خىتتايلار ئىشلىگەن تېتىمسۇ (جياڭيۇ)، ئاچچىقسۇ، تېتىتقۇ (ۋېيجىڭ) لارنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە ئوقۇيمەن. مەكتەپتىكى ئاشپىزىمىز ئۆزى نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان كىشى، گۆشنى تۇڭگانلار تەمىنلەيدۇ. ئەمما، ئاچچىقسۇ، تېتىمسۇ (جياڭيۇ)، تېتىتقۇ (ۋېيجىڭ) قاتارلىق ئىچكىرىدە ئىشلەنگەن ماتېرىياللارنى قوشۇپ قىلغان تاماق قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەلبەتتە، يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن، يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ ئۆزى دىنىمىزدا ھالال بولۇشىدىن سىرت، ئۇنىڭ پاكىزلىقى، سالامەتلىككە زىيانسىزلىقى ۋە شۈبھىدىن خالىي بولۇشى شەرت. سىز تىلغا ئالغان تۈرلۈك تەم تەڭشىگۈچلەردە يۇقىرىقى ئۆلچەملەر تولۇق تېپىلمايدۇ.

ئاچچىقسۇ گۈرۈچ، بۇغداي، قىزىل قوناق قاتارلىق ھالال ماددىلارنى ئېچىتىش ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان، چۈچۈمەل سۇيۇقلۇقتىن ئىبارەت بىر خىل تېتىتقۇ. تېتىمسۇ ياكى پۇرچاق تېتىتقۇسى (جياڭيۇ) مۇ پۇرچاق، بۇغداي ۋە تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېچىتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل سۇيۇق تەم تەڭشىگۈچ.

گەرچە ئاچچىقسۇ بىلەن تېتىمسۇ تەركىبىدىكى ئېچىتىشتىن پەيدا بولغان ئازغىنە پىرسەنتتە ئىسپىرتتىن خالىي بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ سۇيۇقلۇقلار ئادەتتە، مەست قىلىشقا ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن ھەم ئىستېمال قىلسا مەست قىلىدىغان پىرسەنتتە بولمىغانلىقتىن سىركىگە ئوخشاش ھالالدۇر.

لېكىن، يېمەك – ئىچمەك بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان ھازىرقى بەزى دىنسىز جەمئىيەتلەردە ئاچچىقسۇ بىلەن تېتىمسۇدىن ئىبارەت يۇقىرىقى ئىككى تەم تەڭشىگۈچ سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكى، ياسىلىش ئۆلچىمى ۋە تەركىبىگە كۆڭۈل خاتىرجەم بولمايدىغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتقان ۋاقىتتا، شۈبھىدىن يىراق تۇرۇش جەھەتتىن نۆۋەتتە، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. خىتتايلار ئىشلەپچىقارغان تەييار چۆپ ۋە پىنتوزىلارغا ئوخشىغان يېمەك – ئىچمەكلەرمۇ شۇنداق.

ئۇنىڭدىن باشقا ئاچچىقسۇ بىلەن تېتىمسۇنى ياساشتا ئىشلىتىدىغان بەزى رەڭ بەرگۈچى ۋە ساقلىغۇچى ماددىلارمۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن.

يەنە كېلىپ، خىتتايلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك قېپى ياكى قۇتىسى ئۈستىگە «مۇسۇلمانچە» ياكى «ھالال» دەپ يېزىپ قويغىنىغىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

نەچچە يىل بۇرۇن لىنشيا شەھەرلىك تەشۋىقات كومىتېتىغا مەنسۇپ قىلىنىپ تارقىتىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، تۇڭگانلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە بەزى ئۆلكىلەردە تېتىمسۇ (جياڭيۇ)نى ئادەم چېچى بىلەن ھايۋان يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسايدىكەن. تەم ۋە رەڭ كىرگۈزگۈچلەرنى قوشۇشتا ئۆلچەمگە رىئايە قىلمىغاندىن باشقا، ساقلاش ۋە قاچىلاشتىمۇ تازىلىققا رىئايە قىلمايدىكەن.

ئەمما، «ۋېيجىڭ» (مونوسودىي گلۇتامات – E 621 Monosodyum glutamat) دەپ ئاتالغان تېتىتقۇ يۇقىرىقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ، بۇ تەم تەڭشىگۈچ ئاق رەڭلىك خىمىيىۋى پاراشۇكتىن ئىبارەت. ئادەتتە، خىتتايلار بۇنى چوشقا قاتارلىق ھارام ھايۋانلاردىن ياكى تېگى ھالال بولسىمۇ، شەرئى بوغۇزلانمىغانلىقى ئۈچۈن ھارام بولۇپ كەتكەن مال – چارۋىلاردىن، شۇنداقلا تاپ ۋە نىجىس ماددىلاردىن ئېلىنغان سۆڭەك يىلىمىدىن ئىشلەپچىقىرىدىكەن. شۇڭا، بۇ تېتىتقۇنى ھارام دېيىشكە بولىدۇ.

خۇلاسە: خىتتايلار ئىشلىگەن ئاچچىقسۇ، تېتىمسۇ (جياڭيۇ)، تېتىتقۇ (ۋېيجىڭ) قاتارلىق ماتېرىياللار قوشۇپ ئېتىلگەن تاماقنى، شۇنداقلا خىتتايلار ئىشلەپچىقارغان تەييار چۆپ ۋە پىنتوزىلارغا ئوخشىغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 5 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 4 – دېكابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2  توم، 85  نومۇرلۇق پەتۋا.

admin@sajiye

Recent Posts

بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال - دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (26) رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە/ رسالة منشور الولاية

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

2 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago