ئىھراملىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىۋېلىشىنىڭ فىديەسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئاياللار يۈزىنى يېپىپ ھەج ياكى ئۆمرە قىلسا فىديە كېلەمدۇ؟ كەلسە قانداق كېلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىھرام ھالىتىگە كىرگەن ئەر ۋە ئاياللارغا چاچ – تىرناق ئېلىش ۋە بەدەن تازىلىقى قىلىش، خۇشبۇي ياكى ئەتىر ئىشلىتىش، جىما ۋە جىنسىي ئالاقىگە دائىر سۆيۈشۈش، قۇچاقلاش كەبى شەھۋەتلىك سۆز – ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىش، نىكاھ – توي قىلىش، جېدەل – ماجىرا قىلىش، ئوۋ ئوۋلاش، ھەرەمنىڭ دەل – دەرەخلىرىنى كېسىش ۋە ئۈزۈش قاتارلىق ئورتاق چەكلىمىلەر بار. يۇقىرىقى ھۆكۈملەردە ئايال كىشى ئەر كىشىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئايەت – ھەدىس ئىككىلىسىگە ئومۇمىيدۇر.

ئىھراملىق ئاياللارغا خاس چەكلىمىلەردىن بىرى يۈزىنى يۆگىۋالماسلىق بولۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سۆزلەپ بەرگەنكى: «بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنى ئىھرام باغلىغاندا قانداق كىيىم كىيىشكە بۇيرۇيدىلا؟ — دېگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— كۆينەك، ئىشتان، سەللە، دوپپىلىق جىلبابلارنى كىيمەڭلار! قونچسىز كەش تاپالمىغان ئادەم قونچلۇق كەشنىڭ قونچىنى ئوشۇقىدىن تۆۋەن قىلىپ كېسىۋېتىپ كىيسۇن. زەپىران ۋە زەرچىۋە بىلەن بويالغان كىيىملەرنى كىيمەڭلار! ئىھراملىق ئايال يۈزىنى ياپمايدۇ، پەلەيمۇ كىيمەيدۇ، — دېدى»(1).

دېمەك، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ تاكى ئىھراملىق ھالەتتىن چىقىپ بولغۇچە يۈزىنى يۆگىۋېلىشىنى، پەلەي كىيىۋېلىشىنى شۇنداقلا خۇشبۇي پۇرىقى بار كىيىم – كېچەك كىيىۋېلىشىنى چەكلىگەن.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئايال كىشىنىڭ ئىھرامى يۈزىدە (يەنى يۈزىنى ئوچۇق قويۇشتىن ئىبارەت)، ئەر كىشىنىڭ ئىھرامى بېشىدا» دېگەن(2). يەنى ئىھراملىق ئايال يۈزىنى ئوچۇق قويۇشى، ئىھراملىق ئەر بېشىنى ئوچۇق قويۇشى كېرەك. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە ئىھراملىق تۇرۇپ رومىلىنى يۈزىگە تاشلىۋالغان بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «يۈزىڭىزنى ئېچىۋېتىڭ، چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئىھرامى يۈزىدە بولىدۇ» دېگەن(3). ئالىملار ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىشىنىڭ ھاراملىقىغا بىردەك ئىجماﺋ قىلغان(4).

ئاياللارنىڭ يۈزى بىلەن قولىنىڭ ئەۋرەت ياكى ئەمەسلىكىدە قاراش بىردەك ئەمەس. «يۈز بىلەن قول ئەۋرەت ئەمەس» دېگەن قاراشنى تۇتسا، يۈزى بىلەن قولىنى يۆگىمىگەندىن كېيىن ئىھرامغا تاقاشمايدۇ.

«يۈز بىلەن قول ئەۋرەت» دېگەن قاراشنى تۇتىدىغان ئاياللار ئىھراملىق ھالەتتە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. چۈنكى، «سەھىھ» ھەدىسلەردە ئايال كىشىنىڭ ئىھرام باغلىغاندا، «نىقاب، بۇرقاﺋ، چۈمبەل، چۈمپەردە، پەلەي ۋە ماسكا» دېگەندەك نەرسىلەرنى تاقىۋېلىشى چەكلەنگەن. «يۈز بىلەن قول ئەۋرەت» دېگەن قاراشنى تۇتۇپ بۇرۇندىن يۈزىنى يۆگەيدىغان ئاياللار يات ئەرلەرگە يولۇققاندا، «رومىلىنىڭ ياكى شارپىسىنىڭ بىر بۇرجىكى»، «قولياغلىق» دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن يۈزىگە تېگىپ تۇرمىغان ھالەتتە يۈزىنى بىردەملىك توسۇپ تۇرۇپ، ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن ئېچىۋەتسە بولىدۇ. يەنى يۈزى بىلەن قولىنى مۇقىم يېپىش ئۈچۈن بىرنەرسە كىيىپ ياكى چىگىپ، ياكى يىڭنىدەك بىرنەرسە بىلەن تاقاپ يۈرمەي، بىرەر رەختتە يۈزىگە تېگىپ تۇرمىغان ھالەتتە ۋاقىتلىق توسۇپ تۇرسا بولىدۇ. قولمۇ يۈزگە ئوخشاش، پەلەي كىيمەيدۇ، رەخت بىلەن ئوراپ تېڭىۋالمايدۇ. ئەمما، قولى كۆڭلىكىنىڭ ئىچىدە، يانچۇقىدا ياكى سومكىسىنىڭ دالدىسىدا تۇرسا بولىدۇ. لېكىن، ھازىرقى ھەج ۋە ئۆمرە قىستاڭچىلىقىدا تاۋاپ قىلىش، ئەرافاتتا تۇرۇش ۋە شەيتانغا تاش ئېتىش جەريانىدا يات ئەرلەر ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى: «ئىھراملىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىشى ھارام، پەلەي كىيىۋېلىشى جائىز» دېگەن بولسىمۇ، بۇ يۇقىرىقى ھەدىستىكى بىر قاتاردا كەلگەن ئوخشاش ئىككى ھۆكۈم بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئوخشاش تۇتقان قارىشى كۈچلۈك.

مەيلى كېيىنكى «يۈز بىلەن قول ئەۋرەت» دېگەن قاراشنى تۇتقانلار بولسۇن ياكى «يۈز بىلەن قول ئەۋرەت ئەمەس» دېگەن قاراشنى تۇتقانلار بولسۇن، ئىھراملىق ھالىتىدە يات ئەر بار ياكى يوق جايلاردا يۈزى بىلەن قولىنى مۇقىم يۆگىۋالغان بولسا، فىديە ۋاجىب بولىدۇ. فىديەگە خاھلىسا، بىر قوي قان قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئالتە مىسكىنگە تاماق سەدىقە قىلىدۇ؛ خاھلىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي: «ئايال كىشىنىڭ ئىھرامى يۈزىدە بولغاچقا، يۈزىنى يۆگىمەيدۇ. يۆگىۋالسا، فىديە ئادا قىلىشى كېرەك. ئەر كىشى يۈزىنى يۆگىۋالسا فىديە كەلمەيدۇ» دېگەن(5).

جانابى ئاللاھ بۇ ھۆكۈمنى بايان قىلىپ: ﴿سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا بىرەر بىئارامچىلىقى بولسا، چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسە روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە قىلىش، ياكى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق فىديە بېرىۋەتسۇن﴾(2/«بەقەرە»: 196) دېگەن. ئىھراملىق ھالەتتە چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىش زۆرۈرىيىتى تېپىلغان كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت، ئۈچ كۈن روزا تۇت ياكى بىر فەرەق(6) تائامنى ئالتە مىسكىنگە سەدىقە قىل، ياكى قولاي بولغىنىنى قۇربانلىق قىل» دەپ بۇيرۇغان(7).

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى: «يۈزىنى يېرىم كۈنگە يېقىن يۆگىۋالسا، بىر قوي قان قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاز مۇددەت يۆگىۋالسا سەدىقە بېرىدۇ» دەپ قارايدۇ(8). بۇمۇ كۈچلۈك ئاساسقا تايانمىغان قاراش بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئوخشاش تۇتقان قارىشى كۈچلۈك.

ۋەلھاسىل: ئىھراملىق ھالەتتە يۈزىنى يۆگىۋالغان ئايال فىديە ئۈچۈن يۇقىرىقى 3 ئىشتىن بىرىنى تاللىسا بولىدۇ. روزا تۇتماقچى بولسا، ئۈچ كۈن روزىنى دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولسا تۇتۇۋالسا بولىدۇ. قان قىلىشنى تاللىغان ئەھۋالدا، كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن ئۇنى مەككەدە قىلىش كېرەك ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدا سويسا بولىۋېرىدۇ. چۈنكى، «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»تە بۇنى ھەدىيە دەپ ئاتىماي، قۇربانلىق دەپ ئاتىغان. قۇربانلىق دېگەن قەيەردە سويۇلسا بولىدۇ. لېكىن، بۇ تۆلەم ئۈچۈن سويۇلغان مال بولغاچقا، ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە، بىرەرسىگە ھەدىيە قىلسا بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444، 7 – زۇلھەججە / م. 2023، 25 – ئىيۇن


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1838)؛ مۇسلىم (1177).
2. دارەقۇتنىي: (2761)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (9314)؛ ئىبنۇلھۇمام: «فەتھۇلقەدىر (ئەلھىدايەنىڭ شەرھى)»، 2 – ج، 514 – بەت: «مەۋقۇف ھالەتتە سەھىھلىكىدە شەك يوق» دېگەن. ئىبنى كەسىرمۇ («ئىرشادۇل فەقىھ»، 1 – ج، 323 – بەت): «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
3. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7 – ج، 91 – بەت. ئىبنى ھەزم: «سەھىھ» دېگەن.
4. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 15 – ج، 104 – بەت؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1 – ج، 327 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3 – ج، 323 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2 – ج، 488 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 2 – ج، 156 – بەت.
5. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 7 – ج، 359 – بەت.
6. بىر فەرەق 3 ساﺋ ياكى 12 مۇد ۋەياكى 16 رىتلغا، يەنى تەخمىنەن 8.26 لىتىر سۇ، 6.5 كىلوگرام ئاشلىققا تەڭدۇر.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1815)؛ مۇسلىم (1201).
8. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2 – ج، 488 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago