ھەج ۋە ئۆمرەدە چاچ قىسقارتىشنىڭ ئۆلچىمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئۆمرەدە چاچنى قانچىلىك مىقداردا قىسقارتىش يېتەرلىك بولىدۇ؟ باشنىڭ ھەممە يېرىدىن قىسقارتىش كېرەكمۇ ياكى ئۇ يەر – بۇ يەردىن قىسقارتسىمۇ بولامدۇ؟ 3 – 4 تال چاچنىلا قىسقارتىشچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۆمرە قىلغۇچى تاۋاپنى تۈگىتىپ، سافا – مەرۋە ئارىلىقىدا يەتتە قېتىم سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن؛ ھاجى ئاساسلىق ھەج ئەمەللىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇلۇغ ئىبادىتى ئاخىرلاشقان بولغاچقا، ئىھرامىدىن چىقىدۇ ۋە ئادەتتىكى كىيىملىرىنى كىيىدۇ.

چاچنى چۈشۈرۈش ياكى قىسقارتىش ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھۆكمى ۋاجىبتۇر. ئۇنى تەرك قىلغانلارغا بىر قوي قان قىلىش ۋاجىبتۇر. بۇ ئەمەل ئۆمرە قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالاغا تولۇق بويسۇنۇشىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىگە نائىل قىلىدىغان ۋە ئەجىرگە ئېرىشتۈرىدىغان تائەتلەردىندۇر.

ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ھەج ۋە ئۆمرە قىلغان ئەر چاچنى چۈشۈرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ، چۈشۈرۈش ئەۋزەل. ئاياللار قىسقارتسىلا بولىدۇ، چۈشۈرۈش بىھاجەت.

«پاينەكباشلاردىن ياكى بېشىدا چاچ بولمىغانلاردىن چۈشۈرۈش ۋە قىسقارتىش ساقىت بولامدۇ؟» دېيىلسە، جاۋابىمىز شۇكى، ئەگەر بېشىدا چاچ بولمىسا، ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھەبلەر قارىشىدا، چاچ چۈشۈرگەنگە ئوخشىتىپ بېشىغا ئۇستىرا سېلىۋېتىش (غىردىۋېتىش) ۋاجىبتۇر. چۈنكى، بۇ بىر ئىبادەت بولۇپ، چاچ بولمىغىنىدا چاچنىڭ ئورنى بولغان تېرىگە يۆتكىلىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا «ئۇنداق قىلىش مۇستەھەب» بولسا، يەنە بەزى ئالىملار: «ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى مەقسەت چاچ چۈشۈرۈش ئىدى. ھالبۇكى، بۇ كىشىنىڭ بېشىدا چۈشۈرىدىغان چاچ يوق» دېگەن. بېشىدا يارا ياكى تېڭىق بولغانلىقتىن بېشىغا ئۇستىرا سېلىش ياكى چېچىنى كېسىش پەقەتلا مۇمكىن بولمايدىغانلاردىن بۇ ئەمەل ساقىت بولىدۇ(1).

چاچ چۈشۈرۈشنىڭ ئەۋزەل بولۇشىنىڭ ئاساسى شۇكى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئى ئاللاھ! (چېچىنى) چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، — دەپ دۇئا قىلغان ئىدى، ساھابەلەر:

— قىسقارتقانلارغىمۇ، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېگەندە، رەسۇلۇللاھ (يەنىلا):

— ئى ئاللاھ! (چېچىنى) چۈشۈرگەنلەرگە رەھمەت قىل، — دېدى. ساھابەلەر:

— قىسقارتقانلارغىمۇ، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— قىسقارتقانلارغىمۇ، — دەپ دۇئا قىلدى»(2).

«قۇرئان»دىمۇ 48/«فەتھ»: 27 – ئايەتتە چۈشۈرگۈچىلەر قىسقارتقۇچىلاردىن ئەۋۋەل تىلغا ئېلىنغان. 2/«بەقەرە»: 196 – ئايەتتە بولسا چۈشۈرۈشلا تىلغا ئېلىنغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۆمرە قىلغۇچى ئەرلەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى چېچىنى چۈشۈرەلمىسە، قىسقارتسا بولىدۇ.

«كەمىدە قانچىلىك قىسقارتسا، ۋاجىب ئادا تاپقان ھېسابلىنىدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە گەرچە ئالىملاردىن: «چاچىنىڭ ھەممىنى قىسقارتىش كېرەك» دېگەنلەرمۇ، «ئۈچ تال چاچنى قىسقارتسىمۇ ئادا تاپىدۇ» دېگەنلەر بولسىمۇ، ئەمما ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ قارىشىدا «باشنىڭ تۆتتىن بىرىدىن ئاز قىسقارتسا ۋاجىب ئادا تاپمايدۇ. قىسقارتىش مىقدارى ئاز دېگەندە بارماقنىڭ ئۈچ ئۈگىسىچىلىك (2 سانتېمىتىر ئەتراپىدا) بولۇشى كېرەك»(3).

ئەلۋەتتە يۇقىرىقى ئۆلچەم ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قويۇش ئومۇملاشقان دەۋرلەردىكى ئىجتىھادىي ئۆلچەم بولۇپ، ئۇزۇن چاچلىق ئاياللارنىڭ قانچىلىك قىسقارتىشى ھەققىدە سەلەفلەردىن ئوخشىمىغان بايانلار كەلگەن. بەزىلەر: «ئۈچتىن بىرىنى قىسقارتىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بىر بارماق ئۇچى ئۈگىسىچىلىك قىسقارتىدۇ» دېگەن. «بۇنىڭدا شەرىئەت بەلگىلىگەن مەلۇم چەك يوق» دېگەنلەرمۇ بولغان(4). بۈگۈنكى كۈندە چېچى ئۇزۇن ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەممە چېچىنىڭ ياكى تۆتتىن بىرىنىڭ ئۇچىدىن شۇنچىلىك ئۇزۇنلۇقتا قىسقارتسا بولىدۇ. ئەمما، چېچى بەكلا قىسقىلار ئۇنىڭدىنمۇ ئاز قىسقارتماي چارە يوق.

قانائەتىمىزچە، ئەرلەر چاچنىڭ ھەممىنى چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت سۈننەت ۋە ئەۋزەل ئەمەلنى تۇتۇشى لازىم. تۇتالمىغانلار قىسقارتىشتا شەرىئەتتە ئېنىق بىر چەك قويۇلمىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چېچىنىڭ ھەممىسىدىن ياكى تۆتتىن بىرىدىن كۆڭلى تەسكىن تاپقۇدەك ئۇزۇنلۇقتا قىسقارتسا، ۋاجىب ئادا تاپىدۇ. ئاياللارمۇ ئۆرۈم ياكى ئۆرۈم بولمىغان چېچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچىدىن بىر مىقدار كېسىۋەتسە بولىدۇ. ئەمما، «ئۈچ تاللا چاچنى قىسقارتىش ھېساب بولىدۇ» دېگەن قاراش، گەرچە بەزى مۇجتەھىدلەرنىڭ قارىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كۆڭۈل ئانچە خاتىرجەم بولمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿…ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن…﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئەمرى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاچ چۈشۈرۈش ۋە قىسقارتىش ھەقىقىي مەنادا ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «بۇنىڭ بىلەن بۇ ۋاجىب ئەمەل ئادا تاپمايدۇ» دەپ قارىغان كۆپچىلىك ئالىملار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، چاچنى چۈشۈرمەيدىغانلار چاچنى ياسىتىۋېتىش ۋۇجۇدقا چىققۇدەك قىسقارتىشى لازىم. شۇڭا، بۇ مەسىلىدە ھەنەفىي ئالىملارنىڭ قارىشىنى تاللانغان قاراش دېيىشكە بولىدۇ.

شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، چاچ چۈشۈرىدىغان ياكى قىسقارتىدىغان كىشى تاپالمىغاندا ياتاققا قايتىپ ئالدىراپلا ئىھرامدىن چىقىۋالماي، ھېچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ ياكى قىسقارتىپ ئاندىن ئىھرامدىن چىقىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1443، 13 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2022، 7 – نويابىر


1. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئىشراف»، 3 – ج، 355 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8 – ج، 199 – 201 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3 – ج، 564 – بەت؛ ئىبنى نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 3 – ج، 355 – بەت؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 4 – ج، 30 – بەت؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 10 – ج، 96 – بەت؛ 18 – ج، 99 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1727)؛ مۇسلىم (1301).
3. مەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – ج، 165 – بەت؛ ئىبنى نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 2 – ج، 372 – بەت.
4. ئىبنى ئەبى شەيبە (13064، 13075).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

3 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago