شەيخ مەۋلەۋىي ئىسمائىل داموللام
(ھ. 1299– 1359/ م. 1881 – 1940)
شەيخ ھەزرەتنىڭ تولۇق ئىسمى ئىسمائىل ئىبنى ئابدۇرەببىھ ئىبنى ئىسھاق بولۇپ، ھىجرىيەنىڭ 1299 – يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادلىغان، تەجۋىد ۋە «ئاسىمنىڭ قىرائىتى»نى ئۆگەنگەن. قىرائەت پېشۋاسى شەمسىددىن مۇھەممەد دەمەشقىينىڭ قىسقارتىلىپ «ئەلجەزەرىييە» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان «طيبة النشر في القراءات العشر» دېگەن نەزمىسىنى ئوقۇغان.
شەيخ مەۋلەۋىي ئىسمائىل ھىندىستانغا بېرىپ ئەرەب تىلى، دىن ۋە ئىلاھىيەت پەنلىرى، ئەدەبىيات قاتارلىقلارنى پىششىق ئۆگەنگەن. ھەدىسشۇناسلىققا ئائىت پەنلەردە، بولۇپمۇ «جەرھ ۋە تەئدىل (راۋىيلارنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش)» ساھەسىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇ بىر بۆلۈك ھەدىسلەرنى، ۋە ھەدىس راۋىيلىرىنى پىششىق يادلىغان. «ئىجازەت»كىمۇ ھىندىستاندا ئېرىشكەن ۋە ئىلمىنىڭ موللىقى، ھەر خىل پەنلەرگە پىششىقلىقى، كۆپ خىل تىل بىلگەنلىكى ئۈچۈن بىر مەزگىل ھىندىستاندا ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۇ ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ھىجرىيە 1341 – يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ ئاچقان.
شەيخ مەۋلەۋىي ھىجرىيە 1359 – يىلى تاشمىلىقتا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان. جانابى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي ۋە ئۇنىڭغا ئىز – باسار بولىدىغان قىز – يىگىتلەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ بەرگەي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە ئەلۋەجىيھىييە في ئەلئاسار ئەلئۇلۋىييە/ الرسالة العلائية الوجيهية في الآثار العلوية…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…
كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…