شىئەلەرنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياۋروپادا ئاشخانا ياكى قاسساپخانا ئاچىدىغان لىۋانلىق ياكى باشقا يەرلىك شىئەلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدىن تاماق يېسەك بولامدۇ؟ ئۇلار ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ساتمىسا، گۆشىنىڭ ھالاللىقىنى سورىساق ھەئە دېسە، گېپىگە ئىشەنسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
شىئەلەرنىڭ بەزى تائىپىلىرى بارلىق ئەھلىسۈننەت ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كافىر بولغاچقا، يەنە بەزى تائىپىلىرىنى بەزى ئالىملار كافىر دېسىمۇ، ئالدىراپ كافىر دەۋەتكىلى بولمىغاچقا، بەزى ئالىملار ئۇلارنى مۇسۇلمانمۇ ياكى ئازغۇن پاسىقمۇ ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ قالغان.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بەزىلەر ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بەزىلەر يېسە بولىدۇ دەيدۇ. لېكىن، شىئەلەرنىڭ يالغانچى كاززابلىقىدا شەك يوق. شۇڭا، مۇمكىنقەدەر يېمىگەن تۈزۈك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1437، 3 – زۇلھەججە / م. 2016، 4 – سېنتەبىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 89 – نومۇرلۇق پەتۋا.
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە ئەلۋەجىيھىييە في ئەلئاسار ئەلئۇلۋىييە/ الرسالة العلائية الوجيهية في الآثار العلوية…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…
كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…