قەرەللىك پۇل تۆلەيدىغانغا تاۋار سېتىۋېلىش جائىزمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر تاۋارلارنى تاكسىت بىلەن (مۇددەتكە بۆلۈپ) سېتىش ئومۇملىشىپ كەتتى. ئەلۋەتتە تاكسىت سانى ياكى مۇددىتى ئۇزارغانسېرى باھا نەق سودىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشىدۇ. مەسىلەن، بىر تاۋارنى 6 ياكى 12، ياكى 24 ئايغا بۆلۈپ ئوخشىمىغان باھادا ساتىدىغان بولسا، بىز بىرىنى تاللاپ سېتىۋالساق بولامدۇ؟ ياكى بۇنىڭدا جازانە شەكىللىنەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئېلىم – سېتىم ياكى بەيئى قىلىش (البيع) شەرىئەتتە: قىممەتكە ئىگە مالنى قىممەتكە ئىگە مالغا ئىگە قىلىش ۋە ئىگە بولۇش شەكلىدە ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ(1). ھەدىس شەرىفلەرگە ئاساسەن، ئالتۇن – كۈمۈش ۋە پۇلدىن باشقا تۈرلۈك تاۋارلارنى نەق سېتىش جائىز بولغىنىدەك، نېسى سېتىشمۇ ئەلۋەتتە جائىز. نېسى سېتىش بىرنەچچىگە بۆلۈپ بېرىدىغان قەرەللىك سېتىش بولۇشىمۇ ياكى بىراقلا بېرىدىغان شەكىلدە بولۇشىمۇ مۇمكىن. شەرئىي ھۆكۈم جەھەتتىن بىر قەرەل بېكىتىپ نېسى سېتىش بىلەن بىرقانچە قەرەل بېكىتىپ نېسى سېتىشنىڭ پەرقى يوق. ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانەنى ھارام قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 275) دېگەن.

ئەلۋەتتە، سودا نېسى بولغاندىكىن، ئۇنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇشى تەبىئىي، بۇنىڭدا ھېچقانداق جازانە شەكىللەنمەيدۇ(2). ئەمما، نېسى ۋە قەرەللىك سودىدىمۇ نەق سودىدا شەرت قىلىنغىنىدەك، تاۋار ھالال، پاك تاۋار بولسا، تاۋار ۋە ئومۇم باھا ئېنىق بولۇشى، ساتقۇچى تاۋارنىڭ ئىگىسى ياكى ۋەكىلى بولۇشى، پۇل شۇ تاۋار ئۈچۈن تۆلەنگەن بولۇشى، سودىدا باشقا ئېنىقسىزلىق ياكى مۇجمەللىك بولماسلىقى، شۇنداقلا قەرەل كېچىكسە كېچىكىش جازاسى تۆلەشتىن خالىي بولۇشى شەرت.

بۇ مەسىلىدە ھۆكۈم چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىقى شەرتلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىر – بىرلەپ ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ:

1) ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ياكى قەغەز پۇلنى قەغەز پۇلغا ياكى ئالتۇن بىلەن كۈمۈشكە ئېلىپ – سېتىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلارنى نېسى ياكى قەرەللىك سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئېنىق ھۆكمى، شۇنداقلا ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بىلەن جازانە بولىدۇ.

2) تاۋار ساتقۇچىنىڭ قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشى شەرت. قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى ساتسا بولمايدۇ. ھەكىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: «مەن:

— يا رەسۇلۇللاھ! بىرسى كېلىپ مەندىن ئىلكىمدە بولمىغان نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ، ئۇنىڭغا سېتىپ بولۇپ كېيىن بازاردىن ئېلىپ بەرسەم بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— ئىگىدارچىلىقىڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما، — دېگەن»(3). ھازىرقى بانكا ئارىلاشقان سودىلاردا ۋە بەزىبىر تور سودىلىرىدا بۇ شەرت تېپىلمايدۇ.

3) تاۋارمۇ، پۇلىمۇ ئېنىق بولۇشى، پۇلنى قاچان بېرىش، بۆلۈپ بەرگەندە ھەر قېتىمقى ئۈلۈشنىڭ ۋاقتى، مىقدارى ئېنىق بولۇشى كېرەك، مەۋھۇملۇق ئارىلىشىپ قالسا بولمايدۇ. مەسىلەن، تاۋارنىڭ باھاسى پۇلنىڭ پاخاللىشىشىغا، مائاشنىڭ ئېشىشىغا ياكى باشقا بىرنەرسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلاپ قويۇلغاندا، تاۋارنىڭ ئومۇم سوممىسى ئىككىلا تەرەپكە ئېنىق بولمايدۇ. ھەدىس شەرىفتە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نائېنىق سودىدىن توسقان»(4).

4) بۇ سودا توختامنامەسىدە: «ئەگەر پۇل بېرىش قەرەلىدىن كېچىكسە، مۇنچە پىرسەنت (بازار نەرخى) ئۆسۈم ياكى كېچىكىش جازاسى قېتىلىدۇ»، «تاۋارنىڭ ئەسلىي پۇلى ماۋۇ، ئۆسۈمى ماۋۇ» دېگەندەك ئۆسۈمگە ئالاقىدار ھېچقانداق گەپ – سۆز قىلىنماسلىقى شەرت. چۈنكى، كېچىكىش جازاسى بىر تەرەپتىن، قەرز كېچىككەنلىكتىن تۆلەنگەن ئۆسۈم بولغانلىقتىن جازانە بولۇپ، ھەممە ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ تاۋارنىڭ ئومۇم سوممىسىنى نائېنىق قىلىشى جەھەتتىنمۇ توختامنى ناتوغرا قىلىۋېتىدۇ. بۇمۇ ھەممە ئالىملار ئىتتىپاق كەلگەن مەسىلەدۇر. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ 1989 – يىلى ئالغان قارارىدا مۇنداق كەلگەن: «قەرز ئىگىسى قەرزدارغا قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكسە، مەلۇم مىقداردا پۇل ياكى قەرزنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى كېچىككەنلىكى ئۈچۈن جەرىمانە سۈپىتىدە بېرىشنى شەرت قىلسا ياكى تاڭسا، بۇ باتىل شەرت ۋە باتىل تېڭىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋاجىب بولمايدۇ. بەلكى ئەمەل قىلىش ھالال بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ قۇرئان ھارام قىلغان جاھىلىيەت جازانىسىدۇر»(5).

ئىمام فەخرۇررازىي دەيدۇكى: «قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كېلىپ، قەرزداردىن قەرزنى قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنغىنىدا قايتۇرالمىسا، قەرز ئىگىسى قەرزنى ئاشۇرۇپ مۇددەتنى ئۇزارتسا، مانا بۇ جاھىلىيەتتە قىلىنغان جازانىنىڭ دەل ئۆزىدۇر»(6).

ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ: «قەرز ئاشۇرۇلۇپ قەرەل ئۇزارتىلىدىغان مۇئامىلە جازانىدۇر» دەيدۇ(7).

مەسىلەن، ھەربىر قەرەلدە مىڭدىن تۆلەيدىغانغا 12 قەرەلگە بۆلۈپ بىر تاۋارنى سېتىۋالساق، بىر قەرەل ۋاقتىدا تۆلەنمەي قالسا، ئومۇم 12 مىڭغا 500 قېتىلسا، مانا بۇ قېتىلغىنى جازانە. ئاندىن بەيئى توختامى قىلغاندا بۇ كىشى جەمئىي قانچە پۇل تۆلەيدىغانلىقى نائېنىق، چۈنكى ۋاقتىدا تۆلىيەلىسە جەمئىي 12 مىڭنى، ئىككى قەرەلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە 13 مىڭنى، تۆت قەرەلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە 15 مىڭنى تۆلەيدۇ.

يۇقىرىقى شەرتلەردىن بىرەرسى تېپىلمىسا، بۇ سودا شەرىئەتتە: «ئەقدى فاسىد / ناتوغرا توختام» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ «جازانە» دېگەنلىك. بۇ سودىغا «كرېدى كارت»ى ئىشلىتىش قوشۇلسا، «كرېدى كارت»لىرى جازانە توختام بىلەن ئىشلەيدىغان بولغاچقا، توختامغا يەنە بىر قات جازانە قوشۇلىدۇ – دە، مەزكۇر سودىدىكى شەرىئەتكە خىلاپلىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. پۇلنى تۆلىيەلمەي قالغاندا بانكىغا باغلاپ ئۆسۈملۈك قەرزگە زورلىغاندا، يەنە بىر قات ئېغىرلىشىدۇ. يۇقىرىقى ئۆسۈم، كېچىكىش جازاسى ۋە «كرېدى كارت» ئۆسۈمى (جازانەسى) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇكى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29).

شۇڭا، ھازىر ھەممە دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەرەللىك سودىدىكى ناتوغرىلىق تۈپەيلى، سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىرىنىڭ بۇ سودىغا كىرمەسلىكى، كىرگەن بولسا ناتوغرىلىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرالىسا، بىكار قىلىۋېتىشى كېرەك.

ئۇنداقتا، كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلساق، ئۆسۈم ئارىلاشمىغاچقا، زۆرۈرىيەت جەھەتتىن جائىز بولامدۇ؟ دېيىلسە جاۋاب شۇكى:

ئالدى بىلەن: «ۋاقتىدا تۆلەشكە ھېچكىم تولۇق كاپالەتلىك قىلالمايدۇ» دەيمىز.

زۆرۈر ئېھتىياجلارغا كەلسەك، زۆرۈرىيەت ھالىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. «زۆرۈرىيەت» دېگىنىمىز شۇ سودىنى قىلمىسا، ئاچ، يالىڭاچ قېلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىينىلىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بۇ ئىنتايىن تار دائىرە بولۇپ، زۆرۈرىيەت شەرتىگە چۈشكەندە ۋە قەرەلسىز سېتىۋالالايدىغان ئىمكانى بولمىغاندا، ئاندىن سودا جائىز بولىدۇ. ئەمما، ھازىر قىلىنىۋاتقان سودىلاردا كۆپىنچە بۇ شەرتلەر تېپىلمايدۇ. بۇ ۋەجدىن ھەربىر مۇسۇلمان جازانەدىن ساقلىنىش ۋە شۈبھىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن پەقەت زۆرۈرىيەت بىلەنلا چەكلىنىشى ۋاجىبتۇر.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿جازانە يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ): «سودا – سېتىق جازانەگە ئوخشاشتۇر» دېدى. ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانەنى ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن جازانە قىلىشتىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 275).

تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئىشلاردا ماددىي جەھەتتىن قىسىلىپ قالغاندا، دىنىمىز 18 ھەسسە ساۋاب ۋەدە قىلغان قەرز بېرىپ تۇرۇشتەك پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەتراپتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى جازانەگە كىرىپ قىلىشتىن قوغداش قولىدا ئارتۇقچە پۇل بار ھەربىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. شۇڭا، بۇ قىيىنچىلىقلارنى قەرز بېرىپ تۇرۇش بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن ۋە كېرەك. قەرز ئالغۇچىلارمۇ قەرز بەرگەنلەرنى پۇشايمان قىلدۇرماي قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىشى زۆرۈر.

خۇلاسە: قەرەللىك (تاكسىت) سودا ئۆسۈم ۋە كېچىكىش جەرىمانىسىدەك ناتوغرا شەرتلەردىن خالىي بولمىسا جائىز بولمايدۇ. زۆرۈرىيەت ھالىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1445، 25 – سەفەر / م. 2023، 10 – سېنتەبىر


1. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 2 – ج، 3 – بەت.
2. بۇ ھەقتە قاراڭ: در. ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – ج، 144 – نومۇرلۇق: «ئارتۇق باھادا نېسى ۋە مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىشتا جازانە شەكىللىنەمدۇ؟» دېگەن پەتۋا.
3. تىرمىزىي (1232). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. مۇسلىم (1513).
5. قرار «مجمع الفقه الإسلامي» التابع لرابطة العالم الإسلامي في دورته الـ 11 المنعقدة في مكة المكرمة، في الفترة من يوم الأحد 13 – 20 رجب 1409هـ، الموافق 19 – 26 شباط (فبراير) 1989م.
6. فەخرۇررازىي: «مەفاتىيھۇل غەيب»، 7 – ج، 75 – بەت.
7. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 29 – ج، 439 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago