سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! ھەجدە تەكشۈرۈش سەۋەبلىك ئەرافات كۈنىدىن بۇرۇن مىناغا چىقمايلا ئۇدۇل ئەرەفاتقا چىقىپ كەتسەك قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
تەرۋىيە كۈنى (يومُ التَّرْوِيَةِ) زۇلھەججەنىڭ 8 – كۈنى بولۇپ، «تەرۋىيە» كەلىمەسى ئەرەب تىلىدا «سۇغارماق، تەپەككۇر قىلماق، باش قاتۇرماق، ئويلانماق، كۆرمەك، كۆرسەتمەك ۋە رىۋايەت قىلماق» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كۈننىڭ ئۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدە تۆۋەندىكىدەك ئوخشىمىغان قاراشلار بار:
1) قەدىمقى زاماندا مىنا ۋە ئەرەفاتلاردا سۇ يوق بولغاچقا، بۇ كۈنى ھاجىلار مىناغا مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرى ۋە ئۇلاغلىرى ئۈچۈن زەمزەم ۋە باشقا زاپاس سۇ قاچىلىۋالاتتى؛
2) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىش ئەمرى چۈشكەندە، شۇ كۈنى بۇ چۈش ئاللاھتىنمۇ ياكى شەيتاندىنمۇ دەپ ئويلانغان. بۇ ئەمرنىڭ ئاللاھتىن ئىكەنلىكى شۇ كېچىسى (ئەرافە كېچىسى) ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن ۋە ئۇ كۈنى شۇ سەۋەبتىن «ئەرافە» دەپ ئاتالغان؛
3) بۇ كۈنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ باش قىسمىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى، ئىماملارمۇ ھاجىلارغا ھەج پائالىيەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان؛
4) بۇ كۈن ئادەم ئەلەيھىسسالام ھەۋۋا ئانىمىزنى كۆرگەن كۈن. بۇ كۈن ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ كۈندە ھاجىلارنىڭ مىنادا قونۇشى ۋە مىنادا پېشىن، دىگەر، شام، خۇپتەن، بامدات نامازلىرىنى ئوقۇشى سۈننەتتۇر(1).
مەككەلىك بولمىغان ھاجىلار بۇ بەش نامازنى جەملىمەستىن ئۆز ۋاقتىدا، ھەر تۆت رەكئەتلىك پەرزنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدا «ئىجماﺋ» بار. جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۆگەتكىنى بويىچە ھاجىلارمۇ ئەرافە (ھارپا، 9 – زۇلھەججە) كۈنى بامدات نامىزىنى ئوقۇپ، ئاندىن ئەرەفاتقا ماڭىدۇ. بۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەج پائالىيىتىدىن نەقىل قىلىنغاندۇر. ئىمام مۇسلىم (1218) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: «8 – زۇلھەججە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆگىسىگە مىنىپ يولغا چىقتى. مىنادا پېشىن، دىگەر ، شام، خۇپتەن نامىزى ۋە بامدات نامىزىنى ئوقۇدى. ئاندىن كۈن چىققۇچە كۈتۈپ تۇردى».
يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، جىمى ئالىملارنىڭ قارىشىدا بۇ كۈندە مىنادا قونۇش پەرزمۇ ۋاجىبمۇ ئەمەس ياكى ھەجنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىمۇ ئەمەس بەلكى سۈننەتتۇر. ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەقتە: «توققۇزىنچى كېچىسى (ئەتىسى ئەرافە كۈنى) مىنادا قونۇش سۈننەتتۇر. ھەجنىڭ بىرەر ئاساسىمۇ ۋەيا ۋاجىبمۇ ئەمەستۇر. شۇڭلاشقا، ئۇنى تەرك قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش قىلىشى كېرەك بولمايدۇ. لېكىن، پەزىلەتنى قولدىن بەرگەن بولىدۇ. بىز بايان قىلغان ‹سۈننەت› دېگەن بۇ ھۆكۈمدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش يوقتۇر» دېگەن. ئىبنى قۇدامەنىڭ بايان قىلىشىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ «تەرۋىيە كۈنى» كېچىدىن ئۈچتىن ئىككىسى ئۆتۈپ كەتكىچە مەككەدە كېچىككەن، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ مەككەدە ناماز ئوقۇغان(2).
ئۇنداق بولغانىكەن، بىرى بۇ كۈندە مىنادا باشقا پائالىيەت بولمىغاچقا، مەككەدە قونغان ۋە بۇ بەش نامازنىمۇ مەككەدە ئوقۇغان بولسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ – يۇ، «سۈننەت»نى تەرك ئەتكەچكە، ئوبدان قىلمىغان ھېسابلىنىدۇ. مەلۇمكى، «سۈننەت ئەمەل» قىلغانغا ئەجىر بېرىلىدىغان، قىلمىغانغا، بولۇپمۇ ساقچىلاردىن ئەنسىرىگەندەك ئۆزرىلىك ئەھۋاللاردا قىلالمىسا، تەرك قىلغانلىقىغا گۇناھ بولمايدىغان مۇستەھەب ئەمەلدۇر.
يېقىنقى يىللار مابەينىدە ھاجىلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن بەزى ئۆمەك ئىگىلىرى ھاجىلارنى تەرۋىيە كۈنى مىناغا ئېلىپ چىقماي ئۇدۇل ئەرەفاتقا كېتىدىغان بولدى. بۇ گۇرۇپپىلارغا قاتناشقانلار گۇرۇپپىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ۋە ئەرەفاتقا دەل ۋاقتىدا چىقىپ بولۇش، ھەجنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان قىستاڭچىلىقتىن يەڭگىللەش مەقسىتىدە شۇ گۇرۇپپىلىرى بىلەن پىلانلانغان بويىچە بىللە ئۇدۇل ئەرەفاتقا چىقىپ كەتسىمۇ ياكى ئۆز ئالدىغا چىقىدىغانلار تەرۋىيە كۈنى كەچتىن تارتىپ ئەرافە كۈنى ئەتتىگەندە ئەرەفاتقا چىقىپ كەتسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا يا قۇربانلىق ياكى باشقىچە فىديە ۋاجىب بولمايدۇ. بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ۋە ساقچىلاردىن ئەنىسىرىمىگەنلەر مۇمكىنقەدەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغىنى ۋە كۆرسىتىپ بەرگىنى بويىچە ئىش تۇتۇشى كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1444، 4 – زۇلھەججە / م. 2023، 22 – ئىيۇن
1. قاراڭ: ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 4/26؛ سالىم ئۆگۈت: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) «تەرۋىيە» ماددىسى، 40/520، 521، ئىستانبۇل، م. 2011.
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/84؛ ئەلمۇسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/160؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 7/140.