«قۇرئان»نى مەخسۇس تەييارلانغان پاكىزە يەردە ئوقۇش مۇستەھەب. بىر قىسىم ئۆلىمالار: «‹قۇرئان›نى مەسجىدتە ئوقۇش مۇستەھەب» دەپ قارىغان. چۈنكى، مەسجىد پاكىزە ھەم ئۇلۇغ يەر بولۇپلا قالماي، مەسجىدتە «قۇرئان» ئوقۇغاندا يەنە ئېتىكاپنىڭ پەزىلىتىنىمۇ قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسجىدتە ئولتۇرغان كىشى ئاز ئولتۇرسۇن ياكى كۆپ ئولتۇرسۇن، مەسجىدكە كىرگەن ھامان ئېتىكاپنى نىيەت قىلىشى لازىم.
بۇ بولسا كىشىلەر دىققەت قىلمايۋاتقان، ئەھمىيەت بېرىشكە، كىشىلەر ئارىسىغا تارقىتىشقا، كىچىك بالىلارمۇ، ئاۋام پۇقرالارمۇ بىلىشكە تېگىشلىك ئەدەبتىندۇر.
مۇنچىدا «قۇرئان» ئوقۇشنىڭ مەكرۇھ ياكى ئەمەسلىكىدە سەلەف ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇد.
بىزنىڭ شافىئىي ئۆلىمالىرىمىز: «مەكرۇھ ئەمەس» دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنى كاتتا ئىمام ئىكەنلىكىدە ھەممە بىرلىككە كەلگەن ئىمام ئەبۇبەكرى ئىبنۇلمۇنزىر «ئەلئىشراف» ناملىق كىتابىدا ئىبراھىم نەخەئىي ۋە ئىمام مالىكتىن نەقىل قىلغان. بۇ ھەم كاتتا تابىئىن ئەتائنىڭمۇ قارىشىدۇر.
يەنە بىر قىسىم سەلەف ئالىملىرى: «مەكرۇھ» دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بار. بۇ قاراشنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. ئىبنۇلمۇنزىر، ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبنى سەلەمە، شەئبىي، ھەسەن بەسرىي، مەكھۇل، قەبىسە ئىبنى زۇۋەيب قاتارلىق تابىئىنلارنىڭمۇ «مەكرۇھ» دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. بىز ئىبراھىم نەخەئىيدىن شۇنداق رىۋايەت قىلغان(1). شافىئىي ئۆلىمالىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭمۇ «مەكرۇھ» دەپ قارايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان(2). ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن!
شەئبىي رەھىمەھۇللاھ: «ئۈچ ئورۇندا ‹قۇرئان› ئوقۇش مەكرۇھتۇر. ئۇلار: مۇنچا، خالا، مېڭىۋاتقان تۈگمەن» دېگەن(3).
ئەبۇ مەيسەرە رەھىمەھۇللاھ: «ئاللاھ پاك ئورۇندىلا ياد ئېتىلىدۇ» دېگەن(4). ئاللاھ توغرىسىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
يولدا «قۇرئان» ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، دىققىتى بۆلۈنۈپ كەتمىسە جائىز، مەكرۇھ ئەمەس. ئەگەر دىققىتى بۆلۈنۈپ كەتسە مەكرۇھتۇر. بۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۈگدەك باسقان كىشىنى خاتا ئوقۇپ سېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن «قۇرئان» ئوقۇشتىن توسقانلىقىغا ئوخشايدۇ(5).
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يولدا كېتىۋېتىپ «قۇرئان» ئوقۇيتتى. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھنىڭمۇ يولدا «قۇرئان» ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇدنىڭ سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىشىچە، ئىبنى ۋەھب دەيدۇكى: «مەن ئىمام مالىكتىن:
— بىر ئادەم كېچىنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇپ، ئوقۇۋاتقان سۈرە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا (نامازنى ئاخىرلاشتۇرۇپ) مەسجىدكە ماڭغان بولسا (قانداق قىلىدۇ؟ سۈرىنىڭ قالغىنىنى يولدا ئوقۇسا بولامدۇ؟) — دەپ سورىسام، ئۇ:
— يولدا ‹قۇرئان› ئوقۇشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، — دېدى ۋە يولدا قۇرئان ئوقۇشنى يامان كۆردى»(6). مانا بۇ ئىمام مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن سەھىھ سەنەدلىك رىۋايەت.
«قۇرئان» ئوقۇغاندا قىبلىگە ئالدىنى قىلىش ۋە ئولتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى
نامازنىڭ سىرتىدىمۇ قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ «قۇرئان» ئوقۇش مۇستەھەب. ھەدىستە: «سورۇنلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىبلىگە قاراپ ئولتۇرۇلغان سورۇندۇر» دېيىلگەن(7).
«قۇرئان» تىلاۋەت قىلغۇچى كەمتەرلىك، ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن، يەرگە قاراپ مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندەك تەۋازۇﺋ – ئەدەب بىلەن ئولتۇرۇپ «قۇرئان» ئوقۇيدۇ. بۇ ئەڭ مۇكەممەل ئولتۇرۇش شەكلىدۇر. ئۆرە تۇرۇپ، يېتىپ تۇرۇپ ۋە باشقا ھالەتلەردە تۇرۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ ۋە ساۋابقا ئېرىشىدۇ. لېكىن ئاۋۋالقىسىغا يەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتقانكى: ﴿إِنَّ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ لَأٓيَٰتٖ لِّأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ ١٩٠ ٱلَّذِينَ يَذۡكُرُونَ ٱللَّهَ قِيَٰمٗا وَقُعُودٗا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمۡ / شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنلارنىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلبەتتە روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 190، 191).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مېنىڭ ھەيزىم كېلىپ تۇرغان چاغلاردىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەيدەمگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ‹قۇرئان› ئوقۇيتتى» دېگەن(8).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «بېشىنى قۇچىقىمغا قويۇپ ‹قۇرئان› ئوقۇيتتى» دېگەن(9).
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن نامازدىمۇ، كۆرپىدە يېتىۋېتىپمۇ ‹قۇرئان› ئوقۇيمەن» دېگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ: «مەن ‹قۇرئان›دىن كۈندىلىك ئوقۇيدىغان ۋەزىپەمنى كارىۋاتتا يېتىپمۇ ئوقۇۋېرىمەن» دېگەن(10).
«قۇرئان» ئوقۇشتىن بۇرۇن شەيتاندىن پاناھ تىلەشنىڭ مۇستەھەبلىكى
«قۇرئان» ئوقۇماقچى بولغان كىشى «قۇرئان» ئوقۇشنى باشلاشتىن بۇرۇن «أَعوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطانِ الرَّجيمِ» دەپ شەيتاندىن پاناھلىق تىلەيدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر. بەزى سەلەف ئالىملىرى: «بۇنى تىلاۋەتتىن كېيىن دەيدۇ» دېگەن ۋە بۇ سۆزىگە: ﴿فَإِذَا قَرَأۡتَ ٱلۡقُرۡءَانَ فَٱسۡتَعِذۡ بِٱللَّهِ مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ ٱلرَّجِيمِ / قۇرئان ئوقۇساڭ قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن﴾(16/«نەھل»: 98) دېگەن ئايەتنى دەلىل قىلغان.
لېكىن، كۆپىنچە ئۆلىمالار: «‹قۇرئان ئوقۇساڭ› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ‹قۇرئان› ئوقۇماقچى بولساڭ دېگەن بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.
شەيتاندىن پاناھ تىلەشنىڭ شەكلى بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك «أَعوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطانِ الرَّجيمِ» دەپ پاناھلىق تىلەشتۇر. بىر قىسىم سەلەف ئۆلىمالىرى «أَعُوذُ بِاللَّهِ السَّمِيعِ الْعَلِيمِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ» دەپ شەيتاندىن پاناھلىق تىلەيتتى. بۇنداق دېسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاۋۋالقىسى ئەۋزەلدۇر.
ھەربىر «قۇرئان» تىلاۋەت قىلغۇچىنىڭ نامازدا بولسۇن ياكى نامازنىڭ سىرتىدا بولسۇن، «أَعوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطانِ الرَّجيمِ»نى ئوقۇشى مۇستەھەب، ۋاجىب ئەمەس.
شافىئىي مەزھەبىدىكى كۈچلۈك قاراشقا ئاساسلانغاندا، نامازنىڭ ھەربىر رەكئەتىدە «أَعوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطانِ الرَّجيمِ» دېيىش مۇستەھەبتۇر. يەنە بىر قاراش بولسا بىرىنچى رەكئەتتە مۇستەھەب. ئەگەر بىرىنچى رەكئەتتە دېمىگەن بولسا، ئىككىنچى رەكئەتتە دەيدۇ. كۈچلۈك قاراشتا جىنازا نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتىدە «أَعوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطانِ الرَّجيمِ» دېيىش مۇستەھەبتۇر.
ھەر سۈرىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن «بىسمىللاھىرراھمانىرراھىيم» دېيىش
«قۇرئان» ئوقۇغۇچى «تەۋبە» سۈرىسىدىن باشقا ھەر سۈرىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن «بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ (بىسمىللاھىرراھمانىررەھىيم)» دېيىشكە ئادەتلىنىش كېرەك. چۈنكى، كۆپچىلىك ئۆلىمالار دېگەنكى: «‹بىسمىللاھ› ‹قۇرئان›نىڭ بىر ئايەتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ‹تەۋبە› سۈرىسىدىن باشقا سۈرىلەرنىڭ ئالدىغا يېزىلغان(11). ھەر سۈرىنىڭ ئەۋۋىلىدە ‹بىسمىللاھ›نى ئوقۇسا، ‹قۇرئان›نى ياكى سۈرىنى شەكسىز تامام قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئوقۇمىسا، ‹قۇرئان›نىڭ بىر قىسمىنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ‹قۇرئان›نى مەلۇم سۈرە ياكى پارىلەرنى ئوقۇپ بولسا، مەلۇم مىقداردا ماددىي مۇكاپات بېرىلىدىغان ۋەزىپە شەكلىدە ئوقۇغان بولسا، مۇكاپاتنىڭ ئۆزىگە ھالال بولۇشى ئۈچۈن، ‹بىسمىللاھ›نى دېيىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇنى تەرك ئەتسە، ‹بىسمىللاھ› ھەر سۈرىنىڭ تۇنجى ئايەتى دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مۇكاپاتنى ئېلىشقا ھەقلىق بولالمايدۇ. بۇ دىققەت قىلىشقا ۋە باشقىلارغىمۇ تارقىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋە نازۇك مەسىلىدۇر».
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. دارىمىي («مۇسنەد»، 1038) رىۋايەت قىلىشىچە، ئەبۇ ۋائىل: «‹جۇنۇب ۋە ھەيزدار قۇرئان ئوقۇمايدۇ. مۇنچىدىمۇ ئوقۇمايدۇ› دېيىلەتتى» دېگەن. يەنە (1033) رىۋايەت قىلىشىچە، ئىبراھىم نەخەئىي: «تۆت يەردە ‹قۇرئان› ئوقۇلمايدۇ: خالادا، مۇنچىدا، جۇنۇب ۋە ھەيزدار ۋاقىتتا، ھەتتا جۇنۇب ۋە ھەيزدار ۋاقىتتا ئايەت چاغلىقنى ئوقۇسا مەيلى» دېگەن.
2. ھەنەفىي ئالىملاردىن ئىمام كاسانىي دەيدۇكى: «مۇنچىدا ‹قۇرئان› ئوقۇش ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئەبۇ يۈسۈف (ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن!) لەرنىڭ قارىشىدا مەكرۇھتۇر. ئىمام مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا پاكىزە مۇنچىدا ‹قۇرئان› ئوقۇش مەكرۇھ ئەمەس. ھەنەفىي ئۆلىمالىرىدىن ئىمام ئىبنى نۇجەيم دەيدۇكى: ‹ئەلخۇلاسە› ناملىق كىتابتا كېلىشىچە، مۇنچىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا قۇرئان ئوقۇش، تەسبىھ ئېيتىش، ‹ئەلھەمدۇلىللاھ› دېيىش مەكرۇھ. ئەگەر ئىچىدە مەخپىي ئوقۇسا ھېچقىسى يوق. بۇ، ئۆلىمالار تەرىپىدىن تاللانغان قاراشتۇر. ئەگەر ئەۋرىتى ئوچۇق بولسا ياكى مۇنچىدا ئايالى يالىڭاچ يۇيۇنۇۋاتقان بولسا ياكى بىرەر يالىڭاچ ئادەم بولسا، مۇنچىدا ‹قۇرئان› ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇسا ھېچقىسى يوق». قاراڭ: «ئەلبەھررۇررائىق»، 1/139.
3. ئىبنى دەرىس: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 41 – بەت.
4. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1/139؛ ئىبنى سەئد: «ئەتتەبەقاتۇل كۇبرا»، 6/107.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (212)؛ «مۇسلىم»، (791). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر بىرىڭلارنى ناماز ئوقۇۋېتىپ مۈگدەك باسسا، بېرىپ ئۇيقۇسى تۈگىگىچە ئۇخلىسۇن، چۈنكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار مۈگدەۋېتىپ ناماز ئوقۇسا، ‹ئىستىغپار ئېيتتىم› دەپ ئۆزىنى تىللاپ سېلىشى مۇمكىن» دېگەن.
6. شەيخ ئەھمەد ئىبنى غۇنەيم نەفراۋىي مالىكىي رەھىمەھۇللاھ («ئەلفەۋاكىھۇددەۋانى»، 2/366) دەيدۇكى: «ئۇلاغقا مىنىپ، يېنىچە يېتىپ، بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا، باغ ياكى ئېتىزلىققا كېتىۋېتىپ قۇرئان ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى، ‹قۇرئان› ئەڭ ئۇلۇغ زىكىردۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿فَاذْكُرُوا اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَى جُنُوبِكُمْ / ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 103) دېگەن. بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا ماڭغان كىشى قۇرئان ئوقۇش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدۇ ۋە قورقۇنچلاردىن ئەمىن بولىدۇ. پايتەخت بازارلىرىنىڭ يوللىرىدەك مەينەت، يولۇچىلار كۆپ يولدا مېڭىۋاتقان بولسا، ئاشكارا ئوقۇسۇن ياكى مەخپىي ئوقۇسۇن، ‹قۇرئان› يادلاۋاتقان ئوقۇغۇچى بولسۇن ياكى باشقا ئادەم بولسۇن، كۈچلۈك قاراشقا ئاساسلانغاندا، ‹قۇرئان› ئوقۇش مەكرۇھتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ زېھنى يولۇچىلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ‹قۇرئان› ئايەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىشنى قولدىن بېرىپ قويۇشى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ‹رىياكار› دەپ قارىلىپ قېلىشى، مەكرۇھلۇققا سەۋەب بولۇشى ياكى باشقا ئىشلارغا دۇچار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن».
7. تەبەرىي: «تەھزىبۇل ئاسار»، (776)؛ ئىبنى ئەساكىر: «تارىخى ئىبنى ئەساكىر»، 25/29؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ئەسباھان تارىخى»، (1001)؛ دەيلەمىي: «فىردەۋس»، (2901). ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەتى.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (297)؛ «مۇسلىم»، (301).
9. «بۇخارىي»، (7549).
10. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، (186)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 2/384.
11. ئىمام ئىبنى ھەجەر: «‹تەۋبە› سۈرىسىنى باشلىغاندا، ‹بِسْمِ اللَّـهِ› دېيىش ھارام. ئەگەر ئارىلىقىدىن باشلاپ ئوقۇغان بولسا، ‹بِسْمِ اللَّـهِ› دېيىش مەكرۇھ» دەپ قارايدۇ. جامال رەملىي: «(سۈرىنى) باشلىغاندا دېيىش مەكرۇھ، ئارىلىقىدا دېيىش سۈننەت» دەپ قارايدۇ.