ئىددەت مەزگىلىدە ئەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشتىن باش تارتقان ئايالنىڭ نەپىقىسى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۇنجى قېتىم تالاق قىلىنغان ئايال، ئۆزرىسىز ھالدا: ئىددەتنى ئەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ تولدۇرمايمەن، دەپ سىرتتا تۇرسا، ئىددەت مەزگىلىدىكى ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا نەپىقىسىنى بىرىۋېرەمدىم؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئايال كىشى ئىددەتنى ئەرنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئىددەت مەزگىلىدە ئۇ ئۆيدە تۇرماي، ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ياكى باشقا ئۆيدە تۇرسا، ئەر رازى بولغان تەقدىردىمۇ، ئايال گۇناھكار بولىدۇ. ئېرى ياكى قېيىنئاتىلىرى ئىددەت مەزگىلىدە ئۇ ئايالنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتسىمۇ گۇناھكار بولىدۇ.
﴿پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئۇلار پەقەت ئوچۇق بىر ھاياسىزلىق قىلمىسىلا (ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۆزلىرىمۇ چىقىپ كەتمىسۇن، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چەك – چېگرىلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ چەك – چېگرىلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، بەلكى ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن﴾(65/«تالاق»: 1)
بۇنىڭغا ئاساسەن بىرىنچى تالاقتىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزكۇر ئايال باشقا ئۆيدە تۇرۇۋاتقان بولسا، دەرھال ئەرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ، قالغان ئىددىتىنى شۇ ئۆيدە چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر ئەرنىڭ ئۆيىگە قايتمىسا، ئەردىن ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئىددەت نەپىقىسى ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەق ئەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشتىن باش تارتىشى بىلەن قولىدىن كېتىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1439، 26 – مۇھەررەم / م. 2017، 16 – ئۆكتەبىر
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 340 – بەت. 61 – نومۇرلۇق پەتۋا.
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە ئەلۋەجىيھىييە في ئەلئاسار ئەلئۇلۋىييە/ الرسالة العلائية الوجيهية في الآثار العلوية…