Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

گىرىمچىلىك كەسپى ۋە ئۇزاق تۇرىدىغان گىرىمنىڭ ھۆكمى

گىرىمچىلىك كەسپى ۋە ئۇزاق تۇرىدىغان گىرىمنىڭ ھۆكمى

گىرىمچىلىك كەسپى ۋە ئۇزاق تۇرىدىغان گىرىمنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قىز – ئاياللارنىڭ توي ئۈچۈن ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىشى ۋە شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە ئۇنىڭ تۈرىدىن ئۇزۇن مەزگىل تۇرىدىغان kalıcı makyaj (قاش قاپاق ۋە تېرىگە گىرىمنى چېكىپ ئۇنىڭ تەسىرى 6 ئايدىن 1 يىلغىچە تۇرىدىغان) گىرىم توغرىسىدا تەپسىلىي جاۋاب بەرگەن بولسىلا!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قىز – ئاياللارنىڭ توي ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن گىرىم قىلىشى، گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىشى ۋە گىرىمچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشى گىرىمنىڭ مۇباھ ياكى ھارام دائىرەدە بولۇشىغا، شۇنداقلا گىرىمنىڭ توغرا مەقسەت ئۈچۈن قىلىنىشىغا قاراپ مۇباھ ياكى ھارام بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن گىرىم قىلىشتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىر ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئايرىم بىلىشى لازىم. مەسىلەن، چاچنى قىسقارتىش، بۈدۈر قىلىش، يۈز ۋە بەدەندىكى قاشتىن باشقا مويلارنى ئېلىۋېتىش… قاتارلىق ئىشلار جائىز. قاشنى ئىنچىكىلىتىش، چاچ ئۇلاش، ئەۋرەتكە قاراش، بوتوكس… قاتارلىقلار ھارام. بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمى ھەققىدە يېزىلغان ئايرىم پەتۋا بار(1).

بەلكى تېخى ئايالنىڭ ئېرى ئۈچۈن ياسىنىشى ۋە گىرىم قىلىشى شەرئەن تەلەپ قىلىنغان مۇستەھەب ئىشتۇر. ئايال گىرىمنى ئۆزى قاملاشتۇرۇپ قىلالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ بارىدا كەسپىي گىرىمچىكلەرگە ئېھتىياج بولىدۇ. نەتىجىدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن خالىي بولغىنىدا، گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىش ۋە گىرىمچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش مۇستەھەب ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ھىجابسىز ۋە نامەھرەملەرگە گىرىم بىلەن ئارىلىشىدىغان خېرىدارلارنى گىرىمچىكلەر رەت قىلالىسا، رەت قىلىشى كېرەك، (قانۇن ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى) رەت قىلالمايدىغان بولسا، ئۇلارغا گىرىم قىلسا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا گۇناھ شۇ گىرىمنى قىلىپ ھىجابسىز يۈرگۈچىگە بولىدۇ.

بۇ خىل ھارام ئىشلارغا ئايالنىڭ ئېرى رۇخسەت قىلسىمۇ بەرىبىر. ئەرنىڭ رۇخسىتى شەرىئەت ھارام قىلغان نەرسىنى مۇباھ قىلالمايدۇ.

ئۇزاق تۇرىدىغان گىرىم (kalıcı makyaj ياكى Permanent makeup) ئادەتتىكى كىلاسسىك گىرىم بوياقلىرىنى ئىشلەتمەستىن، قاش – قاپاق، كىرپىك، لەۋ ۋە مەڭزىنىڭ رەڭگى قاتارلىق يۈزىدىكى تەپسىلىي كۆرۈنۈشنى سۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن ئۇزۇن مۇددەت (ئالتە ئايدىن 3 يىلغىچە) گۈزەل كۆرسىتىدىغان تېخنىكانى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا داغ ياكى ئاق كېسەل ئەسەرىنى يۆگەش، سۈنئىي كىرپىك تاقاشتەك ئىشلارمۇ بولىدۇ. كۆز ياكى لەۋگە مايكروبىلىدىڭ تېخنىكىسى (MICROBLADING) نى قوللىنىپ، گىرىم قىلىنماقچى بولغان ئورۇننى مەست قىلىپ، بوياق تولدۇرۇلغان ئىنچىكە يىڭنىلىك قەلەمدەك بىرنەرسە بىلەن تېرىگە رەڭ ئۇرىدۇ. بۇنى بىر خىل ھۆسن تۈزەش دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ گىرىم گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شۇ گىرىمنى ھەر 2 – 3 يىلدا بىر قېتىم قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇزاق تۇرىدىغان گىرىمنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، بۇنىڭدىمۇ قىلدۇرغۇچىنىڭ ھەربىر ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئايرىم بىلىشى لازىم. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇزاق تۇرىدىغان گىرىمدە مەيلى قاش ۋە لەۋ سىزىش بولسۇن، ياكى سۈرمە تارتىش، ياكى لەۋنى قىزىللاشتۇرۇش، ياكى تېرىنى ئاقارتىش ۋەياكى بوياش بولسۇن، ئاساسلىقى تېرىنىڭ ئۈست قىسمىغا يىڭنە سانجىپ رەڭ بېرىش بولۇپ، بۇ رەڭ سۈزۈك سۇدا ياكى سوپۇن بىلەن يۇيغاندا يوقاپ كەتمەيدىغان رەڭ بولغاچقا، بۇ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەدەنگە گۈل چەككۈچى ئايالغا ۋە چەكتۈرگۈچى ئايالغا لەنەت قىلغان»(2) دېگەن ھەدىس دائىرەسىگە كىرىدۇ ۋە ئاياللار بولسۇن، ئەرلەر بولسۇن، بەدەنگە گۈل، خەت ۋە سۈرەت چېكىش ھارام قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن بولىدۇ.

ھەدىستىكى تېرىگە رەڭ چېكىش «تاتتو (tattoo)» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇرۇنقى زامانلاردا يىڭنە بىلەن كۆك رەڭنى تېرىگە چوڭقۇرراق ئۇرۇپ، رەڭنىڭ قان بىلەن بىرىكىپ ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇشى بىلەن بولاتتى. ئۇزاق مۇددەت قالىدىغان گىرىمدە ياكى «ھۆسن تۈزەش تاتتوسى» دەپ ئاتالغان ئىشتا تۈرلۈك رەڭلەرنى تېرىنىڭ يۈزەكى قىسمىغا تېرىنى غىجىپ ياكى تىتىپ قان چىقارماستىن، يىڭنە بىلەن ئۇرىدۇ. بۇ چېكىلگەن رەڭ يۇيۇش بىلەن چىقمايدۇ. شۇڭا، بۇمۇ چەكلەنگەن دائىرەدىكى گۈل چېكىشكە ئوخشاش. چۈنكى، بۇنىڭدا قان چىقىش ئاساس ئەمەس، رەڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت قېلىشى ۋە يۇيسا يوقىماسلىقى ئاساس. ھەر ئىككىسىدە چېكىش ئۇسۇلى ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى بىر قېتىم قىلدۇرغانلار بىر – ئىككى يىلدىن كېيىن گۈزەللىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھەر بىرقانچە يىلدا قايتا قىلدۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. ئۇنى يوقىتىش مۇھال بولمىسىمۇ، ئاسان ئەمەس. نەتىجىدە ئۆچمەس گۈل چەككەنگە ئوخشاپ قالىدۇ. مۇبادا سۇ بىلەن يۇيسا ئۆچۈپ كېتىدىغان ماي ياكى بوياق بولسا، ياكى چاپلىما بولسا ئىدى، خېنىگە ياكى سۈرمىگە ئوخشاپ چەكلەنمەيتتى. يەنە كېلىپ بۇ تېخنىكا ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدىغان خىمىيەۋى ماددىنى تېرە ئۈستىگە يىڭنە بىلەن ئۇرۇشقا تايىنىدىغان بولغاچقا، بۇ ماددا تەر چىقىرىش ۋە ھەرخىل توكسىن، زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىۋېتىشتەك مۇھىم رولى بار تېرە تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋېلىشى، نەتىجىدە بەدەن سىرتىغا چىقالماي قالغان ماددىلارنىڭ تەر بەزلىرى ئەتراپىغا يىغىلىپ ياللۇغ، ئىششىق، ئاغرىق، قىزىرىش، سېزىمچانلىق كېسىلى، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ۋە دانىخورەك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ نەتىجىسى قىسقا ۋاقىتتا كۆرۈنمىسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇمۇ «ھارام» دېيىشكە قوشۇمچە ئاساس بولىدۇ. دېمەك، ئۇزاق تۇرىدىغان گىرىمدىكى يىڭنە سانجىپ تېرىگە رەڭ بېرىشمۇ ھارام دائىرەدىكى ئىش. بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېرىگە رەڭ چېكىشكە ئالغان ئىش ھەققىمۇ ھارام بولىدۇ. بۇنىڭدىن پەقەتلا ئاق كېسەل، داغ ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن قاش چۈشۈپ كېتىشكە مۇبتىلا بولغان كىشىنىڭ نورمال تېرە رەڭگى چەكتۈرۈشى (Micropigmentation) داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى ئۈچۈن مۇستەسنا قىلىنىدۇ.

شۇنىمۇ دەپ قويۇش كېرەككى، تېرىگە سۈرتىدىغان بوياقلار تېرىگە سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان (waterproof) بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىنغان تاھارەت ھېساب بولمايدۇ. تاھارەت بولمىسا، نامازمۇ بولمايدۇ.

ۋەلھاسىل، ئۇزاق تۇرىدىغان گىرىم (kalıcı makyaj ياكى Permanent makeup) نىڭ كۆپ تۈرى ھارام دائىرەگە، ئاز بىر قىسمى مۇباھ دائىرەگە كىرىدىغان بولغاچقا، ھەربىر تۈرنىڭ ھۆكمىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن شۇ ئىشنىڭ جەريانىنى ۋە نەتىجىسىنى تەپسىلىي بىلىش لازىم بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 4 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2023، 19 – سېنتەبىر


1. بۇ ھەقتە قاراڭ: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «قاش تېرىش ۋە يۈزدىكى مويلارنى ئېلىۋېتىش توغرىسىدا» دېگەن پەتۋا.


2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5347)؛ «مۇسلىم»، (2124).

Please follow and like us:
Exit mobile version