Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

سەجدە ئايەتلىرىنىڭ سانى، ئورۇنلىرى ۋە تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ ھۆكمى

قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى 2

تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ ھۆكمى

تىلاۋەت سەجدەسى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، ئۆلىمالار تىلاۋەت سەجدەسى قىلىشنىڭ بۇيرۇلغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن. ئەمما، «بۇ يەردىكى بۇيرۇق مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرەمدۇ ياكى ۋاجىبلىقنىمۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان.

كۆپچىلىك ئۆلىمالار: «ۋاجىب ئەمەس، بەلكى مۇستەھەب» دەپ قارايدۇ. بۇ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئىبنى ئابباس، سالمان فارسىي، ئىمران ئىبنى ھۇساين، مالىك، ئەۋزائىي، شافىئىي، ئەھمەد، ئىسھاق، ئەبۇ سەۋر، داۋۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ قارىشىدۇر.

ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ۋاجىب» دەيدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿فَمَا لَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ ٢٠ وَإِذَا قُرِئَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقُرۡءَانُ لَا يَسۡجُدُونَۤ۩ / ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟﴾(84/«ئىنشىقاق»: 20، 21) دېگەن ئايەتىنى دەلىل قىلىدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ رىۋايەت قىلىنغان تۆۋەندىكى ۋەقەلىكنى دەلىل قىلىدۇ: «بىر جۈمە كۈنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنبەردە تۇرۇپ ‹نەھل› سۈرىسىنى ئوقۇپ سەجدە ئايەتىگە كەلگەندە، مۇنبەردىن چۈشۈپ سەجدە قىلىۋىدى، كىشىلەرمۇ بىللە سەجدە قىلدى. كېيىنكى جۈمە كۈنى يەنە شۇ سۈرىنى ئوقۇپ سەجدە ئايەتىگە كەلگەندە: ‹ئى خالايىق! بىز سەجدە ئايەتىنى ئوقۇساق سەجدە قىلغان كىشى توغرا قىلغان بولىدۇ. ئەگەر سەجدە قىلمىسا گۇناھ بولمايدۇ› دېدى ۋە ئۆزى سەجدە قىلمىدى». بۇ ھەدىسنى بۇخارىي (1077) رىۋايەت قىلغان.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۆزى ۋە ھەرىكىتى تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ ۋاجىب ئەمەسلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر.

ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەلىل قىلغان ئايەتكە بېرىدىغان جاۋابىمىز بولسا ئېنىقتۇر. بۇ ئايەتتە كافىرلارنىڭ «قۇرئان»نى ئىنكار قىلىپ سەجدە قىلمىغانلىقى ئەيىبلەنگەن. بۇنى ئاللاھنىڭ سەجدە ئايەتىدىن كېيىنكى: ﴿بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُكَذِّبُونَ / بەلكى كافىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ﴾(84/«ئىنشىقاق»: 22) دېگەن سۆزىمۇ ئىپادىلەيدۇ.

«سەھىھەين» («بۇخارىي»، 1072؛ «مۇسلىم»، 577) دە زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە «نەجم» سۈرىسىنى ئوقۇپ بەرگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە قىلمىغان.

يەنە «سەھىھەين» («بۇخارىي»، 1070)؛ «مۇسلىم»، 576) دە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «نەجم» سۈرىسىدە سەجدە قىلغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنغان. بۇ تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ «ۋاجىب» ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

سەجدە ئايەتلىرىنىڭ سانى ۋە ئورۇنلىرى

سەجدە ئايەتلىرىنىڭ سانى ئىمام شافىئىي ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ بىز تاللىغان قارىشىچە ئون تۆتتۇر. ئۇلار: «ئەئراف»، «رەئد»، «نەھل»، «ئىسرائ‍»، «مەريەم» سۈرىلىرىدە، «ھەج» سۈرىسىدە ئىككى ئورۇندا، يەنە «فۇرقان»، «نەمل»، «سەجدە»، «فۇسسىلەت»، «نەجم»، «ئىنشىقاق»، «ئەلەق» قاتارلىق سۈرىلەردىدۇر.

«ساد» سۈرىسىدىكى سەجدە ئايەتىدە سەجدە قىلىش «مۇستەھەب» بولۇپ، ئۇ سەجدە قىلىش كەسكىن بۇيرۇلغان ئايەتلەردىن ئەمەس. «سەھىھۇلبۇخارىي» (1069) دا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «‹ساد› سۈرىسىدىكى سەجدە ئايەتى سەجدە قىلىش ‹ۋاجىب› بولغان ئايەتلەردىن ئەمەس، شۇنداقتىمۇ مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ‹ساد› سۈرىسىنى ئوقۇغاندا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆرگەن». بۇ ئىمام شافىئىي قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر(1).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھمۇ: «سەجدە ئايەتلىرى ئون تۆتتۇر» دەيدۇ، لېكىن ئۇ «ھەج» سۈرىسىدىكى ئىككىنچى سەجدە ئايەتىنىڭ ئورنىغا «ساد» سۈرىسىدىكى سەجدە ئايەتىنى ھېسابلايدۇ ۋە ئۇنى سەجدە قىلىش «ۋاجىب» بولغان ئايەتلەر قاتارىغا قوشىدۇ (2).

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھتىن ئىككى خىل رىۋايەت بار: بىرى، ئىمام شافىئىينىڭ قارىشى بىلەن ئوخشاش. يەنە بىرى، «ساد» سۈرىسىدىكى سەجدە ئايەتىنى قوشۇپ، «سەجدە ئايەتلىرى ئون بەشتۇر» دەپ قاراش. بۇ ھەم شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن ئەبۇلئابباس ئىبنى سۈرەيج ۋە ئەبۇ ئىسھاق مەرۋەزىينىڭمۇ قارىشىدۇر.

ئىمام مالىكتىنمۇ ئىككى خىل رىۋايەت باردۇر. بىرى، ئىمام شافىئىينىڭ قارىشىغا ئوخشاش، ئەمما مەشھۇر قارىشىدا بولسا: «سەجدە ئايەتلىرى ئون بىر ئايەت» دەيدۇ. ئۇ «ھەج» سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى سەجدە ئايەتىنى ۋە «نەجم»، «ئىنشىقاق»، «ئەلەق» سۈرىلىرىدىكى سەجدە ئايەتلىرىنى ھېسابلىمايدۇ. بۇ ھەم ئىمام شافىئىينىڭ ئىلگىرىكى يەنە بىر قارىشىدۇر.

توغرا بولغان قاراش بىز ئىلگىرى بايان قىلغىنىمىزدۇر. سەھىھ ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

سەجدە ئايەتلىرىنىڭ ئورۇنلىرىغا كەلسەك، «ئەئراف» سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايەتى ﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَيُسَبِّحُونَهُۥ وَلَهُۥ يَسۡجُدُونَۤ۩﴾، «رەئد» سۈرىسىنىڭ ﴿وَلِلَّهِۤ يَسۡجُدُۤ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ طَوۡعٗا وَكَرۡهٗا وَظِلَٰلُهُم بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ۩﴾ دېگەن ئايەتى، «نەھل» سۈرىسىنىڭ ﴿يَخَافُونَ رَبَّهُم مِّن فَوۡقِهِمۡ وَيَفۡعَلُونَ مَا يُؤۡمَرُونَ۩﴾ دېگەن ئايەتى، «ئىسرائ‍» سۈرىسىنىڭ ﴿وَيَخِرُّونَ لِلۡأَذۡقَانِ يَبۡكُونَ وَيَزِيدُهُمۡ خُشُوعٗا۩﴾ دېگەن ئايەتى، «مەريەم» سۈرىسىنىڭ ﴿إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُ ٱلرَّحۡمَٰنِ خَرُّواْۤ سُجَّدٗاۤ وَبُكِيّٗا۩﴾ دېگەن ئايەتى، «ھەج» سۈرىسىنىڭ بىرىنچى سەجدە ئايەتى ھېسابلانغان ﴿إِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يَشَآءُ۩﴾ دېگەن ئايەتى، ئىككىنچى سەجدە ئايەتى ھېسابلانغان ﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱرۡكَعُواْ وَٱسۡجُدُواْۤ وَٱعۡبُدُواْ رَبَّكُمۡ وَٱفۡعَلُواْ ٱلۡخَيۡرَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ۩﴾ دېگەن ئايەتى، «فۇرقان» سۈرىسىنىڭ ﴿وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱسۡجُدُواْۤ لِلرَّحۡمَٰنِ قَالُواْ وَمَا ٱلرَّحۡمَٰنُ أَنَسۡجُدُ لِمَا تَأۡمُرُنَا وَزَادَهُمۡ نُفُورٗا۩﴾ دېگەن ئايەتى، «نەمل» سۈرىسىنىڭ ﴿ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ۩﴾ دېگەن ئايەتى، «سەجدە» سۈرىسىنىڭ ﴿إِنَّمَا يُؤۡمِنُ بِـَٔايَٰتِنَا ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُواْ بِهَا خَرُّواْۤ سُجَّدٗاۤ وَسَبَّحُواْ بِحَمۡدِ رَبِّهِمۡ وَهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ۩﴾ دېگەن ئايەتى، «فۇسسىلەت» سۈرىسىنىڭ ﴿فَإِنِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فَٱلَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُۥ بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَهُمۡ لَا يَسۡـَٔمُونَ۩﴾ دېگەن ئايەتى، «نەجم» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتى ﴿فَٱسۡجُدُواْۤ لِلَّهِۤ وَٱعۡبُدُواْ۩﴾، «ئىنشىقاق» سۈرىسىنىڭ ﴿وَإِذَا قُرِئَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقُرۡءَانُ لَا يَسۡجُدُونَۤ۩﴾ دېگەن ئايەتى ۋە «ئەلەق» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتى ﴿كـَلَّا لَا تُطِعۡهُ وَٱسۡجُدۡۤ وَٱقۡتَرِب۩﴾دۇر.

سەجدە ئايەتلىرىنىڭ ئورۇنلىرى توغرىسىدا «فۇسسىلەت» سۈرىسىنىڭ ئايەتىدىن باشقىلىرىدا تىلغا ئالغۇدەك ئىختىلاپ يوق. «فۇسسىلەت» سۈرىسىدىكى سەجدە ئايەتىدە، سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىمام شافىئىي ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى: «﴿وَهُمۡ لَا يَسۡـَٔمُونَ﴾ دېگەن ئايەتتىن كېيىن سەجدە قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ ھەم سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، مۇھەممەد ئىبنى سىرىن، ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبنى سەلەمە، سۇفيان سەۋرىي، ئەبۇ ھەنىفە، ئەھمەد ۋە ئىسھاق ئىبنى راھەۋەيھ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىقلارنىڭمۇ قارىشىدۇر(3).

باشقا ئۆلىمالار: «ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ﴾ دېگەن سۆزىدىن كېيىن سەجدە قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنى ئىبنۇلمۇنزىر ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەسەن بەسرىي([4])، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتلىرى، ئىبراھىم نەخەئىي، ئەبۇ سالىھ، تەلھە ئىبنى مۇسەررىف، زۇبەيد ئىبنى ھارىس، مالىك ئىبنى ئەنەس ۋە لەيس ئىبنى سەئد قاتارلىقلاردىن رىۋايەت قىلغان([5])، بۇ يەنە بەزى شافىئىي ئۆلىمالىرىنىڭمۇ قارىشىدۇر. بۇنى ئىمام بەغەۋىي («ئەتتەھزىب»، 2/179) دە رىۋايەت قىلغان.

شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى سەئىد ئەبدەرىينىڭ «ئەلكىفايە فى ئىختىلافىل فۇقەھائ‍» ناملىق كىتابىدىكى: «بىزنىڭ قارىشىمىزدا ‹نەمل› سۈرىسىدە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿أَلَّاۤ يَسۡجُدُواْۤ لِلَّهِ ٱلَّذِي يُخۡرِجُ ٱلۡخَبۡءَ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَيَعۡلَمُ مَا تُخۡفُونَ وَمَا تُعۡلِنُونَ﴾ دېگەن سۆزىدە سەجدە قىلىنىدۇ. بۇ كۆپچىلىك فەقىھلەرنىڭ قارىشىدۇر. ئىمام مالىك بولسا: ‹ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ۩﴾ دېگەن سۆزىدە سەجدە قىلىنىدۇ› دەپ قارايدۇ» دېگەن سۆزىگە كەلسەك، ئۇنىڭ: «بىزنىڭ (شافىئىيلارنىڭ) ۋە كۆپچىلىك فەقىھلەرنىڭ قارىشى» دەپ كەلتۈرگەن بۇ نەقلى نامەلۇم ھەمدە مەقبۇل ئەمەس. بەلكى شافىئىي مەزھەبكە بۇنداق بايانلارنى سۆرەپ كىرىش ئوپئوچۇق خاتا. چۈنكى، قولىمىزدىكى شافىئىي ئۇستازلىرىمىزنىڭ كىتابلىرى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ۩﴾ دېگەن سۆزىدە سەجدە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ تۇرماقتا.

تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتلىرى

تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ ھۆكمى نەفلە نامازنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭغا نەفلە نامازغا شەرت قىلىنغاندەك «تاھارەت ئېلىش، نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش، قىبلىگە يۈزلىنىش ۋە ئەۋرەتنى يېپىش» قاتارلىقلار شەرت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەدىنى ياكى كىيىمىدە پاكىزلىمىسا «بوپتۇ» دەۋېتىلمەيدىغان نىجاسەت بار كىشىنىڭ ۋە تاھارەتسىز كىشىنىڭ تىلاۋەت سەجدەسى قىلىشى ھارامدۇر. پەقەتلا تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ئەھۋاللاردا تەيەممۇم قىلىپ تىلاۋەت سەجدەسى قىلسا بولىدۇ.

قىبلىگە يۈزلەنمەستىن تىلاۋەت سەجدەسى قىلىشمۇ ھارامدۇر. پەقەتلا سەپەردە قىبلىگە يۈزلەنمەستىن نەفلە ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدىغان ئەھۋاللاردا قىبلىگە يۈزلەنمەستىن تىلاۋەت سەجدەسى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىدۇر.

نامازدا سەجدە قىلىش كەسكىن «ۋاجىب» بولمىغان ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا سەجدە قىلىشنىڭ ھۆكمى

«ساد» سۈرىسىدىكى سەجدە ئايەتىنى سەجدە قىلىش «ۋاجىب» بولغان ئايەتلەر جۈملىسىدىن دەپ قارايدىغان ئۆلىمالار: «بۇ ئايەتنى نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا ئوقۇسۇن، باشقا سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا سەجدە قىلغانغا ئوخشاش سەجدە قىلىشى لازىم» دەيدۇ. ئەمما، «ساد» سۈرىسىدىكى سەجدە ئايەتىنى سەجدە قىلىش كەسكىن بۇيرۇلغان ئايەتلەردىن ئەمەس دەپ قارايدىغان ئىمام شافىئىي قاتارلىق ئۆلىمالار: «بۇ ئايەتنى ناماز سىرتىدا ئوقۇسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە قىلغانلىقى ئۈچۈن سەجدە قىلىش ‹مۇستەھەب› بولىدۇ، ئەمما ناماز ئىچىدە ئوقۇسا، سەجدە قىلسا بولمايدۇ. ئەگەر بىلمەي ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ سەجدە قىلىپ سالسا، نامىزى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن سەھۋەنلىك سەجدەسى قىلىدۇ. ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ سەجدە قىلغان بولسا، نامازغا تەۋە بولمىغان بىر ئەمەلنى قوشۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بۇ نامىزى خۇددى نامازدا تۇرۇپ شۈكرى سەجدەسى قىلسا، نامىزى ئىختىلاپسىز ھالدا بۇزۇلۇپ كەتكەندەك بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» دەيدۇ. بۇ، شافىئىي مەزھەبتىكى توغرا قاراشتۇر.

يەنە بىر خىل قاراشتا: «تىلاۋەت سەجدەسى نامازغا ئالاقىدار ئەمەل بولغانلىقى ئۈچۈن، نامىزى بۇزۇلمايدۇ» دېيىلگەن.

ناۋادا ئىمام «ساد» سۈرىسىدىكى سەجدە ئايەتىنى سەجدە قىلىش كەسكىن بۇيرۇلغان ئايەتلەردىن دەپ قاراپ سەجدە قىلسا، ئىقتىداﺋ قىلغۇچى ئۇنداق دەپ قارىمىسا، ئىمامغا ئەگەشمەيدۇ، بەلكى ئىمامدىن ئايرىلىپ نامىزىنى يالغۇز داۋاملاشتۇرىدۇ ياكى ئۆرە تۇرۇپ ئىمامنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئىمامنى كۈتۈپ تۇرسا، سەھۋەنلىك سەجدەسى قىلامدۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش بار. شافىئىي مەزھەبتىكى كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، سەھۋەنلىك سەجدەسى قىلمايدۇ.

تىلاۋەت سەجدەسى قىلىدىغان كىشىلەر

نامازدا ياكى نامازنىڭ سىرتىدا سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغان، تىڭشىغان ياكى ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قالغان بولسا، سۇ ئىشلىتىپ ياكى تەيەممۇم قىلىپ تاھارەت ئالغان كىشى سەجدە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. لېكىن، ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ: «ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قالغان كىشىنىڭ سەجدە قىلىشىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ سەجدە قىلىشىنى تەكىتلىگىنىمدەك تەكىتلىمەيمەن» دەيدۇ. بۇ، شافىئىي مەزھەبتىكى توغرا قاراشتۇر.

شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن ئىمامۇل ھەرەمەين جۇۋەينىي: «ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قالغان كىشى سەجدە قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدۇ. لېكىن، ئاۋۋالقىسى شافىئىي مەزھەبتىكى توغرا قاراشتۇر.

سەجدە ئايەتى نامازدا ئوقۇلسۇن ياكى نامازنىڭ سىرتىدا ئوقۇلسۇن، ئوقۇغۇچى سەجدە قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، تىڭشىغان ۋە ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قالغان كىشىلەر سەجدە قىلىشى لازىم. بۇ شافىئىي ئۆلىمالىرىنىڭ نەزەرىدىكى توغرا، مەشھۇر قاراشتۇر. بۇ ھەم ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ قارىشىدۇر.

شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن «ئەلبەيان» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىفى (2/288): «سەجدە ئايەتىنى نامازدا ئوقۇغان كىشىنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىغان نامازنىڭ سىرتىدىكى كىشى سەجدە قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدۇ.

شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن سەيدەلانىي: «سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغۇچى سەجدە قىلمىسا، باشقىلار سەجدە قىلمايدۇ» دەيدۇ. توغرىسى ئاۋۋالقى قاراشتۇر.

تىلاۋەت قىلغۇچى مۇسۇلمان ياكى كافىر بولسۇن، بالاغەتكە يەتكەن ياكى نارەسىدە بولسۇن، تاھارەتلىك ياكى تاھارەتسىز بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن ھۆكۈم ئوخشاشتۇر. بۇ ھەم ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭمۇ قارىشىدۇر(6).

بەزى شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «سەجدە ئايەتىنى كافىر، كىچىك بالا، تاھارەتسىز كىشى، مەس قاتارلىقلار ئوقۇسا ئاڭلىغان كىشى سەجدە قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدۇ.

بىر قىسىم سەلەف ئۆلىمالىرى: «سەجدە ئايەتىنى ئايال كىشى ئوقۇسا، ئاڭلىغان كىشى سەجدە قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دەيدۇ. بۇ قاراشنى ئىبنۇلمۇنزىر («ئەلئەۋسەت»، 5/286) قەتادە، مالىك، ئىسھاقلاردىن رىۋايەت قىلغان(7). بىز ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، توغرىسى ئاۋۋالقى قاراشتۇر.

سەجدە ئايەتى بار جاينىلا تاللاپ ئوقۇش

بۇ بىر ياكى ئىككى ئايەتنىلا ئوقۇپ سەجدە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئىبنۇلمۇنزىر شەئبىي، ھەسەن بەسرىي، ئىبنى سىرىن، نەخەئىي، ئەھمەد، ئىسھاق قاتارلىقلارنىڭ بۇنداق قىلىشنى مەكرۇھ دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان(8).

ئەبۇ ھەنىفە، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن، ئەبۇ سەۋر قاتارلىقلار: «ھېچقىسى يوق» دەپ قارايدۇ. بۇ بىزنىڭ مەزھەبىمىزگە ئۇيغۇندۇر(9).

نامازدىكى تىلاۋەت سەجدەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر

يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشى سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغان بولسا سەجدە قىلىدۇ. مۇبادا تىلاۋەت سەجدەسىنى شۇ ۋاقىتتا قىلماي، رۇكۇ قىلغاندىن كېيىن قىلماقچى بولسا، دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغان بولسا، نامىزى بۇزۇلىدۇ. ئەگەر رۇكۇغا ئېگىلىپتۇ – يۇ، ئەمما رۇكۇغا تولۇق بېرىپ بولالمىغان بولسا، تىلاۋەت سەجدەسى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى يەنە بىر نامازدىكى كىشىنىڭ ياكى باشقا بىر كىشىنىڭ سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ سەجدە قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سەجدە قىلغان بولسا، نامىزى بۇزۇلىدۇ.

نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇغان مەزكۇر كىشى ئىمام بولغان بولسا، جامائەت بولۇپ ئوقۇلغان بۇ نامازنىڭ ھۆكمى يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئىمام تىلاۋەت سەجدەسى قىلسا، ئىقتىداﺋ قىلغۇچىنىڭمۇ ئىمام بىلەن بىرگە سەجدە قىلىشى ۋاجىبتۇر. ئەگەر ئىقتىداﺋ قىلغۇچى سەجدە قىلمىسا، نامىزى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئىمام سەجدە قىلمىسا، ئىقتىداﺋ قىلغۇچىنىڭ سەجدە قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئىقتىداﺋ قىلغۇچى سەجدە قىلىپ قالسا، نامىزى بۇزۇلىدۇ. لېكىن، ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىقتىداﺋ قىلغۇچىنىڭ سەجدە قىلىۋېتىشى مۇستەھەب، ئەمما چوقۇم قىلىشى لازىم ئەمەس.

ئىقتىداﺋ قىلغۇچى ئىمامنىڭ تىلاۋەت سەجدەسى قىلغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ، ئىمام سەجدەدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بولغان بولسا، ئىقتىداﺋ قىلغۇچى سەجدە قىلماسلىقتا ئۆزرىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۆز ئالدىغا سەجدە قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئىمامنىڭ سەجدەگە بارغانلىقىنى ئىمام تىلاۋەت سەجدەسى قىلىۋاتقاندا بىلگەن بولسا، سەجدە قىلىشى «ۋاجىب» بولىدۇ. مۇبادا ئىقتىداﺋ قىلغۇچى سەجدەگە ئېگىلىۋاتقاندا، ئىمام سەجدەدىن بېشىنى كۆتۈرۈۋاتقان بولسا، بېشىنى كۆتۈرمەي ئىمام بىلەن بىللە سەجدە قىلىۋېرىشى دۇرۇس بولمايدۇ. شۇنداقلا ئىمام بىلەن بىللە سەجدەگە بارغان تېنى ئاجىز كىشىمۇ ئىمامنىڭ ھەرىكىتى چاققان، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولغانلىقتىن سەجدەگە بېرىپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئىمام بېشىنى كۆتۈرگەن بولسا، تىلاۋەت سەجدەسى قىلماستىن ئىمام بىلەن بىللە قايتىدۇ.

ئىقتىداﺋ قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچى سەجدە ئايەتىنى ئۆزى ئوقۇغان ياكى ئىقتىداﺋ قىلىۋاتقان ئىمامىدىن باشقا كىشىنىڭ ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسا، سەجدە قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سەجدە قىلسا نامىزى بۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭ سەجدە ئايەتلىرىنى ئوقۇشى ياكى ئىمامىدىن باشقىلارنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سېلىشى مەكرۇھتۇر.

تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ ۋاقتى

ئۆلىمالار: «ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان سەجدە ئايەتى ئاخىرلاشقان ھامان سەجدە قىلىدۇ. ئەگەر سەجدە قىلىشنى كېچىكتۈرگەن، ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتمىگەن بولسا، سەجدە قىلىدۇ. ئەگەر ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، سەجدەنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. خۇددى ‹كۈن تۇتۇلۇش› نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلمىغاندەك، شافىئىي مەزھەبىدىكى سەھىھ، مەشھۇر قاراشقا ئاساسلانغاندا، قازاسىنى قىلمايدۇ» دەيدۇ. بەزى ئۇستازلىرىمىز: «بۇ مەسىلىدە ‹بامدات، پېشىن قاتارلىق نامازلارنىڭ سۈننىتىنىڭ قازاسىنى قىلغاندەك، بۇ سەجدەنىڭمۇ قازاسىنى قىلىدۇ› دەيدىغان زەئىف بىر قاراشمۇ بار» دېگەن.

سەجدە ئايەتىنى تاھارەتسىز ئوقۇپ ياكى ئاڭلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاھارەت ئالغان بولسا سەجدە قىلىدۇ. ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، شافىئىي مەزھەبتىكى كۆپچىلىك ئالىملار تاللىغان توغرا قاراشتا سەجدەنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. «سەجدە قىلىدۇ» دەيدىغان يەنە بىر قاراش بولۇپ، بۇ شافىئىي ئۇستازلىرىمىزدىن ئىمام بەغەۋىينىڭ تاللىشىدۇر. بەغەۋىي رەھىمەھۇللاھ: «ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مۇئەززىن بىلەن بىللە ئەزان كەلىمەلىرىنى تەكرارلىيالمىغان كىشى نامازدىن كېيىن تەكرارلىغاندەك تىلاۋەت سەجدەسىنىمۇ تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسىمۇ قازاسىنى قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ.

بۇ يەردىكى ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى شافىئىي مەزھەبتىكى تاللانغان قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئۆرپ – ئادەتكە قاراپ بېكىتىلىدۇ(10). ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

سەجدە ئايەتلىرىنى تەكرار ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

ئەگەر سەجدە ئايەتلىرىنىڭ ھەممسىنى ياكى بىرنەچچىسىنى بىر ئورۇندا ئوقۇغان بولسا، ھەربىر سەجدە ئايەتى ئۈچۈن بىر سەجدە قىلىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ يوق. بىر سەجدە ئايەتىنى بىرنەچچە ئورۇندا تەكرار ئوقۇغان بولسا، ھەربىر قېتىم ئوقۇغىنى ئۈچۈن بىردىن سەجدە قىلىدۇ. بۇمۇ ھەم ئىختىلاپ يوق مەسىلىدۇر. ئەگەر بىر سەجدە ئايەتىنى بىر ئورۇندا تەكرار ئوقۇغان بولسا ۋە بىرىنچى قېتىم ئوقۇغاندا سەجدە قىلمىغان بولسا، ئاخىرىدا قىلغان بىر سەجدە ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر تۇنجى قېتىملىقى ئۈچۈن سەجدە قىلغان بولسا، بۇنىڭدا ئۈچ خىل قاراش بار:

1. ئالدىنقىسىنىڭ ھۆكمىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەۋەب يېڭىلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىر قېتىم سەجدە ئايەتىنى تەكرار ئوقۇسا، بىردىن سەجدە قىلىدۇ. بۇ ئەڭ توغرا بولغان قاراشتۇر.

2. بىرىنچى سەجدە ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ئىبنى سۇرەيج ۋە ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھلارنىڭ قارىشىدۇر(11). شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن «ئەلئۇددە» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىفى: «مۇشۇ قاراش بويىچە پەتىۋا بېرىلىدۇ» دەيدۇ. بۇ ھەم شافىئىي ئۆلىمالىرىدىن زاھىد شەيخ نەسر مەقدىسىينىڭمۇ تاللىشىدۇر.

3. ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە سەجدە قىلىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بىرىنچى سەجدە كۇپايە قىلىدۇ.

بىر سەجدە ئايەتىنى بىر رەكئەتتە تەكرار ئوقۇغان بولسا، بىر سەجدە ئايەتىنى بىر ئورۇندا تەكرار ئوقۇغانغا ئوخشاش بۇ ھەقتە ئۈچ خىل قاراش بار. ئەگەر ئىككى رەكئەتتە تەكرار ئوقۇغان بولسا، ئىككى ئورۇندا تەكرار ئوقۇغانغا ئوخشاش تەكرار سەجدە قىلىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ يوق.

ئۇلاغقا مىنگەن كىشىنىڭ تىلاۋەت سەجدەسى قىلىشىنىىڭ ھۆكمى

سەپەردە ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغان بولسا، ئىشارەت بىلەن سەجدە قىلسا بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ۋە ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد، ئەھمەد، زۇفەر، داۋۇد قاتارلىقلارنىڭ قارىشىدۇر(12).

بەزى ھەنەفىي ئۆلىمالىرى: «سەجدە قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. توغرىسى، كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدۇر.

ئەمما، يۇرت ئىچىدە ئۇلاغقا مىنىپ كېتىۋىتىپ سەجدە ئايەتىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ ئىشارەت بىلەن سەجدە قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.

سەجدە ئايەتىنى نامازدا ئۆز ئورنىدىن باشقا ئورۇنلاردا ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

ئەگەر سەجدە ئايەتىنى نامازدا «فاتىھە»دىن بۇرۇن ئوقۇغان بولسا، سەجدە قىلىشى لازىم. ئەمما، رۇكۇدا ياكى سەجدەدە ئوقۇغان بولسا، سەجدە قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، قىرائەتنىڭ ئورنى قىيامدۇر.

ناۋادا سەجدە ئايەتىنى ئوقۇپ، سەجدەگە كېتىۋېتىپ «فاتىھە»نى ئوقۇغان – ئوقۇمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالغان بولسا، سەجدە قىلىۋېرىدۇ، كېيىن قىيامغا قايتىپ، «فاتىھە»نى ئوقۇيدۇ. چۈنكى، تىلاۋەت سەجدەسىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

سەجدە ئايەتىنى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

مۇبادا سەجدە ئايەتىنىڭ فارسچە تەرجىمىسىنى ئوقۇغان بولسا، بىزنىڭ (يەنى شافىئىي مەزھەبىدىكىلەرنىڭ) قارىشىمىزدا، خۇددى سەجدە ئايەتىنى تەفسىر قىلغانغا ئوخشاش سەجدە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سەجدە قىلىش لازىم» دەيدۇ(13).

سەجدە ئايەتىنى تىلاۋەت قىلغۇچىنىڭ سەجدەسى بىلەن ئاڭلىغۇچىنىڭ سەجدەسىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقى

سەجدە ئايەتىنى ئاڭلىغۇچى سەجدە ئايەتىنى تىلاۋەت قىلغۇچى بىلەن سەجدە قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا باغلانمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭغا ئىقتىداﺋ قىلىشنى نىيەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن سەجدەدىن بېشىنى كۆتۈرسە بولىدۇ.

ئىمامنىڭ سەجدە ئايەتىنى ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى

بىزنىڭ (شافىئىيلارنىڭ) قارىشىمىزدا، قىرائەت ئۈنلۈك قىلىنىدىغان نامازلاردا بولسۇن ياكى ئۈنسىز قىلىنىدىغان نامازلاردا بولسۇن، ئىمامنىڭ سەجدە ئايەتى ئوقۇشى مەكرۇھ ئەمەس. ئىمام قاچان سەجدە ئايەتى ئوقۇسا، شۇ چاغدا سەجدە قىلىدۇ. ئىمام مالىك: «ئىمامنىڭ سەجدە ئايەتى ئوقۇشى ئۈنلۈك ياكى ئۈنسىز قىرائەت قىلىنىدىغان نامازلاردا ‹مەكرۇھ›» دەيدۇ(14).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام ئەھمەد: «قىرائەت ئۈنسىز قىلىنىدىغان نامازلاردا ‹مەكرۇھ›، ئۈنلۈك قىلىنىدىغان نامازلاردا مەكرۇھ ئەمەس» دەيدۇ(15).

ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا تىلاۋەت سەجدەسى قىلىشنىڭ ھۆكمى

بىز (يەنى شافىئىي مەزھەبىدىكىلەر): «ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا تىلاۋەت سەجدەسى قىلىش مەكرۇھ ئەمەس» دەپ قارايمىز. بۇ شەئبىي، ھەسەن بەسرىي، سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ، قاسىم، ئەتاﺋ، ئىكرىمە(16)، ئەبۇ ھەنىفە، رەي ئەھلى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىقلارنىڭ قارىشىدۇر(17). بۇ ئىمام مالىكنىڭمۇ بىر قارىشىدۇر(18).

بۇنى يەنە بىر توپ ئۆلىمالار مەكرۇھ دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر(19)، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، ئىسھاق ئىبنى راھەۋەيھ، ئەبۇ سەۋر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىقلار بار. بۇ ئىمام مالىكنىڭ يەنە بىر قارىشىدۇر(20).

رۇكۇنىڭ تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغانلىقى

سەجدە قىلىش ئىمكانىيىتى بار بولغان نورمال ئەھۋالدا، رۇكۇ تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ. بۇ بىزنىڭ ۋە كۆپلىگەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر.

ئەمما، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ: «رۇكۇ تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ» دەيدۇ(21).

كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ دەلىلى بولسا، تىلاۋەت سەجدەسىنى نامازنىڭ سەجدەسىگە قىلغان قىياس بولۇپ، سەجدە قىلالمايدىغانلار نامازنىڭ سەجدەسىنى بىرئاز ئېگىلىپ قىلغاندەك، تىلاۋەت سەجدەسىنىمۇ بىرئاز ئېگىلىپ قىلسا بولىدۇ(22).

تىلاۋەت سەجدەسىنى قىلىش ئۇسۇلى

شۇنى بىلىش كېرەككى، تىلاۋەت سەجدەسى قىلماقچى بولغان كىشى يا نامازنىڭ ئىچىدە، يا نامازنىڭ سىرتىدا بولىدۇ.

نامازنىڭ سىرتىدا سەجدە ئايەتى ئوقۇغان كىشى سەجدە قىلماقچى بولسا، تىلاۋەت سەجدەسى قىلىشنى نىيەت قىلىدۇ ۋە سەجدەنى باشلاش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىدۇ. تەكبىر بىلەن تەڭ نامازنىڭ تەكبىر تەھرىمەسى (باشلاش تەكبىرى) دە كۆتۈرگەندەك قوللىرىنى ئىككى مۈرىسى باراۋېرىدە كۆتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سەجدەگە چۈشۈش ئۈچۈن يەنە تەكبىر ئېيتىدۇ. بۇ تەكبىردە قوللىرىنى كۆتۈرمەيدۇ. ئىككىنچى تەكبىر «مۇستەھەب»، شەرت ئەمەس، بۇ تەكبىرنىڭ ھۆكمى نامازنىڭ (تەكبىر تەھرىمەدىن باشقا) تەكبىرلىرىنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاشتۇر.

ئەمما، بىرىنچى تەكبىر (يەنى تەكبىر تەھرىمە) توغرىسىدا شافىئىي ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ئۈچ خىل قاراش بار:

بىرىنچىسى: ئۇ رۇكندۇر، ئۇنىڭسىز سەجدە توغرا بولمايدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بولۇپ، كۈچلۈك قاراشتۇر.

ئىككىنچىسى: مۇستەھەب. ناۋادا ئۇ تەكبىر چۈشۈرۈلمەي قالسىمۇ، سەجدە دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ. بۇ شەيخ ئەبۇ مۇھەممەد جۇۋەينىينىڭ قارىشىدۇر.

ئۈچىنچىسى: مۇستەھەب ئەمەس. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئەگەر سەجدە قىلماقچى بولغان كىشى ئۆرە تۇرۇۋاتقان كىشى بولسا، ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە سەجدەنى باشلاش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سەجدەگە چۈشۈۋېتىپ يەنە تەكبىر ئېيتىدۇ. ئەگەر ئولتۇرغان كىشى بولسا، بىر قىسىم شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشى مۇستەھەب، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەسلىدە ئۆرە تۇرۇپ تىلاۋەت سەجدەسى قىلماقچى بولغان كىشىگە ئوخشاش تەكبىر ئېيتىپ سەجدەگە بارىدۇ» دەيدۇ. بۇ قاراشنىڭ دەلىلى: تىلاۋەت سەجدەسىنى نامازنىڭ سەجدەسى ۋە تەكبىر تەھرىمەسىگە قىلىنغان قىياستۇر(23).

شافىئىي ئۇستازلىرىمىزنىڭ كاتتىلىرىدىن شەيخ ئەبۇ مۇھەممەد جۇۋەينىي، قازى ھۈسەين ۋە ئۇنىڭ ئىككى شاگىرتى «ئەتتەتىممە» ۋە «ئەتتەھزىب» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىفلىرى ۋە مۇھەققىق ئىمام ئەبۇلقاسىم رافىئىي قاتارلىقلار بۇنى ئوچۇق سۆزلىگەن ۋە مۇقىملاشتۇرغان، ئىمامۇل ھەرەمەين (ئىككى ھەرەم ئىمامى جۇۋەينىي) دادىسى شەيخ ئەبۇ مۇھەممەدتىن بۇ قىياسنى رىۋايەت قىلىپ بولۇپ، رەددىيە بېرىپ: «بۇ قىياسنىڭ مەنبەسىنىمۇ، كىتابلاردا زىكىر قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرمىدىم» دېگەن. ئىمامۇل ھەرەمەيننىڭ بۇ سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك سۆزدۇر. چۈنكى، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ ۋە بىز ئەگىشىدىغان سەلەفتىنمۇ ھېچقانداق رىۋايەت كەلمىگەن. كۆپچىلىك ئۇستازلىرىمىز ھەم بۇنى تىلغا ئالمىغان، ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

سەجدە قىلغاندا سەجدەگە بېرىش ۋە تەسبىھ ئېيتىش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەب – قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم.

سەجدەگە بېرىش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەب – قائىدىلەر شۇكى، ئىككى قولىنى يەردە ئىككى مۈرىسىنىڭ (يان تەرەپ) ئۇدۇلىدا قويۇش، بارماقلىرىنى جۈپلەپ، قىبلىگە قارىتىش، بارماقلىرىنى (كىيىمىنىڭ) يېڭىدىن چىقىرىش، يەرگە بىۋاسىتە تەگكۈزۈش، ئەرلەر جەينىكىنى بېقىنىغا، قورسىقىنى يوتىسىغا چاپلىۋالماسلىقى، ئاياللار (ۋە قوش جىنسلىقلار) قورسىقىنى يوتىسىغا چاپلىۋېلىشى، بېشىنى تۆۋەن، ئۇچىسىنى ئېگىز قىلىپ سەجدە قىلىش، پېشانىسى ۋە بۇرنىنى يەرگە تولۇق تەگكۈزۈش، سەجدەنى ئالدىرىماي تولۇق ئادا قىلىش.

سەجدەدە تەسبىھ ئېيتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «نامازنىڭ سەجدەسىدە ئېيتىدىغان «سُبْحَانَ رَبِّىَ الأَعْلَى» دېگەن تەسبىھنى ئۈچ قېتىم ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، «اللَّهُمَّ لَكَ سَجَدْتُ وَبِكَ آمَنْتُ وَلَكَ أَسْلَمْتُ سَجَدَ وَجْهِى لِلَّذِى خَلَقَهُ وَصَوَّرَهُ وَشَقَّ سَمْعَهُ وَبَصَرَهُ تَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ / ئى ئاللاھ! ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا بويسۇندۇم، يۈزۈمنى كۈچ – قۇدرىتى بىلەن ياراتقان، سۈرەتكە كەلتۈرگەن، ئۇنىڭغا كۆز ۋە قۇلاقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان زاتقا سەجدە قىلدىم، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر» ۋە يەنە: «سُبُّوحٌ قُدُّوسٌ رَبُّ الْمَلاَئِكَةِ وَالرُّوحِ / ئاللاھ ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇر، مۇقەددەستۇر. مالائىكىلەر ۋە جىبرىلنىڭ رەببىدۇر» دەيدۇ(24). بۇلار نامازنىڭ سەجدەلىرىدىمۇ قىلىنىدىغان دۇئالاردۇر.

شافىئىي ئۇستازلىرىمىز: «اللَّهُمَّ اكْتُبْ لِي بِهَا عِنْدَكَ أَجْرًا، وَضَعْ عَنِّي بِهَا وِزْرًا، وَاجْعَلْهَا لِي عِنْدَكَ ذُخْرًا، وَتَقَبَّلْ مِنِّي كَمَا تَقَبَّلْتَ مِنْ عَبْدِكَ دَاوُدَ / ئى ئاللاھ! مۇشۇ سەجدە سەۋەبلىك ماڭا دەرگاھىڭدا بىر ساۋاب يازغىن، بىر گۇناھىمنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇنى مەن ئۈچۈن دەرگاھىڭدا ساقلاپ قويغىن ۋە ئۇنى بەندەڭ داۋۇد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن! دېيىش مۇستەھەب» دەيدۇ(25). بۇ تىلاۋەت سەجدەسىگە خاس دۇئا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

ئۇستاز ئىسمائىل زەرىر ئۆزىنىڭ «ئەتتەفسىر» ناملىق كىتابىدا ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ دۇئاسىدا: ﴿سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِن كَانَ وَعۡدُ رَبِّنَا لَمَفۡعُولٗا / پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 108) دېيىشنى تاللىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇ نەقىلنى ئىمام شافىئىيدىن ھېچكىم رىۋايەت قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ياخشى قاراشتۇر. چۈنكى، قۇرئاننىڭ سەجدەدە ﴿سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِن كَانَ وَعۡدُ رَبِّنَا لَمَفۡعُولٗا﴾ دېگەنلەرنى ماختىغانلىقى ئوچۇق – ئاشكارىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەجدەدە بۇ زىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىدىن خاھلىغان نەرسىلىرىنى تىلەپ دۇئا قىلىش مۇستەھەبتۇر. بۇ زىكىرلەرنىڭ بەزىسىنى ئوقۇسىمۇ تەسبىھ ئېيتقان بولىدۇ، ناۋادا ئەسلا تەسبىھ ئېيتمىغان بولسىمۇ، خۇددى نامازنىڭ سەجدەلىرىدە تەسبىھ ئېيتمىسىمۇ سەجدە ئادا بولغاندەك تىلاۋەت سەجدەسىمۇ ئادا بولۇۋېرىدۇ.

زىكىر – تەسبىھلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن تەكبىر ئېيتىپ بېشىنى كۆتۈرىدۇ. ئاندىن سالام بېرىش لازىممۇ؟

بۇ مەسىلىدە ئىمام شافىئىيدىن مەشھۇر ئىككى خىل قاراش ئوچۇق رىۋايەت قىلىنغان:

1. شاگىرتلىرىنىڭ كۆپچىلىكى تاللىغان سەھىھ قاراش: تىلاۋەت سەجدەسىنى تەكبىر تەھرىمە بىلەن باشلىغانلىقى ئۈچۈن سالام بېرىش لازىم. بۇ ۋاقىتتا تىلاۋەت سەجدەسى جىنازا نامىزىغا ئوخشىغان بولىدۇ. بۇنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد سەھىھ سەنەد بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ رىۋايەتمۇ كۈچلەندۈرىدۇ: «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەجدە ئايەتىنى ئوقۇسا، سەجدە قىلىپ بولغاندىن كېيىن سالام بېرەتتى».

ئىككىنچى خىل قاراش: نامازدا تىلاۋەت سەجدەسى قىلسا سالام بەرمىگەندەك، سالام بەرمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سالام بەرگەنلىكى نەقىل قىلىنمىغان.

بىرىنچى قاراش بويىچە، «سالام بېرىش لازىم» دېسەك، تەشەھھۇدنىمۇ ئوقۇش لازىممۇ؟

بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش بار. توغرىسى، تىلاۋەت سەجدەسى قىيامغا موھتاج بولمىغاندەك، تەشەھھۇدقىمۇ موھتاج ئەمەس.

بەزى شافىئىي ئۇستازلىرىمىز سالام ۋە تەشەھھۇد مەسىلىسىنى بىرلەشتۈرۈپ: «بۇ ئىككىسىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قاراش بار» دېگەن:

1. سەھىھ بولغىنى: تەشەھھۇد ئوقۇش زۆرۈر ئەمەس، سالام بېرىش زۆرۈردۇر؛

2. ھېچقايسىسى زۆرۈر ئەمەس؛

3. ئىككىلىسىنى قىلىش لازىم.

مۇھەممەد ئىبنى سىرىن، ئەبۇ ئابدۇرراھمان سۇلەمىي، ئەبۇلئەھۋەس، ئەبۇ قىلابە، ئىسھاق ئىبنى راھەۋەيھ قاتارلىق سەلەفلەر: «سالام بېرىش لازىم» دەپ قارىسا، ھەسەن بەسرىي، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئىبراھىم نەخەئىي، يەھيا ئىبنى ۋەسساب، ئىمام ئەھمەد قاتارلىق سەلەفلەر: «سالام بەرمەيدۇ» دەپ قارايدۇ(26).

يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز ناماز سىرتىدىكى تىلاۋەت سەجدەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەردۇر.

ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا يەنى نامازنىڭ ئىچىدە تىلاۋەت سەجدەسى قىلغاندا، تىلاۋەت سەجدەسىگە كىرىش ئۈچۈن (تەكبىر تەھرىمە ئۈچۈن) تەكبىر ئېيتمايدۇ. سەجدە قىلىش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەب، لېكىن بۇ تەكبىردە قولىنى كۆتۈرمەيدۇ، سەجدەدىن بېشىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يەنە تەكبىر ئېيتىدۇ. بۇ كۆپچىلىك شافىئىي ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدىكى سەھىھ، مەشھۇر قاراشتۇر. شافىئىي ئۇستازلىرىمىزدىن ئەبۇ ئەلى ئىبنى ئەبى ھۇرەيرە: «سەجدەگە بېرىش ئۈچۈنمۇ، سەجدەدىن بېشىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈنمۇ تەكبىر ئېيتمايدۇ» دەيدۇ. لېكىن، ئاۋۋالقى قاراش مەشھۇردۇر.

نامازنىڭ ئىچىدىكى تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ سەجدەگە بېرىش ۋە تەسبىھ ئېيتىش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەب – قائىدىلىرىنى ناماز سىرتىدىكى سەجدەنىڭ ھۆكۈملىرىنى سۆزلىگەندە بايان قىلىپ بولغانىدۇق. قوشۇپ قويىدىغان يەنە بىر مەسىلە: تىلاۋەت سەجدەسى قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئىمام بولسا، سەجدە قىلغاندا تەسبىھنى بەك كۆپ ئېيتماسلىقى لازىم. ئەگەر ئىقتىداﺋ قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ تەسبىھ ئېيتىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلسە، كۆپ تەسبىھ ئېيتسا بولىدۇ.

ناماز ئىچىدىكى تىلاۋەت سەجدەسىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئارام ئېلىپ ئولتۇرماستىن تۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق بولۇپ، بۇنى ئوچۇق تىلغا ئالغان ئالىملار ناھايىتى ئاز. بۇنى قازى ھۈسەين، بەغەۋىي، رافىئىي قاتارلىق ئالىملار ئوچۇق تىلغا ئالغان. بۇ مەسىلىدە تىلاۋەت سەجدەسى ناماز سەجدەسىدىن پەرقلىنىدۇ، «سەھىھۇلبۇخارىي» قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر (823) دە كەلگەن، ئىمام شافىئىي تاللىغان ۋە ئوچۇق بايان قىلغان سەھىھ قاراش شۇكى، بارلىق نامازلارنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە، تۆت رەكئەتلىك نامازلارنىڭ ئۈچىنچى رەكئەتىدە ئىككىنچى سەجدەدىن كېيىن ئارام ئېلىش ئۈچۈن يەڭگىل ئولتۇرۇۋېتىش مۇستەھەبتۇر.

نامازدا تىلاۋەت سەجدەسىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئورنىدىن تۇرۇش لازىم. ئۆرە تۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاز – تولا ئايەت ئوقۇپ ئاندىن رۇكۇ قىلىش مۇستەھەب، ئايەت ئوقۇماستىن رۇكۇ قىلىشمۇ جائىز.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر  قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.


1. «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/66.
2. «ئەلھىدايە»، 1/197.
3. شافىئىي مەزھەبىنىڭ قاراشلىرى ئۈچۈن «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/67؛ ھەنەفىي مەزھەبى ئۈچۈن «ئەلھىدايە»، 1/197؛ ھەنبەلىي مەزھەبى ئۈچۈن «ئەلمۇغنىي»، 2/357 كە قاراڭ.
4. «ئابدۇرراززاق»، (5878).
5. مالىك ئىبنى ئەنەس ۋە لەيس ئىبنى سەئدنىڭ قارىشى ئۈچۈن قاراڭ: «ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا»، 1/110.
6. «ئەلھىدايە»، 1/197؛ «ھاشىيەتۇ ئىبنى ئابىدىن»، 2/104.
7. مالىكىي مەزھەبىدىكىلەرنىڭ ئاڭلىغۇچىغا تىلاۋەت سەجدەسىنىڭ ۋاجىب بولۇشى ئۈچۈن قويىدىغان شەرتلىرى پەرقلىق بولۇپ، بۇنى بىلىش ئۈچۈن قاراڭ: «ئەششەرھۇل كەبىر»، 1/307.
8. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئەۋسەت»، 5/280؛ «ئەلمۇغنىي»، 2/370.
9. ھەنەفىي مەزھەبى ئۈچۈن «بەدائىئۇسسەناﺋﯩﺌ»، 1/449؛ «ھاشىيەتۇ ئىبنى ئابىدىن»، 2/119 كە، شافىئىي مەزھەبى ئۈچۈن «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/81 كە مۇراجىئەت قىلىڭ.
10. شافىئىي ئالىملار ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنى نورمال سۈرئەتتە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالغۇدەك ۋاقىت ئۆتۈش دەپ بېكىتكەن.
11. «ئەلھىدايە»، 1/197؛ «ھاشىيەتۇ ئىبنى ئابىدىن»، 2/114.
12. شافىئىي مەزھەبى ئۈچۈن «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/81؛ ھەنەفىي مەزھەبى ئۈچۈن «ھاشىيەتۇ ئىبنى ئابىدىن»، 2/106؛ مالىكىي مەزھەبى ئۈچۈن «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 2/60؛ ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھەبى ئۈچۈن «كەششافۇل قىناﺋ»، 1/304 كە قاراڭ.
13. «ھاشىيەتۇ ئىبنى ئابىدىن»، 2/105.
14. يەنى قىرائەت ئۈنلۈك قىلىنىدىغان نامازلاردا بولسۇن ياكى ئۈنسىز قىلىنىدىغان نامازلاردا بولسۇن ھەممىسىدە مەكرۇھ. بۇ پەرز نامازلارنىڭ گېپى، ئەمما نەفلە نامازلاردا مەكرۇھ ئەمەس. قاراڭ: «ئەششەرھۇل كەبىر»، 1/310.
15. ھەنەفىي مەزھەبى ئۈچۈن «بەدائىئۇسسەناﺋﯩﺌ»، 1/192؛ ھەنبەلىي مەزھەبى ئۈچۈن «كەششافۇل قىناﺋ»، 1/449 كە قاراڭ.
16. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/467 – 468.
17. «ھاشىيەتۇ ئىبنى ئابىدىن»، 1/373.
18. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 8/110.
19. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/468.
20. «مۇۋەتتا مالىك»، 1/207.
21. «ھاشىيەتۇ ئىبنى ئابىدىن»، 2/111.
22. ئىمام مالىكنىڭ مەزھەبى ئۈچۈن «ئەششەرھۇل كەبىر»، 1/312؛ ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھەبى ئۈچۈن قاراڭ: «كەششافۇل قىناﺋ»، 1/447.
23. ھەنەفىي مەزھەبىدە تىلاۋەت سەجدەسىدە تەكبىر ئېيتىپ قۇلاق قاقىدىغان، سەجدەدىن كېيىن «ئەتتەھىيياتۇ» ئوقۇيدىغان ۋە سالام بېرىدىغان ئىش يوق. سەجدە قىلىشتىن بۇرۇن «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ تەكبىر ئېيتىش ۋە سەجدە قىلىپ بولغاندىن كيىنمۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر. — ت.
24. «مۇسلىم»، (487، 771).
25. «سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە»، (562)؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، (2768)؛ «تىرمىزىي»، (579).
26. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/452.

Please follow and like us:
Exit mobile version