بۇ ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىككى بابتا كىتابنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ مەقسەتلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ يادلاش ۋە ئەستە ساقلاش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بىرنەچچە پاراگرافتا قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
ئىخلاس قىلىش
«قۇرئان» ئوقۇتقۇچى ۋە قۇرئان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى ئىش ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەشتۇر.
ئاللاھ تائالا : ﴿وَمَآ أُمِرُوٓاْ إِلَّا لِيَعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مُخۡلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ حُنَفَآءَ وَيُقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُواْ ٱلزَّكَوٰةَۚ وَذَٰلِكَ دِينُ ٱلۡقَيِّمَةِ / ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇلدى، ئەنە شۇ توغرا دىندۇر﴾(98/«بەييىنە»: 5) دەيدۇ.
«سەھىھەين» («بۇخارىي»، 1؛ «مۇسلىم»، 1908) دە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭ نىيەتلەرگىلا ﺑﺎغلىقتۇر، ھەركىمگە نىيەت قىلغىنىلا بولىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىس ئىسلامنىڭ ئۇل – ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر.
بىز يەنە سەنەدى بىلەن(1) رىۋايەت قىلىمىزكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئىنساننىڭ ئېرىشىدىغىنى نىيىتىگە بېقىپ بولىدۇ» دېگەن. يەنە بىر ساھابەنىڭ: «ئىنسانلارنىڭ نىيەتلىرىگە قارىتا بېرىلىدۇ» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنغان(2).
بىز يەنە سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىمىزكى، ئۇستاز ئەبۇلقاسىم قۇشەيرىي — ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن — مۇنداق دەيدۇ: «ئىخلاس — ئەمەل – ئىبادەتنى بىر ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىش دېمەكتۇر. يەنى، ئۆز ئەمەلى ئارقىلىق پەقەت ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىلا مەقسەت قىلىش دېمەكتۇر. كىشىلەرگە ياسالمىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش، ئۇلارنىڭ ماختىشىنى ياخشى كۆرۈش قاتارلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنى ئويلىماسلىقتۇر. ئىخلاسنى يەنە ‹ئەمەل – ئىبادەتنى مەخلۇقلارنى كۆزلەشتىن خالىي ھالدا قىلىش› دېسەكمۇ بولىدۇ»(3).
يەنە ھۇزەيفە مەرئەشىي (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دەيدۇكى: «ئىخلاس — بەندىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ پىنھاندىمۇ، جاراستان(4) دىمۇ ئوخشاش بولۇشىدۇر»(5).
زۇننۇن مىسرىي (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دەيدۇكى: «ئۈچ نەرسە ئىخلاسنىڭ ئالامىتىدۇر: جىمى كىشىلەرنىڭ ماختاش ۋە سۆكۈشلىرىنى ئوخشاش كۆرۈش، ئەمەللىرىنى كۆز ئالدىدا قويۇۋالماي ئۇنتۇپ كېتىش، ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتىنى ئاخىرەتتە ئېلىشنى ئويلاش»(6).
فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «كىشىلەرنى دەپ ئەمەلنى تەرك ئېتىش رىيادۇر. كىشىلەرنى دەپ ئەمەل قىلىش شىركتۇر. ئىخلاس ئاللاھنىڭ سېنى ھەر ئىككىسىدىن ساقلاپ قېلىشىدۇر»(7).
سەھل تۇستەرىي رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «ئاقىللار ئىخلاسنىڭ تەبىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، مۇنۇ تەبىردىن باشقىنى تاپالمىدى: ئىخلاس — ئاشكارا – يوشۇرۇن ھەرىكەت ۋە سۈكۈناتلارنىڭ ھەممىسى بىر ئاللاھ ئۈچۈنلا بولۇش، ئۇنىڭغا نە مال – دۇنيا، نە ھاۋايى – ھەۋەس، نە نەپسى خاھىشلارنىڭ ھېچبىرى ئارىلاشماسلىقتۇر»(8).
سەرىي سەقەتىي رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «ھېچبىر ئىشنى كىشىلەرنى دەپ قىلما. ھېچ ئىشنى كىشىلەرنى دەپ تەرك ئەتمە. كىشىلەرنى دەپ ھېچنەرسە بەرمە. كىشىلەرگە ھېچبىر ئەمەلنى ئاشكارىلىما»(9).
ئىمام قۇشەيرىي رەھىمەھۇللاھمۇ: «راستچىللىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى ئىچ – تېشىنىڭ ئوخشاش بولۇشىدۇر» دېگەن.
ھارىس مۇھاسىبىي رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «راستچىل كىشى ئۆز قەلبىنىڭ ئىسلاھ بولۇشى ئۈچۈن، پۈتۈن ئىنسانلار قەلبىدىكى ھۆرمەت – ئېتىبارىنىڭ چىقىپ كېتىشىگە پەرۋا قىلمايدىغان، زەررىچىلىك ياخشى ئەمەلنىمۇ كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خاھلىمايدىغان، يامان ئەمەللىرىنى كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىنى يامان كۆرمەيدىغان كىشىدۇر. چۈنكى، يامان ئەمەللىرىنى كىشىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىنى يامان كۆرۈش كىشىلەر ئالدىدا نام – شۆھرەت تەمە قىلىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇنداق قىلىش سىددىقلار (يەنى راستچىللار) نىڭ ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس»(10).
يەنە بىرى دەيدۇكى: «سەن راستچىللىق بىلەن ئاللاھ رازىلىقىنى ئىزدىسەڭ، ئاللاھ ساڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ جىمى ئاجايىباتلىرىنى كۆرەلەيدىغان بىر ئەينەك ئاتا قىلىدۇ»(11).
سەلەف سالىھلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ئىنتايىن كۆپ. بىز مەقسەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاز بىر قىسمىغىلا ئىشارەت قىلدۇق. مەن «ئەلمەجمۇﺋ شەرھۇلمۇھەززەب (المجموع شرح المهذب)» ناملىق كىتابىمنىڭ بېشىدا سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرىنى شەرھلىرى بىلەن بايان قىلدىم ۋە تالىبلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوقۇغۇچى – ئوقۇتقۇچى، فىقھ ئالىملىرى ۋە فىقھ ئىلمى ئۆگىنىۋاتقۇچىلارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقلىرىنىمۇ بايان قىلدىم(12).
دۇنياغا بېرىلمەسلىك
ئۆز ئەمەلى ئارقىلىق «مال – دۇنيا، ئەمەل – مەنسەپ، يۈز – ئابرۇي، تەڭداشلىرىدىن يۇقىرى مەرتىۋە تەمەسىدە بولۇش، كىشىلەرنىڭ مەدھىيە – ماختاشلىرىغا ئېرىشىش، كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش» دېگەندەك دۇنيا مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىمەسلىكى، «قۇرئان» ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ خىزمەتنى بەزى تالىبلىرىدىن كېلىدىغان «ئازغىنە مال – دۇنيا، خىزمەت، ئۆگەتمىگەن بولسا بەرمەيدىغان ھەدىيە سۈرىتىدىكى بەدەل» دېگەندەك ئەرزىمەس مەنپەئەتلەرنى تەمە قىلىپ بۇلغىماسلىقى لازىم.
ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿مَن كَانَ يُرِيدُ حَرۡثَ ٱلۡأٓخِرَةِ نَزِدۡ لَهُۥ فِي حَرۡثِهِۦۖ وَمَن كَانَ يُرِيدُ حَرۡثَ ٱلدُّنۡيَا نُؤۡتِهِۦ مِنۡهَا وَمَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِن نَّصِيبٍ / كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوقتۇر﴾(42/«شۇرا»: 20)، ﴿مَّن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡعَاجِلَةَ عَجَّلۡنَا لَهُۥ فِيهَا مَا نَشَآءُ لِمَن نُّرِيدُ ثُمَّ جَعَلۡنَا لَهُۥ جَهَنَّمَ يَصۡلَىٰهَا مَذۡمُومٗا مَّدۡحُورٗا / بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خاھلىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خاھلىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خاھلىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ﴾(17/«ئىسراﺋ»: 18).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دېيىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىلىمنى دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆگەنسە، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ» دېگەن(13).
بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. ئەنەس، ھۇزەيفە، كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقانكى: «كىمكى جاھىللار بىلەن دەتالاش قىلىش ياكى ئۆلىمالار ئالدىدا پەخىرلىنىش، ياكى كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەنگەن بولسا، ئۆزىگە دوزاختىن ئورۇن تەييارلاپ قويسۇن». تىرمىزىينىڭ كەئب ئىبنى مالىكتىن قىلغان رىۋايىتىدە يەنە: «… ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ» دېگەن(14).
ئىلىم ئۆگىتىش نىيىتىدىكىلەر ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك ئىشلار
مۇدەررىس ئىلىم ئۆگىتىش ئارقىلىق تالىبلىرىنى ۋە ئۆز يېنىغا كېلىپ – كېتىپ تۇرىدىغانلارنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلىشتىن ساقلىنىشى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باشقا مەنپەئەتلىك ئۇستازلارنىڭ يېنىدا ئوقۇشىنى يامان كۆرۈشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشى لازىم. بۇ بەزى نادان ئۇستازلار گىرىپتار بولغان يامان ئىللەتتۇر، ئوقۇتقۇچىنىڭ نىيىتىنىڭ خالىس ئەمەسلىكىنىڭ، قەلبىنىڭ بۇزۇق ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر، شۇنداقلا ئىلىم ئۆگىتىش ئارقىلىق ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىمىگەنلىكىنىڭ كەسكىن دەلىلىدۇر. چۈنكى، ئۇ ئىلىم ئۆگىتىش ئارقىلىق ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىگەن بولسا ئىدى، ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ باشقىلار يېنىدا ئوقۇشىنى يامان كۆرمىگەن بولاتتى، بەلكى ئۆز – ئۆزىگە: «مەن ئىلىم ئۆگىتىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى كۆزلىگەن ئىدىم، مۇرادىم ھاسىل بولدى. ئۇ باشقىلارنىڭ يېنىدا ئوقۇش ئارقىلىق ئىلمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلدى، نارازى بولۇشنىڭ نە ھاجىتى!» دېگەن بولاتتى.
بىز ھەدىسشۇناسلىقتا ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئىمام دارىمىينىڭ «مۇسنەد» (394) ىدە سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلدۇقكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىلىمدارلار! ئىلمىڭلارغا ئەمەل قىلىڭلار، ئالىم — بىلگىنىگە ئەمەل قىلغان، ئىلمى ۋە ئەمەلى بىردەك بولغان كىشىدۇر، يېقىن كەلگۈسىدە شۇنداق بىر قەۋملەر پەيدا بولىدۇكى، ئۇلار ئىلىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىدۇ، لېكىن ئىلىم ئۇلارنىڭ بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلمى بىلەن ئەمەلى، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزئارا پەخىرلىنىش ئۈچۈن دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز دەرسىدىكى بىرىنىڭ باشقا دەرسلەردە ئولتۇرۇشىنى ۋە ئۆزىنى تاشلاپ قويۇشىنى يامان كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى شۇ دەرس سورۇنلىرىدا قېپقېلىپ، ئاللاھ دەرگاھىغا ئۆرلىمەيدۇ».
ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ ئىشەنچىلىك رىۋايەتلەردە: «كىشىلەرنىڭ بۇ ئىلىمنى (ئۆزىنىڭ ئىلمىنى ۋە كىتابلىرىنى دېمەكچى) ماڭا بىر ھەرپمۇ مەنسۇپ قىلىنماستىن ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم» دېگەن(15).
«قۇرئان» ئۆگەتكۈچىلەرنىڭ ئەخلاقلىرى
«قۇرئان» مۇئەللىمى دۇنياغا بېرىلمەسلىك، بارىغا قانائەت قىلىش، مال – دۇنياغا ۋە مال – دۇنيا ئەھلىگە «ۋاي» دەپ كەتمەسلىك، سېخىي، مەرد، خۇش چىراي، ئېغىر – بېسىق، سەۋرچان بولۇش قاتارلىق ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن قوراللىنىشى، ناچار قىلىقلاردىن نېرى تۇرۇش، پەرھىزكارلىق، خۇشۇﺋ، تەمكىنلىك، سالماقلىق، كەمتەرلىك، كىچىك پېئىللىق قاتارلىقلارنى ئۆزىگە يار قىلىش، كۈلكە – چاقچاقتىن ئۆزىنى تارتىش، شەرئىي ۋەزىپىلەرگە ئەمەل قىلىش، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش، كىر – مەينەتلەرنى ۋاقتى – ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇش، بۇرۇتىنى قىرقىپ تۇرۇش، تىرناقلىرىنى ئېلىپ تۇرۇش، ساقىلىنى تاراپ تۇرۇش، غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىپ تۇرۇش، كۆرۈمسىز كىيىملەرنى كىيمەسلىك، ھەسەت، رىيا، كۆرەڭلىك، ئەمەلىيەتتە ئۆزىدىن تۆۋەن بولغان تەقدىردىمۇ باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈش قاتارلىقلاردىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەش، ھەدىسلەردە كەلگەن تەسبىھ، تەھلىل ۋە زىكىر – دۇئالارغا ئەمەل قىلىش، پىنھاندىمۇ، جاراستاندىمۇ ئاللاھنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىق، بۇ ئىشلاردا ئىزچىل بولۇش، بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقىلا تايىنىش قاتارلىق شەرىئەت تەلەپ قىلغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈرۈشى لازىم.
مۇئەللىم «قۇرئان» ئۆگەنگۈچىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم
«قۇرئان» ئۆگەتكۈچى ئۆزىگە قۇرئان تىڭشىتىدىغان كىشىلەرگە سىلىق – سىپايە مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئېلىشى، ئۆز لايىقىدا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم.
ئەبۇ ھارۇن ئەلئەبدىي دەيدۇكى: «بىز ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلسەك، ئۇ: ‹رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم تەۋسىيە قىلغان كىشىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ”كىشىلەر سىلەرگە ئەگىشىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن كىشىلەر كېلىپ، سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا دىن ئۆگىنىدۇ، ئۇلار كەلسە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار“ دېگەن› دەيتتى»بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزىي (650)، ئىبنى ماجە (249) ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان.
بىز «مۇسنەدۇ دارىمىي» (360) دىن ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئىدۇق.
مۇئەللىم «قۇرئان» ئۆگەنگۈچىلەرگە كۆيۈنۈشى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى لازىم
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئېيتقانكى: «دىن — ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ كىتابىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا سەمىمىي بولۇش دېمەكتۇر»(16).
قارىيلارنى ۋە «قۇرئان» ئۆگەنگۈچىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنى پايدىلىق ئىشلارغا يېتەكلەش، ئۇلارغا مۇلايىم بولۇش، قولىدىن كېلىشچە ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىش، ئۇلارغا «قۇرئان» ئۆگىتىشتە مۇلايىم، كەڭ قورساق بولۇش، ئۇلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش قاتارلىقلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا سەمىمىي بولۇش جۈملىسىدىندۇر.
مۇئەللىم «قۇرئان» ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ روھلۇق، قىزىقىشىنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولۇشى ئۈچۈن داۋاملىق «قۇرئان» ئۆگىنىشنىڭ پەزىلىتىنى ئەسلىتىپ تۇرۇشى، مال – دۇنياغا بېرىلىپ ئالدىنىپ كېتىشىدىن توسۇپ تۇرۇشى، «قۇرئان» ۋە باشقا شەرئىي ئىلىملەر بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ ئاللاھنىڭ ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇغان ئىرادىلىك بەندىلىرىنىڭ يولى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ مەرتىۋىسى ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئەسلىتىپ تۇرۇشى، ئوقۇغۇچىسىغا كۆيۈنۈشى، ئۆزىگە ۋە بالىسىغا پايدىلىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلگەندەك ئوقۇغۇچىسىنىڭ پايدىلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇنى مېھىر – شەپقەتتە ئۆز بالىسىنىڭ ئورنىدا كۆرۈشى، ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرىگە، ئەدەبسىزلىكلىرىگە سەۋر قىلىشى، بەزى ۋاقىتلاردا قىلىپ سالغان ئەدەبسىزلىكلىرىنى كەچۈرۈۋېتىشى لازىم. چۈنكى، ئىنسان كەمچىلىكلەردىن خالىي ئەمەس، بولۇپمۇ ياشتا كىچىكلەر تېخىمۇ شۇنداق.
مۇئەللىم ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى تالىبلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈشى، يامان كۆرگەننى يامان كۆرۈشى لازىم. «سەھىھەين» («بۇخارىي»، 13؛ «مۇسلىم»، 45) دە كەلگەن ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ (ﻳﺎﺧﺸﻰ) ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻐﯩﻤﯘ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭمىغۇچە مۇئمىن ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ» دېگەن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرىدىغان سورۇندىشىمدۇر؛ ئەگەر ئۇنىڭ يۈزىگە چىۋىن قوندۇرماسلىق قولۇمدىن كېلىدىغان بولسا ئىدى، ئەلبەتتە (شۇنداق) قىلغان بولاتتىم»(17). يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇنىڭغا چىۋىن قونسىمۇ بىئارام بولىمەن» دەپ كەلگەن(18).
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتماسلىقى، ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشى، كەمتەر بولۇشى لازىم.
ئادەتتىكى كىشىلەرگە كەمتەر بولۇش ھەققىدە نۇرغۇن دەلىللەر كەلگەن تۇرسا، «قۇرئان» بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان، ئۈستىدە سورۇنداشلىق ھەققى بولغان، يېنىغا كېلىپ – كېتىپ تۇرۇۋاتقان بالىلىرىنىڭ ئورنىدىكى بۇ تالىبلارغا قانداقمۇ كەمتەر بولمىسۇن!
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرگە ئىلىم ئۆگەتكەن ۋە سىلەردىن ئىلىم ئۆگەنگەن كىشىلەرگە مۇلايىم بولۇڭلار» دېگەن(19).
ئەييۇب سەختىيانىي رەھىمەھۇللاھ: «ئالىم دېگەن ئاللاھ تائالاغا كەمتەر بولۇش يۈزىسىدىن بېشىغا توپا چېچىپ تۇرۇشى كېرەك» دېگەن(20).
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى گۈزەل ئەدەب – ئەخلاققا ئىگە قىلىپ تەربىيەلىشى لازىم
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا تەدرىجىي ھالدا ئېسىل ئەخلاقنى، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان مىجەز – خۇلقلارنى سىڭدۈرۈشى، يوشۇرۇن ھالدا ئىنچىكە ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ روھىنى چېنىقتۇرۇشى، ئاشكارا – يوشۇرۇن ھەممە ئىشلاردا گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى ساقلاشقا ئادەتلەندۈرۈشى، سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىخلاس، راستچىللىق، ياخشى نىيەت، ھەر دائىم ئاللاھنى ئېسىدىن چىقارماسلىق قاتارلىقلارغا ئۈندەپ تۇرۇشى، ئۇنىڭغا ئەنە شۇلار ئارقىلىق مەرىپەت ئىشىكلىرىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى، قەلبىنىڭ يورۇيدىغانلىقىنى، قەلبىدىن ئىلىم – ھېكمەت بۇلاقلىرىنىڭ ئېتىلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئىلمىگە ۋە ئەمەللىرىگە بەرىكەت بېرىلىدىغانلىقىنى، سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە توغرىغا مۇۋەففەق قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى لازىم.
ئىلىم ئۆگىتىشنىڭ ھۆكمى
باشقىلارغا ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىش پەرز كۇپايە(22)دۇر. ئەگەر بىر يۇرت ياكى بىر مەھەللىدە ئىلىم ئۆگىتەلەيدىغان پەقەت بىرلا كىشى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ باشقىلارغا ئىلىم ئۆگىتىشى پەرز ئەين([2])گە ئايلىنىدۇ، ئەگەر بىرەر جامائەت ئارىسىدا بەزى كىشىلەر تەلىم – تەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، باشقىلار (تەلىم – تەربىيە بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقتىن) گۇناھكار بولمايدۇ.
ئەمما، ھەممە كىشى تەلىم – تەربىيەدىن باش تارتسا، ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ، بەزىلەر بەجا كەلتۈرسە، قالغانلاردىن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ.
ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىدىن ئىلىم ئۆگىتىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ باش تارتقان بولسىچۇ؟! ئىككى قاراشنىڭ كۈچلۈكرەكى شۇكى، ئۇ گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن ئۆزرىسىز باش تارتىش مەكرۇھتۇر.
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىلىم ئۆگىتىشتە قىزغىن بولۇشى لازىم
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىلىم ئۆگىتىشكە قىزغىن بولۇشى، ئىلىم ئۆگىتىشنى ئۆزىنىڭ زۆرۈر بولمىغان دۇنياۋى مەنپەئەتلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇندا قويۇشى، «قۇرئان» ئۆگىتىشكە ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئۆگىتىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلىشى لازىم. ئۇ نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ ۋە ھەممىگە مەلۇمدۇر.
ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسنى ياخشى چۈشەندۈرۈشكە، ھەربىرىگە لايىقىدا دەرس بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، كۆپرەك بەرسە دەرسنى كۆتۈرەلمەيدىغانلارغا كۆپ بەرمەسلىكى، كۆتۈرەلەيدىغانلارغا ئاز بېرىپ قويماسلىقى، يادقا ئالغانلىرىنى تەكرارلاتقۇزۇپ تۇرۇشى، زېرەكلىك ئالامەتلىرى كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەغرۇرلۇق ياكى باشقا ئىللەتلەرگە گىرىپتار بولۇشىدىن ئەنسىرىمىسىلا ماختاپ تۇرۇشى، سۇسلۇق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلم ئۆگىنىشتىن يالتىيىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسە يەڭگىل جازالارنى بېرىپ قويۇشى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن نامايان بولغان تالانتلىرىغا ئەسلا ھەسەت قىلماسلىقى لازىم.
چۈنكى، ياتلارغا ھەسەت قىلىش ھارام. ئاخىرەتتە كاتتا ساۋاب، دۇنيادا گۈزەل مەدھىيە ئېلىپ كېلىدىغان، ئۆزىنىڭ بالىسى ئورنىدىكى ئوقۇغۇچىسىغا ھەسەت قىلىش بولسا تېخىمۇ ئېغىردۇر.
ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارغا رەت تەرتىپى بويىچە دەرس بېرىش لازىم
ئەگەر ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولسا، ئۇلارغا دەرس بېرىشتە، رەت تەرتىپى بويىچە بۇرۇن كەلگەنلەرگە بۇرۇن دەرس بېرىشى لازىم. ئەگەر بۇرۇن كەلگىنى كېيىن كەلگىنىگە دەرس بېرىشكە قوشۇلسا، كېيىن كەلگىنىگە بۇرۇن دەرس بەرسە ھېچقىسى يوق.
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا خۇش چىراي بولۇشى، ئىللىق مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى سوراپ تۇرۇشى، يوقاپ كەتكەنلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۇشى لازىم.
ئۆگەنگۈچىنىڭ نىيىتى
ئۆلىمالار بىرەر ئوقۇغۇچىغا نىيىتى دۇرۇس بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىلىم ئۆگىتىشتىن باش تارتماسلىقى لازىم، چۈنكى سۇفيان سەۋرىي ۋە باشقىلار: «ئۇلارنىڭ ئىلىم ئىزدەپ كەلگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا (توغرا) نىيەتتۇر» دېگەن(23).
بەزى ئۆلىمالار دەيدۇكى: «بىز ئىلىمنى باشقا مەقسەتتە ئۆگەنگەن، ئەمما ئىلىم ئاللاھ رازىلىقىدىن باشقىغا ئۇنىمىدى (يەنى ئاقىۋەتتە يەنىلا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولدى)»(24).
مۇئەللىمنىڭ ئەدەبلىرى
مۇئەللىم «قۇرئان» ئۆگىتىۋېتىپ قوللىرى بىلەن زۆرۈر بولمىغان بىھۇدە ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى، زۆرۈرىيەتسىز ھالدا ئۇياق – بۇياققا قارىماسلىقى، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، تاھارەت بىلەن تەمكىن ئولتۇرۇشى، كىيىملىرى ئاق، پاكىزە بولۇشى، مەسجىد بولسۇن ۋە باشقا يەر بولسۇن، قۇرئان ئۆگىتىدىغان يېرىگە يېتىپ كەلسە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشى لازىم. چۈنكى، مەسجىدكە كىرىپ ناماز ئوقۇماستىن ئولتۇرۇش مەكرۇھتۇر(25). خاھلىسا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرسىمۇ ياكى باشقا شەكىلدە ئولتۇرسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.
ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەبى داۋۇد سىجىستانىي (3664) ئۆز سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە مەسجىدتە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ‹قۇرئان› ئۆگىتەتتى». سەنەدى «سەھىھ».
ئىلىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش لازىم
ئىلىمنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئەدەبلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئىلىم ئۆگەنگۈچى خەلىفە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشى بولغان تەقدىردىمۇ، «مەندىن ئىلىم ئۆگەنسۇن» دەپ ئۇنىڭ تەۋەلىكىگە بېرىپ ئىلىمنى خار قىلماسلىقى، ئىلىمنىڭ ھۆرمىتىنى سەلەف سالىھلار ساقلىغاندەك ساقلىشى لازىم.
سەلەفلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىش – ئىزلىرى ناھايىتى كۆپ ۋە مەشھۇردۇر.
ئىلىم سورۇنىنى كەڭرى تۈزۈش
مۇئەللىم سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئازادە ئولتۇرالىغۇدەك دەرىجىدە كەڭرى سورۇن تۈزۈشى لازىم.
ئەبۇ داۋۇد «سۈنەن» ناملىق كىتابىنىڭ «ئەدەب – ئەخلاق بۆلۈمى»نىڭ بېشىدا (4820) سەھىھ سەنەد بىلەن ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سورۇنلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى كەڭ – كۇشادە بولغىنىدۇر» دېگەن.
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. ئىمام نەۋەۋىي بۇنى ئېغىزدىن ئېغىزغا رىۋايەت قىلىپ تا ئىگىسىگە قەدەر تۇتاشتۇرغان. — ت.
2. «ئەلجامىئ لىئەخلاقىرراۋىي»، (1843، 1845).
3. «قۇشەيرىي رىسالىسى»، 162 – بەت.
4. جاراستان — كۆپچىلىكنىڭ ئالدى، ئامما ئارىسى. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى». — ت.
5. «قۇشەيرىي رىسالىسى»، 163 – بەت.
6. يۇقىرىقى كىتاب، 163 – بەت.
7. بەيھەقىي: «ئىمان شاخچىلىرى»، (6468).
8. يۇقىرىقى كىتاب، (6468).
9. يۇقىرىقى كىتاب، (6521).
10. «قۇشەيرىي رىسالىسى»، 167 – بەت.
11. يۇقىرىقى كىتاب، 167 – بەت. شەيخ بۇ يەردە ئاللاھنى، جەننەت نېئمەتلىرىنى، دوزاخ ئازابلىرىنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشقا ئىشارە قىلغان بولۇشى ياكى ئاللاھ سالىھ بەندىلىرىگە بېرىدىغان كارامەتنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. — ت.
12. «ئەلمەجمۇئ »، 1/26 – 31.
13. «ئەبۇ داۋۇد»، (3664). سەنەدى «سەھىھ».
14. «تىرمىزىي»، (2654)؛ تەبەرانىي: «ئەلئەۋسەت»، (5704)؛ «ئىبنى ماجە»، (2509). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
15. ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 9/118؛ بەيھەقىي: «ئىمام شافىئىينىڭ پەزىلەتلىرى»، 1/173؛ بەيھەقىي: «ئەسەر ۋە سۈننەتلەرنى بىلىش»، (458).
16. «مۇسلىم»، (55).
17. بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (1146)؛ خەتىب باغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، (887)؛ بەيھەقىي: «ئىمان شاخچىلىرى»، (9122).
18. خەتىب باغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، (893).
19. خەتىب باغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، (893)؛ دەيلەمىي: «فىردەۋس»، (238). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەتى.
20. خەتىب باغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، (894)؛ ئاجۇررىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – ئەخلاقلىرى»، 65 – بەت.
21. پەرز كۇپايە (فَرْضُ كِفَايَةٍ): چوقۇم ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان، بىر قىسىم كىشىلەر ئادا قىلسا، باشقىلاردىن ساقىت بولىدىغان، ھېچكىم تەرىپىدىن ئادا قىلىنمىسا، ھەممە گۇناھكار بولىدىغان پەرزلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مېيىتنى يۇيۇپ – تاراپ، نامىزىنى چۈشۈرۈش، ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، تۈرلۈك ئىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش قاتارلىقلار. قاراڭ: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 2 – بەت. — ت.
22. پەرز ئەين (فَرْضُ عَيْنٍ): ناماز ۋە زاكاتقا ئوخشاش ھەربىر كىشى ئۆزى چوقۇم ئورۇندىشى كېرەك بولغان، ئۆزى ئادا قىلغاندىلا گەدىنىدىن ساقىت بولىدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئادا قىلىپ قويسا بولمايدىغان پەرز. — ت.
24. «دارىمىي»، (370)؛ خەتىب باغدادىي: «راۋىي ئەخلاقى توپلىمى»، 207 – بەت.
24. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئىلىم ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى توپلىمى»، (1376)؛ خەتىب باغدادىي: «راۋىي ئەخلاقى توپلىمى»، (782). ھەر ئىككىسى مەئمەر ئىبنى راشىد رەھىمەھۇللاھ رىۋايەتى.
25. ھەنەفىي، مالىكىي، ھەنبەلىي مەزھەبلىرىدە ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلاردا مەسجىدكە كىرگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇش چەكلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ناماز ئوقۇماستىن ئولتۇرىدۇ. — ت.