تېرىلغۇ يەر ساتقان پۇلغا قانچە پىرسەنت زاكات ئايرىيمىز؟
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىمىزدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن دېھقانچىلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بېرىلگەن تېرىلغۇ يېرىمىزنى، شەھەر قۇرۇلۇشى ياكى زاۋۇت سېلىش باھانىسى بىلەن مەجبۇرىي دېگەندەك كىچىككىنە پۇلنى تۇتقۇزۇپلا سېتىپ ئېلىنىۋاتىدۇ. ئەمدىكى مەقسەت بولسا، مەزكۇر يەر ساتقان پۇلغا زاكات ھېسابىدا %2.5 بېرەمدۇق ياكى ئۆشر ھېسابىدا %10 بېرەمدۇق؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
تېرىلغۇ يەر ساتقان پۇلغا قولغا كىرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىلىدۇ. %10 (ئۆشر) ئايرىلمايدۇ، چۈنكى ئۆشر دېگەن تېرىلغۇ زېمىندىن چىقىمسىز سۇغارغاندا ئالغان ھوسۇلنىڭ زاكىتىدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 1 – رامازان/ م. 2012، 20 – ئىيۇل
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 37 – نومۇرلۇق پەتۋا.
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە ئەلۋەجىيھىييە في ئەلئاسار ئەلئۇلۋىييە/ الرسالة العلائية الوجيهية في الآثار العلوية…