Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

يولۇچى ئايرودرومدىكى چاغدا نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇشقا باشلىسا بولامدۇ؟

يولۇچى ئايرودرومدىكى چاغدا نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇشقا باشلىسا بولامدۇ؟

«ئىستانبۇل ئايرودرومىİGA »دىن سەپەر قىلماقچى بولغاندا، ئايرودرومدىلا قەسر قىلىشنى باشلىسا بولىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سەپەرگە ماڭغىنىمىزدا نامازنى ئايرودرومدىنلا قەسر قىلىپ ئوقۇيمىزمۇ ياكى قوزغىلىشتىن بۇرۇن تولۇق ئوقۇمدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سەپەر قىلىشقا تۆت رەكئەتلىك نامازنى قەسر قىلىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇش، روزىدارنىڭ ئېغىز ئېچىۋېتىش ئىختىيارلىقى، (بەزى مەزھەبلەردە) پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇش ۋە قونچلۇق ئاياغقا مەسھ قىلىش قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەھكاملار چېتىلىدۇ.

ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن سەپەردە ناماز قەسر قىلىپ ئوقۇلىدۇ. بىر كىشىنىڭ سەپەردە بولۇشى ئۈچۈن سەپەر نىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇۋاتقان يۇرتى ياكى ئىقامەتگاھىدىن سەپەرگە ئاتلانغان بولۇشى كېرەك. سەپەرگە ئاتلانغان بولۇشى ئۈچۈن يۇرتىنىڭ ئۆيلىرى، بىنالىرى ۋە سېپىللىرىدىن ئايرىلغان بولۇشى شەرت. دېمەك، تۇرۇۋاتقان شەھەر سىرتىغا سەپەر نىيىتى بىلەن چىقىشتىن ئىبارەت ئىككى شەرت تېپىلمىسا، سەپەرگە ئاتلانغان بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا: ﴿سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسر قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كافىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 101) دېگەن.

مەزكۇر ئايەتى كەرىمەدە ئاللاھ تائالا قەسر قىلىپ ئوقۇشنى سەپەرگە ئاتلىنىشقا باغلىغان بولۇپ، شەھەر ئىچىدىن چىقمىغانلار سەپەرگە ئاتلانغان بولمايدۇ. شەھەر سىرتىدىكى ئايرودروملارغا چىققانلار سەپەرگە ئاتلانغان بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن: تۈركىيەدە يېڭى «ئىستانبۇل ئايرودرومىİGA »دىن سەپەر قىلماقچى بولغاندا، ئايرودرومدىلا قەسر قىلىشنى باشلىسا بولىدۇ. چۈنكى، ئايرودروم شەھەر سىرتىدا. ئەگەر ئىستانبۇلدىكى كونا (ئاتاتۈرك) ئايرودروملاردىن سەپەر قىلسا ئىدى، تولۇق ئوقۇيتتى. چۈنكى، ئۇ ئايرودروم شەھەر ئىچىدە. جىددەدىكى ئىچكى (داخىلىي) ئايرودروممۇ شەھەر مەھەللىلىرى ئىچىدە بولۇپ قالدى. يېڭى ئايرودروم شەھەر سىرتىدا. باشقا دۆلەت ۋە شەھەرلەردىكى ئايرودروم، پورت ۋە ۋوگزاللارنىڭ ھۆكمىمۇ شەھەر ئىچىدە بىنالارغا تۇتاش بولۇش ياكى سىرتىدا بىنالاردىن ۋە مەھەللىلەردىن ئۈزۈك بولۇشىغا قاراپ ھۆكمى يۇقىرىقىغا ئوخشاش. شۇنداقلا سەپەردىن قايتىشتىمۇ شەھەر سىرتىدىكى ئايرودرومغا چۈشسە ئۇ يەردە قەسر ئوقۇيدۇ. شەھەر ئىچىدىكىگە چۈشسە تولۇق ئوقۇيدۇ.

بۇ ھۆكۈم سەپەرگە بەل باغلاپ، بېلەتنى جەزملەشتۈرۈپ ئالغانلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئايرودرومغا بوش ئورۇن چىقىپ قالسا سەپەر قىلىدىغان، ئورۇن چىقمىسا سەپەر قىلمايدىغانلار ئايرودرومدىكى چاغدا قەسر قىلمايدۇ.

بۇ ھۆكۈمنىڭ ئاساسى شۇكى، ئىسلام فىقھىدا سەپەرنى نىشانلاپ يولغا چىققان كىشى يولۇچى ھۆكمىدە بولۇپ، نامازنى قەسر قىلىش ئۈچۈن يۇرتىنىڭ ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ شەھەرنى ئارقىدا قالدۇرغان بولۇشى شەرت. بۇنىڭدا ئالىملار ئاساسەن بىردەك قاراشتا. ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر: «ئالىملار ‹سەپەر قىلماقچى بولغان كىشى تۇرۇۋاتقان يۇرتنىڭ جىمى ئۆيلىرىنىڭ سىرتىغا چىقسا نامازنى قەسر قىلىدۇ› دەپ ئىجمائ‍ قىلغان» دېگەن(1).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن مەدىنەدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن پېشىننى تۆت رەكئەت ئوقۇدۇم، زۇلھۇلەيفەدە (ئەسىرنى قەسر قىلىپ) ئىككى رەكئەت ئوقۇدۇم» دېگەن(2).

زۇلھۇلەيفەنىڭ مەدىنەدىكى مەسجىدۇننەبەۋىي بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا زۇلھۇلەيفە مەدىنە سىرتىدا ئىدى. ئۇ يەردىن قارىسا مەدىنە ئۆيلىرى كۆرۈنەتتى. بۈگۈنكى كۈندە مەدىنە شەھرى ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

مەزكۇر ھەدىسكە قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەججەتۇلۋەداﺋ ئۈچۈن ئاتلانماقچى بولغىنىدا، گەرچە پېشىندىن بۇرۇنلا سەپەرنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، پېشىننى مەدىنە ئىچىدىكى چاغدا تولۇق ئوقۇغان. شەھەر سىرتى بولغان زۇلھۇلەيفەگە چىققاندا ئاندىن قەسر قىلىشنى باشلىغان.

ئىمام نەۋەۋىي مەزكۇر ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ: «قەسر قىلىش يۇرتنىڭ بىنالىرىدىن ئايرىلغاندا باشلىنىدۇ. بۇ بىزنىڭ ۋە جىمى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا قاراشلارنىڭ ھەممىسى سۈننەتكە ۋە سەلەف بىلەن خەلەفنىڭ ئىجمائسىغا خىلاپتۇر»(3).

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (كۇفەدىن) سەپەرگە ئاتلىنىپ ئازراقلا مېڭىپ ئۆيلەرنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ نامازنى قەسر قىلىپ ئوقۇغان. سەپەردىن قايتىپ كۇفەگە يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭغا:

— كۇفەگە كەپقالدۇق (نامازنى تولۇق ئوقۇمدۇق)، — دېيىلگەنىدى، ئۇ:

— ياق، كۇفەگە كىرگۈچە نامازنى قەسر قىلىمىز، — دېدى(4).

دېمەك، نامازنى تولۇق ئوقۇش يۇرتىغا كىرىشكە باغلىق بولغاچقا، قەسر قىلىشمۇ يۇرتتىن چىقىشقا قاراشلىق بولىدۇ. سەپەرنى نىيەت قىلغان بىلەن يۇرتىدىن چىقمىسا، يەنىلا سەپەردىكى كىشى ھېسابلانمايدۇ ۋە قەسر قىلالمايدۇ. سەپەردىكى كىشى تاكى يۇرتىغا قايتىپ كەلمىگۈچە ياكى مەلۇم بىر كۆجۈم ئولتۇراق جاي ياكى قىشلاقتا 15 كۈن تۇرۇشنى نىيەت قىلمىغۇچە، سەپەردىكى كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولۇۋېرىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 11. 3


1. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئىجماﺋ»، 41 – بەت؛ ئىمام مالىك: «ئەلمۇۋەتتا»، (342)؛ ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/85؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4/33؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/349؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇلمۇجتەھىد»، 1/169؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 27/266 – 279.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1089)؛ «مۇسلىم»، (690).
3. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 2/499.
4. ئىمام بۇخارىي مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. قاراڭ: «بۇخارىي»، «نامازنى قەسر قىلىش بۆلۈمى»، «سەپەر ئۈچۈن يولغا چىقسىلا نامازنى قەسر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى ئىمام بەيھەقىي («ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 5233) سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان.

Please follow and like us:
Exit mobile version