ئاياللارنىڭ قۇلاق، بۇرۇنلىرىنى تەشتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاياللارنىڭ قۇلىقىنى بىردىن ئارتۇق تەشتۈرۈشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ توپلاردا «قۇلاق، بۇرۇن تەشتۈرۈش» ھەققىدە ئېلان – تەشۋىقاتلار بار ئىكەن، قىز – ئاياللارنىڭ قۇلاق تەشتۈرۈشىغۇ بۇرۇندىن ئادىتىمىزدە بار ئىش، ئەمما بۇرۇن تەشتۈرۈشى بىزنىڭ ئادىتىمىزدە يوق، ھىندىلارنىڭ ئادىتى دەپ بىلەتتىم. مۇسلىمەلەر بۇرۇن تەشتۈرسە ياكى شۇنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلسا ۋە تەشتۈرۈشكە ياردەملەشسە بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

شەرىئەتتە قىز – ئاياللارنىڭ ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىش ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلغان بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بوۋاق ۋە چوڭ قىز – ئاياللارنىڭ قۇلاقلىرىنى تەشتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئازغىنە ئاغرىق ۋە زىيان يوق ھېسابتا سانالغان. ئىمام ئىبنۇلقەييىم «قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشى ھارام» دەپ قارىغان ئىمام غەززالىي ۋە ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملارغا: «بۇنىڭ جائىزلىقىغا كىشىلەرنىڭ شۇنى قىلىدىغانلىقىنى ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ بىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنى قىلىشىنى چەكلىمىگەنلىكى يېتەرلىكتۇر. مۇبادا ئۇ چەكلىنىدىغان ئىش بولسا ئىدى، قۇرئان بىلەن سۈننەت چەكلەيتتى» دەپ رەددىيە بەرگەن(1) ۋە «ھارام» دېگەن قاراشنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باسقان.

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر بوۋاق ۋە چوڭ قىز – ئاياللارنىڭ قۇلاقلىرىنى تەشتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىپ كەلگەن. رۇخسەت قىلىنغانىكەن، بۇ ئىش ئاللاھنىڭ گۈزەل ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەر ئىككى قۇلاقنىڭ ئاستىدىكى يۇمشىقى ياكى ئۈستى تەرىپى بولسۇن، بەدەنگە زىيان يەتمىسىلا قايسى يېرىدىن تەشتۈرسە بولىدۇ.

قۇلاقنى بىردىن ئارتۇق تەشتۈرۈشكە كەلسەك، بۇ مەسىلىدە پەتۋا ساھەسىدە قاراشلار بىردەك ئەمەس.

بەزى ئالىملار: «ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە قىز – چوكانلارنىڭ ئارىسىدا قۇلىقىنى بىردىن ئارتۇق تېشىپ زىننەتلىنىش ئادەت بولسا، بىردىن ئارتۇق تەشتۈرۈشنىڭ ھۆكمى جائىز. چۈنكى، بىر قېتىم تەشتۈرۈش جائىز بولغانىكەن، ئىككىنچىسىمۇ زىننەتلىنىش ئېھتىياجىدىن جائىز بولۇشى كېرەك. بۇنى چەكلەيدىغان دەلىل يوق. ئەمما، قىز – ئاياللارنىڭ ئارىسىدا بىردىن ئارتۇق تېشىپ زىننەتلىنىش يوق بولسا، بۇ ئارتۇقچە تەشتۈرۈش (بىھۇدە زەخمىلەش) بولۇپ چەكلىنىدۇ» دەيدۇ.

يەنە بەزىلەر: «ھەر ئىككى قۇلاقنىڭ بىردىن ئارتۇق يېرىنى تەشتۈرۈش ئايرىم رۇخسەتكە موھتاج. چۈنكى، شەرىئەتتە ئادەتتىن تاشقىرى رۇخسەت قىلىنغان ئىشنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. بىردىن ئارتۇق تەشتۈرۈش قۇلاقنىڭ سۈرىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە رۇخسەت دائىرىسىدىن ھالقىش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلىشتا كافىر ۋە ئەخلاقسىز ئاياللارنى دوراشنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ» دەپ چەكلەيدۇ([2]).^

دېمىسىمۇ، ئەسلىدە قۇلاقنى تەشتۈرۈش رۇخسەت قىلىنغان دائىرە بولغاندىن كېيىن، يېڭىدىن بۇ ئادەتنى پەيدا قىلماسلىق، ئادەت ئومۇملىشىپ كەتكەن تەقدىردە، قۇلاقنى ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋەتمىگەن، سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمىگەن، ئەخلاقسىز ئاياللارغا ئوخشاپ قالمىغان ۋە ئۇلارنى دورىمىغان ئاساستا بىردىن ئارتۇق تەشتۈرسە ھېچ گەپ بولماس. ئەۋزىلى ئىككىنچىسىنى تەشتۈرمەي، قىسقۇچلۇق ھالقا تاقىغان تۈزۈك.

بۇتپەرەست ھىندۇلارغا ئوخشىۋېلىش نىيىتىدە بولماي، بۇرۇنغا ھالقا (ھىزما) سېلىپ زىننەتلىنىش مەقسىتىدە بۇرۇننى تەشتۈرۈشنى ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى قۇلاق تەشتۈرۈشكە قىياسەن: «جائىز» دەپ قارايدۇ. ئىمام ئىبنى ئابىدىن: «بەزى يۇرتلاردا بولغىنىدەك، ئاياللار زىننەتلىنىش ئۈچۈن بۇرنىنى تەشتۈرىدىغان بولسا، بۇ قۇلاقنى تەشتۈرۈشكە ئوخشاش (يەنى رۇخسەت قىلىنىدۇ). شافىئىيلەرمۇ ئۇنى جائىز دەپ قارىغان» دېگەن(3).

شۇنداق، شافىئىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بىر قىسمى شۇنداق قارىغان. يەنە بىر قىسمى: «بۇتپەرەست ھىندۇلارغا ئوخشىۋېلىش نىيىتى بولمىسىمۇ بۇرۇننى تەشتۈرۈش ھارام، بۇ قۇلاقنى تەشتۈرۈشكە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، قۇلاقنى تەشتۈرۈش ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى. بۇرۇننى تەشتۈرۈش بولسا (بۇتپەرەست ھىندۇلاردەك) بەزى پىرقىلەردىلا زىننەتلىنىش ھېسابلانغىنى بىلەن ئومۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە زىت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئادىتى (شەرئىي ھۆكۈمنى بېكىتىشتە) ھېسابقا ئېلىنمايدۇ» دەپمۇ قارىغان(4).

ئەلۋەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرۈپ چەكلىمىگەنلىكى جەھەتتىن «قۇلاقنى تەشتۈرۈشكىلا رۇخسەت قىلىنغان، ئارتۇقى ئارتۇقچە» دېسەك، بۇرۇننى تەشتۈرۈش رۇخسەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا، بۇرۇننى تەشتۈرمەسلىك كېرەك. تەشتۈرۈش ئومۇملىشىپ كەتكەن يۇرتلاردا سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ۋە بۇتپەرەست ھىندۇلارنى دورىمىغان ئاساستا تەشتۈرسە رۇخسەت، تەشتۈرمەسلىك ئەۋزەل.

ئۇندىن باشقا قاش – قاپاق، كالپۇك، تىل ۋە كىندىك قاتارلىق ئەزالارنى تەشتۈرۈپ ھالقا تاقاش بولسا بەدەننى ئارتۇقچە زەخمىلەندۈرۈش، ئېھتىياجدىن ئارتۇقچە زىننەتلىنىش، ئەخلاقسىز ئاياللارنى دوراش ۋە كافىر جەمئىيەتلەردە تارقالغان مودىلارغا ئەگەشكەنلىك جەھەتتىن چەكلىنىدۇ.

قارايدىغان بولساق، بەدەننىڭ تۈرلۈك يەرلىرىنى تېشىپ ھالقا تاقاپ ياسىنىش (پىئېرسىڭ / Piercing) ئېقىمى (ياكى مودىسى) غا ئەگىشىۋاتقان ياشلار ئادەتتە «داڭلىق سەنئەت چولپانلىرىنى دوراش، دىققەتنى تارتىش، مودىغا ئەگىشىش، ئالاھىدە بولۇش، جەمئىيەتتىكى گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنى رەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن بوشىنىش، تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈش» دېگەندەك مەقسەتلەردە بۇلارنى قىلىشى مۇمكىن بولغىنىدەك، بەزى جەمئىيەتلەردە ھەربىرىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەلۇم مەناسى بولۇشى، ھەتتا پاھىشە ئاياللارغا بەلگە بولۇشىمۇ مۇمكىن. قەدىمكى ۋە يېڭى دىنىي ئېتىقادلار ۋە دىنىي ئادەتلەرگە چېتىلىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. «تىل، قاش – قاپاق ۋە كالپۇك» دېگەندەك جايلارنى تەشسە، سالامەتلىككە زىيىنى بولۇشى تۇرغانلا گەپ. مادامىكى مۇسۇلمانلاردا قەدىمدىن بۇنداق ئادەت يوق، ئۇنداقتا بۇ يات قەۋملەرنى دوراش دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ ۋە دىنىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە سىھھىي جەھەتتىكى زىيانلىرىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، بۇلارنى چەكلەش مۇئەييەنلىشىدۇ. نەتىجىدە چەكلەنگەن جايلارنى تەشتۈرسە، شۇنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلسا ۋە باشقىلارنىڭ تەشتۈرۈشىگە ياردەملەشسە بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 30 – سەفەر / م. 2023، 15 – سېنتەبىر


1. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 4 – ج، 93 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «تۇھفەتۇل مەۋدۇد»، 209 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 7 – ج، 87 – بەت ۋە 39 – ج، 349 – بەت.
2. ئىبنى ئۇسەيمىن: «مجموع فتاوى ورسائل ابن عثيمين»، 11 – ج، 69 – پەتۋا. ئۇلىنىش:

https://www.islamweb.net/ar/fatwa/75990

https://islamqa.info/ar/answers/171488

https://ferkous.com/home/?q=fatwa-884
3. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6 – ج، 420 – بەت.
4. رەملىي: «نىھايەتۇل مۇھتاج»، 8 – ج، 34 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago