مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماڭ!

مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماڭ!

مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماڭ!

«بىر كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بىرى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقىدۇر».

نېمە دېگەن ياخشى ئېيتىلغان سۆز – ھە! چۈنكى ئۇ پاك بىر ئېغىزدىن، يەنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزدۇر. ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىدىغان شۇ كىشىلەر سىزنى قانچىلىك بىزار قىلىدۇ – ھە؟! سائەتلەپ ۋاقتىڭىزنى ئېلىشلىرىچۇ تېخى!

—  قانچىگە ئالدىڭىز؟ — دەپ سورايدۇ.

— سوۋغات ئىدى، — دېسىڭىز،

—  سوۋغات؟! كىمدىن؟ — دەپ سوراشقا باشلايدۇ.

—    بىر دوستۇمدىن.

— ئالىي مەكتەپتىكى دوستىڭىزمۇ؟ ياكى سېختىنمۇ؟ نەدىكى؟

—  ئۇف، … ئالىي مەكتەپتىكى دوستۇم.

—  ھە، مۇنداق دەڭ. نېمە مۇناسىۋەت بىلەن سوۋغا قىلدى؟

— ئالىي مەكتەپتىكى كۈنلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن.

—  ئوھھوي، قانداق كۈنلەر؟ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن كۈنلىرىڭلارنىڭمۇ؟ ياكى بىللە ساياھەتكە چىققانمۇ؟ يا بولمىسا باشقا ئىشمۇ؟ ….

مۇشۇنداق قاملاشمىغان، تاققا – تۇققا سوئاللارنى سوراپ، سىزنى جاۋاب بېرىشكە قىستايدىغان گەپ. بۇلارغا جاۋاب بېرىپ ئولتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەلبەتتە. ئۇنداق ئادەملەرگە «مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشماڭ!» دېمەسلىككە ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ!

ئەگەر بىرەر ئاممىۋىي سورۇندا بولۇپ قېلىپ، مۇشۇنداق بىمەنە سوئاللارغا تۇتۇلۇپ قالسىڭىز، نېمە دېيىشىڭىزنى بىلەلمەي، تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا قالىسىز – دە.

بىر قېتىم بىر نەچچە خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە يىغىلىشىپ ئولتۇرغان ئىدۇق. شام نامىزىدىن كېيىنلا يېنىمدا ئولتۇرغان بىر خىزمەتدىشىمنىڭ تېلېفۇنى سايراپ كەتتى.

—  خوش؟! — دەپ تېلېفۇننى ئالدى. تېلېفۇن قىلغان ئايالى بولۇپ، ئاۋازى شۇنچىلىك يۇقىرى ئىدىكى، دېيىشكەن گەپلىرى ئىختىيارسىز ھالدا، قولىقىمغا كىرىپ قالدى.

 — نەدە سەن، ھېي ئېشەك!؟ — دېدى ئايالى.

— مەن ياخشى، ئاللاھ سىزنى سالامەت قىلسۇن.

قارىغاندا، شامدىن كېيىن قايتىپ، ئايالىنى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىشقا ۋەدە قىلغان بولۇپ، بىز بىلەن ئولتۇرۇپ قېلىپ، ۋاقتىدا قايتالمىغان بولسا كېرەك. ئايالى غەزەپلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى:

—  ئاللاھ سېنى سالامەت قىلمىسۇن! سەن دوستلىرىڭ بىلەن يېيىلىپ ئولتۇر، مەن ئۆيدە سېنى ساقلاي – ھە! ھۇ، ھايۋان!

— ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن. خۇپتەندىن كېيىنلا قايتىمەن.

ئۇنىڭ گېپى ئايالىنىڭ گېپى بىلەن ھېچ قولاشمايتتى. ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى چۈشەندىم.

ئۇ سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكىلەرگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ، ئەگەر ئۇلاردىن بىرەرسى قوپۇپ «كىم بىلەن سۆزلەشتىڭ؟ نېمە ئىشىكەن؟ نېمىشقا چىرايىڭ تاتىرىپ كەتتى؟» دەپ سورىغىلى تۇرسا، نېمە بولۇپ كېتەر؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. شۈكرىكىم، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى ۋە ھېچكىم «ئالاقىسى يوق ئىش»قا ئارىلىشىپ، ئۇنداق سوراپ يۈرمىدى.

شۇنىڭدەك، ئەگەر بىرەر كېسەل كىشىنى يوقلاپ بېرىپ ئۇنىڭدىن كېسىلى ھەققىدە سورىغىنىڭىزدا، ئۇ كىشى ئىنچىكىلەپ جاۋاب بەرمەستىن، ئاددىيلا قىلىپ «ئەلھەمدۇلىللاھ، چوڭ چاتاق يوق. ئادەتتىكى بىر كېسەلكەن» دەپلا جاۋاب بەرگەن بولسا، كوچىلاپ سوراپ ئۇنى خىجىل قىلماڭ. «زادى نېمە كېسەلكەنسىز؟ تەپسىلىيرەك دېمەمسىز؟… زادى نېمە بوپسىز؟…» دەپ زىغىرلاپ تۇرۇۋالسىڭىز، قارشى تەرەپنى بىئارام قىلىپ قويۇشىڭىز ئېنىق.

بىمار كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرسىڭىز نېمە پايدا؟ «كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بىرى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشماسلىقى» ئەمەسمۇ؟ دەرۋەقە، ئۇ كىشى ئۆزى سىزگە: «بوۋاسىر ئىكەنمەن» ياكى «يارىلاندىم» دەپ ئوچۇقىنى ئېيتىپ قالسا مەيلى، بولمىسا كوچىلاپ سوراۋەرمەڭ. ئۇ تۈزلا جاۋاب بەرمىگەن ئىكەن، گەپنى ئۇزارتماڭ. ئەلبەتتە سىزگە «ئاغرىقتىن كېسىلى توغرىلىق سوئال سورىماڭ» دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن «زىغىرلاپ، ئۇجۇر – بۇجۇرىغىچە كوچىلاپ سوراپ يۈرمەڭ!» – دە.

يەنە ئالايلۇق، چوڭ بىر يىغىلىش ياكى مەرىكىدە بىر كىشى قوپۇپ ھەممە خەقنىڭ ئالدىدىلا، بىر ئوقۇغۇچىدىن «ھەي، پالانى! ئىمتىھاندىن ئۆتتىڭمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ بالا «ھەئە» دەپلا جاۋاب بەرسە، ئۇ كىشى يەنە «قانچە نومۇر ئالدىڭ؟ قانچىنچى بولۇپسەن؟» دەپ ئىنچىكىلەپ سوراپ يۈرسە قاملىشامدۇ؟

ئەگەر ئۇ ئوقۇغۇچىغا ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولسىڭىز، ئۆزى بىلەن ئايرىم ئولتۇرۇپ سوراڭ. شۇنداقتىمۇ «قانچە نومۇر ئالدىڭ؟… نېمىشقا ياخشى تەكرار قىلمىغان ئىدىڭ؟ نېمە بولۇپ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالمىدىڭ؟…» دەپ كوچىلاپ سوراپ يۈرمەڭ. ئەگەر ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش نىيىتىڭىز بولسا، ئۇنىڭ يېنىدا بولۇڭ، رىغبەتلەندۈرۈڭ ۋە قانداق ياردەم قىلالىشىڭىز ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەتلىشىڭ. لېكىن، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىپ يۈرمەڭ!

بەرھەق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بىرى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشماسلىقىدۇر» دېگەن. لېكىن، دىققەت! بەك ئاشۇرۇۋېتىپمۇ قالماڭ!

مەدىنە مۇنەۋۋەرگە بارغان ۋاقتىم ئىدى. يىغىن ۋە لېكسىيەلەر بىلەن بەك ئالدىراش بولغىنىم ئۈچۈن، ئەخلاقلىق بىر ياش يىگىت بىلەن بالىلىرىم ئابدۇراھمان ۋە ئىبراھىمنى ئوينىتىپ كېلىشكە پۈتۈشتۇق. ئەسىردىن كېيىنلا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىپ، خۇپتەندىن كېيىن ئەكېلىپ قويىدىغان بولغان ئىدى. ئابدۇراھمان ئون ياشتا ئىدى. توغرىسىنى ئېيتسام، ئۇ يىگىتنىڭ «ئاپاڭنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۆيۈڭلار قەيەردە؟ سىلەر قانچە بالا؟ داداڭ ساڭا قانچىلىك پارچە خىراجەت پۇلى بېرىدۇ؟» دېگەندەك بىھۇدە، ئۇششاق سوئاللارنى سوراپ يۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. شۇڭا ئابدۇراھمانغا «ئەگەر سەندىن مۇناسىپ بولمىغان سوئاللارنى سوراپ قالسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹بىر كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بىرى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقىدۇر› دېگەن» دېگىن دەپ، قايتا – قايتا تاپىلاپ، مۇشۇ ھەدىسنى يادلىتىپ قويدۇم‌.

ئابدۇراھمان ئۇكىسى ئىبراھىم بىلەن بىللە ئۇ يىگىتنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ مېڭىپ كەتتى. ئابدۇراھمان ناھايىتى سۈرلۈك، ئەستايىدىل بولۇۋالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ يىگىت ئەركىلىتىپ تۇرۇپ: «ئاللاھ سېنى جانلاندۇرۇۋەتسۇن، ئابدۇراھمان!» دەپتۇ. ئابدۇراھمان جاۋابەن: «سېنى جانلاندۇرۇۋەتسۇن!» دەپتۇ.

بىچارە يىگىت كەيپىياتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن:

ــ بۈگۈن شەيخنىڭ لېكسىيەسى بارمۇ؟ ــ دەپ سوراپتۇ‌. ئابدۇراھمان ھېلىقى ھەدىسنى ئەسلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، يادىغا ئالالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن:

ــ ئۆزۈڭگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشما! ــ دەپ ۋارقىراپتۇ. يىگىت:

ــ ياقەي، ئۇنداق نىيىتىم يوق … لېكسىيەسى بولۇپ قالسا، قاتنىشىپ شەيخنىڭ ئىلمىدىن پايدىلىناي دېگەن…، ــ دەپتۇ.

ئۇنى گەپ يورغىلىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىۋالغان ئابدۇراھمان يەنە:

ــ ئۆزۈڭگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشما! ــ دەپتۇ ۋارقىراپ تۇرۇپ. يىگىت:

ــ خاپا بولما، ئابدۇراھمان. مەن…، ــ دەپ بولغۇچە يەنە:

ــ ئۆزۈڭگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلاشما، دېدىم! ــ دەپ ۋارقىراپتۇ. تاكى ئۇلار قايتىپ كەلگۈچە مۇشۇنداق داۋام قىلىپتۇ…

ئۆيگە كەلگەندە، ئابدۇراھمان ئاغزى – ئاغزىغا تەگمىگەن ھالدا، پەخىرلىنىپ تۇرۇپ، بۇ ئىشلارنى ماڭا سۆزلەپ بەردى. مەن تازا كۈلۈپ كېتىپ، گەپنى ئۇنىڭغا يېڭى باشتىن چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم…

تەرجىمىدە: چەشمەزۇلال

مەنبە: استمتع بحياتك للدكتور محمد بن عبدالرحمن العريفي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ