەن ئاتالغان بۇ ناماز فىقھ ئىستىلاھىدا: يۇيۇپ – تارالغان مۇسۇلمان مېيىتكە دەپنە قىلىنىشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىپ ۋە مەغپىرەت تىلەپ، تەكبىر ۋە قىيام بىلەنلا رۇكۇ، سەجدە ۋە تەشەھھۇدسىز ئوقۇلىدىغان پەرز كۇپايە نامازدۇر. بۇ مۇسۇلمان بىر ئىنسان ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ئادا قىلىنىشقا تېگىشلىك «يۇيۇپ – تاراش، كېپەنلەش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، دەپنە قىلىش ۋە قەرزىنى ئادا قىلىش» قاتارلىق بەش ھەققىنىڭ بىرىدۇر. مېيىت نامىزى ئۈچۈن باشقا نامازلاردىكىدەك تاھارەت، قىبلەگە يۈزلىنىش ۋە نىيەت قاتارلىقلار شەرت بولۇپ، ئۇنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش پەرز ئەمەس، سۈننەتتۇر(1).
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاسارەت ئاستىدا خىتتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچار بولۇشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆلۈم – يېتىم ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرمەكتە. بۇ سەۋەبتىن مەيلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا يەرلىرىدە تۇغقانلىرى بارلار بولسۇن ياكى مۇھاجىرەتتە تۇغقانلىرى بارلار بولسۇن، جىنازا نامىزى ئوقۇش، جىنازا نامىزىنى تەكرار ئوقۇش ياكى غايىبانە ناماز چۈشۈرۈش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقماقتا ۋە بۇ ئىشلار مۇھاجىرەتتىكى ھەربىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلمەكتە. تۆۋەندە بۇنىڭغا ئالاقىدار نۇقتىلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن:
1) مېيىتنىڭ نامىزى بىر جايدا بىر ياكى بىرقانچە مۇسۇلمان تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن بولسا، پەرز كۇپايە ئادا قىلىنغانلىقتىن، ئۇ مېيىتكە قايتا ناماز چۈشۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى، بىز يۇقىرىدا «جىنازا نامىزى پەرز كۇپايە، جامائەت بولۇپ ئوقۇش پەرز ئەمەس، سۈننەت» دېدۇق. پەرز كۇپايە ئەر ياكى ئايال بىر مۇسۇلماننىڭ ناماز چۈشۈرۈشى بىلەن ئادا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىدا باشقىچە قاراش ئاساسەن يوق(2). كورونا ۋە ئۆيلەرگە قامال قىلىۋېلىش مەزگىللىرىدە ۋەتىنىمىزدە جىنازىلەرگە شۇ بىر – ئىككى كىشىلا ناماز چۈشۈرەلىگەن بولۇشى مۇمكىن.
پەقەت بىر ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ بولسىمۇ مېيىت نامىزىنى ناۋادا ئىسلام ھاكىمى، قازى ياكى مېيىتنىڭ ۋەلىيسىدىن باشقىلار چۈشۈرگەن بولسا، مېيىتنىڭ ۋەلىيسى قايتا چۈشۈرسە بولىدۇ. ئىسلام ھاكىمى ياكى قازى چۈشۈرۈپ بولغان ئەھۋالدا، ۋەلىينىڭ قايتا چۈشۈرۈشىگە بولمايدۇ. مېيىتنىڭ ۋەلىيسى قايتا چۈشۈرسە بولىدىغان ئەھۋالدا مېيىت دەپنە قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، پۈتۈنلەي چىرىپ كەتكۈچە ۋەلىيسى قەبردىكى مېيىتكە تۇپراق بېشىدا تۇرۇپ ناماز چۈشۈرسە بولىدۇ.
بىر ھەدىستە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەرگەنكى: «ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻧﯩﯔ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ئەر – ﻳﺎﻛﻰ بىر ئايال(3) – ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ:
— ﺋﯘ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، — ﺩېيىشتى. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:
— ماڭا خەﯞﻩﺭ قىلساڭلاﺭ بولماسمىدى؟ مېنى ئۇ ئەرنىڭ – ياكى ئۇ ئايالنىڭ – قەبرىسىگە باشلاﭖ بېرىڭلاﺭ! — ﺩﻩﭖ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﻯ»(4).
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەزكۇر مېيىتنىڭ نامىزىنى ئاتايىتەن ئۆزى ئىككىنچى قېتىم چۈشۈرۈشىنىڭ سەۋەبى بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسلىدە ئۇ كىشىنىڭ ۋەلىيسى ئىكەنلىكىدۇر.
ئەگەر ۋەلىي نامازنى چۈشۈرۈپ بولغان بولسا، باشقىلارنىڭ قايتا ناماز چۈشۈرۈش ھوقۇقى بولمايدۇ. نامازنى چۈشۈرگەنلەرمۇ قايتا چۈشۈرسە بولمايدۇ. چۈنكى، ناماز ۋەلىي بىلەن ئادا تېپىپ بولدى. ئەگەر ۋەلىيدىن كېيىن يەنە ناماز چۈشۈرسە، بۇ نەپلە بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى، جىنازا نامىزىنىڭ نەپلەسى بولمايدۇ(5).
ئىمام مەۋسىلىي بۇ ھەقتە دەيدۇكى: «ناۋادا نامازنى قايتا چۈشۈرۈش دۇرۇس بولسا ئىدى، ئەسھاب كىرام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە باشقىلارغا قايتا – قايتا ناماز چۈشۈرگەن بولاتتى. ئەگەر ئۇلار نامىزىنى چۈشۈرگەن بولسا، ئەلۋەتتە نەقىل قىلىنغان بولاتتى. ھالبۇكى، بۇنداق قىلىنغانلىقى نەقىل قىلىنمىغان»(6).
نامازنى قايتا – قايتا چۈشۈرۈش مېيىتنىڭ تېز دەپنە قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقى جەھەتتىنمۇ سۈننەتكە خىلاپتۇر.
ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق بەزى ئالىملار: «جىنازا نامىزى چۈشۈرۈپ بولغانلار تېخى چۈشۈرمىگەن ۋەلىينىڭ نامىزىغا ئىقتىدا قىلىپ قايتا چۈشۈرسە بولىدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇنى ئادەتتىكى پەرز نامازلارغا قىياس قىلغان. چۈنكى، ئادەتتىكى پەرز نامازنى ئوقۇپ بولغان كىشى شۇ نامازنى ئوقۇۋاتقان جامائەتكە ئىقتىدا قىلىپ شۇ پەرزنى تەكرار ئوقۇسا بولاتتى(7).
لېكىن، يۇقىرىقى ھەدىس شەرىفكە ئاساسەن، بىر قېتىم ئىمام بولۇپ ئوقۇغان كىشى قايتا ئىمام بولۇپ ئوقۇمايدۇ. ئەمما، «ناماز ئوقۇيالمىغان ۋەلىي ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ نامىزىغا قاتناشسا بولىدۇ» دېيىش ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى، ئۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى قايتا چۈشۈرمىگەن، بۇرۇن نامازنى چۈشۈرگەن ئىماممۇ قايتا ئىمام بولۇپ چۈشۈرمىگەن. نامازغا قاتنىشالمىغانلارمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز چۈشۈرگەندىن كېيىن قايتا ناماز چۈشۈرمىگەن.
2) زۇلۇم ۋە باشقا سەۋەبلىك مېيىتنىڭ نامىزى بىر ياكى بىرقانچە مۇسۇلمان تەرىپىدىن چۈشۈرۈلمەستىن دەپنە قىلىنغان بولسا، ۋەلىيسى ياكى باشقا مۇسۇلمانلار پەرز كۇپايەنى ئادا قىلىپ قەبردىكى مېيىتكە «جەسەد چىرىپ كەتمىدى» دەپ قارالغان ئەھۋالدا، تۇپراق بېشىدا تۇرۇپ نامىزىنى چۈشۈرسە بولىدۇ. يۇقىرىقى ھەدىسمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. ناۋادا چىرىپ كەتكەن بولسا، (ئۇ چاغدا بۇ جەسەد) ھەدىسلەردە كەلگەن «مېيىت» دېگەن ئۇقۇم دائىرىسىدە بولمايدۇ – دە، مېيىت بولمىغانلىقتىن نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ. دەرۋەقە، چىرىپ كېتىش مۇددىتى پەسىل ۋە تۇپراققا بېقىپ ھەر خىل بولىدۇ. ناۋادا نامىزىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇلمىغانلىقى ئايان بولغان بولسا، يۇيۇپ – تاراپ نامىزىنى قايتا چۈشۈرىدۇ. ئەگەر دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىلىنسە، قەبرىسى ئېچىلمايدۇ. چۈنكى، قەبرىنى ئېچىش مېيىتكە ئاھانەت قىلغانلىقتۇر(8).
قەبرنى ئاچقاندىن كېيىن مېيىت توپا – چاڭلارغا مىلەنگەن ھالەتتە چىقىدۇ. بۇ قارىماققا كىشىگە تولىمۇ يېقىمسىز كۆرۈنىدۇ. شۇڭا، ئىماملىرىمىز بۇنى مېيىتكە ئاھانەت قىلغانلىققا باراۋەر دەپ قارىغان.
3) بىر شەھەردە نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغان مېيىتنىڭ ئۇ شەھەردە غايىبانە نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ. بۇنى ھەتتا «غايىبانە جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ» دېگەن ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكىمۇ توغرا تاپمىغان. چۈنكى، ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتقاندەك: «بۇ ھەقتە بىرەر ھەدىس ياكى سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن نەقىل كەلمىگەن. بۇ جائىز بولسا ئىدى، ئۇ مەھەللىدىكىلەرگە بۇ مەھەللىدىكىلەر غايىبانە ناماز چۈشۈرگەن بولاتتى. بولۇپمۇ كېسەللىك، تۈرمىدە بولۇش، ھاۋا رايى ياكى ئالدىراشچىلىق قاتارلىق ئۆزرىلەر سەۋەبلىك نامازغا قاتنىشالمىغانلار ئوقۇغان بولاتتى. ئۇنداق نەقىل كەلمىگەندىن كېيىن بۇنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. مېيىتكە ھەرزامان تاھارەتلىك ۋە تاھارەتسىز، قىبلىگە قاراپ ياكى قارىماي، ئۆرە ياكى ئولتۇرۇپ، ياكى يېتىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشقا بولسىمۇ، جىنازا نامىزى ئۈچۈن شەرئىي شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك»(9).
4) زۇلۇم ۋە باشقا سەۋەبلىك مېيىتنىڭ نامىزى بىر ياكى بىرقانچە مۇسۇلمان تەرىپىدىن چۈشۈرۈلمەستىن دەپنە قىلىنغان بولسا، ۋەلىيسى ياكى باشقا مۇسۇلمانلار تۇپراق بېشىدا تۇرۇپمۇ نامىزىنى چۈشۈرەلمىگەن بولسا، ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەرقانداق بىر توسالغۇ بىلەن نامىزى ئوقۇلمايدىغانلىقى مەلۇم بولسا، كۈچلۈك قاراشتا ئۇنىڭ نامىزىنى باشقا يۇرتتا ئوقۇش پەرز كۇپايە بولىدۇ، ئارىلىقنىڭ يىراق بولۇشى نامازنى غايىبانە بولسىمۇ ئوقۇشنى تەرك ئېتىشكە سەۋەب بولالمايدۇ.
ئەسلىدە بۇ مەسىلىدە ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھەبلەردە، شۇنداقلا ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر قاراشتا غايىبانە جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ. چۈشۈرۈلسە، ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. بۇلارنىڭ قارىشىچە، مېيىت نامىزى چۈشۈرۈش ئۈچۈن جەسەد نامازخاننىڭ ئالدىدا بولۇشى شەرت. جەسەد ئالدىدا بولمىغاندا، غايىبانە ناماز چۈشۈرۈش يولغا قويۇلمىغان. ناۋادا دۇرۇس بولسا ئىدى، كىشىلەر ھەممە يۇرتلاردا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەن بولاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ باشقا جايلاردا ۋاپات بولغان ساھابەلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەن بولاتتى. ئەگەر ئۇلار نامىزىنى چۈشۈرگەن بولسا، ئەلۋەتتە نەقىل قىلىنغان بولاتتى. ھالبۇكى، بۇنداق قىلىنغانلىقى نەقىل قىلىنمىغان(10). يەنە ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىق زاتلار ۋاپات بولغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ غايىبانە نامىزىنى چۈشۈرگەن بولاتتى. ھالبۇكى، بۇنداق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنمىغان.
شافىئىي ۋە ھەنبەلىي ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەبەش ھۆكۈمدارى نەجاشىينىڭ غايىبانە (يەنى جەسەد يوق تۇرۇقلۇق) نامىزىنى چۈشۈرگەنلىكىگە ئاساسەن، «غايىب مېيىتنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ» دەپ قارىغان(11).
«سەھىھەين»دە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسھەمە ئەننەجاشىينىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ تۆت تەكبىر ئېيتقان» دەپ رىۋايەت قىلغان(12).
«سەھىھەين»دە يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «نەجاشىي ۋاپات بولغان كۈنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەتكۈزۈپ(13)، نامازگاھقا چىقىپ ساھابەلەر بىلەن سەپ تارتىپ تۆت تەكبىر ئېيتىپ ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى» دەپ رىۋايەت قىلغان(14).
بۇ گەرچە سەھىھ ھەدىس بولسىمۇ، ھەنەفىي ۋە مالىكىي ئالىملار بۇ ھەدىسنى مۇنداق چۈشەنگەن: «بۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس ئەھۋال. خاسلىقىنىڭ ئىسپاتى شۇكى، ئۇ زامانلاردا نۇرغۇن كىشىلەر باشقا جايلاردا ۋاپات بولغان تۇرۇقلۇق نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەجاشىيدىن باشقا ھېچبىرىگە غايىبانە ناماز چۈشۈرمىگەن. نەجاشىينىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەنلىكىگە كەلسەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆزىگە نەجاشىينىڭ (ياتقان) تاۋۇتى كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇ زات نەجاشىينىڭ جەسەدىنى كۆرۈپ تۇرۇپ نامىزىنى چۈشۈرگەن. بۇنىڭ ئىسپاتى شۇكى، ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: ‹رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە: ”ھەقىقەتەن، قېرىندىشىڭلار نەجاشىي ۋاپات بولدى، تۇرۇپ ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈڭلار!“ دەپ ئورنىدىن تۇردى. ساھابەلەر ئارقىسىدا سەپ بولغاندا، رەسۇلۇللاھ تۆت تەكبىر چۈشۈردى. ئۇلار (ساھابەلەر) ”ئۇنىڭ جىنازىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا بار“ دەپ ئويلايتتى»(15).
ئەبۇ ئەۋانە «سەھىھ»ىدە كەلتۈرگەن رىۋايەتتە: «…شۇنداق قىلىپ، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز چۈشۈردۇق. بىز ئۇ چاغدا ‹جىنازا چوقۇم ئالدىمىزدا بار› دەپ قارايتتۇق»(16) دەپ كەلگەن.
مەدىنەدىكى ساھابەلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھەبەشىستاندىكى نەجاشىينىڭ جىنازىسىنىڭ بېشىدا تۇرغاندەك جەزملەشتۈرۈشى ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرەر ئۇچۇرغا تايانغان بولۇشى كۈچلۈك ئېھتىمالدۇر.
بۇ ۋەجدىن، ئىمام خەتتابىي، ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق بەزى شافىئىي ۋە ھەنبەلىي ئالىملار: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەجاشىينىڭ يۇرتىدا نامىزىنى چۈشۈرىدىغان ھېچكىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن غايىبانە نامىزىنى چۈشۈرگەن ۋە شۇنىڭدەك دىيارىدا ھېچكىم نامىزىنى چۈشۈرەلمىگەنلەرنىڭ غايىبانە نامىزىنى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمكان بولمىغانلىقتىن جەسەد ئالدىدا نامىزى چۈشۈرۈلمىگەن ئەھۋالدا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جەسەد يوق جايدا نامىزىنى چۈشۈرۈش مۇئەييەنلىشىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئەھۋاللاردا غايىبانە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئىبادەتتە ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بەلگىلەپ بېرىشى ئاساستۇر» دەيدۇ(17). بۇ ئىمام ئەھمەدتىنمۇ كەلگەن بىر قاراش بولۇپ، بۇ قاراشتىكىلەر ھەنەفىي ۋە مالىكىيلەرگە بىر قەدەم يېقىنلاشقان ۋە بۇنىڭ بىلەن مەسىلىنى دەلىللەر ئاساسىدا مۇۋاپىق ھەل قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «نامىزى چۈشۈرۈلگەنلەرنىڭ نامىزى باشقا جايلاردا غايىبانە چۈشۈرۈلمەيدۇ» دېگەن قاراش ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئېيتقاندەك، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر(18).
ئىمام ئىبنۇلقەييىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «يىراقتا ۋاپات بولغان بارلىق مېيىتلەرگە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نە يولى، نە سۈننىتى ئەمەس. يىراقلاردا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ۋاپات بولغان، لېكىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ غايىبانە نامىزىنى ئوقۇمىغان. پەقەت ھەبەش پادىشاھى نەجاشىي ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى ئالدىدىكى مېيىتنىڭ نامىزىنى ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇغان… نەجاشىينىڭ جىنازىسى كۆتۈرۈلۈپ رەسۇلۇللاھقا كۆرسىتىلگەن، قانچىلىك يىراقتا بولسا بولسۇن، رەسۇلۇللاھ ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئالدىدىكى مېيىتنىڭ نامىزىنى ئوقۇغان بولۇشى مۇمكىن، ساھابەلەر جىنازىنى كۆرمىسىمۇ نامازدا رەسۇلۇللاھقا ئەگەشكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نەجاشىيدىن باشقا يىراقتا ۋاپات بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ غايىبانە نامىزىنى ئوقۇغانلىقىنىڭ رىۋايەت قىلىنمىغانلىقىمۇ بۇنىڭ دەلىلىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغىنى سۈننەت بولغاندەك، قىلمىغىنىمۇ سۈننەتتۇر. رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ھېچكىمگە نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن يىراقتىكى مېيىتنىڭ جىنازىسى كۆرسىتىلمىگەنلىكىدىن بۇ ئىشنىڭ پەقەت رەسۇلۇللاھقا مەخسۇس ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ… شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: ‹توغرىسى، ئەگەر يىراققا كەتكەن كىشى ئۇنىڭ نامىزى ئوقۇلمايدىغان بىر مەملىكەتتە ۋاپات بولغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەجاشىينىڭ نامىزىنى ئوقۇغىنىدەك، ئۇ كىشىنىڭمۇ غايىبانە نامىزى ئوقۇلىدۇ. چۈنكى، ئۇ كافىرلارنىڭ ئارىسىدا ئۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىزى ئۇ يەردە ئوقۇلمايدۇ. ئەگەر ئۇ ۋاپات بولغان يەردە نامىزى ئوقۇلسا، ئۇنىڭغا غايىبانە ئوقۇلمايدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇشى بىلەن پەرز ساقىت بولىدۇ›. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىراقتا ئۆلگەن كىشىنىڭ نامىزىنى ئوقۇغان ۋە ئوقۇمىغان. ئۇ زاتنىڭ قىلغىنىمۇ، قىلمىغىنىمۇ سۈننەت. بۇنىڭ يېرى باشقا، ئۇنىڭ يېرى باشقا. ۋەللاھۇ ئەئلەم. ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھەبىدە ئۈچ خىل قاراش بار. ئۇلاردىن ئەڭ سەھىھ بولغىنى مۇشۇ تەپسىلاتتۇر»(19).
5) غايىبانە جىنازا نامىزى بىلەن پەرز كۇپايە ئادا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ھەجەر: «غايىبانە جىنازا نامىزىنى جائىز دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى بۇ نامازنىڭ پەرز كۇپايەنى ساقىت قىلىدىغانلىقىغا ئىجماﺋ قىلغاندۇر» دېگەن(20).
ۋەلھاسىل، نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغان مېيىتنىڭ نامىزىنى غايىبانە چۈشۈرۈش يوق. ئەمما، قانداق بىر توسالغۇ تۈپەيلى نامىزى چۈشۈرۈلمىگەن مېيىتنىڭ نامىزى يۇرتىدا ياكى باشقا جايلاردا غايىبانە چۈشۈرۈلسە بولىدۇ. بەلكى بۇ ئەھۋالدا غايىبانە چۈشۈرۈش پەرز كۇپايە. بىدئەت ئىش قىلماسلىق ياكى بىدئەت پەيدا قىلىشقا ھەسسە قوشماسلىق ئۈچۈن، تەكرار ئوقۇلغان جىنازا نامىزىغا ياكى تەكرار ئوقۇلغان غايىبانە نامازغا قاتناشماسلىق ئەڭ توغرىدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1445، 16 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 1 – ئۆكتەبىر
1. در. مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «مُعْجَمُ لُغَةِ الْفُقَهَاءِ (فۇقەھائ لۇغىتى قامۇسى)»، 146 -، 247 – بەتلەر؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 16 – ج، 17 -، 18 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺋﻮ. ﺋﯩ. ﺋﯧ»، 482 – بەت.
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5 – ج، 214 – بەت؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2 – ج، 361 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2 – ج، 208 – بەت.
3. راۋىيلەردىن سابىت قاﺭﺍ تەنلىك كىشىنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىدا ئىككىلىنىپ قالغان. توغرىسى، ئىبنى خۇزەيمەنىڭ رىۋايەتىدە كېلىشىچە، ئۇ بىر ئايال كىشى بولۇپ، بەيھەقىي رىۋايەتىدە ئىسمى «ئۇممۇ مىھجەن» دەپ كەلگەندۇر. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1 – ج، 553 – بەت.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (458)؛ مۇسلىم (956).
5. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 100 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2 – ج، 246 – بەت؛ ھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 3 – ج، 54 – بەت؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2 – ج، 372 – بەت.
6. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 100 – بەت.
7. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5 – ج، 246 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 23 – ج، 388 – بەت؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2 – ج، 372 – بەت.
8. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 100 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6 – ج، 334 – بەت.
9. ئىبنى تەيمىييە: «جامىئۇل مەسائىل»، 4 – ج، 178 – بەت.
10. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 101 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 1 – ج، 501 -، 502 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 16 – ج، 20 – بەت.
11. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4 – ج، 481 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5 – ج، 253 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 16 – ج، 20 – بەت.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1334)؛ مۇسلىم (952).
13. بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇئجىزىلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى، ھەبەشىستان دىيارى بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئارىلىقى شۇنچە يىراق تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھ ساھابەلەرگە نەجاشىينىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئۇ ۋاپات بولغان كۈنىدە يەتكۈزگەن.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1245)؛ مۇسلىم (951).
15. ئىبنى ھىببان (3102). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
16. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3 – ج، 188 – بەت.
17. خەتتابىي: «مەئالىمۇسسۈنەن»، 1 – ج، 310 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «جامىئۇل مەسائىل»، 4 – ج، 177 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3 – ج، 188 – بەت؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2 – ج، 374 – بەت.
18. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 6 – ج، 328 – بەت.
19. ئىبنۇلقەييىم: «زادۇلمەئاد»، 1 – ج، 501 -، 502 – بەت.
20. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3 – ج، 189 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…