«ئانىلار بايرىمى» دېگەندەك بايراملارنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ھەر ۋاقىت سالامەت قىلسۇن. سوئالىم: «ئانىلار بايرىمى»، «ئاتىلار بايرىمى» دېگەندەك بايراملىرىنى تەبرىكلەش ۋە ھەدىيە بېرىش جائىزمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىرەر كۈننى بايرام ياكى ئاتايىن قۇتلايدىغان «كۈن» دەپ بېكىتىشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شەرئىي ئاساسى بولۇشى لازىم. شەرئىي ئاساسى بولمىغان، مەھەللىي ئۇدۇم – ئەنئەنە ۋە رايونلۇق ئىسلامىي ئۆرپ – ئادەتتە ئورنى يوق نەرسىلەر ئىسلام نەزەرىدە جاھىلىيەت ئادەتلىرىگە ئوخشاش رەت قىلىنىشقا تېگىشلىكتۇر.

كۈنىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان، ھە دېسە يات دىن ياكى غەيرى ئىسلامىي مەدەنىيەتلەرنىڭ يۇمشاق ئىمبارگوسى، داغدۇغىسى ۋە تەشۋىقاتى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بازارغا سېلىنىپ، مودا قىلىشقا ئۇرۇنۇلۇۋاتقان، گاھىدا ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ كۈچى بىلەن خەلققە تېڭىش ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچەپ كېلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئادەت ۋە يوسۇنلارغا ئاسانلا ئەل بولۇپ كېتىش ئۆزى ۋە مەدەنىيەتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىز ياكى ناتوغرىلىقى، ئەقىدە قىلىۋاتقان دىنىغا بولغان جاھالىتىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ھادىسىلەردىندۇر.

ياتنىڭ نېمىسى كۆزگە ئىسسىق كۆرۈنسە، ئىلغاپ ئولتۇرماي، ئاق – قارىسىنى پەرق ئەتمەي قارىغۇلارچە ئۆزلەشتۈرۈۋېلىپ، كەينىدىن ئۇنىڭغا ئانچە – مۇنچە ئىسلامىي پۇراق ئارىلاشتۇرۇۋېلىپلا ئەتەي شەرىئەتتىن ئاساس ئىزدەشكە زورۇقۇش كۈنىمىزدە دىندىن ياتلاشقان مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى. شۇڭا، بىراۋ «بۈگۈن پالانى كۈنى» ياكى «پوكۇنى بايرىمى» دەپ بولغۇچە، قارىغۇلارچە دوراپ، ئەگىشىپ كەتمەي «بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككىلا ھېيت كۈنىمىز بار» دېيەلىشىمىز لازىم.

ھەرقانداق ھادىسەنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبى، مەنبەسى بولىدۇ. بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا مەنبەسى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى باردۇر. ئاتالمىش «ئانىلار بايرىمى» ياكى «ئانىلار كۈنى» دېيىلىۋاتقان «بايرام» دەل يۇقىرىقى تۈردىكى ھادىسەلەردىندۇر. كۈنىمىزدە خەلقئارالاشتۇرۇلغان بۇ «بايرام»نىڭ يىلتىزىنى قەدىمىي يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى نۇرغۇن ئەر ۋە ئايال «تەڭرى»لەرنىڭ ئانىسى بولمىش رېئا (Rhea) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان ئەتىيازلىق تەنتەنىلەرگە باغلاش مۇمكىن. قەدىمىي رىملىقلارمۇ ھەزرىتى ئىيسادىن 250 يىل بۇرۇن ئىلاھە كىبەلا نامىغا ئەتىياز تەنتەنىسى ئۇيۇشتۇراتتى(1). كۈنىمىزدىكى «ئانىلار بايرىمى» بولسا ئامېرىكالىق ئاننا جارۋىس (Anna Marie Jarvis، 1864 – 1948) 1905 – يىلى ۋاپات بولغان مەرھۇم ئانىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1907 – يىلى غەربىي ۋىرژىنىيە شىتاتى گرافتون شەھرىدىكى بىر چېركاۋدا ئۇيۇشتۇرغان خاتىرىلەش پائالىيىتى بىلەن باشلانغان ۋە ئانىسى بىر ئۆمۈر ئارزۇ قىلغان(2)، جاپاكەش ئانىلارغا ئارمىغان قىلىنغۇسى بىر كۈننىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ماقۇللىنىشى تەلىپى 1914 – يىلى 8 – مايدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىشى ۋە ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبىسىنى «ئانىلار كۈنى» (Mother’s Day) قىلىپ رەسمىي «بايرام» قوبۇل قىلىشى بىلەن ئومۇملىشىشقا باشلىغان(3). كۈنىمىزدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 40 تىن ئارتۇق ئەل ۋە رايوندا ئوخشىمىغان كۈنلەردە ۋە ھەر خىل شەكىلدە «ئانىلار كۈنى» تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە. ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە رەسمىي تەتىل سۈپىتىدە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا، بۇنى مەيلى «ئانىلار كۈنى» دېگەندەك ئىسىم بىلەن ئاتىۋالسىمۇ، ماھىيىتى بەرىبىر «بايرام» دائىرىسىگە كىرىدۇ.

[قىستۇرما: خەلقئارادا كۆپىنچە «كۈن» شەكلىدە ئىپادىلىنىدىغان بۇنداق ئالاھىدە كۈنلەر ئۇيغۇر تىلىدا «بايرام» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم خىتايچىدىكى «节/Jié» نىڭ تەرجىمىسى بولسا كېرەك.]

ھەيران قالارلىقى، بۇ بايرام گەرچە 1907 – يىلى ئامېرىكىدا ئوتتۇرىغا چىققان، 1948 – يىللىرىغا كەلگەندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر «بايرام»غا ئاساس سالغان ئاننا جارۋىس (Anna Jarvis) نىڭ ئۆزى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بۇ بايرامنىڭ دەرنەك ۋە پاراۋانلىق جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن ئەسل مەقسەتتىن بۇرمىلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي تاپاۋەتكە ۋاسىتە قىلىنغانلىقىدىن نارازى بولغان، پائالىيەت ۋە تەبرىكلەش ئىشلىرىنىڭ تاۋار تىجارىتى ۋە ئارتۇقچە ئىسراپچىلىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغان ھەمدە 1943 – يىلىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن مال – مۈلكىنى «ئانىلار بايرىمى»غا قارشى تۇرۇشقا سەرپ قىلغان([4]). ^شۇنداقلا چېركاۋنىڭ ماقۇللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ئاننا جارۋىس نەتىجىدە مەزكۇر سۈنئىي بايرامنى كۈتكىنىدەك ئۆتكۈزەلمىگەندىن سىرت ئىشنىڭ بۇ دەرىجىدە كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ۋە ئۆزى ئىجاد قىلغان بايرامغا ئۆزى ئىگە چىقالماس بولۇپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنگەن.

«ئانىلار بايرىمى»نىڭ غەرب دۇنياسىغا يامرىشىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولسا ئۈچ ئەسىرلىك دىندىن يىراقلىشىش ۋە مەنىۋى بۇلغىنىشلار نەتىجىسىدە ئائىلە مۇقەددەسلىكىنىڭ جەمئىيەت ئېڭىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈكچىلىكى، ئانا – بالا ئارىسىدىكى مېھرى – مۇھەببەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى قاتارلىق جەمئىيەت ھاياتىغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر «بايرام» بىلەنمۇ خۇددى باشقا ئاتالمىش بايراملارغا ئوخشاش تۈرلۈك ئىسىملار بىلەن تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆز جەمئىيىتىنىڭ سەلبىيلەشكەن تەرەپلىرىنى ئازايتىش كۆزلەنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن بىرلا قۇتۇپلۇق دۇنيا يارىتىش ئىدىيەسىدىكىلەرنىڭ دۇنياغا ئىمپورت قىلىپ تېڭىۋاتقان غەرب مەدەنىيىتىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ تۈردىكى سۈنئىي بايراملار ئۆزلىرىدە قانداق بولسا، غەرب مەدەنىيىتىگە ئەل بولۇشقا نامزات سانالغان بارچە كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتلەرگە ئوخشاش ئومۇملاشتۇرۇش تەدرىجىي كېڭىيىپ بۈگۈنكى باسقۇچقا كەلگەن.

ئۈچىنچى تەرەپتىن، ئۆزىگە ۋە مەدەنىيىتىگە ئىشەنچىسى يوق، غەربپەرەستلىشىپ كەتكەن ماڭقۇرت زىيالىي ۋە ئەدىبلەرنىڭ بۇنى تەشۋىق قىلىشى بىلەن بارا – بارا ئۆزلۈكى ئاجىزلاشقان، مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن ياتلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقان تۆۋەن ساپالىق مۇسۇلمانلار توپىدا كەڭ ئەۋجىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ۋەتىنىمىزدە بولسا خىتتاي مۇستەملىكچىلىرىنىڭ بۇ بايرامنى قوبۇل قىلىشى ۋە بايرام قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە تارقىلىپ كەلگەن، كېيىنچە يوقىتىلىش نىشانى قىلىنغان ئىسلامىي مىللىي بايراملارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن بىر تالاي سۈنئىي بايراملاردىن بىرى قاتارىدا نۆۋەتتە كەڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر. ھالبۇكى، دىنىمىز بىزنى بۇرمىلاشلارغا ئەگەشمەسلىككە، جەمئىيەت ئېڭى قايسى تەرەپتىن بۇلغانسا، ئۇنى شۇ نۇقتىدىن تۇتۇپ ئاقارتىشقا، ساغلام ئىلىم – مەرىپەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، تەرك قىلىنىۋاتقان سۈننەت ۋە ياخشى ئەنئەنەلەرنى ئىھيا قىلىشقا بۇيرىغاندۇركى، قانداقلا بىر ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي قىممەتلەر تەرك قىلىنسا، باشقىلارنى دوراپ ئۇنى دەرھال بايرام ياساپ تەنتەنە قىلىشقا، ئىسمى چىرايلىق بولسىلا ئەگىشىۋېرىشكە بۇيرۇغان ئەمەس. ئەكسىچە، بۇنداق قىلىش قەدەممۇقەدەم ھالاكەتكە قاراپ ئىلگىرىلەش جۈملىسىدىن بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز بۇ خىل قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن، پەيدىنپەي مۇسۇلمانلىقتىن ياتلىشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەر چوقۇم ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يوللىرىغا غېرىچمۇغېرىچ، گەزمۇگەز ئەگەشمەي قالمايسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كېلەرنىڭ ئۇۋىسىغا كىرگەن تەقدىردە، سىلەرمۇ چوقۇم ئۇنىڭغا كىرمەي قالمايسىلەر» دېگەن(5).

ئۇنداقتا ئىسلام نەزەرىدە ھېيت ۋە بايرام چۈشەنچىسى قانداق؟ ئىسلام ئانىلار ۋە ئاياللار ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟

شۈبھىسىزكى، ئىسلامدا بەلگىلەنگەن بايرام پەقەت ئىككى ھېيت بولۇپ، جاھىلىيەت بايراملىرىنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ھېيتنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. شۇڭا، ئىسلام دىنىمىزدا، شۇ جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدە بولمىغان، ياتلاردىن سىڭىپ كىرىۋاتقان بۇ خىل بايراملار شىرك ئېتىقادقا چېتىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئىككى ھېيت ۋە جۈمەدىن باشقا بايراملارنى قۇتلاش ۋە تەبرىكلەش دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا – ئانىلارغا ھەردائىم ياخشىلىق قىلىشنى، بويسۇنۇشنى، ھۆرمەتلەشنى ۋە ئۇلارغا «ئۇف» ياكى «ئۇھ» چاغلىق سۆزنىمۇ قىلماسلىقنى جېكىلەپ ئەمر قىلغان ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلغىنىمىزدا، بۇنداق تەبرىكلەشلەرنىڭ نەقەدەر پۈچەكلىكى مەلۇم بولىدۇ – دە، ئۇنىڭغا ئېھتىياج قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿بىز ئىنسانغا ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى جېكىلىدۇق﴾(46/«ئەھقاف»: 15) دېگەن ۋە بۇنى باشقا ئايەتلەردىمۇ تەكرار – تەكرار تاپىلىغان.

«بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

— يا رەسۇلەللاھ! مېنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمغا ئەڭ ھەقلىق كىشى كىمدۇر؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاناڭ، — دېدى. ھېلىقى كىشى:

— ئاندىن كىم؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاناڭ، — دېدى. ھېلىقى كىشى:

— ئاندىن كىم؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاناڭ، — دېدى. ھېلىقى كىشى:

— ئاندىن كىم؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاندىن قالسا ئاتاڭ، — دېدى»(6).

قۇرئان كەرىمدە كۆپ ئايەتلەردە، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغا شىرك كەلتۈرمەسلىكتىن قالسىلا ئىككىنچى مۇھىم جېكىلەش بولغان. ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنى «ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش» دەپ كۆرسەتكەن(7).

رەسۇلۇللاھ يەنە ئاتا – ئانىسىنى قاقشاتقۇچىنى جەننەتكە كىرمەيدىغانلار قاتارىدىن سانىغان(8).

بولۇپمۇ ئىسلام دىنى ياشىنىپ قالغان ئاتا – ئانىلارغا ئېزگۈ مۇئامىلىدە بولۇش ھەققىدە تېخىمۇ بەك تەكىتلەپ تاپىلايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ياشانغانلىرىدا تەنلىرى ئاجىزلاپ، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ۋە خەۋەر ئېلىشىغا بەكرەك موھتاج بولىدۇ، بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىم مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن: ﴿پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى جېكىلىدى. ئۇلارنىڭ بىرى يا ئىككىلىسى سېنىڭ خەۋەر ئېلىشىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا «ئۇف» دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۆشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن!﴾(17/«ئىسراﺋ»: 23، 24)

ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بەرگەن مەرتىۋىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كېچىدە تۈنەپ، كۈندۈزدە روزا تۇتۇشمۇ ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ. ئىسلام دىنى ئاتا – ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوغۇلنىڭ ئاتا – ئانىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ جىھادقا قاتنىشىشىنى ھارام قىلغاندۇر.

بىر كىشى كېلىپ رەسۇلۇللاھتىن جىھادقا چىقىشقا ئىجازەت سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئاتا – ئاناڭ ھاياتمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ:

— ھەئە، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنداق بولسا، ئۇ ئىككىيلەننىڭ خىزمىتىدە جىھاد قىلغىن، — دېدى(9). يەنى «ئۇلارنى بېقىش ۋە ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشنى جىھاد مەيدانىڭ قىلغىن» دېمەكچى.

رەسۇلۇللاھ ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاتا – ئانىنىڭ تىللىنىشىغا سەۋەب بولۇشىنىمۇ ھارام دەپلا قالماي، بەلكى ئۇنى چوڭ گۇناھلار قاتارىدا سانىغان. ئۇ زات:

— كىشىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا لەنەت قىلىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر، — دېگەندە، رەسۇل ئەكرەمدىن:

— يا رەسۇلەللاھ! كىشى ئاتا – ئانىسىغا قانداقمۇ لەنەت قىلار؟! — دەپ سورىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— كىشى بىراۋنىڭ ئاتىسىنى تىللايدۇ – دە، تىللانغۇچى (قايتۇرۇپ) بۇياقنىڭ ئاتىسىنى تىللايدۇ، ئانىسىنىمۇ تىللايدۇ، — دېدى(10).

ئەھۋال بۇنداق بولسا، ئاتا – ئانىسىنى يۈزمۇيۈز تىللايدىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولماقچى؟!(11)

دېمەك، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش بۇ پەزىلەتتىن مەھرۇم قالغانلار ئادەت قىلىۋالغاندەك يىل بويى تاشلاپ قويۇپ، يىلدا بىرەر كۈن ئۇلارنى يوقلاپ ھەدىيە بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى ئۇ دىنىمىزدا «تەۋھىد»تىن قالسىلا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان، ھەر كۈن ۋە ھەر لەھزىدە ئورۇندىلىشى كېرەك بولغان پەرز ئەمەلدۇر. ئىككى ھېيتتىمۇ تۇنجى بولۇپ ئاتا – ئانىنى ئالاھىدە يوقلاپ، ئەھۋال سوراش ئېسىل ئەنئەنىمىزدە بار. ئېنىقكى، ئانا قورساق كۆتۈرۈش، ئېمىتىش ۋە بېقىپ تەربىيەلەشتە چەكسىز جاپا – مۇشەققەت تارتىش جەھەتتىن ئاتىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ گۈزەل پەرزنى مۇشۇنداق پۈچەك بىر ئادەتكە ئالماشتۇرۇۋېلىشنىڭ ئۆزى قىممەتلىك گۆھەرنى ئەرزىمەس تاشقا ئالماشتۇرغانلىق، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىدىن غەپلەتتە قالغانلىقتۇر.

شۇڭا، ئاتا – ئانىنى ئىززەتلەشنى «ئانىلار بايرىمى»، «ئاتىلار بايرىمى» دېگەندەك كۈنلەرگە قاپسىۋالماي، مېھرىبان ئاتا – ئانىلارغا يىل بويى ياخشىلىق قىلىشنى، ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى، ئۇلارغا كۆڭلىمىزدىكى ئالىي ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەتلەر قاتارىدىن سانىشىمىز، دىنىمىزدىكى ئىككى ھېيتقا باشقا نۇرغۇن بايراملارنى ۋە بۇ ماھىيەتتىكى ئاتالمىش «كۈن»لەرنى قېتىۋالماسلىقىمىز، دىنىمىز ئەمر قىلغان پەزىلەت ۋە قىممەتلەرگە لايىقىدا ۋە بەجانىدىل ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدىغان ھەقىقىي ئۆرنەك مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەردىن بولۇشىمىز لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1444، 25 – شەۋۋال / م. 2023، 15 – ماي


1. https://www.mothersdaycelebration.com/mothers-day-story.html
2. https://www.mothersdaycelebration.com/mothers-day-story.html.
3. Anatolini, Katherine Lane (2009). Memorializing Motherhood: Anna Jarvis and the Struggle for Control of Mother’s Day (PhD Diss). West Virginia University. p. 25.
4. «Take A Second To Salute Anna Jarvis, The Mother Of Mother’s Day». NPR.org. May 8, 2016.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3456)؛ مۇسلىم (2669).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5971)؛ مۇسلىم (2548).
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5976)؛ مۇسلىم (87).
8. ئەھمەد (6180). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3004)؛ مۇسلىم (2549).
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5973)؛ مۇسلىم (90).
11. يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» (ئۇيغۇرچە)، 250 – 254 – بەتلەر.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago